روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1086|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئادەتتىكى ئادەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىر موماي يېڭىلا ياغقان قارنى غاچىرلىتىپ دەسسەپ ئاستا كېتىۋاتاتتى. شەھەرنىڭ ئاۋات بۇ كوچىسىدا كىشىلەر ئۇنىڭغا كۆز قىرىنى سېلىپمۇ قويمايتتى. سەل دىققەت قىلغان ئادەم ئۇنىڭ پۇتىدا ئاياغ كىيىم يوقلۇقىنى، قارنى يالاڭئاياغ دەسسەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولاتتى. موماي كونىرىغان چاپىنىنىڭ ئالدىنى ئەتمەكچى بولاتتى، ئەمما چاپىنىنىڭ تۈگمىلىرى تولۇق ئەمەس ئىدى.          ئۇ ئاپتوبۇس بېكىتىگە كېلىپ توختىدى. بېكەتتە سومكا كۆتۈرۈۋالغان مۆتىۋەر سۈپەت بىرەيلەنمۇ ئاپتوبۇس ساقلاۋاتاتتى. ئۇ موماينىڭ ئۈستبېشىغا قاراپ ئاللىنېمىلەرنى ئويلىدىمۇ قانداق، مومايدىن يىراقراق تۇردى.          ئاپتوبۇس كېلىۋېدى، موماي ناھايىتى تەستە چىقىپ شوپۇرنىڭ ئارقىسىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. ئۇنىڭ بىلەن يانمۇ يان ئولتۇرغان ئەر مومايدىن بىزار بولغاندەك قاراپ قوياتتى.          ئاپتوبۇستىكى بىر بالا ئاپىسىغا موماينى كۆرسىتىپ:          − ئاپا، ئاۋۇ موماينىڭ پۇتىدا ئاياغ يوققۇ، − دېدى.          ئوڭايسىزلانغان ئانا ئوغلىنى نوقۇغىنىچە:          − ئاندېرو، باشقىلارغا قول شىلتىش ئەدەپسىزلىك، − دېدى ۋە سىرتقا قاراپ ئولتۇرۇۋەردى. − ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بالىلىرى بار بولغىيتى، ئۇ بالىلار ئانىسىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرسە ئۇيالماسمۇ؟−دېدى ئاپتوبۇستىكى خۇرۇم پەلتو كىيىۋالغان ئايال. چۈنكى ئۇ ئانىسىنىڭ ھالىدىن ناھايىتى ئوبدان خەۋەر ئالاتتى.          − بىز تاپشۇرغان باج مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمامدىغاندۇ؟ − دېدى بىر قۇچاق سوۋغاتلىق ئېلىۋالغان ئايال.          − ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ پۇلىنى تېجىشى كېرەك، − دەپ لوقما سالدى بىر ئىستۇدېنت، − ئۇ ياشلىقىدا بانكىغا پۇل ئامانەت قويغان بولسىدى، بۇنچە ئېغىر كۈندە قالماس ئىدى، بۇ ئۆزىنىڭ خاتالىقى.          بۇ گەپتىن ئەتراپتىكىلەر مەمنۇن بولغاندەك باش لىڭشىتىشتى. ئەمما سودىگەر سۈپەت بىرەيلەن ئاپتوبۇستىكىلەرنىڭ مومايغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن نارازى بولدى بولغاي، يانچۇقىدىن 20 دوللار پۇلنى چىقىرىپ موماينىڭ قورۇق باسقان تىترەڭگۈ قولىغا تۇتقۇزغىنىچە:          − خانىم، بۇنىڭغا ئاياغ ئېلىۋالارسىز، − دېدى. موماي بېشىنى لىڭشىتىپ رەھمىتىنى بىلدۈردى. سودىگەر ئۆز ئىشىدىن مەمنۇن بولدى.          بىر تەقۋادار ئايال بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىپ ئولتۇراتتى، ئۇ ئىچىدە تىلاۋەت قىلىپ «پەرۋەردىگارىم، مەندە پۇل يوق، ئۇ مومايغا ياردەم قىلالمايمەن. ئەمما ماڭا شۇ نەرسە ئايانكى، سەن تولىمۇ مېھرىبان، سەن ھەممىگە قادىر، مېھىر - شەپقىتىڭنىڭ نۇرى مۇشۇ مومايغا چۈشتى، ئاسماندىن ئاياغ چۈشۈرۈپ بەردىڭ، موماي مەۋلۇت بايرىمىدا يېڭى ئاياغ كېيەلەيدىغان بولدى...» دېدى ۋە ئۆزىنى بەك ئالىيجاناب ھېس قىلدى.          ئاپتوبۇس يەنە بىر بېكەتكە كەلگەندە بىر يىگىت ئاپتوبۇسقا چىقتى. ئۇ قۇلىقىغا نائۇشنىك سېلىۋالغان بولۇپ، بەدىنىنى مۇزىكىغا ماسلاشتۇرۇپ تولغايتتى. ئۇ موماينىڭ ئاياغ كىيىمسىز پۇتىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى، كۆزى موماينىڭ پۇتىدىن ئۆزىنىڭ پۇتىغا يۆتكەلدى. ئۇ يېڭى، قىممەت پۇللۇق مودا تەنھەرىكەت ئاياغ كىيىمى كىيىۋالغانىدى، يىگىت ئېڭىشىپ ئايىغىنى يەشتى - دە، موماينىڭ ئالدىغا كېلىپ يۈكۈندى:          − خانىم، سىزگە ئايىغىمنى كىيگۈزۈپ قوياي.          يىگىت موماينىڭ تارىشىدەك قېتىپ كەتكەن پۇتلىرىنى ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ پايپىقى بىلەن ئايىغىنى كىيگۈزۈپ قويدى. موماي قايتا - قايتا رەھمىتىنى بىلدۈردى.          ئاپتوبۇس يەنە بىر بېكەتكە كەلگەندە يىگىت ئاپتوبۇستىن چۈشتى - دە، قاردا يالاڭئاياغ مېڭىشقا باشلىدى. يولۇچىلار دېرىزىدىن سىرتقا قارىغىنىچە مۇنازىرىگە چۈشتى:          − ئۇ كىمدۇ؟          − ئۇ چوقۇم بېشارەتچى.          − ئۇ چوقۇم خاسىيەتلىك ئادەم.          − ئۇ چوقۇم پەرىشتە.          − ئۇ چوقۇم تەڭرىنىڭ ئوغلى.          − ئۇنداق ئەمەس ئاپا، مەن ئېنىق كۆردۈم، ئۇمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئادەتتىكى ئادەم، − دېدى ھېلىقى بالا.          ❄❄❄❄❄❄❄❄❄❄❄❄❄❄  
$ l+ ]* }8 Q  e+ V6 L3 Oمەنبە دوسلار چەمبىركى
ئالدىنقى: ئۇيغۇر تىلى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

رەھمەت    تەسېرلىككەن
ۋاقتى: 2014-2-21 00:18:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلپتۇ، ئۆز يازمىڭىز بولغان بولسا  ئاپىرىن ئىتقان بولاتتۇق.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-22 07:28

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش