روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 786|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

چاخچاق ئارىلاش خىياللار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
چاخچاق ئارىلاش خىياللار
    (...گە)
ئىككىمىزنىڭ كەينىدىن تارقىلىپتۇ سۆز-چۆچەك،
« بۇ ئىككىسى بۇرۇندىن ئاشىق-مەشۇق...» دىگۈدەك.
سەن ئاڭلىساڭ رەنجىيسەن، خاپىلىقىڭ ئالەمچە،
بوپ قالىسەن ھەتتاكى ئۆز-ئۆزۈڭنى يىگۈدەك.

ئاغرىنغىم يوق ئۇلاردىن، «ھەشقەللا»يىم بار تېخى،
ياتقا ئەمەس پېقىرنى، پەقەت ساڭا چېتىپتۇ.
« سېنى سۆيدۈم » دىيەلمەي ئۇلاشقانتىم بۈگۈنگە،
ھەر نىم بولسا ئاشۇلار مەقسىتىمنى تېپىپتۇ.

ئاسقۇم كېلەر گۈلدەستە، ئاشۇلارنىڭ بوينىغا،
بولسا مۇشۇ گەپلەرنى چوڭ-كىچىككە يەتكۈزسە.
قەلبىڭدىكى توڭلارنى باھار بولۇپ ئېرىتىپ،
ماڭا بولغان غۇمىڭنى بوران بولۇپ كەتكۈزسە.

يالغانلارغا يېڭىدىن يالغان گەپلەر قوشۇلسا،
قىپقىزىللا تۆھمەتلەر ئىككمىزگە يۈكلەنسە.
ئارىمىزنى بۇزغانلار ئۆز ۋاقتىدا قىزغىنىپ،
ئۆزى تاپقان گەپلەردىن پۇچۇلانسا، ئۆرتەنسە.

ئاڭلاپ قالسا ئايالىم قاتار چايدا بۇ گەپنى،
ئاچچىقىدىن يانالماي ياقامغىلا ئېسىلسا.
ئۆينى كەيسە بېشىغا، بولسا جىدەل-قىيامەت،
زەرداپ بولۇپ يۈرىكى تۇيۇقسىزلا يىقىلسا.

خەۋەر تاپسا ئېرىڭمۇ، «مىش-مىش» لاردىن بىر كۈنى،
كۆزلىرىدىن ئوت يېنىپ، قاپاقلىرى جۇت بولسا.
كۆتۈرەلمەي قالساڭتىڭ، ئاھانەتتىن بېشىڭنى،
يېقىنلارنىڭ ھەممىسى سېنى كۆرسە «بۇت» بولسا.

خەتنى ئالسا ئايالىم، سەن قوغلانساڭ ئۆيۈڭدىن،
مېنىڭ يېرىم يۈرىكىم خوشاللىقا تولمامتى؟
قورۇنمايلا بىمالال  كۆرۈشسەك بىز رەستىدە،
ئاشۇ كۈنى ئالەمگە قوش خوشاللىق بولمامتى؟

كۆڭۈل دىگەن ئاجايىپ، قويمايدىكەن مەيلىگە،
خىيال دىگەن يىپى يوق بەئەينى بىر لەگلەككەن.
سۆيگۈسىنى يۇشۇرۇپ ئۆتكەن ئادەم مېنىڭدەك،
بۇ ئالامدە ھاماقەت، بىتەلەيكەن-ئەخمەقكەن.

سۆيگىنىگە ۋاقتىدا «سۆيدۈم»دىسۇن يىگىتلەر،
سۆيمىگەنگە ئۆزىنى قويمىسۇنچۇ تارتقۇزۇپ،
راۋا كۆرسۇن تەلەپنى، مەيلى بولسا قىزچاقلار،
پۇشايماندا بولمىسا يۈرەر تاڭنى ئاتقۇزۇپ...

يازغانلىرىم چاخچاقتۇر، ئويلىغىنىم چۈش بەلكىم،
بۇزۇلمىسۇن ئۆيىمىز، ئىكىمىزنىڭ ھەرگىزمۇ.
قىيالمايسەن بالاڭغا ئەگەر شۇنداق كۈن كەلسە،
باللىرىمدا شادلىق يوق، يالغۇز ئۆتسە مەنسىزمۇ.
ئالدىنقى: سۆيگۈ مەكتۇبى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

پات پات مۇشتا چۇشلەرنى كورۇپ تۇرغايسىز

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-23 19:08

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش