روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 6428|ئىنكاس: 25
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

خوتۇن ئۆيدە تۇرامدۇ(پاسىل)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
        خوتۇن ئۆيدە تۇرامدۇ
ــــ  2-ئاينىڭ 14-كۈنى خوتۇن -بالىلىرىنى تاشلاپ  بايرام ئوينىغىلى كىتىدىغان دوستۇمغا
      
قۇياش ئىللىق كۈلمىسە گۈل چىرايلىق كۈلەمدۇ،
يېقىلغۇسى بولمىسا ئۇچاقتا ئوت كۈيەمدۇ،
نەۋ باھارسىز تەبىئەت شايى ئەتلەس كىيەمدۇ،
يارداڭلىقنى كۆرمىسە قاغا كىلىپ قونامدۇ،
كۆڭلى ئەمىن تاپمىسا خوتۇن ئۆيدە تۇرامدۇ.

كىم چاقىرسا كەينىدىن پالاقلىساڭ ئالدىراپ،
ھايتاقلارغا ئەگىشىپ شالاقلىساڭ ھاسىراپ،
كۈنۈڭ ئۆتسە كوچىدا باللىرىڭدىن ياتسىراپ،
خوتۇنۇڭنى ئىزدىسەڭ قالسا يانچۇق ھالسىراپ،
خورلانسا پاك ئەقىدە خوتۇن ئۆيدە تۇرامدۇ.

پۈتۈن سۈرۈك ئەر تۇرۇپ ئۆز ئىشىڭنى قىلمىساڭ،
ئەرلىك بۇرۇچ ۋىجداننى  پايخان قىلىپ خارلىساڭ،
كەلسە ئۆيگە قەيناتاڭ بىر قوغۇنمۇ تىلمىساڭ،
كۈندە ئۆيگە مەست كېلىپ پەدىشەپنى قويمىساڭ،
ئويلۇنۇپ باق بىرادەر خوتۇن ئۆيدە تۇرامدۇ،

تېلفۇن كەلسە ئۆيۈڭدە ئالالمىساڭ دۇدۇقۇپ،
يۈرەك پوك-پوك ئوغرىدەك ئۆزئۆيۈڭدە ھۇلۇقۇپ،
«كىمكەن»دىگەن گۇناھقا خوتۇن كەتسە ئۇجۇقۇپ،
ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببەت قالسا ئۆيدە تۇنجۇقۇپ،
ئويلاپ بېقىڭ بۇرادەر خوتۇن ئۆيدە تۇرامدۇ.

ئىشتىن كەلسە چارچىدىم دىسەڭ دەملە چېيىڭنى،
ئەتەئۆيدە مېھمان بار غەملە گۆش،ياغ كېمىڭنى،
تۈزەشتۈرگىن ئۇچامنى، ئېلىپ يېڭى كىيىمنى،
يەل قاچىدۇ موتودىن يەملە تېپىپ يىلىمنى،
ھەممە يۈكنى يۈكلىسەڭ خوتۇن ئۆيدە تۇرامدۇ.

ئاي توشقاندا مۇئاشىڭ تۇتۇلغاندا قەرزىگە،
توك،سۇ دىگەن كارتىلىق يانماس قۇرۇق ۋەزىگە،
خوتۇن قاخشاپ ماڭمامدۇ چوڭ ئۆيىگە ئەرزىگە،
يىغلىمامدۇ پۇشماندا تەككىنىگە رەزگىگە،
ئەردە ۋىجدان بولمىسا خوتۇن ئۆيدە تۇرامدۇ.

ئائىلىدە كۆكلەيدۇ ئەجداتلارنىڭ تىلىكى،
ئىناق ئۆيدە توق بولۇر ئەۋلاتلارنىڭ يىلىكى،
ياخشى ئەردە ياشىرار ئاياللارنىڭ يۈرىكى،
چىراق بولسا ئەر ئۆيدە ئايالدۇر ياغ-پىلىكى،
پىلىك-يېغى بولمىسا ئۆيدە چىراغ  يانامدۇ.

كۈندە ئۈچ ۋاق گېلىڭنى تاماق ئېتىپ باقتى ئۇ،
كېر-قېتىڭنى ئادالاپ،ئاغرىپ قالساڭ باقتى ئۇ،
تىنىم تاپماي ئىشلەيدۇ قاچان باتناپ باقتى ئۇ،
بالىلارنى،سېنى دەپ ساراڭ بولدى ساقتى ئۇ،
ئازاربەرسەڭ كۆڭلىگە خوتۇن ئۆيدە تۇرامدۇ.

مەنبە: ئۆز قەلىمىم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 6تەجرىبە +112 ئىناۋەت +100 تەڭگە +100 بايلىق +93 تۆھپە +47 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز
131TANHA + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 ماختاشقا تېگىشلىك
نەۋرۇز + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 ياقتۇردۇم
otkax + 3 + 3 يارايسىز
شىرى + 12 + 12 + 12 + 8 + 1 ئورۇنلۇق ئىنكاس
ADiL + 40 + 25 + 25 + 25 + 25 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-2-12 22:08:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ،ئەجەپ ياخشى شئىر ئىكەن.رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-2-12 22:51:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەششەت يېزىۋېتىپسىز جۇمۇ ئۇستاز.
بارىكاللا   قەلىمىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن
ۋاقتى: 2014-2-13 00:39:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۆچرۈپ باشقىلارغا تارقاتساق رۇخسەتمۇ
ۋاقتى: 2014-2-13 00:42:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز ، تىلى شۇنداق ئۆتكۈر ،قەلىمىڭىز ھەقىقەتەن كۈچلۇككەن . يارايسىز .
ئۈندىدار ئارقىلىق دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىۋەتتۇق، يارايسىز
رەسمىي جايىغا كەپتۇ .
ۋاقتى: 2014-2-13 11:45:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاخ  شۇنداق كەلتۈرۈپسىز. ئۇستاز .
ۋاقتى: 2014-2-13 12:14:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ ئىسىل نادىر شىئىر ئىكەن رەھمەت سىزگە

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-20 17:34

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش