روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3177|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

خىزمەت دېگەن- مانا شۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-15 12:30  

خىزمەت دېگەن- مانا شۇ

ياسىنجان ئوسمان ئەركزات

  -بىر ئوقۇتقۇچى تىلىدىن

(شائىر مۇھەممەتجان راشىدىنغا تەقلىد )

چۈشەندۈر دەپ تۇرىۋالدىڭ خىزمەتنى،
نېمە دەيمەن يەنە دېسەم يەنە شۇ:
ئوقۇدۇققۇ بولۇش ئۈچۈن مۇئەللىم ،
ئىشلىسەكمۇ ھەممىمىزنىڭ  كۈنى شۇ،
مەنچە بولسا خىزمەت دېگەن- مانا شۇ!

شۇنچە دەھشەت ئەمەلدارنىڭ ۋاڭ-چۇڭى،
گاڭگىرايسەن كىملەر كىچىك،كىم چوڭى؟!
بىلەلمەيسەن كىملەر ساراڭ، كىم ئوڭى؟!
بىراۋلار خوش، جىقلارنىڭ بار ھال-مۇڭى،
مەنچە بولسا خىزمەت دېگەن- مانا شۇ!

گاھ سىنىپتا شامدەك كۆيۈپ ئېرىيسەن،
گاھ مەيداندا كۆكرىكىڭنى كېرىيسەن،
دېھقان بولۇپ گاھ ئېتىزدا يۈرۈيسەن...
«خىزمەت...»دەپلا چېپىپ يۈرۈپ قېرىيسەن،
مەنچە بولسا خىزمەت دېگەن- مانا شۇ!

مۇدىرلارنى  قانغۇدەرەك  كۈتەلمەي،
  ئاھ!!! ئۇرارسەن «تۈزۈك دەرس ئۆتەلمەي»،
تەتىلدىمۇ ئۆيگە دائىم  كېتەلمەي،
ئۆمرۈڭ ئۆتەر مۇرادىڭغا يېتەلمەي،
«ئىشلەۋەرگىن ئاغرىساڭمۇ يۆتەلمەي!»،
مۇئەللىملەر نېمانچە بەك شۇم تەلەي؟!
مەنچە بولسا خىزمەت دېگەن- مانا شۇ!


           ئەسكەرتىش:

شېئىرلارغا تەقلىد قىلىش- ئەنئەنىۋىي مىللىي شېئىرىيىتىمىزدە خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ.  ئەسلىدە، «ھايات دېگەن -مانا شۇ» ناملىق بۇنداق  ئېسىل شېئىرلارغا بۇ خىل تەقلىدلەرنى يېزىش ئېنىقكى، بىر تەرەپلىمىلىك ئىش  ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ، خېلى پىشقان بىر نەچچە نەپەر مائارىپچى پىكىرداشلىرىم بىلەن يېقىندا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق سۆھبەت جەريانىدىكى«...ھەي، دەپ كەلسەك گەپ جىق. قىسقىسى، خىزمەت دېگەن-مانا شۇ»...دېگەن ئوبرازلىق، پاكىتلىق دەلىللىرى مېنىڭ بۇ يازمىنى يېزىشىمغا سەۋەپ بولۇپ قالدى. بۇ ھەقتە مۇنبەرداشلار بىلەن بەلگىلىك ئورتاقلىشىش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەنىۋىي جەھەتتىكى خۇرسىنىشلىرىغا ئازراق بولسىمۇ تەسەللىي بولار دېگەن ئۈمىدتە بۇ يازمامنى مۇنبەرگە يوللىدىم. ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىم شۇكى:  بۇ، قانداقتۇر  مائارىپىتىن، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمىزدىن زارلىنىش،قاقشاش،  دەرد تۆكۈش ئەمەس! شۇڭا، مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە نالە-پەرياد كۆتېرىشىپ كەتمەسلىكىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى زارلاش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ! بولۇپمۇ، مائارىپتەك بۈيۈك كەسىپ ئۈچۈن نەچچىلىك بەدەل تۆلىسەك، بۇ تامامەن ئەرزىيدۇ!           
                             -ئاپتوردىن      
                            ( مەنبەسى: ئەركزات نەزمىلىرىدىن  )

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +40 ئىناۋەت +25 تەڭگە +25 بايلىق +25 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
ADiL + 40 + 25 + 25 + 25 + 10 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-2-15 12:37:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزلىپتۇ ھەم تىلى جانلىق چۇشۇنشلىك بوپتۇ رەھمەت سىلىگە.
ۋاقتى: 2014-2-15 15:37:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە تەقلىدىي يىزىشىڭىز خىلىلا ياخشى، لىكىن شىئىېر مەزمۇنى بىرئاز دوق قىلغاندەك، يەنى قىيدىغاندەك تۈس بەردى ماڭا، لىكىن ھەركىمنىڭ چۈشۈنۈشى ھەرخىل بولىدۇ-دە.
رەھمەت سىزگە! خىلىلا ئىزدىنىپسىز، يەنىمۇ بىر مەن دىگەنلەرنى ئويلىنۇپ كۆرۈپ ئىزدىنىپ بىقىڭ.
ۋاقتى: 2014-2-15 20:45:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىردا ئاچچىق-چۈچۈك تىللار ئىشلىتىلىپ، مائارىپىمىزدىكى قىسمەن ئەھۋاللار يۇرۇتۇپ بېرىلگەن بولسا ، ئاستىدىكى ئىزاھات قىسىمىدىكى گەپلەر بەك توغرا ئېيتىلىپتۇ، بىز قاقشىساقمۇ، تىرىشساقمۇ ئوخشاشلا شۇ خىزمىتىمىزنى قىلىمىز، مائارىپىمىزنى يەنىلا ئوقۇتقۇچىلار قۇتۇلدۇرالايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرالايدۇ.
ۋاقتى: 2014-2-17 13:31:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھەييييييي... ئوقۇتقۇچى بولۇش ئارزۇيۇم بەكلا كۈچلۈك ئىدى. بىراق............
ۋاقتى: 2014-5-27 17:03:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزگىچە چىقىپتۇ ماۋۇ شېئرىڭىز ! مۇبارەك بولسۇن !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-28 22:48:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاكزات306 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-17 13:31
ھەييييييي... ئوقۇتقۇچى بولۇش ئارزۇيۇم بەكلا كۈچلۈك ئى ...

بۇ شېئىر قىزغىنلىقىڭىزنى سۇسلاشتۇرسا بولمايدۇ. چۈنكى ئەقىل كۆزىمزى بىلەن قاراڭغۇدىمۇ يول تېپىپ ماڭالىئىئىئىشىمىز ئېنىققۇ؟!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 20:39

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش