روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1006|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئاقسۇ مائارىپىنىڭ تۆھپىكارى –راخمان ۋاھىت。

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاقسۇ مائارىپىنىڭ تۆھپىكارى –راخمان ۋاھىت
) H, d& ~& V1 e8 ^* Wئا.پۇلات
7 A8 t  Y$ W& N
, n0 K/ `  L% X+ M' Y0 I
$ D* W: L1 ?! p: y' r! Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

1 k. X" [+ y8 m5 |# xقايدا بولسا شۇنداق قابىل ، چىۋەر ئۇستاز، ئۇندىن چىقۇر ھەم ياراملىق شاگىرىتى ساز. (خاتىرەمدىن)" k( a# W; ^9 {# x4 ]3 |4 wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1973-يىلى 2-ئاي ئالدى-كەينىدە ، مەكتىپىمىزگە دەسلەپتە لۇ تىيەنشۈن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكىرتارى، كېيىنراق راخمان ۋاھىت مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىشلار بىر-بىرلەپ ئىزىغا چۈشۈشكە باشلىغان ئىدى.
9 P4 O3 v" R$ c" vلۇ تىيەنشۈن كۆپنى كۆرگەن، رەھبەرلىك سەنئىتى يۇقىرى، كۆڭلى-كۆكسى كەڭ ۋە تەدبىرلىك ئادەم ئىدى. ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلىگەچكە، يىغىن ئاچقاندا ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئويغۇر تىلىدا سۆزلەيىتتى. ئاز-سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئىنتايىن ھۆرمەت قىلاتتى. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرەتتى. ھە ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلەتتى.3 d& c; t. y% W( D8 _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
راخمان ۋاھىت بولسا، بىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى پىشقەدەم ئۇستازىمىز ھەم ئۇزۇن يىل ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولۇپ تونۇلغان پىشقەدەم مائارىپچى، نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ۋە كەسپىي ئىقتىدارى يۇقىرى رەھبەر ئىدى. مەكتىپىمىزگە يېڭى چىققان بۇ ئىككى رەھبەر بىر-بىرى بىلەن شۇنداق ئوبدان ماسلاشقان ئىدىكى ، بۇلارنى ھەىقىقىي ئىسىمى-جىسمىغا مۇناسىپ ئىتتىپاقلاشقان بىر رەھبەرلىك كوللېكتىپنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە تامامەن ھەقلىق ئىدۇق. بۇلار ئىشنى ئالدى بىلەن كونىشەھەردە(ئۇنسۇدا)قالدۇرۇپ قويۇلغان ئوقۇتقۇچىلارنى يېڭى مەكتەپ ئورنىغا تەكلىپ قىلىپ، ئىككىگە بۆلۈۋېتىلگەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن باشلىغان ئىدى.) b" V$ A# v4 @9 zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ ئىككى رەھبەر مەكتەپكە چىققاندىن باشلاپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش،ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىق ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار ئىناق ئۆتەتتى. ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى تەبىئىي ئىدى. شۇڭا، بىر-بىرىنى بەك ھۆرمەتلەيتتى. ئۇزۇندىن بېرى ھەل بولماي كېلىۋاتقان ئىككى ئارىلىق بولۇپ ئۆتۈشكە ئوخشاش قالدۇق مەسىلىلەردىن تارتىپ،ئائىلىلىكلەر ئۆيىگىچە بىر ياقتىن ھەل قىلىپ، ئالدى بىلەن يېڭى مەكتەپ ئورنىدىكى ئەر-ئايال بىرگە خىزمەت قىلىدىغان ۋە ئايالى خىزمەت قىلمايدىغانلارنى (كۆپىنچىسى ئىشچى- ئۇستاملارنىڭ ئاياللىرى ئىدى)مەكتەپنىڭ يېڭى ئورنىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان ئائىلىلىكلەر ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. بىر قىسىملارنىڭ ئۆيلىرى يەنىلا كونىشەھەردە(ئونسۇدا)،بەزىلىرىنىڭ ئۆيلىرى ئاقسۇدا بولغان بولسىمۇ تارقاق ئىدى. بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئىككى رەھبەر ھەر جەھەتتىن ئىزدىنىپ يول مېڭىش ئارقىلىق، شەھەردىكى ھازىرقى سىپەن ئائىلىلىكلەر قوروسىنىڭ ئرونىنى (3000 كۋادىرات مېتىر)ئەينى چاغدىكى مەكتەپنىڭ بىر پىگلوسى(چوڭ رىزىنكا چاقلىق ھارۋا)بىلەن 4 ئاتقا تېڭىشىپ، 1974-يىلدىن باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىپ، ئاياللىرى ئاقسۇدا ئىشلەيدىغان يولداشلارنى ئۆز –ئارا جەم قىلغاندىن باشقا، يەنە ئاياللىرى كونشەھەر (ئونسۇ)ۋە باشقا ناھىيىلەردە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىمۇ بىر-بىرلەپ يۆتكەپ كېلىپ، (1978-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە)قورۇدىن ئۆي بېرىپ، يولداشلارنىڭ ھەممىسىنى غەمدىن خالاس قىلغان ئىدى. مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار يىلمۇ-يىل كۆپىيىپ، 1975-يىلغا كەلگەندە ئوقۇغۇچى سانى 400 گە يەتكەن ئىدى. مەكتەپنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش ئىدى. ئېگىز-پەس دۆڭلۈكنى تۈزلەپ تەكشىلەش، غەيرى ئوت-چۆپنى يوقىتىپ، تەكشى سالالاشتۇرۇش، مېۋىلىك باغ ئەھيا قىلىش، مەكتەپ ئەتراپىنى ئورمان بەلباغلىرى بىلەن قورشاپ، ئىھاتە ئورمانلىرىنى تىكىش، ئاساسىي يول ۋە تارماق يوللارنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇش، تەنتەربىيە پائالىيەت مەيدانى ياساش قاتارلىق ئىشلار كۈن تەرتىپكە قويۇلغان ئىدى. 4 Z  F8 `' i2 A7 [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
لۇ تيەنشۈن بىلەن راخمان ۋاھىت ھەپتىلەپ ئۆيگە قايتماي، مەكتەپتە بىز بىلەن بىرگە قونۇپ، ئاخشاملىرى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، مەكتەپنى ياخشى باشقۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە كېڭىشەتتى. يۇقىرىدا كۈن تەرتىپكە قويۇلغان خىزمەتلەر مەمۇرىي يىغىندا قارار قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، تولۇق تەييارلىق بىلەن بۇ ئىشقا سەپەرۋەر قىلىنغان ئىدى.& k% c( [* u& y; Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
200 مو كۆلەمگە ئىگە بولغان باغ ئەھيا قىلىش خېلى ئېغىر ئەمگەك كۈچى تەلەپ قىلىدىغان ئىش ئىدى. لېكىن، بۇ ئىشنى كەتمەن بىلەن پۈتتۈرمەكچى بولۇۋاتاتتۇق. شۇ چاغدا راخمان ۋاھىتقا مۇنداق بىر گەپنى قىلغانلىقىم ھازىرقىدەك ئېسىمدە:
1 Y0 S  s" \* s1 T-«راخمان ۋاھت،بۇ دۆڭلۈكنى كەتمەن بىلەن قانداق تۈزلەپ بولارمىز، توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بولغان بولسا ئىدى كاشكى»1 B/ Z7 L% n5 T+ M& sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-كۆز قورقۇنچاق ، قول باتۇر، دېگەن گەپنى ئاڭلىغانمىدىڭ، بىزمۇ شۇ بىر جۈپ قولىمىز بىلەن كەتمەندىن ئىبارەت توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنى ئىشقا سېلىپ، 400 نەپەر ئوقۇغۇچى ۋە بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدىغانلا بولساق، ھەر قانداق توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنى بېسىپ چۈشىمىز دېگىنە، -دېگەن ئىدى راخمان ۋاھىت بىزنى ئۈمىدلەندۈرۈپ.
4 Y+ y; j& r$ T1 a/ Nراخمان ۋاھىت ئەمگەك باشلانغاندىن تارتىپ تاكى ئەمگەك ئاخىرلاشقانغا قەدەر بىر كۈن ھەتتا بىر سائەتمۇ يېنىمىزدىن ئايرىلماي، بىز بىلەن بىرگە تۇرغان ئىدى. بۇ ئادەمنىڭ روھىدىن تەسىرلىنىپ، بىزمۇ ئەمگەك مەيدانىدا مېقتەك قادىلىپ تۇرغان ئىدۇق. شۇ سەۋەبتىن ئەمگەك ئۆنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئىدى. ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە يەرنى ئاساسىي جەھەتتىن تەكشىلەپ پۈتتۈرگەن ئىدۇق. قالغان ئىشلارنى سىنىپلار نۆۋەت بىلەن ئىشلەپ، يەرگە توڭ چۈشكىچە بولغان ئارىلىقتا تولۇق تاماملاپ، ئاتىيازدا كۆچەت تىكىشكە تەييارلاپ بولغان ئىدىۇق. سىنىپ ۋە ئىشخانا ئەتراپىدىكى ئوت-چۆپلەر ۋە شور قەۋىتى بىر نەچچە رەت ئېلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا قومۇش، تىكەن ۋە يانتاق ئۆسۈپ ئاپئاق شور ئۆرلەپ، يەرنىڭ ئەسلىدىكى جاڭگال تەبىئىتى ئۆزىنى ئاشكارىلاپ تۇراتتى. مەن 3-قارار مەسئۇل بولغان سىنىپىمدىكى ئوقۇغۇچىلىرىمنى تەشكىللەپ، چەمبەر ۋە تىك تۆت بولۇڭ شەكىلدە بەش ئورۇنغا گۈللۈك ياساپ، شور قەۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئېلىۋېتىپ، ئۆنۈملۈك تۇپراق، قۇم ۋە مال قىغىنى تولۇق ئارىلاشتۇرۇپ، بۇنىڭغا ھر خىل مېۋىلىك كۆچەت بىلەن رەڭگارەڭ گۈللەرنى تېرىغان ئىدۇق. بۇنىڭ بىلەن مەكتەپتىكى بۇ زېمىندا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقىمىغان خۇشپۇران گۈللەر ئېچىلىپ تۇرغان ئاجايىپ بىر چىرايلىق مەنزىرە بارلىققا كەلگەن ئىدى.ئېھتىمال مۇشۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك. مەن مەسئۇل بولغان بۇ سىنىپ باغۋەنچىلىك سىنىپى قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى.; M5 }: s8 N/ J$ [, W' v6 @; oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1976-يىلى باغ يېرىگە مېۋىلىك كۆچەت سېلىشقا باشلاپ، بىزنىڭ سىنىپ تېخنىكىلىق ئىشقا مەسئۇل قىلىندى. بۇرۇن قۇمتامغا چىقىش كاللىمىزدىن ئۆتمىگەن بولسىمۇ، شۇ چاندىكى رېئاللىق ۋە ياخشى رەھبەرنىڭ يېتەكلىشى بىزنى خەلىققە ئازراق بولسىمۇ ياخشى ئىش قىلىش ئىستىكىنى ئويغاتقان ئىدى.' a. v! c6 _' W) b' l' _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىر قانچە يىل تەر ئاققۇزۇش بىلەن، مەكتەپنى ئىنتايىن چىرايلىق بېغى بولغان ئورۇنغا بىلەن،مەكتەپنى ئىنتايىن چىرايىلىق بېغى بولغان ئورۇنغا ئايلاندۇرغان ئىدۇق. باغ مېۋىگە كىرگەندىن كېيىن،ھەر خىل سەۋەب بىلەن باغنى زىيارەت قىلىدىغانلار كۆپۈيۈشكە باشلاپ، بۇ باغ ئۇلارغا ھەقىقىي سەيلىگاھ ھوزۇرى ئاتا قىلغان ئىدى.
0 f" K6 w0 l% K5 o3 |. e1976-يىلى ئەتىياز پەسلىدە، كۆچەت تىكىش ۋەزىپىسى تاماملىنىپ بولغاندىن كېيىن، كۆچەت ئاستىدىكى بىنام يەرگە قوغۇن ۋە سەي-كۆكتات تېرىلىپ، ئاجايىپ ئوخشىغان ئىدى. باغ يېرى قۇدۇق سۈيى بىلەن سۇغۇرىلاتتى. يەرنى سالالاشتۇرۇش ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ ، بىنام يەر ئېچىش ئەمگىكى بويىچە شۇ يىلى يازدىن باشلاپ، يەنە بىر قېتىم دولقۇن قوزغالغان ئىدى. ھەر بىر ئېتىزنى تۆت مودىن قىلىپ، غەرىپتىن شەرققە 12 سالا، ھەر بىر سالاسى 40 مودىن جەمئىي 500 مو سالا ئېتىزى بەرپا قىلىندى. بۇ يەرگە قوناق، بۇغداي تېرىلىپ، ئاشلىقنىڭ كۆپ قىسىمى دۆلەتكە سېتىپ بېرىلىپ، قالغان قىسىمى ئوقۇغۇچىلار ئەمگەك قىلغاندا قوشۇمچە تەمىنات ھېسابىدا بېرىلەتتى. 1970-يىللاردىن 1980-يىللارغىچە ئوقۇتقۇچىلار ۋېلىسپىت بىلەن قاتناپ ئىشلەيتتى.! f# o( L$ `& A% Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
راخمان ۋاھىت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ خىل قىيىنچىلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىغان ئىدى. 1980-يىلى بىر ئاپتوبوس سېتىۋېلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ۋېلىسپىت بىلەن قاتناپ ئىشلەيدىغان تارىخىغا خاتىمە بېرىلگەن ئىدى. خۇڭچىپودا تۇرغان ئەنە شۇ يىللاردا ، ئوقۇيدىغان كىتاپ، كۆرىدىغان تېلېۋىزور يوق.مەنىۋى ئاچلىق ھۆكۈم سۈرگەن، مەدىنىيەت قەھەتچىلىكى تازا ئېغىر بىر زامان ئىدى. كىنو كۆرۈش ئۈچۈن ئاتايىتىن شەھەرگە كىرمىسەك بولمايتتى. شەھەردىن يىراق بۇ ماكاندا، شۇنچە يىللارنى زېرىكمەي ئۆتكۈزۈشىمىزنىڭ سەۋەبى، يولداشلارنىڭ ئۆم بولغانلىقىدا ئىدى. مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆم،ئىناقلىقى باشقا مەكتەپتىكىلەرنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرەتتى. مەكتەپ ئايدا بىر قېتىم ئوقۇتقۇچىلارنى يىغىپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ بېرەتتى.
3 u* D. R7 ?: |, |# c9 K1976-يىلنىڭ ئاخىرىدا ، ئاتالمىش«مەدەنىيەت ئىنقىلابى»ئاخىرلىشىپ، قارا بۇلۇتلار تارقىلىپ، كەڭ ئاسمان كۆز رەڭگىنى نامايەن قىلغان، ئىلىم-پەن،مەدەنىيەت، مائارىپ ھەممە ساھەلەر بۇرۇقتۇملۇق ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ، ئىشلار ئۆز جايىغا چۈشكەن چاغ ئىدى. بۇرۇندىن ئوقۇ-ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى مۇھىم كۈن تەرتىپكە قويۇپ كەلگەن مۇدىرىمىز راخمان ۋاھىت كەسىپ ئەھلىگە خاس پىداكىرانە روھ ۋە ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ، نۆۋەتتىكى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئوقۇتۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە قاراتقان ئىدى. «سۈپەت-مائارىپىمىزنىڭ جان تۇمۇرى»دەپ تەكىتلەيتتى . راخمان ۋاھىت داۋاملىق 10 يىلدىن بۇيان، دەرس دەرسىتەك ئۆتۈلمەي، مەكتپە مەكتەپتەك بولماي، مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ كۆپىنچىسى مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەن بولغاچقا، ئەمگەكتىن باشقا ئىشلارغا يارىمايتتى. بىر تۇتاش ئىمتىھان ئارقىلىق، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ، بىر قسىم تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەنلەردىن مەكتەپكە قوبۇل قىلىش يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ، بىر قىسىم تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەنلەردىن مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغاندىن اشقا، كەسپىي سىنىپلار تەسىس قىلىنىپ، ماتېماتىكا، ئەدەبىيات، فىزىكا،خېمىيە،تەبئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن، فىزىمات ۋە ئومۇمىي پەن كەسىپلىرى بويىچە، ئاساسەن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ، نومۇرى كەملەپ قالغانلاردىن تاللاپ قوبۇل قىلىنغان ئىدى. مەن 4-قارار مەسئۇل بولغان 1978-يىللىق ماتېماتىكا كەسپىي سىنىپىغا ماتېماتىكا دەرسىنى بېرەتتىم. راخمان ۋاھىت ئۆزى بىۋاستە قەرەرلىك دەرس ئاڭلاش گۇرۇپپىسىنى تەشكىل قىلىپ، ئۆزى باشلامچى بولۇپ دەرس ئاڭلاپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئىدى. شۇ چاغدىكى ھېسىيتىمنى مۇنۇ مىسرالارغا تۈگكەن ئىدىم: . _7 I9 O; w. A* f6 `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىلىم-پەن بېغىدا سەر خىل يېتىشتى كۆپ نۆۋەر غۇنچە،
( r2 W& `0 D1 n& c7 lگۈلىستان ئىچىدە ئۇ رەيھان ، چېچىلغاي خۇشپۇراق ھەريان،
' O6 m! S/ T, M0 z. Cئەجەپمۇ ئىنتىزار بولغان ئىدىم،بالقىپ كۆرۈنگىچە." @1 q5 }" ]2 r; aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇنىڭ رەڭدار چېچىكىگە تەپەككۇر جەۋھىرى ئەنداز،
! C  }; b. w  P/ Bكۆڭۈلنى مەھلىيا ئەيلەپ،ئىقبالنى لال ئېتەر شۇنچە،
3 }! u! C/ B8 M1 n$ I3 V6 A4 {مەكتەپنىڭ خاراكتېرى ئوتتۇرا تېخنىكوم بولسىمۇ، تەبىئىي پەن ۋە فىزىمات كەسپىي سىنىپلىرىغا ئۆتۈلگەن دەرسلىك ئالىي مەكتەپنىڭ(ئالى تېخنىكومنىڭ)دەرسلىرى ئىدى. شۇ چاغدا، مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىدى. مەكتىپىمىزنىڭ كەسپىي سىنىپلىرىنى پۈتتۈرگەن 20 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تاللاپ ئىشلىتىشىگە نائىل بولغان ئىدى. ئۇلار ھازىر ئۆزلىرى ئىشلەۋاتقان مەكتەپنبىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، بۆلۈم مەسئۇللىرى ۋە مەكتەپنىڭ غول تايانچلىرىدىن بولۇپ قالدى. ناھىيىلەرگە تەقسىم قىلىنغان زور بىر تۈركۈملىرىمۇ ئەنە شۇنداق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، سىپەن مەكتەپنىڭ ئەينى چاغدىكى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى نامايەن قىلغنا ئىدى. سىپەن مەكتەپنى ياخشى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت بىر ئىستەك مۇدىرنىڭ يۈرىكىدە ئوت بولۇپ ياناتتى.3 p6 e( ]' W5 Y& pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەنلىرىم سىپەن مەكتەپنىڭ قۇمتامدا تۇرغانلىقىغا قانائەت قىلىشتىن دېرەك بەرمەيتتى. ئەنە شۇ چاغدا مەكتەپكە مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، قۇشۇمچە سىپەن مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇيىڭ، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى سەيدۇللا سەيپۇللايوق قاتارلىق رەھبەرلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا كېلىپ، خىزمەتلەرنى كۆزدىن كۆچۈرگەن ۋە ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپبارغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بەرگەن باھاسى بىردەك:«ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنى بولىدىكەن،لېكىن مەكتەپنىڭ ئورنى مۇۋاپىق ئەمەسكەن»دېگەندىن ئىبارەت بولدى. دېمەك ، بىزنىڭ ئويلىغىنىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئويلىغىنى بىر يەردىن چىققان ئىدى. لۇ تيەنشۈن بىلەن راخمان ۋاھىت بۇ ئىككى رەھبەر مەكتەپنى شەھەرگە يېقىنراق جايغا يۆتكەش ئۈچۈن كۆپ باش قاتۇردى. ئىزدەندى، توختىماي يول ماڭدى،يوقىرى-تۆۋەن قاتىرىدى، ئالاقىدار ئورۇن ۋە رەھبەرلەرنى ئىزدىدى ، بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن لۇتىيەنشۈننىڭ مەكتەپتىن يۆتكىلىپ، مائارىپ ئىدارىسىغا باشلىق بولۇپ كەتكەنلىكى، مەكتەپ ئورنىنىڭ تېزراق يۆتكىلىشىنى تېخىمۇ ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە قىلغان ئىدى. مەكتەپ ئورنىنى يۆتكەشتىن ئىبارەت بۇ ئوتلۇق ئارزۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە ، ئاخىرى ئەمەلگە ئاشقان ئىدى.
) W0 ]6 T& M, M" q" ~" z1980-يىلنىڭ ئاخىرىدا ، مەكتەپ ئورنىنى يۆتكەش توغرىسىدا تەستىق چۈشۈرۈلدى. مەكتەپ ئورنى ئۈچۈن بېرىلگەن يەر شەھەرگە ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان، ئوي-دوڭغۇل بىر قاقاسلىق بولۇپ، بۇ ئاق قەغەزگە ئەڭ كۆركەم گۈل سىزىش لازىم ئىدى. چۈنكى،بۇ مەكتەپنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك، بەكمۇ تەستە مۇقىملاشقان ئەڭ ئاخىرقى ئورنىمىز ئىدى. 1981-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ، يېڭى مەكتەپ ئورنىنى پىلانلىتىش، ئوقۇتۇش بىناسى سېلىش، قۇدۇق قېزىش، يول ۋە ئورمان بەلباغلىرى ياساپ، ئورمان قويۇش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىشكە باشلىغان ئىدى. ئوقۇتقۇچىلار قۇمتامدىن يېڭى مەكتەپ ئورنىغا كېلىپ (بەلگىلەنگەن ئەمگەك مۇددىتى ئىچىدە)،1-باسقۇچلۇق ئەمگەك ۋەزىپىسىنى غەلبىلىك تاماملىغان ئىدى. يېڭى مەكتەپ قۇرۇش جىددىي داۋام قىلىۋاتقان ھالقىلىق پەيىتتە، يەنى 1982-يىلنىڭ بېشىدا، تەشكىل راخمان ۋاھىتنى ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە مۇدىر قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى. مائارىپ ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى مەرھۇم ئابدۇللا ئەيسانى مەكتەپكە پەخرى مۇدىر قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى. مەرھۇم مۇسا قۇربان مۇئارىن مۇدىر بولغان ئىدى.% B& W! k5 b% S/ v+ z& [$ p6 H5 Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەكتەپتە راخمان ۋاھىت ياز بار مەزگىلىدە يەنى 1980-1981-يىللىرى ئويغۇر خەلقىنىڭ ئاتاغلىق شائىرى تىيىپچان ئېلىيوق، پېشقەدەم يازغۇزى ۋە ژۇرنالىسىت ئەرشىدىن تاتلىق قاتارلىق يولداشلار تەكلىپكە بىنائەن مەكتەپكە چىقىپ، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ئىدى. راخمان ۋاھىت مائارىپنىڭ، مەكتەپنىڭ ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ غېمىنى يەپ،ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى دەپ ، مەكتەپ ئورنىنى يۆتكەشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ بولۇپ،ئاندىن يېڭى ئورۇنغا كەتتى. مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن، ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى قۇرۇلغاندا ، تەشكىل ئۇنى مائارىپ ئىنىستىتوتىغا يۆتكەپ، ئىنىستىتوت باشلىقى قىلىپ بېكىتتى. ئۇ ئىلگىرى 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، دارىلمۇئەللىمىن، كېيىن يەنە 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە مائارىپ ئىنىستىتوتى قاتارلىق مەكتەپلەردە ئىشلەپ، 9-يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ، ئاساسىي مائارىپ، سىپەن مائارىپى ۋە چوڭلار مائارىپى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ، مائارىپنىڭ بارلىق ھالقىلىرىنى تولۇق چۈشەنگەن ۋە ئىگىلىگەن ئىدى. ئۇ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا مەمۇرىي مەھكىمە مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسىدا ئىشلەپ، شەرەپ بىلەن ئارام ئېلىشقا چىققان ئىدى. ئۇ بىر ئۆمۈر ئاددىي-ساددا ياساپ، ساقتا نام-شۆھرەت ، ھەشىمەتكە بېرىلمەي، توغرا سۆزلۈك، راستچىل، كەمتەر ۋە ئىلىم ئەھلىنى ھۆرمەتلەشتەك ئادىمىيلىك پەزىلىتى بىلەن كىشلەر قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى. ئۇ ، سۆلەتۋازلىق ۋە شەكىلۋازلىققا ئىنتايىن ئۆچ، خۇشامەت ۋە سۇخەنچىلىكتىن بەكمۇ يىرگىنەتتى.) @9 L2 k% ^. l$ L2 tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىزدە:«ئۇستازى زالىم بولسا، شاگىرتى ئالىم بولۇر»دەيدىغان بىر گەپ بار. بۇنى سىيلىقلاشتەۇرۇپ ئېيىتقاندا: «تەلەپچان ئۇستاز ئەجرىدىن ، ياراملىق شاگىرت يېتىشىپ چىقىدۇ»دېگەنلىكتۇر. بىر ئادەمنىڭ بىر ئادەمگە قالدۇرغان تەسىرى، ئېغىزدا دېيىلگەن گەپ بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەت ئارقىلىق كۆرسىتىلگەن ئۈن-تۈنسىز تەسىرى بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئەلۋەتتە، بىزگە ھەم ئۇستاز ھەم رەھبەر بولغان بۇ ئادەمنىڭ قالدۇرغان ئىجابىي تەرەپلىرى ئىنتايىن كۆپ ئىدى. مەن بۇ ئادەمنىڭ ئەمەلىيەتچىل ئىكەنلىكىگە ئىنتايىن قايىل ئىدىم.شۇڭا، بەك ھۆرمىتىنى قىلاتتىم. راخمان ۋاھىتنىڭ بۇ ئۆچمەس تۆھپىلىرى تارىخ بېتىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالغۇسى ھەم كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە ئەبەدىي يادلانغۇسى. پېشقەدەم رەھبىرىمىز راخمان ۋاھىتنىڭ بىزگە قالدۇرغان تەسىرى ۋە ئوبرازىنى تۆۋەندىكى مىسرالار ئارقىلىق ئىزھار قىلغان ئىدىم ھەم بۇ مېنىڭ راخمان ۋاھىتقا قىلغان كۆڭۈل سوۋغام ئىدى:3 B% q. q7 c; zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەرىپەت مەشئىلىدۇرسىز ئۆچمەيدىغان،
0 P+ t( p7 j; F! ]( R. uئىلىم-ئېرپان ۋەسلىگە ھېچ قانمايدىغان.
" {9 _+ T: P' G3 |  O7 F5 J% bئەۋلاد ئۈچۈن ئىشلەپ تېنىم تاپمايدىغان،
7 d1 b5 N4 J$ K) l: g: nئۆمۈرۋايەت ئېتقادتىن يانمايدىغان.& o, e. b0 }7 C4 M, D+ b* Z: @  Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
% }- x2 D9 r8 K" C  S9 ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قاتتىق مۇسكۇل ئىرادىڭىز بەك مۇستەھكەم،# \" P+ j/ z8 V$ A1 L4 wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پەرۋا قىلماي مۈشكۈلنى يەڭدىڭىز ھەردەم.- y& W! v2 O, E% y7 g( v0 |- ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
چەكسىڭىزمۇ رىيازەت،پىغان،دەرت-ئەلەم،
' c( H& p; N( `3 I3 u5 `1 V! a( `مىزانىڭىز ئادالەتنى ياقلايدىغان.
: P7 F! a) m! T% R: p& L$ k
7 U; Y/ I8 M: Eقومتاملىقتا قالمىدى يول،سىز ئاچمىغان،! o* @7 z6 J* j6 g+ Z0 f! ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شۇنچە يىللار قالمىدى سىز ماڭمىغان.
0 x0 F( F7 }3 T* \2 Q" I! ~( [مەكتەپ ئۈچۈن قالمىدى چۆل،سىز باسمىغان ،
  W$ D9 X0 B4 y6 e  c* iگويا تۇلپار ئىدىڭىز سىز ھارمايدىغان.
# [+ q& N2 k8 H  b/ O
+ e1 l: _0 F# E& p+ F8 p: J- Zئەزەلدىنلا پاك ياشاپ ھەم پاك ئۆتتىڭىز،
/ J( R" P, [- x( u3 [' Lدىيانەتتە شاھتىن چارە ھۆرمىتىڭىز.
  \# d5 ^& P8 v; \ئەل ئىچىدە تىلدا داستان مېھنىتىڭىز،% F( v$ }9 r% d7 G* w8 ~; C: }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پەزىلەتتە بىرلا سىز كەم ئۇچرايدىغان.2 C$ }1 I0 g2 ?0 X4 I; z9 rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

, h7 v: g4 E9 C7 ~5 B! O3 g6 jتەمە بىرلە مىننەتتىن قاچتىڭىز يىراق،
# L" u* O& e5 e. G8 O+ bراھەت كۆرمەي جاپانى تارتتىڭىز بىراق.2 [1 J) F1 B. hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەرىپەت ئۇرۇغىنى چاچتىڭىز ئۇزاق،( t  u2 `6 c0 T" k( W0 Q; D( zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مائارىپتا مەرۋايىت سىز چاقنايدىغان.
3 \& x) M& N6 {  s/ W3 M( l/ Z
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-20 18:11:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راخمان ۋاھىت ئۇستازغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر:) e! ^" Q7 c( U6 M- a5 K8 wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەرىپەت ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز- رەھمان ۋايىت توغرىسىدا
% ~& b3 H6 _. r/thread-30287-1-1.html
% I- Z+ s! `6 g* h5 uئەقىدە مىلودىيىسى (مەرھۇم  راخمان ۋاھىدنى ئەسلەيمەن) [پاسىل]) H8 F" n2 I/ E5 S+ i* Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
/thread-30054-1-1.html
( a) N! s* K9 ]
مۇشۇنداق مائارىپچىلارنى ھۆكۈمۈتىمىز ئاھىدە قوللىسا دەيمە
ۋاقتى: 2014-3-20 19:41:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
oooooooooooooooooooooooooooooooooooooooo
ۋاقتى: 2014-3-20 19:48:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭلار خاتا كەتتى ئۆچۈرەي دىسەم ئۆچۈرەممىدىم...........

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-21 05:47

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش