بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەپ. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-8 20:16
تۈندىكى ئۇچقۇن
( ئۆز ئىجادىيەتلىرىمدىن )
گۇيا مەن تۈندىكى چاقنىغان ئۇچقۇن ،
ياقۇنلۇق گۇلخاندىن ئۇچقان ئايرىلىپ .
گۇيا مەن دېڭىزدا يىگانە قۇلۋاق ،
ئاقىمەن ھەريانە دۇلقۇنلار يېرىپ .
گۇيا مەن شاختىكى ئاخىرقى ياپراق ،
شىۋىرغان زەربىدىن رەڭگىم سارغايغان .
گۇيا مەن ئورماندا ئاقسىغان كىيىك ،
ماغدۇرسىز تەنلىرىم ، ئوقتا يارلانغان .
گۇيا مەن چۆللەردە ئاداشقان ساھىل ،
پۇتلىرىم قاپارغان ، يېرىلغان لىۋىم .
گۇيا مەن سۇيى يوق كۆلدىكى بېلىق ،
قارا لاي - پاتقاققا مىلەنگەن تىنىم .
گۇيا مەن سەرگەردان تىلەمچى بالا ،
ئۆيمۇ -ئۆي كىرىمەن دەرۋازا چىكىپ .
گۇيا مەن ھوشىنى يوقاتقان زابوي ،
كاج پەلەك جامىدىن شاراپنى ئىچىپ .
گۇيا مەن يىلتىزسىز يىگانە قامقاق ،
پىرقىرتىپ كۆكلەرگە كۆتەرگەن قۇيۇن .
گۇيا مەن نەشىكەش مەستانە ھاپىز ،
شەيتانغا بىلەتسىز قۇيارمەن ئۇيۇن .
گۇيا مەن ئەقلىدىن ئالجىغان تەلۋە ،
ۋارقىراپ ،جارقىراپ ئاتارمەن كىسەك .
گۇيا مەن نىشانسىز ئېتىلغان بىر ئوق ،
قالدۇرۇپ ئارقىدا كۈرۈنمەس تۈتەك .
( تامام )
بۇ شىئىر يەنە كۇچا مۇنبىرى، بۇلاقجان مۇنبىرى، قاتارلىقلارغا ھەمبەھىرلىنىدۇ. |