پەرزەنتىڭىزگە سىز قانداق تەربىيە ئېلىپ بېرىۋاتىسز؟ «ئۇستاز زالىم بولسا, شاگىرت ئالىم بولىدۇ» دېگەن قاراشنىڭ بېلىدىن چىڭ قۇچاقلاپ, زادى قويۇۋەتكىڭىز يوق ھەقىچان؟! چۈنكى بەزى شەخسىيەتچى ئاتا-ئانىلار باركى, ئۆزىنىڭ كەيپىياتىغا قارىتا پەرزەنتىگە مۇئامىلە قىلىدىغان! ھىم, يەنە بەزىلەر بار, ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن پەرزەنتىگە ئەزەلدىن توغرا تەربىيە بېرەلمىگەن! ئەلۋەتتە, كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار سۆيۈملۈك پەرزەنتىنى ئەڭ ياخشى ئۈنۈملۈك تەربىيەدە يېتىشتۈرىۋاتىدۇ.
& [* D c& k+ j& b( O8 @2 Y; |
q7 b1 k, T2 C# p: D تۈنۈگۈن سۇ ئۈستى باغچىسى ئالدىدىن ئاپتوبۇسقا چىقتىم, ھاۋا بەك ئىسسىق بولغانلىقى تۈپەيلى يېقىندىلا ياغقان ئەتىيازلىق قارنىڭ سوغۇقىدىن چۆچۈگەن كىشىلەر يەنە بىردەمدىلا بۇنچىۋالا دەرىجىدە ئىسسىپ كېتىشىنى ئويلاپ يەتمىگەن بولسا كېرەك, يازلىق كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇشقا ئۈلگۈرمىگەن كىشىلەرنىڭ چىرايىدىن (بۇ ئىسسىق ئادەمنى ئەجەپمۇ بىزار قىلدى) دېگەن مەنا مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى. مەن چىققاندا ئاپتوبۇسنىڭ ھەممە ئورۇنلىرىدا ئادەم بار ئىكەن, يەنە كېلىپ نەچچە بېكەت يولغا ئولتۇرۇپ بېرىشنىمۇ ئويلىشىپ كەتمىگەنىدىم, توساتتىن بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى :
" X" K/ w% g! c4 O/ c- j- قوپە ئورنۇڭدىن ! ئورۇننى بوشات, خەق ئولتۇرىدۇ !7 J# ^, q' t$ T2 Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
- نېمىشقا تۇرۇپ كېتىمە؟
# m4 J' Y7 v' c- مەن سېنى تۇر دېدىم !# ~2 f- i; _ l( j+ y* ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قارىسام بىر ئالدىدىراق ئولتۇرغان ياشلا ئانا ئالدىمدا ئولتۇرغان بەش ياشلار چامىسىدىكى ئوغلىغا ۋارقىراۋېتىپتۇ, بۇنى كۆرۈپ تېزلا (مېنىڭ ئاپپارات سومكامنى كۆتۈرۈپ ئۆرە تۇرغىنىمنى كۆرۈپ بالىسىغا ماڭا ئورۇن بېرىپ تۇرۇپ كېتىشنى بۇيرۇپتۇ-دە) دېگەننى ئويلاپ يەتتىم, توساتتىن كۆڭلۈمدە «بىز ئۇيغۇرلاردا ھەقىقەتەن ئېسىل ئەخلاق بار» دېگەننى ئويلىدىم, بۇ چاغدا ھېلىقى شاكىچىك ئانىسىنىڭ ئېتىكىگە قىسىلىپ چىقىپ ئانىسىدىن سەل ئاغرىنىش تەلەپپۇزىدا : «نېمىشقا ئولتۇرغۇزمايسە؟» دەپ سورىۋىدى, ياش ئانا ئاچچىق بىلەن :) N3 L8 Q4 D- d. N. H1 Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ئاغزىڭنى يۇمە !- دەپ ۋارقىرىدى, بۇ چاغدا بايىلا ئانىسىنىڭ ئۆزىگە سەۋەبسىز ۋارقىرىشىدىن ئۇۋالچىلىق ھېس قىلغان بولسىمۇ ياشلىرى كۆز قارىچۇقىدا ئايلىنىپ تۇرغان بالا بۇ قېتىم يىغلىۋەتتى.
) E9 A+ \, J, S! B, y بۇ چاغدا تېخى بايىلا كاللامدا شەكىللەنگەن مەمنۇنلۇق تۇيغۇسى ئەكسچە سوئاللارغا ئايلاندى.
/ j2 B/ K% n$ A( D U% i" \6 ~7 ] بۇ ياش ئانىنىڭ مەقسىتى بالىسىغا ئۆزىدىن چوڭلارنى كۆرگەندە ئورۇن بوشىتىشتەك ئېسىل ئەخلاقنى ئۆگىتىش ئىدى, بىراق بىچارە بالا گەرچە بىرىنچى قېتىم ئانىسىنىڭ ئۆزىگە ۋارقىرىشىنىڭ سەۋەبىنى ئاغرىنغان تەلەپپۇزدا تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ سورىغان بولسىمۇ بىراق دەل مۇشۇ ھالقىلىق پەيتتە ئانا سوغۇق مۇئامىلە بىلەن, ياق, مۇنداقراق قىلىپ ئېيتقاندا رەھىمسىزلەرچە بالىنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ جاۋابسىز سوئال بىلەن بۇ كىچىككىنە (ئۈنۈمسىز تەربىيە) نى ئاياغلاشتۇردى, ئويلاپ باقتىم, بالا كىچىك بولغاچ نېمىشقا ئۆزىنىڭ بىر ئوبدان ئورۇندۇقتىن تۇرۇپ كېتىدىغانلىقى شۇنداقلا بۇ ياش ئانىنىڭ بۇ قېتىملىق مەقسەت قىلغان يەنى (چوڭلارغا ئورۇن بوشىتىشنى ئۆگىتىش) تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈم كۆرسىتىدىغان پەيتىدە ياش ئانا خاتالاشتى, ناۋادا شۇ پەيتتە ئانا بالىغا :
7 j& a/ g) K: Q& {4 W# ` -بالام, ئاۋۇ ئاكاش سەندىن چوڭكەن, ھەم قولىدا سومكا كۆتۈرۈۋاپتۇ, سەن كىچىك بولغاچقا چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ ئورۇن بوشىتىشىڭ كېرەك, شۇڭا ئۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرساڭ بولمايدۇ, بۇ دېگەن بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەخلاقىمىز دەۋەتكەن بولسا ئىدى... بۇ بالا ئانىنىڭ جاۋابىنى ئالغاندىن كېيىن بۇ داۋلىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتەتتى, ئەپسۇس ھازىر بالا ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئانىسىنىڭ ۋارقىرىشىغا ئۇچرايدىغانلىقى, نېمىشقا سەۋەبسىز ئورۇندۇقتىن قوپۇپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئاڭقىرالمىدى." c4 d! o" W& t) V) X nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يەنە نەچچە ئون يىلدىن كېيىن بۇ شاكىچىكمۇ بالىلىرىغا شۇنداق ئۈنۈمسىز تەربىيە قىلارمۇ؟
+ G5 }; y# k) u7 g# \ U: o : R* ?% [$ L. O& @! Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە نۇر تورىدىن نۇرمەھەممەت شەمشىدىن |