روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1500|ئىنكاس: 11
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

دادام يوق ئەمدى.....

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بالام دەپ مەڭزىڭگە مىھىرلىك سۆيگەن،
يىتىم قال يۈزلۈرۈم دادام يوق ئەمدى.
تېمىم ياش ئاققۇزماي كۆلدۈرۈپ ئۆتكەن،
يېغلاپ قال كۆزلۆرۆم دادام يوق ئەمدى.

يۆلەنگەن تاغلىرىم ئۆرۆلۆپ كەتتى.
ھەسرەتتىن ئىچباغرىم ئۆرتۆنۆپ كەتتى،
بارىدا ياتقانتىڭ غەمسىز غۇبارسىز،
يىغلاپ يات تۈنلۈرۈم دادام يوق ئەمدى.

يىقىلدىم يەر چىشلەپ تۇرالماي قالدىم،
نىم بولدى بۇ-تەغدىر ئۇقالماي قالدىم،
يىغلىدىم دادا دەپ زار-زار ۋارقېراپ،
پۈتۈپ قال ئۈنلۈرۈم دادام يوق ئەمدى،

ئېشىكلەر ئېتېلگەن چېراقلار ئۆچكەن،
تاملىرى ئولتورشوپ سوۋاقلار چۈشكەن،
مھرېڭدىن بىر سوغوق بوران ئۇچۇرۇپ،
غىرىپ قال ئۆيلۈرۈم دادام يوق ئەمدى.

مەزمۇتتىم تاغلاردەك تالقاندەك بولدوم،
قىيادەك ئىگىلدىم-ئىگىلدىم سۇندۇم.
باغرىڭداقان دەريا خۇن-زەردىلەرىن ،
لەختە قال يۈرۈگۈم دادام يوق ئەمدى.


                                                                    مەنبە قىرغىن

باھا سۆز

بۇ تۈن كېچىدە ئاجايىپ ئىزىلدى مەرھۇم ئاتامنى سېغىنغان بۇ يۈرۈكۈم  ۋاقتى: 2014-1-29 02:19

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تەجرىبە +66 ئىناۋەت +64 تەڭگە +60 بايلىق +62 تۆھپە +30 يىغىش سەۋەبى
روھلان + 21 + 19 + 15 + 17 + 13 ياقتۇردۇم
ADiL + 25 + 25 + 25 + 25 + 10
نەۋرۇز + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 تېخىمۇ تىرىشىڭ

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-1-29 02:07:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ ئېسىل يازمىدىن بىرنى ئېلىپ كەپسىز. ھارماڭ. ئاللاھ دادىڭىزغا جەننەت بەرسۇن. سىزگە تەسەللى بولسۇن دەپ بۇ يازمامنى سىزگە سۇندۇم.
/thread-16530-1-1.html
ۋاقتى: 2014-1-29 02:20:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تۈن كېچىدە ئاجايىپ ئىزىلدى مەرھۇم ئاتامنى سېغىنغان بۇ يۈرۈكۈم....ئاللاھ بەندەڭنى يېتىم قىلما ....................نادىر يازمىڭىزغا  رەھمەت قېرىندىشىم
ۋاقتى: 2014-1-29 08:55:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل شىئىردىن بىرنى ئەكەپسىز،مەنمۇ دادامنى ئەسلەپ كۆزلىرىم ياشقا تولدى.
ۋاقتى: 2014-1-29 09:52:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنى تاشلاپ كەتتىڭغو...
ۋاي دادام،ۋاي دادام...
ئادەمنىڭ يۈرەك-باغرىنى ئېغىر تىترەتكۈدەك شىئېركەن. سەبىر قىلايلى…
ئىلھاملىرىڭىز قايناپ تۇرغاي.
ۋاقتى: 2014-1-29 10:35:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا بەك ياخشى كەن
ۋاقتى: 2014-1-29 10:44:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا بەك ياخشى يېزىپسىز
بەك ياخشى چىقىپتۇ.
مۈكچىيپ بەللىرى يادەك ئېگىلگەن،
بالام دەپ كۆزلىرى ماڭا تىكىلگەن،
ۋاي-ۋايلاپ ياتقاندا تۇتمىغان بىررەت،
بىۋاپا قوللۇرۇم يىتىم قال ئەمدى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +9 ئىناۋەت +7 تەڭگە +5 بايلىق +3 تۆھپە +1 يىغىش سەۋەبى
روھلان + 9 + 7 + 5 + 3 + 1 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-16 01:49

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش