روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1491|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى$ r" ?  e! h5 b" D* Y; O- J' wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
3 ?: X3 D& R' Y3 O' Q) q" ^& M  r/ {& B) ?9 i) C& Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىنسان ئۇچۇر سۇبىيىكتى ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئىجتىمائى ھايۋان . ئۇ ، ئۇزۇقلىنىش ۋە بىخەتەرلىك ئۇچۇرىغىلا ئەمەس ، يەنە ، زامان ، ماكان خاراكتىرلىك ، تامغىلىق ئۇچۇر ئىقتىدارىغا ئىگە .6 ~3 U5 `$ F) Z1 }3 |) ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىتاپ يۈكسەك ئۇچۇر ۋە مۇقەددەس تامغىدىن ئىبارەت . ئىنسانىيەت يازما تارىخ ۋە كىتاپ سەھىپىلىرىگە بىلىش ۋە ئىپادىلەش جەۋھەرلىرىنى يېزىق ئارقىلىق قالدۇرۇشتىن ئىلگىرى ئۆز تۇرمۇشى ، ئالەم قاراشلىرى ۋە روھىيەت ئۆركەشلىرىنى قىيا تاشلارغا ، قورچاق ياكى تاش سۆڭەك ، برونزا بۇيۇملىرىغا ، كاھىش قاچىلارغا ، ھەرخىل قىياپەتلىك ياكى سىمۋوللۇق رەسىم ۋە تامغا-بەلگىلەر بىلەن چېكىشكەن . ماقال-تەمسىل ، ئەپسانە-رىۋايەت ، مەسەل-چۆچەك ، ناخشا-قوشاق شەكلىدە ئەقىل دەستۇرلىرى تۈزۈشكەن . مانا بۇلار كىتاپ شەكلىگە كىرمىگەن « كىتاب » تىن ئىبارەت .
6 y% ]: {; E. m$ c4 R& N# [! V/ Xھازىرغىچە يېزىق شەكلىدىكى ئەڭ قەدىمكى كىتاب ئىككى دەريا-دەجلە ۋە فرات ئارىلىقىغا كۈچۈپ كەلگەن خەلىقلەرنىڭ مىلادىدىن ئۈچ مىڭ يىللار ئىلگىرىكى لايدىن بىنا ۋە قەسىرلەر ياسىغاندا لاي تاختىلارغا يېزىلغان « پايتەخت قۇرغۇچى گىلگامىش » داستانىدىن ئىبارەت .4 o# m0 B) W0 l( c* z! aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ تۇنجى ئۇچلۇق تاياقچە-قەلەم بىلەن لاي تاختىلارغا يېزىلغان « كىتاب » بابىل شاھى ھاممۇرابىنىڭ 282 ماددىلىق قانۇن دەستۇرى ھېسابلىنىدۇ ." S+ e4 B: k- ~  n( E/ g8 a8 `2 Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قەغەزنىڭ ئىختىرا قىلىنىشىغىچە تېرە ۋە مەخسۇس تەييارلانغان تاختا-تارشىلار كىتاپچىلىقىنىڭ ئاساسى بولغان . قەغەزنىڭ ئىختىرا قىلىنىشى كىتابچىلىق تارىخىدا ئىنىقىلاپ خاراكتىرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى .شۇنىڭدىن باشلاپ خانلىق سارايلاردا مەخسۇس مىرزاخانىلاردا قۇرۇلۇپ ئەسەرلەر قەلەم بىلەن كۈچۈرۈلىدىغان بولدى . كىيىنچە ياغاچقا خەت ئويۇش ئارقىلىق كىتاپ-رىسالىلەرنىڭ نۇسخسىنىك كۈپەيتىش ، ئارقىدىنلا تاش مەتبەئە كەشىپ قىلىندى . مىخ مەتبەئە ھازىرقى زامان كىتابچىلىقىنى رەسمى نەشرىيات كىتاپچىلىقىغا ئايلاندۇردى . كىيىنچە مىخ مەتبەئەچىلىك قوغۇشۇن تاياقچىلىرىغا ئاساسلىنىدىغان بولدى . بۈگۈنكى كۈندە ئېلىكتىرونلۇق مەتبەئە تېخنىكىسى مەيدانغا كېلىپ كەڭ ئومۇملاشماقتا . مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسنىڭ داۋاملىق راۋاجلىنىشى ۋە خۇددى كىنو ۋە تېلېۋىزوردەك جەمىئەت نەشرىياتچىلىقى بىلە ئائىلە نەشرىياتچىلىقى بىللە ساقلانغان يىڭى تۈزۈلمىنىڭ يېقىندىلا رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە . ئۇ ئىنساننىڭ ئۇلۇغ ئۇچۇر ئىقتىدارىنىڭ دولقۇنسىمان تەسىر دائىرىسىنى زامان ۋە ماكان جەھەتتە يىڭى پەللىگە كۆتۈرگۈسى .' z  \2 k/ f/ `9 `( D* I, j1 qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇلۇغ روھىيەت خەزىنىسى
6 b- x2 J: y9 y1 mكىتاپ كەڭ مەنىدە ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش تارىخى ۋە ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇر بوشلۇقىنىڭ سەھىپىلەشكەن شەكلىدىن ئىبارەت . كىتاپ ئالدى بىلەن ئىنسان قەلبىدىكى كائىنات . ياخشى كۇتۇپخانا ھەقىقى مەنىسى بىلەن كائىناتنىڭ جاھاننامە ئەينىكى بۇلۇپ ، بۇ ئەينەكتە ئۆز سەرگۈزەشتىلىرىمىزدىن ھالقىغان دۇنياۋى ماھىيەتلەر جىلۋىلىنىدۇ . ئىنسان كىتاب ئارقىلىق پۈتكۈل تارىخنى قىياسى ھالەتتە باشتىن كەچۈرىدۇ . ئەنگىلىيىلىك مۇتەپەككۇر بىكون ئېيىتقاندەك « كىتاپ -قىممەت باھا يۈكنى ئەجداتتىن ئەۋلاتقا يەتكۈزىدىغان كېمە » .
# r6 s. h: s3 @4 X* o' x4 Pكىتاپ بىزنى مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنىڭ ئىزاھلىغۇچىسى ، ۋارىسى قىلىدۇ . پۈتۈن ماددى روزىغارلار ، بىنالار ، بانىكىلار ،شەھەھر ۋە مەملىكەتلەر ، ھەتتا پۈتۈن سۈرۈك مىللەتلەرمۇ يوقىلىپ كىتىدۇ . پەقەت كىتاب يۇقالمايدۇ . بىز كىتاب شاراپىتىدىن قەدىمكى ئەپسانە -رىۋايەتلەرنى ، خانىدانلىقلار قىسسىلىرىنى ، پەلسەپە جەۋھەرلىرىنى ، ئەدەبىيات-سەنئەت دۇردانلىرىنى بىلەلەيمىز .- D" O( R2 L: U7 I, ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىنسان مۆجىزىلەر ئىچىدە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە مۆجىزە پەقەت كىتاپتۇر . كىتاپ ئىنسانىيەت تارىخنىڭ ئۆلمەس روھى . ئۇلۇغ تارىخى سىمالارنىڭ ھەقىقەت يالقۇنلىرىنى تىرىكلىك دەرگاھىغا مەڭگۈ يېلىنجىتىپ تۇرىدىغان مۇقەددەس ئوچاق . ئەگەر كىتاپ بولمىغان بولسا دۇنيانى مىڭلىغان قۇياشمۇ دۇنيانى جاھالەت ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشى مۇمكىن بولمىغان بۇلاتتى !مۇشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا ، پۈتكۈل ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ۋە تارىخ بىرەر خەزىنىگە ئىگە . ئۇ بولسىمۇ ئۇلۇغ روھىيەت قەسىرىسى بولغان كىتابتىن ئىبارەت .4 P0 E) R" ~7 Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىتاپ ھەربىر شەخىسنىڭ مەنىۋى فوندى ۋە ئۇنىڭ كامالەت گۇۋاھنامىسى . قەدىمكى رىم ناتىقى تىستىرون « كىتابسىز ئۆي-جانسىز تەن » دەپ توغرا ئېيىتقان . كىتابسىز شەخس مەيلى ئۇ باي مىراسخور ياكى ئالتۇن خەزىنە ئىگىسى بولسۇن ، ئۇ بەختسىز ۋە بەخىتسىزلىكىدىن خەۋەرسىز ناداندۇر . ئۇ 100 يىل ياشىسىمۇ مەدەنىيەت تارىخىدىن ساۋاتسىز ئۆمرى كۆتە بەندە ھېسابلىنىدۇ . كىتاب ئۆز ئاشىقىغا چىنلىق ، ياخشىلىق ، گۈزەللىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر بەخش ئېتىدۇ . ناداننىڭ بىر ئەسىرلىك ئۆمرى بىلىمىلىك كىشىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك ئۆمرىدىن كۆپ قىسقا ھېسابلىنىدۇ . كىتاب قەلبىنى پاكلايدۇ . ئۇنىڭ ئىنسانغا بېغىشلىغان نۇر نۇسرىتىنى ھەرقانداق زىننەت بۇيۇملىرىمۇ پەيدا قىلالمايدۇ . ئۇ قەلبنى نۇرلاندۇرۇپ ، روھىيەتنى بېيىتىپ ، ئۆمۈرنى مەنىۋى بەخت ۋە يۈكسەك نەزەر بىلەن بېزەيدۇ . ئۇ ئىنساننىڭ يۈزى كۆزى ۋە سۆزىگە مۇقەددەسلىك ئاتا قىلىدۇ . كىتاب ئاشىنالىرى خۇددى ئالماستەك يارقىن بولسا، نادانلىق ئىجىللىرى بەئەينى گۆشۈرۈپ تۇرغان قاراتاشقا ئوخشايدۇ .
4 B7 P1 M) p3 v- ]كىتاب-مىللەتنىڭ مەدەنىيەت دەرياسى ۋە مەنىۋى قىياپەت مەكتىپى .+ K" w/ a$ B5 E! b. X. wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
لابولبى توغرا ئېيتىدۇ :« تەرەققىياتنىڭ ئومۇمى كۆلىمى ھەربىر مىللەت ئاھالىسىنىڭ ئۇقۇۋاتقان كىتابلىرىنىڭ سانى بىلەن ئۆلچىنىدۇ » . نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى ، پۇل تېجەش ئەمەس ، بەلكى نادانلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە بۇ يولدا كىتاب بىلەن ھەپىلىشىشىتۇر . تارىخ ئىسپاتلىدىكى ، مىللەتلەرنىڭ قەلب بايلىقى بىلەن قول ئىلكىدىكى بايلىق توغرا تاناسىپتۇر . « ئاۋال تائام ، ئاندىن كالام » دىگەن ئەقىدىگە چاپلىشىۋالغان مىللەت گادايلىققا ۋە ئۇنىڭ باش جىنايەتچىسى بولغان نادانلىققا چىڭ ئەقىدە باغلىغان مىللەتتۇر . نادانلىققا قارشى ئاتلىنىشقا جۈرئەت قىلغاندىلا ، بەخت يولى ئېچىلىدۇ . بۇ ئەپسانە ئەمەس ، پولاتتەك ھەقىقەتتۇر . پۇل تاپقاندا ئۆينى كۆزنى چاقنىتىدىغان گىلەم ۋە زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن بېزىگەن ئائىلە بىلەن ئۆيىنى كىتاب ئىشكاپلىرى بىلەن بېزىگەن ئائىلىنىڭ قىممتى پەرقلىقتۇر . تەرەققى قىلغان ئەللەردىكى ئائىلىلەر ئۆز قىرائەتخانىسىغا ئىگە بۇلۇپ ، ئۇلار روناق تاپقانسىرى كىتاب سېتىۋالىدۇ . ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنىتلىرى كىتاب مۇھىىتىدا ئۆسىدۇ ، ئۆرلەيدۇ . قالاق ئەللەردىكى ئائىلىلەر بۇنىڭ ئەكسىچە بۇلىدۇ . ئۆيىنى ئەينەك تام ، رەڭدار گىلەم ۋە ئىشرەت جاھازىلىرى بىلەن بېزىگەن ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسى خۇنۈك بۇلىدۇ . ئۇلار مەغرۇر ، تەنتەك ، پۇلپەز ، سۆلەتۋاز بۇلۇپ ، ئۆزلىرى ۋە پەرزەنىتلىرى تېزدىن چۈشكۈنلىشىدۇ . بۇ جەھەتتىكى مىساللار كۆز ئالدىمىزدا تولۇپ يېتىپتۇ !كىتاب -لوقمان ھېكىم ، كىتاب -رۇستەم پالۋان ، كىتاب-بەخت قۇشى-ئەنقا ، بۇ ئاددى تەسۋىر ئەمەس بەلكى مەڭگۈلۈك ھەقىقەت !. t4 y5 J9 k1 q# a7 Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىتاب دېڭىزى ۋە غەۋۋاسلىق ماھارىتى
) o3 [# l* A; _5 A0 a' Kدەۋرىمىزدە كىتاب شۇقەدەر كۆپەيدىكى ، ئۇنى رەقەم بىلەن ئىپادىلەشمۇ مۈشكۈل بولدى . ئەمما ھېلىمۇ كىتاب يۈزىگە چىقمىغان بوشلۇقلار ناھايىتى نۇرغۇن . دەرۋەقە ، كىتابنى ئاچسىلا مەنپەئەت بېرىدۇ  « ، ئەمما ، كىتاب دېڭىزىدا قانداق جاۋاھىرات يىغىدىغان غەۋۋاس بۇلۇش ، بۇ مۇھىم ماھارەت .
9 E! G0 e( q+ l8 v" B, aكىتابلارنى دېڭىز قىلىۋەتكەن نەرسە ، ئەسلى مەنبە، ئاساسى نەزەرىيە ، مۇتەپەككۇرانە مۇھاكىمە قىلغۇچى كىتاپلارنىڭ كۆپلۈكى بولماستىن ، بەلكى ، تارماقلاتما ، يەشمە ، ۋەقە ، بايان ، ئىچ پۇشۇقى ، قۇراشتۇرما كىتابلارنىڭ كىتاب بازىرىغا كەلكۈندەك كىرىپ كىلىشىدىن بولدى . بۇ ھال ھەربىر ئەقىل ئىگىسىدىن كىتاب پەرق ئېتىش ۋە كىتاب تاللاش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . ئېيتىش كېرەككى ،  ھەقىقى دانىشمەنلەر كىتابنى ھەممىدىن كۆپ كۆرگۈچى كىشىلەر بۇلۇشى ناتايىن ، ھەقىقى ئالىملارمۇ ئەڭ نۇرغۇن كىتاپ يازغان كىشىلەر بۇلۇشىمۇ شەرت ئەمەس . بۇ بىزدە خۇددى سۇغا تاشلانغان نەرسىلەرنىڭ چۈكۈشى ياكى لەيلىشى ، ماكان ۋە زامان جەھەتتە بىردەك بولمايدىغانلىقىغا ئوخشاش بىر ھەقىقەتنى يەنى ، كىتابلار بىرقانچە سىزىق ۋە قاتلام ، تۈر ۋە قىممەتكە بۈلۈنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ .& c- q& ?  m/ f0 I5 Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىتاب ئۇقۇغۇچى كىشى ئۈچۈن ئۇمۇمەن سىياسەت ۋە ۋەزىيەتكە دائىر كىتاب-ماتىرىياللاردىن تاشقىرى ، ئۈچ خىل كىتاب ئۇقۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ : بىرىنچى ، ئاساسى بىلىم كىتابلىرى . بۇ خىل كىتابلار ئىككى خلغا بۆلۈنىدۇ . ئۇ ، چۇقۇم ئالىي مەلۇماتلىق سەۋىيىگە ئېرىشىش ئۈچۈن شەرت-بالداق بولغان كىتابلار بىلەن مەلۇم ساھە بۇيىچە ئىزدىنىش ، تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن لازىم بولغان كىتاب-ماتىرىياللاردىن ئىبارەت .
2 `& x. e7 M# @* aئىككىنچىق ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى بېيىتقۇچى كىتابلار . بۇ خۇددى ئاۋىئاماتكىغا يانداش يۈرگەن پاراخوت-كېمىلەرگە ئوخشاش ئالاقىدار ئوبىيىكىتلاردىن بىلىم ۋە ئۇچۇر بېغىشلىغۇچى كىتابلار بۇلۇپ ، ئۇ ئاساسى بىلىم كىتابلىرىنىڭ تاشقى پوستىنى تەشكىل قىلىدۇ .. P- X0 v- Y/ o& ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۈچىنچى ، بەدىئى لەززەت بېغىشلىغۇچى كىتابلار . بۇ خىل كىتابلارغا ئەدەبىيات سەنئەتكە دائىر ئەسەر ياكى ئويۇن-كۆرگەزمىلەر ، كىشىلىك تۇرمۇشقا ئائىت ئۆرنەك ، قوللانما ، مەسلىھەت بەرگۈچى كىتابلار كىرىدۇ . مېنىڭچە ، كىتابلارنى تاللاپ كۈرۈش بىلەن ئۇدۇل كەلگىنىچە كۈرۈش ، قاتلام ، نۇقتا ، چەمبەر تۈزۈلمىسىگە ئايرىپ كۈرۈش بىلەن خالىغانچە كۈرۈشنىڭ كىتاب كۆرگۈچىگە بولغان تەسىرى ، بۇلۇپمۇ نەچچە ئون يىلدا مۇنتىزىم ئوقۇتۇپ ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەپ چىقىشقا سېلىشتۇرغاندا ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايدۇ .& P! \3 m4 f9 k# q% R+ \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىتاب كۈرۈش ئېغىر زېنىي ئەمگەك . شۇنىڭدەك يەنە كۈڭۈللۈك ساياھەت . ھەرخىل كىتابلارغا بولغان كىتاپ كۈرۈش تەلىپى ۋە ئۇسۇلى بىردەك بولمايدۇ . بىر قۇر كۈرۈپ قۇيۇدىغان ، مەلۇم باپ ۋە سەھىپىلىرىنى تاللاپ كۈرىدىغان ، تەكرار كۈرىدىغان كىتاپلار بۇلىدۇ.+ C+ ]- _, P+ u# |6 V: ]% eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بەزى كىتابلارنىڭ پەقەت مۇندەرىجىلىرىنى ۋاراقلاپلا ، ئۇنىڭ ئاپتورىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى نەزەردە تۇتۇپ قويۇپ قۇيۇلىدۇ . ئومۇمەن تەپسىلى ۋە تەكرار كۈرۈلىدىغان كىتابلار ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت ، قەلەم -خاتىرە ھازىرلىنىدۇ . ئۇنداق كىتابلارنىڭ بىرقانچىسىنى بىر يۈرۈش قىلىپ ، سىستىمىلىق كۆرگەن ياخشى . شەخسەن مەن بۇنداق كىتابلارنى رەڭدار قەلەم بىلەن خەت ، بەلگە ، سىزىق قۇيۇپ بويىۋېتىشنى ياخشى كۈرىمەن . ئۇنىڭدىن بىلىم ، ئىلھام ۋە كۆچمە تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولىمەن . بۇ خۇددى يالقۇندىن ئوت تۇتاشتۇرغاندەك بىر ئىش ...' @$ z" a+ f4 U4 [. @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ خىل كىتابلاردا چۈشىنىشلىك بولمىغان ئاتالغۇ ، مۇھاكىمە ۋە تەدبىرلەرنىڭ ئۇچرىشى ناھايىتى ياخشى ئەھۋال . بۇ ، كىتاب كۆرگۈچىنىڭ ئۆزىدە يوق يىڭى بىلىمگە دۇچ كېلىشى بۇلۇپ ، بۇنداق ئەھۋاللاردا لۇغەت -قوللانمىلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ بىلىمنى ئۆزلەشتۈرىۋېلىش لازىم . سەن ھەمىشە ئاممىباپ ، گېزىت سەۋىيىسىدىكى چۈشىنىشلىك ماتىرىياللارنى ياخشى كۆرسەڭ ، مەڭگۈ ئۆز ئىزىڭغا سەكرەپ قېلىۋېرىسەن . مېنىڭچە ، تۈگمەنگە ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە بۇلۇپ قالغان ياخشى ئەھۋال ئەمەس ، لۇغەت ئاختۇرۇشقا مەجبۇر بولغىنىڭدا ھۇرۇنلۇق بىلەن كايىماي يىڭى بىر بالداق كۈتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغاندەك روھلان !
' P/ V' ~3 Y  j' R* Cمۇئەييەن مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بىر زىيالىي ئۈچۈن كىتاب ئۇقۇش ئالدىدا  «ئېھتىمال مېنىڭ خاتا بۇلۇشى مۇمكىن»  دىگەن قاراشتا بۇلۇشنىڭ پايدىسى ناھايىتى چوڭ بۇلىدۇ . ئەكسى ھالدا ئۇقۇغاندا بۇ كىتابتىن ھېچنەرسە يۇقماسلىقى ، ھەتتا بۇ-ئەرزىمەس ئەسسەر ئىكەن  دىگەن قاراش تۇغۇلۇشى مۇمكىن .0 c  \+ X8 Y( S3 qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىتاب مەدەنىيىتى ۋە مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتى كىتاب ئۇقۇش مەقسەت ئەمەس ، ۋاستە . بارلىق تەلىم-تەربىيىنىڭ تۈپ مەقسىتىگە ئوخشاشلا كىتاب ئۇقۇشتىكى مەقسەتمۇ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈشتىن ئىبارەت . تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۈتۈرۈلىشى مىلەلتنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى تۈزەش ۋە يۈكسەلدۈرۈشنىڭ ئاساسلىق بىر ھالقىسى . شۇنى ئېنىق ئېيتىش كېرەككى ، كىتاب ئوقۇشتىن مەقسەت نۇقۇل ئالىم بۇلۇش ئەمەس . مۇھىمى ھەقىقى ئادەم بۇلۇش بۇلۇپ ، بۇنى ئومۇمى خەلققە كۈتۈرۈپ ئېيتقاندا ، پۈتۈن مىللەتنىڭ بىلىملىك ، روھى دۇنياسى باي ، يىڭى ئەۋلاتلىرىنى يىتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت .
# a' G/ j% Y* q$ \/ lبۇ ، شەخسىنىڭ كىتاب ئۇقۇشى ، ئائىلىلەرنىڭ كىتاب زاپىسىغا ئىگە بۇلۇشى ، مەكتەپلەرنىڭ كىتاب تەربىيىسى ۋە نەشرىياتلار كىتاب چىقىرىشى قاتارلىق بىر قانچە تەرەپنىڭ ئورتاق مەقسەت ۋە غايىدە پائال ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ .' V* S  s# }4 \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىز « يىڭى يىپەك يولى » ئېچىلىش ئالامەتلىرى بىلەن تولغان دەۋىردە ياشاۋاتىمىز . ئۆسمۈرلەر ، ياشلار ، ياشانغانلار ، ئەرلەر ، ئاياللار كىتاب ئوقۇشى ، كىتاب ئۈستىدە پاراڭلىشىشى ، ھەممە ئائىلىلەردە كىتاب ئىشكاپلىرى ، كىتاب ئۆيلىرى بەرپا قىلىنىشى ، پەرزەنىتلەر ئۈچۈن ياخشى كىتاب مۇھىتى يارىتىلىشى ۋە بۇ خىل زۆرۈرىيەت ھېس قىلىنىشى لازىم . ئۆيگە كىتابنىڭ كىرىشى زىبۇ-زىننەت ۋە پەرداز بۇيۇملىرىنىڭ كىرىشىدىن ئاۋۋال ۋە ئەۋزەل ئورۇنغا قۇيۇلىدىكەن ، ئىجتىمائى ۋە ئائىلىۋى بەخت بىزگە تەبەسسۇم قىلىشقا باشلايدۇ . بىزدە نادان ھالەتتىكى باياشاتلىق بىلەن ئەمەس ئىپتىخارلىنىدىغان كەيپىيات تۇرغۇزۇلغىنى ياخشى .
; K: ?: J2 S) |( X7 I. h" J1 Bبىلىش كېرەككى ، مەدەنىيەتسىز ئائىلىلەرگە چۈشكەن ئەنقا ( بەخت قۇشى ) نىڭ سايىسى بىردەملىكلا! نەشرىياتچىلىق مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى ۋە كامالىتىنى يۇقىرى كۈتۈرۈشتە غايەت مۇھىم « مەنىۋى رىزىق» دەرگاھى  ! گېزىت-ژۇرنال ، نەشرىيات تەھرىرلىرى مىللى مەدەنىيەت بىناكارلىقىنىڭ مۇقەددەس بۇرچ ئۆتەيدىغان ئىنژىنىرلىرى . ئۇلار خۇددى دىن قىسسىلىرىدە سۆزلەنگەن مالائىكىلەردەك يىراقنى كۆرەرلىككە ، تەخىرسىز ۋاقىت قارىشىغا ۋە مۇقەددەس پاكلىققا ، دانىشمەنلەردەك خەلققە ، ئەقىلگە ، بىلىمگە ، ھەقىقەتكە بولغان ئوتلۇق مۇھەببەتكە ، بىناكارلاردەك قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرىنى تاللاش ، ئورۇنلاشتۇرۇش ، نۇرلاندۇرۇش ئىقتىدارىغا ، گېئولوگلاردەك جاپا چېكىپ بايلىق ئىزدەپ تېپىش روھىغا ئىگە بۇلىدىكەن م خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى «رىزىق دەرگاھى» پىداكار ، تۆھپىكارلار سارىيىغا ئايلىنىدۇ .' s( T2 x: a0 b( B* fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نەشرىياتچلىق خەلق تارىخىدا مىڭ يىللار مەدھىيلىنىدىغان ياكى ھەسرەتلىنىدىغان ھالقىلىق ئورۇندا تۇرىدۇ . ئۇ ئادەتتىكى فېرما ياكى سودا شىركىتى ئەمەس . خەلقىمىز تارىخىدا خەتتاتلار بىرقانچە ئابىدە ۋە تۇرپان تېكسىتلىرىنى يېزىپ قالدۇرمىغان ، يۈزلىگەن دىۋنلارنى كۈچۈرۈپ قالدۇرمىغان بولسا بىز قايسى يۇلتۇزلار بىلەن مەدەنىيەت ئاسمىنىمىزنى يورۇتقان بۇلاتتۇق !؟7 U# v+ m! C$ n1 }/ f. eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نەشىر-ئەفكار  ئىستىراتىگىيىلىك بىناكارلىق . ئۇ ، ئۇل ، ئاساس ، نۇقتا، دائىرە ، ئىچكى-سىرتقى چەمبەرنى پەرقلىق ھەم ئەتراپلىق پىلانلاشنى تەلەپ قىلىدۇ . نەشىر-ئەفكار مىللى مەدەنىيەت تارىخى خاراكتىرلىك قان ئىشلەپچىقارغۇچى ئورگان ." T" x) K6 H! K6 z2 E& Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
خاتىمە
/ F- Q% E. n* u# Y8 Xبازار ئىگىلىكىگە يۈزلىنىش مەدەنىيەت ، مائارىپ ، كىتاب ئۇقۇش ۋە ئىلىم-پەننىڭ ئەرزىمەسلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ . ئەھۋال دەل ئۇنىڭ ئەكسىچىدۇر . بىزنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتتە ، ئىقتىسادىي ۋە كىتابى بايلىقتا زامانىۋى سەۋىيىگە كۈتۈرۈلۈشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ . باھار ئۆزى شامال ئەمەس ، ئەمما باھار شامال بىلەن كىلىدۇ . يىڭى شەيئىلەر تولا ھاللاردا ئۆزىنىڭ دەبدەبىسى ۋە چاڭ-توزانلىرى تەرىپىدىن روشەن كۈرۈنمەيدۇ .ھازىرقى بىز مەزگىللىك روھى ھودۇقۇشمۇ شۇنداق .
- {4 J, T5 _. {  K& _كىتاب ئىنسانىيەت ئۆز قولى بىلەن بىنا قىلغان ھەقىقى ۋە بىردىنبىر ئەلئېھرام . ئۇ ھەممىنى ، پۈتكۈل ماھىيەت ۋە ھادىسىلەرنى ئۆزىگە جۇغلىغان . كىتابقا تەڭ كىلىدىغان ئىنسانىيەت جۇغلىغان ئىككىنچى بىر خەزىنە مەۋجۇت ئەمەس ! بۇ نىڭدىن خەۋەرسىزلىك كىشلىك دۇنياسىدا تىڭىرقاپ يۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس .
$ b/ B% J4 ?5 W- Q" |. ?+ W1993-يىل 1-ئاي
) C; ?/ Y/ g* q# v/ I% t" L. xئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى « ئابدۇشۈكۈر مۇھەتئىمىن »
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-28 12:05:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تېما يوللاۋاتىسىز جۇمۇ رەھمەت !!
ۋاقتى: 2014-4-28 23:03:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزھەر ئەپەندىمنىڭ ھەر بىر يوللانمىسى بىر قىممەتكە ئىگە.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-28 23:12:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىنداشلارنىڭ قىممەتلىك پىكىر - تەكلىپلىرىگە رەھمەت .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-21 08:03

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش