روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 722|ئىنكاس: 12
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كەل شاياتون...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مانا بەزمە مانا سورون ناۋا-سەينا،
كەل شاياتون قىل تاماشا بىردەم ئوينا،
ئەردەپ يېغلار ئەرلەر ئۆلگەن ئەرسىز دونيا،
كەل شاياتون قىل تاماشا بىردەم ئوينا،

ئەركەكلىرى ئۆلۆپ كەتكەن بو-دەۋرنىڭ،
ئاياللىرى ئېچىدىدۇر قان-زەردىنىڭ،
چېلىمىنى شوراپ قويغىن كەل بەڭگىنىڭ،
كەل شاياتون قىل تاماشا بىردەم ئوينا،

بىرى تىلسىز تىللىرنى چايناپ يۆرگەن،
بىرى دىنسىز قارا تۆرك تېرىك ئۆلگەن،
قارىغىنە بىرى غەمسىز خوشال يۈرگەن،
كەل شاياتون قىل تاماشا بىردەم ئوينا.

مھرى-ۋاپا ئۆلۆپ كەتكەن دىللار قارا،
ياق بو-دىللار قارا ئەمەس يىللار قارا،
پىشانەمدە قارا تاختاي چېللار قارا،
كەل شاياتون قىل تاماشا بىردەم ئوينا،  

قاۋا-  قاۋاق شىرە - شىرە ئىچىپ ياتقان،
ئوكول ئوروپ بىلىكىگە چىكىپ ياتقان،
زىناخومار بىرى شۇنداق تەننى ساتقان،
كەل شاياتون قىل تاماشا بىردەم ئوينا،

جاھان زورنىڭ ئويون كورنىڭ بولوپ كەتكەن،
ۋجدان-غورور سادادەتلەر ئىشىك ئەتكەن،
ئەر زاتىغا ئۆلمەي تىرىك ئۆلۆم يەتكەن ،
كەل شاياتون قىل تاماشا بىردەم ئوينا،

ئەل ئاغىينە بورادەردىن خومسىلار كۆپ،
بىرى ئازغۇن بىر ھەييا بىرلىرى چۆپ،
ئەنە شۇنداق غاپىللىققا كەتتوق چۆكۆپ،
كەل شاياتون قىل تاماشا بىردەم ئوينا.

                                                                        مەنبە---قىرغىن

باھا سۆز

سالونغا يوللاش ئۈچۈن ئىملا تەھرىرلەشكە ۋاقىت يەتمەي قالدىكەن.  ۋاقتى: 2014-2-24 13:52
ئىملا ۋە «،»«.» قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ كەتسىڭزى تېخىمۇ مۇكەممەل بولاتتى.  ۋاقتى: 2014-2-24 13:51
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاجايىپ پەيزى يېـزىلىپتۇ بۇ شىئېر. يازغۇچىنىڭمۇ خېلى پەيزى با ئوخشايدۇ
ۋاۋاھ  كۆمۈلۈپ قالغان ئالتۇن شائىرلار دىن كەنغۇ سىز.ياخشى چىقىپتۇ شىئىرمۇ
بىر-بىرىدىن قىزغىنىشىپ كولاپ ئورا،
ئۆرۈك كۆرۈپ ئالغىنىمىز بولدى غورا،
پارا ئېلىش- بېرىش بولدى راۋا
كەل شاياتۇن قىل تاماشا بىردەم ئوينا.
ئەۋج ئالدى ھەر تەرەپتە يالغانچىلىق،
دەسمايىسىز پۇل تېپىشتا ئاقنانچىلىق،
پۇل ئالدىدا يۇقالدى ھەم تۇغقانچىلىق،
كەل شاياتۇن قىل تاماشا بىردەم ئوينا.
كىتابخانا چۆلدەرىدى توپا باستى،
ئەيش- ئىشرەت كوچىلىرى ئاۋاتلاشتى،
ئاتا- ئانا بولدى يېتىم مېھىر قاچتى،
كەل شاياتۇن قىل تاماشا بىردەم ئوينا.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-5 00:11:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسى بولدوق ئاتا ئانا قىرىنداشقا،
ھالال بولدى ھارام زىنا قىرى ياشقا،
يوللىمايدۇ ھىچبىرلىرى ياخشىلىققا
كەل شاياتۇن قىل تاماشا بىردەم ئويبنا
ماۋۇ  تىما قىززىپ كىتىپتۇغۇ.
apirin xairlar
ۋاقتى: 2014-2-5 12:53:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزپسىز  قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-20 03:55

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش