روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 604|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سىغىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سىغىنىش ئىلكىدە ئۆتتى بۇ كۈنلەر،
دىگەنتى جان ئانام  سۆيۈپ مەڭزىمگە.
تەتىلدە قايتىپ كەل سىنى بىر كۆرەي،
خۇشاللىق جۆر بولسۇن مىنىڭ كۆڭلۈمگە.

چوڭ بولۇپ توي قىلدىم ئۆي -ئوچاق بولدۇم،
جان ئانام يەنىلا مەندىن ئەنسىرەر،
بەزىدە دەپ سالدىم: «مەنمۇ ئەر بولدۇم»،
بۇنداق قىلىپ ئولتۇرساڭ خەقلەر نىمە دەر.

بالاممۇ تۇغۇلدى مۇشۇ كۈنلەردە،
بالامنى سىغىنىش ئوتلىرى ياندى.
خىزمىتىم يىراقتا بولغاچقا مىنىڭ ،
كۆزلىرىم ئۆيدىكى قوزامدا قالدى.

شۇندىلا ھىس قىلدىم ئانا مىھرىنى،
سىغىنىپ تۆكۈلگەن ئىسسىق يىشىنى.
بالىمىزغا بىرىلگەن مۇھەببىتىمىزدىن،
بىرەيلى ئانىلارغا ئوتلۇق مىھىرنى.

مەنبە:ئۆز خاتىرەمدىن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +12 ئىناۋەت +12 تەڭگە +12 بايلىق +12 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 12 + 12 + 12 + 12 + 7 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-2-21 15:09:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىزدىن كۆڭلۈم سۆيۈندى، ئانىغا بولغان چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتنى بالىڭىزغا سېلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق، تېرەن مەزمۇن چوڭقۇرلىقىغا ئېلىپ كېرىپسىز، داۋاملىق تىرىشىڭ...
ۋاقتى: 2014-2-21 17:12:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  شېئىردا  ھەقىقى  ھىسسىيات  ئىپادىلىنىپتۇ ، مەن خېلى  تەسىرلەندىم .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-21 06:59

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش