روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3920|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئادۋۇكاتنى كىم ئاقلايدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاپتورى: شىنجاڭ راۋان ئادۋۇكاتلىق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇدىر ئادۋۇكاتى كۆرەش ھاشىم، «ئادۋۇكاتىم» قانۇن ياردەم ۋە تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن مۇھەممەتئىلى توختى
1 z, @0 B  Q- L7 \5 R$ Q& y/ p% r
  y) _, y$ m3 p% E. Q7 ^" i9 j3 ~" l
& O2 Q4 A! n5 W5 w/ J# M' s
7 D$ [, M' o. t( P7 b/ R2 e
- K' A8 d4 o$ U+ d   ئىلاۋە: ئاپتونۇم رايونىمىز ئاز سانلىق مىللەت ئۇيغۇر ئادۋۇكاتچىلىق ئىشلىرى 30 نەچچە يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈردى، بۇ 30 نەچچە يىل جەريانىدا ئاز سانلىق مىللەت ئۇيغۇر ئادۋۇكاتلىرى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداش، قانۇنننىڭ توغرا يۈرگۈزۈلىشىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى تەرەققىياتى، قانۇنچىلىق قۇرلىشى، ئەدىلىيە ئادىللىقىنىڭ ئىشقا ئېششى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى. ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى كۆپ قىسىم پۇقىرالار، قانۇنى ئېگىلەر ۋە باشقا ئىقتىساتى تەشكىلاتلار ئادۋوكاتلارغا نۇرغۇن ياخشى باھالارنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسىنى مۇئەيەنلەشتۈرگەن بولسىمۇ، جەمئىيەتتە يەنە بىر قىسىم كېشىلەر ئادۋۇكاتلارنى «ئىلمىي قويمىچىلار»، «ئەسكى ئادەملەر ئۈچۈن گەپ قىلغۇچىلار »، «ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرغۇچىلار»، « پۇل ئۈچۈن ئاق – قارىنى ئاستۈن ئۈستۈن قىلغۇچىلار»،«جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي ئادىللىقنىڭ قارشىسىدىكى كىشىلەر»... دېگەندەك يامان ئىبارىلەر بىلەن سۈپەتلەپ، ئادۋۇكاتلارنىڭ ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى تەرەققىياتى، بولۇپمۇ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى فونكىسىيلىك رولىنى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ.بۇ خىل پاسسىپ ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ كۈنسايىن ئىغىرلىشىپ بېرىشى ئادۋوكاتلارنىڭ كېشىلەر قەلبىدىكى ئوبىرازىغا، مىللى ئادۋۇكاتچىلىق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال مول قانۇن بېلىمى، تەجىربىسى، كۈچلۈك ئەقىل – پاراسىتى، ئەتىراپلىق لوگىكىلىق تەپەككۇرى، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتىكى سەزگۈرلىكى ئارقىلىق باشقىلارنى ئاقلاش، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەتىنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ خىزمەت نىشانى قىلغان ئادۋۇكاتلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئاقلىنىشقا، ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۆزلىرى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپنىڭ ئوبىرازىنى قوغداشقا مۇھتاج قىلىپ قويىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا جەمئىيەتتە ئادۋۇكاتلارنى قارلىغۇچىلارنىڭ سانى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان، ئاممىنىڭ ئادۋوكاتلارنى ۋە ئادۋوكاتلىق تۈزۈمىنى چۈشىنىشى زور دەرىجىدە يېتەرسىز بولغان ئىجتىمائىي مۇھىتتا ئادۋوكاتنى كېم ئاقلايدۇ؟بۇ ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋە شۇغۇللانماقچى بولىۋاتقانلار ئۈچۈن ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك تەخىرسىز مەسىلە بولۇپلا قالماستىن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئامما ئەستايىدىل ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بېرى. بۇ مەسىلىگە توغرا جاۋاب تېپىش –تاپالماسلىق، ئادۋۇكاتلارنىڭ ئوبىرازىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇش تۇرغۇزالماسلىق ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئاپتونۇم رايونىمىز مىللى ئادۋۇكاتلىق ئىشلىرىنىڭ قايسى يۆلىنىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
" G( F! G4 l; _. m! @% p$ @2 B1 D: Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ ماقالىدە ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ئادۋوكاتلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى قىسقىچە تونۇشتۇرلغاندىن سىرت، ئاساسلىق قىلىپ جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەردە ئادۋۇكاتلارغا بولغان تۈرلۈك سەلبىي باھا، پاسسىپ كۆز قاراشلارنىڭ مەۋجۇت بولىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئادۋۇكاتلارنى يۇقارقىدەك ئىبارىلەر بىلەن قارلىغۇچىلارنىڭ سانى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان، ئادۋوكاتلار ۋە ئادۋوكاتلىك تۈزۈمىگە بولغان چۈشۈنۈش يېتەرسىز بولغانئىجتىمائىي مۇھىتتا ئادۋوكاتنى كېم ئاقلايدۇ؟ ئادۋۇكاتلىق كەسپىنىڭ ۋە ئادۋۇكاتلارنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئوبىرازىنى خۈنۈكلەشتۈرۈلىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كېشىلەرنىڭ ئادۋوكاتلار قوشۇنىغا بولغان ياخشى باھاسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مىللىي ئادۋۇكاتلار قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى زۆرۈر؟ ..دېگەندەك مەسىلىلەرگە جاۋاب ئىزدەش مەقسەت قىلىنىدۇ. ئاپتۇر بۇ ئارقىلىق كىتابخانلار بىلەن ئىلمىي يوسۇندا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.3 a! k2 U& f. Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

0 k& L6 U" w. o) z; T * y* }, J) W* |" g2 P) D$ uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

( s! p+ \* E8 _5 E* \& K  kئادۋۇكاتلىق تۈزۈمىنىڭ قىسقىچە تەرەققىياتى ۋە ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى مىللى ئادۋۇكاتچىلىق ئىشلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى6 B! w/ U9 ~! c5 ^* `; Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
6 b. E! o! |9 y7 mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمى قەدىمقى رىمدىن باشلانغان بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3- ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ. قەدىمقى رىم ئىمپىريىسىنىڭ قانۇنلىرىدا رىم پۇقىرالىرىنىڭ ھەق – تەلەپ دەۋالىرىدا ۋە جىنايى ئىشلار دەۋالىرىدا قانۇننى بىلىدىغان كىشىلەرنى ئادۋۇكاتلىققا تەكلىپ قىلىپ، ئۆزىگە ۋاكالىتەن دەۋاغا قاتناشتۇرشىغا يول قويۇلغان. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا ئادۋوكاتلىق تۈزۈمىنى 2000 يىلدىن ئارتۇق تەرەققىيات مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرگەن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. دۆلىتىمىزگە نىسىبىتەن ئېلىپ ئىيتقاندا ئادۋوكاتلىق تۈزۈمى چەتئەلدىن كىرگۈزلگەن تۈزۈم بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدا بۈگۈنكى زامان مەنىسىدىكى ئادۋوكاتلىق تۈزۈمىگە ئوخشاش ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمى ئورنىتىلمىغان. پايتەخىت ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى،قانۇن مۇتەخەسىسى، داڭلىق جىنايى ئىشلار ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى تىيەن ۋىنچىياڭ ئۆزىنىڭ «ياش ئادۋۇكاتلارغا يىزىلغان بىر پارچە خەت» ناملىق ماقالىسىدە:« 1912- يىلى 9- ئاينىڭ 16- كۈنى يۈەنشىكەي ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن شىمالىي مىلىتارىستلار ھۆكىمىتى ئېلان قىلغان ‹ئادۋۇكاتلار ۋاقىتلىق نىزامى› دۆلىتىمىزدە ئادۋوكاتلىق تۈزۈمىنىڭ رەسمى ئورنىتىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەمما كونا جۇڭگۇدا مۇستەبىتلىك ئەۋىج ئالغان، جەمئىيەت قالايمىقان بولغاچقا قانۇنى تەرتىپ ۋە ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمى دەپسەندە قىلىنشقا ئۇچىراپ نۇرمال تەرەققى قىلالمىدى. 1949- يىلى يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن ئادۋوكاتلىق تۈزۈمى گومىنداڭنىڭ كونا قانۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. 1954- يىلى ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمى قايتىدىن تۇرغۇزۇلدى، 1957- يىلى ئوڭچىلارغا قارشى كۆرەش باشلىنىپ، ئادۋۇكات كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ‹ئەسكى ئادەملەر ئۈچۈن گەپ قىلغۇچى› دەپ قارالغىنى ئۈچۈن ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمى يەنە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. 1979- يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ تەجىربە ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا ئادۋوكاتلىق تۈزۈمى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىدا ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمىنىڭ بارلىققا كەلگىنىگە ئەمدى 100 يىل بولدى، بۇ 100يىل جەريانىدا ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمىنىڭ نورمال تەرەققى قىلغان ۋاقتى پەقەت 1979- يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان 30 نەچچە يىل بىلەن چەكلىنىدۇ »[①] دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ دۆلىتىمىزدىكى قانۇنشۇناسلار ۋە ئادۋوكاتلار ئارىسىدا بىر قەدەر بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى مىللى ئادۋوكاتلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىمۇ پۈتۈن مەمىلىكەت ئادۋوكاتلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئاساسى جەھەتتىن بىردەك بولۇپ، 1954- يىلى ئادۋوكاتلىق تۈزۈمى تۇرغۇزۇلدى، 1957- يىلى ئوڭچىلارغا قارشى كۆرەش تەسىرىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، 1979- يىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.قىسقىغىنە ئوتتۇز نەچچە يىللىق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ئادۋوكاتلىق تۈزۈمى يۇقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، ئادۋوكاتخانىلار سانى، ئادۋوكاتلار قوشۇنى كىچىكلىتىن زورىيىپ، تېز سۈرئەتتە كۆپىيىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. ئاپتونۇم رايونلۇق ئادۋوكاتلار جەمئىيتى تۈزگەن «شىنجاڭدىكى ئادۋوكاتلىق ئىشلىرىنىڭ 1982- يىلىدىن 2012- يىلغىچە بولغان ئارلىقتىكى تەرەققىيات ئەھۋال دوكىلاتى» ناملىق كىتابتا:«2012-يىلى يىل ئاخىرغىچە رايونىمىزدىكى ئادۋۇكاتلار سانى 3535 كە يەتتى،ئاز سانلىق مىللەت ئادۋوكاتلىرى 765 نەپەر بولۇپ، پۈتۈن رايون ئادۋوكاتلار سانىنىڭ %21.6نى ئىگەللەيدۇ، ئاز سانلىق مىللەت ئادۋوكاتلىرى ئېچىدە ئۇيغۇر ئادۋوكاتلارنىڭ سانى 565 نەپەر دەپ خاتىرلەنگەن»[②] ھازىر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى مىللى ئادۋوكاتلار سانىنىڭ 700گە، مىلللىي ئادۋوكاخانىلار سانىنىڭ 50 كە يەتكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە. 30 نەچچە يىللىق تارىخى تەرەققىات جەريانىدا ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ئادۋوكاتلىق كەسپى ھەق – تەلەپ، مەمۇرى دېلولاردا ۋاكالەتچى بولۇش، جىايى ئىشلار دېلولىرىدا ئاقلىغۇچى بولۇشتىن دەۋا سېرتىدىكى دېلولارنى بېجىرىش، شىركەت ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، ۋاكالىتەن ماركا بېجىرىش،پاتنىت ئىلتىماس قىلىش... قاتارلىقلارغا كېڭەيدى.
, V. h- Q& Q* A# m# |; K9 P
9 F1 R: D* J/ C2 w
" k1 Q" b# g! U* I
" Y* c: E, p; S0 T% {( I7 ^9 Dجەمئىيەتتە ئادۋۇكاتلارغا بولغان تۈرلۈك سەلبىي باھا، پاسسىپ كۆز قاراشلارنىڭ مەۋجۇت بولىشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا تەھلىل:
% c7 \. W9 {" V/ {7 A5 B/ r
" v+ q: f2 Z! B; E 6 ?' d3 T% |/ ?0 iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

7 f" Q# m' ~- _) } دەرەخ سەۋەپسىز لىڭشىمىغانغا ئوخشاش، سەۋەپسىز نەتىجىنىڭ بولىشى ئەقىلگە سىغمايدۇ، شۇڭىلاشقا جەمئىيەتتە ئادۋۇكاتلارغا بولغان سەلبىي باھا، پاسسىپ كۆز قاراشلارنىڭ كۈنسايىن ئاۋۇپ بېرشىنى سەۋەبسىز بولغان دەپ ئېيتىش دۇرۇس ئەمەس. مۇھىمى بۇ ئىجتىمائىي مەسىلە ئىچىگە يۆشۇرۇنغان سەۋەبنى تېپىپ چېقىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم پۇقىرالار ئارىسىدا ئادۋۇكاتلارغا بولغان سەلبىي باھا، پاسسىپ كۆز قاراشلارنىڭ مەۋجۇت بولۇش سەۋەبىنى تۆۋەندىكى نوقتىلاغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.$ L" ^0 ]7 o( g1 g6 Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
$ n$ d3 e1 q7 X$ K2 S* cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1. جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئادۋۇكاتلارغا بولغان باھالىرىنىڭ دوختۇر، ئوقۇتقۇچى، ماتىماتىكلارغا ئوخشاش يۇقىرى بولماسلىقىنى ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمىنىڭ ئۆزىدىكى ئالاھىدىلىك بەلگىلىگەن. ئامېرىكىلىق ئادۋۇكات لىچاسى خېدىس «مېنىڭ چۈشەنمىگەن يېرىم بىز نىمىشقا ئەڭ ئاخىرىدا مەيدىمىزنى تىك تۇتۇپ تۇرۇپ ئۆزىنى ھاۋالە قىلغان دەۋالاشقۇچىلار ئۈچۈن يالغان گەپ قىلىش ئادۋۇكاتنىڭ بىر تۈرلۈك فۇنكىسىيسى دېمەيمىز؟» دېگەن. ئامېرىكىلق داڭلىق ئادۋۇكات ئەيلۈن دېشاۋىيس ئۆزىنىڭ داڭلىق ئەسىرى «ئەڭ ياخشى ئاقلاش» تا جاۋابكارنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتى توغرۇلۇق توختىلىپ: « جاۋابكارنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتى ئاقلاش پائالىيتى بىلەنشۇغۇللانغان ۋاقىتتا، بولۇپمۇ ھەقىقەتەن جىنايىتى بار جاۋابكار ئۈچۈن ئاقلاش ئېلىپ بارغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ خىزمىتى بارلىق قانۇنلۇق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ ‹بارلىق پاكىت› نى يوشۇرۇشتىن ئىبارەت. جاۋابكارنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتىغا نىسىبىتەن ئېلىپ ئىيتقاندا ئەگەر دەلىل – ئىسپات قانۇنسىز ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ ئېرىشىلگەن بولسا ياكى دەلىل – ئىسپاتقا بىر تەرەپلىمىلىك يۈكلەنگەنلىكتىن ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش ئىھتىماللىقى بولغان بولسا،گەرچە بۇ دەلىل – ئىسپات پۈتۈنلەي راست بولغان تەقدىردىمۇ ئادۋۇكات سوتنىڭ بۇ دەلىل – ئىسپاتنى قۇبۇل قىلىشىغا چوقۇم قارشى تۇرۇشى كېرەك» دېگەن. ئادۋۇكاتلىق كەسىپىي بىر تۈرلۈك ئالاھىدە كەسىپ بولۇپ، ئۆزىنى ھاۋالە قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەتىنى قوغداش ئادۋۇكاتنىڭ باش–تارتىپ بولماس مەجبۇرىيتى، لېكىن بىر مەسىلە ناھايىتى ئىنىقكى ئادۋۇكات سوتتا پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداۋاتقان شەخس كېشىلەرنىڭ قەلبىدە ئەسكى ئادەم، ھەتتا ئۇچىغا چىققان ئەبلەخ دەپ قارىلىشى مۇمكىن. رايونىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشىلەر ئادۋۇكاتنىڭ نېمە ئۈچۈن قەستەن قاتىللىق قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، ئوت قويۇش، زەھەر ئېلىپ – سېتىش، بۇلانچىلىق قىلىش... جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ قارالغان جىنايەت گۇماندارى ئۈچۈن گەپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇلار سوت ئاخىرقى ھۆكۈمىنى چېقىرىشتىن بۇرۇنلا جىنايەت گۇماندارىنى جىنايەتچى دەپ بېكىتىپ بولىدۇ، ئۇلار «جىنايەتسىز دەپ پەرەز قىلىش» ، تەرتىپ ئادىللىقى، قانۇنسىز دەلىل – ئىسپاتنى چىقىرىپ تاشلاشنىڭ مۇھىملىقىغا، جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ پەرەز قىلىنغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ چوقۇم قوغداشقا تېگىشلىك ھوقۇق-مەنپەتلىرىنىڭ بارلىقىغا، ھەتتا ئۇنىڭ جىنايەتسىز بولۇش ئىھتىماللىقىغا ئېتىبارسىز قارايدۇ. ئۇندىن باشقا ئادۋۇكاتلارنىڭ قانۇن مۇلازىمىتى ھەقلىق مۇلازىمەت بولۇپ، بۇ خىل يۇقىرى دەرىجىلىل مۇلازىمەتنىڭ باھاسىنى رايونىمىزدىكى نۇرغۇن كېشىلەر ئادىل ئەمەس دەپ قارايدۇ، ئادۋۇكاتلىق مۇلازىمىتىنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت بولۇش ئالاھىدىكىلكىگە ئاساسلىنىپلا ئادۋۇكاتلارنى سودىگەر دەپ قارايدۇ، ئادۋۇكاتلارنىڭ قانۇن ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەن، لېكىن نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمىنىڭ ئۆزىدىكى ئالاھىدىلىك جەمئىيەتتە ئادۋۇكاتلارغا بولغان باھانىڭ دېگەندەك يۇقىرى بولماسلىقىنىڭ بىر تۈرلۈك سەۋەبى بولالايدۇ. 0 ^9 E! O: l0 C. B- G2 Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

. U# \2 a% w4 Z3 m6 C% b- j# O2. ئادۋۇكاتلارنى ھەر خىل يامان سۈپەتلەر بىلەن، ھەتتا ھاقارەت سۆزلىرى بىلەن سۈپەتلەش رايونىمىزدىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاساسەن دىگۈدەك بار ئىش. نۇرغۇن كېشىلەر ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق ئەللەردە ئادۋۇكاتلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورۇنىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكى، ئامېرىكىدا دوختۇرلۇق كەسپى بىلەن ئادۋۇكاتلىق كەسپىنىڭ ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ئىككى تۈرلۈك كەسىپ ئىكەنلىكى، ئامېرىكا تارىخىدىكى نۇرغۇن زۇڭتۇڭلارنىڭ ئادۋۇكاتلاردىن سايلانغانلىقى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشىدۇ، لېكىن ئۇ يەردىكى پۇقىرالارمۇ ئادۋۇكاتلارنى يامان سۈپەتلىك، ھەتتا ھاقارەت خاراكتىرلىك ئىبارىلەر بىلەن سۈپەتلەشكە ئادەتلەنگەن. ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمى بارلىققا كەلگەن قەدىمكى رىم دەۋرىدىلا ئەپىلاتۇن ئادۋۇكاتنى كەسكىن تەنقىد قىلغان، شىكىسبىر ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئادۋۇكاتنى ئەسكى ئادەم سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن ھەمدە ئادۋۇكاتلارنى دۇنيادىن يوق قىلۋىتىش غايىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكىدا نۇرغۇن كېشىلەر ئادۋۇكاتنى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئارۇزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇرال، ئادۋۇكات پەقەت دەۋالاشقۇچىلار قىلمىشىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى توغرىسىدا پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، پۇلدارلارنىڭ باجدىن قېچىشىغا ياردەملىشىدۇ، كۈچلۈك بولغان مۇنازىرە پىكىرلىرى ئارقىلىق پاكىتنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىدۇ،دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ بولمىغان بارلىق قارارلىرىنى ئىجىرا قىلىدۇ، بىر ياخشى ئادۋۇكات بىر ياخشى ئادەم بولالمايدۇ دەپ قارايدۇ.بۇ ھەقتەئەنگىلىيلىك سىياسەتشۇناس، پەيلاسوپ ۋىليام گېدۋېن «بىر ياخشى ئادۋۇكات بىر سەمىمىي ئادەم بولسا بولمايدىغاندەك قىلىدۇ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ كېشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان، ئەمما ئەيىپلەشكە بولمايدىغان مەسىلىدۇر» دېگەن.ئامېرىكىنىڭ «شەيتاننىڭ ۋاكالىتەن سۆزلىگۈچىسى»، «ئادۋۇكان لىن كىن»،«ئادۋۇكاتلىق ئىش بېجىرىش ئورنى» قاتارلىق فىلىملىرىدىكى ئادۋۇكات ئوبىرازى ئامېرىكا پۇقىرالىرىنىڭ ئادۋۇكاتلارغا بولغان مۇرەككەپ ھىسىياتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.
2 A. f" c) F" I9 i1 ]6 Z9 s+ u9 v! y+ Q0 A" wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3. كىشىلەرنىڭ ئادۋۇكاتلارغا بولغان غايىۋى تەسەۋۇرى بىلەن ئەمىلىيەت ئوتتۇرسىدىكى پەرىق، ئۇلارنىڭ ئادۋۇكاتلارغا بولغان باھاسىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەنە بىر تۈرلۈك سەۋەب. كىشىلەر دائىم دېگۈدەك تاماق يىيىشكە، كىيىم – كچەك سېتىۋىلىشقا، ساتىراچخانىلارغا، ھەتتا دوختۇرخانىلارغا بېرىشقا مۇھتاج بولۇپ تۇرىدۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر بىر ئۆمۈر دەۋاغا قاتناشماسلىقى، ئادۋۇكات بىلەن ئۇچىراشماسلىقى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى ئادۋۇكات ئوبرازى كىنو، تېلىۋېزورلاردىكى جانلىق ئوبىرازلاردىن، يازما نەشىر بۇيۇملىرىدىكى توقۇلما ئارلاشقان بايانلاردىن كەلگەن. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئادۋۇكات كۈچلۈك لوگىكىلىق تەپەككۇرى، مول قانۇن بىلىمى، قايىل قىلارلىق نۇتۇقى، دەۋا تەجىربىسى ئارقىلىق سوتنى قايىل قىلىپ، جىنايەت گۇماندارلىرىنى شۇ سوتنىڭ ئۆزىدە گۇناھسىز قىلىپ قويدۇرۋىتەلەيدىغان، سوت مەيدانىدا ئەركىن مېڭىپ يۈرۈپ پىكىر بايان قىلالايدىغان، قولىدىن ھەممە ئىش كېلدىغان غايىۋىلەشتۈرۈلگەن ئوبىرازلاردۇر، لېكىن ئەمەلىيەت بۇنىڭدىن كۆپ يىراقتا، ھەتتا دۆلىتىمىزدە ئادۋۇكاتلارنىڭ مېڭىپ يۈرۈپ مۇنازىرە پىكىرىنى بايان قىلىشى،جاۋابكار، گۇۋاھچى، زىيانكەشلىكە ئۇچىرىغۇچىلاردىن خالىغانچە سۇئال سورىشى چەكلەنگەن.بۇرۇن ئەزەلدىن دەۋاغا قاتنشىپ باقمىغان كېشىلەر بىرەر دەۋاغا قاتنىشىپ، ئادۋوكاتنىڭ ئولتۇرۇپ تۇرۇپ پىكىر بايان قىلىشلىرىنى، مۇنازىرە نۇتۇقىنىڭمۇ كىنو، تىلىۋۇزلاردىكى ئادۋوكاتلار نوتۇقلىرىدەك جەلىپ قىلارلىق ئەمەسلېكىنى كۆرگەندىن كىيىن ئادۋۇكاتتىن ئۆمۈدسىزلىنىدۇ., [: x- [% o1 W7 w4 vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

8 Z2 f3 U* O" h- n& s) D/ E4. دۆلىتىمىزنىڭ ئادۋۇكاتلارغا، ئادۋۇكاتلىق ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن- تۈزۈملىرى دېگەندەك مۇكەممەل ئەمەس، بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئادۋۇكاتلارنىڭ ئۆز بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق – ھوقۇق مەنپەتىنى قايسى دەرىجىدە تولۇق قوغدىيالىشىغا، كېشىلەرنىڭ ئادۋۇكاتلارغا بولغان باھاسىغا تەسىر كۆرسىەتتى. ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئوتتۇز نەچچە يىلدىن بۇيان زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى، تىز سۈرئەتتە تەرققى قىلىپ گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. دۆلىتىمىزنىڭ «ئادۋۇكاتلار قانۇنى» 1996- يىلى ئىلان قىلىنىپ، يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ 2013- يىلىغىچە جەمئىي 3 قىتىم ئۆزگەرتىلدى، قەر قىتىملىق قانۇن ئۆزگەرتىشتە ئادۋۇكاتلارنىڭ ھوقۇقى قەدەممۇ – قەدەم كۆپەيتىلىپ، ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمى قىلىپلاشتۇرۇلدى.«جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»، «ھەق – تەلەپ دەۋا قانۇنى»،«مەمۇرى دەۋا قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلارغىمۇ ئارقا – ئارقىدىن تۈزۈتۈش كىرگۈزلۈپ، ئادۋۇكاتلارنىڭ ھوقۇق دائىرسى كىڭەيتىلدى، لېكىن تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئوتتۇردىكى پەرىق يەنىلا بىر قەدر زور.تۈزۈم جەھەتتىكى ھەر خىل توسالغۇلار ئادۋۇكاتلارنىڭ ھاۋالە قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەتىنى ھەقىقى تۈردە، تولۇق قوغدىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، پۇقىرالارنىڭ ئادۋوكاتلارغا بولغان باھاسىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
* v5 b( I, q$ K# A0 {
  ^2 y: w4 d9 @' E& u1 n( A5.بىر قىسىم ئادۋۇكاتلارنىڭ كەسپى بىلىم سەۋىيسى بىر قەدەر تۆۋەن، لوگىكىلق قانۇن تەپەككۇرى بىر قەدەر ئاجىز، ئونۋىرسال ساپاسى دېگەندەك يۇقىرى ئەمەس، نوتۇقى ئادەمنى قىلالمايدىغان بولغاچقا، بۇ ئەھۋال كىشىلەرنىڭ ئادۋۇكاتلارغا بولغان باھاسىغا تەسىر كۆرسەتتى. ئىتىراپ قىلمىساق بولمايدىغان بىر ھەقىقەت شۇكى ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى خېلى كۆپ ساندىكى ئادۋۇكاتلار ئەدىلىيە ئىمتاھانىدا ئۇيغۇرچە ئىمتاھان بېرىپ C كىنىشكە ئالغان، C كىنىشكىسىگە تايىنىپ ئادۋۇكاتلىق قىلىدۇ. مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ C كىنىشكە بىلەن A كىنىشكە ئوتتۇرسىدىكى پەرىق ئادۋۇكاتلارنىڭ قانۇن بىلىمى، ئەمىلىي ئىقتىدارى ئوتتۇرسىدىكى پەرىقتىن دېرەك بېرىدۇ، A كىنىشكە ئالغان ئادۋۇكاتلارنىڭ ئونۋىرسال ساپاسى، ئەمىلى دېلو بېجىرىش سەۋىيسى Cكىنىشكە ئالغان ئادۋۇكاتلاردىن يۇقىرى دېمەكچى ئەمەس. نۇرغۇن C كىنىشكە ئالغان پېشقەدەم ئادۋۇكاتلارنىڭ دېلو بىر تەرەپ قىلغان ۋاقىتتىكى ئەقىل پاراسىتى، سالماقلىقى، لوگىكىلىق تەپەككۇرىنىڭ كۈچلۈكلىكى A كىنىشكە ئالغان ئادۋۇكاتلارنى بېسىپ چۈشىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ مول تەجىربىسى، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقى، توختىماي ئۈگۈنۈش، ئىزدىنىش قىزغىنلىقى ئارقىلىق A كىنىشكە ئالغان ئادۋۇكاتلارنى بېسىپ چۈشمەكتە، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دېپلۇم بىلەن ئەملىي ئىقتىدارنىڭ تەڭداش مۇناسىۋەتتە ئەمەسلېكىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن يىڭىدىن كەسىپكارلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئادۋۇكاتلار چوقۇم تىرىشىپ A كىنىشكە ئېلىشنى قولغا كەلتۈرشى كېرەك. ئۇندىن باشقا يەنە بىر قىسىم مىللىي ئادۋۇكاتلارنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيسى دېگەندەك ياخشى، قوش تىلدا دەۋالىشىشتا قىينىلىپ قالىدۇ، يەنە نۇرغۇن ئادۋۇكاتلارنىڭ ئادۋۇكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشى ئامالسىزلىقتىن، مەمۇرلۇق ئىمتىھانى، كەسپى ئورۇنلار ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەي، ياخشىراق خىزمەت تاپالمىغانلىقتىن بولغان. دۆلتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى قانۇن ئومۇمىي گەۋدىسى ئىچىدە زور ئىقتىدار، يۇقىرى ماھارەت، كۈچلۈك ئونۋىرسال ساپا تەلەپ قىلدىغان كەسىپنى بوراندىن پاناھلىنىدىغان پورت، ئامالسىزلىقنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراش ئادۋۇكاتلىق كەسىپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، كىشىلەرنىڭ بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا بولغان باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
2 |  ?+ L) f3 p% _/ }1 Z( R% ^0 O
' D! [& k0 o* R8 [' ~6. ئاز بىر قىسىم ئادۋۇكاتلارنىڭ ئادۋۇكاتلا كەسپى ئەخلاقىغا رىئايە قىلماي، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەتلىرىنى زىيانغا ئۇچىرتىشىئادۋۇكاتلارنىڭ كېشىلەر قەلبىدىن ئۆزىگە تېگىشلىك ئورۇننى تاپالماسلىقىدىكى يەنە بىر تۈرلۈك سەۋەبتۇر. «ئادۋۋۇكاتلار قانۇنى»، «ئادۋۇكاتلار كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمى» قاتارلىق قانۇن نىزاملاردا ئادۋۇكاتلارنىڭ كەسپى ئەخلاقى، كەسىپ قائىدىسى بويىچە كەسىپكارلىق بىلەن شۇغۇللىنشى تەلەپ قىلىنغان، لېكىن ئاز بىر قىسىم ئادۋۇكاتلار نامۇۋاپىق رىقابەتلىشىپ، پۇل تېپىشنى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەتىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى قوغداش، قانۇننىڭ توغرا يۈرگۈزۈلىشىنى قوغداشنى نىشان قىلغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى دەپ قاراپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەتىنى زىيانغا ئۇچىرىتىپ، ئادۋۇكاتلار ئوبرازىنى بۇلغىماقتا. ئۇندىن باشقا ئاز بىر قىسىم ئادۋۇكاتلار ئۆز كەسىپداشلىرىنى ھۆرمەت قىلماي، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆز كەسىپداشلىرىنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، ئۆز كەسىپدىشنىڭ ئىززەت – ئابىرۇيىنى يەرگە ئۇرۇش بەدىلىگە ئۆزىنى قالتىس ئىقتىدارلىق قىلىپ كۆرسۈتۈشكە ئۇرۇنماقتا، كەسىپداشلار ئارىسىدىكى بۇ خىل ناتوغرا رىقابەت كېشىلەرنىڭ ئادۋۇكاتلارغا بولغان ئىجابىي باھالىرىنى يوق قىلىپ، ئادۋۇكاتلارغا بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ كۈچيىپ بېرىشىغا تۆھپە قوشماقتا.
# \( i, |% O7 ], s% r2 W* @9 B" r. d8 F3 }2 V  v9 ]5 mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
: R7 l, c: _+ G/ |# Z3 E. lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
. c6 N& N0 [: J7 yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئادۋۇكاتلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش يوللىرى توغرىسىدا تەھلىل:
& _7 ]. B9 E3 e* A5 _4 Z7 t2 _# A, ?/ O. k: ~- iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكۈنىمىزدەك جەمئىيەتتە ئادۋۇكاتلارغا بولغان ھەرخىل نارازلىق كەيپىياتلىرىنىڭ، سەلبىي باھا، پاسسىپ كۆز قاراشلارنىڭ، يامان سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەشلەرنىڭ كۈچىيىپ بېرىش سەۋەبلىرى نۇرغۇن بولۇپ، بۇنىڭ ئېچىدىكى ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمىنىڭ ئۆزىدىكى ئالاھىلىك ، قانۇن – تۈزۈملەرنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، كېشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئادۋۇكاتلار ئوبىرازىنىڭ ئەمەلىييەتتىن يىراق بولۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنى ئادۋۇكاتلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ھەل قىلىش قىيىنغا توختايدۇ، بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھالەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا، قانۇنچىلىق قۇرلۇشىنىڭ سىجىل، تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشىغا، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىندىغان دۆلەت قۇرۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشقا، ئاممىنىڭ قانۇن – تۈزۈم ئېڭىنى ئومۇمىيۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىلى ئۇزۇن جەريان كېتىدۇ، تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە ئادۋۇكاتلىق تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلغىنىغا نەچچە يۈز يىل، ھەتتا نەچچە مىڭ بولدى، بىزگە نىسبىتەن تىخى كىچىك بالا ھىسابلىنىدىغان بۇ كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى بىر نەچچە يىل ئېچىدە تەرەققى قىلغان ئەللەرنىڭ سەۋىيسىگە يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىش ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس.2 g$ L% y  }$ X0 ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  ~# B! I8 ^: U; }/ X1 {! Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھەر قانداق كەسىپ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى، ئۆزىنىڭ بۈيۈك، گۈزەل ئوبىرازىنى تىكلىمەكچى بولىدىكەن، چوقۇم شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. باشقىلارنى ئاقلاش، دەۋالاشقۇچىلارغا ۋاكالىتەن پىكىر بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەتىنى قوغداش ئادۋۇكاتلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردا كەم بولسا بولمايدىغان ئىقتىدار. ئادۋۇكاتلار سەلبىي سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىپ، ئادۋۇكاتلارنىڭ ئوبرازى خۈنۈكلەشتۈرلىۋاتقان، ئادۋۇكاتلار ئاقلىنىشقا مۇھتاج بولىۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتتا ئادۋۇكاتلارنى ئاقلاشقا ئۇلارنىڭ ئۆزىدىنمۇ مۇۋاپىقراق نامزات بولمىسا كېرەك. ناپالىيۇن:«مەۋجۇت بولماقچى بولساڭ ئۆزۈڭگە تايان» دېگەن، ئادۋۇكاتلىق كەسىپىنى ساغلام، تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئادۋۇكاتلارغا بولغان ھۆرمەت ۋە ئىشەنچنى قالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئادۋۇكاتلارغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئادۋۇكاتلار تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشى زۆرۈر.7 O7 U$ Y+ T. P7 N, Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
' t9 ^1 n7 D" l4 tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1. ئادۋۇكاتلار ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈشى، ئۆز كەسپىدىن پەخىرلىنشى، ئۆزىگە توغرا باھا بېرىشى كېرەك. ئادۋۇكاتلار قانۇن ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەپتىش، سوتچى، ئەدىلىيە خادىملىرىغا ئوخشاش قانۇنچىلىق قۇرلىشىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان كۈچ بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى پەرىق يۇقىرى – تۆۋەنلىكتە، ياخشى – يامانلىقتا ئەمەس، بەلكى خىزمەت تەقسىماتىدا ئىپادىلىنىدۇ.ئادۋۇكاتلىق كەسپى تەرەققى قىلغان ئەللەردە ناھايىتى يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغانغا ئوخشاش دۆلتىمىزدىمۇ ئوخشاشلا ئۆزىگە تېگىشلىك ئورۇننى تاپالايدۇ.ئادۋۇكاتلار باشقىلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا، ھۆرمىتىگە ئېرىشمەكچى بولىدىكەن چوقۇم ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئىتىراپ قىلىشى، ئۆز كەسپىنى ھۆرمەت قىلىشى، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىشى، ئۆزىنىڭ ئەمىلى ھەركىتى ئارقىلىق ئۆز كەسپىنىڭ ئوبىرازىنى قوغدىشى كېرەك. ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بىر تەرەپلىمىللكە ئىگە باھالىرىنى ئاڭلاپلا ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇش توغرا ئەمەس.8 a" P5 |7 ]% W  qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

$ X. o& m8 P: D0 Z4 r* R: U: t2. ئادۋۇكاتلار توختىماي ئۈگۈنۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرشى، كەسپى ساپاسىنى ئۆستۈرشى كېرەك. قانۇن ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس، جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى تەرەققىياتى، يېڭى شەيئى، يىڭى ھادىسىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلشىگە ئەگىشىىپ، بۇرۇن تۈزىگەن قانۇنلار جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشالماي قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇرۇن تۈزۈلگەن قانۇنلارغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈشكە، يېڭىدىن قانۇن تۈزۈشكە، ئەدىلىيلىك ئىزاھاتلارنى ئېلان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. 2013- يىلى 11- ئايدىكى تولۇق بولمىغان سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا دۆلىتىمىزدە ھازىر 1109 تۈرلۈك قانۇن – نىزام باربولۇپ، ئاساسى قانۇن تۈرى، ھەق – تەلەپ قانۇن تۈرى، جىنايى ئىشلار قانۇن تۈرى، مەمۇرىي قانۇن تۈرى، ئىقتىسادى قانۇن تۈرى، داۋالاش – سەھىيە قانۇن تۈرى، يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇن تۈرى.... قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرگە چېتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇن، نىزام، ئەدىلىيلىك ئىزاھاتلار مەڭگۈ يېڭىلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ. شۇنىسى ئىنىقكى ئۈگۈنۈشنى، ئىزدىنىشنى توختىتىپ قويغان ئادۋۇكات ياخشى ئادۋۇكات بولالمايدۇ.
' c* L' A4 k; ]' j
" p3 j' `; h* _6 t. c' v( [( n3. ئادۋۇكاتلار كەسىپلىشش يولىغا مېڭىشى كېرەك. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكۈنىمىزدەك قانۇن- نىزاملارنىڭ تۈرىلا نەچچە مىڭ خىلغا، قانۇن ماددىلىرىنىڭ سانى نەچچە يۈز مىڭغا ھەتتا مىليونغا يېتىدۇ. ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا دەۋالارنىڭ تۈرىمۇ ھەر خىل بولىدۇ، بىر ئادۋۇكات قانچىلىك قابىلىيەتلىك، كۆپ ئىقتىدارلىق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ھەممە ساھەدە مۇتەخەسس دەرىجىلىك ئادۋۇكات بولۇپ كېتەلىشى ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە مەخسۇس جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىدىغان، مەخسۇس ھەق – تەلەپ دەۋالىرىنى، مەمۇرىي دەۋالارنى بىر تەرەپ قىلدىغان، خەلىقئارالىق ئىقتىسادى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلدىغان ، ھەتتا تېخمۇ ئىنچىكىلىشىپ مەخسۇس نىكاھتىن ئاجرىشش ماجىرالىرىنى، ئەقلى مۈلۈك ماجىرالىرىنى، ئىلان ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلدىغان ئادۋۇكاتلىق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلغىنىغا نۇرغۇن يىللار بولدى، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى كەسىپلىششنىڭ ئادۋۇكاتلىق كەسپىنىڭ ئاخىرقى چىقىش يولى ئىكەن، لېكىن تولۇق ئىسپاتلايدۇ. ئاپتونۇم رايونىمزغا قارايدىغان بولساق، مەخسۇس مەلۇم تۈردىكى دەۋالارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئادۋۇكاتخانىلارنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق، ھەتتا مەخسۇس مەلۇم تۈردىكى دەۋالارنى بىر تەرەپ قىلدىغان ئادۋۇكاتلارنىڭ سانىمۇ يوق دىيەرلىك. بۇ ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەر نۇرغۇن بولىشى مۈمكىن، لېكىن مىللى ئادۋۇكاتلاردىكى قايسى خىل دەۋاغا يولۇقسا شۇ خىل دەۋانى بېجىردىغان بۇ خىل ئەنئەنىۋىي، كەسىپلىششتىن يىراق ئادۋۇكاتلىق شەكلىنى چوقۇم ئىسلاھ قىلىش كېرەك. كەسىپلىشش يولىغا ماڭالماسلىق دەۋالاشقۇچىلارغا شۇنداقلا ئادۋۇكاتلىق كەسپىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا قىلىنغان مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر.
5 c/ y8 ?% |# d- X) \1 ^0 @5 O2 L4 H4 h2 l, g5 Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4. ئادۋۇكاتلار ئۇنىۋىرسال ساپاسىنى ئۆستۈرشى كېرەك. ئادۋۇكاتلىق كەسپى يالغۇز قانۇنغا چىتىلىپلا قالماستىن جەمئىيەتتىكى ئىقتىساد، سىياسىي، مۇلازىمەت، مائارىپ، سەھىيە، جەمئىيەتشۇناسلىق، نۇتۇقشۇناسلىق، پىسخولوگىيە، لوگىكا، پەلسەپە قاتارلىق .. نۇرغۇن ساھالەرگە چېتىلىدۇ. ئادۋۇكاتلاردىكى ئۇنىۋېرسال ساپانىڭ كەمچىل بولىشى ئۇلارنىڭ دەۋالاشقۇچىلار يولۇققان مەسىلىلەرنى تېز سۈرئەتتە، ئۆنۈملۈك ھەل قىلىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. قانۇن بىلىملىرىنى ئۈگۈنۈشكىلا ئەھمىيەت بەرگەن ئادەم بەلكىم بىر لاياقەتلىك، كېشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن قانۇن تەتقىقاتچىسى بولالىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ بىر لاياقەتلىك ئادۋۇكات بولالمايدۇ. ئىچكىر ئۆلكىلەردە ئىنگىلىزتىلى، فىرانسۇز تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، خەلىقئارالىق ئىقتىسادى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ئادۋۇكاتلارنىڭ سانى خىېلىلا كۆپ، ئاپتونۇم رايونىمىزدا بولسا دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇتىلى ئۆتكىلىدىن تولۇق ئۆتۈپ بولالمىغان ئادۋۇكاتلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس، ئۇنىۋىرسال ساپانىڭ بىر تۈرى بولغان تىل ئۆتكىلدىىن ئۆتەلمەسلىك باشقىلاردىن بىر قەدەم ئارقىدا قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ، چۈنكى يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان قانۇن، ئەدىلىيلىك ئىزاھاتلارنىڭ، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنىشىغا مۇئەيەن جەريان كېتىدۇ. ئونۋىرسال ساپانى ئۆستۈرۈش ئادۋۇكاتلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشنىڭ ئەڭ ئۆنۈملۈك يولىدۇر.  S' H: S" u( }* [; r: pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

- S& d9 D/ ?; N1 ]3 B* U5. ئادۋۇكاتلار كەسپىي نەزىريىۋى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنشى كېرەك. شىنجاڭ راۋان ئادۋۇكاتخانىسىنىڭ مۇدىر ئادۋۇكاتى كۆرەش ھاشىم ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر ئادۋۇكاتلىرىنى نۇمۇسقا قويىۋاتقان نەزىرىيە نامىراتچىلىقى» ناملىق ماقالىسىدە خەنزۇ ئادۋۇكاتلارنىڭ نەزىرىيۋى تەتقىقات نەتىجىللىرى بىلەن ئۇيغۇر ئادۋۇكاتچىلىق ئىشلىرىدىكى نەزىرىيە بوشلۇقىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، نەزىريىۋى تەتقىقاتنىڭ ئادۋۇكاتچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسىبىتەن ئوينايدىغان رولىنىڭ پەۋقۇلادە زور ئىكەنلېكىنى بايان قىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ قارايدىغان بولساق مەرھۇم ئادۋۇكات ئەركىن ئەمەتنىڭ «سوتتىكى ئاقلاش ۋە ۋاكالەتچىلىك سۆزى» ناملىق كىتاۋىدىن باشقا ئۇيغۇر ئادۋۇكاتچىلىقىدا تا بۈگۈنگە قەدەر نەزىريىۋى تەتقىقاتقا ئائىت بىرەر كىتاپنىڭمۇ نەشىر قىلىنمىغانلىقى،ئادۋۇكالىق نەزىريىۋى تەتقىقاتىغا ئائىت ئىلمىي ماقىلىلەرنىڭ، ئېلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادۋۇكاتلارنىڭ يوق دېيەرلىك بولىشى ئۇيغۇر ئادۋۇكاتچىلىق ئىشلىرىدىكى ئىتىراپ قىلىشقا تېگىشلىك مەغلۇبىيەتتۇر.ئادۋۇكاتلىق نەزىريىۋى تەتقىقاتى ئادۋۇكاتلىق كەسپىنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى، ئادۋۇكاتلار ھەرىكەت ئۆلچىمىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئەقلى ھاسىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەمئىيەتكە ئادۋۇكاتلىق كەسپىنى، ئادۋۇكاتلارنى چۈشەندۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك قورال. ئادۋۇكاتلىق كەسپى نەزەريىۋى تەتقىقاتقا تاينىپ ئۆزىنى جەمئىيەتكە تونۇتۇشنى تەققازا قىلىدىغان كەسىپ، كەسپى نەزىريىۋى تەتقىقاتقا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتقان، كەسپى نەزىريىۋى تەتقىقاتتىن ۋاز كەچكەن ئادۋۇكاتلارنىڭ جەمئىيەت ئادۋۇكاتلارنى چۈشەنمەيدۇ دەپ ئاغرىنىشى ھەقىقەتەنمۇ بىر خىل كۈلكىلىك ئىشتۇر. بۇ ئادۋۇكاتلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئاقلاش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.: [9 ?( J3 T, q* }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
& Y: S5 [; q7 ^; D: H' @$ Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
6. ئادۋۇكاتلار مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئۆستۈرشى، دەۋالاشقۇچى، سوتچى، تەپتىشلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. دەۋالاشقۇچىلارنىڭ پۇل خەجلەپ ئادۋۇكات تەكلىپ قىلغانلىقى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ شۇ ئادۋۇكاتقا بولغان ئىشەنچى، دېلونىڭ توغرا، ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ياردەم قىلالايدىغانلىقىغا بولغان كۈچلۈك ئارزۇسىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئادۋۇكات دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن دەۋالاشقۇچىلار بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ دېلو ئەھۋالىنى، ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى دوكىلات قىلىپ تۇرشى، دەۋالاشقۇچىلارغا دەۋا جەريانىدىكى بارلىق خىيىم – خەتەرلەرنى ئەسكەرتىشى كېرەك، بۇ يۈكسەك دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ ئىپادىلىنىشى. بىز بىر قىسىم ئادۋۇكاتلارنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىدا ئەيىپلىگۈچى ئورگان چىقارغان بىر پارچە ئەيىپلەشنامىگە تايىنىپلا ئاقلاش پائالىيتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئۇچىرتىپ تۇرىمىز، بۇ شۇ ئادۋۇكاتنىڭ تولىمۇ ئىقتىدارلىق ئادۋۇكات ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ ماۋزىدۇڭ:«تەكشۈرمىگۈچىلەرنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوق» دېگەن، نەچچە توپلام دېلو ماتىريالىنى كۆرمەي، ئەستايىدىل تەتقىق قىلماي تۇرۇپ ئاقلاش پائالىيتى بىلەن شۇغۇللىنىش تەكشۈرمەي تۇرۇپ پىكىر بايان قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. دېلو ماتىرياللىرىنى، دەلىل – ئىسپاتلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئېلىپ بېرىلغان ئاقلاش ئۈنۈمسىز ئاقلاشتۇر، بۇ ئادۋۇكاتلاردىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭىلاشقا ئادۋۇكاتلار چوقۇم مەسئۇلىيەت، بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۆستۈرشى، ئۆزىنىڭ دېلو ئۈچۈن چەككەن جاپا – مۇشەقەتلىرىنى دەۋالاشقۇچىلارغا ئۇلار قوبۇل قىلالايدىغان شەكىل بىلەن بايان قىلىپ بېرىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئادۋۇكاتلىق كەسپى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ، ئۇلارنىڭ ئەتىراپىدىكى كەلگۈسىدە دەۋالاشقۇچى بولۇپ قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان كىشىلەرنىڭ ھۆرمەت ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيدۇ.; l: \2 g4 b: l& T) Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
, }+ A( C9 P: Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
7. ئادۋۇكاتلار كەسىپكارلىق بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقىتتا «ئادۋۇكاتلار قانۇنى»، «ئادۋۇكاتلار كەسپى ئەخلاقى ۋە ھەركەت ئۆلچىمى»ىگە ئاڭلىق رىئايەت قىلىشى، ئۆز كەسپى ئەخلاقىنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق كېشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشى كېرەك. ھەر قانداق بىر كەسىپنىڭ مۇناسىپ كەسپى ئەخلاقى، كونكىرىت ھەركەت ئۆلچىمى بولىدۇ، ئادۋۇكاتلىق كەسپىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ھازىر ئادۋۇكاتلار ئارىسىدا ئەۋىج ئالغان ئادۋۇكاتلار كەسپى ئەخلاقىغا يات قىلمىشلار ئادۋۇكاتلار ئارىسىدىكى ناتوغرا رىقابەت ۋە دېلونىڭ نەتىجىسى توغرىسىدا دەۋالاشقۇچىلارغا قالايمىقان ۋەدە بېرىشتە ئىپادىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن ئۆز كەسىپداشلىرىنىمۇ ھۆرمەت قىلىشنى بىلمىگەن ئادۋۇكاتنىڭ باشقىلاردىن ھۆرمەت تەلەپ قىلىش ھەققى بولمايدۇ، ئۇندىن باشقا دۆلىتىمىز ئەدىلىيە تۈزۈلمىسىدە دېلو نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ ۋە تۇراقسىز بولۇپ، دېلو نەتىجىسى توغرىسىدا قالايمىقان ۋەدە بېرىش ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ئالداش بىلەن خۇلاسلىنىدۇ. مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش بىر قىسىم ئادۋۇكاتلارنىڭ ئادۋۇكاتلىق كەسپى ئەخلاقىغا يات، پۇل تېپىشنى ئەڭ ئالىي نىشان قىلغان قىلمىشلىرى ئادۋۇكاتلىق كەسپى ۋە ئادۋۇكاتلارنىڭ كېشىلەر قەلبىدىكى ئوبىرازىنى خۈنۈكلەشتۈرىدۇ. شۇڭىلاشقا ئادۋۇكاتلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇشى، كەسپى ئەخلاققا يات قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرشى، دەۋالاشقۇچىلار باشقا ئادۋۇكاتلارنىڭ كەسپى ئەخلاققا يات قىلمىشلىرىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىغاندا ئۇلارغا ئادۋۇكات ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئادۋۇكاتخانا، ئادۋۇكاتلار جەمىيتى، ئەدىلىيە ئىدارىسى ئادۋۇكاتلار باشقارمىسىغا شىكايەت قىلىش ياكى دەۋا قىلىش يولى ئارقىلىق ئادۋۇكاتتىن تۆلەم تەلەپ قىلىش توغرىسىدا توغرا مەسلىھەت بېرىشى كېرەك.3 c8 q' J  Y3 sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

: f- w" @! D) N# Q# P. @) Oئومۇملاشتۇرۇپ ئىيتقاندا، ئادۋۇكاتلىق كەسپى «ئاساسىي قانۇن» تەرىپىدىن مۇئەيەنلەشتۈرۈلگەن كەسىپ، ئادۋۇكاتلار قانۇن تەرىپىدىن ئالاھىدە ھوقۇق بېرىلگەن مەلىكىلىك كەسىپكارلاردۇر. ئادۋۇكاتلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئادۋۇكاتلارغا بەرگەن باھاسى ۋە ئىشەنچى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، جەمئىيەتتە ئادۋۇكاتلارغا بولغان خاتا چۈشۈنۈش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش، ئادۋۇكاتلارنى بىر بىلەت بىلەن ئىنكار قىلىش خاھىشلىرى ئەۋىج ئالغان ئىجتىمائىي مۇھىتتا، ئادۋۇكاتلارنى ئاقلايدىغان ئەڭ مۇۋاپىق نامزات ئادۋۇكاتلاردۇر، ئادۋۇكاتلار گەپ – سۆزلىرى، ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئادۋۇكاتلىق كەسپىنىڭ مۇقەددەس ئوبىرازىنى قوغدىشى زۆرۈر.
/ ^$ u- K& M8 R6 j7 D4 i0 F# E, x; }: K! `+ K( |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە   نۇر تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-4-17 12:24:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  بۇ كەسىپنى تازا چۈشەنمەيدىكەنمەن
ۋاقتى: 2015-4-22 00:29:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشەنمەيدىكەنمەن
ۋاقتى: 2015-4-24 20:30:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[b]راسىتنى دېسەم ماڭا ھەقىقى ئادۇكات بەكلا لازىم مەمۇرى داۋاغا قاتنىشىدىغان تېلفۇن نۇمۇرى 13779713249

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 09:29

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش