روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1312|ئىنكاس: 13
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئەقىدە مىلودىيىسى (مەرھۇم راخمان ۋاھىدنى ئەسلەيمەن) [پاسىل]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەقىدە مىلودىيىسى

ــــــ مەرھۇم  راخمان ۋاھىدنى ئەسلەيمەن



    كىمىكى ھاياتنىڭ قىممىتىنى چۈشەنمەكچى بولىدىكەن، ئۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ ھاياتىنى تەقتىم قىلىشقا ئەرزىگۈدەك مەلۇم بىر نىشاننى تېپىش كېرەك. ۋىلايىتىمىز بۈگۈنكى زامان مائارىپىنىڭ پەرۋىشكارى، پىشقان پىداگوك، جامائەت ئەربابى، مەملىكەتلىك كۆكەرتىش نەمۇنىچىسى، ئەل سۆيگەن ئۇستاز راخمان ۋاھىد (1931-2014) دەل شۇنداق قىلالىدى. ئۇ كىشىلىك ھاياتنىڭ قىممىتىنى چۈشەنمەكچى بولۇپ، ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلىشقا، ئىككىلەنمەستىن مائارىپنى تاللىدى. ئۇ1931-يىلى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۈرچى يېزىسى تومئېرىق كەنتىدە ئۇقۇمۇشلۇق دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1948-يىلغىچە كەلپىن ۋە ئاقسۇدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1948-يىلدىن 1950-يىلغىچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان.1950-يىلدىن1953-يىلغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ بىئو-خىمىيە كەسپىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن زېھنى ئۆتكۈر، ئوچۇق پىكىرلىك،بۇ تىرىشچان ئوقۇغۇچىغا مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ كۆزى چۈشۈپ، ئۇنى ئانا مەكتىۋىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، يۇرتىغا قايتىپ،قالاق ھالەتتە تۇرىۋاتقان يېزا مائارىپى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئارزۇسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ،رەھبەرلىكنى تەسىرلەندۈرۈش ئارقىلىق، خىزمەت تەخسىماتىنى ئۆزگەرتىپ،ئىلگىرى- كېيىن  قاراشەھەردە ئوقۇتقۇچى،ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1959-يىلدىن1961-يىلغىچە سابىق مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىدە ئوقۇغان. بۇ ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇدىر،  ئاقسۇ  ۋىلايەتلىك1-ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇدىر، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پىداگوگىكا مەكتىۋىدە مۇدىر، ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا مۇدىر، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمە مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسىنىڭ باش مۇپەتتىشى بولۇپ ئىشلىگەن. 1993-يىلى شەرەپ بىلەن دەم ئىلىشقا چىققان. 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى بىز بىلەن مەڭگۈلىك ۋىدالاشتى.
راخمان ۋاھىد تالانتلىق ئوقۇتقۇچى، مۇكەممەل باشقۇرۇش سەنئىتىنى يىتىلدۈرگەن قابىل، زېرەك رەھبەر ئىدى. ئۇ ئۇچتۇرپان 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن ئۇزىمايلا مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى، مۇھىتى ۋە تەشكىل -تۈزۈمدە، خىزمەت شارائىتىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولىدۇ. رەھبەرلىك بۇ ئەھۋالنى بايقىغاندىن كېيىن قايسى مەكتەپنىڭ باشقۇرلىشى ياخشى بولمىسا،قايسى ئورۇنغا يىڭىدىن مەكتەپ  قۇرماقچى بولسا ئالدى بىلەن راخمان ۋاھىدنى مۇدىر قىلىپ بەلگۈلەيدىغان بولىدۇ.شۇنداق قىلىپ راخمان ۋاھىدنىڭ ئۆمرى مەكتەپ سېلىش، مەكتەپ باشقۇرۇش بىلەن ئۆتىدۇ .ئۇ مەكتەپ مۇدىرىلىق مەزگىلىدە ۋىلايەتلىك پىداگوگىكا مەكتەپنى ئىككى قېتىم يۆتكەپ قايتا قۇرغان،ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ۋىلايىتىمىزدىلا ئەمەس،ئاپتۇنۇم رايونىمىزدىكى داڭلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئايلاندۇرغان ،ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنى قۇرغان ۋە مەكتەپنى ياخشى باشقۇرۇپ،مەكتەپنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىپ ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان.ئۇ مەكتەپ قۇرۇش ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش جەريانىدا يۇقۇردىن چۈشۈرۈلگەن ئاساسى قۇرلۇش مەبلىغىنىڭ يىتىشمەسلىكى ۋە تۈرلۇك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ،ئوقۇتۇشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا تايىنىپ مەكتەپنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە قۇرۇپ چىقىپ   ، يۇقۇرى رەھبەرلىكنى ھەيران قالدۇرىدۇ ۋە تەسىرلەندۈرىدۇ.
      ئۇ ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ۋىلايەتنىڭ ۋالىسى بۇ مەكتەپكە خىزمەت تەكشۈرۈپ چىقىپ ،ئەسلىدىكى ئەخلەت بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىگىز-پەس يارداڭلىقنىڭ قىسقا مۇددەتتە ياپ-يېشىل ئورمان بىلەن قاپلانغان تۈپ-تۈز كېسىشمە يوللار، ئۆلچەملىك مەيدانلار، ئوتقاشتەك گۈللۈكلەر بىلەن ئورالغان بىر گۈزەل باغچىغا ئايلانغانلىقىدىن ھەيران قېلىپ:«شۇنچە كەڭرى يارداڭلىقنى قانداق قىلىپ شۇنچەتېز تۈزلەپ بولدۇڭلار،توپا ئىتتىرىش ماشىنى قانداق ھەل قىلدىڭلار؟»دەپ سورىغاندا رەھمان ۋايىت  :« قول ئاستىمدىكى 450توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن تۈزلىدىم» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. بۇ«450» مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ چاغدىكى ئومۇمى سانى ئىدى .بۇ جاۋاپنى ئاڭلىغان ۋالى ئۇنىڭ دۇلىسىغا يېنىك ئۇرۇپ تۇرۇپ،قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىدۇ.
راخمان ۋاھىد خىزمەتتە ئادىل، لىللا، كەسكىن ئادەم ئىدى.  باشقىلاردىن  تەلەپ قىلغاننى ئاۋال ئۆزىدىن تەلەپ قىلاتتى. ئۇ ۋىلايەتلىك1-ئوتتۇرا مەكتەپكە مۇدىر بولۇپ تۇرىۋاتقان مەزگىللەردە،مەكتەپتىكى گۈل-گىياھ، ئورمانلارنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن،ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەرگە يىغىن ئېچىپ، دەل-دەرەخ،گۈل-گىياھلارنى ئاسراش،مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ غورىلىرىنى پۇتىماسلىق ھەققىدە ئوقۇغۇچى ۋە ئائىلە تاۋاباتلارغا تەربىيە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئارىدىن بىرقانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن،رەخمان ۋاھىدنىڭ تۇلۇقسىز 1-يللىقتا ئوقۇيدىغان ئوغلى ئىشخانا بىناسىنىڭ ئالدىدىكى نەشپۈتنىڭ غورىسىنى ئۈزىدۇ. بۇنى كۆرۈپ قالغان رەھمان ۋاھىد بالىسىنى ئالدىغا چاقىرىپ  قاتتىق تەنبىھ بېرىدۇ. بۇ ۋەقە قۇلاقتىن قۇلاققا تارىلىپ، مەكتەپتە دەل-دەرەخلەرنى ئاسراش ھەممە ئادەمنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلىنىدۇ.ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا ئوخشغان نەشپۈتلەر قولنى سوزسىلا يېتىدىغان يەردە ساڭگىلىشىپ تۇرىدۇ.ئۇنى باقىدىغان ئادەم بولمىسىمۇ ھىچ كىم بىرتال ئۈزۈپ يەپ بېقىشقا پېتىنالمايدۇ. ئۆكتەبىر بايرىمىنىڭ ھارپىسىدا نەشپۈتلەر ئۈزۈلۈپ، ئوقۇتقۇچىلارغا ۋە ئوقۇغۇچىلارغا تەخسىملەپ بېرىلگەندە ھەممە ئادەم خۇشال بولىدۇ.
      راخمان ۋاھىد بىر ئۆمۈر ئۈن-تۈنسىز ئىشلەشنىلا بىلىدىغان، مەن-مەنلىك،ئۆزىنى كۆرسىتىش، داغۋازلىقلاردىن خالى ئادەم ئىدى.بۇ ھەقتە ئاپتونۇم رايون بويىچە«10مۇنەۋۋەر مۇخبىر»نىڭ بىرى،  «ئاقسۇ گېزىتى»نىڭ مۇدىر مۇخبىرى ئابدۇسالام ئابلىز ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:ماختىنىش ھەممە ئادەم ياخشى كۆرىدىغان بىر خىل پىسخىك خۇسۇسىيەت،ئەمىلىيەتتىمۇ ماختاپ ئېيتىلغان ھەر قانداق بىر سۆز قارشى تەرەپنى خۇشال قىلماي،كەيپىياتىنى كۆتۈرمەي قالمايدۇ،ئەمما  مەن مۇخبىرلىق ھاياتىمدا ماختىنىشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان بىرلا شەخسنى ئۇچراتتىم،ئۇ بولسىمۇ راخمان ۋاھىد ئىدى،دىيارىمىزدىكى بۇ تۆھپىكار ئۇستازنى زىيارەت قىلىش،ئېنىقراق ئېيتقاندا،ئۇنى گېزىتتە تەشۋىق قىلىش،مائارىپ سېپىدىكى بۇ ھۆرمەتلىك شەخسنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن كەڭ ئوقۇرمەننى خەۋەرلەندۈرۈش  ئۈچۈن مەن ئۇنى ئۇدا ئۈچ قېتىم ئۆيىگە ئىزدەپ باردىم، ئەمما ئۈچىلا قېتىم ئۇ زىيارىتىمنى چىرايلىقچە رەت قىلدى.بۇ ئىشتىن مەن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم،ھەيران قالدىم،ئاخىرىدا كۈۋەجەپ تۇرغان ئىلھامىمنى بېسىقتۇرۇپ، قەلىمىمنى تاشلاپ قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم،بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ،پىشقەدەم مائارىپچى  ئابدۇراخمان پۇلات ئاكا ئۆزىنىڭ راخمان ۋاھىد ھەققىدىكى تەسىراتلىرى ئاساسىدا بىر پارچە تەپسىلى خەۋەر  يېزىپ گېزىتخانىغا ئەكەپتۇ،ماقالىنى گېزىتكە بېرىدىغان چاغدا مەن ئۇنىڭ ئارقىسىغا «ئۈچ قېتىملىق ئۈنۈمسىز زىيارەت»دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا  بىر كىچىك مۇخبىرلىق تەسىراتى يېزىپ قوشۇپ قويدۇم. مۇخبىرلىق ھاياتىمدا مۇنداق ئۆزىنى تەشۋىق قىلىشنى خالىمايدىغان ئادەمدىن كېيىن يەنە باشقا بىرنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم...
     ئۇ بىركەشپىياتچى ئەمەس، داڭلىق كارخانىچىمۇ ئەمەس، يازغۇچى- شائىرمۇ ئەمەس،ناھىيە دەرىجىلىك رەھبىرى كادىر ئىدى.بىر ۋىلايەت دېگەندە ئۇنىڭدەك ناھىيە دەرىجىلىك رەھبىرى كادىر دېگەن تۇلا گەپ.ئەمما راخمان ۋاھىد شۇنچىلىك ھۆرمەتلىك،شۇنچە ئىززەتلىك،ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھەققىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەر كىشىلەرئارىسىدا ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرىدۇ.بۇ ،نېمە ئۈچۈن؟
راخمان ۋاھىدنىڭ ھاياتى خۇددى تونىللاردىن ئۆتىدىغان تاغ يولىغا ئوخشاش نۇرغۇن قاراڭغۇلۇقلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئاندىن يۇرۇقلۇققا چىققان ھايات ئىدى. ئۇ ھايات خەنجىرى كۆكسىگە تەڭلەنگەندە ئۇنىڭغا تىك قارىيالايدىغان ،ھاياتنىڭ شېرىن مەيگە تولغان جامى تەڭلەنگەندە،ئىچە-ئىچمەيلا مەسىت بولۇپ كەتمەيدىغان،ھايات گۈزەل پەرى سىياقىدىكى شەيتاننى ئالدىغا ئەۋەتكەندە،سىماپتەك ئىرىپ كەتمەيدىغان،ۋۇجۇدىدىن ئادىمىلىك تۆكىلىپ تۇرىدىغان ھەقىقى ئىنسان ئىدى.ئۇ پۈتكۈل ھاياتىدىكى ھەربىر تامچە قان-تەرىنى، روھىنى،جىسمىنى مائارىپ ئۈچۈن سەرىپ قىلغان ئىدى.پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەت قىلغان ئىدى.خىزمەتنى نام-مەنپەئەت ئۈچۈن ئەمەس، ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش ئۈچۈن ئەمەس،كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن،مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىگەن ئىدى.
راخمان ۋاھىد بىر ئۆمۈر پاك-دىيانەتلىك ياشىغان رەھبىرى كادىر ئىدى.رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن مەزگىللەردە ئاممىنىڭ يىپ-يىڭنىسىگىمۇ چىقىلمىغان ھەم ئەتراپىدىكىلەرنىڭ چېقىلىشىغىمۇ يول قويمىغان ئىدى. بىر ئۆمۈر دۆلەتنىڭ مال-مۈلكىنى ۋە كەڭ خەلىقنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى قوغدىغان ئىدى. شارائىت بار تۇرۇقلۇق يەر ئىگىلەپ داچا سالمىغان، كىچىك ماشىنا ئېلىپ ئولتۇرمىغان،26يىللىق ناھىيە دەرىجىلىك ئەمەلدار تۇرۇپ،نەچچە يۈز ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان،نۇرغۇن قۇرلۇشلارنى ئۆزى مەسئۇل بولۇپ قىلدۇرغان تۇرۇقلۇق بىر ئۆمۈر ئىدارىنىڭ قوروسىدا،كۆلىمى دۆلەت مەمۇرلىق دەرىجىسىگە توغرا كەلمەيدىغان كاتەكتەك كىچىك،ئاددى سەرەمجانلاشتۇرۇلغان كونا ئۆيىدە ئولتۇرغان ئىدى.ئاددى كىيىنەتتى . نەپسانىيەتچىلىككە بېرىلمەي، ئاددى-ساددا،پاك-ھالال ياشىغان ئىدى.خوتۇن-بالا،ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ  ئىدىيىسىنى سىڭدۈرگەن ئىدى.
     راخمان ۋاھىد ۋىلايەتلىك پىداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇتقۇچى –خىزمەتچىلىرىگە ئۆي سېلىپ بېرىش ئۈچۈن،ۋىلايەتلىك1- ئوتتىرا مەكتەپ ئائلىلىكلەر قوروسىنىڭ يېنىدىن يەر ھەل قىلغان چاغدا،ئىگەرچى يېزىسىنىڭ مەسئۇلى:«راخمان مۇدىر شۇنچە جاپا تارتىپ كاللىكتىپ ئۈچۈن يەر ھەل قىلدىلا،مەن سىلىگە ماۋۇ بىر مو يەرنى بېرەي،رەسمىيىتىنى بىجىرىپ بىر كىشىلىك تام سېلىپ قويسىلا»دىگەندە،راخمان ۋايىت:«ماڭا تام ئورنى لازىم ئەمەس» دەپ،سىلىق رەت قىلىدۇ.«بالىلىرى چوڭ بولىۋاتىدۇ ئەتە-ئۆگۈن ئەس قېتىپ قالىدۇ» دىگەندە، ئۇ:«مەن بىر مارىپچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن،بالىلىرىمغا ئۆز ئەجرىگە تايىنىپ،ھالال ياشاشنى ئۆگۈتىش مەجبۇريىتىم بار، مېنى ئۇ پاتقاققا باشلىماڭ» دەيدۇ.
    ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمى باشقارمىسىىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇرسۇن قادىر ئەپەندى  مۇنداق دەيدۇ:«شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرىدىغانغا ئىككى ئايچە قالغان ۋاقىتقۇ دەيمەن،راخمان ۋاھىد ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇتقۇچى ئالغىلى بارغان ئىكەن.شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ شۇچاغدىكى مۇدىرى ھاكىم جاپپار راخمان ۋاھىدنىڭ مۇدداسىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلىنىدۇ ۋە ئىشلىرىغا يېقىندىن ھەمدەمدە بولىدۇ،قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.راخمان ۋاھىد ئالدى بىلەن شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتى ،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئاقسۇلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى تەكشۈرىدۇ،ئۇلار بىلەن بىرمۇ بىر سۆھبەتلىشىپ،پىكىر ئالماشتۇرۇپ،زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇدۇل ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتۇتىغا بېرىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەيدۇ».  بىلىشىمچە ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ%90 ئوقۇتقۇچىسى مۇشۇ يول بىلەن قوبۇل قىلنىدۇ. قالدى %10 نى ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى نوقتىلىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ماھىرلىرى ئىچىدىن تاللىۋېلنىدۇ.بۇ جەرياندا ئۇ نۇرغۇن بېسىم،تاپا-تەنە،كۆڭۈل ئاغرىقلىرىغا يولۇققان بولسىمۇ،باشتىن-ئاخىر مىقتەك قادىلىپ تۇرۇپ،ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئىشىغا قىلچە شەيتان ئارلىشىشقا يول قويمايدۇ.ئومۇمنىڭ خىزمىتىنى مۇنداق بىجاندىل ئىشلەيدىغان ،شەخسىيەتسىز ئادەمدىن يەنە بىرنى ئۇچراتماق بەسى مۈشكۈل ئىش. نەھايەت بۇ ھاياتلىق رەزىللىك بىلەن رەھىمدىللىكنى،قۇۋلۇق بىلەن ياخشى نىيەتنى،ۋىسال بىلەن ھىجراننى،ھوقۇق بىلەن ئابرۇينى،مەغرۇرلۇق بىلەن كەمتەرلىكنى،راست بىلەن يالغاننى بىر-بىرىگە قارمۇقارشى قويۇپ ناھايىتى زور داغدۇغا پەيدا قىلىدىكەن. بىز ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكىتىدىن پارتىيىنىڭ ئىللىقلىقىنى،مېھىر-شەپقىتىنى تولۇق ھېس قىلالايتتۇق،ئۇ كەمتەر،سەمىمىي،رەھىمدىل بولۇپ،ھەقىقەتەنمۇ مائارىپنىڭ«چاكىرى» ئىدى .
     ئىشنى ئادەم قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنى قانداق قىلىش ئادەمگە باغلىق بولىدۇ. بىر ئادەم ئالدى بىلەن  كۆۋرۈك سالسا ئاندىن،ئۇنىڭدىن باشقىلار مېڭىپ قىممەت يارىتالايدۇ.راخمان ۋاھىد ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتۇتىدەك يۇقۇرنىڭ ھۆججىتىدە ئىسمى بار، ئەمما جىسمى يوق مەكتەپنى دادىللىق بىلەن قۇرۇپ چىققان ھەم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يوللىرىنى تېزلىك بىلەن ئېچىپ،ۋاقىتلىق ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىنى تېپىپ،مەكتەپتە تېخى ئوقۇتۇش بىناسى يوق ئەھۋال ئاستىدا دادىللىق بىلەن ئوقۇش باشلاپ، ۋىلايىتىمىز مائارىپىدا تۇنجى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى چوڭلار ئالى مەكتىۋىنى قۇرۇش،باشقۇرۇش جەھەتتە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان ھەم ئۈلگە ياراتقان ئۇستاز ئىدى
     مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ قوروسى ئىچىگە تۇنجى بىنا سېلنىشقا باشلىغان مەزگىلدە، قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى راخمان ۋاھىدنى ئىزدەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. راخمان ۋاھىد ئۆيدە يوق بولۇپ،بالىلىرى ئۇنى ئۆيگە باشلاپ ئالدىغا چاي ئەكىلىدۇ.ئادەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭكىدىن پەرىقسىز ئاددى ،تار،كونا ، مىھمانخانىسىغا شادا ئورۇندۇق تىزىپ قويۇلغان،ھەممە يېرىدىن نامراتلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان بۇ ئۆيگە بىرەر قۇر سەپ سالغان ھۆددىگەر :«مەن مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى راخمان ۋاھىتنى ئىزدەيتتىم» دەپ قايتا ئەسكەرتىدۇ.«مۇشۇ شۇ!» دىگەن جاۋاپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تولىمۇ ھەيران قالىدۇ-دە، مېنىڭ جىددى ئىشىم بارتى كېيىن كېلەي دەپ چىقىپ كېتىدۇ. ئالاھىزەل ئىككى سائەتتەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئالى دەرىجىلىك كىرىسلو، شىرە،توڭلاتقۇ، تېلېۋىزور بېسىلغان بىر قارا ماشىنا ئۇنىڭ ئىشىگىدە توختايدۇ.ماشىنىدىن چۈشكەن تۆت نەپەر كىشى ئۆيدىكىلەرنىڭ توسقىنىغا قويماي«بىز راخمان مۇدىرنىڭ بۇيرىقىنى ئىجرا قىلىۋاتىمىز» دەپلا ئۆيدىكى ئەبجەق جوزا-بەندىڭ...لەرنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپ،يېڭىنى ئەكىرىپ جايلاشتۇرۇپ قويۇپ كىتىپ قالىدۇ. كەچتە ئىشتىن كەلگەن راخمان ۋاھىد ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن،ئۆيىدىكىلەرگە قاتتىق كايىيدۇ ۋە قۇرۇلۇش ھۆددىگىرىنى تېپىپ مەكتەپتىكى قۇرۇلۇشىنى توختىتىشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ھەرخىل ئاماللارنى قىلىپ ئاقتۇرالمىغان ھۆددىگەر ئەكەلگەن نەرسىلىرنى تۇلۇق ئېلىپ كېتىپ،ئۆينىڭ ئەسلىدىكى كونا ئەسلىھەلىرىنى ئۆزجايىغا قايتىدىن تىزىپ قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ...
     زەپەر ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى،كۆزگە كۆرۈنگەن ناتىق شىرزات ئەپەندى تۇرمۇشتىكى ئاددى-ساددىلىقنىڭ ئەمىلى ئۈلگىسى بولمىش بۇ زات ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «تۇرمۇشتىكى كىچىككىنە ئىشلار ناھايىتى كەڭ ئىجدىمائى ئارقا كۆرۈنۈشتىن بىشارەت بىرەلەيدۇ. مەن يېقىنقى يىللاردا ئۇنىڭ ئۆيىگە ئىككى-ئۈچ قېتىم باردىم. مېنىڭ بەكرەك دىققىتىمنى تارتقىنى ئۇنىڭ تولىمۇ ئاددى سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئۆيى ۋە ئاددى ھەم يارىشىملىق تاشقى قىياپىتى ئىدى. دىمىسمۇ راخمان ۋاھىد دىگەن بىر پىشقەدەم رەھبىرى كادىر، مۇئاشىمۇ ئاز ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەككىز بالىسى مۇئاشلىق كادىر. شۇنداق ئىكەن ئۇ نىمە ئۈچۈن شۇنچە ئاددى-ساددا ياشايدۇ؟ ئەسلىدە ئۇنىڭمۇ باي-باياشادلىق ئىچىدە كېرىلىپ ياشاش ھوقۇقى ۋە شارائىتىمۇ بار ئىدىغۇ؟! بىراق، ئۇ ئۇنداق قىلمىدى، پەقەت ئاددى-ساددىلىقتىن ئىبارەت بۇ تۇرمۇش يولىنى ئۆزىنڭ مەڭگۈلۈك قىبلىنامىسى قىلىپ تاللىۋالدى... بىلسەك، ئۇنىڭ ئاشۇ ياشاش ئۈسۇلىمۇ بىزگە بىرىلگەن جانلىق بىر تەربىيە ئىكەن ئەمەسمۇ؟!...»
ئۇ بىر قېتىم ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىنى كۆزدىن كۆچۈرىۋاتقاندا ئاشخانا مەسئۇلى«ئوقۇغۇچىلارنىڭ تامىقىنى تېتىپ كۆرسىلە» دەپ بىرقاچا لەغمەننى سۇنىدۇ. ئۇ ئاشنى بىر ئېلىشتۇرۇپ،چۆپنىڭ ئاستىدا قورۇما كاۋاپ بارلىقىنى بايقايدۇ-دە، ئاشخانا مەسئۇلىنى چاقىرىپ كېلىپ،قولىدىكى ئاشنى ئۇنىڭغا مەجبۇرى يۈگۈزۈپ ئاندىن، ئۇنى ئاشخانىدىن يۆتكىۋېتىدۇ.
      مەن ئۇ باشقۇرغان مەكتەپتە ئىشلىگەنلىكىمدىن پەخىرلىنىمەن.چۈنكى،مەن ئۇنىڭدىن ھاياتقا،خىزمەتكە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشنى ئۆگەنگەن. ئۇ ياش ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆز بالىسىغا كۆيۈنگەندەك كۆيۈنەتتى.مەخسۇس ئاشخانا سالدۇرۇپ، ئاشپەز ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئۈچ ۋاخ تامىقىمىزغا كاپالەتلىك قىلغان ئىدى.شۇ مەزگىللەردە مەكتەپنىڭ %90ئوقۇتقۇچىسى يېڭى خىزمەتكە چىققان ياشلار ئىدۇق، راخمان ۋاھىد بىزنىڭ خىزمەتتە،تۇرمۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ھەل قىلىپ بېرەتتى،توي-تۆكۈن،نەزىر-چىراقلىرىمىزنى ئۆزى باش بولۇپ، بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇراتتى ،ۋىلايەتلىك پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ داڭلىق پىداگوگىكا ئوقۇتقۇچىسى مەرھۇم ئاۋۇت باقىنى ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن بىز- ياش ئوقۇتقۇچىلارغا پىداگوگىكىدىن دەرىس ئۆتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان ئىدى .ئۇ بىزنىڭ ساغلام تۇرمۇش ئادىتى ۋە خىزمەت ئادىتىنى يىتىلدۈرشىمىزگە،مەكتەپنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىغا كۆنۈشىمىزگە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن ئىدى .بۇ جەھەتتىن ئۇ بىر كۈيۈمچان ئاتىغا ئوخشايىتتى.ئۇ ھەر دائىم بىزنىڭ ۋاقىتنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئۆگۈنىشىمىزنى تەلەپ قىلاتتى،مەخسۇس سىنىپ ئاجرىتىپ،ئوقۇتقۇچى بەلگۈلەپ ئىشتىن سىرىتقى ئېنگىلىز تىلى كۇرسى ئېچىپ بەرگەن ئىدى.ئېنگلىز تىلىنى ياخشى ئۆگەنسەك بىزنى،  ئوقۇش پۇلىنى مەكتەپ ئۈستىگە ئېلىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇتماقچى، چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىقارماقچى ئىدى .ئەپسۇس،خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن راخمان ۋاھىد مەكتىۋىمىزدىن يوتكۈلۈپ كەتكەنلىكتىن،بۇ كۇرس باشقۇرۇشسىز قېلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن توختاپ قالدى.
      ئۇ ئىشخانىدىلا ئولتۇرۋېلىپ ئىش بىجىرىدىغان باشلىق ئەمەستى.ھەر كۈنى سەھەردە مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى ۋە ياتاقلارنى ئارىلاپ كۆرەتتى،بويتاق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياتىقىغىمۇ كىرەتتى،ئورمان،گۈل-گىياھلارنى ئارىلايىتتى. ..ئىش قىلىپ كۈندە  دىگۈدەك مەكتەپ قوروسىنىڭ ئىچىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىپ، بىكارغا ئېقىۋاتقان سۇ،كۈندۈزدە يېنىپ قالغان توك،بۇزۇلغان كارۋات،ئۈستەل،پارتا،ئورۇندۇق، تۇربا،چېقىلغان ئەينەك،ئۈزۈلگەن سىم،ئۆرۈلگەن تام،يىقىلغان تۈۋرۈك، قۇرىغان ئورمان،گۈل-گىياھ،تاقالماس بولۇپ قالغان قۇلۇپ،يېپىلماس بولۇپ قالغان ئىشىك...قاتارلىقلارنى ئالا قويماي كۆرىدىغان، بىرمۇ بىر ئىسىدە تۇتىۋالىدىغان ھەتتا خاتىرلىۋالىدىغان بولغاچقا،ئارقا سەپتىكى يولداشلارمۇ ئات-چوت تالۇنلىرىدىكى سان-ساناقلارغا ھىلە ئىشلىتىشكە پېتىنالمايتتى.دىمەك، ئۇ چاغلاردا ئادەم سۈرەتلىك بىرقىسىم مىتە-قۇرۇتلار مەكتەپنىڭ مالىيەسىنى غاجىلاپ كىتەلمەيتتى...
      ئۇ بارلىقىنى ۋىلايىتىمىز مائارىپ ئىشلىرى ۋە تەرەققىياتىغا بېغىشلىغان پىداكار ئەزىمەت،جانلىق يىتەكچى، خارەكتىرى كۈچلۈك باشلامچى ئىدى.خىزمەتنى تولىمۇ ئەستائىدىللىق بىلەن ئىشلەيتتى.ئۇ مەكتەپنى ئۆز ئائىلەم دەپ بىلەتتى، ئوقۇغۇچىلارنى بارلىقىم دەپ بىلەتتى،ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ ۋاختى مەكتەپتە ئۆتەتتى، ئەڭ كۆپ زېھنىنى ئوقۇغۇچىلارغا سەرىپ قىلاتتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يىتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلەتتى، ئۇلارنى ئۈنۈملۈك ئۆگۈنىش ئۇسۇلى ۋە ياخشى تۇرمۇش ئادىتنى يىتىلدۈرۈپ، ياراملىق ئادەم بولۇشقا يىتەكلەيتتى. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىغا ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان تەجىربىلىك ئۇستاز بولغانلىقى ئۈچۈن،ئۇنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن ئالىم-مۇتەخەسىسلەر،ياراملىق مەمۇرلار يىتىلىپ چىققان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ چوقۇنغۇچىلىرىمۇ كۆپ ئىدى. ئۇ ئالدى بىلەن پىشقان پىداگۇك ئىدى. ئوقۇتۇشنىڭ دائىملىق تەرتىۋىنى ئۆزى بىۋاستە، قاتتىق نازارەت قىلاتتى.ئارىلاپ دەرىس تىڭشايتتى، دەرىس تەييارلىقى، تاپشۇرۇق لاھىيەسى ۋە تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇراتتى. دەرىسكە كېچىكىش،بالدۇر دەرىستىن چۈشۈش ئەھۋاللىرىنى بايقاپ قالسا قاتتىق تەنقىت-تەربىيە بېرەتتى.1987-يىلى كۈز ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئەتتىگەندە ،مارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا، ئۇ كۈرسانىتلارنىڭ دەرەسكە كېلىش ئەھۋالىغا نەزەر سالغاچ تۇرۇپ قالىدۇ. دەرىسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنغان بولسىمۇ بىئولوگىيە سىنىپىغا مۇئەللىم كىرمەيدۇ. ئۇ ئون مىنۇت قاراپ تۇرغاندىن كېين  سىنىپقا كىرىپ، دەرىسنىڭ كەلگەن يېرىنى ئۇقىۋېلىپ تىمىنى دوسكىغا يېزىپ قويۇپلا دەرىسنى باشلاپ كېتىدۇ. بەش مىنىۇتتىن كېيىن دەرىس ئوقۇتقۇچىسى كېلىدۇيۇ، مۇدىرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، سىنىپقا كىرىشكە پېتىنالماي ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ قالىدۇ. ئۇ مۇدىرنىڭ دەرىس ئۆتىۋاتقانلىقىنى،قولىدا دەرىسكە مۇناسىۋەتلىك ھىچنىمە يوق ئادەمنىڭ دەرىسنى شۇنچىلىك ئېنىق،راۋان،چۈشىنىشلىك، ئىخچام بايان قىلىۋاتقانلىقىنى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇنچىلىك بىرىلىپ دەرىس ئاڭلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ. شۇ ئىشتىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلار ئارسىدا دەرىسكە كىچىكىپ قالىدىغان، ئەھۋال تۇلۇق تۈگەيدۇ.بارلىق ئوقۇتقۇچىلاردا بىلەرمەنلىك قىلمايدىغان،ئىزدىنىپ ئۆگىنىدىغان، ئوقۇتۇشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان،ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەيدىغان ياخشى ئادەت شەكىللىنىشكە باشلايدۇ.
      ئادەم بۇ دۇنيادا مەڭگۈ ياشىيالمايدۇ. بەزىلەر جىسمانى جەھەتتىن ئۆلۈش بىلەنلا بۇ دۇنيادىن نامىمۇ ئۆچىدۇ،لېكىن بەزىلەر ھاياتىدا ئەزگۈلۈك ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، نام- ئاتىقى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ.بەزلەر «نامىمنى چىقىرىمەن» دەپ  ھەرقىسما ئىشلارنى قىلىپ باقىدۇ. ھەتتا ۋەتەننىڭ ،جۈملىدىن مىللەتنىڭ جانىجان مەنپەئەتلىرىنى ئۆزىنىڭ شەخسى ھالاۋىتى ئۈچۈن پايمال قىلىۋېتىدۇ.بەزىلەر باشقىلارنىڭ كۆمىچىنى كۈلدە قالدۇرۇپ،ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدۇ.راخمان ۋاھىد بولسا ئەزگۈلۈك ئىشلىرى بىلەن ئەزگۈ نامىنى قالدۇرغان پەزىلەت ئىگىسى!
ئۇ دىيارىمىزدىكى ئۈچ ئەۋلات كىشىلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن يىتۈك پىداگوك،ئادىمىلىكنىڭ مىزانلىرىنى،غۇرۇر ۋە ئىتىقات بىلەن ياشاشنىڭ يوللىرىنى ئۆگەتكەن تۇنجى ئۇستاز ئىدى.دىيارىمىز مائارىپىدىكى يۇرۇق يۇلتۇزلارنىڭ بىرسى ئىدى. ئۇ بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئىسىل خىسلىتى،ياخشى پەزىلىتى قەلبىمىزدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.

ئۆتتى ئۆمرۈڭ قان-تەر ئاختۇرۇپ،
مەكتەپ سېلىپ مەكتەپ باشقۇرۇپ.
بۇ شەھەردە مىللى مائارىپ،
ئەجرىڭ بىلەن كۈلگەن جۇش ئۇرۇپ.

ئەجىر-مېھنەت قىلدىڭ تىپتىنىچ،
ماختىنىشتا قالدىڭ ساۋاتسىز،
ھالال ياشاش بولغاچ مىزانىڭ.
بالىلارنى سۆيدۈڭ ئاۋازسىز.

كۆڭۈل-كۆكسۈڭ بىر ئەزىم دەريا،
ئوقۇتۇشتا ئىدىڭ بەك زالىم.
ئۇچراپ قالسا گاھى تۈلكىلەر،
ئوسمىسىنى قوياتتىڭ دائىم.  

ھەق-ئادالەت بولدى مىزانىڭ،
دۇرۇس يولدىن پەقەت ئازمىدىڭ.
ھايات بېتىڭ تولدى ھىكمەتكە،
قەلەم بىلەن بىر خەت يازمىدىڭ.

ئالماشتۇرۇپ ئورنۇڭنى پات-پات،
ئارامىڭنى پەقەت قويمىدى.
ئەمدى بىلسەك سىنى بەزىلەر،
پۇتبول قىلىپ تىپىپ ئوينىدى.


دەپ تۇراتتىڭ مىللى مائارىپ،
پەقەت بىزنىڭ چىقىش يولىمىز.
ئارمانلىرىڭ ئەۋلات قەلبىدە،
ئەبەدىلىك تارتىدۇ يىلتىز.

پىشقان ئاتا يىتۈك پىداگوك،
ئىش-ئەمەلىڭ تۇنۇش ھەممىگە.
كىتاۋنى ماكارىنكو(1)نىڭ،
يېزىپ قويدۇڭ ئەۋلاد قەلبىگە.

كوچىلاردا توسۇلدى قاتناش،
تۇپراق بېشىڭ ئادەم كەلكۈنى.
مۇسىبەتكە چۆكتى بىر شەھەر،
سەن مەڭگۈلۈك كۆز يۇمغان كۈنى.

مۇسىبەتتىن ياش تۆكتى ئاقسۇ،
ئايرىلىشقا بېرەلمەي بەرداش.
ساڭا جەننەت تىلىدى ئۈنسىز،
ئەل-جامائەت،دوسىت-يار،قېرىنداش.

ئىزاھات:
(1)مەشھۇر پىداگوك ماكارېنكونىڭ«پىداگوگىك پوئىما» ناملىق ئۈچ قىسىملىق رومانى كۆزدە تۇتۇلىدۇ...


مەنبە: ئۆز قەلىمىم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تەجرىبە +110 ئىناۋەت +110 تەڭگە +95 بايلىق +125 تۆھپە +69 يىغىش سەۋەبى
نەۋرۇز + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 ياخشى تېما
ahat0902 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز
ADiL + 70 + 70 + 55 + 85 + 55 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

كېيىنكى: سونىت
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-20 18:10:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راخمان ۋاھىت ئۇستازغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر:
ئاقسۇ مائارىپىنىڭ تۆھپىكارى –راخمان ۋاھىت。
/thread-28833-1-1.html
مەرىپەت ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز- رەھمان ۋايىت توغرىسىدا
/thread-30287-1-1.html
ۋاقتى: 2014-3-11 18:57:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سارسان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-11 18:58  

نىمانداق  كۆپ  مەن ئۇقۇپ بۇلالمايلا قالدىم ياخشى ئەسەرلەرنى داۋاملىق يۇللاپ  تۇرغايسىز  رەخمەت

باھا سۆز

راخمان ۋاھىدنىڭ كىملىكىنى بىلگەن چېغىڭىزدا يازغانلىرىمنىڭ بەكمۇ ئازلىقىنى ھىس قىلىسىز....  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-3-11 20:00
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-11 20:00:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سارسان يوللىغان ۋاقتى  2014-3-11 18:57
نىمانداق  كۆپ  مەن ئۇقۇپ بۇلالمايلا قالدىم يا ...

راخمان ۋاھىدنىڭ كىملىكىنى بىلگەن چېغىڭىزدا يازغانلىرىمنىڭ بەكمۇ ئازلىقىنى ھىس قىلىسىز....
ۋاقتى: 2014-3-11 20:17:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازما ئارقىلىق مەرھۇمنىڭ ھايات چېغىدىكى شانلىق ئىش ئىزلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم. يەنە نۇرغۇن يېزىشقا تېگىشلىك ئارتۇقچىلىقلىرى بارلىقى كۆرىنىپلا تۇرىدۇ.  مۇمكىن بولسا مەرھۇمنىڭ ھايات چېغىدىكى شانلىق ئىش-ئىزلىرى تېخىمۇ زور ھەجىملىك قىلىپ يېزىلغان بولسا، تەربىيىۋى ئەھمىيىتىمۇ زور بولاركەن.

باھا سۆز

پىكرىڭىزنى قوللايمەن .راخمان ۋاھىد ھەققىدىكى ھېكايە بىر ئىككى ئادەم يازغانغا تۈگەپ قالىدىغان ھېكايە ئەمەس،ب  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-3-12 10:31
ۋاقتى: 2014-3-11 21:27:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىنى ئوقۇپ ئوت يۈرەك مائارپچى، تۆھپىكار رەھبەر، مەرھۇم راخمان ۋاھىد ئاكىغا بولغان قايىللىقىم ھەسسىلەپ ئاشتى. مەن بۇ كىشى ھەققىدە مەرھۇم دادامدىن ۋە ئۇچتۇرپاندىكى پىشقەدەملەردىن نۇرغۇن تەرپلەرنى ئاڭلىغان ۋە ئىچ-ئىچىمدىن قايىل بولغان ئىدىم.
مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولدى. ئەلھەكمۇلىلا.
ئەمدى گەپ بىز دەك مائارپچىلاردا قالدى. قېنى، قانچىلىكىمىزنىڭ يۈرىكى" مائارپىمىز، مىللىتىمىز، ئەۋلادىمىز" دەپ سوقىدىكىن؟
قانچىلىكىمىز مەرھۇمنىڭ ئىزلىرىغا، پەزىلىتىگە ۋارسلىق قىلالارمىز؟
يەنە تېخىمۇ كۆپ گەپلەرنى دىمەكچىتىم، ئەمما ...
ئىنكاسىمنىڭ ئاخىرىدا پاسىل ئەپەندىمنىڭ ئۇستاز راخمان ۋاھىدىنىڭ مۇسىبتى  ۋە مائارپ ئۈچۈن قوشقان مىننەتسىز تەرىنى خەۋەرلەندۈرگەنلىكىگە
تەشەككۈر. ئاخىرىدىكى مۇسىبەتنامە شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ. قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي، تېنىڭىز سالامەت بولغاي.
بۇ تېمىنى باھالاي دىسەم، مەشغۇلات تەرتىپىنى بىلمىدىم، ئادىل ئەپەندىم، بۇ جەھەتتە يەنە بىر ياردەم قىلسىڭىز.  

باھا سۆز

رەھمەد قېرىندىشىم....ئۇچتۇرپاندا مەرھۇمنى خېلى پىششىق بىلىدىغانلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىدىم لېكىن تېخىچە ئىزدە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-3-12 10:40
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-12 10:31:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پاسىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-12 10:33  
ahat0902 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-11 20:17
بۇ يازما ئارقىلىق مەرھۇمنىڭ ھايات چېغىدىكى شانلىق ئىش  ...


پىكرىڭىزنى قوللايمەن .راخمان ۋاھىد ھەققىدىكى ھېكايە بىر ئىككى ئادەم يازغانغا تۈگەپ قالىدىغان ھېكايە ئەمەس،بۇ ئەسلىمىنى كۆرۈپ «مەن يازاي دەپ تۇرسام يېزىۋاپتۇ» ياكى «يېزىلىپ بوپتۇ »دەپ قارىمايلى. مېنىڭچە ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ بىلىدىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلىساق. ئىنكاس شەكلىدە بولسىمۇ بولىدۇ، مۇستەقىل تىما شەكلىدە بولسىمۇ بولىدۇ. بىز ئۈچۈن مۇھىمى ئۆزىنى كۆرسۈتىش ئەمەس، بەلكى ئەۋلاتلارنىڭ بەھرىلىنىشى ئۈچۈن راخمان ۋاھىد ھەققىدە بىر قەدەر مۇكەممەل ماتىرىيال رەتلەپ  قويۇش بولىشى لازىم .
  ئاخىرىدا مېنى ئەھمىيەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن مەرھۇمنىڭ ئەينى چاغدىكى شوپۇرى- مەمىتىمىن ئەپەندى ۋە خىزمەددىشىم يالقۇن ئەيساغا چىن قەلبىمدىن رەھمەد ئېيتىمەن....
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-12 10:40:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2014-3-11 21:27
يازمىنى ئوقۇپ ئوت يۈرەك مائارپچى، تۆھپىكار رەھبەر، مە ...

رەھمەد قېرىندىشىم....ئۇچتۇرپاندا مەرھۇمنى خېلى پىششىق بىلىدىغانلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىدىم لېكىن تېخىچە ئىزدەپ بېرىپ بولالمىدىم. مۇمكىن بولسا مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرغايسىز....
ۋاقتى: 2014-3-12 11:13:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم ھەققىدە ئاڭلىغان ئەمما تەرجىمھالىنى بىلىش پۇرسىتگە ئېرىشتۇرگىنىڭىزدىن سۈيۈندۈم ئۇستاز.

باھا سۆز

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەد!...  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-3-12 13:24
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-12 13:24:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nawruz0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-12 11:13
مەرھۇم ھەققىدە ئاڭلىغان ئەمما تەرجىمھالىنى بىلىش پۇرس ...

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەد!...
ۋاقتى: 2014-3-12 20:29:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدۇ. مەن پات ئارىدا بۇ پىشقەدەملەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، سۆھبەت خاتىرىسى قالدۇرىمەن.

باھا سۆز

رەھمەد!....ھۇشۇر تايىر ئەپەندى ئايرىلىپ قالمىغاي....  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-3-14 09:50

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-22 05:32

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش