روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1266|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تۇزلۇق قەھۋە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                                    تۇزلۇق قەھۋە
7 }8 l6 }1 u1 q4 x* T. u0 J2 x% Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
      قىز ئۈچۈن ئۇ كۈنى بىر ئولتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە قىز بولسا بەك گۈزەل بولۇپ كەتكەنىدى. قىزغا دىققەت قىلغان شۇنچە كۆپ يىگىتلەر بار ئىدى. ئولتۇرۇش ئاياقلاشقاندا يىگىتلەردىن بىرى قىزنى قەھۋەگە تەكلىپ قىلدى. قىز ئولتۇرۇش جەريانىدا ئۆزى ئانچە دىققەت قىلمىغان يىگىتنىڭ تەلىپىنى ئەدەپ بىلەن قۇبۇل قىلدى. ئىككىيلەن بىللە بۇلۇڭدىكى ئۈستەلدە ئولتۇردى. يىگىت شۇنچىلىك ھاياجانلانغان ئىدىكى، تىللىرى قولاشماي گەپمۇ قىلالماي قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئالاقزادە بولىشى قىزنىمۇ زېرىكتۈرۈپ قويدى. قىز ئەمدى <مەن قوپاي> دەي دەپ تۇرىشىغا، يىگىت تۇيۇقسىزلا كۈتكۈچىنى چاقىردى :      
: @% a5 S. Y+ k     - ماڭا ئازىراق تۇز ئەكىلىپ بېرەمسىز؟ قەھۋەرىمگە سالاي دېگەنىدىم.           5 l0 z' ?8 N  Q: i; @8 d0 G8 ~+ q  I* \6 oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     قىزلا ئەمەس ئەتراپتىكى ئۈستەلدىكىلەرمۇ ھەيرانلىق بىلەن يىگىتكە تىكىلدى. ‹‹قەھۋەگە تۇز؟!››. يىگىت خېجىللىقتىن قىزىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، تۇزنى قەھۋەسىگە سېلىپ ئىچىشكە باشلىدى. قىز ھەيران بولۇپ سورىدى:          % X7 Q$ h7 ?6 H; F/ [( d9 xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     - قەھۋەگە تۇز…؟         
4 l! d/ e. S; ]# c3 H" R1 C3 C6 j' k     -كىچىك ۋاقىتلرىمدا ،- يىگىت چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى ،- دېڭىزغا يېقىن يەردە تۇراتتۇق. دائىم دېڭىز بويىدا ئوينايتتىم. دېڭىز سۈيىنىڭ تۇزلۇق تەمى ھېچ ئاغزىمدىن كەتمىدى. چۈنكى مەن مۇشۇ تەم بىلەن چوڭ بولدۇم. قەھۋەگە  تۇز سېلىشىم بولسا، ھەر قېتىم شۇ تۇز تەمىنى تېتىسام، دېڭىزنى، بالىلىقىمنى ۋە ئائىلەمنى ئېسىمگە ئالىمەن. ئاپام بىلەن دادام ھېلىمۇ شۇ دېڭىز بويىدىكى يەردە تۇرىدۇ، ئۇلارنى شۇنچىلىك سېغىندىمكى ،-يىگىتنىڭ كۆزلىرى ياشلانغانىدى. ئائىلىسىنى، ئاتا-ئانىسىنى ۋە بالىلىقىنى ئۇنۇتمىغان بۇنداق بىرى ئائىلە قەدرىنى بىلگەن بىرى بولاتتى.         * O  a% l( l/ {# ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     قىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلىدى. ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ئائىلىسى توغۇرلۇق سۆزلەپ بەردى، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا تولىمۇ قىزغىن تولىمۇ شېرىن بىر مۇڭدىشىش بولدى. بۇ سۆھبەت ھەممىنىڭ باشلانغۇچى بولدى، ئۇلار كېيىن كۆپ كۆرۈشتى، بىرگە ئايلاندى، كەزدى، يۈردى، ئاخىرى تويمۇ قىلدى ۋە تولىمۇ بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈردى. مەلىكىسى ھاياتى بويىچە قاچانلا شاھزادىسى ئۈچۈن قەھۋە تەييارلىسا ئىچىگە بىر قوشۇق تۇز سېلىپ قويدى. چۈنكى ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغىنىنى ئۇچراشقان بىرىنجى كۈنىدىن تارتىپ بىلەتتى.         
$ @+ w3 e$ V" ]% v: p4 y4 V     تۇنجى ئۇچراشقان شۇ كۈندىن 40 يىل ئۆتۈپ، ئەر قەھرىمانىمىز ۋاپات بولدى. مەھبۇبىسىگە ‹‹مەن ئۆلگەندىن كېيىن ئاچ›› دەپ بىر پارچە خەت قالدۇرۇشنى ئۇنتىمىغان ئىدى. خانىمى ئۇزۇن يىللىق ھايات سەبدىشىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن خەتنى ئاچتى، خەت مۇنداق يېزىلغان ئىدى:              
3 z9 a# w9 p* t- n$ \  \       ‹‹قەدىرلىكىم، مېنى كەچۈرگىن، پۈتۈن ھاياتىمىزنى بىر يالغاننىڭ ئۈستىگە قۇرۇپ چىققانلىقىم ئۈچۈن مېنى كەچۈرگىن. ساڭا ھاياتىمدا بىر قېتىم يالغان گەپ قىلدىم، پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم. تۇنجى كۆرۈشكەن كۈنىمىز ئېسىڭدىمۇ؟ شۇنچىۋالا ھاياجانلىنىپ كەتكەن ۋە ھاياجانلانغانسىرى ھودۇقۇپ كەتكەن ئىدىم. شۇڭا كۈتكۈچىدىن شىكەر سورايمەن دەپ ئاغزىمدىن تۇز چىقىپ كەتتى. سەن ۋە باشقا ئۈستەلدىكى ھەممەيلەن ماڭا شۇنداق تىكىلىپ قاراپ كەتكىنىڭلار ئۈچۈن، تۇز دېگەن گەپنى توغۇرلاشتىن شۇنچىلىك ئۇيالدىمكى، يالغان بىلەن داۋاملاشتۇردۇم. بۇ يالغاننىڭ ئىككىمىزنىڭ ھاياتىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالىدىغىنى ھېچ ئەقلىمگە كەلمىگەن ئىدى. نۇرغۇن قېتىم ساڭا راست گەپنى قىلماقچى بولدۇم، ئەمما قورقتۇم. ئەمدى ئۆلدۈم، قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق: مەن تۇزلۇق قەھۋەنى پەقەتلا ياخشى كۆرمەيمەن. ئۇنىڭ تەمى شۇنچىلىك تەمسىز ھەتتا شۇنچىلىك لاۋزا بىر تەم. ئەمما، سېنىڭ بىلەن تونۇشقان كۈندىن تارتىپ مەن بۇ لاۋزا قەھۋەنى ئىچتىم، ھەمدە زەررىچە پۇشايمانلىق ھېس قىلماستىن ئىچتىم. چۈنكى سېنىڭ بىلەن بىللە ياشاش ھاياتىمنىڭ ئەڭ چوڭ بەختى ئىدى ۋە مەن بۇ بەختنى ئاشۇ تۇزلۇق قەھۋەگە قەرز ئىدىم. ئەگەر ھاياتقا يەنە بىر قېتىم كەلسەم، ھەممىنى يېڭىدىن باشلىسام يەنە سەن بىلەن بىللە ياشاشنى تاللىغان بولاتتىم. بۇنىڭ ئۈچۈن تۇزلۇق قەھۋەنى يەنە بىر ئۆمۈر ئىچسەممۇ مەيلىتى››.         
* W+ @5 L) [& }* m! ^0 M2 m    ياشانغان ئايال كۆز ياشلىرىنى تۇتالماي قالغان ئىدى.          ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا، بىر كۈنى ئۇنىڭدىن بىراۋ ‹‹ تۇزلۇق قەھۋە قانداق بولىدۇ؟ ›› دەپ سوراپ قالدى،   ئۇنىڭ جاۋابى بولسا كۆز ياشلىرى بىلەن مۇنۇ سۆز بولدى:          " h7 \; u! F. n5 s& ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    -بەك تاتلىق.+ b) `' C7 E9 Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   
! S9 m: H3 X/ S0 n. l$ L7 e4 L) o, C    مەنبە : ئۈندىدارىمدىكى بىر دوستۇمنىڭ دوستلۇق چەمبىركىگە يوللىغان يازمىسى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ياخشى مۇھەببەت ھىكايىسكەن  رەخمەت

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-20 03:19

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش