روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 944|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟% U, b" i) i8 \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يالقۇن روزى
  `# i2 H$ H) a: [# Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1 B% c2 g3 }, s$ B# P! E. Y; r8 eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
) f2 ~8 e! i' i$ m- y4 ^2 Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   دادىلار قەيسەرلىكتە، چىدام -جاسارەتتە، ئىلىم – ھۈنەردە، ۋاپادارلىقتا، ئەل – يۇرتقا ھىممەت كۆرسىتىشتە … پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولالىشى كېرەك.
/ I1 ]2 ~! J/ ?! `" o$ }   «بالىلىرىمىز مەدەنىيەت ۋە دۇنيا قاراشلار ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا بىزگە مېھىر – شەپقەتنى غەپلەت بۆشۈكىگە ئايلاندۇرۇۋالغان ئانىلار كېرەك ئەمەس، بەلكى ئۇنى يۈكسەك ئېتىقاد ئىستراتېگىيىسىگە ئايلاندۇرغان ئانىلار كېرەك».
1 G- }! D! F# s4 C; n5 D   بۇ بىر ئابزاس سۆز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 2004 – يىللىق 2 – سانىدا ئېلان قىلىنغان «بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟» دېگەن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى كەسكىن خىتابى.3 d* Z# E. _# f$ hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   مېنىڭچە، سۆيۈملۈك ئانىلىرىمىزغا قىلىنغان بۇ خىتاب يەنە ئۆز نۆۋىتىدە قەدىرلىك دادىلارغىمۇ ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ!% ^( [7 b5 K3 j3 X/ ?" vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   مەن ئاشۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن «بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟» دېگەن مەسىلە ئۈستىدە جىددىي ئويلىنىپ قالدىم.8 J: D$ c5 O4 tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   لۇشۈن ئەپەندى 1920 – يىللىرى «بىز ھازىر قانداق دادا بولۇشىمىز كېرەك» دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، ئەينى يىللاردىكى جۇڭگولۇق دادىلار توغرىسىدا ئۆتكۈر تەنقىدىي مۇلاھىزە يۈرگۈزگەنىكەن.
) D! z$ c# T, w$ I( F$ `شۇ يىللاردا جۇڭگو زىيالىيلىرى «يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى»نى قوزغاپ، مىللىي ئويغىنىش دولقۇنىنى ئەۋج ئالدۇرغان.: X+ z% ~2 t1 X- _4 \: Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   مىللىي خورلۇقنى يەتكۈچە تارتقان جۇڭگو زىيالىيلىرى غەزەپ – نەپرەتكە تولغان كۆزىنى ئۆزلىرىنى قاتمۇقات مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان جاھانگىرلارغا، تەسلىمچى ھۆكۈمەتكە، ھوقۇقپەرەس مۇستەبىتلەرگە تىكىش بىلەن بىرگە، مەھكۇملۇققا كۆنۈكۈپ كەتكەن جاسارەتسىز دادىلارغىمۇ تىككەن. شۇڭا ئەينى ۋاقىتتىكى ئەدەبىي ئەسەرلەردە دادىلارنىڭ ئوبرازى ئاساسەن دېگۈدەك سەلبىي ئوبراز سۈپىتىدە يارىتىلىپ ئۆتكۈر ئىبارىلەر بىلەن تەنقىدلەنگەن.0 l+ t! }1 |' b% m1 W1 x6 wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەدەبىي تەنقىدچىلەر «يوللارغا ئەسكى دادا توشۇپ كەتتى» دەپ ئېيتىشقان. شۇڭىمۇ بەزى ئەربابلار بۇ يىللارنى جۇڭگو تارىخىدىكى «دادىنى دۇمبالاش» يىللىرى دەپ ئاتاشقان." j9 H: b6 n# g) E  x3 uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   شۈبھىسىزكى، بىر مىللەت ئۆزىنىڭ كېلەچەك – ئىستىقبالى ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلانغاندا، مەۋجۇت ھالىتىدىن ئۆكۈنۈپ قانائەتسىزلىك ھېس قىلغاندا ۋە ئەندىشىگە چۆمگەندە، تەبىئىي ھالدا كرىزىس ئېڭى كۈچىيىدۇ؛
" e% u  \) n8 lشۇنىڭ بىلەن،% a+ w) d9 E. h) t3 Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ نېمە ئۈچۈن؟. M4 |7 C" B  oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قانداق قىلىش كېرەك؟- j5 |6 R5 Y8 Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىزگە نېمە كېرەك؟
' L4 x% d" R' Cچىقىش يولى – تەرەققىيات يولى زادى قەيەردە؟
3 x( C$ `) i" c; a' v/ I. `دېگەندەك نۇقتىلاردىن چىقىپ تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىدۇ.
3 P8 m' L5 c2 i$ k! O% I5 V" r6 P) Oبايانىمىزدىكى «بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟»، «بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟» دېگەن تېمىلار ئۈستىدىكى ئويلىنىشلارمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
6 }1 F3 x- [7 D2 P( h4 z# _   بىلىپ تۇرۇپتىمىز: نۆۋەتتە، خەلقىمىز مەۋجۇت بولۇش، تەرەققىي قىلىش، ئەنئەنە ۋە مىللىي خاسلىقنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە قاتمۇقات خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.# O! Y% Q/ i! k7 ~# fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  گەرچە پۈتكۈل يەرشارى مىقياسىدا تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە كۆرۈلۈۋاتقان كەسكىن رىقابەت ۋە خىرىس ھەممە مىللەتكە ئوخشاش بولسىمۇ، ھەربىر مىللەتنىڭ ئەھۋالى مەلۇم جەھەتلەردە يەنىلا پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.: ^% H+ B, e0 z2 h9 Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھازىر ئەڭ مۇھىمى ۋە خەۋپلىك بولۇۋاتقىنى ئەخلاق – پەزىلەت جەھەتتىكى يىمىرىلىشتۇر.' S. |3 d3 \* }* C1 [! g1 {3 g% Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇنى «بىز دۇچ كېلىۋاتقان بارلىق خىرىسلار ئىچىدىكى ئەڭ زور خىرىس» دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر بەلكىم، «ئەخلاق – پەزىلەت جەھەتتىكى چۈشكۈنلىشىش پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلە» دەپ ئويلىشى مۇمكىن.
2 r+ B- `# _9 t& [% h! l   توغرا، ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتە غايەت زور ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىپ، مۆجىزە خاراكتېرلىك پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن ئەللەردىكى كىشىلەردىمۇ ئەخلاقىي چۈشكۈنلىشىش مەسىلىسى مەۋجۇت.8 c3 s7 N& c6 K' q& J4 P5 iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھەقىقەتەنمۇ ئەخلاق كرىزىسى مەسىلىسى تەرەققىي تاپقان ۋە تەرەققىي تاپمىغان بارلىق ئەل خەلقلىرى ئۈچۈن ئورتاق مەسىلە بولۇپ قالدى، دەپ قاراشقا بولىدۇ.
* l1 y1 s) x4 t3 p5 {. b   ئەمما مەن بىزنىڭ ئەخلاق – پەزىلەت جەھەتتە يىمىرىلىشىمىز باشقىلارنىڭكىدىن ئۆزگىچىرەك، دەپ قارايمەن.' D/ l; U9 B4 ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سەۋەبى شۇكى، بىزنىڭ كىشىنىڭ زوقى كېلىدىغان ھەققانىيەت، گۈزەللىك، مەردانىلىك، ئوچۇق – يورۇقلۇق، باتۇرلۇق، مېھرىبانلىق بۈيۈك ھېسابلىنىدىغان نوپۇزلۇق ئەخلاق ئۆلچەملىرىمىز قاياقلاردىندۇر يۇقتۇرۇۋېلىنغان چاكىنا ئەخلاق قاراشلار تەرىپىدىن يەكلەنمەكتە، بىر چەتكە چۆرۈپ تاشلانماقتا. قارايدىغان بولسىڭىز پارىخور ئەمەلدارلارنىڭمۇ، خۇشامەتچى جانباقتىلارنىڭمۇ، نومۇسسىز ئىپپەت سودىگەرلىرىنىڭمۇ، ھارام تاماق ھۇرۇنلارنىڭمۇ، ئەيتاۋۇر، خروئېن سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭمۇ… ئۆزى ئۈچۈن توغرا ھېسابلىنىدىغان بىر تالاي ئەخلاق سەپسەتىلىرى بار.& @4 J8 y1 |/ tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇلار بۇ خىل بىر تەرەپلىمە، چاكىنا، كۈلكىلىك ئەخلاق سەپسەتىلىرىنى ھېيىقماستىن سۆزلەپ يۈرۈۋېرىدۇ.
. i% R0 C0 k% ?ئۇنداقلاردا نە گۇناھ تۇيغۇسى، نە ۋىجدانىي ئازاب تۇيغۇسى، نە نومۇس تۇيغۇسى يوق.4 t1 W) J; T6 k) j+ h5 Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇلار ئۆز قىلمىش – ئەتمىشلىرىدىن ماختانسا ماختىنىدۇكى، قىلچىمۇ ئۆكۈنمەيدۇ، ئەپسۇسلانمايدۇ.
! [  ]8 {7 \4 {2 m3 W% E9 G* Hنېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىلى ئۇزۇن، گەپ – سۆزى ياڭراق، يۈرۈش – تۇرۇشى شۇنچە كۆرەڭ؟! H) w5 d$ B5 Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سەۋەبى، ئۇلار نوپۇزلۇق ئەخلاق – پەزىلەت ئۆلچەملىرىنىڭ چەكلىمىسىنى دېيەرلىك ھېس قىلمىغان، ئالىيجاناب ئەخلاق – پەزىلەتنىڭ كۈچىنى تولۇق تونۇپ يەتمىگەن. شۇڭا، ئۆزلىرى كېتىۋاتقان يولنىڭ نومۇسسىز يول ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماق تۈگۈل، ئەكسىچە ئۇنى جاھاندارچىلىقنىڭ شەرەپلىك يولى، دەپ بىلىدۇ.
, f8 g+ L7 |8 S: cئەخلاق ئۆلچەملىرىمىزنىڭ بۇنداق ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كېتىشىدىكى تۈپ سەۋەب مېنىڭچە، بىزنىڭ ئايرىم ساندىكى دادىلىرىمىزدا.
$ M  F, {5 t1 Z0 @4 S1 s/ Vبىزنىڭ ھازىرقى دادىلىرىمىز ئۆتكەن ئەسىردىكى 50 -، 60 -، 70 – يىللاردا ئۆسۈپ يېتىلگەن.9 S; v  \0 v5 A( fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇ چاغلاردا كىشىلەرنىڭ «ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەردىكى ئىنقىلابىي قىزغىنلىقى» بەكرەك تەكىتلىنىپ، «ھەق – ناھەق تۇيغۇسىغا ئىگە، مۇھەببەت – نەپرەت تۇيغۇسى روشەن، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ھالال بىلەن ھارامغا بولغان مۇئامىلىسى سەزگۈر ئادەملەردىن بولۇشنى تەكىتلەش»كە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىگەن.
1 y  F5 E, x& D3 C3 S, A7 pبۇ دادىلار ئارقا – ئارقىدىن تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگە ئەخلاق جەھەتتە زۆرۈر بولغان تەلەپلەرنى قويۇپ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا ئالىيجاناب پەزىلەت گۈللىرىنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىشقا، ئۇلارنىڭ قەلبىدە نوپۇزلۇق ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرەلمىگەن.
+ X  l( g/ m; hپەقەت، قانداق قىلىپ تىرىشىپ ئوقۇپ ياكى تىرىشىپ ئىشلەپ ياخشى كۈن كەچۈرۈش توغرىسىدىلا گەپ – سۆز قىلالىغان.9 [- e( u% m3 d6 Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   نەتىجىدە ماددىي مەنپەئەتكە سەزگۈر قىلىپ ئادەتلەندۈرۈلگەن بۇ پەرزەنتلەردىن مال – دۇنيانى، ھوقۇق – ئىمتىيازنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، بۇ نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن، ھەرقانداق بولمىغۇر ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشتىن يانمايدىغان بىر تۈركۈم مەخلۇقلارمۇ يېتىشىپ چىقتى.$ |# G3 o' L+ `6 O( G- D' b" N: `  sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇلار بۇ جەھەتتە ئېرىشكەن نەرسىلىرىدىن ماختاندى، ھۇزۇرلاندى. ۋەھالەنكى، قۇربان قىلىۋەتكەن ئادىمىيلىكلىرىدىن قىلچىمۇ ئەپسۇسلانمىدى، ھەتتا مەھرۇم بولغان ئادىمىيلىكىنى بىلىشكىمۇ قادىر بولالمىدى. ئادىمىيلىكىدىن بارغانسېرى ياتلىشىپ كەتكەن بۇ ئەۋلادتىن ئىلگىرىكىگە تېخىمۇ ئوخشىمايدىغان يەنە بىر ئەۋلاد بارلىققا كەلدى(بۇ يەردە بىز ھەممىنى قارا – قويۇق بىر تاياقتا ھەيدىمەيمىز. ھەممىلا ئادەمنى ئەخلاقتا يارىماس دېگەننىمۇ تەرغىب قىلمايمىز، ئەلۋەتتە).
- T  g: o0 F( D) i   ئادەتتە، دادىلار ئائىلىۋى ئەخلاقنىڭ ھامىيلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارغا ئائىلە ئەزالىرىنى ئەخلاق جەھەتتە راۋۇرۇس يېتەكلەش مەجبۇرىيىتى يۈكلەنگەن؛ ئائىلىگە ئۈلگە ۋە نەمۇنە بولۇش ۋەزىپىسى ئەجدادلاردىن مىراس قالغان.
5 w6 l% Z: r; b/ Z4 ]0 Rدېمىسىمۇ بالىلارنىڭ قەلبىدە ئانىلار كۆيۈمچانلىقى بىلەن ئورۇن ئالسا، دادىلار تەلەپچانلىقى بىلەن ئوبراز تىكلەيدۇ.
8 L" i. z) ^; @' q0 ]دادا «ئۆز پادىلىرى»نى ھەر جەھەتتىن ياخشى ھىمايە قىلمىسا، تەبىئىي ھالدا «پادىلىرى» بۆرىگە يەم بولۇپ كېتىدۇ، بۆرىنىڭ ئۆڭكۈرىگە بىلىپ – بىلمەي ھەتتاكى ئۆزى خالاپ كىرىپ كېتىدۇ. مانا بۇ بارلىق پاجىئەنىڭ باشلىنىشى.. ~- d, ^7 }3 z. _: iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
خوش، بىزنىڭ دادىلىرىمىز ئۆز «پادىسى»نى ھەر جەھەتتىن ھىمايىسىگە ئالالايدىغان ئەخلاق ساپاسىغا ئىگىمۇ – يوق؟: E6 d" b0 }" _8 S! q4 n3 Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   مەن ھازىرقى بىر قىسىم دادىلىرىمىزنىڭ ياراملىق ئەۋلاد تەربىيىلەش، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، خەتەر ۋە قىيىنچىلىققا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش، قەيسەر ۋە چىدامچان بولۇش، ھالال مېھنەت بىلەن ياشاش جەھەتتە ئويناۋاتقان رولىغا، پاراسىتى ۋە دىيانىتىگە ئاپىرىن ئېيتىش بىلەن بىر چاغدا يەنە بىر قىسىم دادىلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ساپاسىدىن گۇمانلىنىمەن.
4 A) a% D0 |+ x/ O1 N. mمەرد – مەردانە، جاسارەتلىك، غۇرۇرلۇق، نومۇسچان، چىداملىق، ئەركەكلەرگە خاس دادىلارنىڭ سانى ئازلاپ «نەسلى قۇرۇپ كېتىش خەۋپى»گە دۇچ كېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن.! X8 E* I' K7 t, Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەكسىچە، «ئۆيۈڭنىڭ دەرىزە پەردىسى چىرايلىقكەن» دەپ قويسا، ھەپتىلەپ خۇشال يۈرىدىغان خېنىم مىجەز دادىلارنى؛( _2 t. j$ K! A9 M' X( B4 Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
باشلىقى «ئايالىڭ كۆرۈنمەيدىغۇ؟» دەپ سورىسا، باشلىقىم ماڭا ئامراق دەپ ماختىنىپ يۈرىدىغان يۇمشاقباش دادىلارنى؛ يېلىنىپ – يالۋۇرۇپ ياشاشقا كۆنۈكۈپ كەتكەن لايغەزەل دادىلارنى؛ ھىممەت – غەيرىتىگە تايانماستىن تەمەخورلۇق بىلەن ياشاشنى ئادەت قىلىۋالغان لالما مىجەز دادىلارنى؛ ئەمەل – مەنسەپنىڭ سايىسىگە ئېرىشىپ قالسا چاي ئويناپ ھارمايدىغان پاخپاق دادىلارنى؛ ئۆزى ئەركەك تۇرۇپ ئەرلەر بىلەن تانسا ئويناشنى نومۇس بىلمەيدىغان زەيپانە مىجەز دادىلارنى؛ بىر بوتۇلكا بەدبۇي ھاراقنىڭ قۇلى بولۇپ، سورۇنمۇ سورۇن سوكۇلداپ، تېتىقسىز يۇمۇرلارنى ئېيتىشىپ ھارمايدىغان ھاماقەت دادىلارنى؛ لەۋزىدە تۇرمايدىغان، خىيانەتكارلىق، ساتقىنلىق، ساختىپەزلىك، سۇخەنچىلىكتەك پەسكەشلىكلەرنى جاھاندارچىلىق يولى قىلىۋالغان ئاتالمىش دادىلارنى كۆپلەپ كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا، دادىلىرىمىزنىڭ ساپاسىدىن ئۈمىدۋار بولۇش مۇمكىنمۇ؟ بۇنداق دادىلار ئەۋلادلىرىنىڭ قىسمىتىنى قېيىن كۈنلەرگە قويمايدۇ، دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ بۇنداق دادىلار ئۆز ئائىلىسىنى ئالىيجاناب ئەخلاق ئۆلچەملىرى بىلەن تۇتۇپ تۇرالامدۇ؟
( Z8 N% b% g% K& k* G9 y: Y) }   كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇنداق دادىلار بىزنىڭ ئىجتىمائىي ئەخلاقىمىزنى بۇلغاپ، ئەۋلادلىرىنىڭ روھىنى كاردىن چىقىرىپ ئۇلارنى پاجىئەنىڭ پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويىدۇ.- P1 {# z( l. B2 S& o% oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەمدى بۇنداق «دادا»لىق ئوبرازىمىزغا ئۈزۈل – كېسىل خاتىمە بېرىدىغان پەيت كەلدى., c+ k8 O9 [7 J  m/ @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
چۈنكى بىزنى مۆلچەرلىگۈسىز كېلەچەك كۈتۈپ تۇرماقتا.
# H1 r% Y: v& G2 I# n& `شۇڭا ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلەپ قويۇش كېرەك:/ D. @1 u5 C5 W, v& e2 pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دادىلار – مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى، قول، قانىتى.: d" t/ \7 s& Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دادىلارنىڭ ۋۇجۇدى ھەققانىيەت بىلەن، باتۇرلۇق بىلەن، چىۋەرلىك بىلەن، ئەقىل ۋە دىيانەت بىلەن تولۇشى كېرەككى، ئۇ يەردە دېلىغۇللۇق، مۈجمەللىك، پەمسىزلىك، بېلى بوشلۇق، ساداقەتسىزلىك، ھاماقەتلىك، ھۇرۇنلۇق ئىللەتلىرى بولماسلىقى كېرەك.) b) ?5 C5 Y' C' s, _- X$ Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دادىلار قەيسەرلىكتە، چىدام – جاسارەتتە، ئىلىم – ھۈنەردە، ۋاپادارلىقتا، ئەل – يۇرتقا ھىممەت كۆرسىتىشتە … پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولالىشى كېرەك.
5 l8 `0 Z8 P* A9 O2 dمۇشۇلارنى قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
7 X# D) {: n2 z( E& z# S3 {ئەلۋەتتە مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دادىلار ئۆزىمىزنى بىر قېتىم دەڭسەپ كۆرۈشىمىز ۋە ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم.
5 Y! l; n, m4 n& X$ r* Z- n4 C9 F  pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە: «جۇڭگو مىللەتلىرى» 2004-يىللىق 4-سان
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-23 07:13

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش