روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1040|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

( 2-14) ئاتالمىش ئاشىق-مەشۇق بايرىمىغا ئاتاپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   NuRaLiJaN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-14 16:31  
* c4 I9 y3 a: V  W
  _/ V0 N8 Y4 w0 ~6 Rمۇشۇ توغرسىدا پەقەت بىرنەرسە يازماي دىگەن قارىسام ھەممە ئادەم يىزىپتۇ. ئىشەك ئىشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس دەپتىكەن .ئىنسانغۇ بىز،مەنمۇ قالماي...…توۋا دەيمە  نەچچە كۈن بولدى.ئۈندىدار دوسلار چەمبىرىكى ھەرقايسى توپلاردا2-14 ئۇلۇغ جۈمە ئاشىق مەشۇق بايرىمى ئەمەس، بايرامغا ئەمەس جۈمەگە بارىمىز. روزا تۇتۇپ 2دۇنيالىق بەخىت تاپىمىز.ئاناڭ يەھۇدى داداڭ ناسارا بولمىغاندىكىن(2-14)نى رەت قىل.  ۋاي-ۋۇي نىمانداق تولا گەپ توۋا؟!!خۇدىكى بار موللام چاي ئىچمىسىمۇ تەرلەيدۇ،ئاشۇلار بەكرەك ئەھمىيەت بىرەمدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم مۇشۇنداق كۈنلەرگە.  ئولتۇرسام چۈشۈمگە،ئۇخلىسام خىيالىمغا كىرمەيدىغان بايرامنى،كەلمەستىن ئاۋۋال  خۇددى ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات ئاڭلىغاندەكلا خەۋرە تىپىپ كەتتىم. مانا ئۆلمىسەم جۈمەگە بارىمەن دەپ ئولتۇرۇپتىمەن.ھازىر خۇدادىن تىلەپ كەتتىم.  مۇشۇنداق جۈمە كۈنلەرگە توغۇرلاپ سەرخىل كاتتا، ئالامەت  بايراملارنى ئورۇنلاشتۇرۋەتسە تەقۋا دوكتۇر رىياسەتچىلىرىمىز جۈمەلىك ئالدىن مەلۇمات تارقاتسا2-14 مۇنچىغا چۈشۈپ يۇينۇپ چاچنى پەچەت تاراپ ئەتىر دىگەننى راۋرۇس چىچىپ جۈمەگە بارغاندىكىن يەنە بىر جۈمەدە چاچنى مايلاپ  كاستۇيۇمنى قىرلاپ جۈمەگە بىرىشىمىزنى تەكىتلىۋەتسە.  بىزمۇ كۈن ساناپ ئولتۇرماي  ئالىملىرىمىزنىڭ  ئالدىن مەلۇماتى بويىچە جۈمەنى ئالدىن بىلىپ كەتسەك  نىمدىگەن ياخشى ھە!ۋايتىخى  بىژ گەپ باكە  گىپىم ئوشۇق كەتكەن بولسا  توردا پاچاق غاجاشماي گۇناھ  ئاۋۇتۇۋالمايلى  ماڭا بىلدەمىدىڭ  دەپ  ئاخىرەتتە ماڭا ئىسلمايلى دەيتقان  نەدە كورەپ سىنى نەدە تونشۇپ  بىر بىرىمىزدە ھەققىمىز بار بوپ قالغان بوغۇيتى     مۇشۇ لانى يازغاننىڭ ھەممىسى  ئىمام بوغان بولسا يامان بەلەن ئىشبولكەن  بىلگىنىنى يوشومايتقان      روزا تۇتۇڭ دەيتقان قىزچاقلانى بىلمە   ئاللاھ خالىسا 2-14تە سىغىزدىگەننى ئالامەت چايناپ  چاغاندا ئىتىلغان پوجاڭدىن بەكراق  پوڭ پوڭ قىپ ئىتىلدۇرۇپ    ئاۋۇ جۇمەگە بارىتقان داموللام ئاشىقلىرى بەگەن گۇلنى پۇراپ   باغچىنىڭ بۇلۇڭىدا ئادەم بامايتقان دالدىدا   ئىشقىلىپ بىر ئىشلار بىلەن    جۇمەگە بارمىز دىگەن يىگىتلە  ئويۇننىڭ تازا پەچەت يىردە  ماكۇننىڭ جۇمەلىكى ئىسىگە كىلىپ  بامايدىسە  يازغانلىرى ئىسىگە كىلىپ ئامالنىڭ يوقلىقىدىن  ئوزى جۇمەدە تۇرسىمۇ  خىيالى 2دۇنيالىق بەختى ئۇچۇن پۇتۇن كىۋە روزا تۇتۇپ  ئەتتىگەندە ئىپتاردا دۇئانىڭ كاتتىسنى قىلۋەتكەن ئاشىقىدا   قاچان بارامەن يىنغا دەپ  ئوتكۇزىدۇ  جۇمەنى ھەقاچان      ئۇف يىزىپ بولالماي ھىرىپ كەتتىما  ئۇف… ئىشقىپ  مۇشتا جۇمە كۇنلىرىگە داۋاملىق يىڭى يىڭى بايراملار ئورۇنلاشقاي  دەپ تۇگەتتىم يازمىنى   
- L, @/ \/ p; _6 Cمەزمۇننى ئوزگەرتمەي   مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ   تاقاتمىساق تىخى ياخشى گەپ ئاڭلىمىساق  ئوزىمىزنى بىلىپ بىر ئىش قىلشامىز ئەمسە      خوش   مۇرات نوچى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2014-2-15 16:58:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭمۇ بۇ ھەقتە ئىككى ئېغىز گەپ قىستۇرۇپ ئۆتكۈم كېلىۋاتىدۇ.& N1 F7 r+ p6 x: c* bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۈگۈن مۇناسىۋەتلىك بىر تونۇشۇم دۇكانغا كىرىپلا كومپيۇتېر يېنىدىكى گۈلنى (ئەمەلىيەتتە نەچچە ۋاقىتتىن بار بىر تال سۇلياۋ گۈل) كۆرۈپلا "ھە، ئاخشام ئاشىق- مەشۇقلار بايرىمىدا ئالغان گۈل ئىكەندە؟" دەپ ماڭا ھىجايدى، مەن جاۋابەن: ياقەي، نەدىكى، قانداق بايرامكەن بۇ دەپلا ئىشىمنى قىلىۋەردىم. ئۇ تونۇشۇم ماڭا قەستەن چاخچاق قىلغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرقانچە مىنۇت بىز مۇشۇ بىرقىسىم غەلىتە بايراملار ھەققىدە پىكىرلىشىپ قالدۇق. پىكىر ئارىلىقىدا بالىلىق ۋاقىتلىرىمىزدىكى ئەشۇ مەنىلىك ھېيت- بايراملىرىمىز كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولۇپ ئېغىر خۇرسىنىشقا باشلىدۇق.. U1 w* N3 Q2 i- l/ mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەنە، كۆپچىلىككىمۇ ئايان، ئەشۇ گۈزەل 80-90- يىللاردىكى ھېيت- بايراملىرىمىز نەقەدەر گۈزەل- ھە! ھېيت كۈنلىرى بىز (كىچىكلىرىمىز) چوڭلار بىلەن ئۇرۇق- تۇغقان، تونۇش- بىلىشلەرنىڭكىگە ھېيتلاپ بارغاندا بىرەر تال قەنت- گېزەك يەپلا بىزگە تونۇش مەھەللە دوقمۇشىغا يۈگۈرەيتۇق، ئۇ يەردە بىز تونۇيدىغان ۋە تونۇمايدىغانلار رەڭگارەڭ كېيىملىرىنى كېيىشىپ، خوشال ھالدا توپ- توپ بولۇپ قارت- شاھمات ئويناش، تۇخۇم چېكىشتۈرۈش قاتارلىق قىزىقارلىق پائالىيەتلەر بىلەن بەخىرامان مەشغۇل ئىدى. مەنمۇ شۇ چاغلاردا نەدىن تاپتىمكىن توخۇ تۇخۇمىغا مۇت ئەينى ئوخشايدىغان، قىلچە چانمايدىغان بىر تۇخۇمسىمان تاشنى يېنىمدا ساقلاپ، نۇرغۇن تۇخۇملارنى ئۇتۇۋالغىنىم ھېلىھەم ئېسىمدە (گەرچە ئۇ بىر چىدىماسلىق ھېسابلانسىمۇ بىراق شۇنچىلىك قىزىقى بار ئويۇن تويۇلۇپ كەتكەن ئىدى). چوڭلار بولسا ئۆز ئارا ئۇزۇندىن بېرى دېيىشەلمىگەن ئىشلىرى توغرىسىدا بەخىرامان پاراڭلىشىپ، ئۆيمۇ- ئۆي پەتىلەيتى، بىزمۇ تەڭتۈشلەر، قۇرداشلىرىمىز بىلەن بىرگە ئۆيمۇ- ئۆي، مەھەللىمۇ- مەھەللە چېپىشىپ، بايراملىق قىلىشاتتۇق. ھازىرقىدەك نەدىكى ئۇ رېستۇران- پېستۇران، ئۇ يەر- بۇ يەر دېگەنلەر، ھاراق- شاراپ دېگەنلەرغۇ ئەسلا يات ئىدى بۇ ۋاقىتلاردا. ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىشىمىز ھېيت نامىزى ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن تۇپراق بېشىغا بېرىپ، مەرھۇملارغا دۇئا- تەگبىر ئوقۇلاتتى، ئاندىن ئۆيدىكى ئىت- مۈشۈكلەرگە ئالدى بىلەن ھېيتلىق ساڭزا- قۇيماقلارنى بېرىۋېتىپ، ئاندىن قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە ھېيتلىق نېمەتلەرنى تەييارلىشاتتۇق، شۇنداق كۆڭۈللۈك بىر زامانلار ئىدى.
6 e* b3 b1 @" j/ P0 n6 y- y6 rھازىر بولسا ئالدى بىلەن ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ، تۇپراق بېشىغا ئالدىراپ- تېنەپ بېرىپلا ئاندىن رەسمىيەت ئۈچۈن ئۇ ئۆي- بۇ ئۆيلەرگە كىرىمىز، ئاندىن يا شۇ ئۆيدە ياكى رېستۇران- ئاشخانىلاردا، بولمىغاندىمۇ قاۋاقلارغا كىرىپ،ئالا- تاغىل ۋاقىرىشىپ، ھاراق دېگەن ھارامنى ھوشىمىزنى بىلمىگۈچە ئىچىمىز! مانا شۇنىڭدىن "ئىلھام ئالغان" بۈگۈنكى ئەۋلادلىرىمىز بولسا ئەنە شۇنداق نەدىكى بىر بايراملارنى دەپ ھەر يەر- ھەر جايلاردا ساڭگىلىشىپ يۈرۈشمەكتە. بۇنى ئاز دەپ بىز چوڭلارمۇ بۇنىڭغا جۆر بولۇپ كېتىۋاتىمىز. كېلىش مەنبەسى، ئېتىقاد- ئەقىدىسى، مەقسەت- مۇددىئاسى خىلمۇ- خىل بۇ تۈگىمەس ھېيت- بايراملارنىڭ تولالىقىدىن ھەتتا مەرھۇملىرىمىزنىڭ توغۇلغان- ۋاپات بولغان كۈنلىرى، ئېسىل مەنىلەرگە تويۇنغان، مىللىي خاسلىقىمىز گەۋدىلىنىپ، جاھان مىللەتلىرىنىڭ كۆزىدىن ئوت چاقنىتىۋەتكەن ئۇلۇغ ھېيت- بايراملىرىمىز ۋە قائىدە- يوسۇنلىرىمىزنى تامام ئۇنتۇشقا باشلىدۇق.
* A7 l6 [$ _9 K- _$ qخەير، ئەمدى بۇ ئىشلارغا نېمە دېگۈلۈك، مۇشۇنداق كېتىۋەرسە بىز ۋە بىزدىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز قانداق بولۇپ كېتەر؟! (مانا بۇ بىرقانچە مىنۇت ھېلىقى تونۇشۇم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىمىزنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى. بۇ يەردە كۆپچىلىك يەنىمۇ بىر ئويلىنىپ باقسا، بۇ ھەقتە بولسا ئۆز ئارا بولسۇن ياكى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش ئىشىدا بولسۇن ئازدۇر- كۆپتۇر بىرەر ئىش قىلىپ باقسا دېگەن ئۈمىد بىلەن بۇ ئىنكاسنى يازدىم، توغرا چۈشەنگەيسىلەر!)

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-21 02:52

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش