روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1167|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

قىسقا خىياللار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                                              قىسقا   خىياللار3 `. o, `& x* C# X% P% W/ Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
                                                                             شىرئەلى بوزياش& C) Z  c9 `$ W. Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  مەن بىر ئاددى دىھقان بالىسى، بىزنىڭ مەھەللىدە كومپىيۇتىر يوق، يىزىغا چۈشمىگىچە تورغا چىقالمايمىز، مەن بۈگۈن يىزىغا چۈشكەن، تورخانىغا كىرىپ ئالىي مەكتەپتىكى ئادىتىمىنى باشلىۋالدىم. نىمە ئادەت دەمسىز؟ تورغا چىقىپ خەت يىزىش بولمامدۇ. مەن مەھەللىدە يالغۇز ئالىي مەكتەپ بالىسى، يەنى يەرلىك تىل بويىچە ئىتقاندا ئۇرۇغلۇق مەن بىرلا. تۇرمۇشتا بەزىدە ئۆزەممۇ ھىس قىلالمايدىغان ئاجايىپ ئىشلارنى كۆرىمەن....سىلەرنىڭ شۇ مەھەللەڭلەردىمۇ بارمۇ ؟ مۇشۇنداق ئاجايىپ ئىشلار....بىزنىڭ مەھەللە قىززىق...مەھەللە ئەمەس ئادەملىرى قىززىق...، مانا بۇيىل قىش پەسلى كىرىپ 9جۇمۇ چىقىپ كىتەي دىدى، ئەپسۇس ، سوغۇق تىخى يانغىنى يوق. بىزنىڭ مەھەللىگە قىش كىردىمۇ بولدى، باشقا مەھەللىلەرگە ئوخشىمايدىغان بىر يىرى بار. سىلەرنىڭ مەھەللىدە بەلكىم ياشلاركېچە بولسۇن ۋە ياكى كۈندۈز ئىسسىق بورۇتخانىغا ،دۇككانلارغا ،چوڭلار مەسچىتلەرگە مىڭىشى مۇمكىن شۇنداقمۇ؟ بىزنىڭ مەھەللىگە قار ياغدىمۇ بولدى، ئالدى بىلەن سەھەردە كىمنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى قارلار پاكىز سۈپۈرلۈپ ئادالانغان بولسا ، شۇ كىشىنى سەرەمجان كىشكەن دەپ ھىساپلايمىز ، ئەگەر شۇ كىشى  كوچىلاردىكى قارلانى قوشۇپ پاكىز سۈپۈرگەن بولسا ،ھە بولدى ، سەھەردە ساۋاپ تىپىپتۇ بۇ ئوغرى ...دەپ چاخچاق قىلىمىز.  بىراق ،سائەت 9غىچە ئىشىك ئالدى سۈپۈرۈلمىگەنلەرنى تازا بىر ئىشەكتەك ئۇخلايدىغان  بىرنەرسىكەندە دەپ تەنە قىلىمىز. شۇنداق قىلىپ كوچا ئارلاپ ھەممىنىڭ خااراكتىرىنى بىلىپ بولىمىز. بەزىلىرى ئىشچان بولۇپ كەتكەن، بەزىلىرى ھورۇنلىشىپ كەتكەن ئەيتاۋۇر، قارنىڭ يىغىشى مەھەللىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەپتى بەشىرسىنى ئىچىپ تاشلايدۇ. توۋۋا، سىلەرنىڭ مەھەللىدە ياشلار زىرىكسە بويتاقلارنىڭ ئۆيىگە ئوت قالاپ ئولتۇرۋىلىپ كورۇت ئوينىسا ،چوڭلار ئۆيلىرىدە رىماتىزىم بولۇپ كەتكەن پۇتلىرىنى ئۇۋلاپ تىلىۋۇزۇر كۆرەر بەلكىم. بىزنىڭ مەھەللىدە قار ياغدىمۇ بولدى ئوغلاق تارتىش قايناپ كىتىدۇ. ئىتى بارلار ئات مىنسە ،ئىشىكى بارلار ئىشەك مىنىپ چىقىدۇ، بەك قىزىپ كەتسە ھاي-ھاي دىگىنىگە ئۇنىماي ،سىغىملىق كالىلىرىنى مىنىپ چىقىشتىن يانمايدۇ، ئوغلاققا ئالدىراپ  ئانىسىنى چالا ئىمىپ قالغان موزايلىرىنى مۆرىتىپ بۇ بايقۇشلار...خا خا خا خا خا....شۇنداق قىلىپ ئوغلاقنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان خوشنا يىزىدىكى ئاتالمىش چەۋەندازلارمۇ ئاتلىرىنى مىنىشىپ يىتىپ كىلىشىدۇ. ئوغلاق باشلىندۇ، پىيادىلەر ، ئاتلىقلار، ئىشەكلىكلەر بولۇپ مەھەللىنى بىشىمىزغا كىيىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭلارمۇ :- ۋاھ، بىز دىگەن ياش ۋاقلىرىمىزدا ئاتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۋالىدىغان بولساق ،  بىر كۈن چىپىپ كەشتە ئاتتىن چۈشسسەك ، قوڭىمىزدىكى ئىگەرمۇ بىز بىلەن بىرگە چۈشەتتى، دەپ ماختىنىپ كىتەتتى. ئوغلاق باشلاندى، ئەنە ھوسمان باندىت دەپ لەقەم ئالغان مەھەللىدىكى ئەڭ ئالغۇر چەۋەنداز ئوغلاقنى چاتىراققا قىسىپلا چىقىپ كەتتى، كەينىدىن باشقا ئاتلىقلار ئوغلاقنى تارتىۋىلىش ئۆچۈن چاپتى، كەينىدىن ئىشەكلىكلەر چاپتى، ئارقىدىن پىيادىلەر  ھۇررا ...قىشقىرىپ چاپتى، ھەيران قالماڭلار-ھە! پىيادىلەر ئىچىدە 60-70ياشلقىلار كۆپ سانلقىنى ئىگەللەيدۇ.ئۇلارمۇ ئوغلاقنى تارتىۋالىمىز دەيدۇتىخى...- ھوي، ئابدىرىمكا ، ناماز دىگەر بوپكەتتى، مەسچىتكە كىرىپ چىقايلى !--- توختا ،ناماز دىگەرنى نامازشامدا قوشۇپلا ئۆتىۋىتىمىز، ئوغلاقنى بىر كۆرىۋالايلى! تەرەت تىخى جايىدا...       - ئەنە قارا ،قاسىم  چولاق ئوغلاقنى ئوسمان باندىتتىن تارتىۋالدى،،،يائاللاھ، خۇددى مەندەكلە تارتىۋاتتى ئوغلاقنى ئۇ ئوغرى.  مانا كۆرۈڭ!  . توۋۋا ...توۋۋا دەيلى..ماۋۇ بوۋايلارغا...ئىسسسىق ئۆيدە ئولتۇرماي....سوغۇق دەششەت بولدى، ئوغلاقچىلار ئات ئۈستىدە توڭلاپ قالايلا دەپ قاپتۇ، بىراق كارى يوق، خۇددى ئوغلاقنى كىم تارتىپ ئىلىۋالسا شۇنىڭ گۇناھى يۇيۇلۇپ كىتىدىغاندەك...  s- `9 a+ Q7 |, D% |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىتزدىكى ئاۋۇلار كىملەردۇ، ھە، ئاۋۇ بىرى قۇرۋان توشقانچى، ئاۋۇ قىزىل چاپانلىق بولسا كېرىم قىرغاۋۇل...، ئوۋغا چىققان چىغى......ماۋۇ بالىلار ھويلىدىكى قارنى ئادالىماي ئۈچ چاقلىق موتۇدا نەگە ماڭغاندۇ، ئوھوي موتۇنىڭ ئىچىدە تىرىسسىدە قىزلار. تىخى ..-ھوي بالىلار نەگە ماڭدىڭلار ؟؟؟ - بىرسىمىز 30كويدىن چىقىرىپ رىستۇراندا ئويناپ كىلىمىز، كەچ كىلىمىز...بالام قارنى تازلىۋىتىپ ئاندىن ماڭساڭ بولمامتى؟! - دادا، قىزىقكەنسەن، قار تىخى يىغىۋاتسا تازلاپ نىمە قىلىسەن، قار توختىغاندا بىراقلا...،  -ما بالىنى ئەستاخپۇرلا...  بىزنىڭ مەھەللە مانا مۇشۇنداق چۈشۈنكسىزلا... ياشلارنىڭ ئەڭ كۆپ مەكتەپ تەربىيسى كۆرگىنى باشلانغۇچ...چوڭلارنىڭ بولسا لاتىنچە يىڭى يىزىق...، چوڭلار(ئەرلەر) ئۇلار ساۋاتلىق ئىكەنلىكىدىن ماختىنىپ ، خەلقئارا خەۋەر ، ئۇچۇر، تەرەققىيات توغۇرسىدا چوڭ كوچىنىڭ ئوتتۇرسىدىلا تەتقىقاتىنى باشلىۋىتىدۇ. ئاياللار خوشنىسىنىڭ مىشىنىڭ ئەتىراپىغا ئولۇشۇپ بىر كۈنلۈك غەيۋەتنى باشلىۋىتىدۇ. ياشلارنىڭ قىزىقىشى ھەۋەس، چوڭلارنىڭ بولسا ئۆتمۈش...مەھەللەمنىڭ ئۆمىرى مانا مۇشۇنداق داۋامىلشىدۇ...                                                                 

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +40 ئىناۋەت +25 تەڭگە +25 بايلىق +10 تۆھپە +5 يىغىش سەۋەبى
ADiL + 40 + 25 + 25 + 10 + 5 تېخىمۇ تىرىشىڭ

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

بىرخىل يىنىكلەپ قالدىم بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ
مەن يەنىلا بۇ تىمىنىڭ پايدېلىنىش قىممىتى بار يوقللىقىنى بىلەمىدىما
ۋاقتى: 2014-2-20 10:59:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەبجەش ھىكايىمۇ بۇ يا،
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-20 14:40:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شىر0999 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-20 14:42  
  [- e. g! p+ v$ m8 q3 d4 R+ X* C8 b2 n! s* @" S1 Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ۋەقەلىك ئاددى ، قايتا- قايتا ئوقۇپ چىقىڭ! ئاندىن  ئىچكى مەنانى بىلىپ قالىسىز.  سەھرانىڭ مەناسى چوڭقۇردۇر...

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-17 06:43

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش