روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 8062|ئىنكاس: 31
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ھاراقكەشنىڭ رامىزانلىق كۈندىلىك خاتىرىسى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                          
0 I7 Q( }3 L4 W8 {& ^
ھاراقكەشنىڭ رامىزانلىق كۈندىلىك خاتىرىسى

; p6 R) q$ n) T& y1 B(ئاپتورى: ئاينۇر مۇھەممەد تۇرسۇن (ئاپبەرچىن
( ~2 |. ~' S7 S' [( N* }2 R" e8 j' Q7 e' Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

% z7 J$ g+ ?9 w9 j- }بۈگۈن ھەجەپمۇ ئىچىم پۇشتى،ھەممە ئادەم جىمىپلا كىتىپتۇ قارىسام. ئاڭلىسام رامىزانمىش، ئىسىقنى-ئىسسىق، سوغۇقنى-سوغۇق دىمەي خالىغىنىچە كىلىۋېرىپ تۇرمۇش تەرتىپىنى ئىگىز-پەس قىلىدىغان بۇ بىر ئاي ماڭا پەقەتمۇ ياقمايدۇ ئىشقىلىپ. بوپتۇ بۈگۈن بىرىنچى كۈنىكەن، ئاستا ئۆيگە قايتىپ دەم ئالاي، ئىچمىسەممۇ بېشىم قېيىپلا تۇرىدۇ.
0 `4 E7 Q0 l8 F, p) T********************************************( ?& c4 h5 O. L' pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3 [# E5 P5 B* g- J5 tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
توۋۋا، بۇرۇنمۇ كەلگەن بىراق بۇنداق كەلمىگەن، ئاپام بەزى كۈنلىرى ئارىلاپ روزا تۇتۇپ قوياتتى. ئۆيدىكى ئۈچ بالا خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغاچقا بۇنداق ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىدۇق، داداممۇ ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيتتى. ئەمما بۇ قېتىم ئۆيدە مەندىن باشقا ھەممىسى روزا تۇتۇپتۇ، بۇ ئەھۋال مېنىڭ كىچىدىكى شىرىن ئۇيقۇمنى بۇزغاننى ئاز دەپ يەنە تېخى ئاچ قالدىم. كىچىدە تاماق ئېشىپ قالسا تەلىيىم، بولمىسا ئاچ يۈرىدىغان گەپ. بۇ ئۇيغۇرلار مەھەللىسى بولغاچقا ئەتراپتىكى مۇسۇلمانچە ئاشخانىلارمۇ تاقىلىپتۇ. ئەجابا، رامىزان ئۇلارغا پۇل ئالغاچ كەلگەنمىدۇ، ئىشقىلىپ بۇ يىل رامىزان بوش كەلمەپتۇ، ھەممىگە شۇنچە تەسىر كۆرسەتكىنىگە قاراپ جەددى-جەمەتىنى بىراق باشلاپ كەلدىمىكى دىدىم مەن.; e8 |3 C1 g% y: ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
*******************************************
6 A$ d- M) z, x7 V% c9 u) J
% A6 ?( J  R2 S  \  qمانا بۈگۈن بەشىنچى كۈنى، راستلا زېرىكتىم. يا تاماق-تاماق بولمىغان، يا ئۇيقۇ-ئۇيقۇ ئەمەس، ئۆيمۇ شۇنچە جىمجىت، ئىدارىمۇ ھەم شۇنداق. تېخى چۈشتە بىر نەچچە خىزمەتدىشىم تاماققا چىقماي ئولتۇرۇپتۇ، شۇنچە زورلىسام تېخى ھېلى بىر نەرسە يىگەن دەپ ئاشخانىغا چىققىلى ئۇنىمىدى، كىيىن ئاڭلىسام روزا تۇتۇپتىمىش.... ئەمدى ما گەپكە كۈلەيمۇ يا ئۈلەيمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
+ o; E7 P( \! y" R: b+ k9 m*********************************************
6 x* t* H$ a' G- U- f
; m5 ?* `% A( M+ vبۈگۈن يەتتىنچى كۈنى. راس گەپنى دېسەم قىلىدىغانغا ئىش، ئۈسىدىغانغا تام تاپالماي قالدىم. چوڭ سىڭلىم ياغلىق چىگىۋاپتۇ، بىر كىچىدىلا ئۆزگىرىپ كەتكىنىنى دەيمەن. كىچىكىگە شۇنچە يالۋۇرۇپمۇ كەچتە بىللە كىنو كۆرۈپ كىلىدىغانغا ماقۇل كەلتۈرەلمىدىم، بىر نەچچە قىز دوستلىرىمغا تېلفون بەردىم، ھەممىسىنىڭ جاۋابى سىڭلىمغا ئوخشاش بولدى، رامىزاندىن كىيىن بارارمىش..... خويمۇ ئاچچىغىم كەلدى، جېلىچىلىكتە ھېچنىمىگە قارىماي مېڭىپ بىرىنى ئۈسۈپ ئوڭدىسىغا ئۆرىۋەتتىم، قولۇمدىكى نەرسىلىرىم چېچىلىپ كەتتى. قاتتىقراق گەپ قىلسا تازا مۇشلىشىپ ئاچچىقىمنى چىقارماقچى بولۇپ تۇرغىنىمدا قارشى تەرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ نەرسىلىرىمنى تېرىدى، ئاندىن ئولۇغ كۈنلەرنىڭ ھۆرمىتىدىن مىنى كەچۈرۈڭ،قاتتىق سوقۇلۇپ كەتتىم دىگىنىچە قايتا-قايتا ئۆزرە ئېيتىپ كىتىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە ئۇنى مەن سوقۇۋەتكەنىدىم، بىراق ئۇ بۇ خاسىيەتلىك كۈننىڭ ھۆرمىتىدىن ماڭا شۇنچە كەڭ قورساقلىق قىلدى. ئەجەبا بۇ رامىزان شۇنچە ئۇلۇغمىدۇ؟
9 e' M0 C! |0 B8 s" m******************************************' A4 X* @; o- `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
0 N& C% S1 z0 U" W  y" ~4 p' }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۈگۈن توققىزىنچى كۈنى. دەم ئېلىش كۈنى، مانا بۈگۈن ھاراق ئىچمىگىنىمگە توپتۇغرا توققۇز كۈن بولدى. بۇنىڭ تەسىرىدە بەدەنلىرىم ئاغرىپ، كىرىشىپ كەتتى. بىراق پۇت-قولۇم ئالدىنقى كۈنلەردىكىدەك بەك تىتىرەپ كەتمىدى. بۈگۈن زادى ئىچىمەن دىگەن نىيەت بىلەن ئۈلپەت ئىزدىمەك بولۇپ قوروغا چىقتىم، تەلىيمگە گۈللۈكتە ئاغىنىلەر پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان بولۇپ بۈگۈن ئۇلارمۇ دەم ئالغان ئىدى. ئۇلار بىلەن چالا-بۇلا سالاملىشپ ھازىرلا كىلىمەن دەپ سىرتقا چاپتىم، مەھەللىدىكى ئۇيغۇر تاللا بازارلىرىدىن ھاراق-تاماكا پۈتۈنلەي يېغىۋېتىلگەن بولۇپ، بارمۇ دەپ سورىغىنىم ئۈچۈن بەزى دۇكانلاردىن ئىزا ئاڭلاپ يېنىپ چىقتىم. ئامالسىز تاكسى توسۇپ خېلى يىراقتىكى چوڭ تاللا بازىرىدىن بىر يەشىك پىۋا، تاماكا، ئۇششاق - چۈششەك يىمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ مەھەللىگە چاپتىم. گۈللۈكتىكى يۇمىلاق تاش ئۈستەلنىڭ مەغرۇر ھالدا نەرسىلەرنى قويۇپ، ئاغىنىلەرنىڭ بۈگۈن ھەجەپ مەرتلىشىپ كىتىپسەنغۇ دىگەن ماختاش سۆزلىرىگە تەلمۈرۈپ تۇرغىنىمدا ھەممىسى خۇددى ئالدىغا پارتلاتقۇچ بومبا قويۇلغاندەك چاچىراپ تۇرۇپ كىتىشتى، ئاندىن ئۇلۇغ رامىزان كۈلەردە بىزنى شەرمەندە قىلماقچىمۇ سەن دىيىشسە، بەزىلىرى بىز روزا دىيىشپ تۇمشۇقلىرىنى پۈرۈشتۈرۈشتى. تېخى 10كۈن ئىلگىرى بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى ئەمەسمىدۇق.... بۇلارنىڭ بۇنچە تېز ئۆزگىرۋېلىشى كاللامدىن ئۆتمىدى، ھازىر قىلغان قېلىقلىرى جېنىمغا تەگدى. مانا ئەمىسە، دەپلا بىر يىشىك پىۋىنى بېشىمدىن ئاشۇرۇپ تاش ئۇرۇندۇققا ئاتتىم، پىۋا بوتۇلكىلىرى چېقىلىپ چۇل-چۇل بوپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇژۇلداپ تۇرغان پىۋىلار ئۇياق-بۇياققا ئېقىپ تۇراتتى، ئۇنى ھەتتا تۇپراقمۇ ئۆزىگە سىڭدۈرمىگەن بولۇپ، ئەتراپتىكى ئوت-چۆپلەرمۇ تىترەپ كەتكەنىدى، ئۇلار خۇددى ماڭا بىزمۇ روزا تۇتقان تۇرساق نىمىشقا بىزگە بۇنى چاچىسەن دەپ مەندىن رەنجىۋاتقاندەك قىلاتتى.....................
; g6 d! z; J! E*******************************************; n6 t3 j8 @9 G9 a1 Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
/ v8 k: [8 [9 S# j: \9 X7 V/ S0 cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۈگۈن 10-كۈنى. خۇمارىم شۇنچە تۇتتى، لېكىن ئىچەي دىسەم يا سورۇن يوق ۋەياكى ئۈلپەت. ئەجەبا ماۋۇ دۇنيادا مەندىن بۆلەك ھاراق ئىچىدىغان ئادەم قالمىغانمىدۇ..... ھەي، شۇ روزا قانداق بولىدىكىن بىر تۇتۇپ باقايمۇ يا، بەرىبىر ئاچ قالىدىغان گەپ... ئاناممۇ جىق يالۋۇرۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاراقمۇ ئىچەلمىسەم يا... بوپتۇ، ھەممە ئادەمىنى بىر كىچىدىلا مۇشۇنداق ئۆزگەرتىۋەتكەن روزىنى مەنمۇ بىر تۇتۇپ باقاي... ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم روزا تۇتىشىم بولسىمۇ بىر كۈن دىگەنگە ئۆلۈپ قالماسمەن.......
+ e+ r! {9 G6 X3 A2 Z
% I% k* `) P( G( o( Vبۈگۈن رامىزاننىڭ 12-كۈنى. روزا تۇتىۋاتقىنىمغا ئىككى كۈن بولدى، خۇدانىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىگە ئىشەنسەممۇ، باشقىلاردەك ياراتقۇچى ئۈچۈن ئىبادەت قىلىپ باقماپتىمەن، ھەتتا ياد ئىتىپمۇ باقماپتىمەن. ئىككى كۈن ئىسسىقتا روزا تۇتۇپ بېشىم قېيىپ، كۆڭلۈم ئېلىشىپ كونا كىسەل ئادەملەردەكلا بولۇپ قالدىم. ئۆزەمدىن خېلىلا كىچىك روزا تۇتىۋاتقان بالىلارغا قاراپ ئۇلارنىڭ قانداق بىر كۈچنىڭ تۈرىتكىسىدە 18 سائەتتىن ئارتۇق ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق ئازابىغا بەرداشلىق بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيلا قالدىم. شۇ سەبىيلەرنىڭ، ئاجىز كىسەللەرنىڭ، ياشانغان چوڭلارنىڭ ئىتقادى ئۈچۈن ھەتتا زەم-زەم كەبى سۇلارنىمۇ رەت قىلىپ روزا تۇتىۋاتقان بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە ئۆزەمنىڭ ھاراق ئىچمەكچى بولغىنىمنى ئويلاپ چۆچۈپ كەتتىم. ئپتاردىن كىيىنلا چەكمەكنى نىيەت قىلىپ ئىشتان يانچۇقىمغا سېلىۋالغان تاماكىنى قولۇمغا ئالدىمدە، غەزەپ بىلەن يىراقلارغا ئاتتىم.
, @* v; `) I, ^" k******************************************
: O/ h+ R. E4 _( z1 j* D4 y: h' U: L1 f9 J( W/ z" H. |3 {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۈگۈن رامىزاننىڭ 13-كۈنى. بۈگۈن تىلۋوزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپ كىنو جەريانىدىكى ھاراق ئىچكەن كۆرىنىشلەرنى كۆرۈپ كونا كىسىلىم قوزغىلىشقا باشلىدى. لېكىن ھازىر روزىدار ئىدىم، ئىپتاردىن كىيىن زادى بىر ئىچىۋالماقنى نىيەت قىلدىمدە، ئالي مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان خەنزۇ ساۋاقدىشىمغا تېلفون قىلدىم. چۈنكى ھازىر ئۇيغۇر دوستلىرىمدىن ئۈمىد يوق ئىدى. قېرىشقاندەك ئۇنىڭ بۇ بىر ئايدا سىلەر تاماق يىيىش ۋە ھاراق ئىچىشلاردىن چەكلىنىسىلەرغۇ دىگەن گىپىدىن چۆچۈپ كەتتىم، مۇشۇ خەقمۇ بىلىپ بوپتۇ مانا.... ئۇنى دەپ-بۇنى دەپ كەچتە خەنزۇلار ئاچقان بىر قاۋاقخانىدا كۆرىشىدىغان بولدۇق.... ھەي، بۈگۈن بىر ئىچىۋالاي، بۇ چاغقىچە كەچۈرگەن خۇدا بۇدامۇ كەچۈرۋىتەر، بۈگۈن ئىچسەم ئەمدى رامىزان چىكەتكىچە ئىچمەيمەن... شۇنداق خىياللار بىلەن كىرىسلودا يېتىپ كۆزۈم ئۇيقۇغا كىتىپتۇ.......& D& }0 p( g8 R" u  S( uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ماناخوشال ھالدا ساۋاقدىشىم بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭدىم، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە بۇنچە خوشال بولىۋاتقىنىم يوق، تېزلا ماڭا 15يىلغا يېقىن ھەمراھ بولغان سۆيۈملۈك ھارىقىم قولۇمدا پەيدا بولىدۇ ھازىر... ئاھ، ھوزۇرلىنىپ ئىچىپ كەتسەم.... نىمە بولۇپ كىتەرمەن ئاخىر...... مانا يولنىڭ ئۇيېقىغا ئۆتسەملا.... كۆز ئالدىمدا پەيدا بولغان غايەت زور ھاراق بولتۇلكىسىغا قاراپ ئۈزۈمنى ئېتىشمغا ئوقتەك كەلگەن ماشىنىنىڭ سوقۇشى نەتىجىسىدە يىراقلارغا قاڭقىپ كەتتىم.
7 a& U7 F2 I7 o* C) ^* O# kئاغرىق ئازابىدا تولغىنىپ بېشىمدا دىۋەيلەپ تۇرغان ئەزرائىلدىن سورىدىم:
4 u. s$ N! c) p$ f- مەن ھاياتمۇ؟; |  \% i7 y: e& n8 |; R/ F0 H4 @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شۇنداق سەن ھايات، ئەسلى جېنىڭنى ئالماق ئۈچۈن كەلگەنىدىم لېكىن سىنى بىر نەرسە قۇتقۇزۇپ قالدى -دەپلا كەينىگە ياندى.
4 J( R  U5 g5 j  U- ئۇ نىمە، مىنى قۇتقۇزىۋالغان جېنىمغا ئارا تۇرغان زادى نىمە؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟9 C7 ]1 S3 |3 v3 l  M& f  M* L- }% Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
- سەن تۇتقان ئىككى كۈن رامىزان.+ n. s; o& w8 j5 H! z4 _+ U" ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاھ.......خۇدا..................................................- J5 s( T4 v1 N3 `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تېلىفونۇمنىڭ سايرىشىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم، بۇ مېىنىڭ چۈشۈم ئىدى. چۈشتە دىيىشىپ قويغان ساۋاقدىشىم تېلفون قىلغان بولۇپ، بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ چەكسىز ئويغىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە جېنىمنىڭ بارىچە ۋاقىرىدىم:2 V; R0 @8 j# c" Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
- يا.........ق..........مەن بارمايمەن،ھاراق ئىچمەيمەن......ئىچمەيمەن.....................
3 W0 B: G0 o0 ~1 T******************************************, O" V! \4 V8 q4 i, Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

7 c2 K' \1 h( h. z! ?" R
/ Z, ~; z6 P5 @/ D" \. V) R$ b4 J  mبۈگۈن رامىزاننىڭ 15-كۈنى. ئۆيگە كەچ كەلدىم، نەگە باردىڭىز دەمسىز... راست گەپ قىلسام نەگە بارغىنىمنى دىيىشكە سەل جىجىل بولىۋاتىمەن. دەۋېرەي، مەسچىتكە باردىم تاراۋا نامىزى ئوقۇغىلى. بۇ ئىككى كۈن ئىچىدە مەندە ئۆزگىرىش دىگەن زور... مەسچىتتە ئۆزۈم بىلە تەڭ دىمەتلىك بىر يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ تۈرىتكىسىدە مانا نامازلىقمۇ بولۇپ قالدىم. ئۈندىدار دوسلار چەمبىرىكىدىن زوھۇر ۋە ئىپتارنىڭ دۇئاسىنى بىردەمدىلا ئۈگۈنىۋالغانىدىم، توۋۋا، بەش ۋاخ ناماز دەرىسلىكىمۇ شۇنچە چۈشىنىشلىك باركەن تېخى، مانا مۇشۇنچە كۆپ ئىسلامىي بىلىملەرنى باشقىلار ھەقنىڭ يولىدا بىر ئادەمگە بولسىمۇ پايدىسى بولۇپ قالار دىگەن نىيەت بىلەن شۇنچە جاپا تارتىپ خالىس يوللاپ قويىدىكەن. بۇلارنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. تېلىفون قولۇمدىن چۈشمىگەچكە ناماز ئوقۇشنىمۇ تېزلا ئۈگۈنىۋالدىم. تېخى ئۇنىڭ بىلەن بۈگۈن بار ئىقتىسادىمغا يارىشا ئۆشرە-زاكاتمۇ ئايرىپتىمەن. مانا ئەمدى بىرەرسى مەندىن سەن مۇسۇلمانمۇ دەپ سورىسا "لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدىن رەسولىللاھ، مەن مۇسۇلمان" دەپ قورقماي جاۋاپ بېرەلەيمەن. شۇنداق مەن مۇسۇلمان، بۇرۇنقىدەك چوشقا گۆشى يىمەيدىغانلا يېرىم كاپىردىن پەرىقلىنىدىغان ئەمەس، بەلكى ھەقنى تۇنىغان موسۇلمانغا بۇيرۇلغان بەش پەرھىزنى چامام يەتكىنىچە ئادا قىلىۋاتقان ھەم تولۇق ئادا قىلىشقا تىرىشۋاتقان "ئەلىھەمدىلۇللا"مۇسۇلمانمەن.! r' ?6 S4 v+ e6 ~7 X+ Q) }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
*****************************************
! t- \$ _5 W* ^  n2 X0 l; ?8 Y8 G- E3 V/ t3 u; yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۈگۈن رامىزاننىڭ 17-كۈنى. بەلكىم باشقىلار مىنىڭ بۇنچە تېز ئۆزگىرىپ كەتكىنىمدىن ھەيراندۇ، ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇدە.. ئاناممۇ ھەيران قېلىۋاتسا. كونىلار " قاغا بىلەن بىللە يۈرسەڭ يىيىشىڭ پوق " دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقانىكەن. ئۇنداق دەپ بۇرۇنقى دوستلىرىمنى يامان دىمەكچى ئەمەسمەن، بۇرۇن دوستلىرىم بىلەن بولدى دىگىچە ھاراقنى ئىچىپ ،قۇسۇقلىرىمىزغا مىلىنىپ بارچە كىشنىڭ لەنىتىنى ئاڭلاپ يۈرەتتۇق. مانا شەپقەت بىلەن تونۇشقان ھەپتە بولمىغان ۋاقىت ئىچىدە ئۇ چەتئەلدىن ئەكەلگەن ناماز كىيمىنى كىيىپ، ئەتىرنى يەڭگىل چېچىپ مىڭىپ كەتسەك ھەممە بىزگە ھەۋەس بىلەن قارىشىپ كىتىدۇ. شەپقەت مىسىردا دىننىي تەربىيە كۆرگەن بولۇپ، مېنىڭ مەسچىتتىكى قولاشمىغان ھەركىتىم ۋە گەپ سۆزىمدىن خەن ساۋاتلىقىمنى پەرەز قىلىپ ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماڭا دوستلۇق قولىنى سۇندى، قىسقىلا ۋاقىت ئىچىدە مىنى ئاجايىپلا بىر ئادەم قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ ماڭا ئۆگەتكەنلىرىدىن قەلبىمدە ئاللاھقا ھەقىقىي چىن مۇھەببەت ئويغاندى. مەن ئاللاھقا بىر قەدەم يېقىنلىشىۋىدىم، ئۇ ماڭا ئىماننى، ئىنسابنى، پاكىزلىقنى يەنە شەپقەتتەك ئىلىملىك ئىككى دۇنيالىق قىيامەتلىك دوستنى سوۋغا قىلدى.... ئەي كېرەملىك ئاللاھ، بۇرۇنراق قەلبىمنىڭ قۇلۇپىنى ئېچىپ ئۆزۈڭنىڭ يولىدا قىلساڭ بولماسمىدى... خەير، ھېلىمۇ چەكسىز شۈكرى... نادانلىقىمدىن رامىزان چىقىپ كىتىپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن يەنە ھاراق ئىچىشنى نىيەت قىلىپ يۈرۈپتىمەن... بەس، ھېلىغۇ ئىختىيارىم بىلەن ئەمەس، بەلكى دوختۇر دورىلىققا بۇيرۇپ شۇ بىر يۇتۇم ھاراق بىلەن ھايات قىلىش توغرا كىلىپ قالسىمۇ، ئۆلسەم ئۆلىمەنكى ھەرگىزمۇ ھاراق ئىچمەيمەن... ئاللاھ گوۋاھ بولسۇن..........
0 N- g) ^. Q- Y8 Y9 G2 g*******************************************
0 O& I9 H- A4 R, C3 R2 o& c% {1 ?2 o8 w& i0 C, @  G2 Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۈگۈن رامىزىننىڭ 21-كۈنى. مەن ئاران بىر تۇتىۋاتقاندا شۇنداق تېز ئۆتۈپ كتىۋاتىدۇ بۇ رامىزان. كىچىدە تۇرىمەن، تاماق يەيمەن ئاندىن ناماز ئوقۇيمەن. ئىككى-ئۈچ سائەت ئۇخلېۋېلىپلا ئىشقا ماڭىمەن، تۇرمۇشۇم ناھايتى تەرتىپلىك، ئاشقازىنىممۇ نىمە بولدى بىلمىدىم رامىزان تۇتقاندىن بېرى ئاغرىماسلا بولدى. زوھۇرلۇققا تۇرغاندا ئاللاھنى سېغىنىپ تۇرغاندەك، مەسچىتكە ماڭغاندا ئاللاھنىڭ يولىغا ماڭغاندەك، مەسچىتتە ئولتۇرغاندا ئاللاھنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندەك ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كىتىمەن. ھەرئىش قىلسام خۇددى كەينىمدە مىنى بىرى قوغداپ تۇرۋاتقاندەك كۆڭلۈم توق. بۈگۈن ئۈچ كۈن بولدى ئاپام ئىككىمىزنىڭ تۈنەۋاتقىنىغا، دادام ئىككى سىڭلىمنى ئېلىپ چوڭ ئۆيگە كەتكەچكە ئاپام ئىككىمىز يالغۇز ئۆيدە. بىرىنچى كۈنى شەپقەت قونۇپ قېلىپ قۇرئان ئوقۇپ بەردى، تۈنۈگۈن ئاپام ئىككىمىز كىچىچە ناماز ئوقۇپ چىقتۇق. بۈگۈنمۇ نامازنى تۈگىتىپ دۇئادا ئولتۇرغان ئاپام تۇيۇقسىز ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى: «سىنى ياخشى تەربىيلىيەلمەي سەندىن ئۈمىدنى ئۈزگەنىدىم. بارى-يوق بىر تال ئوغلۇمنىڭ ھاراقكەش بولۇپ كېتىشىدىن قىيامەتتە قانداق ئازابلارغا دۇچار بولارمەن دەپ ئەنسىرەيتتىم، ھەممىدىن ئۆلۈپ كەتكىنىمدە قەبرەم دۇئاسىز قالىدىغان بولدى دەپ تەشۋىشلىنەتتىم... مانا ئەمدى ئەنسىرمەيمەن... ئاللاھىقا مىڭ شۈكرى مەن سەندىن رازى جېنىم بالام، رەخمەت ساڭا..............»2 M$ v' F8 Q; `. ?4 E+ ^: g7 h+ cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
- ئانا، بۇ ۋاققىچە قىلغانلىرىمنى كەچۈر، ساڭا سالغان زۇلۇملىرىمنى كەچۈر، بۇندىن كىيىن ئوغلۇڭ پەقەت ئىككى ئالەمدە يۈزۈڭنى يورۇق قىلىش ئۈچۈن ياشايدۇ،- دىدىمدە ئانامنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم.
' n; W, W; q$ _0 i& c- G******************************************* Z0 K; `0 L$ S( N6 u, l& kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

" v" |+ J9 n0 u  o) X5 ^; x4 Kبۈگۈن رامىزاننىڭ 23-كۈنى. شەپقەت بۈگۈن ئۈرۈمچىنىڭ چېتىدىكى بىر مەسچىتتە ئىپتارلىق بەرمەكچى. بىركۈن رۇخسەت سوراپ ئۇنىڭغا ياردەملەشتىم، نەرسە كېرەك سېتىۋېلىپ مەسچىتكە بۇرۇنلا يىتىپ كەلدۇق، مەسچىت ناھايتى كونا بولۇپ قالايمىقانچىلىقتا تېخىمۇ خۇنۇك كۆرۈنەتتى. شەپقەت ئەتراپقا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتىۋەتكەندىن كىيىن قولىغا سۈپۈرگىنى ئېلىپ تازىلىققا چۈشتى، دەسلەپ قاتتىق ھەيران بولۇپ تۇرۇپلا قالدىمدە،-تېزلا ئۈزۈمنى ئوڭشاپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىكە باشلىدىم. ئۇ باينىڭ بالىسى ئىدى، ئۆزىنىڭ تىجارىتىمۇ چوڭ ئىدى، مانا بۇ مىليونىر يىگىت كۆز ئالدىممدا ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن يەرلەرنى سۈپۈرمەكتە، سۈرتمەكتە، مەينەت بولۇپ پۇراپ كەتكەن پايپاقلارنى رەتلەپ، ساپما كەشلەرنى يۇماقتا....... ئىپتار ۋاقتىمۇ توشۇپ قالدى. ئاللاھ ئۆزىنىڭ يېقىن بۇ بەندىسىنى تەشنالىق ئازابىدا قالمىسۇن دىدىمۇ ئىشقىلىپ يامغۇر ھاۋاسى بۈگۈن... جامائەت كىرىپ كەلدى، دەستىخانلار سېلىندى، بۇ كىشىلەرگە قاراپ ئىچىم سېيرىلدى، يۈرىكىم ئېچىشتى. شەپقەت ئاۋال يانچۇقىدىكىنى، ئاندىن ماشىنىسىدىكىنى، ھەتتا قولىدىكى سائىتىنى ئېلىپ مۇھتاجلارغا بەردى... يامغۇر شاقىراپ يېغىشقا باشلىدى... ئۇ يامغۇردا تۈگۈلۈپ كىتىپ بارغان كىشىنى چاقىردى، ئاندىن ئۇچىسىدىكى چاپاننى سالدىدە ئۇ كىشىگە ياپتى.... كۆز ياشلىرىمنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يامغۇر يېىغىۋاتقان جايغا بېرىپ تۇرىۋالدىم... ئەجەبا مەندىكى مۇشۇنداق روھ نەگە كەتتى، ئىسلامىي تەربىيە كۆرگەنلەر شۇنچە شەخسىيەتسىز بولامدىغاندۇ.... ئەي ئىسلام... ئەسلى يولۇڭ شۇنچە گۈزەلمىدى..........................4 ~9 P7 ^8 ?# j# U& D# M0 pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
**********************************************" b$ S& X; z6 b; @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
+ e7 Y% y3 Y  l* y9 ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۈگۈن رامىزاننىڭ25-كۈنى. ھەممە مەسچىتلەردە قۇرئان تامام بولۇپ چوڭ دۇئا بارلىقى بەس-بەستە دوستلار چەمبىرىكىدە ئېلان قىلىنماقتا. توۋۋا دەيمەن، بۇرۇن مۇشۇ ئۈندىدارنى قىز-ئوغۇللارنىڭ تېتىقسىز ئىش-پائالىيەتلىرىنى روياپقا چىقىرىپ بېرىدىغان ۋاستە دەپ ئويلايتتىم. بۇ قېتىمقى رامىزاندىن كىيىن كۆپ قىسىم دوستلىرىمىزنىڭ بۇنى خەير - ساخاۋەت ئۇچۇرلىرى ۋە ئىسلامىي بىلىملەر ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇزىۋاتقانلىقىنى بىلدىم. دوستلار چەمبىرىكىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن شەپقەت ئىككىمىزمۇ مانا ئەمدى شىخابا مەسچىتنىڭ ئالدىغا جايلىشىۋالدۇق، مەسچىت ئىچى لىق توشقان بولۇپ كوچا ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان، ھەممە سىمونت يوللاردا جەينامازنى سېلىپ يۈكۈنگەن.... شۈكرى سادالىرى يەر-زېمىننى تىترىتىپ زىكرى ئېيتىلىۋاتقان... شۇ تاپتا مەن ئاللاھقا يېقىنلا يەردە... دىللار ئارام تاپقان... ئاھ.. تەڭرىم، مۇھەببەت دىگەن ئەسلى مۇشۇكەن، شۇ تاپتا قەلبىمدە ساڭا ئويغانغان چىن مۇھەببەتنىڭ تۈرتكىسىدە جانلىرىم ئىچىمگە پاتماي دەرگاھىڭنى ئىزلىمەكتە. يىغا ئاۋازى ھەممە يەرنى لەرزىگە سالماقتا، تاشتىن ياسالغان يۈرەكنىمۇ سىماب كەبى ئېرىتىۋېتىدىغان مۇقەددەس دۇئالاربۇ يەرگە غەيرى مەقسەتتە كەلگەن ئالا كىيملىكلەرنىڭمۇ كۆزىنى ياشلىماقتا.
: P. k0 B; \: _; d7 h% o1 e+ sدۇئا ئاخىرىدا ھەممىمىز ئۆز گۇناھ - كەبىرلىرىمىزنى تىلەشكە تۇتۇندۇق. پەقەت ھاراق ئىچكەن گۇناھىم ئۈچۈن توۋۋا قىلىۋېتىپ ئەتراپىمغا ئوغۇرلىقچە كۆز يۈگۈرتتىم، ھېچكىمنىڭ دۇئاسى ئاخىرلاشمىغان بولۇپ ئىچىمدە توۋۋا،بۇلارنىڭ گۇناھى شۇنچە كۆپمىكىنە دىگەنلەرنى ئويلاۋېتىپ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئىككى پۇتى پەقەتلا يوق كىشىگە قاراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. دۇئا ئاخىرلاشقانىدى. يېنىمدىن بىر-بىرىنى يىتىلەپ "يول بېرىڭلار" دىگىنىچە ئۆتۈپ كىتىۋاتقان كۆزى كۆرمەس ئىككى كىشىنى كۆرۈپ ھوشۇمدىن كەتكىلى تاسلا قالدىم. ئالدىمدىن مەسچىت ئىچىدە يېتىپ تۇرۇپ دۇئاغا قاتنىشىش ئارزۇسىدا كەلگەن سەكراتتىكى كىشىنى كۆتۈرۈپ ماشىنىغا باسقىنىدا چىدىيالماي قالدىم-دە، مەسچىت دەرۋازىسىغا ئۆزەمنى ئاتتىم.' _4 Q' I2 }4 k' M; v! k# l4 jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
- توۋۋا... ساق پۇتۇمدا مەسچىتكە كىلەلمىگىنمگە مىڭ توۋۋا!... روشەن كۆزۈمدە ئاللاھنىڭ كىتابىنى كۆرمىگىنىمگە مىڭ توۋۋا!... ساق تىنىمدە ئاللاھقا ئىبادەت قىلمىغانلىرىمغا يۈزمىڭ توۋۋا!... چىن كۆڭلۈمدىن توۋۋا... مەن توۋۋا قىلىۋالاي جامائەت، مەن بىر گۇناھكار ئىنسان.... ياراتقۇچىنىڭ يولىدا تولىمۇ كىچىكىپ ماڭغان ئازغۇن ئىنسان، - دىگىنىمچە ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدىم، ھېچبىر ئىنسان مىنى زاڭلىق قىلمىدى، ھېچبىرى ئۈستۈمدىن كۈلمىدى، پۈتۈن جامائەت مەن ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم دۇئاغا قول كۆتىردى. مەنمۇ قولۇمنى كۆتۈردۈم:1 W( M$ f3 ~' D- N' ^8 V1 L$ Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
- ھىچنىمە بەرمىسەڭمۇ مەيلى، يولۇڭدىن ياندۇرمىغىن ئەي رەببىم....................% u5 `' o# |9 [: {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
**********************************************
5 h  c$ m1 Q8 A' {. c+ n
8 f3 w. y1 t7 V1 ^بۈگۈن رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى. ھازىرنىڭ ئۆزىدە بۇدۇنيادا مىنىڭدىنمۇ بەك ئازاپلىنىۋاتقان بىرى يوقمىكىن دەيمەن، ئولۇغ رامىزاننىڭ ئەجرى كۆپ ئىبادەتلىرىگە جۆر بولۇپ 30 كۈن رامىزاننى ساق تۇتقان ھەر بىر ئەزىز قېرىندىشىمنىڭ رامىزانغا بولغان قىيماسلىق ھىسياتىنى بىلىپ تۇرساممۇ، ھازىرقى ھالىتىمدە مەن ھەممىدىن ئارتۇق دىيىشكە لايىقمەن. ئەي رامىزان، بەلكىم باشقىلارغا يىغلىغىنىمدا ھاراقكەش ئاتىلىپ كەتكەن مىنىڭدەك بىرىنىڭ ھەقىقىي ھىسياتىمنى باشقىلار چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا،سەن چىقىپ كىتىش ئالدىدا تۇرغان بىر نەچچە سائەت ئىچىدە يۈرەك سۆزلىرىمنى ساڭا ئېيتىۋالاي... نىدالىرىمغا قۇلاق سال:, C: ~3 L* e5 P1 ]5 Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
- سەن بۇ يىل كىرگەن كۈندىن باشلاپ ئاللاھ قەۋمىمگە شۇنداق بىر نۇر بەردىكى ھەممە سىنى تونىدى، قىسقىسى، مىنىڭدەك بىر ھاراقكەشمۇ شەيتان قىززىقتۇرۋاتقان ئوت نەپسىمدىن كىچىپ سىنى تاللىدىم. ئاۋال مۇھىتىم ئۆزگەردى، ئاندىن،مۇھىت مېنى ئۆزگەرتتى. بۇ بىر ئاي ئىچىدە مۇشلىشىپ ياقا سىقىشقاننى، سەت -ئەپسانا تىللارنى، بۇرۇنقىدەك يېرىم يالىڭاچ ئاياللارنى كۆپ چېلىقتۇرمۇدۇم. شۇنچىلىك خاسىيەت بىلەن كەلدىڭكى، بىز بىر ئەسىر يۈدۈپ كەلگەن ئەيىپلەرنى بىر ئايدا پاكىز سۈپۈرۈپ تاشلىدىڭ.. ئەي ئۇلۇغ رامىزان مۇشۇنداق كۈنلەردە بىزنى يەنە ئېغىر سىناقلارغا تاشلاپ كىتىش ئالدىدا تۇرۋاتىسەن.... سەن كەتكەندىن كىيىن يەنە دۇئادا يىغلاپ ئىششىپ كەتكەن كۆزلىرىمىز ھايانى ئۇنتۇپ كوچىغا يالىڭاچلىنىپ چىقىۋالغان پاچاقلارغا تاشلىنىپ قالارمۇ، زەنجىر-كىشەنلەردە باغلانغان لەنىتى شەيتانلار ۋۇجۇدىمىزغا قايتىدىن سىڭىپ كىرىپ گۇناھ - مەسىيەتلەرگە قايتىدىن قىزىقتۇرۇپ تاماشىمىزنى كۆرەرمۇ، سېنىڭ شاراپىتىڭدىن توختاپ قالغان قەبرە ئازابى يەنە قايتىدىن باشلىنارمۇ، ئاللاھۇ ئەكبەر ساداسى بىلەن مىنۇت ئىچىدە تىزىلىپ بولىدىغان سەپلىرىمىز بۇزۇلۇپ كىتەرمۇ....... ئامىن دەپ سەن ئۈچۈن قول كۆتۈرۈپ بولىدىغىچە بىز ئۈچۈن دۇئاغا قىلىدىغان لەكمىڭ پەرىشتىلەر يوقاپ كىتەرمۇ............... ئەي ئولۇغ رامىزان....................
4 p0 k0 {* `$ T8 kشۇڭا كەتمە رامىزان ۋە ياكى مېنىمۇ بىللە ئېلىپ كەت.... ئەگەر سەھەردە ئويغىنىپ كەتكىنىڭنى بىلگىنىمدە كەينىڭدىن يىغلاپ تۇرۇپ ۋاقىرايمەن:5 X& b" q5 v5 h1 {' t3 o; Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
- سەن باشقىلار ئۈچۈن كەتتىڭ، لېكىن ماڭا كەلدىڭ.30 يېشىمدا تولىمۇ كىچىكىپ كەلدىڭ، شۇڭا كىلەر يىلى سەن كەلگىچە ماڭا كۈندە رامىزان................ .سەن ھەركۈن مىنىڭ يېنىمدا........... 7 L; K8 X2 Y% J- b6 Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

) \: R- X. i" S. D8 K# Q

باھا سۆز

تېما مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالمىساق.  ۋاقتى: 2013-8-15 19:25
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

شۇكرى ئاللاھ
ۋاقتى: 2013-8-15 15:43:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس گەپنى قىلسام، بۇنى ئوقۇۋاتقىچە بەدەنلىرىم جۇغ-جۇغ بولۇپ كەتتى، بەك ئىلمىي، بەك تەسىرلىك يىزىلىپتۇ. مەن بەكلا تەسىرلەندىم ....
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-15 16:28:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەم كۇلىشىڭىز ھەم كوزىڭىزدىن ياش چىقىپ كىتىشىمۇ مومكىن.
ئئللئ قولڭزغئ دەت بەرمسۇن  تئسقئلتىم يىغلئپسئلغلى
ۋاقتى: 2013-8-15 21:18:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنىڭمۇ گۇناھلىرمىزنى كەچۇرگەيلا راس ئيىتسام ئاخىرنى ئوقۋاتقىنىمدا مەنمۇ يىغلىۋەتتىم
ۋاقتى: 2013-8-15 21:27:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رامىزان مەزگىلىدە دۇبەيدە 230 كىشى ئىسلام دىنىغا كىردى 2 I- g- W* K3 Z4 H5 `# r0 R  Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
http://bijirim.com/hkorux.asp?id=738&tur=1
خۇداغا مىڭ شۇكرى
ۋاقتى: 2013-8-15 23:40:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھۇ ئەكبەر (ئاللاھ ھەممىدىن ئۇلۇغ)
ۋاقتى: 2013-8-16 12:12:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەندە تورخۇمار تورىدا بىر كىچىك بالىنىڭ رامزانلىق كۈندىلىك خاتىرىسى دەپ بىر تېمىنى ئوقۇغانتىم ، بۇمۇ شۇنداق ياخشىكەن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-20 00:52

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش