روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1641|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كونا ناخشا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كونا ناخشا
(...گە)
تىڭشىغانتىم مۇڭلۇق بىر ناخشا،
مۇزىكىسى دۇتتار، داپ، غېجەك.
ئەۋجىسىدىن دىلدا جان ئاقسا،
ساتار بولۇپ ئېرىيتى يۈرەك.

تەئەججۇپتا سورىدىڭ ئاستا:
ناخشاڭ يوقمۇ بۇنىڭدىن بۆلەك؟
دەۋر دىگەن «يېڭى»غا باقسا،
«كونا سەنەم» نىمىدىن دېرەك؟

چۆچۈپ كەتتىم سۆزۈڭدىن، ئەستا...
قاي پېلەكتىن چۈشكەن سەن خەمەك؟
تانغۇدەكسەن نەسلىڭدىن ھەتتا،
بولىۋەرسەڭ « مودا» غا ھەلەك.

«كونا ناخشام»  قىممەتتە يەكتا،
سېھرى باردۇر جاننى بەرگۈدەك.
ئاشىقلىرى ئىز ئۇلاپ پەيدا،
جانان كەبى سۆيۈپ كەلگۈدەك!

قەدرىنى بىلمەس « مودا» غا باقسا،
ساڭا ئوخشاش كەلتۈرىدۇ شەك.
ئەنئەنىگە باغرىنى ياقسا،
كونا پەدە- يېڭىدۇر، دىمەك.

كونا ناخشا ئاڭلىسام راستلا،
تەنلىرىمدە ساماۋىي كۆرەك.
ئەجداد روھى روھىمنى قاقسا،
ئارمانلارغا بولاركەن يۆلەك!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ياخشى چىقىپتۇ
ۋاقتى: 2014-4-15 17:06:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ياخشى چىقىپتۇ... يارايسىز
ۋاقتى: 2014-4-16 00:12:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  شېئىر ھەقىقى  كەسىپ  ئەھلىنىڭ  قولىدىن  چىقىپتۇ  ! روھلاندىكى  شائىرلارغا  ئۈلگە  بولغۇچىلىكى  باركەن .......
ۋاقتى: 2014-4-16 00:15:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنىڭ  مەنبەسىنى  ئەسكەرتكەن  بولسىڭىز ؟
ۋاقتى: 2014-4-16 00:45:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئېر ماڭىمۇ بەك يارىدى،رەخمەت سىز گە!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-16 13:06:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارغا رەھمەت. نۇرلاننىڭ بارلىق يازمىلىرى نۇرلاننىڭ قەلىمىدىن چىققان.
ۋاقتى: 2014-4-16 18:41:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ بۇ. رەھمەت

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-23 06:35

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش