روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 834|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

گۈزەللىك ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
گۈزەللىك
ھەققىدە( Z; r$ {  y# ~, {. X8 j* c1 e  Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
گۈزەللىك تۇيغۇسىنى سىڭدۇرمەي تۇرۇپ،ئىنساننى كامالەتلىك پەللىگە يەتكۈزۈش مۈمكىن ئەمەس ›› _رابىندارت تاگۇر . ئىنسان-كائىناتنىڭ ئۇلۇغ مۆجىزىسى ۋە ئالەمنىڭ تەڭداشسىز زىننىتى.ئىنسان–تەپەككۈر قۇياشى ۋە ھىسىيات سەييارىلىرى تۇپەيلى،ئۆز روھىيىتى ۋە ئۆز ھاياتىنى كامالەتكە يۇزلەندۇرەلەيدىغان مۇجەسسەم ئىقتىدارلىق ئىجتىمائى ھايۋان .ئۇزلۇكسىز كامالەتكە قاراپ ئىلگىرلەش خاھئشى ۋە ئىقتىدارى ئىنسان گەۋدىسى ھەمدە ئنسانىيات جەمىيىتىنڭ ماھايەتلىك ئالامىتىدىن ئىبارەت. ئىنسان -بىردىنبىر يىگانە نۇتۇق ۋە تەپەككۇر,ئەمگەك ۋە تەجىربە، ئەقىل ۋە بىلىم ،ئەخلاق ۋە پائالىيەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئۇلۇغ ئوبېكىت ۋە سوبېكىت سۈپىتىدە ئالەم سىرلىرىنىڭ جاھاننامىسى ۋە خەزىنىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .ئىنسان - دۇنيا ؛ ئىنسان دۇنيانى بىلگۈچى ۋە شەرھىلىگۈچى قامۇس.خۇددى ئېنگىلىس ئېيتقاندەك :<< تەبىئەت پەقەت ئىنسان ئارقىلىقلا ئۆزىنى بىلىشكە مۇيەسسەر بولالىغان>>. << گۈزەللىك>>_ ئىنسان تولىمۇ تولىمۇ مەپتۇن بولىدىغان شەيئى. ئىنسان ئۆز تەسەۋۋۇرىدا ،خىيال – ئارزۇسىدا، رىئال تۇرمۇشىىدا ئۆزىنى جەلپ قىلىدىغان ھەرقانداق ئىبارىگە نىسبەتەن <<گۈزەللىك>>- ئىبارىسىگە تولىمۇ ھېرىسمەن ۋە مەھلىيا. <<گۈزەللىك>>- ئىنسان كامالىتى ۋە بەخت سائادىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە شەرتى ،گۈزەللىكسىز ئىنسانىي كامالەتىنى بەخت سائادەتىنى قىياس قىلىش مۈمكىن ئەمەس .خۇددى ئىسپانىيە يازغۇچىسى سېرۋانتىس ئېيتقاندەك :<<گۈزەللىك -پۈتۈن ئالەمنى قەلىبكە ئېلىپ كېلىدىغان كۈچ >> . <<گۈزەللىك>>-مەنىۋى مەدىنىيەتنىڭ جەزبىكار مەلىكىسى ،ئىنسان روھىيىتىنىڭ جىلۋىلىك يۇلتۇز. <<گۈزەللىك>>-شەيئى ۋە ھادىسە سۈپىتىدە ماددى دۇنيا ۋە مەنىۋى دۇنيادىكى تولىمۇ زوقللىنىارلىق بىر دائىرىنى ھاسىل قىلغان ،ئۇ رائاللىقتىكى ۋە مۈمكىنلىكتىكى مۇھىم بىر ساھە. گۈزەللىك چەكسىز رەڭگارەڭ، باي دۇنيادىن ئىبارەت .گۈزەللىكنى سۆيۈش گۈزەللىككە ئىنتىلىش بىلەن گۈزەللىكنى چۈشۈنىش، گۈزەللىك ماھىيەتلىرى ۋە قانۇنىيەتلىرىنى ئىلمى ئاساستا ئىگەللەش بىر- بىرىدىن پەرقلىنىدۇ .ئالدىنقىسى ھىسسى خاھىش بولسا، كېيىنكىسى ئەقلى نەزىريىۋى ،ئىلمىي بىلىشتىن ئىبارەت . تارخ تەكرار ئىسپاتلىدىكى ،ئىنسانىيەتنىڭ كامالەتكە قاراپ ئىلگىرلىشى- ئىلمىي ھەقىقەتكە، مۇستەقىللىققە،مەنىۋى ئەركىن ئازادىلىككە ،ئىزگۇ ئەخلاقى پەزىلەتكە ، ھەقىقى ئىجتىمائى بەخت- سائادەتكە قاراپ ئىلگىرلىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. گوركى توغرا ئېيتىدۇ:<<ھاياتنىڭ مەنىسى ئىنسانىيەتنى كامالەتكە ئېرىشتۈرۈشتۇر >>. گۈزەللىكنى ئىنكار قىلىپ گۈزەللىككە بولغان ھەۋەس ھەم ئىنتىلىشلىرىنى چەكلەش،گۈزەل شەيئىلەرنى نابوت قىلىش بارلىق چىرىگەن ئەكسىيەتچى ئىجتىمائى كۈچلەرنىڭ ئىنسانىيەت ۋە تەرەققىياتقا قارشى جىنايى تەبىئىتى .ئەكىس ھالدا،گۈزەللىكنى جەزبىلەشتۈرۈش ئىنساننىڭ ئىستېتىك ھوقۇقى ۋە ئۇنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرەشلىرىگە مەدەت بېرىش،گۈزەل شەيئىلەرنى ئاسراش بارلىق ئىلغار ئىنقىلابى ئىجتىمائى كۈچلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەر، تەرەققىپەرۋەر ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنىڭ تەركىۋى قىسىمى ………………
2 `8 h; X5 ~, _
1 S2 ]4 Z* [) s: eئالىم ئابدىشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ‹.قاتلاملىق ئېتېتىكا) ناملىق كىتاۋىنىنىڭ كىرىش سۆز قىسىمىدىن قىسقارتىلىپ ئېلىندى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-24 06:40

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش