روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 884|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئاتىلارمۇ ئانىدەك ئۇلۇغ!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاتىلارمۇ ئانىدەك ئۇلۇغ
ئانىلارنى «ھاياتلىق» دىدۇق،
ئۇلۇغلىققا مەۋجۇدات گۇۋاھ.
ھاياتلىققا ئاتىلار ئۇزۇق،
ئادىمىيلىك ئالىمىدە شاھ .

ئانىلارنى كۈيلىگەن كۈيلەر،
ئاتىغىمۇ تەئەللۇق ئەسلى.
شىرمەت يىگىت،ماھبەدەرلەر،
كۈيلەنمىگەن ئاتىنىڭ نەسلى.

ئاتاڭ شۇنداق، قاپىقى تۈرۈك،
ئوخشىمايدۇ ئاناڭغا ئەسلا.
كۆرۈنسىمۇ ھەمىشە سۈرلۈك،
پەرزەنتىگە مېھرى كەڭ دەريا.

يەلكىسى تاغ، كۆڭلى يېشىل باغ،
ئاتىلارمۇ ئانىدەك ئۇلۇغ.
سەن ئەجرىڭدىن كۈلگەن ئاشۇ چاغ،
ئاتىلارغا ئۇتۇقتۇر-ئۇتۇق.
مۇھەببەتنىڭ تۈرى خىلمۇ-خىل،
ئىپادىلەش ئۇسۇلى چەكسىز.
ئاتىلارمۇ مۇھەببەتلىك بىل،
ئائىلىگە سۆيگۈسى شەكسىز.

ئاتا نامى-ئەركەككە تەڭداش،
ساختا شۆھرەت، تەمادىن يىراق.
ئېتىقادى ئىمانغا رەڭداش،
پەزىلەتتە ئۈلگە، نۇر-چىراق.

ئەلنى سۆيگەن ئاتىلار سانسىز،
ئاناڭدەكلا سۆيگىن ئاتاڭنى.
ئاتاڭ خېزىر، بولسىمۇ نامسىز،
ساقايتىشقا قادىر ياراڭنى.

ئاتاڭ بەلكىم نامرات-قۇرۇق قول،
شامال كېزەر كۈلبەڭدە غۇر-غۇر.
نامرات داداڭ-بايلىقلىرى مول،
تەپچىپ تۇرار ۋىجدان ھەم غۇرۇر.

ھەر بىر ئاتا بالىنىڭ پەخرى،
مۇساپەڭدە سۇنماس جۈپ قانات.
ئۆتۈلمىسۇن يوقىدا قەدرى،
ئەجدات بىلەن تەلەيلىك ئەۋلات.


ئاتىلارمۇ ئانىدەك ئۇلۇغ،
كۈلمىسەڭمۇ سالام بېرىپ قوي.
سالامىڭدىن قەلبى يۇپيۇرۇق.
دۇئاسىدىن كۈنلىرىڭدە توي!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +40 ئىناۋەت +25 تەڭگە +10 بايلىق +10 يىغىش سەۋەبى
ADiL + 40 + 25 + 10 + 10 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-6 09:37:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىدا بىر  يەردە ئىملا خاتالىقى يۈز بېرىپتۇ.
ماھىبەدەرلەر دىگەن سۆز ماھبەدەرلەر بولۇپ قاپتۇ.  ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاقتى: 2014-4-6 09:41:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى يىزىپسىز شىئىرنى.

مەنمۇ بىر كۇپلىت قوشۇپ قوياي..


ئاتا-ئانا بولسا قانچە مىھرىبان،
پەرزەنىت بولۇر شۇنچە كۆيۈمچان
ئاتا-ئانا پەرزەنىت قەلبىدە،
گوياكى بىر باتۇر قەھرىمان.
ۋاقتى: 2014-4-6 11:50:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ ،ئاتا - ئانىنىڭ تارتقان جاپاسىغا قانچە قىلساقمۇ ئازلىق قىلىدۇ
ۋاقتى: 2014-4-6 18:28:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتلىك داداممۇ كۆپىنچە ھاللاردا ماڭا شۇنداق قاتتىق قول بولۇپ، ئاسانلىقچە چىراي ئاچمايتى. شۇ ۋەجىدىن مەن بەزى چاغلاردا ھەتتا، دادام ماڭا كۆيۈنمەيدىكەن، ئۆچكەن دەپ رەنجىپلا يۈرەتتىمكەن. ئىسىت، دادام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىنكى كۈنلەردە ئاپام ۋە باشقىلاردىن، دادامنىڭ ماڭا قانچىلىك دەرىجىدە ئامراق ئىكەنلىكىنى، تەقدىرىمگە قانچىلىك دەرىجىدە كۆيۈنىدىغانلىقىنى بىلگىنىمدە، چىرايىدا ئادەتتە ئانچە كۈلكە جىلۋە قىلمايدىغان، ئەمما يۈرىكىنىڭ قات- قېتىدا ئالەمچە مېھرىبانلىق يېغىپ تۇرىدىغان شۇ ياخشى كۆڭلىگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئاللىقاچان كېچىككەنلىكىمنى ھېس قىلغىنىمدا ئازابتىن پۇچلىنىپ كېتىمەن.
ۋاقتى: 2014-4-6 23:37:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسڭز .ئاتا ئانىمىزنىڭ بىزگە يەتكۈزگەن مېھرى مۇھاببىتى .ئۈچۈن ھەر قانچە قىلساقمۇ .ئەرزىيدۇ.لېكىن بىز ئۇنى ھەقىقىي چۈشەنگەندە ئۇلار ئاللىقاچان ئارىمىزدىن كەتكەن بولىدىكەن ،ھەر قانچە پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدىكەن.........
ۋاقتى: 2014-4-7 09:31:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى يىزىپسىز
ۋاقتى: 2014-4-7 12:30:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى  يېزىپسىز   مىنڭ بەزىبىر قاراشلىرىم ئۆزگەردى.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-22 21:51

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش