روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1634|ئىنكاس: 12
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئېچىنىش ئىچىدە قىلغان خىتابىم.

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                                      ئېچىنىش ئىچىدە قىلغان خىتابىم...
, w# s. ^" f2 M0 D" ~7 a  ~/ \مانا بۇ بۈگۈن بېشىمدىن ھەقىقىي ئۆتكەن ئىش........) T2 C7 e  K' Z0 f5 }5 m0 f# r) pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تېلفۇنۇم جىرىڭلىدى،ئالسام مۇشۇ مەكتەپتە بىرگە ئوقۇيدىغان بىر قىز يۇرتدېشىم ئىكەن.ئۇ ئۆزىنىڭ مىجەزىنىڭ يوقلۇقىنى،ئەگەر ۋاقتىم بولسا دوختۇرخانىغا ئاپرىپ كېلشىمنى ئېيىتتى.مەن ئىككىلەنمەيلا ماقۇل دېدىم دە-دەرھال ئۇنىڭ قېشىغا يىتىپ باردىم. بۇ قىز قورسىقىنى چىڭ مۇجىغىنىچە ۋايجانلايتى...مەن ئارتۇق ئويلانمايلا ئۇنى ۋېلاياتلىك چوڭ دوختۇرخانىغا ئاپاردىم.  L! o; H* P. y. d3 lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇنى يۆلەپ دوختۇر ئىشخانسىغا ئېلىپ ماڭسام،يىراقتا بىزگە قاراپ تۇرغان مەسلىھەت بەرگۈچى ئايال سېستىرا نېمە دېدى بىلەمسىلەر؟؟..دوختۇرخانىغا كىرىپ بىسمىللا دىمەي تۇنجى ئاڭلىغنىم ‹بۇ قىز نىمە بوپتۇ بويىدا قاپتىما؟› دىگەن سۆز بولدى. بۇ سۆزنى ئاڭلاپ غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدىيۇ نۇمۇس كۈچىدە يۈزلىرىم قىزرىپ گەپمۇ قىلالماي كېتىپ قالدىم.بۇ قىزنىڭ بولسا جاۋاپ قايتۇرغىدەك ھالى يوق ئىدى.
# L  r; a; Z( R' o( o+ _; Gدوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئاياللار بۆلىمىگە كىردۇق.ئەيھانناس..بۇ قىزنى كۆرۇپ بۇ دوختۇرنىڭمۇ تۇنجى گېپى نىمە بولدى بىلەمسىلەر؟؟؟..‹ھېلىقىدەك ئىشلار بولۇپ قالمىغان بولغىيتى ..بويىڭىزدا يوقتۇ؟›..بۇ قىز مىنىڭ قەلبىمدە خېلى يۇقىرى ئورۇندا تۇردىغان ئەخلاقلىق ئىپپەتلىك قىز ئىدى.بۇ قىز بولسا مېنىڭدىن ئەيمىنىپ گەپمۇ قىلالمايتى.پەقەتلا‹ياق ئۇنداق ئىش يوق›لا دىيەلىدى...مەن ۋاي نىمە دەيدىغانلا،بىز دىگەن ئوقۇغۇچى دەپ قايتا قايتا چۇشەندۈرۈپ كەتتىم.ئەمما دوختۇر ئايالنىڭ ئىنكاسىدا ئازراقمۇ ئۆزگىرىش بولغاندەك ئەمەس.دوختۇر:‹بىزنىڭ قېشىمىزغا ئاياللار كېسىلى بولۇپ قاپتىمەن دەپ كەلگەنلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسمى سىلەرگە ئوخشاش ئوقۇغۇچى،ھەممىسى شۇ قىلدىغاننى قىلىپ بولۇپ مۇشۇنداق ھىچنىمىنى بىلمەس بۇلۋالىدۇ..›.دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ جان ئىمانىم چىقىپ كەتكىلى تاسلا قالدى.نىمە دەپ چۇشەندۈرۈشنى بىلەلمەيلا قالدىم.بىز مىڭ چۈشەندۈرسەكمۇ ئىشەنمەيتى. دوختۇر بىزنى ‹سىلەر ئاۋال بىچاۋ،CT،قان تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ كېلىڭلار، ھازىر سىلەر نىمىلا دىگەن بىلەن بىكار› دەپ يولغا سالدى.بۇ قىز نىمىلا دەپ قەسەم ئىچىپ بەرسىمۇ ئوخشاش ئىدى..شۇڭا بىز تەكشۈرتۈش نەتىجىسى ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ئاقلىماقچى بولدۇق..3 |2 _/ M+ O% a' Y- zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ قىز بىچاۋ تەكشۈرۈش ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.مەن چۇڭقۇر خۇرسىنىش ئېچىنىش ئىچىدە دوختۇر ئايالنىڭ بايىقى دىگەن سۆزلىرنى ئويلاپ،يۈركۈمگە بىرسى پىچاق سانجىغاندەك قاتتىق ئازاپلاندىم..زەردىدە يېرىلىپ كىتەيلا دەپ قالدىم.كۆزچاناقلىرىمدا نىمىشقىدۇر ياشلار پەيدا بولدى .مەن كۆز ياشلىرىمنى يۇشۇرۇشقا ئامالسىز قالدىم.ئۆزۈمنى شۇنچە تۇتۋالاي دىسەممۇ ئامال قىلالماي باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلشىدىن ئەنسىرەپ يەر ئاستى ئۆيگە كىرىپلا بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم ..‹ئىھ جانابي ئاللا!!..مۇشۇ كېسەللەرنى شۇ نارسىدە قىزغا سالغۇچە  مۇشۇنداق پاك قىزلارنىڭ يۇزىنى چۈشۈرۋاتقان،ھايۋانلارچە شەرمى ھايانى قايرىپ قويۇپ ئىپپەت نۇمۇسنى سېتۋاتقان، شۇ ئەرزىمەس كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلۋاتقان ،ئۆزىنىڭ تېنىدە كىمنىڭ قېنى ئېقىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان شۇنداق ئىپلاس مۇناپىقلارغا سالساڭ بولماسمىدى!!!› دەپ ،مۇشۇنداق باشقىلارنىڭ يۇزىگە داغ چۈشۈرۋاتقان،مۇشۇنداق قىزلارنىڭ پاكلىقىغا ھىچكىم ئشەنمەس بولۇپ قېلشىغا سەۋەپچى بولۋاتقان قىزلارنى مىڭنى قارغىۋەتتىم....
' H# u9 S4 A% R3 N" }/ Zئاخىرى ھەر قايسى بىچاۋ،,CTقان تەكشۈرتۈش نەتىجىلىرنى ئېلىپ ئاللار بۆلۈمىدىكى ھېلىقى ئايال دوختۇرنىڭ قېشغا چىقتۇق.دوختۇر نەتىجىلەرنى بىر قۇر كۆرىۋېتىپ بىزگە كەچۈرۈڭلار دىگەندەك قىلىپ بوش ئاۋازدا‹ھەممە تەكشۈرۈشلەر ئىنتايىن نورمال، قورساق بوشلۇقىدا ئازراق ياللۇغلىنىش بار ئىكەن.شۇ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ ياللۇغ قايتۇردىغان دورا ئىچسىڭىزلا ياخشى بولۇپ كېتسىز› دېدى.6 d8 F( Q. l5 @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخاندىن  قايتىپ چىقتۇق ،ئەمما مىنىڭ ئاچچىقىم ھىچ ياندىغاندەك قىلمايتى..ياتقىمغا كىردىميۇ لىكىن چىۋىن يەۋالغاندەك كۆڭلۈم بىئارام بولۇپ كەتتى...بۇ ئىش مەندە چۇڭقۇر ئويلىنىش پەيدا قىلدى...چۈنكى بۇ ئىش ھەرگىزمۇ ئاددى ئىش ئەمەس ئىدى .شۇڭا باشقىلاردىمۇ ئويلىنىش پەيدا قىلىش ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ ئۆتمەكچى بولدۇم.4 v/ F3 s" S4 o  R* x3 v3 i8 fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مۇشۇ خەتلەرنى كومپىيوتىرىمنىڭ كونۇپكا تاختىسدا بېسىۋاتقىنىمدا ئىختىيارسىز كۆزۈمدىن ئىككى تامچە ياش ئاستا سىرغىپ كۇنۇپكا تاختىسنىڭ ئۈستىگە چۈشتى دە- قۇرلىرىمنىڭ ئاخىردا مۇنۇ خىتاپلار پەيدا بولدى.....‹ ئىھ رەببىم ،ئاشۇ ئەركەكلىرىڭگە شۇ ئاجىز قىز ئاياللارنى توغرا يولغا باشلىغدەك ،ئۇلارنى قوغدىغۇدەك ،ئۇلار كۆرسە خىجللىقتىن ئەيمەنگۈدەك جاسارەت،ئىمان،ۋىجدان ئاتا قىلشىڭنى. قىزلىرمىزغا شەرمى ھايا،ئىپپەت نۇمۇس،قەدىر قىممىتىنى قوغدىغۇدەك جاسارەت ئاتا قىلشىڭنى ...ئاجىز بەندىلىرىڭنىڭ بىلىپ بىلمەي قىلىپ سالغان گۇناھلىرنى مەغپىرەت قىلشىڭنى تىلەيمەن.....ئامىن!!!!
0 q8 M3 [, M2 y4 l8 s0 Z2014.يىلى4.ئاينىڭ5.كۈنى ( شەنبە)1 K  J, d7 \; X  [: _* c; M- Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
                                                        ئالىمجان ...., m; }' C  q+ I. sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +15 تەڭگە +9 يىغىش سەۋەبى
ئەلتۈرگ + 15 + 9 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-6 18:02:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ بۈگۈنكى ئەخلاقىي جەھەتتىن خونۈكلەشكەن جەمئىيەتنىڭ بىزگە بولغان قايتۇرما ئىنكاسى. جەمئىيىتىمىزدىكى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، ھايات قەدرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان ئاز ساندىكى ئازغۇنلىرىمىزنىڭ كاساپىتىدىن بىرقىسىم جەمئىيەت تەڭپۇڭسىزلىقى يۈز بەرمەكتە. مەنمۇ بەزىدە بىر نەۋرە ئاچا- سىڭىللىرىم، تونۇش- بىلىشلىرىم بىلەن كوچا- كويلاردا پاراڭلىشىپ قالسام بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ يۈزەكىلا خاتا چۈشىنىشلىرىگىمۇ دۇچار بولغان يەرلىرىم كۆپ....
ۋاقتى: 2014-4-6 21:32:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن تەسىرلىك يازما ئىكەن. يەنىمۇ تىرىشىڭ.
ۋاقتى: 2014-4-6 22:29:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئىسىل بىر يازمىنى بىزگە سوغا قىپسىز.
ۋاقتى: 2014-4-6 23:28:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغرا  ئۇيلاپسىز  قىرىندىشىم  سىزنى قۇللايمەن
ۋاقتى: 2014-4-7 00:10:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى مەزمۇنلاركەن، ئاللاھ ھەر بىر بەندىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ۋە ئىمان ئاتا قىلسۇن...........
ۋاقتى: 2014-4-7 09:27:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن تەسىرلىك يازما ئىكەن
ۋاقتى: 2014-4-7 14:04:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بۇ ھەقتە چوڭقۇرراق ئويلىنىپ باقمىساق بولمايدۇ.گەپ ئادەمنىڭ ئۆزىدە،لىكىن،ئۆز ئەتىراپىدىكى قىز-ئاياللارغا مەسئول بولالىغىدەك مىجەزدىكى ئەركەكلەرمۇ ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ...
ۋاقتى: 2014-4-7 15:48:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى بىر ھىكايە قىلىپ كىڭەيتىپ يازىدىغان تىما ئىكەنتۇق بۇ..., s$ r3 J" p5 C# f5 _: Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۆز ھەمشىرىللىرىگە، ئۆز ئايالىغا، ۋاپادار مەشۇقىغا كىچىككىنە مىھىر مۇھەببەت بىرىش ئورنىغا ئۈزىنى ئۇلارنىڭ خۇجايىنى، ئىگىسى ساناپ ئادىمىلىكتىن چەتنەشتىن سىرىت ھالال يوللاردىكى قىز ئاياللارنى شىرىن شىكەر سۆزلىرى ھايۋانى قىلىقلىرى ئارقىلىق يولدىن چىقىرىۋاتقان ئەرلىك بەلگىسى بار ئەركەكلىگى يوق يىگىتلىرىمىز بىلەن كەلگۈسىنىڭ ئانىللىرى بۇلىمىش سۇيۇق، غىلتاڭ، ئاياللىق ھۆرمەت، ئاياللىق ئىززەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي ياشاۋاتقان قىزلىرىمىزنىڭ  سەۋەبىدىن مۇشۇنداق سورۇنلاردا ئۇۋالچىلىققا ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئاز ئەمەس.; |2 q5 a4 `( b$ p+ G) Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

  ?4 L* q/ |/ ]9 A6 C) E% eقانداقلا بولسۇن ئۈزىڭىزنىڭ ۋە يۇرتدىشىڭىزنىڭ ئۇخىلدىكى تاپتىن چىققان توپنىڭ تەۋەلىگى ئەمەسلىگىڭلارنى ئاشۇ دوختۇرلار ئالدىدا ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بىرىپسىلەر!!!
ۋاقتى: 2014-4-7 21:12:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزلىپتۇ
" i0 x, i+ S2 _+ `. }来自安卓客户端

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-22 22:07

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش