روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 904|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

خىيال ھەققىدە تەبىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    خىيال ھەققىدە تەبىر

ئۆزى شاھتۇر، ئۆز-ئۆزىگە خان،
گاھى يامغۇر،گاھىدا شامال.
كىملىكى يوق كېزىدۇ جاھان،
ئەنسىرەشتىن خالىيدۇر خىيال.

تۇيغۇسىدىن كۆمۈش قاناتلىق،
بۇلۇتلاردا ئۇچار قاناتلىق.
تۇيىقىدىن كۈلەر ھاياتلىق،
تەسەۋۋۇرلار ئەركىن، بىمالال.

مەڭىز يېقىپ ناتونۇش يارغا،
ئايلىنىدۇ تومۇزدا قارغا.
لېرىكىدۇر كۆڭۈل ئىزھارغا،
ئېھ، نەقەدەر سۆيۈملۈك بۇ ھال؟!

ئوخشاپ كېتەر نەپىس رەسىمگە،
قىياسلىرى توشقان ھەجىمگە.
ئۈمىد بېرەر لوقمان ھەكىمگە،
ھۆرلۈك دىگەن مۇشۇ ئېھتىمال.

ئاچچىق ھىسلار تاپىدۇ سەۋر،
يۇيۇلىدۇ گۇناھى كەبىر.
جۆيلۈشلىرىم خىيالغا تەبىر،
خىيال بىزگە ھەمراھ قېرى چال.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-8-6 21:19:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشىكەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇرات007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-6 23:34  

شېئىر دىگەننى يىزىپ قويسىزدە  لىكىـــــــــــن
ئاشۇ (كىملىكى يوق كىزىدۇ جاھان) دېگەن مىسرا ماڭا بەك ياختى ھەقىقەتەن ياختى
ئىلھام كەلسە پوش پوش دېمەيدۇ ھە ھ ى ھى

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-26 19:58

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش