|
نيۇيوركنىڭ نازى ۋە تېپىشمىقى (زۇلپىقار بارات ئۆزباش)9 c0 t7 P1 ^# wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كېيىنكى مودېرنىزم جەمئىيىتىگە كىرىش: نيۇيوركنىڭ نازى ۋە تېپىشمىقى/ X; m; t# ?" E1 mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
زۇلپىقار بارات ئۆزباش5 V5 M3 F) j) ^ O5 U: aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
" B) ^" c' R8 R8 p0 y/ r9 U" s& Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىر قارىسا چۈشنى، بىر قارىسا مۆجىزىنى ئەسلىتىدۇ.
" U# z9 p- R1 v% i بۇ شەھەرگە تۇنجى قېتىم بارغان بىر ئۇيغۇر رېئاللىقى بىلەن چۈشى ئارىسىدىكى پەرقنى ئاڭقىرالمايدۇ؛ ھەر ماڭدامدا ھەيرانلىقى ھەم ئەندىكىشى تۈگىمەيدۇ.
% \+ x. W2 A. b% v+ g0 d جۇلا سى، ناز- كەرەشمىسى بىلەن تەڭ تۇغدۇرىدىغان تېپىشماقلىرى ۋە ھەسرەتلىرى بار.6 _$ n0 u$ D) y# D3 sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پۇرسەت بار، ھەممە ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئەمما ئىنساننىڭ ئازابىغا چىن پۈتمەيدۇ.
# I: d+ R+ _0 S4 m/ ` تىپىك كېيىنكى مودېرنىزم جەمئىيىتى. ئۇنىڭ رېئاللىقى ۋە مودىسى باشقا غەرب دۆلەتلىرىگە ھەم ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىگە كلونلانغان رېئاللىق ۋە ئىستېمال مەدەنىيىتى «ئىمپورت قىلىدۇ.»
; }2 i4 y# [; z3 ~( H, t2 D6 X ئۇ تەرەپتە 11ـــ سىنتەبىر ۋەقەسىدە قازاغا ئۇچرىغان 2933 كىشىنىڭ كۆز يېشىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قوشماق كۆلچەك، بۇ تەرەپتە مۇسۇلمانلار پائالىيەت مەركىزى سېلىش پىلانلانغان نۆليەر مەركىزى.
1 Q1 ]5 C* A# T. B& ] ئوڭ تەرەپكە قارىسىڭىز ئاسمانغا تاقاشقان ئېگىز بىنالارنىڭ ئارىسدا ئۆزىنى نامايىش قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتنىڭ ئىمپېرىيە كۆلەڭگۈسى، سول تەرەپكە قارىسىڭىز سوغۇقتا دىرـــدىر تىتىرەپ ياتقان لاماكان، مۇساپىر.
& n9 s9 ]/ \$ A( ~ بىر يەرلىرى ئۈرۈمچىنىڭ داشىمىن، جوڭسەن كوچىلىرىنى ئەسلىتىدۇ؛ يەنە بىر يەرلىرى شاڭخەينى. ئالدىراش كېتىۋاتقان قىزلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر گۈزەللىرىنى ئەسلىتىدىغان سىمالارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.! p+ r t" c5 C) z8 Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ يەردىكى قەشقەر قەھۋەخانىسىدا، ئارزۇ ئاشخانىسىدا ئۇيغۇرنىڭ كاۋاپ، مانتا، لەغمەن قاتارلىق تاماقلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ.
6 e5 z5 u" N" z" C9 G2 t/ Z2 H N ئانگلو ساكسون ئەدەبىياتىدىكى نامايەندە خاراكتېرلىك يازغۇچىـــ شائىرلاردىن ۋولت ۋىتمان («گىياھ ياپراقلىرى» نىڭ ئاپتورى)، ئېدىن ۋارتون («گۆدەك چاغلار» رومانىنىڭ ئاپتورى)، ئاللان گىنسبېرگ قاتارلىقلار مۇشۇ يەردە ياشىغان ياكى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 20ـــ ئەسىر ئامېرىكا تارىخىدىكى نامايەندە خاراكتېرلىك بۈيۈك مۇتەپەككۇرلاردىن جون دۇۋېي (1858ـــ1953)، ئېدۋارد سەيىد (1935ـــ 2003)، ئېرۋىڭ گوفمان (1922ـــ1986)، روبېرت مېرتون (1910ـــ2003)، چارلىز تىللى (1926ـــ 2008) مۇشۇ شەھەردىكى دۇنياغا داڭلىق بىلىم يۇرتى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت قىلغان، مۇشۇ شەھەردە ياشىغان.- y# [0 k1 z* \. G0 `( U. {7 Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مانا بۇ مېنىڭ تەسىراتىمدىكى نيۇيورك. ئۇنىڭ قىسقىچە تارىخى مۇنداق:
; V$ E& O$ g! i+ U* u1524ـــ يىلى ئىتالىيەلىك ئېكسپىدىتسىيەچى گىئوۋانى ۋېررىزانو نيۇيورك ئارىلىنى بايقىدى.
9 c; c, A6 C2 D3 V$ x1609ـــ يىلى ھېنىرى خۇدسون نيۇيورك ئارىلىغا چىقتى ۋە نيۇ جېرسېي ئارىلىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقتى.
3 ]& F+ H# G G; ]1 H1624ـــ يىلى نيۇيورك گوللاندىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندى ۋە بۇ ئارالغا يېڭى ئامىستىردام (ئامىستىردام گوللاندىيەنىڭ پايتەختى) دەپ نام بەردى.
/ q( G' }8 v3 Q) I1664ـــ يىلى ئەنگلىيە ئۇرۇش قىلىپ گوللاندىيەنىڭ قولىدىن يېڭى ئامىستىردامنى تارتىۋالدى ۋە بۇ شەھەرنىڭ ئىسىمىنى يېڭى يورك (يورك ئەنگلىيەنىڭ شەھىرى) قا ئۆزگەرتتى.: {- o, h" @& E( `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1731ـــ يىلى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئاتىلىرىدىن بىرى بېنجامىن فرانكلىن نيۇيوركقا يېقىن جايدىكى فلادىلفىيە شەھىرىدە تۇنجى كۇتۇپخانىنى ئاچتى.
& p ~6 P) E2 p7 x: v; m1776ـــ يىلى فلادىلفىيەدە مۇستەقىللىق خىتابنامىسى جاكارلاندى. ئامېرىكا ئەنگلىيە مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل دۆلەت بولدى.
5 q$ O( W/ l/ t( G2 P' i. E6 f1825ـــ يىلى شەھەردە 588 كېلومېتىرلىق قاتناش قانىلى بارلىققا كەلدى.6 g7 }3 S; K# @, T0 S; Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1863ـــ يىلى نيۇيوركتا بولغان ئىچكى ئۇرۇشتا ئىتتىپاقداش تەرەپ گېنرالى قارشى تەرەپنى يەڭدى.
' m' L" g6 g7 R1929ـــ يىلى نيۇيوركتىكى پاي بازىرىدا ئېغىر داۋالغۇش يۈز بېرىپ ئامېرىكا ئىقتىسادىي كرىزسقا پاتتى.
9 ~9 b. _% E& I7 V: E) f {3 R4 x1933ـــ يىلى نيۇيورك شەھىرىنىڭ باشلىقى فرانكلىن روزۋېلېت ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ پىرېزدېنتى بولدى.
$ T9 R8 k' l+ M6 `& [1978ـــ يىلى قىمارۋازلىق نيۇيوركنىڭ ئاتلانتىك رايونىدا قانۇنلاشتى.
) E) Z8 n" \1 |6 v8 p1987- يىلى نيۇيوركتا يەنە بىر قېتىم پاي بازىرىدا داۋالغۇش بولدى.
8 j: K' d# o H5 A- N+ ~2001ـــ يىلى نيۇيوركتىكى قوشماق بىنا ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆرۈلۈپ چۈشتى. بۇ ۋەقە ئامېرىكىنىڭ ئافغانستانغا ۋە ئوتتۇرا شەرققە ئىچكىرىلەپ تاجاۋۇز قىلىشىغا سەۋەب بولدى.0 F& Y2 U2 V2 z. l+ fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2007ـــ يىلى نيۇيوركتا ھەمجىنىسلارنىڭ نىكاھلىنىشى قانۇنلاشتى.' @) X3 k6 P$ aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2011- يىلى قوشماق بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن جاي «11ـــ سىنتەبىر دۆلەتلىك خاتىرە سارىيى» پۈتۈپ ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى.$ _2 w, Y- u& v! V6 k+ J: d/ S* }4 dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نيۇيوركنى قىسقىچە تەبىرلەشكە توغرا كەلسە، ئۇنىڭ تېز سىزمىسنى مۇنداق ئىپادىلەش مۇمكىن:
% u+ ~7 _* O2 x3 G. ]ئامېرىكىنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيىتىگە، ھاياتىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. دۇنيانىڭ سودا، پۇل- مۇئامىلە، مودا، كۆڭۈل ئېچىش مەركىزى. جىمى مودا دۇنياغا مۇشۇ يەردىن تارقىلىدۇ. ھەر خىل مەدەنىيەت، ھەر خىل دىن، ھەر خىل ئىرق ئارىلاشقان تىنىم تاپماس شەھەر.. a3 M5 J: y" ~, pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كۆچمەنلەر شەھىرى، ھەر خىل مىللەت، ھەر خىل ئىرقنىڭ تۇرمۇش شەكلى ۋە مەدەنىيىتى تېپىلىدۇ. شەھەردە خەنزۇ بازىرى، كىچىك ئىتالىيە رايونى، بروكلىن روس رايونى قاتارلىق ھەر خىل كۆچمەنلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تارماق رايونلار بار. شەھەر بروكلىن، كۋېنىس، مانخاتتان، ستەتېن ئايلەند، ئۇزۇن ئارال قاتارلىق بەش رايوندىن تەركىب تاپقان. ستەتېن ئارىلى بىلەن مانخاتتان رايونىنى ئوكيان ئايرىپ تۇرىدۇ. يولۇچىلار، ئاھالىلەر پاراخوت ئارقىلىق شەھەر ستەتېن ئارىلى بىلەن مانخاتتان رايونى ئارىلىقىدا قاتنايدۇ.0 {4 e6 H% o! }& u* Z6 rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نيۇيورك بىز بىر ئائىلىنى شىۋىرغىنى بىلەن كۈتۈۋالدى. شەھەردە خۇشاللىقلىرىمىز، ئېزىقىشلىرىمىز، ھەيرانلىقلىرىمىز ھەم تېپىشماقلىرىمىز قالدى.
( P5 d. e0 M3 | U# m" C# H5 P) u شەھەردە تۇنجى كۆرۈشكەن قېرىندىشىمىزنىڭ ئۇيغۇرغا خاس قىزغىن مۇئامىلىسىدىن، مېھماندوستلۇقىدىن سۆيۈندۇق. ئەمما يامغۇر قارغا ئايلانغان بىر كۈنى شىۋىرغان قاينىمىدا قالدۇق؛ ئۇيغۇر بۇرادىرىمىزنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان جىمى كوچىلارنىڭ نومۇر تاختىلىرىنى قارا توسۇۋالغان بولغاچقا، ئۆزىمىز كەلگەن يولنى تاپالماي ئېزىقىپ ھەسرەتلەندۇق. تۆتىنچى كۈنىگە كەلگەندە شۇنچە قېلىن كىيىنىپمۇ بەدەنلىرى مۇزلاپ كەتكەن بەش ياشلىق ئوغلۇم «قاچان ئۆيگە كېتىمىز؟ مەن نيۇيوركقا ئۆچ بولدۇم» دەپ يىغلىۋەتتى. خېلىدىن بېرى نيۇيورك چۈشىنى كۆرۈپ كەلگەن ئايالىم شىۋىرغان كۈنلۈكىنى ئۇچۇرۇپ كەتكەندە: «ئېسىت، كەلمىگەن بولساق بوپتىكەن» دەپ پۇشايمانمۇ قىلدى. ئەر ھەم دادا بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن نيۇيوركقا كەلگۈچە ئارىلىقتا قىلغان تەييارلىقىمنىڭ پۇختا بولمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۆكۈندۈم.
# n+ B4 C+ M% C8 c" w4 h ئاۋۋال نيۇيورك بىزنى ناز- كەرەشمىسى بىلەن جەلپ قىلدى. ھەر قاتلام، ھەر خىل ئىرق، ھەر خىل دىن، ھەر خىل مىللەتكە تەۋە ئادەملەرنى ئوخشاش سىغدۇرۇپ رىزىق بېرىپ، تەلپۈندۈرۈپ كېلىۋاتقان زامانىۋى، خەلقئارالىق شەھەرنىڭ يېڭىلىقلىرىدىن، دېموكراتىيەسىدىن سۆيۈندۇق؛ ئەمما ھايال ئۆتمەي بۈگۈنكى دۇنيا كاپىتالىزمىنىڭ رەھىمسىزلىكىدىن، نۆۋەتتە كۈندىن كۈنگە كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقان ئىقتىسادىي كرىزستىن دالالەت بەرگەن ھالدا سوغۇق كوچىدا يوتقانغا چۈمكىلىپ ياتقان لاماكانلارنى كۆرگىنىمىزدە يۈرىكىمىز ئېچىشتى. شەھەرلىك زامانىۋى سەنئەت گالېرىيەسىدە يېرىم كۈن ئايلاندۇق. پىكاسسو، ۋانگوك قاتارلىق مودېرنىست رەسساملارنىڭ ئەسىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ ئىستېتىك تۇيغۇغا چۆمدۇق، ئەمما ئۇ يەردىن چىقىپ كوچىلاردىكى كېيىنكى مودېرنىزم جەمئىيىتى ئالامەتلىرىنى ئەسلىتىدىغان زىت بەلگىلەردىن، ئىماگلاردىن ھەر ماڭدامدا مەدەنىيەت ئەندىكىشى ھېس قىلدۇق. مەسىلەن، يۆتكەلمە دۇكانلاردا ھالال دېگەن نام بىلەن سېتىلىۋاتقان يېمەكلەرنىڭ ھارام يېمەكلىكلەر بىلەن بىر يەردە قويۇلىدىغانلىقى بىزنى ئوبدانلا چۆچۈتتى.
% c5 S" v8 O+ l$ i; a" n ئاپەت تۈپەيلى بروكلىن رايونىغا بارىدىغان قاتناش توختاپ كەتكەچكە داڭقىنى نەچچە يىللاردىن بېرى ئاڭلاپ كەلگەن قەشقەر قەھۋەخانىسىدا غىزالىنىپ قايتىش چۈشىمىز بەربات بولدى. ئادەم دېگەن تەسەۋۋۇرىدىكى ئوبراز ۋە مەنزىل ئۈچۈن چۈش كۆرۈپ ياشايدىغان، ئەمما ئۇنىڭغا ئېرىشكەندە پېتىرىغا يانىدىغان مەخلۇق ئىكەن. ۋال سىترىت كوچىسى، ئىمپېرىيە بىناسى، دەۋر مەيدانى ھەققىدىكى غايىۋانە ئەسلىمىلىرىمىز شۇ يەرگە بېرىپ كۆرگەندە ئوبدانلا پەسكويغا چۈشتى. نيۇيوركتا تۇرۇپ قەشقەرنى، ئۈرۈمچىنى سېغىندۇق. بىر بۇرادەر ماڭا: «نيۇيوركنىڭ بەزى كوچىلىرى ئۈرۈمچىنىڭكىگە ئوخشايدۇ» دېگەنىدى. راستكەن. ھەيران بولماي تۇرالمىدۇق. نيۇيوركتا مېنىڭ لەغمەن ۋە كاۋاپ خۇمارىم تۇتتى.# N# Z! ^" h9 jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(2)
0 C* r% A7 j" j0 X سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ھاۋايدا تۇرۇپ نيۇيوركنىڭ ئېغىر شىۋىرغان ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدۇق. ساياھەت پىلانىمىزدا بۇ شەھەردە بىر نەچچە كۈن توختاپ ئۆتۈش ئويىمىز بولغاچقا، بېرىلىۋاتقان خەۋەرـــ ئۇچۇرلارغا يېقىندىن دىققەت قىلدىم. «نيۇيورك تارىختا كۆرۈلمىگەن ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىدى، بۇ قېتىم توختىماي بوستونغا كەتسەڭلار بولارمىكىن» دېدى ھاۋايدىكى ئۇيغۇر قىزى مۇنىرەنىڭ يولدىشى جون (ئامېرىكىلىق، ئۇيغۇرچە ئسىمى جەسۇر). نيۇيوركقا بېرىشتىن بۇرۇن ئىندىئانا، چىكاگو، بالتىمور، ۋاشىنگتون شەھەرلىرىدە توختاپ ئۆتۈشنى پىلانلىغاچقا، بىر مەزگىل قاراپ بېقىشنى ئويلاپ پىلانىمدىن ۋاز كەچمىدىم. ئەمما ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى مېھمانخانىسىدا تېلېۋىزورنى ئېچىپ ھەيران قالدىم: ئاتلانتىك ئوكياننىڭ سۈيى تېشىپ نيۇيورك شەھىرىنىڭ خېلى بىر يەرلىرىگىچە ئېقىپ كىرگەن؛ مېترولارنى، ئۆيلەرنى خېلىلا زور دەرىجىدە ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتقانىدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يېڭى پىرېزدېنتلىق سايلىمى بولىدىغان بولغاچقا، پىرېزدېنت ئوباما ۋە ئۇنىڭ رىقابەتچىسى رومنى ئاپەت رايونىغا كېلىپ ھال سوراشنى باشلىۋەتكەنىدى.! x5 a$ H2 e9 sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىندىئانادا تۇرۇپ نيۇيوركتا كۆرۈشمەكچى بولغان تەتقىقاتچى ئۇيغۇر ئاكىمىزغا تېلېفون قىلدىم. «پىلاندا بولغاندىكىن كېلىۋىرىڭلار، سىلەر كەلگۈچە ئەسلىگە كېلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن» دېدى ئۇ. يەنىلا خاتىرجەم بولالمىدىم.
- `5 h! ?0 ~4 }0 `0 Gـــ نيۇيوركقا بارماي ئۆتۈپ كەتسەك بولىدىغان ئوخشايدۇ،ـــ دېدىم تېلېفوننى قويۇپ ئايالىمغا.9 [! `0 s$ C4 t1 p3 {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ـــ بىز بارغۇچە ئوڭشايدىغان يېرىنى ئوڭشاپمۇ بولار، ئاتايىن پلانلىغاندىكىن بارايلى ئەمدى،ـــ دېدى ئايالىم.3 n1 Y7 c( i3 oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ـــ ياق، بارمىسام بولمايدۇ. مەن ساۋاقداشلىرىمغا نيۇيوركقا بارىدىغىنمنى جاكارلاپ بولغان،ـــ دېدى ئوغلۇم.2 h' X5 K; r- n+ T7 q/ Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەنسىرىشىمدە يەنە بىر سەۋەبمۇ بار ئىدى. قىش بولمايدىغان ھاۋايدىن قېلىنراق كىيىملەرنى ئېلىۋالغان بولساقمۇ، ئۇ كىيىملەر نيۇيوركنىڭ سوغۇقىغا دالدا بولالمايدىغاندەك قىلاتتى.
7 a" w! F, ~5 `, `9 a ئاپتوبوس نيۇيورك شەھرىگە كىرىش ئالدىدا چۈش كۆرۈۋاتقاندەك بىر تۇيغۇدا قالدىم. سىرىتتىن كىرگەن ئاپتوموبىللار دۆڭدىن ئويمانغا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. بالام ھېلىدىن ھېلىغا ھور قاپلاپ كېتىۋاتقان دەرىزىنى سۈرتكەچ ئەتراپنى تاماشا قىلىۋاتاتتى. نېرىدا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئەدەبىي ژۇرنال «نيۇيوركلىقلار» نىڭ يوغان ئېلانى كۆزۈمگە چېلىقتى. بالتىمور شەھىرىدىن ئاپتۇبوستا يولغا چىققىنىمىزغا تۆت سائەتمۇ بولمىغاچقا، نيۇيوركقا كەلگىنىمىزگە تازا ئىشىنىپ كېتەلمەي ئارقامدا ئولتۇرغان نېگىر ئايالدىن سورىدىم:
: b% w/ ?' N4 P4 C0 Rـــ نيۇيوركقا كەلدۇقمۇ؟
4 T. Y* p. h4 t+ ]1 bـــ ھەئە، كەلدۇق.
+ p3 M: L8 R3 Z5 u7 U4 U' g6 Gنېرىدا پاراخوتلار، كېمىلەر توختاپ كەتكەن بىر دەريا لۆمشۈپ ئاقاتتى. بۇ قايسى دەريا بولۇپ كەتتى ئەمدى دەپ گۇگۇلدىن ئاختۇردۇم. خايدېنىس دەرياسى ئىكەن. سانجاق- سانجاق بىنالار ئادەمگە ئىمارەتلەردىن پۈتكەن ئورماننى ئەسلىتەتتى، بىر- بىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقاندەك، ھەيۋىتى بىلەن بىر- بىرىگە خىرىس قىلىۋاتقاندەك تەسىر بېرەتتى. بىنالاردىكى ئېلان تېلىۋىزورلاردا ھېلىدىن ھېلىغا شەرەنداز، نازىنىن چوكانلارنىڭ رەسىملىرى ئالمىشىپ تۇرىدۇ. ھەر بىر بىنادا دېگۈدەك يوغان ئېلان. بىر چاغدا بىر بىنادىكى چوڭ ئېكراندا 2003- يىلىدىكى ئىراق ئۇرۇشىنى جەڭ مەيدانىدا خەۋەر قىلغان، نۇرغۇن قېتىملاپ پىرېزدېنت مۇنازىرىلىرىگە رىياسەتچلىك قىلغان داڭلىق رىياسەتچى ئاندېرسون كۇپپېرنىڭ سۈرىتى پەيدا بولۇپ قالدى.
, n( o8 G0 l p0 N2 ~9 @0 H% [' Tقاش قارايغان مەھەل بىلەن ئاپتۇبوس ئاخىرقى مەنزىل ـــ دەۋر مەيدانىغا يېتىپ كەلدى. بىز مۇشۇ يەردىن 42- كوچىغا بېرىپ مېترو ئارقىلىق كۋېنىس رايونىغا بېرىپ ئاندىن يەنە 7- يول مېتروسىغا ئالماشماقچى ئىدۇق. ئاپتۇبوستىن چۈشۈشۈمگە ئاچچىق سوغۇق يۈزۈمگە ئۇرۇلدى. تەلىيىمىزگە بېكەتتىن مېتروغا بېكىتىگە بارىدىغان ئارىلىق يىراق ئەمەسكەن. يۈگۈرۈپ دېگۈدەك كېتىۋاتقان ئادەملەر كىشىگە شەھەردە تۇرمۇش رىتىمىنىڭ قانچلىك تېز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇراتتى. ئوغلۇم بىنالارغا، كوچىلارغا قاراپ توختىماي سوئال سوراپ ماڭاتتى. بىرەر يۈز قەدەم ماڭا- ماڭمايلا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان مەنزىرىگە دۇچ كەلدۇق. بىر ئادەم يەردىلا يۈكۈنۈپ يۇم- يۇم يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ. ئالدىدىكى تاختىغا قارىدىم. «ئۆيدىكىلەرنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم» دېگەن خەت يېزىقلىق. ئۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ئايالىم ھېلىلا ئوغلىمىزدىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەك بالىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتتى. رەسىمگە چۈشمەكچى ئىدۇق، بايىقى كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ يالتايدۇق.7 ]: U0 y- R( H! u* F' p3 Q, Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نيۇيوركنىڭ مېترولىرى نەچچە قەۋەت ئىكەن. 2005- يىلدىكى تېرورلۇق تەھدىتىدىن كېيىن مېتوردا تېلېفون ئىشلىمەس قىلىپ قويۇپتۇ. بىز كۆرۈشمەكچى بولغان تەتقىقاتچى ئاكىمىز «تېپىشالمايمىز، بىردىنبىر ئامال 7- يول مېترو بېكىتىگە بارىدىغان باش بېكەتتە كۆرۈشۈش» دەپ قايتا- قايتا جېكىلىگەنىدى. شۇندىلا نېمشىقا شۇنداق دېگىنىنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدۇم.9 m! b: y" _! A' Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەنسىرىگىنىمىزنىڭ ئەكسىچە، 7- يول مېتروسىنىڭ باش بېكىتىگە ئوڭۇشلۇق بېرىۋالدۇق. ئۇيغۇر ئاكىمىز بىز بېرىپ 10 مىنۇتلاردىن كېيىن كەلدى. كۆڭۈل تونۇيدۇ دېگىنى شۇمىكىن، تۇنجى كۆرۈشكىنىمىزگە قارىماي ئۇ ئاكىمىز بىلەن شۇنچە جىق ئادەمنىڭ ئارىسىدا ئۇچرىشىپ تۇرۇپمۇ بىر- بىرىمىزنى تونۇپ كۈلۈمسىرەشتۇق. ئاكىمىز بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا تەتقىقاتچى ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلەيدىكەن.
) {3 u' b# L. u8 K" Oـــ جاپا تارتمىغانسىلەر،ـــ دەپ سورىدى ئاكىمىز كۈلۈمسىرەپ.& t C0 l& J& X6 W* S9 k: Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ـــ ياق، سىز قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرگەن يول خەرىتىسى ئوبدانلا ئەسقاتتى.
4 l/ U X' [7 N5 G ھەممە نەرسە پۇل بىلەن ئۆلچىنىدىغان، ھېچكىم ھېچكىمنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرمەيدىغان نيۇيورك شەھىرىدە ئۇيغۇر ئاكىنىڭ بىزنى كۈتۈۋالغىنى ۋە ئۆيىدە نەچچە كۈن قوندۇرماقچى بولۇشى ئادەمگە ھەم قېرىنداشلىق رىشتىسىنى ھېس قىلدۇراتتى ھەم يەڭگىللىك بېغىشلايتتى. بۇرۇن تونۇشمايدىغان ئىككى ئادەمنىڭ يات زېمىندا تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈپلا قىزغىن پاراڭلىشىپ كېتىشى ئېھتىمال ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى جامائەتچىلىك ئېڭى ۋە مەنسۇبىيەت تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن بولسا كېرەك.( A6 a: {) W$ q3 h: V) ]' l) xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نيۇيوركنىڭ مېترولىرى ئىسسىق، راھەت، قولايلىق ئىدى. كېۋېنىس رايونىغا بارىدىغان مېترودا يولبويى توختىماي پاراڭلىشىپ ماڭدۇق. ئەتراپىمىزدا ئۆز تىلىدا سۆزلىشىۋاتقانلار كۆپ بولغاچقا، بىزمۇ ئۇيغۇر تىلىدا پاراڭلىشىشتىن قىسىنىپ ئولتۇرمىدۇق. ئوڭ تەرىپىمدىن كورىيانچە، سول تەرىپىمدىن خەنزۇچە پاراڭ ئاڭلاندى.
* j# r6 C7 _, E- O- z7 ]6 K ئۇيغۇر ئاكىمىز قاشلىرى قويۇق، ئاۋازى جاراڭلىق چىقىدىغان خۇشخۇي، بەستلىك كىشى ئىدى. بۇ شەھەردە ياشاپ ئۆيلۈك- ئوچاقلىق بولغىنىغا 16يىل بوپتۇ. بىر ئوغلى، بىر قىزى بار ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ شەھەردە ئونغا يېقىن ئۇيغۇر ئائىلىسى بار ئىكەن. پاراڭ ئارىلىقىدا ئاكىمىز يەنە بۇ مېتروغا 100 يىلدىن ئاشقانلىقىنى، 24 سائەت قاتنايدىغانلىقىنى ئېيتىشقا ئۈلگۈردى. ئۆيى يوق مۇساپىرلارنىڭ ئىچىدە كېچىچە مېترودا تۈنەپ چىقىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ سەل ھەيران بولدۇم.
8 f5 B/ u5 E _ئاكىمىزنىڭ ئايالى بىزنى پولو ئېتىپ ساقلاپ تۇرغانىكەن. تاماقنى يەپ، قىزىق چاينى ئىچىپ ھارغىنلىقلىرىمىز ئوبدانلا بېسىقىپ قالدى. ئەكەلگەن سوۋغاتلىرىمىزنى قويدۇق. ئويۇنغا قانمايدىغان ئوغلۇم تۇنجى كۆرۈشكىنىگە قارىماي ئاكىمىزنىڭ باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان بالىسى بىلەن چىقىشپ كەتتى. ئاكىمىز بىلەن ئەتە ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزدېنت سايلىمى، نيۇيورك شەھىرى ئۇچرىغان شىۋىرغان ئاپىتى قاتارلىق تېمىلاردا خېلىغىچە پاراڭلىشىپ ۋاقچە ئۇخلاپ قالدۇق.3 G5 S( l# ^9 x. G7 _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(3)
7 }+ E6 K6 P" F+ ?/ _ـــ بۈگۈن ئامېرىكىدا سايلام كۈنى، ئەتىگەندە ئوغلۇم ئوقۇيدىغان باشلانغۇچ مەكتەپتە پىرېزدېنت سايلىمىغا بېلەت تاشلايمىز. مەن بىلەن بىللە بېرىپ كۆرۈپ باقامسىز؟ـــ دەپ قالدى ساھىبخان ئاكىمىز ئەتىگەنلىك ناشتىدا./ T8 ?$ c3 K( _; tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بالىلار قالدى. چاينى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن 10 مىنۇتتەك مېڭىپ سايلام بېلىتى تاشلىنىدىغان باشلانغۇچ مەكتەپكە كەلدۇق. زال ئىچىگە مېنى كىرگۈزگىلى قويماسمكىن دەپ ئويلاپ سىرتتا تۇرۇپ قالدىم. ئاكىمىز ئىچىگە كىرىپ كەتتى، ئەمما ھايال ئۆتمەيلا چىقىپ كىرسەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە مېنى زال ئىچىگە باشلاپ كىردى.; {- K( L* s) j" Q: A% G5 Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ پىرېزدېنتىنى قانداق سايلايدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. سايلام كۈنىدىن بۇرۇن بېلەت تاشلاشقا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تىزىلمىغان ھەر بىر پۇقرا نۆۋەت بويىچە بېرىپ، ئايرىم– ئايرىم قويۇلغان شىرەلەردە بېلەت تاشلايدىكەن؛ ھېچكىم ھېچكىمگە كۆرسەتمە بەرمەيدىكەن. كىمنىڭ كىمگە ئاۋاز بېرىشى ئۈچۈن خاس ھوقۇق دەپ قارالغىنى ئۈچۈنمۇ، سايلام جەدۋىلىنى تولدۇرىدىغان شىرەلەرنىڭ ئەتراپى ھەر بىر ئادەمنىڭ بېشى پاتقۇدەك، يېنىدىكى ئادەم نېمە يېزىۋاتقانلىقىنى كۆرەلمىگۈدەك دەرىجىدە توسۇۋېتىلگەنىدى.3 d4 _& X: N; Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
زال ئىچىنى ئون مىنۇت ئەتراپىدا كۆزىتىپ تۇردۇم. ھېچكىم مېنى «نيۇيوركلىق ئەمەسكەنسەن، ئامېرىكا پۇقراسى ئەمەسكەنسەن» دەپ قوغلىمىدى. ئاتلانتىك ئوكيانغا بىر كېلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ بىناسىنىڭ سىرتىدا خاتىرە رەسىمىگە چۈشكەچ ئاكىمىزدىن سورىدۇم:
1 w: r- i8 T( G4 g* y, j9 tـــ كىمگە بېلەت تاشلىدىڭىز؟ h" s5 v& P* j1 L- Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ـــ ئوباماغا،ـــ دېدى ئاكىمىز،ـــ رومنىينىڭ بەچچىۋازلارنى چەكلەش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلىرى ماڭا ياقىدۇ. ئەمما مەن يەنىلا ئوبامانى ياقتۇرىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۆپرەك ۋاقىت كېرەك.6 y& r# T7 ?% T9 Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ـــ بۇرۇن ئۇنىڭ نۇتۇقلىرىغا قىزىقاتتىم،ـــ دېدىم مەن جاۋابەن،ـــ ئۈچ يىل بولدى، ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىرىگە، نېمە قىلغانلىقىغا قىزىقماس بولۇپ قالدىم. ئوبامانىڭ دەۋاتقانلىرى ساپلا يالغانچىلىقتەك بىلىنىدۇ. بىر ئاقىل: «سىياسىئونلارنىڭ ئالدىدىكى داستىخاندىن بوۋاقلارنىڭ زاكىسى پاكىزراق بولىدۇ» دېگەنىكەن. مۇشۇ كۈنلەردە بۇ گەپنىڭ راستلىقىغا چىنپتۈتۈپ قېلىۋاتىمەن.
: ~: Q/ k1 @# a' p0 V! d9 ?كېچىچە قار ياغقان بولغاچقا، دەل- دەرەخلەرنىڭ ئۈستىنى قېلىن قار قاپلىغانىدى. ئارىلاپ-ئارىلاپ دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدىن قار دانچىلىرى توكۇرلاپ چۈشەتتى. بىر دەرەخنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىمدا بوينۇمغا قار دانچىلىرى چۈشۈپ ئىچىمنى ھۆل قىلىۋەتتى.: a) k% b2 M# z% Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۆيگە قايتىش ئارلىقىدا ئاكىمىز بۈگۈن بىكار ئىكەنلىكىنى، مېنى نيۇيوركنىڭ ساياھەت رايونلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئويىنىڭ بارلىقنى بىلدۈردى. رەھمەت ئېيتتىم. نيۇيوركتا 80 ياشقا كىرگەن بىر ئۇيغۇر بوۋايمۇ بارئىكەن. ئەتە كەچتە بېرىپ كۆرۈشىدىغان بولدۇق. شۇنداق قىلىپ، ئەتىگەن سائەت 10 دا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېكىتىگە چۈشكەنچە جىددىي، ئەمما مەنىلىك ساياھەتنى باشلىۋەتتۇق. ئېھتىمال ئاكىمىز يول باشلىمىغان بولسا، ساياھىتىمىز ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمىغان بولار ئىدى. بۇ يەردە ھەر بىر ساياھەت ئورنىنى بىرمۇبىر يېزىپ ئولتۇرۇش ئارتۇقچە، يازمىنى ئاقما ھېساباتقا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا ساياھەت رايونلىرى بىلەن تېلېگراممىلىق ئۇچۇر شەكلىدە تونۇشۇپ چىقساقلا كۇپايە.* F9 P0 m) V$ f, j# b" a# n' kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق، ئەڭ مۇنەۋۋەر، ئەڭ كونا ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى. تۆۋەنكى مانخاتتان رايونىغا جايلاشقان بۇ ئۇنىۋېرسىتېت ئامېرىكىدىكى دوستلۇق ئورناتقان داڭلىق ئونچە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرى بولۇپ، تىبابەت، ئاخباراتشۇناسلىق، قانۇن ئىنىستىتۇتلىرى دۇنياغا داڭلىق. پۇلتزىر مۇكاپاتى مۇشۇ يەردە تارقىتىلىدۇ، ھازىرغىچە بۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلاردىن 50 تىن ئارتۇق كىشى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. دۇنياغا داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىمى ئىساك ئاسىمۋو، «قارانچۇق» ناملىق داڭلىق روماننىڭ ئاپتورى (ئۇيغۇرچىغا مەريەم مەمتىمىن تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان) سەيلىنگىر مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان. تۈرك يازغۇچىسى ئورخان پامۇك 2000- يىللارنىڭ بېشىدا بۇ مەكتەپنىڭ ئىنگلىز تىلى ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدا بىر زىيارەتتىكى ئىلىمگەر بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا فاكۇلتېتىدا 1990- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئېچىلغان.
% s" f& B+ j9 X/ b2 Q نيۇيوركتا بىز ساياھەت قىلغان ئىككىنچى ئورۇن ۋول سىترت كوچىسى. ۋول سترت كوچىسى دېگەن نام تارىختا ئىندىئانلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا جەڭگاھنى ئايرىپ تۇرۇش ئۈچۈن سېلىنغان بولۇپ، ھازىر بۇ يەر دۇنيا كاپىتالىزم سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەركەز بولۇپ قالدى. بۇ يەرنىڭ نامى بېرىلگەن «ۋول سترت ژۇرنىلى» دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق پۇل- مۇئامىلە ژۇرنىلىدۇر. ۋول سترت كوچىسىنىڭ نېرىسىدا فىدراتسىيە دۆلەتلىك خاتىرە سارىيى بار، ئۇ يەرگە ئامېرىكىنىڭ تۇنجى پىرېزدېنتى ۋاشىنگتوننىڭ مىس ھەيكىلى ئورنىتىلغان. ۋول سترت كوچىسىنىڭ ئۇ چېتىدە ئۈچ تۇتاش چېركاۋ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. 1846- يىلى سېلىنغان بۇ چېركاۋ بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ چېركاۋلارنىڭ بىرى. كوچىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە دۇنيا پۇل- مۇئامىلە مەركىزى دەپ قارىلىدىغان نيۇيورك ئاكسىيە ئالماشتۇرۇش مەركىزى بار. بۇ 17قەۋەتلىك بىنا بولۇپ، 1903- يىلى سېلىنغان. ۋول سترت كوچىسىدا دۇنيا كاپىتالىزمىنىڭ سىمۋولى ھېسابلانغان بۇقىنىڭ مىس ھەيكىلى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. مەن ساياھەتچىلەرنىڭ بۇقىنىڭ يېلىنىغا تەقلىد قىلىنپ بۆرتۈپ چىقىرىلغان ئاستا تەرىپىنى سىيلاپ رەسىمگە چۈشۈۋاتقىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.
; |1 [$ D: \; M+ f, j. x% Uـــ ساياھەتچىلەر نېمىشقا بۇقىنىڭ يېلىنىنى سىيلاپ رەسىمگە چۈشىدۇ، بىلەمسىز؟ـــ دەپ سورىدى ئۇيغۇر ئاكا.! [" c5 m6 k. ~( pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ـــ ياق، بىلمەيدىكەنمەن،ـــ دېدىم .' j* `0 Y6 |) Y% c- T' Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ـــ نۇرغۇن كارخانىچىلار بۇقىنىڭ يېلىنىنى سىيلىساق سودىمىز يۈرۈشىدۇ دەپ ئىشىنىدىكەن،ـــ دېدى ئۇ.
' `2 d1 A! F+ C* _1 x6 i7 _ـــ بۇمۇ زامانىۋى خۇراپاتلىقنىڭ بىر ئالامىتى ئىكەن،ـــ دېدىم بۇقىنىڭ ھەيكىلى ئالدىدا ئۆچرەتتە تۇرغان كىشىلەرگە قارىغاچ.
$ K0 f- L/ F- B6 g' F ئاندىن ئىمپېرىيە بىناسى، دەۋر مەيدانى، روكفېللېر مەركىزىنى ئايلاندۇق. ئىمپېرىيە بىناسى 2001- يىلىدىكى 11ـــ سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن نيۇيوركتىكى ئەڭ ئېگىز بىنا بولۇپ قالغان. 1931- يىلى سېلىنغان، جەمئىي 103 قەۋەت. كېچىچە يېنىپ تۇرىدۇ. زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، بالىغا 13 دوللار، چوڭلارغا 17 دوللار ئالىدىكەن. 86 ـــ قەۋەت بىلەن 103ـــ قەۋەت ئارىلىقىدىن شەھەرنىڭ ئەڭ چىرايلىق يەرلىرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. 73 لىفىت مەخسۇس مۇشۇ بىنا ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن. دەۋر مەيدانى يىراق ئەمەس بولۇپ، شەھەردىكى ئەڭ چوڭ ھەم قايناق بازار ھېسابلىنىدىكەن. 1899- يىلىدىن بۇيان بۇ جاي شەھەرنىڭ تىياتىر مەركىزى بولۇپ قاپتۇ. ئانچە يىراق بولمىغان ئارىلىقتا روكفېللېر مەركىزى كۆزگە تاشلىنىدۇ. شەھەر ئىچىدىكى شەھەر دەپ نام ئالغان بۇ جايغا داڭلىق باي روكفېللېر مەبلەغ سالغان بولۇپ، يېمەك- ئىچمەك، سوداـــ سېتىق، باغچا بىر گەۋدە قىلىنغان سودا مەركىزى ئىكەن. 1931- يىلى پۈتكەن بۇ جاينىڭ كۆلىمى 12 گېكتار كېلىدىكەن. چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەر بىلەن نۆليەر دەپ نام بېرىلگەن 11ـــ سىنتەبىر خاتىرە رايونىغا يېتىپ كەلدۇق. خاتىرە رايونىدىكى قوشماق بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن يەردە قوشماق كۆلچەك ئورنىتىلغان. كۆلچەككە قوشماق بىنا ۋەقەسىدە قازا تاپقان 2983 كىشىنىڭ ئىسىمى ئويۇلغان ھەم «يوقلۇق ھەققىدىكى ئويلىنىش» دەم نام بېرىلگەن. ئۇ يەردىن يېنىپ پاراخوت ئارقىلىق ئەركىنلىك ھەيكىلىنى كۆرگىلى باردۇق. ئەركىنلىك ھەيكىلى بىر قولى يوق ۋىناسنىڭ ھەيكىلى بولۇپ، ئۇنىڭدا ۋىناس قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ ھەيكەل نيۇيورك شەھرىنىڭ سىمۋولى. ئۇ 1886- يىلى ئامېرىكىنىڭ شۇ چاغدىكى پىرېزدېنتى تەرىپىدىن «ئەركىنلىك ھەيكىلى» دەپ نام بېرىلىپ سىرىتقا ئېچىۋېتىلگەندىن بېرى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ كەلمەكتە. ھەيكەلنىڭ بىر قولىدا مەشئەل، يەنە بىر قولىدا 1774- يىلى يېزىلغان بىر كىتاب تۇتۇلغان. ئۇنىڭ باش كىيىمىدىكى نۇر يەتتە قىتئەگە ۋە يەتتە دېڭىز- ئوكيانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ خاتىرە سارىيى 2001- يىلىدىكى 11ـــ سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئېتلىپ 2009- يىلى قايتا ئېچىۋېتىلگەن. كىرىش بېلىتى ئۈچۈن چوڭلارغا 10 دوللار، بالىلارغا 5 دوللار ئالىدىكەن. بىر بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، پاراخوت ئارقىلىق بارىدىكەنمىز.$ w5 h: ? Z; ~; Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دەۋر مەيدانىدىن ئىمپېرىيە بىناسىغا كېتىۋاتاتتۇق. مەن تەتقىقاتچى ئاكىمىز بىلەن پاراڭلاشقاچ ئالدىدا كېتىۋاتاتتىم، ئايالىم بالامنىڭ قولىدىن يېتىلەپ ئارقامدىن كېلەتتى.
) M$ { t: h( A& m" Xـــ دادا،دادا، قاراڭ،ـــ دەپ چاقىردى بىر چاغدا بالام،ـــ بۇلار ئۆيى يوق كىشىلەرمۇ؟ نېمىشقا تالادا ياتىدۇ؟4 N8 g+ N+ }. o. F3 Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قارىسام، بالام يولنىڭ سول تەرىپىدە ۋاقىتلىق چىدىر تىكىپ، يوتقان- كۆرپىلىرىنى سېلىپ ياتقان بىر توپ ئادەمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. مەن بايا قىزغىن پاراڭ بىلەن بولۇپ بۇ كۆرۈنۈشلەرگە دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن.
, J2 {/ j+ w& r1 q4 e9 k$ o. c, lبىر يوتقاندا بىر ئايال بىلەن بىر ئەر قۇچاقلىشىپ ياتىدۇ. نېرىدا كاۋكاز چىراي بىر كىشى كارتون قەغىزىگە يېزىلغان «ئاچ قالدىم، شەپقىتىڭىزگە مۇھتاجمەن» دېگەن خەت يېزىلغان تاختىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇقىدىن سەنئەت ھەۋەسكارىدەك كۆرۈنىدىغان بىر قارا تەنلىك يىگىت گىتارىنى تىرىڭشىتىپ ئولتۇرۇپتۇ. بۇلارنىڭ كەينىدىلا كىشىلەر دەم ئالىدىغان مىكرو باغچا، مىكرو باغچىنىڭ ئەتراپى ھەيۋەتلىك ئاسمانـــپەلەك بىنالار بىلەن قورشالغان. كوچىنىڭ سۆلىتى ۋە سۈرلۈك بىنالار بايىقى ماكانسىز كىشىلەر توپىسى بىلەن روشەن سېلشتۇرما ھاسىل قىلغان. يېنىمدىن ئازراق پارچە پۇل چىقىرىپ ئوغلۇمغا بەردىم ۋە «ئاچ قالدىم» دەپ خەت يېزىۋالغان كىشىگە ئاپىرىپ بېرىشنى تاپىلىدىم. بالام سەل قورۇنۇپراق بېرىپ، كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ئۇ كىشىنىڭ ئالدىدىكى قاچىغا پۇلنى سالدى- دە، ھېلىلا بىرسى تۇتۇۋالغاندەك ئەلپازدا يۈگۈرگىنىچە كېلىپ ئانىسىنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى. يېنىمدىكى تەتقىقاتچى ئاكىمىزمۇ، مەنمۇ كۈلۈپ كەتتىم.
. N5 D: @; R2 ^8 Vــــــ بۇنداق ماكانسىز كىشىلەر توپى خېلى كۆپمۇ؟ـــ دەپ سورىدىم يېنىمدا قاتارلىشىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكىمىزدىن.3 l& E" {& a# B( T" m1 `4 Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ـــ خېلى بار. بولۇپمۇ يېقىنقى ئىقتسادىي كرىزسىتىن كېيىن ئىشسىزلار، ماكانسىزلار كۆپىيىپ قالدى.
; D: E P; ]5 o; \1 D8 Qبەلكىم ئېسىڭىزدە بولسا كېرەك،ـــ دېدىم مەن،ــ 2012- يىلى يىلى دۇنيا ئايپېك يىغىنى (ئاسىياـــ تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنى) ئېچىلىش ھارپىسىدا ئامېرىكا مىقياسىدا «بىز % 99 كىشى نامراتلىق» شوئارى ئاستىدا قوزغالغان نارازىلىق نامايىشلىرىنى تېلېۋىزوردىن كۆرگەنىدىم. ۋول سىترت كوچىسىدا كاپىتالىزمنىڭ ئېزىشىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان نامايىشلار كۆپ بولدى. ئۇ ئىشلارنى كۆرۈپ خېلى جىق ئىشلارنى ئويلىغانىدىم. ئەلۋەتتە نامرات، ماكانسىز ئادەم ھەممە شەھەردە بار. ھونولۇلۇدىمۇ تېخىمۇ كۆپ. نېمشقىكىن، ئامېرىكا كوچىلىرىدا مۇشۇنداق ماكانسىز، ئىشسىز كىشىلەر توپىنى كۆرسەم يۈرىكىم ئېچىشىدۇ. گويا ئامېرىكا زېمىنىدا تىلەمچىلەر، ماكانسىزلار بولماسلىققا تېگىشلىكتەك.
+ U5 |1 |7 j- I; O7 O9 E! `يېنىمدىكى تەتقىقاتچى ئاكىمىز كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى:# V I1 F3 I' I; Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ـــ ئامېرىكا دۇنيا بويىچە باي- كەمبغەللىك پەرقى ئەڭ چوڭ شەھەر. نيۇيورك ئەمەلىيەتتە بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلغان شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئەمما، سىز ئېيتقاندەك نامراتلارمۇ كۆپ. رەھىمسىز يەرلىرىمۇ كۆپ.! @4 h3 M4 w/ i0 [- E/ N2 fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ـــ مۇشۇنداق رەھىمسىز ۋە رىقابەت كەسكىن بىر شەھەردە ئۆي ئېلىپ، ئۇنىۋېرسىتېتتا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىيەلىگىنىڭىزنىڭ ئۆزى بىر غەلبە. بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىغا زور ئىلھام بولىدۇ.3 g- ] n8 r* D0 _- C1 i0 U; E- Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاكىمىزغا تېلېفون كېلىپ قالدى. بايىقى مەنزىرە مېنى خىياللار قاينىمىغا غەرق قىلدى. ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك 1ـــ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز، بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى مەرھۇم ئابدۇقادىر ھەسەن مۇئەللىم مۇپاسساننىڭ «مارجان» ھېكايىسىنى، بالزاكنىڭ «يېۋگېنى گراندې» ناملىق رومانىدىن پارچە ئېلىپ بېرىلگەن «خەسىس» نى قىزغىنلىق بىلەن ئۆتكەنىدى ۋە شۇ ۋاقىتتىكى قېلىپلاشقان ئوقۇتۇش ئەندىزىسى بويىچە ئەسەرلەرنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسىنى، بەدىئىي ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۈرۈپ كېلىپ: «كاپىتالىزمنىڭ رەزىل ئەپتى- بەشىرىسىنى ئېچىپ بەرگەن، كاپىتالىستىك تۈزۈمنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى پاش قىلغان ئەسەر» دېگەنىدى. شۇ يىللاردا مەيلى سىياسىي ئىقتىساد دەرسىدە بولسۇن، مەيلى ئەدەبىيات دەرسىدە بولسۇن، كاپىتالىزم تەنقىدلىنىدىغان، سۆكۈلىدىغان تېكستلەر ئۇچراپ تۇراتتى. ئەمەلىيەتتە 1989ـــ، 1990- يىللىرىغا توغرا كېلىدىغان ئۇ چاغلار دېڭ شياۋپىڭنىڭ جەنۇپتىكى ئۆلكىلەردە ئىقتسادىي تەرەققىيات رايونى بەرپا قىلىش پىلانى ئەمەلىيلىشىۋاتقان، جۇڭگودا كاپىتالىزم تۈزۈمى سوتىسىيالىزم رامكىسى ئاستىدا سىناق قىلۋاتقان چاغلار ئىدى.; u6 _ m2 N1 R. ]; I+ T. kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھېلىمۇ ئېسىمدە، 1989- يىلى سىياسىي ئىقتىساد دەرسىدىكى بىر ئىمتىھاندا «سوتسىيالىزم كاپىتالىزمنىڭ گۆركارى» دېگەن تېمىدا بىر مۇھاكىمە سوئالىغا جاۋاب بەرگەنىدىم. مەن شۇ چاغدا جۇڭگونىڭ قوشنىسى بولغان سابىق سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ ماركس، لېنىن كۆرستىپ بەرگەن يول ماس كەلمەي غۇلاپ چۈشكىنىنى بىلمەيتتىم. ئەمدى ئويلىسام ، قانداق چۇقانلارنىڭ سېلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، دۇنيا مىقياسىدا بىر دۆلەتنى گۈللىنىشكە ئېلىپ بارىدىغان ئىقتسادىي سىستېمىلاردىن كاپىتالىزمنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان يەنە بىر سىستېما بايقالماپتۇ. قانچلىك تەنقىدلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، كاپىتالىزم ئۆز مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئۇلىنى پۇختا سېلىپ، دۇنيا مىقياسىدا ئومۇملىشىپ، سوتسيىالىستىك تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرنىڭ جەمئىيەت سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋېتىپتۇ. ئەمما، بىر مۇنچە دۆلەت، نەچچە مىليونلىغان كىشى كاپىتالىزىمنى تىللاپ ياكى تىللاشقا تەشكىللىنىپ ۋاقتىنى ئسىراپ قىلىپتۇ. بۇ 20ـــ ئەسىر تارىخىدىكى بىر قارا يۇمۇر بولسا كېرەك.
+ X: W2 u3 n7 ^دەرۋەقە، مانا بايا كۆرگىنىمدەك كاپىتالىزىم تۈزۈمىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى ئۆزى بىلەن بىللە. بىر چوڭ كارخانىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە كېڭىيىشى سانسىزلىغان كىچىك كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇشى، نەچچە مىڭلاپ ئىشچىلارنىڭ ئىشسىز قېلىشى بەدىلىگە بارلىققا كېلىدۇ. كاپىتال كۈرىشى ئاز ساندىكى بايلارنىڭ كۆپ ساندىكى نامراتلارنىڭ ئەمگىكىنى ئېكسىپالاتسىيە قىلىشى بىلەن داۋاملىشىدۇ. بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك دۇنيا ئىقتسادى داۋالغۇش تۇرۇۋاتقان، يەر شارى مىقياسىدا بىر خىل ئېنىقسىزلىق كۈچىنى كۆرسىتىپ تۇرۇۋاتقان بىر دەۋردە كاپىتالىزمنىڭ مەسلىلىرى مانا مەن دەپ ئاشكارىلىنىۋاتىدۇ. ئادەم سىمىس «دۆلەتلەرنىڭ بايلىقى» ناملىق كىتابىدا كاپىتالىستىك تۈزۈمنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىنى ئەڭ بۇرۇن سالغان كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى. كېيىن كارل ماركس ئۆزىنىڭ «سىياسىي ئىقتسادقا تەنقىد»، «كاپىتال» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئادەم سىمىسنى تەنقىدلىدى، كاپىتالىزم تۈزۈمى پەيدا قىلىدىغان مەسىلىلەرنى يورۇتۇپ بەردى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ نېمىشقا كاپىتالىستىك تۈزۈمنىڭ ئورنىنى ئالىدىغانلىقى، ئىنسانىيەتنىڭ كوممۇنىزمغا قانداق يېتىدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ خىل قاراش 20ـــ ئەسىردە كۈچىنى كۆرسىتىپ رۇسىيە، جۇڭگو، ۋېيتنام، چاۋشيەن، كۇبا، پولشا، چېخ سىلوۋاكىيە، رۇمىنيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زور ئىنقىلابلارنىڭ، ئاندىن سوتسىيالىزم تۈزۈمدىكى دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولدى. 1989- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى، بېرلىن تېمىنىڭ ئۆرۈلۈشى بىلەن يۇقىرىدا ئىسىمى تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەردىن جۇڭگو، چاۋشيەن، ۋېيتنامدىن باشقا دۆلەتلەر بۇ خىل تۈزۈمدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىدى.: ^/ C! Q& i% h; ]6 r: gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دۇنيا ئىقتسادىي سىستېمىسىدا ھازىرمۇ كاپىتالىستىك تۈزۈم يېتەكچى ئورۇندا. ئامېرىكىچە كاپىتالىزىم دۇنيا مىقياسىدا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. يەر شارىلىشىش ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىچە كاپىتالىزمنىڭ يەر شارىلىشىشى بولۇپ قالدى. تاراتقۇلار ۋە كۆرگۈ مەدەنىيىتى بۇ جەرياننى ئىلگىرى سۈردى. مەن ئاشۇ تاراتقۇلارنىڭ ياردىمىدە، 2012- يىلى سىنتەبىر ئايلىرىدىن باشلاپ ۋول سترىت كوچىسىدىن پۈتۈن ئامېرىكا تەۋەلىكىگە كېڭەيگەن كاپىتالسىتلارغا قارشى نامايىشلارغا يېقىندىن دىققەت قىلدىم. ئۇ چاغلا مېنىڭ مەدەنىيەت جەمئىيەتشۇناسلىقىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولغان ئىقتىساد بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئويلىنىۋاتقان ۋاقتىم بولغاچقا، بۇ نامايىشلارنى كۆزەتتىم، تەھلىل قىلدىم. شۇ ئارىلىقتا ھازىر غەربتە تەسىرى كۈچلۈك ماركىسىزمچى مۇتەپەككۇر، مانچىستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داڭلىق پروفېسسورى تېررى ئىگلتوننىڭ2011- يىلى يېڭىدىن نەشردىن چىققان «نېمشىقا ماركس ھېلىھەم توغرا» دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇپ قالدىم.ئەسەردە 2008- يىلدىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقان ئىقتسادىي كرىزسنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتى تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، ماركسنىڭ نەقەدەر ئالدىن كۆرەر مۇتەپەككۇر ئىكەنلىكى، ھازىرقى دۇنيا ئىقتسادىي مەسىلىلىرىنى يەنىلا ماركسنىڭ «كاپىتال» ناملىق ئەسىرىدە كۆرسىتىپ ئۆتكەن پىكىر رامكىسى بويىچە كۆزىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. ئاپتورنىڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ۋە نەزەرىيىۋى سەۋيىسىگە گەپ كەتمەيتتى. ئەمما، بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە، غەرب ماركىسىزمى (شەرقچە ماركسىزمدىن پەرقلىنىدۇ) نىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن مەيلى تېررى ئىگلتون بولسۇن، مەيلى فرېدېرىخ جەمسون بولسۇن، مەيلى رچارد رايت بولسۇن، كاپىتالىزمنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان يەنە بىر ئىقتسادىي سىستېمىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىدى.: i. N% |: j- W8 G, _; C3 t( Y' g" Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بايا ماڭا ئۇچرىغان ماكانسىز كىشىلەر كاپىتالىزمنى قاراـــ قويۇق كۆككە كۆتۈرگۈچىلەر ئۈچۈن ھەم ئامېرىكىنى جەننەتتەك تەسەۋۋۇر قىلىدىغانلار ئۈچۈن بىر سوئال بەلگىسى تاشلايدۇ. ئۆزۈم ئاددىي دېتاللارنىڭ كەينىدىكى ماھىيەتنى بايقاشقا ھېرىسمەن بولغىنىم ئۈچۈن، دىققىتىمنى تارتقان بايىقى مەسىلىدە ئويلىنىشتىن خالىي بولالمىدىم. يېنىمدىكى تەتقىقاتچى ئاكىمىزنىڭ كەسپى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولمىغاچقا، بۇ ھەقتە ئويلىنىپ كەتمەسلىكىنى چۈشىنىشكە بولاتتى. ئەمما، نېمىشقىكىن مەن كوچىدا يوتقاندا قۇچاقلىشىپ ياتقان ھېلىقى بىر جۈپ ئەرـــ ئايال، تىلەمچىلىك قىلۋاتقان ھېلىقى ئەرنى كوچىدا كېتىۋېتىپ خېلىغىچە ئېسىمدىن چىقىرالمىدىم.$ f _# G* Q7 M' B2 Y/ A# [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ـــ دادا، قورسىقىم ئاچتى،ـــ دېدى ئوغلۇم., W3 \( |# O/ m' a; v9 }( Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ـــ ئالدىمىزدا يۆتكەلمە دۇكانلاردا تەييار يېمەكلىك ساتىدۇ، بىر ئاز ماڭساق بارىمىز،ـــ دېدى ئۇيغۇر ئاكىمىز.
% o# l5 N0 E. rدېگەندەك ھايال ئۆتمەي بىر تۆت كوچا ئېغىزىدا ھارۋا شەكلىدە لايىھەلەنگەن يۆتكەلمە دۇكاننى كۆردۇق. دۇكاننىڭ بىر تەرپىگە ھالال دېگەن بەلگە ئسلغانىدى.
! B1 @7 s5 v8 u" ^' Z+ \1 hـــ ھەممە يېمەكلىكلەر ھالالمۇ،ـــ دەپ سورىدىم مەن.& W2 ^6 b$ L8 C U9 ~/ bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ـــ ماۋۇ يېمەكلىكلەر ھالال،ـــ دېدى دۇكان ئىگىسى تونۇردا پىشۇرۇلغان گۆشلەرنى كۆرستىپـــ قوي گۆشى كاۋىپى. ئەمما بۇلار ھالال ئەمەس،ـــ ئۇ ئارسىغا گۆش قېتىلغان ساندىۋچلارنى، زىققا ئېلىنغان قىزغۇچ گۆشلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ قوشۇپ قويدى.
; e! Z: L6 F# k. Oئۇنىڭ كېيىنكى گېپى مېنى ھەيران قالدۇردى. دېمەك، ئۇنىڭ ھارۋىسىدا ھالال يېمەكلىكلەر بىلەن ھالال بولمىغان يېمەكلىكلەر بىر يەردە سېتىلىدىكەن. «ئۇنداقتا نېمىشقا ھالال دېگەن بەلگە ئېسىلىدىكىنا؟» دەپ ئويلىدىم مەن.
% X7 V1 T" j! \ـــ بولدى، ئالمايلى- دېدىم ئايالىمغا،ـــ ئازراق چىداپ بىر قەھۋەخانىنى تېپىپ، بالىغا باناندەك بىر نەرسە ئېلىپ بېرەيلى ،ـــ دېدىم ئايالىمغا./ J1 Q8 h# s0 w" ?1 e' S. ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دېگەندەك ئۇزاققا قالماي دۇنيا مىقياسىدا ئومۇملىشىۋاتقان ستارباكىس قەھۋەخانىسى ئۇچرىدى. مەن بۇ قەھۋەخانىنىڭ لاتېماركىسىدىكى سۈتلۈك قەھۋەسىگە ئامراق ئىدىم. ئىچىگە كىرىپ مېۋەـــ چىۋە بىلەن قەھۋە ئىچتۇق. ئوغلۇم مەخسۇس گۆش يېمەيدىغانلار ئۈچۈن پىشۇرۇلغان، ئىچىگە ھېچقانداق ھايۋانات مېيى قېتىلمىغان بولكىنى يەپ غەلۋە قىلشتىن توختىدى.
. g5 \$ M$ _0 M$ ^ئەسلى نيۇيورك شەھرىدىكى لىنكولىن خاتىرە سارىيىنى، شەھەرلىك زامانىۋى سەنئەت گالېرىيىسىنى ئايلىنىش پىلانىمىز بار ئىدى، ۋاقىت يەتمىدى. قەھۋەخانىدىن چىقساق، ئاللىبۇرۇن قاش قارىيىپ كوچا چىراغلىرى يېنىپ كېتىپتۇ. كوچا چىراغلىرىنىڭ جۇلاسىدا ھەيۋەتلىك بىنالاردىكى تەشۋىقات رەسىملىرى ئاجايىپ رەڭدار كۆرۈنەتتى. ھەممە يەردە رەڭدار ئىماگ، سىمۋول كۈچىنى كۆرستىپ تۇراتتى. ئەنئەنىۋىي جەمئىيەتلەردە پەقەت بىر يەرگە كەلمەيدىغان بەلگىلەر ئۇستىلىق بىلەن بىرىككەنىدى .ئالدىڭىزدىن ھېلى قۇلىقىغا ھالقا ئۆتكۈزۈۋالغان ھەمجىنىس ئەرلەر، ھېلى ئۆلچەملىك ئورۇنغان مۇسۇلمان قىزلىرى، ھېلى شەرقىي ئاسىيالىق، جەنۇبىي ئاسىيالىق كۆچمەنلەر ئۇچراپ تۇراتتى.
7 ^5 Y$ z. a' |0 y1 y3 |) U, T0 W$ vيولدا كېتىۋاتاتتىم. بىر چاغدا ئو يېنىمدىن، سول تەرىپىمدىن ئىسپان تىلى ئاڭلاندى. بۇ شەھەردە بۇ خىلدىكى چوڭ تىللارنى بىلگەن كىشىلەر ئىنگلىز تىلىنى بىلمىسىمۇ جان بېقىپ كېتەلەيدىغاندەك قىلدى. بىر يەردە نيۇيوركلىقلار ئەدەبىي ژۇرنىلىنىڭ ئېلانىنى كۆرۈپ كىچىكىمدىن سۆيۈپ ئوقۇغان، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئانا ژۇرنال ھېسابلىنىدىغان تارىم ژۇرنىلى ئېسىمگە كەلدى. شۇ تاپتىكى ھېسسىياتىمدا كېيىنكى مودېرنىزملىق تۇرمۇشنىڭ ئېلېمېنتلىرى ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتاتتى: نيۇيورك شەھىرىدە تۇرۇۋېتىپ ئۇيغۇرنى خىيال قىلاتتىم؛ شەھەر كوچىلىرىنىڭ بىر يەرلىرىنى ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات يەرلىرىدىن جۇڭسەن يولىغا، داشىزىغا سېلىشتۇراتتىم. ستارباكىس قەھۋەخانىسىدا يەيدىغان بىر نەرسە تاپالمىغاندا، يەنئەن يولىدا سېتىلىدىغان توقاچلار ئېسىمگە كېلەتتى. بىر يىل بۇرۇن دەۋر مەيدانىدىكى چوڭ ئېكرانغا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئېلانىدا بىر ئۇيغۇر ئانىنىڭ رەسىمى چىقىپتۇ، دەپ ئاڭلىغانىدىم. شۇ ئەتراپنى ئايلىنىۋاتقان چاغدا بىر ھازا ئېكرانغا سىنچىلاپ قارىدىم. بۇنداق كۆرۈنۈش باردىكىدەك ئەمەس.; k e- i6 @- |9 G" s$ _$ O$ l% Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۈگۈن نيۇيوركنى ئايلىنىش جەريانىدا جەمىئيەتشۇناسلىق نەزەرىيىسىدە، مەدەنىيەتشۇناسلىق ئىلمىدە مۇلاھىزە قىلىنىدىغان كېيىنكى مودېرنىزملىق تۇرمۇش شەكلىگە خاس ئېلېمنتلارغا ۋە شەھەردە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقان ئىستېمال مەدەنىيىتى ئىپادىلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلدىم. بىزنىڭ يېڭى ئۇچۇرغا ھېرىسمەن ئوقۇرمەنلىرىمىز ئېھتىمال كېيىنكى مودرنىزىم،ئسىتېمال مەدەنىيتى ھەققىدىكى گەپ- سۆزلەرنى ئاڭلىغان بولسىمۇ بۇنىڭ قانداق ھادىسە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئويلاشقا ئۈلگۈرمىگەن بولۇشى ئېھتىمال.شۇڭا بۇ ھەقتە ئازراق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ئارتۇقچە ئىش ھېسابلانمىسا كېرەك. نيۇيورك شەھىرى دۇنيانىڭ سودا، پۇلـــمۇئامىلە مەركىزى بولغىنى ھەم خەلقئارالىق مودا مەركىزى بولغىنى ئۈچۈن يۇقىرىقى تۇرمۇش ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ھەممىسى تېپىلاتتى. ھازىرغىچە ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدە، كېيىنكى مودېرنىزملىق جەمئىيتى ۋە ئىستېمال مەدەنىيىتى ھەققىدە نۇرغۇن مۇتەپەككۇرلار ھەر خىل نۇقتىدىن چىقىپ پىكىر يۈرگۈزدى. جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ، مەدەنىيەت تەنقىدچىلىرىنىڭ قارىشىچە، كېيىنكى مودېرنىزم دەۋرى مودېرنىزم دەۋرىگە نىسبەتەن ئېيتىلغان بولۇپ، بۈگۈنكى زاماندىكى تەرەققىي تاپقان جەمئىيەتلەر يېتىپ بارغان ئىجتىمائىي مەنزىلنى كۆرسىتىدۇ. كېيىنكى مودېرنىزم دەۋرىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى مۇنداق يىغىنچاقلاش مۇمكىن:" `6 o, k- ^8 \% b# |' m `; uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(1) مودېرنىزم جەمىئىيىتىدە سانائەتلىشىش ۋە كاپىتالىستىك سىستېما ئۆزى بىلەن تەڭ مۇئەييەن ئىجتىمائىي قاتلامنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. كېيىنكى مودېرنىزم دەۋرىدە ماركىسنىڭ كاپىتالىزمنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ھەققىدىكى ھۆكۈملىرىنىڭ ئەكسىچە، سىنپ مەسلىسى ئۇنچە مۇھىم مەسىلە بولماي قالىدۇ. جەمئىيەت قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇرەككەپ، قاتلاملىق تۈس ئالىدۇ ۋە پەرقلىق مەدەنىيەتلەرنى سىغدۇرۇپ كېتىدۇ.
, B; X8 G5 ~6 q4 O# r, [) W(2) يەر شارىلاشقان كاپىتالىزىم مەدەنىيتىنىڭ تەسىرى كۈچىيىپ ماڭىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئېستېتىك تۇيغۇ قوغلىشىلىدۇ؛ ئىنساننىڭ كىملىكى كۆپرەك ئەنئەنە تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى شەخسي تاللاش تەرىپىدىن لايىھەلىنىدۇ. مۇقىم ئۆزلۈك يىمىرىلىدۇ؛ ۋاقىت، زاماننى ھېس قىلشىنىڭ شەكىللىرى كۆپ خىللىشىدۇ.; Q- s, H5 G- c( Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(3) ئىقتسادىي جەھەتتىن بۇنداق جەمئىيەت ئەركىن بازار ئىگلىكىنىڭ ۋە مەھسۇلاتنىڭ تەسىرىگە كۈچلۈك ئۇچرايدۇ. چوڭ شىركەتلەر ئاۋامىي مەدەنىيەتكە لايىقلاشقان مەھسۇلاتلارنى ئشىلەپچىقرىشقا باشلايدۇ.1 { O7 }4 W$ b3 Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(4) كېيىنكى مودېرنىزم جەمئىيىتىدە پەقەت ئوخشمايدىغان ئىجتىمائىي كونتېكىستلارغا ۋە تارىخىي دەۋرگە خاس ئېلېمنتلار بىر يەرگە جەم بولىدۇ ۋە ئەبجەشلىشىش بارلىققا كېلىدۇ. مۇتلەق ھەقىقەتكە گۇمان بىلەن قارايدىغان كىشىلەر ئاۋۇيدۇ. ئەنئەنىۋى بايان شەكىللىرى خىرسقا دۇچ كېلىدۇ.# X0 g4 [+ e$ S0 K/ J9 T/ u% G2 rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كېيىنكى مودېرنىزم دەۋرىنىڭ يەنە بىر گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى ئامېرىكىغا باغلىنىدۇ. يەنى بۈگۈنكى زامان كاپىتالىزمى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا كاپىتالىزمىدۇر. ھازىرقى كاپىتالىزىم شەكلى ئامېرىكىدىن تارقىلىدۇ. بازا ئاز ساندىكى چوڭ شىركەتلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ. 2011- يىلى نوبېل ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پېرۇ يازغۇچىسى ۋارگاس ليوسا ئۆزىنىڭ يەر شارىلاشقان كاپىتالىزم مەدەنىيىتى ھەققىدىكى يازمىسىدا مۇنداق يازىدۇ: «يەر شارىلاشقان كاپىتالىزم ئەنئەنىۋى مەدنىيەتنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى. مەسىلەن ،شۇنچە تەرەققىي قىلغان فرانسىيەنىڭ مەدەنىيىتىمۇ بۇ خىلدىكى ئەندىشىدىن خالىي بولالمىدى. فرانسوز مەدەنىيىتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش نىشان قىلىنغان نۇرغۇن ئاممىۋى ھەرىكەتلەر بارلىققا كالدى. دېكارت، چارلېز بودلېر قاتارلىق گىگانت شەخسلەر چىققان،مودا مەنىيەتكە ۋە غەرب پەلسەپىسىگە شۇنچە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بىر دۆلەتنىڭ يېمەكلىك مەدەنىيىتگە ماكدونالد، پىزا خات قاتارلىق ئامېرىكا مەدەنىيىتىگە خاس يېمەكلىكلەر بۆسۈپ كىردى. فىرانىسىيە ھۆكۈمىتى كېيىن ئامېرىكا فىلىملىرىنى چەكلەش تەدبىرى ئالدى. زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ نۇرغۇن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ۋەيران قىلىدىغىنى راست.0 H6 S9 s: }3 ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كېيىنكى مودېرنىزم جەمئىيىتى ھەققىدە قايناق مۇنازىرىلەر مەۋجۇت. شۇلارنىڭ ئىچىدە فىرانسىيەلىك مۇتەپەككۇر ژان بوردىلياردنىڭ قاراشلىرى كېيىنكى مودېرنىزم ئېلېمېنتلىرى بىلەن روشەن خاراكتېرلەنگەن نيۇيورك جەمئىيىتىنڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى روشەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرسە كېرەك .بوردىليارد ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان ئەسەرلىرىدە مەدەنىيەت كودلىرىنىڭ كېيىنكى مودېرنىزم جەمئىيىتىدە نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ، سىمۋوللۇق فورماتسىيەلەرنىڭ ئاقىۋىتى ھەقىقىدە، كلونلانغان رېئاللىق ھەققىدە، يار شارىلاشقان كاپىتالىزمنىڭ تەسىرىدە ئومۇملىشىۋاتقان دورامچىلىق ھەققىدە چوڭقۇر ئويلاندى. سانائەت دەۋرىنىڭ ئالاھىدىلىكى مەھسۇلات ئىشلەپچىقرىشقا كۈچەش بولغان بولسا، بۈگۈنكى دەۋر كېيىنكى مودېرنىزم جەمئىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سىمۋوللارنى دوراش دەپ يىغىنچاقلىدى. بوردىليارد ئۆزىنىڭ «بەلگە سىياسىي ئىقتىسادقا تەنقىد» ناملىق ئەسىرىدە كېيىنكى مودېرنىزم دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ روھىيىتىدىكى بەختنىڭ مەنبەسىنى تاۋار سېتىۋېلىش، ئىستېمال قىلىشقا باغلايدىغان بىنورماللىقنى قاتتىق تەنقىدلىدى.ئۇنىڭ قارىشىچە، مەھسۇلات ئەمەس، بەلكى ئىستېمال كېيىنكى مودېرنىزم جەمئيتىنىڭ ئاساسلىق كاتالىزاتورى. بۇنداق جەمئىيەتتە ئېھتىياج كەشپ قىلىنىدۇ ۋە ئسىتېمالچىلار شۇ ئېھتىياجغا كۆندۈرۈلىدۇ. مەسىلەن نيۇيوركنىڭكىدەك جەمئىيەتتە رېئاللىق بىلەن تەسەۋۋۇرنىڭ ئارىلىقى غۇۋالىشىدۇ. غەربنىڭ تېخنىكىدا ۋە يەر شارىلىشىش دولقۇنىدا ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشى بۇ جەرياننى تېزلىتىدۇ. ساختا رېئاللىق چىن رېئاللىق بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن ھەم بۇنى ئۈن- تىنسىز قوبۇل قىلىدىغان جەمئىيەت نۇسخىلىرى بارلىققا كېلىدۇ.
2 s( |. G! h+ o3 o بوردرىلياردنىڭ قارىشىچە ، كېيىنكى مودېرنىزم دەۋرى كود ۋە سىمۋول دەۋرىدۇر. بۇنداق دەۋردە گۈزەل بىلەن خۇنۇك، كېرەكلىك بىلەن كېرەكسىز، ساختا بىلەن ھەقىقىي ئارىلىشىپ كېتىدۇ. ئادەملەر ئارزۇ، خام خيال قاينىمىدا قالىدۇ، ئەمما بۇنى ھېس قىلمايدۇ. خىيالى دۇنيادا ياكى رېئاللىقتا ياشاۋاتقانلىقىنى ئويلاپ باقمىغاچقا، بۇنداق دەۋردە ياشاۋاتقان ئادەملەر ئېزىقىشتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇنداق جەمئىيەيتتە ئادەم تاراتقۇ ۋاستىلىرىنىڭ تەسىرىدە ئۆزىنى شەيدا قىلغان نەرسىلەرگە قۇل بولۇپ ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ يا شەيدالىقى تۈگىمەيدۇ يا تەسەۋۋۇردىكى ئارمان ئشىقا ئاشمايدۇ. بۇنداق جەمئىيەتتە ھاياجان، شەيدالىق ۋە ئۆزى ئشىلەتكەن نەرسىلەرگە سىمۋول ئارقىلىق بەلگە چاپلاش قىزغىنلىقى ئەۋج ئالغاچقا، ئاۋامدا چوڭقۇر ئويلىنىش ئىقتىدارى كەمچىل بولىدۇ. سىمۋول ئاشقۇنلۇقى قەلبلەرنى تۇتقۇن قىلىدۇ.ئارزۇ قاينىمى، گۇڭگا غايىلەر، شەرتى ئورۇندالمىغان ئارمانلار ئىگىسىنى ئازابلايدۇ. تۇرمۇش بىر قارىسا ساختىدەك، بىر قارىسا راستتەك. ھازىر بۇنداق تۇرمۇش شەكلى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىگە ئىمپورت قىلىندى. ئامېرىكىچە ئىستېمال مەدەنىيىتى ھەممە يەردە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.5 G) L4 }% s# N! Z4 r6 F: Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كېيىنكى مۇدېرنىزم جەمئىيىتىدە مەنە ۋە ئەھمىيەت تۇيغۇسىنى ئېيتىملارنىڭ ـــ سۆزلەر، ئىماگلار ۋە بەلگىلەرنىڭ بىرىكىشى ئارقىلىق ھېس قىلىش مۇمكىن. بۇنداق جەمئىيەتتە ئوبيېكتلار مەنە قاينىمىغا چىرمالغان، ئەنئەنىۋى جەمئىيەتتىكى كەسكىن مەدەنىيەت پەرقلىرى يوقالغان بولىدۇ. كىشىلەر تاراتقۇ ۋاستىسى ئارقىلىق تارقالغان، دورالغان سۈنئىي رېئاللىققا ئالدىنىشتىن خالىي بولالمايدۇ ياكى ساختا رېئاللىققا تۇتقۇن بولىدۇ. ژان بوردىليارد داۋاملىق مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇ دېگەنلىك دۇنيا ماددىي دۇنيالىق خۇسۇسىيىتىدىن ئايرىلدى دېگەنلىك ئەمەس. ئەكسىچە كېيىنكى موۇدېرنىزم دەۋرىدە رېئاللىق ئۆلدى. يەنى يەر شارىلاشقان كاپىتالىزم رېئاللىقنى بىرلىككە كەلگەن رامكىغا ئەكىردى. 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مەنە ۋە بەلگىلەرنىڭ، غىدىقلىغۇچى سىمۋوللارنىڭ چەكتىن ئېشىشى ۋە يەر شارىلىشىشى ئەسلىدىكى رېئاللىقنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى. بۇنداق دۇنيادا ماركسىزمچە ئىنقىلاب شوئارلىرىمۇ، لېبرالىزىممۇ پەقەت بىر ئىدېئولوگىيە. بىزگە ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتقان يەر شارىلىشىش ئوربېتىسى بەلگىلەر ۋە تاۋارلارنىڭ ئالمىشىشى بىلەن چۆرگىلەيدۇ. بۇ دەۋردە بەلگىلەر تاۋارغا ئايلىنىدۇ.»" q, F& B5 o% u1 s' ?" e# h( vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(4)* s y! E: m) B, f5 T) @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىر كۈنلۈك ساياھەتنى تۈگىتىپ تەتقىقاتچى ئاكىمىزنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئۇنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭىدىغان 7- يول مېتروسىغا چىقتۇق. بىر كۈن يول مېڭىپ چارچاپ كەتكەن ئوغلۇم مېتروغا چىقىپلا ئۇيقۇغا كەتتى. مەن خىيالىمدا نيۇيوركتىكى تەسىراتىمنى مۇنداق يىغىنچاقلىدىم.
, W' V8 L: Z3 c( t$ _- z* G6 e x كاپىتالىزم ئۇلۇغلاندى؛ كاپىتالىزمنى تەنقىدلىگەن مۇتەپەككۇرلار ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر سىستېما نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى. ئەمدىلىكتە ئىنسانلار كاپىتالىزمنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋىتىنى ھېس قىلماقتا.+ z, P. ?/ U/ e( [" @' r' f5 e* Y; xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئادەم تەسەۋۋۇرىدىكى غايىبانە ئوبراز ئۈچۈن ئىنتىلىپ ياشايدۇ. ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرى رېئاللىققا ئايلانغاندا بولسا بۇ تەسەۋۇردىكى ئوبيېكىت گۇمران بولىدۇ. نيۇيوركنىڭ ئەسلىدىكى ھەيۋەت سىماسى بۈگۈنكى تەسىراتىمدا دەل شۇنداق گۇمران بولدى.
$ l5 |& x# ?' J8 n7 F, N- ]% |8 @ بىزنىڭ ئامېرىكا، نيۇيورك ھەققىدە خاتا ئويلىۋالغان بىر مۇنچە يەرلىرىمىز بار. ئۆگىنىشكە تېگىشلىك يەرلىرىنى ئۆگەنمەي، ئۆگەنمەسلىككە تېگىشلىك يېرىنى كۆپلەپ قوبۇل قىلغان يېرىمىزمۇ بار. مەدەنىيەت دەپ قوبۇل قىلغان نۇرغۇن نەرسىلىرىمىز ئەمەلىيەتتە زامانىۋىلىق ئەخلەتلىرى. بىزنى تەلپۈندۈرگىنى ئەسلى تاراتقۇ ۋاستىلىرىنىڭ ياردىمىدە كلونلانغان رېئاللىق ئىكەن.
, e$ U2 U( s; y2 n) r" j0 Vشۇ كۈنكى مېترو سەپىرىدە باشقىلار ئۇخلاپ قالغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز ئىلھامىم قوزغىلىپ «مامكاپ ئارمانلار» ماۋزۇسىدا بىر پارچە شېئىر يازدىم. ئۇ شېئىرنىڭ دەسلەپكى مىسرالىرى مۇنداق باشلىناتتى:5 t; Y: H; d& gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شەرتى ئورۇندالمىغان مامكاپ ئارمانلار،/ h( z- Y) _0 P4 ~- {7 r s; jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۈستىمۈ ئۈست ئارزۇلار،
/ E0 u9 @1 ^' C% f6 P1 h0 bچارچىغان چۈشلەر،
) P( R N' U' ~# `گىرىمسەن كودلار،
/ Q5 [7 c9 Z: K. i' }رېئاللىقىنى بېسىق قىلىدۇ.8 @8 ~! F7 J# Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەدەنىيلىشىش ياۋۇزلۇققا ھامىلدار.- ]6 Q. E& b6 rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نيۇيورك ئويغاق تۇرۇپ چۈش كۆرىدۇ،
' |' N- {$ o3 A; q! Bۋە چۈش ئىكسىپورت قىلىشنى باشلايدۇ.: P' e& Y- }% L/ \3 vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شەرق- غەرب ئارىلىقىدا تاماشىبىنچى بىر پۇقرا،
* }" x/ I6 }/ L; o; @( y& yكىتاب ئوقۇمايدىغىنىدىن پەخىرلىنىدىغان بىر پۇقرا .
) ?# p! p' |. A, ]$ K5 ^/ b7 n! i- P. Aئەخلاق ھەققىدە سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ:
' \. _- B; }3 e1 R/ rخۇشال ياشاش ئۈچۈن ئويلانماسلىق شەرت.
e9 {/ m% u3 R, Qئاپتور: ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە دوكتور ئاسپرانتى+ z: K Q7 e3 ?+ L/ ?7 gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ ماقالە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2013- يىللىق 4- ساندا ئېلان قىلىنغان |
| |
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟ مۇناسىۋەتلىك تېمىلار |
بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان
ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ئاپتورنىڭ بارلىق تېمىلىرى
|
| |
|