روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 590|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۆزىمىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئويناڭ دىسە بۇ-جاھان يۆگرەپ چاپقان ئۆزىمىز،
يوق دەڭلەردە كۆپ قونوپ ئوخلاپ ياتقان ئۆزىمىز،
شەيتان بىلەن چاڭلىشىپ تۆرەلدوخمۇ ھارامدىن،
جەننەت تورسا دوزاققا ئوتنى ياققان ئۆزىمىز،

ئويون دىدوق ئويوندىن ئاق چىكىشنى ئۆگەندوق،
توتسا خومار تاپقاننى سىتېپ خەجلەپ تۆگەتتوق،
ئاق ئېبلىسقا جان بىرىپ ئاق چىكىپلا تۆگەشتوق،
بىرسى چىكىڭ دىمىگەن چىكىپ باققان ئۆزىمىز،

گۈلى بولوپ ئىچىلدوق خالىس بىراۋ ئۆزگەننىڭ،
جاننى ئايا دەپ قويوپ جان قەستىدە يۆرگەننىڭ،
ئەيدىس دىدوق ياش كەتتى بەزىلىرى ئۆلگەننىڭ،
زورلىمىدى ئۆزگىلەر تەننى ساتقان ئۆزىمىز،

ۋاقىت ئۆتۆپ يىل ئۆتۆپ ئەسېر ئۆتۆپ كەتسىمو،
تۆگەپ رىسقى ھاياتلىق جانغا ئۆلۆم كەلسىمو،
كىسىپ پەينى تومورنى پىچچاق سۆڭەككە يەتسىمو،
پەردە تارتىپ قوياشقا ئوخلاپ ياتقان ئۆزىمىز،

ئونى قىلساڭ بولمايدو بونى قىلغىن دەپ باختوق،
تۈندە كەلگەن ئوغرىنڭ مىلىنىمۇ ئەپ باختوق،
گالنى تىشىپ چىخمىدى ھارامنمۇ يەپ باختوق،
خودا دەپمو مەككىدە ئىمان ساتقان ئۆزىمىز،

ھەممە تالانىت دوراشتىن كىلىدو دەپ قارىدوق،
ئۆزىمىگە-ئۆزىمىز خەقنى دوراپ يارىدوق،
تولا دوراپ ئۆزگنى يا ئۆزگۆرۆپ قالمىدوق،
كۆرسەك ئىشەك دوراپمو ھاڭراپ باققان ئۆزىمىز،

ئويون دىدوق ئوينىدوق ئويلىمىدوق باشقىنى،
ئادەمسىمان ئالۋاستى كۆتۆپ كەلدوق ئاشنىنى،
بىر ئوستىخان بىر تىرە ئوچىمىزدا قالغىنى،
ئۆزىمىزنى شىلىپ يەپ توخنى باققان ئۆزىمىز

موللا داخان بوپ كەتتوق جادىگەرلىك قىلىشىپ،
ئەقلى ئۆلگەن ناداننى جىن ئوروپتو دىيىشىپ،
نادانلىقنىڭ تۇغىنى تىلىگەنچە تېرىشىپ،
ماي پۇرۇتوپ مازاردا چىراق ياققان ئۆزىمىز،

بىزدىن باشقا ئۆزگىلەر قىلدى ئايغا ساياھەت،
بىر لەگلەككە بىز لىكىن بىرەلمىدوق كاپالەت ،
قەلبىمىزدە ئۆلگەندەك ئاللا بەرگەن ھىدايەت،
بولاق كۆرۆپ ساسلىقنى لايغا پاتقان ئۆزىمىز،

يىغلاپ يۆرەر ھەر كۆنى ھەركىم ئۆزنىڭ دەردىدە،
يىللار شونداق جىلۋىگەر جىن شاپتولنىڭ قەستىدە،
بۇ-جاھاننى بىر داشۆ دىسەك بىزلەر يەسلىدە،
سۆزلەڭ دىسە مائارىپ تىل چاينىغان ئۆزىمىز،

بىز كىم دەيدۇ بىرلىرى سوئال سوراپ ئۆزىدىن،
بۇ-مەن دەيدۇ بىرلىرى ئىش ھەركىتى سۆزىدىن،
بىز ئۆزىمىز-ئۆزىمىز تۆرەلمىگەن ئۆزگىدىن،
ئۆزىمىزنى تىخىچە تونىمىغان ئۆزىمىز،

   

                                                       مەنبە ق---قىرغىن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +20 ئىناۋەت +35 تەڭگە +29 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
bagrax + 15 + 9 ياقتۇردۇم
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-9 20:56:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلمىغان شىرىنى ھىشكىم كۆرمەيدىكەن
ۋاقتى: 2014-2-10 00:23:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاسلاردىن ئاغرىنماڭ . توردا بەزىدە شۇنداق ئېسىل تېمىغا ، خېلى جاپارا روياپقا چىققان تېمىغا تۈزۈك ئىنكاس چۈشمەي .چۈشۈپ كېتىدىغان ، كۆچۈرۈلمە تېمىلارغا ئىنكاس قىزىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار ئۇچراپ تۇرىدۇ .
ياخشى نەرسىنى زورلاپ ساتمايمىز ، كۆرسە ئەنە ،كۆرمىسە مانا .
شىئېرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان شىئېركەن ، مەيۈسلەمەڭ ، مۇشۇنداق سەرخىل تېمىلارنى داۋاملىق يوللاڭ ، باھا بېرىدىغان ، رىغبەتلەندۈرىدىغانلار بار .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-20 07:16

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش