روھلان تور بېكىتى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 72|ئىنكاس: 14

مەن يارايمەن

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

4

دوست

926

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

Rank: 8Rank: 8

تەجرىبە
358 سەر
ئىناۋەت
308 سەر
تەڭگە
250 دانە
قىزغىنلىق
258 سەر
تۆھپە
67 سەر
توردا
92 سائەت
تىزىملاتقان
2012-3-29

ئاۋانگارت ئوردىنى مائارىپ ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى ئىجادىيەت ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-9 22:27:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. ھەر كۈنى ئۆزىڭىزگە بىر قېتىم «مەن يارايمەن!» دەڭ.
2. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.
3. قۇياشقا يۈزلىنىڭ، شۇندىلا ئۈمىدسىزلىكنىڭ سايىسى كۆز ئالدىڭىزدىن يوقىلىدۇ.
4. سىز ھاۋارايىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ ھاۋارايىغا بولغان بىزار بولۇش كەيپىياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.
5. ئوي - پىكىرىڭىز ھەرىكىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، ھەرىكىتىڭىز ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، ئادىتىڭىز مىجەز - خاراكتېرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، مىجەز - خاراكتېرىڭىز تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
6. ئېرىشكەنلىرىڭىز بىلەن ھېسابلاشماي توختىماي تەر تۆكۈۋېرىڭ، بىر كۈنى پايدىسىنى كۆرىسىز.
7. قىش كەلدى، شۇنداقلا باھار بىزگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى.
8. ئىلكىڭىزدە بارىدا قەدىرلەڭ، ئايرىلىپ قالغاندا پۇشايمان قىلماڭ.
9. ھەر ۋاقىت كەينىڭىزدىكى ئىشىكنى يېپىپ مېڭىڭ. (يەنى بۇرۇنقى نەتىجە ۋە سەۋەنلىكلىرىڭىز ئۆتمۈشكە مەنسۇپ، ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتىڭ).
10.ئۈمىد قانچە چوڭ بولسا، ئۈمىدسىزلىكمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.
11. ئەگەر ئايدىن ئايرىلىپ قالغىنىڭىزغا يىغلاپ ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويسىڭىز، ئۇنداقتا يۇلتۇزلاردىنمۇ قۇرۇق قالىسىز.
12. تىرىشىپ ئۆگىنىڭ، بىلىملىك بولىسىز. تەنقىدتىن قورقماڭ، غەيرەتلىك بولىسىز. ئويلاپ سۆزلەڭ، ئىناۋەتلىك بولىسىز. بىرسىنى تاللاڭ، خاتىرجەم بولىسىز.
13. دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ، بىر ئۆمۈر خۇشال ئۆتىسىز. جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ، بىر ئۆمۈر بەختلىك ئۆتىسىز. كەسپىڭىزنى توغرا تاللاڭ، بىر ئۆمۈر مۇۋەپپەقىيەت ئىچىدە ئۆتىسىز.
14. نۇر چېچىش پەقەت قۇياشقىلا خاس ئەمەس، سىزمۇ نۇر چاچالايسىز.
15. ئەخمەقلەر تېنى ئارقىلىق روھىنى باشقۇرىدۇ، دانالار روھى ئارقىلىق تېنىنى باشقۇرىدۇ.
16. ئالتۇن ھامان پارقىرايدۇ.
17. خۇشاللىق بىر خىل پوزىتسىيە، بىر كىشى خۇشال يۈرۈشنى چىن دىلىدىن نىيەت قىلسىلا چوقۇم خۇشال يۈرەلەيدۇ.
18. خۇشال ئۆتۈشنىڭ سىرى: ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ. باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ. ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىكى
ئۈچۈن باشقىلارنى جازالىماڭ.
19. بىزنىڭ نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلىرىمىزنىڭ مەنبەسى: ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن، يەنى سېلىشتۇرغاندا ئۆزىمىز ئىگە بولالمىغان نەرسىگىلا
ئېسىلىۋېلىپ، ئېرىشكەنلىرىمىزگە سەل قارىغانلىقىمىزدىن كېلىدۇ.
20. ئۇنچىۋالا قايغۇرۇپ كەتمەڭ، ھاياتىڭىزدا مەلۇم نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويۇش ــــ بەلكىم ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشتۇر. ئېزىپ قېلىش ــــ بەلكىم يېڭى يول ئىزلەشتۇر.
21. ئاچچىقلىنىش ــــ باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىنى جازالاشتۇر.
22. بەختكە ئېرىشىشنىڭ چارىسى ــــ ئىلكىدە بارىنى قەدىرلەش، ئىلكىدە بولمىغانلارنى ئۇنتۇپ كېتىش.
23. سىز مۇھەببەت ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشەلەيسىز، شۇنداقلا ئۆچمەنلىك ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىن ئايرىلىپ قالىسىز.
24. ئاچكۆزلۈك ــــ ئەڭ ھەقىقىي نامراتلىق. قانائەت بولسا ئەڭ ھەقىقىي بايلىق.
25. ئەتىكى ئۈمىد بىزگە بۈگۈنكى ئازابنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.
26. خۇشاللىقتىن باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىلەنگەندىلا تېخىمۇ خۇشال بولغىلى بولىدۇ.
27. خۇشاللىق ئېرىشكەنلىرىڭىزنىڭ كۆپلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ھېسابلاشقانلىرىڭىزنىڭ ئازلىقىدىندۇر.
28. ئادەمنىڭ ھەقىقىي قىممىتى ئېزىقتۇرۇشقا ئۇچرىغان ئاشۇ قىسقىغىنە مىنۇتلاردا بەلگىلىنىدۇ.

29. بېشىڭغا ھەر بالا كەلسە ئۆزۈڭنىڭ خۇي - پەيلىدىن كۆر.
30. مەيلى قايسى ۋاقىتتا باشلاڭ، ئەڭ مۇھىمى باشلىغاندىن كېيىن توختاتماي داۋاملاشتۇرۇڭ.
31. مەيلى قايسى ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرۇڭ، ئەڭ مۇھىمى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن پۇشايمان قىلماڭ.
32. ئادەم ئەگەر قورقۇنچاق بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولىدۇ. ئادەم ئەگەر باتۇر بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى بولالايدۇ.
33. ئەڭ زور ئۈمىد ۋە بارلىق كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ، ئەمما ئەڭ يامان ئاقىۋەتكىمۇ تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ.
34. ھۇرۇنلۇق، ئىرادىسىزلىك ۋە بىكارچىلىقئەقىلىنى داتلاشتۇرىدۇ.
35. ھەربىر ئىشنى ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن كۆزىتىش ۋە تەھلىل قىلىش، شۇنداقلا ھەر ۋاقىت ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ ئويلىنىپ بېقىش كېرەك.
36. ئۈمىدلىك ئادەم ئازابنى خۇشاللىققا، «دوزاخ» نى «جەننەت» كە ئايلاندۇرالايدۇ.
37. بارلىق غەلىبىلەر ئۆزىنى بويسۇندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ غەلىبىنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. بارلىق مەغلۇبىيەتلەر ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ مەغلۇبىيەتنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ.
38. خۇدا كىشلەرنىڭ ئەخمەقلىقىدىن ئەسلا ئاغرىنمايدۇ، ئەمما كىشىلەر دائىم خۇدانىڭ تەڭسىزلىكىدىن ئاغرىنىدۇ.
39. دۇنيادا ئادەمنى ئەڭ ھارغۇزىدىغىنى كۈنلەرنى بىكارچىلىقتا مەنىسىز ئۆتكۈزۈشتۇر.
40. ھاياتىڭىزدىكى بىرىنچى ياشلىقنى خۇدا ئاتا قىلىدۇ، ئىككىنچى ياشلىقنى ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىسىز.
41. ئوي - پىكىر ئۈشكىگە ئوخشايدۇ، كۈچنى مەلۇم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرگەندىلا ئاندىن تېشىپ ئۆتكىلى بولىدۇ.
42. ئادەم ئۆزىنىڭ نىشانىنى يوقىتىپ قويمىسىلا ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ.
43. ئەگەر تاڭنى مەدھىيەلىگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا قاراڭغۇ كېچىنىمۇ قۇچاقلاپ قويۇڭ.
44. ھاياتلىقتا مۇھىمى تۇرغان ئورنىڭىز ئەمەس، يۈزلەنگەن نىشانىڭىز.
45. ئۇچالايدىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇچۇشتىن ۋاز كەچمەڭ، سۆيەلەيدىغان ۋاقتىڭىزدا سۆيگۈدىن ۋاز كەچمەڭ.
46. ھاياتلىق بەك قىسقا، بۈگۈن ۋاز كەچكەنلىرىڭىزگە ئەتە ئېرىشەلىشىڭىز ناتايىن.
47. تالانت بىر پىرسەنت ئىلھام بىلەن 99 پىرسەنت تىرىشچانلىقنىڭ يىغىندىسىدۇر.
48. بىز ئادەملەر بەك ئەخمەق، دائىم ئېرىشكەنلىرىمىزنى قەدىرلىمەي ئەكسىچە ئېرىشەلمىگەنلىرىمىز ئۈچۈن ھەسىرەت چېكىپ يۈرىمىز.
49. ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز كۆزگە ئىلغاندىلا، ئاندىن باشقىلار سىزنى كۆزگە ئىلىدۇ.
50. ئۈمىدلىكلەر ئاپەت ئىچىدىكى پۇرسەتنى كۆرەلەيدۇ، ئۈمىدسىزلەر پۇرسەت ئىچىدىكى ئاپەتنى كۆرىدۇ.
51. باتۇرلۇق قورقۇنچنىڭ يوقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى قورقۇنچقا توغرا مۇئامىلە قىلالىغانلىق ۋە قورقۇنچنى يېڭەلىگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ.
52. خاتالىقىنى تونۇغانلىق ــــ خاتالىقنى يېرىم تۈزەتكەنلىك.
53. ياشلىق ئەگەر گۆرۈگە قويۇلىدىكەن، مەڭگۈ قايتۇرۇۋالالمايسىز.
54. بارلىق ئالداشلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى ــــ ئۆزىنى ئالداش. بارلىق خاتالىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى ــــ توختىماستىن ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەش.
55. تەجرىبە ئازابلىق كەچۈرمىشلەردىن كېلىدۇ.
56. بىر بالاسى بولمىسا تاشتا قۇيرۇق نە قىلۇر؟ بەدەلسىز ھوسۇل نەدە بولسۇن؟
57. غايىنىڭ يولى ئىشەنچكە تولغانلارغا تەييارلاقلىق. مەغلۇب بولۇشتىن قورقۇپ قول سېلىپ ئىشلەپ كۆرمىسىڭىز مەڭگۈ غەلىبە قازىنالمايسىز.
58. ئىشلەش ياكى ئىشلىمەسلىكنى تاللاش سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدا، ئەمما قول سېلىپ ئىشلەپ كۆرمىسىڭىز مەڭگۈ پۇرسەتكە ئىگە بولالمايسىز.
59. ئەگەر كەم - كۈتىسىز دوست ئىزدىسىڭىز مەڭگۈ دوست تاپالمايسىز.
60. ئۆزىڭىزنى ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز چاغلاپ بىلمىگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى خىجىل بولماي سوراپ بىلىۋېلىڭ، شۇندىلا تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالالايسىز.
61. باشقىلارنى تۈزىتىشتىن ئىلگىرى ئۆزىڭىزدە خاتالىق بارمۇ - يوق؟ تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ.
62. ئۆزىڭىز قىلىشقا مۇۋاپىق بولغان ئىشلارنى قىلىپ ئۆز رولىڭىزنى ياخشى ئېلىڭ، ئەڭ ياخشى ئۆزىڭىز بولۇڭ.
63. تۇرمۇشتىكى بىئاراملىق ۋە ئۈمىدسىزلىكنى يېڭىش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ خوجايىنى بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
64. يەككە - يىگانىلىق ۋە ئەلنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ قېلىش ـــــئەڭ قورقۇنچلۇق نامراتلىقتۇر.
65. بارلىق ئۇلۇغ ھەرىكەت ۋە ئىدىيەلەرنىڭ بىرەر ئەرزىمەس باشلىنىشى بولىدۇ.
66. ھەر قانداق نەرسىنى ئۆگەنگەندە، جاپالىق بولسىمۇ تەرتىپ بويىچە باشتىن ئالدىرىماي، ئاساسنى پۇختا سېلىپ ئۆگىنىڭ، ئالدىراقسانلىق قىلىپ ئاسانلا ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماڭ.
67. ئىلگىرى ئېرىشكەنلىرىڭىزنى ئۇنۇتماڭ. ھازىر ئىلكىڭىزدە بولغانلىرىنى قەدىرلەڭ. ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغانلىرىدىن ۋاز كەچمەڭ. ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭىز ئۈچۈن بار كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ. قولدىن بېرىپ قويغانلىرىڭىزنى ئەسلىمە ئورنىدا كۆرۈڭ.
68. پۇرسەت تەييارلىقى بارلارغا مەنسۇپ.
69. ھېسسىيات ئەقىلنى ئەمەس، ئەقىل ھېسسىياتنى باشقۇرۇشى كېرەك.
70. مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىرى: سىز ئەڭ قىزىقىدىغان، سىز قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان ئىش سىزنىڭ خىزمىتىڭىز بولۇشى كېرەك. شۇندىلا سىز خىزمەتتىن ھەر ۋاقىت خۇشاللىق تېپىپ، خىزمەت ۋاقتىدا ئۆزىڭىزنى بەختىيار ھېس قىلىسىز - دە، خىزمەت ئۈنۈمىڭىز تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
71. بىز خۇدا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيانى ئۆزگەرتەلمەيمىز. ئەمما ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇد بولغانلىقىدىن بۇ دۇنيانى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلالايمىز.
72. بەرىبىر قىلغاندىن كېيىن چوقۇم ياخشى قىلىش كېرەك.
73. ئوقۇش، خىزمەت، نىكاھ،، ئائىلە ــــ ھاياتنىڭ تۆت چوڭ مەزمۇنى، ھەممىسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. قايسى بىرسىگىلا كۈچەپ، قالغانلىرىنى تاشلاپ
قويۇشقا بولمايدۇ.
74. ئەگەر بىز ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدا تۇرۇپ، كەينىمىزگە قارايدىغان بولساق، بىزنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر بىلەن بىرگە
بولغان ۋاقتىمىزنىڭ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بۇنى بىلىپ تۇرۇپ بىز يەنە ئۆزئارا ئازارلىشامدۇق؟
75. مەسلىك ــــ نەسلىك، ئاقىۋىتى ــــ پەسلىك!
76. دۇنيادا گۈزەللىك كەم ئەمەس، كەم بولغىنى گۈزەللىكنى بايقايدىغان بىر جۈپ نۇرلۇق كۆز.
77. باشقىلار مېنى ھۆرمەتلىسۇن دېسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە لايىق ئادەم بولۇڭ.
78. بىر بالا ئەگەر تەنقىد ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئەيىبلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
79. بىر بالا ئەگەر دۈشمەنلىك ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ كۈرەش قىلىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
80. بىر بالا ئەگەر ۋەھىمە ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ غەم - قايغۇنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
81. بىر بالا ئەگەر ئىچ ئاغرىتىش ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنى ئەيىبلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
82. بىر بالا ئەگەر مەسخىرە ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ يۈرەكسىزلىكنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
83. بىر بالا ئەگەر ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ قىزغانچۇقلۇقنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
84. بىر بالا ئەگەر ھاقارەت ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ جىنايەت تۇيغۇسىنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
85. بىر بالا ئەگەر رىغبەتلەندۈرۈش ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئىشەنچنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
86. بىر بالا ئەگەر سەۋرى - تاقەت ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ سەۋىرچانلىقنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
87. بىر بالا ئەگەر تەقدىرلەش ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ مىننەتدارلىقنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
88. بىر بالا ئەگەر رازىمەنلىك ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز - ئۆزىنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
89. بىر بالا ئەگەر تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ مەردانىلىقنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
90. قارىغۇنى كۆزدىن ئايرىغان خۇدا ھاسىدىن ئايرىماپتۇ. خۇدا ئىشىكنى تاقاپ قويغان بىلەن تۈڭلۈكنى ئېچىپ قويىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ھامان ئامال تېپىلىدۇ.
91. تىرىشچانلىق كۆرسەتتىڭىز، ئەمما چوقۇم غەلىبە قازىنالىشىڭىز ناتايىن، بىراق ئەگەر ۋاز كەچسىڭىز چوقۇم مەغلۇب بولىسىز.
92. نىكاھ بىر جۈپ ئۆتۈك. پۇتنى قىستىغان ياكى قىستىمىغانلىقىنى پەقەت كىيگەن ئادەم بىلىدۇ.
93. نىكاھ - ئائىلە تۇرمۇشىدا، ھەر ۋاقىت قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنغاندىن كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ قارشى تەرەپكە ماسلىشىش ئەڭ ئاقىلانىلىقتۇر.
94. ھەممە ئىشنى ياخشى تەرەپكە تارتىپ ئويلاڭ، ئىش بەلكىم سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئوسال بولماسلىقى مۇمكىن.
95. سىزنىڭ توغرا بولغاندىن كېيىن ئاچچىقلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، سىزنىڭ خاتا بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئاچچىقلىنىشقا تېخىمۇ ھەققىڭىز يوق. ئۇنداقتا يەنە نېمىشقا ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋالالمايسىز؟
96. باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق قىلغانلىق ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ئاسرىغانلىق.
97. تاللاش خۇشاللىق ئىش، چۈنكى تاللاش ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغىنىغا ئېرىشەلەيسىز، شۇنداقلا تاللاش يەنە ئازابلىق ئىش، چۈنكى تاللاش جەريانىدا ئۆزىڭىز تاللىغانلىرىدىن باشقىلىرىدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ.
98. ئامال بار ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەننى تاللاڭ، شۇنداقلا تاللاپ بولغان ئىكەنسىز، چوقۇم ئۆزىڭىز تاللىغىنىڭىزنى ياخشى كۆرۈڭ.
99. بىز ئۆزىمىز تۇرغان مۇھىتنى ئۆزگەرتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، ئەمما بىز ئۆزىمىزنىڭ ئاشۇ ناچار مۇھىتقا بولغان قارىشىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز.
100. ئەڭ ئاز پۇشايمان بىلەن ئۆتمۈشىڭىزگە يۈزلىنىڭ. ئەڭ ئاز ئىسراپخورلۇق بىلەن بۈگۈنىڭىزگە يۈزلىنىڭ. ئەڭ كۆپ ئارزۇ - ئۈمىدلەر بىلەن كەلگۈسىڭىزگە يۈزلىنىڭ.





ئاپتۇرنىڭ ئەڭ يېڭى تېمىلىرى
heatlevelئەمەس ئىدى نىكاھ ئۇيۇنچۇق،
heatlevelمەلىكەم
heatlevelمەن يارايمەن
heatlevelبەخىت
heatlevelقەلبىمدىكى قىزغا ئۇلانما....
heatlevelبەرگەن سۈرىتىڭ
heatlevelئۈگۈت ئېلىش
heatlevelئايسىمان ئۇ قىز
heatlevelھەمرا
heatlevelئۆزەم بىلەن سىردىشىش
heatlevelتۇنجى دەقىق
heatlevelئالقىنىمىدىكى بىر تامچە سۇ

0

تېما

1

دوست

313

جۇغلانما

پەخىرى ئەزا

Rank: 13Rank: 13Rank: 13Rank: 13

تەجرىبە
136 سەر
ئىناۋەت
81 سەر
تەڭگە
69 دانە
قىزغىنلىق
96 سەر
تۆھپە
1 سەر
توردا
22 سائەت
تىزىملاتقان
2013-4-11

ئاۋانگارت ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى روھلان شاھزادىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-9 23:07:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىمنىڭ شۇنداق قىلغۇسى يق دەيسىز...........
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

27

دوست

1205

جۇغلانما

يوللاش چەكلەنگەن

تەجرىبە
777 سەر
ئىناۋەت
357 سەر
تەڭگە
193 دانە
قىزغىنلىق
71 سەر
تۆھپە
39 سەر
توردا
29 سائەت
تىزىملاتقان
2013-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-9 23:24:38 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

1

دوست

243

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 4

تەجرىبە
86 سەر
ئىناۋەت
44 سەر
تەڭگە
92 دانە
قىزغىنلىق
113 سەر
تۆھپە
51 سەر
توردا
22 سائەت
تىزىملاتقان
2013-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-9 23:45:00 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمدىگەن پاساھەتلىك سۆزلەر بۇ؟سىزشائرما
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

20

تېما

7

دوست

2147

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تەجرىبە
990 سەر
ئىناۋەت
627 سەر
تەڭگە
682 دانە
قىزغىنلىق
526 سەر
تۆھپە
128 سەر
توردا
253 سائەت
تىزىملاتقان
2013-2-9

ئاۋانگارت ئوردىنى مائارىپ ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 00:34:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىڭىز يازغان بولىسڭىز ؟ ئىجادىيىتىڭزگە بارىكاللا !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

4

تېما

5

دوست

652

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تەجرىبە
303 سەر
ئىناۋەت
162 سەر
تەڭگە
147 دانە
قىزغىنلىق
187 سەر
تۆھپە
50 سەر
توردا
17 سائەت
تىزىملاتقان
2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 00:53:39 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلىكىتاب قىلپ ساقلىۋالغىدەك مەزمۇنكەن رەھمەت
روھلان تورى Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

46

تېما

12

دوست

2574

جۇغلانما

پەخىرى ئەزا

oghuz tigin

Rank: 13Rank: 13Rank: 13Rank: 13

تەجرىبە
1287 سەر
ئىناۋەت
801 سەر
تەڭگە
430 دانە
قىزغىنلىق
480 سەر
تۆھپە
140 سەر
توردا
59 سائەت
تىزىملاتقان
2009-4-9

مائارىپ ئوردىنى ئاۋانگارت ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى روھلان شاھزادىسى روھلان تەرجىمانى

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 01:50:52 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام قېرىندىشىم،قولىڭىزغا دەرت كەلمەسۇن.كاتتا يېزىۋېتىپسىزكەن.مېنىڭ بڭدەك بالامغىمۇ ياراپ كەتتى。داۋاملىق يېزىپ اتۇرساڭىز جورداننىمۇ بېسىپ چۈشىسىزكەن.تەشەككۈر!كومپيوتېرىم يېنىدا بولسام چوقۇم ياخشى باھا نومۇر تىللاسى بېرەتىمكەن
.كېيىن باھا تىللاسى بېرىمەن جۇمۇ! داۋاملىق تىرىشىڭھ
ە!
روھلان تورى Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس
zeheri نامىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئەقلىي مۇلۇك ھوقۇقى ئوغۇزتىگىن ۋە روھلان تورىغا مەنسۇپ، ئاپتورنىڭ رۇخسەتىسىز قانۇنسىز ھالدا ھەرقانداق تور بەت ۋە شەخسىي بلوگ....لارغا يوللاش چەكلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار بايقالسا  قانۇن بۇيىچە مەسئۇلىيەتى سۈرۇشتە قىلىنىدۇ! ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5

تېما

8

دوست

876

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

Rank: 8Rank: 8

تەجرىبە
421 سەر
ئىناۋەت
246 سەر
تەڭگە
185 دانە
قىزغىنلىق
209 سەر
تۆھپە
63 سەر
توردا
19 سائەت
تىزىملاتقان
2013-9-16

ئاۋانگارت ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 10:13:57 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

1

تېما

22

دوست

939

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

Rank: 8Rank: 8

تەجرىبە
504 سەر
ئىناۋەت
272 سەر
تەڭگە
152 دانە
قىزغىنلىق
162 سەر
تۆھپە
50 سەر
توردا
62 سائەت
تىزىملاتقان
2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 12:44:14 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىلىمكەن لايىق كەسىپلەرنى دوستلارنى توغرا تاللاش كېرەك :)
روھلان تورى Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

25

تېما

24

دوست

2881

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تەجرىبە
1567 سەر
ئىناۋەت
919 سەر
تەڭگە
625 دانە
قىزغىنلىق
390 سەر
تۆھپە
23 سەر
توردا
421 سائەت
تىزىملاتقان
2013-4-18

ئاۋانگارت ئوردىنى مائارىپ ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 13:44:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى مەزمۇنلارنىڭ ئەسلى مەنبە ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپسىزدە     لىكىن پايدىلىق بىلىملەر كۆپكەن  
روھلان تور بېكىتى ياشنىسۇن
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

举报电话:13779793077|archiver|يانفۇن|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|网站地图|روھلان تور بېكىتى ( 新ICP备10200892号 )  

Powered by Discuz! X2.5(NurQut) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2013-11-21 04:45

چوققىغا قايتىش