روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3464|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تويغا بارساڭ تۇيۇپ بار، بەش بالاڭنى قۇيۇپ بار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خەلقىمىز مېھمان دوستلۇقى, ئېسىل تائام مەدەنىيىتى, مېھماننى قەدىرلەش ئېڭى, مەرد-سېخىيلىقى ۋە گۈزەل ئەخلاق-پەزىلىتى بىلەن قىممەتلىك داستىخان مەدەنىيىتى ياراتقان. خەلقىمىز ئۆيىگە قەدەم تەشرىپ قىلغان مېھماننىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى بەخت ھېسابلاپ, داستىخانغا ئۆيدە نېمە بولسا شۇنى ئايىماي تۆكۈپ, مېھماننىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدۇ. نېمەتلەر تىزىلغان, تائاملار قويۇلغان داستىخانغا قول سوزۇۋاتقان مېھماننىڭ چېھرىدە پارلىغان كۈلكىنى, رازىمەنلىك ياكى ھۇزۇرلىنىش ئالامەتلىرىنى كۆرگەندە, ساھىبخاننىڭ كۆڭلى چەكسىز  شادلىققا تولۇش ئەنئەنىۋى ئادىتىمىزگە, تۇرمۇش قائىدىمىزگە سىڭىپ كەتكەن. شۇڭا مېھماندارچىلىق بىزدە ئېسىل بىر مەدەنىيەت بولۇپ شەكىللەنگەن. 4 m, m! B, w3 U8 g" Y1 m. ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەمما, بۇ خىل مېھماندارچىلىقىمىز بەزى يامان ئىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ, ئۆز قىممىتى بىلەن جارى بولمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مېھماندارچىلىق سورۇنلىرىنىڭ خاراكتېرى بىلەن ھېسابلاشماي, بالىلىرىنىمۇ ئەگەشتۈرۈپ بېرىپ, ئورتاق مېھمان بولىدىغان ئادەت ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ. بالىلىرىنىمۇ بىرگە ئېلىپ بارغان بەزى كىشىلەر مېھماندارچىلىق جەريانىدا بولۇشىچە يەپ-ئىچىپ, قالايمىقان سۆز-ھەرىكەتلەردە بولۇپ, بالىلارنىڭ سەبىي قەلبىگە يامان تەسىر بېرىپ قويۇۋاتىدۇ. ھاراقسىز داستىخاننى قەدىرسىز دەپ قاراپ, ھاراق قۇيمىغان ساھىبخاننى «پىخسىق»دەپ ھاقارەتلەيدىغان, ھاراق قويۇپ بەرسە بولۇشىچە ئىچىپ, تېتىقسىز, سەت گەپلەرنى تولا قىلىپ, سورۇندىكىلەرنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرىدىغان, خوتۇن-قىزلار بىلەن ئۇششاق بالىلارنىڭ ئالدىدا تەپتارتماستىن بەدەۋى چاقچاقلارنى قىلىدىغان, ساھىبخانغا ئورۇنسىز تەلەپلەرنى قويۇپ يولسىزلىق قىلىدىغان, داستىخان بېشىنى غەيۋەت سورۇنىغا ئايلاندۇرۇۋالىدىغان كەيپىيات ئېغىر. بۇنداق ناچار ئىللەتلەر بالىلارنىڭ قەلبىگە سىڭىپ, ئۇلارغا يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ. ) X" e. f7 Z. D+ K& `# uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەجدادلىرىمىز «تويغا بارساڭ تويۇپ بار, بەش بالاڭنى قويۇپ بار»دەپ بىكار ئېيتمىغان. چۈنكى مېھماندارچىلىقنىڭ خاراكتېرى ئوخشىمايدۇ. بالىلارنى ھېيت-بايرام مەزگىلىدە بىللە ھېيتلىتىپ, ئۇلارغا ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەت تەربىيەسى بېرىمىز. لېكىن, ھازىرقى تۇرمۇش سەۋىيمىز ئۆسكەن شارائىتتا, مېھماندارچىلىقىمىزنىڭ تۈرى كۆپىيىپ كەتتى. بۇنداق ئەھۋالدا, مېھماندارچىلىقنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر. ئەمەلىيەتتە داستىخان ئەتراپى كىچىكلىتىلگەن بىر جەمئىيەتكە ئوخشاش بولۇپ, ئۇ يەردە خىلمۇ خىل ئادەملەر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تەربىيەلىنىشى, ئەخلاق ساپاسى ئوخشىمايدۇ. ئەخلاق ساپاسى ناچار كىشىلەر سورۇن, ۋاقىت تاللىماي قىلىدىغان پاراڭلىرى, ھاياسىز قىلىقلىرى  بىلەن بالىلارغا ناچار ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭا مېھماندارچىلىقتا پەقەت تويغىلا بالىلارنىڭ بېرىشىنى چەكلەش بىلەنلا قالماي, باشقا مېھماندارچىلىقلاردىمۇ «تويغا بارساڭ تويۇپ بار, بەش بالاڭنى قويۇپ بار»دېگەن ئەنئەنىۋى ئادىتىمىزنى جارى قىلدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى, بۇنداق قىلغانلىق ئۆز نۆۋىتىدە بالىلارنىڭ مەنىۋى, جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغانلىق بولىدۇ.
/ G8 A. D  Z: [4 T2 l& ]مەنبە نۇر تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-5-3 00:53:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرۋەقە ھەق گەپ. ئەركاننىڭ ئەجرىگە رەھمەت.
ۋاقتى: 2015-5-3 01:08:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجداد مىراس ئەجدات ئۈگۈتلىرىنىڭ ھېچبىرنىڭ ئارتۇقى يوق.
قوللايمەن    ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر
ۋاقتى: 2015-5-3 11:50:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى گەپ قوللايمەن
ۋاقتى: 2015-5-5 22:44:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما  ئىگىسىگە  رەخمەت
ۋاقتى: 2015-5-6 18:14:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بىلىشكە تىگىشلىك مەسىلە

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-10 10:10

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش