روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1233|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ھىجران سونېتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-9 11:37  

        ھىجران سونېتلىرى *

               ياسىنجان ئوسمان ئەركزات
                           1

تۈمەن سەۋدا سېلىپ باشقا چاناقنى تولدۇرۇپ ياشقا،
كېتىپ قالدىڭ قىيا باقماي گۈزەل جانان جانانىڭغا.
ئۆزۈڭ مامۇق، كۆزۈڭ چولپان،دىلىڭ ئوخشايدىكەن تاشقا،
ئەجەپمۇ ئىنتىزار قىلدىڭ تولۇنئايدەك جامالىڭغا.   
ۋىسالسىراپ بېشىمدا غەم، دىلىم غەمناك، كۆزۈمدۇر نەم،
يېتىپ قالدىم يۇتۇپ ھىجران سوراپ ھالىم كېلەرسەنمۇ.
تۇمان تارقاپ ۋۇجۇدلاردىن  نېسىپ بولسا گۈزەل بىر دەم،
لېۋىڭدىن قانغۇچە جانان  ماڭا شەربەت بېرەرسەنمۇ.
سېنىڭسىز مەن، مېنىڭسىز سەن ياشالايمىز ھەقىقەت بۇ،
لېكىن تۇزسىز تاماق ئوخشاش ئۆتەر كۈنلەر كۈلەلمەيمىز.
ئەزەلدىن سوغ ۋۇجۇدلارنى لاۋا قىلغان مۇھەببەت بۇ،
كۆيەي يا كۆي، سۆيەي يا سۆي چوقۇم مېھىر ئۈزەلمەيمىز.
ئۆتۈپ كەتسە قاراڭغۇ تۈن، چاچار زەر نۇر نۇرانە كۈن،
ۋىسال قۇچار كېلەر بىر كۈن بۈگۈن، ئەتە ۋە يا ئۆگۈن.
                            2
مېنى قىينا، راسا قىينا ئازابلاپ ئۆلتۈرەر بولساڭ،
قېچىپ پىنھان، مۆكۈپ ئوينا بۇلۇت توسقان تولۇنئايدەك.
ئۇنۇت دەپ نەزمىلەر يازغىن رەقىبنى كۈلدۈرەر بولساڭ،
يېرىلغايمەن بولۇپ چاك-چاك تومۇزدا چاڭقىغان سايدەك.
قارا كۆزۈڭ ئەجەپ نۇرلۇق قاراشقا ھېچ مادارىم يوق،
كېتىپ قالدىڭ بېقىپ نازلىق لېۋىم چىشلەپ تۇرۇپ قالدىم.   
دىلىمدا ئوت، كۆزۈمدە ياش، روھىم سۇلغۇن-ماجالىم يوق،
شېخىدىن ئاجرىغان ياپراق كەبىي توۋا، قۇرۇپ قالدىم.
نېچۈن «كۆيگەن» ئىدىڭكىن-تاڭ «كۆيۈپ» سۆيمەيدىغان دىلبەر،
كۆيۈپ كۈل بول، ئۇنۇت ياكى يۇتۇپ ھىجران چىدالىساڭ.
ئۇنۇت دەيسەن شۇئارىڭ شۇ،  قېنى لەززەت-  شېرىن دەملەر،
ياشا  يالغۇز گۈزەل جانان ئۆكۈنمەي شاد ياشالىساڭ.
ئۆزۈڭ ئاشىق بولۇپ كۆيگەن جانانىڭمەن گۈزەل جانان،
ئەركزاتنى تەرك ئەتسەڭ يېزىپ ماختاي غەزەل جانان.
                                    3
ۋەدە بەردىڭ كېلەي دەپ، كېلەلمىدىڭ نەچچە رەت،
ياش تۆكۈلدى يولۇڭغا كۆزلىرىمدىن تاراملاپ.
شېرىن ۋىسال جامىدا مەي سۇنمىدىڭ، خەيرىيەت!
بەختىم ئايان كۆزۈڭدە نەگە باراي يامانلاپ.
كۈتكەن ئىدىڭ نەچچە يىل ساداقەتتە مېنىمۇ،
سالدى بىزنى ھەر كويغا ئۆتنە ئالەم ئىشلىرى.
قىينىمىغىن گۈزەلىم، ئازابلىماي سېنىمۇ،
ھىجران يۇتساق رەقىبنىڭ ھىڭگايمىسۇن چىشلىرى.
سۆيۈش شېرىن ھەم ئازاب لەززىتى بار، دەردى بار،
ياپرىقىڭمەن بېغىڭدا ۋىسالسىراپ سارغايغان.
جاندىن كەچمەي جانانغا يېتەلىگەن نەدە بار؟
ئاشىقىڭغا رەھىم قىل چىن ۋەسلىڭگە زار بولغان.
كۈتىۋېرىپ جانانىم، تولدى سەۋرى قاچاممۇ،
ئىچەر ۋىسال شەربىتى ئاتەش لەۋلەر قاچانمۇ!؟
                  4
ۋىسالىڭغا قانمىدىم كەل ئەزىزىم،
ھىجرانىڭغا قەلبىم تۇتقۇن بولمىسۇن.
ئاغدۇرۇلۇپ يا بىراۋغا نەزەرىم،
تەشنا ۋۇجۇد ئەلەملەرگە تولمىسۇن.
مۇڭلانمىغىن چىن سۆيگۈڭنى يوشۇرۇپ،
توسالامسەن  زەر قۇياشنى ئالقاندا.
كەتتىڭغۇ ئاھ...ئۆزۈڭنى بەك قاچۇرۇپ،
سايەڭسىمان كىرىۋالسام ئارقاڭغا.
ۋىسال تاپسۇن مۇرادىمىز، كەل جانان،
ھەسرەت يۇتۇپ يۈرمەيلى بىز تەمتىرەپ.
سۆيگۈمىزنى قۇتلۇقلىسۇن يەر-جاھان،
ئاڭا دەردلەر تۆكمەي سەندىن ئەنسىرەپ.
جۈر بولۇشقاي تىلىكىڭگە تىلىكىم،
سېنى دەپلا سوقار ئوتلۇق يۈرىكىم.
                  5
سۇندۇڭ ۋىسال شەربىتى يار،  لېۋىڭدە،
ھايات ماڭا شۇنچە لەزىز بىلىندى.
تويماي ئۇزاق باقتىم گۈلگۈن چېھرىڭگە،
تەشنا  ۋۇجۇد مەستخۇشلۇقتا سۆيۈندى.
مەجنۇن بولسام پىراقىڭدا ئۆرتىنىپ،
لەيلى كەبىي كۆيۈشۈڭدىن سۆيۈندۈم.
پاك مېھرىمنى بېرىپ ساڭا ئۆتۈنۈپ،
ئۇنتۇلغۇسىز  چىن سۆيگۈڭگە  چۆمۈلدۈم.
كۆزلىرىمدىن كۆيگۈنۈمنى بىلىپسەن،
مەنمۇ ئاشىق بولغان شەھلا كۆزۈڭگە.
ئەپسۇس، كېيىك كەبىي قېچىپ يۈرۈپ سەن،
كۆيگۈنۈمنى دېيەلمىگەن ئۆزۈڭگە.
قېنىۋالاي كەلگىن سۆيگۈ مېھرىڭگە،
تۇتقۇن بولۇپ ئۆتۈۋەرمەي سېھرىڭگە.
                  6
سېغىندىم، سېغىندىڭ كۆڭۈل پەرىشان،
ئۆرتەندى ۋۇجۇدلار ھەسرەتكە تولۇپ.
يۈرۈيسەن ئەزىزىم، نەلەردە سەرسان،
ئىزدىدىڭ، ئىزدىدىم  سەۋرىسىز بولۇپ.
كۈلكىلەر ئورنىغا ئالماشتى يىغا،
ۋىسالغا شۇ قەدەر بولدۇق ئىنتىزار.
ئۆتمىدى ھەلقۇمدىن ھېچقانداق گىياھ،
يۈرەكلەر بەك زەئىپ رېتىمسىز سوقار.
ئاشىقلىق شېرىن ھەم ئازابلىق ئىكەن،
چۈشەندۇق تۈتۈنسىز ئوتتا كۆيۈشۈپ.
سەزمىدۇق پۇتلارغا كىرسىمۇ تىكەن،
باياۋان كەزگەندە مەستخۇش بولۇشۇپ.
سۆيگۈڭگە بىر قاناي كەلگىن ئەي جانان،
چۆمۈلسۇن ۋىسالغا پۈتكۈل يەر-جاھان!
                   7
جامالىڭدىن جاھان ھەيران نىگارىم،
يۈرەك باغرىم پىراقىڭدا ئۆرتىنەر.
سەرسان بولدۇم كۆيۈپ ساڭا نىگارىم،
ۋىسالىڭسىز ئۆتتى بىدار كېچىلەر.
زارىقىپ ئاھ... گۈلدەك گۈزەل يۈزۈڭگە،
خانەڭ تامان شامال بولۇپ ئۇچىمەن.
قانارمەنمۇ بالدەك شېرىن سۆزۈڭگە،
كۈندەك كۈلۈپ چىقساڭ ۋىسال قۇچىمەن.
ئۆتۈنۈشتە ئېيتتىم تالاي ئۆزۈڭگە،
ئۇنۇت دېمە جانان، جاندىن كېچىمەن.
كىرىۋالما قېچىپ مەندىن ئۆيۈڭگە،
لەۋلىرىڭدىن مەڭگۈ شەربەت ئىچىمەن.
ئىزلەپ سېنى نەگە باراي نىگارىم،
ۋىسالىڭغا قىلدىڭ مالاي نىگارىم.
                   8
بىر كەملەردە ئىدىم  گۇيا  تۇتىيا،
كۆپۈك بولدى بۈگۈن قەدرى سۆيگۈمنىڭ.
قىلمىساممۇ ئالدىڭدا ھېچ بىر  گۇناھ،
ئارامىنى بۇزۇپ قويدۇڭ كۆڭلۈمنىڭ.
تارام-تارام ياشلىرىمنى كۆرسەڭمۇ،
پەرۋاسىزلا يۈرىۋەردىڭ خىرامان.
گەرچە مېنى شۇنچە پىنھان سۆيسەڭمۇ،
ئارىمىزغا تىكلىۋالدىڭ مۇز-داۋان.
ھەممە ئىشنىڭ ئۆتنىسى بار جاھان بۇ،
مەندىكى ئوت ساڭا ئەتە كۆچمىسۇن.
تۇترۇق ئېلىپ باراي يار دىل خانەڭگە،
قەلبىڭدىكى قوقاسلىرىڭ ئۆچمىسۇن.
سەۋەبىنى بىلگىن ئاققان يېشىمنىڭ،
ئامالىنى قىلغىن قاتقان بېشىمنىڭ.
                 9
مەي ئىچتىم لېۋىڭنى كەتسەم سېغىنىپ،
لېۋىڭنىڭ لەززىتى چىقمىدى مەيدىن.
چىدالماي خانەڭگە ماڭدىم يول ئېلىپ،
تاپارمەن ئەمدى يار، سېنى قەيەردىن.
سېغىندىم غۇنچىدەك زىلۋا بويۇڭنى،
سۆيۈشۈڭ ئېسىمدىن كەتمىدى زادى.
ئاجايىپ ياقتۇرۇپ قالدىم خۇيۇڭنى،
سەن ئۈچۈن جان بەرسەم بولىمەن رازى.
كەل جېنىم، ھىجراندا يۈرمەي تولغىنىپ،
شاد ۋىسال شەربىتى ئىچەيلى بىر رەت.
چۈشۈمدە كۆرگەنتىم، كەتتىم ئويغىنىپ،
كۆرۈشكە يار سېنى كېلەرمۇ پۇرسەت.
تۇرساڭ كۆز ئالدىمدا گۈلدەك ئېچىلىپ،
باراتتىم ھىدلاشقا ئوقتەك ئېتىلىپ.
                   10
سۈتتەك ئايدىڭ قەھرىتانلىق كېچىدە،
مەھەللەڭنى كۆزلەپ پىنھان ماڭىمەن.
ئاي يۈزۈڭنى كۆرمەي ھىجران ئىچىدە،
ھەسرەت يۇتۇپ كەپەم تامان يانىمەن.
ۋىدالاشتىم ۋىسالىڭدىن ۋاقىتسىز،
تۇتاشمىدى توۋا...ساڭا مۇشۇ ئوت.
ماڭا ئوخشاش چىدالامسەن گۈزەل قىز،
پۇچۇلىسا  ۋۇجۇدۇڭنى ھىجران-جۇت.
جامالىڭدىن جەۋرىلەرگە جۈر بولسام،
قىيناۋەردىڭ قىيا باقماي قەدىردان.
پىراقىڭدا كۆيۈپ –كۈيۈپ كۈل بولسام،
ياشارسەنمۇ پەرۋايىڭ يوق شادىمان.
يۈك قوشما يار، يۈرىكىمنىڭ يۈكىگە،
يەتتى سەۋرىم ئەڭ ئاداققى چېكىگە.
               11
كۆپ ساقلىدىم كەلمىدىڭ يار، كەلمىدىڭ،
سەۋرىلىرىم يەتتى نېكەم چېكىگە.
تېلېفونمۇ قىلدىم ئەپسۇس، ئالمىدىڭ،
كىردىڭكىن-تاڭ يەنە كىملەر  گېپىگە.
ئۆتتى كۈنلەر ۋەسلىڭ ئۈچۈن تۆكۈپ ياش،
كۆرسەتكىنە ئىزدەپ باراي ئۆيۈڭنى.
پىنھان سۆيگۈ بولدى نېكەم ئەلگە پاش،
كۆرەلمىدىم سەرۋىدەك گۈل بويۇڭنى.
ھىجران ئاچچىق، سېنى قېنىپ سۆيۈشتىن،
ئۆچۈرەلمەس ئەمما، ئۇلۇغ گۈلخاننى.
توختىمىدىم بىر دەقىقە كۆيۈشتىن،
مۈمكىنمۇ ئاھ... توسۇۋېلىش ۋولقاننى.
مەجنۇن بولۇپ كۆيسەم  ئەجەب بىلمىدىڭ،
ئاشىقىڭغا قىلچە رەھىم قىلمىدىڭ.
                      12
كۆزلىرىڭنى بەك سېغىندى كۆزلىرىم،
لەۋلىرىڭگە تەشنا  چاڭقاق لەۋلىرىم.
سىردىشىشقا يىغىلدى كۆپ سۆزلىرىم،
ئازابلىماي تېز كەلگىنە دىلبىرىم.
دەريا بويى سەيلىمىزگە ئىنتىزار،
ئۇنۇتمايلى ۋىسال تاپقان باغلارنى.
ھىجران بىزنى يىغلاتمىسۇن زارى-زار،
قەدىرلەيلى گۈزەل ئالتۇن چاغلارنى.
دىلغا ھوزۇر بېرەر شېرىن ئەسلىمە،
كونا جاينى پات-پات يوقلاپ تۇرايلى.
ھىجرانىڭدا ئازابلىما-قەستلىمە،
ساداقەتتىن ۋىسال قەسرى قۇرايلى.
سەنسىز پىغان يۇتۇپ ئۆتەر كۈنلىرىم،
ۋىسالىڭغا تەشنا ھەر بىر تۈنلىرىم.


——————————————————
*سونېت-ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئىتالىيىدە شەكىللەنگەن، قائىدىگە مۇۋاپىق ھالدىكى 14 مىسرادىن تەركىپ تاپىدىغان ئالاھىدە بىر خىل شېئىرىي شەكىل بولۇپ،13-14-ئەسرلەردە دانتى، شېكېسپېرلەر، 19-20 –ئەسرلەردە بىرقىسىم رۇس شائىرلىرى، كېيىنچە يەنە بەزى ئۇيغۇر شائىرلىرىمۇ بۇ خىل شەكىلنى قوللىنىپ، ئوقۇرمەنلەر خېلى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان نادىر سونېتلارنى يازغان ۋە يازماقتا. مەن ئاددىي بولسىمۇ، يازغان بۇ سونېتلىرىمنىڭ  بىر قىسىمىنى مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ بەھىرلىنىشى ئۈچۈن يوللاپ قويغۇم كەلدى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +40 ئىناۋەت +38 تەڭگە +33 بايلىق +10 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
bagrax + 13 + 8 ياقتۇردۇم
ADiL + 40 + 25 + 25 + 10 + 10 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-2-9 12:21:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز ، مەنىسى تولىمۇ چوڭقۇر ئىكەن.
مەن ماۋزۇسىنى كۆرۈپ بولۇپلا، سونېت دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى سوراي دەپ ئوقۇپ ئاخىرىغا كەلسەم، بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىپسىز.
ۋاقتى: 2014-2-9 17:05:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى يېزىپسز . قەلەم تۇلپارىڭىزغا .كۆزتەگمىسۇن. .








 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-17 00:23:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاددىي شېئىرىلىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇپ، يۇقىرى باھالارنى بەرگەن قېرىنداشلىرىمغا رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-5-27 17:06:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغان شېئرلىرىڭىز نىڭ تىلى ،ھىسسياتى ياخشى چىققان ، ئەجىرىڭىزغا ئاپىرىن !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-28 22:47:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
WOLKANI يوللىغان ۋاقتى  2014-5-27 17:06
يازغان شېئرلىرىڭىز نىڭ تىلى ،ھىسسياتى ياخشى چىققان ، ئ ...

رەھمەت!
ۋاقتى: 2014-6-13 10:41:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-15 10:32:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

来自安卓客户端  بۇ ئىنكاسىڭىز بىلەن قۇتلۇقلاپسىز-دە، مېنى؟

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 11:59

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش