روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 861|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ھەر ئىش ھەر ئادەم پەرۋىشكە مۇھتاج

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

( F( J; F& a# J! r/ aرەھمەتلىك ئاتام گۈل بېقىشنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتى. ئائىلىمىزدىكى گۈللەرنىمۇ مېھرى بىلەن پەرۋىش قىلاتتى. ئۇنىڭ گۈللەر بىلەن پات-پاتلا قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كېتىدىغىنىغا خېلى بۇرۇنلا دىققەت قىلغانمەن. شۇڭىمۇ ئۇ پەرۋىش قىلغان گۈللەر تېزلا ئەي بولۇپ، بەس-بەستە ئېچىلىپ كېتەتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئالىي مەكتەپكە يېڭى قەدەم قويغان چاغلىرىمدا تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇمايلا كەسىپكە چۈشكەچكىمۇ، دەرسلىرىم بەكلا تەس تۇيۇلغانىدى. ئەڭ يېقىن سىردىشىم، مەدەتكارىم ئاتامغا دەردىمنى ئېيتاتتىم. ئاتام كۈلۈپ كېتەتتى-دە:« بالام، ھەر قانداق ئىش. ھەر قانداق ئادەم پەرۋىشكە موھتاج. شۇنىڭغا ئېرىشىمەنلا دەيدىكەنسىز، پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن كۈرۈش قىلىڭ»دەيىتتى. مانا بۇ گەپنىڭ ئېيتىلغىنىغا 10 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ھەر قېتىم قېيىنچىلىق سەۋەبىدىن بېشىم قاتقاندا، ماڭا يۆلەك بولاتتى. 1 j! x2 q: |% l# Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇچراشمىغىلى خېلى يىللار بولغان بىر تونۇشۇم بار ئىدى. يېقىندا ئۇنى ئۇچرىتىپ قالدىم. بىز ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن، ئۇ ماڭا ھازىرقى تۇرمۇشى توغرىسىدا دادلاپ بەردى:
; R' J' A/ f- I7 X$ C' O_ تەلىيم كاج ئىكەن. يېڭى توي قىلغاندا ئېرىم تۆرگە باشلاپ، گەپلىرىمنى بېرىلىپ ئاڭلايىتتى. ۋايجان دەپ بولغۇچە، يېنىڭىزدا مەن بار، سىز ئۈچۈن تاغ، سىز ئۈچۈن يۆلەكمەن، دەپ مەيدىسىگە ئۇراتتى. بەختىم ئېچىلغان چېغى، دەپتىمەن. بالىلىق بولغاندن كېيىنلا ئائىلەمگە، بالامغا ئىگە بولىدىغانلار جىق چىقىپ كەتتى. بىلىسەن. خەقنىڭ ئالدىمدىن توغرا ئۆتۈشىگە، قۇلىقىمغا گەپ قۇيۇشىغا، ئىشىمغا چات كېرىۋېلىشىغا يول قويمايمەن. نەتىجىدە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن چىقىشالماي ئائىلەمنى قۇربان قىلدىم. خىزمەتكە كەلسەك، ئانچە دۆتمۇ ئەمەستىم، نەتىجىلىرىم ئوقۇغۇچى چېغىمدىلا ئەلا ئىدى. بىراق نېمىشقىكىن، تاغدا يولۋاس بولمىسا، مايمۇن پادىشاھ بوپتۇ دېگەندەك، گېپى ئاغزىدىن چۈشۈپ قالىدىغان، قورسىقىدا ئۇمىچى يوق سولتەكلەر باش بولۇپ، بۇيرۇق قىلغىلى تۇردى. نېمىگە چىدىسام مەيلى، يېرىمىمغا توغرا كەلمەيدىغان چالا ساۋاتلارنىڭ بۇيرۇقۋازلىقىغا چىدىمايدىكەنمەن، كىم باشلىق بولسا شۇنىڭ بىلەن چىقىشالمايمەن، تەڭ تۇرىمەن، بۇرنۇمغا يەيمەن. بۆلۈم ئالمىشىمەن، ئۇزاق ئۆتمەي يەنە جاڭجاللىشىمەن. كۈنلىرىم شۇنداق ئۆتمەكتە. جاھان مەندىن، مەن جاھاندىن بىزار...
2 k3 b! Q2 X" Z( m% ^+ {( K+ R" V" T; l$ uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، يا كۈلۈشنى يا يىغلاشنى بىلمىدىم. ئەتراپىمىزدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، قىسمىتىدىن، خىزمىتىدىن، جورىسىدىن، پەرزەنتىدىن، ئائىلىسىدىن، ئىقتىسادىدىن، باشلىقىدىن...كۆڭلى سۇ ئىچمەيۋاتقان «دەرتمەن»لەر ئاز ئەمەس، ئۇلارغا نېمە دىگۈلۈك؟ گۈل-گىياھ چېغىدا مېھىر-مۇھەببەت، چىن ئەقىدە بىلەن سۇغىرىلۋاتقىنىنى ھېس قىلىپ پورەكلەپ ئېچىلغان يەردە، ئادەملەرنى تەسىرلەندۈرۈش شۇنچە تەسمىدۇ؟ باشقىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈشتە ئالدى بىلەن كىشى ئۆزىدە ياخشى خاراكتېر يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئۇنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈنمۇ پەرۋىش بولمىسا بولمايدۇ. بەختلىك نىكاھ، ئىللىق ئائىلىمۇ شۇنداق. ئۇمۇ بارلىق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ جان-دىل بىلەن پەرۋىش قىلىشىغا، قەدىرلىشىگە مۇھتاج. خىزمەت تېخىمۇ شۇنداق، ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ قىلغاندا، ئەجىر سىڭدۈرگەندە، چوقۇم ئالقىشقا تۇشلۇق نەتىجىلەر قولغا كېلىدۇ.* }0 N# m1 r& F. k  t* Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سۆزۈمنى قايسىبىر ئۇستازنىڭ مۇنۇ بايانى بىلەن ئاخىرلاشتۇراي:«ئىنسان ھەر ۋاقىت روھىيىتىدىكى چاكىنا نەرسىلەرنى تازىلاپ، كۆڭۈل بوستانىنى گۈللەر بىلەن بېزەيمەن دەيدىكەن، پەرۋىشنى مەڭگۈلۈك دوست تۇتۇش كېرەك».  j& `2 m. T8 z6 D; ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

( n, p" M5 R2 Z6 @$ E) q3 N: {  N7 }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبەسى: قانۇنچىلىق گېزىتى! G3 c# f' n" D" Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-22 01:52

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش