روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 6898|ئىنكاس: 68
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كىمنى ئالسام بولاركىن

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كىمنى ئالسام بولاركىن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار جامائەت،
ئەھۋالىڭلار ياخشىدۇ تۇرغانسىلەر سالامەت.
ئۇدۇل ئېيتاي دەردىمنى ئارتۇقچە سۆز بىھاجەت،
قالدىم قىيىن ئەھۋالدا بەرسەڭلار بىر مەسلىھەت،
ئېيتىڭلارچۇ خالايىق كىمنى ئالسام بولاركىن.

«يېشىڭ باردى بىر يەرگە، ئۆيلەن» دېدى تۇغقانلار،
لايىق ئىزدەپ ھەر يەردە بۇ خەۋەرنى ئۇققانلار.
خوپ كۆرمىسەم بىرىنى رەنجىدى ھەم تاپقانلار،
ئۆزۈم ئىزدەپ تاپقاننى ياراتمىدى داققاللار،
ئېيتىڭلارچۇ خالايىق كىمنى ئالسام بولاركىن.

تونۇشتۇردى بىر قىزنى ئوقۇپ كەپتۇ شەھەردە،
چۈشتە كەلدى ساقلىسام دېيىشكەنتۇق سەھەرگە.
يۈز – كۆزىنى كۆرۈپلا ئاران تۇردۇم كېتەرگە،
(تاپقان پۇلۇم يېتەرمۇ ئۇپا – ئەڭلىك، ئەنبەرگە)،
ئېيتىڭلارچۇ خالايىق كىمنى ئالسام بولاركىن.

يەنە ئىزدەپ تېپىپتۇ تەقۋا قىزدىن بىرىنى،
خىجىل بولدۇم مەنمۇ ھەم ئاڭلاپ قىلغان سۆزىنى.
ھەيران قالدىم ۋە لېكىن قىز ئېيتقاندا سىرىنى،
ئاجراشقانكەن ئېرىمۇ بىلمىگەچ ئۆي ئىشىنى،
ئېيتىڭلارچۇ خالايىق كىمنى ئالسام بولاركىن.

ئەنە ئويناپ يۈرىيدۇ تەڭتۇشلارنىڭ بالىسى،
بالىسىنىڭ غېمىگە چىدىمايدۇ ئانىسى.
«قاچان نەۋرەم بولار» دەپ بولدى يۈرەك يارىسى،
ئۇشبۇ شېئىر مەندەك كۆپ بويتاقلارنىڭ نالىسى،
ئېيتىڭلارچۇ خالايىق كىمنى ئالسام بولاركىن.

بۇ تېمىنى مىسرانىمغا مەن يوللىغان. كۆچۈرۈپ كەپتۇ دەپ سۆزلەپ يۈرمەڭلار.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تەجرىبە +12 ئىناۋەت +42 تەڭگە +30 بايلىق +12 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
Ayshemgul + 15 + 9 ماختاشقا تېگىشلىك
Izqiman + 15 + 9 يارايسىز
Tursun007 + 12 + 12 + 12 + 12 + 7 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

كېيىنكى: كونا ناخشا
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-13 23:45:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورغا ئىلان بىرلىمۇ يا خوتۇن ئىزدەش ئىلانى دەپ

باھا سۆز

سەت تۇرار مىكى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-4-13 23:56
ۋاقتى: 2014-4-13 23:47:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز  ئەمدى كىمنى ئالسىڭىز بۇلاركىن رۇھلاندىن ئىزدەپ باقامسىز يا؟  (چاقچاق)
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-13 23:56:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىدرسجان يوللىغان ۋاقتى  2014-4-13 23:45
تورغا ئىلان بىرلىمۇ يا خوتۇن ئىزدەش ئىلانى دەپ

سەت تۇرار مىكى
ۋاقتى: 2014-4-13 23:57:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلپتۇ بۇ شېئىر. يوللۇغۇچىغا ئاپىرىن.
ۋاقتى: 2014-4-13 23:58:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سارسان发表于2014-04-13 23:47:20
ياخشى يىزىپسىز  ئەمدى كىمنى ئالسىڭىز بۇلاركىن رۇھلاندىن ئىزدەپ باقامسىز يا؟;P  (چاقچاق)
ھا ھا! بالدۇراق يازغان بولسڭىز ئىككىمىز بىر ھال -مۇڭ بۇلشاكەنمىز
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-4-14 00:15:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماندا يېزىقچىلىق ھۈنىرىممۇ بار دەڭە

باھا سۆز

ئەمدى تۇراق، ۋەزىن دېگەنلەرنى ئانچە چۈشەنمىسەممۇ ئاز - تولا يېزىپ قويىمەن.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-4-14 07:58
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-14 07:58:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ADiL يوللىغان ۋاقتى  2014-4-14 00:15
ماندا يېزىقچىلىق ھۈنىرىممۇ بار دەڭە

ئەمدى تۇراق، ۋەزىن دېگەنلەرنى ئانچە چۈشەنمىسەممۇ ئاز - تولا يېزىپ قويىمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-14 07:59:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاۋچات يوللىغان ۋاقتى  2014-4-14 01:18
ياخشى يىزىپسىز مەنمۇ ئاجىراشقان ئىدىم ھى ھى بويتاق قال ...

بەزىلەر توي قىلىپ بولالمايۋاتسا سىز.......

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-21 21:41

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش