روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1833|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

نۇرۇزۇم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نۇرۇزۇم
ئەھمەت نىياز دېھقانى
چىقتى ئاپتاپ، كۆكتە قۇياش چېچېپ نۇرلار نۇرۇزۇم،
نۇر ئىمىپ، قار-مۇر ئىرىپ شوخ ئاقتى سۇلار نۇرۇزۇم.

بەرق ئۇرۇپ، ياشناپ كۆكىرىپ، مايسىلار ساغلام ئۆسۈپ،
ئۈز ياساندى يېشىل تون كېيىپ ئېتىزلار نۇرۇزۇم.

گۈل باھارنىڭ ئاپتىپى سوغۇق بەدەننى ئىللىتىپ،
سۆيۈنۈپ گۈل-پەسلىدىن شاد، كۈلدى دىللار نۇرۇزۇم،

بارچە دىللار يايرىدى، ئەل-يۇرتتا مەشرەپ قاينىدى،
ياڭرىتىپ شوخ نەغمە-سازنى سايراپ تىللار نۇرۇزۇم.

جۈر بولۇپ ساز نەغمىگە، چۈشتى ئۇسسۇلغا شادلىنىپ،
ئىشتا پىشقان ئوت يۈرەك يىگىت ۋە قىزلار نۇرۇزۇم.

ئېرىشىپ شان-غەلبىگە، ئۈزۈپ چىقىشقا بەيگىدە،
چۈشتى ئوغلاققا چەۋەنداز مىنىپ تۇلپار نۇرۇزۇم.

ئەنە بىر ياقتا ئىلەڭگۈچ ئۆرلىسە ئاسمان-پەلەك،
ئۇندا ئۇچار شاد يايراپ شوخ خۇتۇن-قىزلار نۇرۇزۇم.
قىل سوۋغات مىسرالىرىڭنى ئايەم كۈنۈڭدە بەزمىگە،
مەن سېنى كۈيلەپ-ئۇلۇغلاپ يازدىم ئەشئار نۇرۇزۇم.

(ئاپتۇر: ئاۋات ناھىيە غوروچۆل بازىرى ئارا گېرىم كەنتىدە)
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2013-3-19 19:36:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەۋەس ئۇستازنىڭ دەل ۋاقتتىدا ئەخمەت نىياز ئاكىمىزنىڭ نورۇز ھەققىدىكى غەزىلى بىلەن بىزنى ئۇچراشتۇرغىنىغا رەھمەت.
ۋاقتى: 2015-3-16 11:59:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ . ھارمىغايسىز

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-12 01:16

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش