|
5 P. K" @8 A6 G5 |2 d( s" b L« قۇتادغۇبىلىگ » داستانىدىكى ئىجتىمائى ئەخلاق مەسىلىلىرى توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە
9 a# H0 T; I4 x0 p' n& S9 s$ g9 Lئامانۇللا
0 B0 Q* E& R3 O ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانى چوڭ تىپتىكى ئەدىبىي ئەسەر بولۇپلا قالماي، يەنە 11- ئەسىردىكى ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە ئىدىئولوگىيىسىنى، قاراخانىلار دەۋرىنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇش تەرەققىياتىنى مۇپەسسەل ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان تارىخىي ۋە پەلسەپىي ئەسەردۇر. بۇ ئەسەرنىڭ باي ۋە چوڭقۇر مەزمۇنى- ئىلىم – پەن، مائارىپ، دۆلەت، قانۇن، تىل، تۇرمۇش، ئۆرپ- ئادەت، تەبىئەت، ئىجتىمائىيەت، ھەربى ئىستىراتېگىيە ۋە تاكتىكا، دىپلۇماتىك مۇناسىۋەت ۋە ئىجتىمائى ئەخلاق قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز بۇ ماقالىمىزدا پەقەت ئىجتىمائى ئەخلاق توغرىسىدىكى مەسىلە ئۈستىدىلا مۇلاھىزە ئېلىپ بارىمىز.
8 {- D# y6 B* k) L9 K3 G 1. ئېلىمىزنىڭ پەلسەپە تارىخى ۋە ئېتنىكا تارىخىنىڭ مۇھىم بىر تەركىۋى قىسىمىنى تەشكىل قىلغان شانلىق نامايەندە «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ ئەخلاقىي ئىدىيە بايانىدا، گەرچە ئەخلاق ئۇقۇمىنىڭ مەنىسى ۋە تەبىرى ئۈستىدە مەخسۇس توختالمىسىمۇ، لېكىن داستاندا باشتىن - ئاخىر ئىجتىمائى ئەخلاقنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن ھەمدە بۇ ناھايىتى ئۇقۇشلۇق ۋە گەۋدىلىك ھالدا بايان قىلىنغان.
: B9 H, d0 ^& n, q* I/ L3 _ N2 l {2 a% ^ ماركسزىمدىن بۇرۇنقى ئەخلاقىي ئىدىيلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىي ھادىسىلەرگە بولغان تۇنۇشىنىڭ پەيدىن- پەي چوڭقۇرلىشىش تارىخىدىن ئىبارەت. بۇ تارىخ بىر تەرەپتىن، ماتىرىيالىستىك قاراش بىلەن ئىدىيالىستىك قاراشنىڭ كۈرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن، كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائى ئەخلاقىي ھادىسىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىمىغان مەيدان ۋە نوقتىنەزىرى بويىچە چۈشەندۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئىلغارلىق بىلەن قالاقلىقنىڭ كۈرىشىىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەر قانداق مەسىلىنى كۈزەتكەندە، ئۇنىڭغا كونكىرىت تارىخىي ھالدا قارىغاندا ئوخشاش ئەخلاقىي ئىدىيىلەر تارىخىنى، جۈملىدىن، «قۇتادغۇ بىلىگ»دىكى ئەخلاقى ئىدىيىلەرنى كۈزەتكەندىمۇ، ئۇنى ئۆز ۋاقتىدىكى مۇئەييەن زامان ۋە ماكان شارائىتى ئاستىغا قويۇپ، كونكىرىت تەھلىل قىلىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا، ئۇنىڭدىن توغرا، ئىلمىي ۋە تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە يەكۈن چىقارغىلى بولىدۇ ھەمدە مۇشۇنداق قىلىشنىڭ ئۆزى ماركىسىزىملىق ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە مىتوت بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
7 u7 Y8 A; i8 z: X ماركىسىزىمدىن ئىلگىرىكى ئەخلاقىي ئىدىيىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇمەن ئېيتقاندا، 3 ئاساسىي باسقۇچقا بۆلۈش مۇمكىن: بۇنىڭ بىرى، قەدىمقى گرېتسىيە ۋە رىم قۇلدارلىق جەمىيىتىدىكى ئەخلاقىي ئىدىيىلەر؛ ئىككىنچىسى، ئوتتۇرا ئەسىردىكى فېئوداللىق جەمىيەتنىڭ ئەخلاقىي ئىدىيىلىرى؛ ئۈچىنچىسى، ئەدىبىيات- سەنئەت گۈللىنىش دەۋرىدىن باشلانغان كاپىتالىزىملىق ئەخلاقىي ئىدىيىلەر. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاقىي ئىدىيىسى 2 - باسقۇچقا توغرا كېلىدۇ. بۇ 3 باسقۇچتىكى ئەخلاقىي ئىدىيىلەرنىڭ تەرەققىياتى كونكىرىت مەزمۇن ۋە ئىپادىلىنىش شەكلى جەھەتتىن ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئومۇمى جەھەتتىن بىر ئورتاقلىققا ئىگە بولۇپ، بۇنىڭ ھەممىسى ئىجتىمائى ئەخلاق بىلەن ئىقتىسادىي مەنپەتنىڭ، شەخسى مەنپەئەت بىلەن جەمىيەت مەنپەئەتىنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىنى دەۋرى قىلىپ كەلگەن، ياخشىلىق، يامانلىق، ئادالەت، ھەققانىيەت دىگەنلەر نىمە؟ بەخت – سائادەت ۋە ياشاشتىكى ئالى مەقسەت نىمە؟ ئەخلاقىي- پەزىلەتنىڭ ئاساسىي نىزام ۋە مىزانى قايسى؟ قانداق قىلغاندا ئالىجاناپ يۈكسەك ئەخلاقىي- پەزىلەتنى تۇرغۇزغىلى بولىدۇ؟ دىگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر ئۇزۇندىن بۇيان ئەخلاقىي ئىدىيىلەر تارىخىدا تالاش- تارتىش بولۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردۇر. بولۇپمۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ياخشىلىق بىلەن بەخت- سائادەت مەسىلىسى مۇنازىرىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەپ كەلدى. كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قانداق جاۋاپ بېرىشىدىن ئوخشىمىغان ھەر خىل ئەخلاقىي ئىدىيە، خاھىش ۋە مەزھەپلەر كېلىپ چىقتى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقۇرىدىكى بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە تاقاش ئاساسىدا چۈشەندۈردى. گەرچە، ئۇ ئەينى زاماندا فېئودال خان- بەگلەر مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلىپ سۆزلىسىمۇ، لېكىن بۇ ئالىم ئۆز زامانىنىڭ ئاتاقلىق مەرىپەتچىل، ئادالەتچىل ھەم خەلقچىل مۇتەپەككۇرلىرىدىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاۋام خەلقنىڭ مەنپەئەتى، تەلىۋى ۋە ئارزۇسىغا ھەمدە رىيال تۇرمۇشنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ئېھتىياجىغا نەزەر سالماي ۋە ئۇنى مۇئەييەن ھالدا ئەكىس ئەتتۈرمەي قالمىدى." x9 y! T+ X% I1 a1 |1 [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تارىخىي ماتىرىيالىزىم جەمىيەتنىڭ ماددى تۇرمۇش شارائىتى ئەخلاقىي ئىدىيىلەرنىڭ پەيدا بولۇش ئاساسى دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مۇئەييەن ئەخلاقىي ئىدىيىلەر ۋۇجۇتقا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ جەمىيەتنىڭ ماددى تۇرمۇش شارائىتىغا نىسپەتەن غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىغىنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەخلاقنىڭ بۇنداق ئەكىس تەسىرى ۋە رۇلىغا قارىتا تامامەن خاتا بولغان ئىككى خىل ئىككى خىل بىر تەرەپلىمىلىك قاراش ھۆكۈم سۈرۈپ كەلدى. بۇنىڭ بىر خىلى، ئەخلاقنىڭ ئىجتىمائى رۇلىنى ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۈۋېتىپ، ئۇنى جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈپكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى دەيدىغان قاراش؛ يەنە بىر خىلى، ئەخلاقنىڭ ئىجتىمائى رۇلىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ، ئۇنى يوققا چىقىرىدىغان قاراش، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەينى ۋاقىتتا گەرچە شۇ دەۋرنىڭ ۋە سىنىپنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر ھالدا بۇ مەسىلىنى بىر قەدەر توغرا ھەل قىلالىدى.
+ n# d2 B! s0 S" K1 v4 Z يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىر دىنىي پەيلاسوپ، ئۇ دۇنيا قاراش جەھەتتە، ئىسلام ئەھكاملىرى ۋە ئىسلام پەلسەپىسىنى ئۆزىگە يىتەكچى ئىدىيە قىلغان. لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئەسىرىدە دېئىزىملىق ماتىرىيالىزىم ۋە دىئالېكتىك ئامىللارمۇ كۆپ بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئەخلاق قارىشىدا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.
: A4 h# x! V3 L5 I- _ ماركىسىزىملىق ئېتنىكا شۇنداق ھېساپلايدۇكى، ئەخلاقىي ئىدىيىلەر تەرەققىياتنىڭ ئۆزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇنىڭدىكى ماتىرىيالىزىم ۋە ئىدىيالىزىمدىن ئىبارەت 2 لۇشىيەننىڭ قارىمۇ- قارشىلىغى ۋە تەرەققىياتىغا ئاددى ۋە مېتافىزىك ھالدا قارىماسلىق لازىم. گەرچە ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئەخلاقنىڭ ئىقتىسات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەمدە ئەخلاقنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ماھىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە ماتىرىيالىستىك پەيلاسوپلارنىڭ قاراشلىرى بىر قەدەر توغرا بولسىمۇ، لېكىن شەخسى مەنپەئەت بىلەن جەمىيەت مەنپەتىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەمدە ئەخلاقىي غايە ۋە بەخت- سائادەت قاتارلىق مەسىلىلەردە بەزى ماتىرىيالىستلارنىڭ قاراشلىرى كۆپ بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە. ئەكسىچە، بەزى ئىدىيالىستىك پەيلاسوپلارنىڭ بۇ مەسىلىنى بايان قىلىشى ۋە چۈشەندۈرىشىدە بولسا، نۇرغۇنلىغان توغرا، ئەقىلغا مۇۋاپىق ئامىللارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. شۇڭا، بىر پەيلاسوپنىڭ ئۆزىگە نىسپەتەن ئېيتقاندا، ئۇنى كونكىرىت تەھلىل قىلىش لازىم. شۇنداق قىلغاندا، بەزىدە مۇنداق ئەھۋالنى كۆرۈش مۇمكىن: بەزى پەيلاسوپلار تەبىئەت كۆز قارىشى ۋە بىلىش نەزىرىيىسى جەھەتتىن ماتېرىيالىسىت، ئىجتىمائى رۇلى جەھەتتە ئىلغار بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەخلاق كۆز قارىشى بەكمۇ چولتا؛ ئەكسىچە، بەزى پەيلاسوپلار تەبىئەت كۆز قارىشى ۋە بىلىش نەزىرىيىسى جەھەتتىن ئىدىيالىست، ئىجتىمائى رۇلى جەھەتتىن مۇتەئەسسىپ ۋە قالاق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەخلاق كۆز قارىشى چوڭقۇر ئاقىلانىلىككە ۋە ئىجتىمائى قىممەتكە ئىگە. بۇنىڭغا گېرمانىيىنىڭ 2 چوڭ كىلاسسىك پەيلاسوپى گېگىل بىلەن فېيىرباخ تىپىك مىسال بولالايدۇ. فېيىرباخنى ئالساق، ئۇ تەبىئەت كۆز قارىشى جەھەتتە ماتىرىيالىست، لېكىن ئەخلاقى كۆز قارىشى جەھەتتە ئىدىيالىست، چۈنكى، فېيىرباخ رىيال جەمىيەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىنى توغرا چۈشىنەلمىگەن. شۇڭا، ئېنگېلىس فېيىرباخنىڭ بۇ يېتىشسىزلىگىنى تەنقىت قىلىپ: «ئۇ ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئارىسىدىن پەقەت بىر جەھەتنىلا – ئەخلاقنىلا كۆرىدۇ، بۇ يەردىمۇ گېگىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، فېيىرباخنىڭ ئادەمنى چۈچۈتكىدەك چولتىلىغى بىزنى تەئەججۈپلەندۈرىدۇ» [«ماركس، ئېنگلېس تاللانما ئەسەرلىرى» خەنزۇچە، 4- توم، 232- بەت] دىگەن ئىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە، گېگىلنىڭ ئەخلاق قارىشى شەكىل جەھەتتىن ئىدىيالىزىمغا مەنسۇپ بولسىمۇ، لېكىن مەزمۇنى رىيال، كونكىرىت، چۈنكى گېگىل ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى دىئالېكتىك ئاساستا تەھلىل قىلغان. بۇ يەردە ئېنگېلىسنىڭ فېيىرباخ ۋە گېگىلنىڭ ئەخلاقىي ئىدىيىسىگە بەرگەن باھاسى، بىزگە ئەخلاقى ئىدىيىلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى، جۈملىدىن، «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىدىكى ئەخلاقىي ئىدىيىلەرنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭدىن بىر قەدەر يەكۈن ھاسىل قىلىشىمىز ئۈچۈن مۇھىم بىر مېتودولوگىيىلىك پىرىنسىپىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. e( X$ d: H, H! M" @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2. « قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىدا ئىجتىمائى ئەخلاقنىڭ ئاساسىي قائىدە ۋە نىزاملىرى بايان قىلىنغان. بۇ قائىدە- نىزاملار ئەخلاقىي ھادىسە ۋە مۇناسىۋەتلەرنىڭ ماھىيەتلىك تەرىپىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ھەمدە ئادەملەرنىڭ ئەخلاقىي پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەخلاقى مۇناسىۋەتلەرنى تەرتىپكە سېلىپ تۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان ئومۇمى چۈشەنچىلەر بولۇپ، بۇ چۈشەنچىلەر ياخشىلىق، يامانلىق، بۇرچ، ۋىجدان، شان- شەرەپ، بەخت- سائادەت قاتارلىق ئاساسىي مەسىلىلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇنىڭدىن 900 يىل بۇرۇن ئىجتىمائى ئەخلاقنىڭ يۇقۇرىدىكى ئاساسىي مەسىلىلىرى ئۈستىدە تەپسىلى توختالغان. بولۇپمۇ، بۇنىڭدا قەدىمقى ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى ئەخلاقىي قاراشلار بىلەن ئۆز زامانىدىكى ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەخلاقىي مۇناسىۋەتلەر ھەمدە ئادەملەرنىڭ شەخسى ئەخلاقىي تەربىيىسىگە دائىر مەسىلىلەر بىر قەدەر مۇپەسسەل، كونكىرىت ۋە جانلىق يۇرۇتۇلغان. بۇ ھال مەملىكىتىمىزنىڭ ئېتنىكىلىق ئىدىيىلەر تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىگىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. گەرچە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاقىي ئىدىيىسى ئۇزۇن مۇددەت ھۆكۈم سۈرگەن فېئودال تەبىقىچىلىك تۈزۈمىنىڭ سىياسىي تەلىۋىگە بېقىنغان ۋە شۇ سەۋەپلىك ئېتنىكىلىق نەزىرىيە جەھەتتىن قاتتىق تەلەپ بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر ئەخلاقىي سېستىمىنى تەشكىل قىلالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ بىلەن «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ مۇرەككەپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمدە كۆپ قەۋەتلىك باي ئەخلاقىي مەزمۇنىغا ھەرگىز شەك كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. بىز تۆۋەندە بۇ ئەخلاقىي مەزمۇن ۋە چۈشەنچىلەر ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز:6 z- D- g# t5 Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1) بۇرچ مەسىلىسى: - ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقىي تۇرمۇشىدا، كىشىلەر مۇئەييەن جەمىيەتنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە جەمىيەتكە ۋە باشقىلارغا نىسبەتەن بەلگىلىك ۋەزىپە، خىزمەت ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. بۇ ۋەزىپە ياكى مەسئۇلىيەت شەخسىنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى ئادەملەرگە، ئائىلە ئەزالىرىغا بولغان جاۋاپكارلىقتا ئىپادىلىنىشىمۇ ياكى شەخسىنىڭ ئۆز مىللىتى، دۆلىتى، سىنىپى، پارتىيىسى ۋە تەشكىلىگە بولغان جاۋاپكارلىقتا ئىپادىلىنىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، ھەر قانداق بىر جەمىيەت ۋە سىنىپ شۇ جەمىيەت ياكى سىنىپنىڭ مەنپەئەتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، پۈتۈن جەمىيەت ئەزالىرى ئالدىغا مۇئەييەن ئەخلاقىي بۇرچنى قويىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار خانىدانلىغىنىڭ ئاتاقلىق مۇتەپەككۇرى ۋە ئىجتىمائى ۋەكىلى سۈپىتىدە، ئۆز زامانىنىڭ ئىجتىمائى، سىياسىي تەلىۋىگە ئۇيغۇن بولغان بىر قاتار ئەخلاقىي بۇرچنى «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىدا ئوتتۇرىغا قويدى.
( z8 c9 j# w7 M ئۇ ئالدى بىلەن كىشىلەرنى ئەلگە ياخشىلىق قىلىش، ياخشىلىق، بەخت تەلەپ قىلىش ۋە ياخشى نام قالدۇرۇشقا ئۈندەيدۇ ھەمدە بۇنداق قىلىشنى ياخشى ئادەم بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىدۇ. ئالىم ئۆزىنىڭ جەمىيەت ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى، ئۆزىگە قويغان تەلەپ – مەقسىدى ۋە ئارزۇسى سۈپىتىدە ئۆز – ئۆزىگە نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
+ P5 e0 Q8 n! Q* i2 y) Y [227] ئەگەر ياخشى بولماق تىلەسەڭ ئۆزۈڭ،
8 i# o. `9 C0 z; v, m% z يۈرى ياخشىلىق قىل، قوي ئۆزگە سۆزۈڭ% z( M: o2 o1 P- M3 ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ماقالىدا سەھىپىنى تىجەش ئۈچۈن، «قۇتادغۇ بىلىگ»دىن ئېلىنغان نەقىلنى نەزمى يەشمىسى بويىچە ئېلىپ، ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىگە كوپلېت نومۇرى ئەسكەرتىلدى. بۇ نەقىللەرنى ترانسكرىپتىسيىلىك مەتنى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئىشى كىتاپخانلارنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇلدى].
V. S5 d% X* W; K [133] ھاياتنى زايا قىلما قىل ياخشىلىق،
2 y0 D. ^2 y* B/ R4 V. x كېچەركۈن ئىچىدىن ئال ئىبرەتنى جىق.
8 j# f. y# O+ J6 Z [4466] ئۆزۈڭئۆلسەڭ ئاخىر، بۇ نامىڭ قالۇر،6 y& @! B" z( H( oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئېتىڭ ياخشى بولسا، ھايات تەم بىرۇر., x% Y7 b- j( c( Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ مىسرالاردا مۇئەللىپ ئەخلاقىي بۇرچنى ئادەم نىمە ئۈچۈن ياشاش، كىم ئۈچۈن ياشاش ۋە قانداق ياشاشتىن ئىبارەت غايىۋى نىشان ۋە توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى دەرىجىسىگە كۆتىرىپ چۈشەندۈرگەن.
' E3 y8 p: U: A$ R6 G+ k; | يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا، بۇ يەردە ئېيىتىلىۋاتقان «ياخشىلىق»نىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى سۈپەتلەپ، ئەسەردىكى پىرسۇناژلاردىن ئادالەت ۋە توغرىلىقنىڭ سىمۋولى كۈن تۇغدى ئىلىگنىڭ بەخت – سائادەت سىمۋولى ئايتولدىغا قىلغان نەسىھىتى شەكلىدە، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئالىجاناپ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:! U {2 \ v4 U2 Q% ?9 b, rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[856] ئىلىگ ئېيتتى: ياخشىلىق سۇپاتى شۇدۇر،
& X* y. d' v' n6 D+ P كى خەلققە ئۇنىڭدىن پايدىلار يېتۇر.
0 E% J% U( a/ X! ]( ?" m [857] قىلور ياخشىلىق ئۇ پۈتۈن ئېلىگە،# e- q3 ~6 { z0 _- Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يەنە مىننەت ئۇرماس كىشى يۈزىگە.0 u0 e& C' z$ D9 f1 x7 @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[858] تىلەر نەپ ئۇ ئەلگە ئۆز نەپسىنى دىمەس.* N+ m$ m& r2 Y0 d. eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يەتكۈزگەن نەپ ئۈچۈن بەدەل كۆزلىمەس.- g# n1 n& f5 v5 Y0 nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، بۇ مىسرالاردا ئالىم ياخشىلىقنىڭ سۈپىتى يەنى مەقسىدىنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت يۈكسەك پەزىلەت بىلەن مەھكەم باغلىغان ھەمدە بۇنداق قىلىش پەقەتلا كىشىلەرنىڭ ئۆز خەلقى ۋە ئۆز ئىلى ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك ئىجتىمائى بۇرچى بولۇپ، بۇ بۇرچنى ئۆتىگەنلىكى ئۈچۈن ھەرگىز تەمەننا قويۇش، مىننەت قىلىش ۋە ھەق تەلەپ قىلىشقا بولمايدىغانلىغى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.3 j# @ `3 T; F Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پەرزەنتلەرنى ئەدەپ – ئەخلاقلىق، بىلىملىك ۋە ياراملىق قىلىپ تەربىيلەشمۇ ئەخلاقىي بۇرچ كاتېگورىيىسىگە مەنسۇپ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ۋەزىپىنى ھەر بىر ئاتا – ئانا ۋە پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ ياش – ئەۋلاتلار ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك ئورتاق بۇرچى دەپ قارايدۇ؛ بالىنىڭ ئەركە – مىشچان، يامان خۇي – پەيلىك بولۇپ ئۆسۈشىنى ئاتا – ئانىغا باغلىق دەپ چۈشەندۈرىدۇ ھەمدە بۇنىڭ ئەخلاقىي جاۋاپكارلىقىنى ئاتا – ئانىغا، بولۇپمۇ ئاتىغا ئارتىدۇ:
6 w6 C% P8 |& h, o5 Q [1218] ئاتا ئەمگىكى سىڭسە ئوغلىغا كۆپ،8 z- P. h' o9 Z$ D& fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بولۇر بۇ ئوغۇلنىڭ خۇي – پەيلى خوپ! z P! D! M9 B+ q/ mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[1223] كىمنىڭكى بولۇر ئەركە ئوغلى – قىزى،7 G$ f9 k0 |2 { j, O" H: Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
چېكىپ ئاھ ۋە ھەسرەتتە يىغلار ئۆزى.+ Q- G8 l' S: h8 x+ sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[1224]كىچىك چاغدا ئوغلىنى قويسا ياۋا،& |! y1 k& h; ?, d: N) l2 sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئوغۇلدا گۇناھ يوق، ئاتىغا جاپا.4 ]5 g/ t8 p1 @) x$ j$ r" D" Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[1225] ئوغۇل – قىز خۇي – پەيلى بولسا يامان،
5 H, X! |1 r- }9 U+ j يامان قىلغان ئاتا بۇلار ھامان
: c8 p5 s7 ^7 A. P يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە، بالىلارنىڭ كىچىگىدىن تارتىپ خۇشخۇي، ئاق كۆڭۈل، كەمتەر، كىچىك پېئىل بولۇپ ئۆسۈشىگە دىققەت قىلىش؛ پۇل – بايلىققا ھەۋەس قىلماسلىق؛ كىشىنىڭھەققىگە كۆز قىرىنى سالماسلىق؛ دۇرۇس يولدا مېڭىش ۋە توغرا قىلىقلارنى ئۆزلەشتۈرۈش؛ كىشىلەرگە قارىتا سىلىق – مۇلايىم، ئەدەپ – قائىدىلىك بولۇش؛ كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاياشنى بىلىش؛ ياخشى ئادەملەر بىلەن دوست بولۇش، يامان ئادەم ۋە يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش؛ راست سۆزلەش، يالغانچىلىق، قوپاللىق، جاھىللىق ۋە قاششاقلىقتىن ھەزەر ئەيلەش؛ ھاراق – شاراپ ۋە ھاۋايى – ھەۋەسلەرگە بېرىلمەسلىك؛ ئېغىر – بېسىق، سالماق بولۇش، ئويلاپ سۆزلەش، يېنىكلىك قىلماسلىق بېھۇدە سۆزلىمەسلىك قاتارلىق بالا تەربىيلەشنىڭ كونكىرېت ئۇسۇل ۋە ئەخلاق قائىدىلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. «قۇتادغۇ بىلىگ»دە بۇنداق ئەخلاقىي تەربىيىۋى مەزمۇنلار ناھايىتىكۆپ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتا – ئانىنىڭ بالا تەربىيلەشتىكى دەستۇرى، شۇنداقلا ئاتا – بالىنىڭ ئۆز ئارا ۋە جەمىيەت ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك ئەخلاقىي بۇرچى بولۇپ، بۇ بولۇپمۇ ئايتولدىنىڭ ئۆز ئوغلى ئۆگدۈلمىشكە قىلغان نەسىھىتى شەكلىدە كونكىرت گەۋدىلىنىدۇ. مەسىلەن:
$ L% k, J! o0 n& }2 o8 } [1282] خۇيۇڭنى تۈزەتكىن، يېڭىلمە ئۆزۈڭ،6 C1 s( ~! U7 \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كۆڭۈل،تىل كىچىك تۇت چوڭايتما سۆزۈڭ.$ z% P3 y- C& Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[1284] ئۆزۈڭ ئوتقا ئورما بۇ دۇنيا ئۈچۈن،- F5 P6 C# ?/ }* ^+ M0 O4 Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىشى مېلىنى ئالما زورلاپ كۈچۈن.( O' B9 a4 C/ t- [" D4 G) ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[1297] يامانغا يېقىنلاشما قىلغاي زىيان،
8 s3 {2 \4 F8 w3 A يامانلىق چاقار ئۇ بولۇپ بىر يىلان. r9 K8 J1 K7 Y$ l9 e$ Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[1315] كىشىگە ھەم ئۆزىگە قىلما سەن زىيان،' k; M2 @( A S7 c& w* Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھەۋەسنى قويۇپ قىل ياخشىلىق ھامان.
9 E1 j' D4 A. |: _. r" f [1326] تىلىڭدىن چىقارما ھېچ يالغان سۆزۈڭ،+ z! c2 _0 b Z* V# k1 _: o @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ يالغان بىلەن خار بولۇرسەن ئۆزۈڭ.
% A% X6 l) V) F1 h4 P [1505] لاغايلاپ بىھۇدە يۈرمىگىن ئۆزۈڭ،
' {! K( G& V2 E8 ^ m* w+ { سىلىق، توغرا بولسۇن قىلىغىڭ، سۆزۈڭ.) e: I2 N) U& A4 m, C& Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئېتنىكا نەزىرىيىسىدە ئەخلاقىي بۇرچ شەخسىنىڭ پۈتكۈل جەمىيەتكە، جۈملىدىن، باشقا ئادەملەرگە قارىتا ئۈستىگە ئالغان جاۋاپكارلىغىنىمۇ، شۇنداقلا جەمىيەتنىڭ، جۈملىدىن، باشقا ئادەملەرنىڭ شەخسىگە قويغان ئىجتىمائىي تەلىۋىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ شەخسىنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۆزى ئىشلەۋاتقان خىزمەتكە نىسپەتەن ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى ئۇنىڭ جەمىيەت ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى بىلەن بىر ياكى ئۇنىڭ مۇھىم بىر تەركىۋى قىسمى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ مانا شۇ كۆز قاراشتىن چىقىپ، ئاۋام پۇقرالارغا قارىتا ئۆز ئىلىگە ياخشىلىق قىلىش تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، ئىلىگ ھۆكۈمدارغا قارىتا ئۆز خىزمىتىگە تولۇق جاۋاپكار بولۇش، خىزمەتنى ئۆز ۋاقتىدا بەجانىدىل ئىشلەش، ئەلنى ياماندىن ساقلاش، پېقىر – مىسكىنلەرگە ئېھسان قىلىش، خۇشامەتچى، ئۇياتسىز كىشىلەردىن ھەزەر ئەيلەش ۋە ئېھتىياتچان بولۇش، دۆلەت مالىيىسىنىڭ پاكلىغىنى ساقلاش ھەمدە توغرا قانۇن ۋە ئادىل سىياسەت قوللىنىپ، ئەلنى ئېكىسىپلاتاتسىيە ۋە زۇلۇمدىن خالى قىلىشتىن ئىبارەت ئىجتىمائى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئالىمنىڭ قارىشىچە، بۇ تەلەپ ھۆكۈمدارلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەم ئۇنىڭ كەسپىي (خىزمەتتىكى) ئەخلاقىي بۇرچى ھەم جەمىيەتكە نىسبەتەن ئۆتەشكە تېگىشلىك ئەخلاقىي بۇرچى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ:
) Q- c# c( W$ o) ~, [9 n [5503] بۆگۈنكى ئىشنى ئەتە ئۈچۈن قويمىغىل،
& m9 t4 e: K3 k9 P% i+ Z& z ئەتە ئىش بولسا، ئۇ قالۇر يەنە بىل.
2 ]2 p' L/ z! b [5528] كۆيۈمچاننى تۇتقىن ئۆزەڭگە يېقىن،/ h4 P& F+ q8 R* }! u/ w$ \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇياتسىزنى ئۆزگە يېقىن تۇتمىغىن.+ r6 ]1 S. y: T7 {/ Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[5574] سېنىڭدە پۇقرانىڭ ھەققى ئېرور ئۈچ،4 N, f7 m. V+ V5 c! }& ]% P7 Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ ھەقنى ئۆتە سەن ھېچ ئىشلەتمە كۈچ.
# `+ ?/ D- g5 E) E- { [5575]بىرى ئۆز ئېلىڭدە كۈمۈشنى پاك ئەت،
5 S% \9 c: m; W ئەي ئىلمىي كۆپ ئەرسەن، ئاياردىن ①كۈزەت., }" k" R( y o, L& E2 O& Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
( ①ئايار- ئەرەپچە، ئالتۇن – كۈمۈش پۇلنىڭ ساپلىغى.)
( |0 H+ G' J! a8 X0 s; S [5576] بىرى توغرا قانۇننى خەلقىڭگە بەر،
; H$ t' T$ r$ c+ l' _ L* F2 O بىرىن – بىرى ئەزمەكنى ئەلدىن كۆتەر.
) t- y" T# X. {2 g4 y2 ` [5577] ئۈچىنچى، ئىمىن قىل پۈتۈن يوللارنى،0 V2 L( a4 K' f a5 w+ {5 e3 _& T) hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يوقاتقىن قاراقچى ئوغرىلارنى.
0 X, [3 ]- Q5 X* i7 U# s دەرۋەقە، بۇ مىسرالارنىڭ بىر قىسمى ئوتۇپىيىلىك تۈس ئالغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىغا خۇسۇسى ئىگىدارچىلىق تۈزۈمى ھۆكۈم سۈرىۋاتقان ئەينى فېئوداللىق زاماندا ھۆكۈمدار خان – بەگلەرنىڭ بۇ تەلەپلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقىي بۇرچى دەپ بىلىپ، كەمبەغەل پېقىرلارنى باي، ئاچنى توق قىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرچنىڭ ئۆزى ئىجتىمائى ئەخلاقنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى بولغىنى ھالدا، ئۇ جەمىيەتنىڭ ماددى تۇرمۇش شارائىتى ۋە كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئورنى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بىراق، يۇقىرىدىكى تەلەپلەرنىڭ ئورۇنلىنىش – ئورۇنلانماسلىغىدىن قەتئىنەزەر، ئاشۇنداق تارىخىي شارائىت ئاستىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھۆكۈمدار خان – بەگلەرنىڭ ئالدىغا مۇشۇنداق ئىجتىمائى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيالىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ قاراخانىلار دەۋرىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئوبېكتىپ جەريانىغا، جەمىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش تەلىۋىگە ئاۋام خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.* U N2 T8 ~+ ^" y! V( u- Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2) ۋېجدان مەسىلىسى: - ۋېجدان كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىدا باشقىلارغا ۋە جەمىيەتكە بولغان بۇرچىنى ئادا قىلىش جەريانىدا شەكىللەنگەن بىر خىل ئەخلاقىي ئاڭ بولۇپ، ئۇ ئادەملەرنىڭ قەلبىدىكى كۈچلۈك ئەخلاقىي جاۋاپكارلىقنى ھەمدە ئادەملەرنىڭ مۇئەييەن ئەخلاقىي مىزان بويىچە ئۆزىنىڭ ئىش – ھەركىتىنى باھالاش ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. مەسىلەن، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ تۇتقان يولى ۋە باسقان قەدىمىگە رازى بولۇش – بولماسلىقى، توغرا ياشاش ئۇسۇلىنى تاللىۋېلىش – ئالماسلىقى، ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە، پەرزەنت ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا نىسپەتەن ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتىنى ئاڭقىرىش – ئاڭقىرالماسلىقى، ئەر – ئايال مۇناسىۋىتىدە ۋە باشقىلارنىڭ ھەققىگە نىسپەتەن ھايا – نۇمۇسنى بىلىش – بىلمەسلىكى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قاتار مەسىلىلەر ۋىجدان چۈشەنچىسىگە كىرىدۇ. ۋىجدان بۇرچ بىلەن ناھايىتى زىچ باغلىنىشلىق ھالدا دائىم ئۇنىڭ يېنىدا بىللە تۇرىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىدا بۇ مەسىلىلەرنى مەسىلىلەرنى چوڭقۇر، ئەتراپلىق، جانلىق ۋە ئوبرازلىق بايان قىلغان، بۇ بايانلار ئۆز زامانىسىدىلا ئەمەس، بەلكى ھازىرمۇ ئۆزىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە رىئال قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
6 j3 n+ C& ], I% k2 v ئالىمنىڭ قارىشىچە، توغرا يول تۇتۇش، ھالال ياشاش، ئاۋام خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، پىداكارلىق روھ- تاشقى ئەخلاقىي بۇرچنىڭ ئادەملەر قەلبىدە ئاڭلىق تەلەپ ۋە پەزىلەتكە ئايلىنىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئۆزى ۋىجداننىڭ شەكىللىنىشى ۋە گەۋدىلىنىشىدۇر. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن راستچىل، توغرا بولۇش، يالغانچىلىقتىن ساقلىنىش، ئىچى بىلەن تېشىنى بىردەك تۇتۇش، قەلبىنى خەلققە تاپشۇرۇش، يۈرىگىنى ئاشكارىيالايدىغان بولۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش، باشقىلارغا ئېغىرىنى ئارتماسلىق، ئۆز غېمىنى يىمەي، خەلقنىڭ غېمىنى يىيىش – ئادەملەر ئۆز ئىش – ھەركىتىنى باھالاشنىڭ ۋە جەمىيەت ئالدىدىكى ئەخلاقىي بۇرچنىڭ ئەھدىسىدىن چىققان – چىقمىغانلىقىنى ئۆلچەشنىڭ مۇھىم بىر مىزانى، شۇنداقلا، شۇ ئادەمنىڭ توغرا يول تۇتقان ۋە ھالال ياشىغانلىقىنىڭ ئوچۇق ئىپادىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ:; _1 d; t+ N% a" @( m- v- qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[5077] كىشىنىڭ يامانىدۇر ئېيتسا يالغان،5 s* S7 K4 P- o8 U/ I2 vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قىلىپ ۋەدە يانغان يالغاندىن يامان.
, q0 M7 O! R: s [863] تېشىدەك ئىچىمۇ، ئىچىدەك تېشى،% T; I9 j {# d3 ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ ياڭلىغ بولۇر چىن ۋە توغرا كىشى.& X+ Y$ g. T& R( a+ K: Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[6098] ئۆزۈڭ نەپئى كۈتمە، خەلق نەپئى كۈت،
( [/ G+ [7 v% R. K: w5 \/ U5 N يۈكۈڭنى يۈتتۈرمە ئەلگە، ئۆزەڭ يۈت.7 H4 t% L. }- Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىشىلەرنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلماسلىق، تۆھمەت چاپلىماسلىق، پىتنە – پاساتتىن يىراق تۇرۇش، ئىچى تارلىق، ھەسەتخورلۇقتىن خالى بولۇش، خۇشامەتچى، سۇخەنچىلەردىن ھەزەر ئەيلەش يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋىجدان مەسىلىسىدە كىشىلەر ئالدىغا قويغان يەنە بىر مۇھىم تەلىۋى:% N0 y! o+ X* {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[4410] بولۇشنى تىلىسەڭ ئۆزۈڭ قەدىرلىك،
# w' D) g- [- ^7 k4 i$ g پاساتتىن يىراق قاچ ئى خۇلقى سىلىق.% v/ U7 A! z7 Z: R4 hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[4414] پاستنىڭ يېنىغا يېقىن بارمىغىل،6 H/ K$ Q! n+ T2 m# r6 l, pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پاسات نەدە بولسا، خارلىق شۇندا بىل.
0 |& r' L+ n" a$ r [4253] ھەسەت بىر كېسەلدۇر، داۋامى ئۇزاق.
$ p" q$ o" F$ I; ?) i ئۆزىنى ئۆزى يەپ، سىزەر ئۇ ئاداق.6 q# P3 X* F& ?: xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[5303] يېقىن تۇتما ئۇششاق گەپلىك سۇخەنچىن،, ^2 g9 l$ |! I& X8 Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پىتنەخور بولسا قاچ، كەلتۈرمە يېقىن./ j; a. Q1 j* U) aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ مىسرالاردا ئالىم كىشىلەرنى ئۇياتلىق، توغرا، سەمىمى، تۈز ۋە ئاقكۆڭۈل بولۇشقا، قەلبىنى پاك تۇتۇپ، ئۆزىنى دائىم ۋىجدان تارازىسىغا سېلىپ تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ؛% X t2 E6 K1 y5 @6 ~! vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شەخسىيەتچىلىكنى يېڭىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلماسلىق، پۇل، مال – دۇنيا ئالدىدا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئارزۇ – ھەۋەسكە بېرىلمەسلىك – ئەخلاقىي ۋىجدان چۈشەنچىسىدە يەنە بىر مۇھىم مەسىلە. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىگ»دە ، ئادەملەردىن ئۆز نەپسىنى كۆزلىمەي، ئەل نەپسىنى كۆزلەشكە، ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتىنى خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتەك كوللىكتىۋىزىملىق روھنى تىكلەشكە، نەپسى – مەنپەئەت، ئەمەل، پۇل ۋە بايلىق ئالدىدا ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋېلىپ، دائىم سەگەك تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ.
6 y: Y! I }% L0 d' c [5353] دېمە ئۆز نەپئىڭ سەن، ئەل نەپئىنى دە،
7 H# \- B* c) W, A( y: `0 o+ q ئۆزۈڭ نەپئى ئەلنىڭ نەپئى ئىچىدە.
$ r* m9 {9 u2 a5 K$ B6 W [3933] كۆيۈمچان ئەمەس ئول ئۆزىنى دېگەن،. U0 X; }0 U" \2 |$ l" wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كۆيۈمچان شۇكى، ئەل نەپئىنى ئىزلىگەن.- K O8 l, d6 q& uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[3637] بۇ نەپسى بىرىنچى، بەك قۇۋۋەتلىك يېغى،
, g- ^ u& L Z' {; Q* F) K+ | پۈتۈن يەردە ئۇنىڭ تورى – تۇزىغى.
( M+ E9 f4 g+ C! }3 o' W [6143] مەست قىلسا بۇ دۆلەت ئەگەر كىشىنى،3 G& J( g+ Y/ d1 m" h" dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئويغانماس ئۆلۈم تۇتمىغۇنچە ئۇنى.
6 ]' {8 P6 j! a) y6 g 3) قىلىق ۋە پەزىلەت مەسىلىسى: - بۇ ئەخلاقىي ھادىسىلەردىكى ئىككى چوڭ تەرەپ بولۇپ، ئۆز ئارا بىر – بىرىگە باغلىنىپ، بىر – بىرىنى تەقەززا قىلىپ ۋە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئەخلاقىي قائىدە، پىرىنسىپ ۋە غايە بىلەن زىچ باغلانغان ھالدا، ئەخلاقىي تەربىيىنىڭ ئوبېكتىپ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭدا قىلىق – پەزىلەتنىڭ ئىپادىسى، مۇئەييەن پەزىلەت بولسا، قىلىقنىڭ تەرەققى قىلىش ۋە جۇغلىنىش نەتىجىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىدا ئەخلاقىي ھادىسىلەردىكى بۇ ئىككى چوڭ مەسىلە ئۈستىدە مۇپەسسەل توختىلىپ، بۇ ھەقتە جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەلىۋى ھەم يۈنىلىشىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، خەلقنىڭ قەلبى ھەم ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان نۇرغۇن ئەقىلگە مۇۋاپىق پىكىر، تەلەپ ۋە تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
, h& y0 q$ b& r8 D( z ئەخلاقىي قىلىق، بۇ بەلگىلىك ئەخلاقىي ئاڭنىڭ يىتەكچىلىگىدە ئىپادىلىنىدىغان، باشقا ئادەملەرگە ۋە جەمىيەتكە پايدىلىق ياكى زىيانلىق بولغان ھەركەتتىن ئىبارەت. بۇنداق ھەركەت ئەخلاقلىق ھەم ئەخلاقسىزلىقنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەخلاقى قىلىقنىڭ ئاساسىي بەلگىسى شۇكى، ئۇ بىر شەخسىنىڭ باشقا ئادەم ۋە جەمىيەت مەنپەئەتىنى ئاڭلىق تۇنۇغان ۋە ئەركىن تاللىۋالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى شەكلىدە يۈز بېرىدۇ؛ يۇسۈپ خاس ھاجىپ باشتىن – ئاخىر توغرا، دۇرۇس ئەخلاقىي قىلىق ۋە ياخشى ئادەتلەرنى ماختىدى ھەمدە ئۇنى تەرغىپ قىلدى. ناتوغرا، ناچار ئەخلاقىي قىلىق ۋە يامان ئادەتلەرنى ئايىماي سۆكتى، ئەيىپلىدى ۋە ئۇنىڭ جەمىيەتكە ھەمدە شەخسكە بولغان زىيانلىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.0 K+ [$ P+ M4 nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەخلاقىي پەزىلەت – ئۇ شەخسنىڭ ئىش – ھەركىتىدە ئەخلاقىي قىلىقنىڭ دائىملىق ئادەتكە ئايلىنىشى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بىر خىل ئەخلاقىي ئاڭدىن ئىبارەت. ئادەتتىكى ئادەت ۋە ئاڭنىڭ ھەممىسى ئەخلاقىي پەزىلەت بولۇۋەرمەيدۇ. ئەخلاقىي پەزىلەتنىڭ ئاساسىي بەلگىسى شۇكى، ئۇ ئەخلاقىي ئاڭ بىلەن ئەخلاقىي قىلىقنىڭ بىرلىكى شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ، ئەخلاقى قىلىق، ئەخلاقى پەزىلەتنىڭ ئوبېكتىپ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلسا، ئەخلاقىي پەزىلەت - ئەخلاقىي قىلىقنىڭ بىرلەشكەن ئىپادىسى، شەخسنىڭ ئاڭلىق ئىرادىسىنىڭ قېتىشمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
* y, H& w4 l5 R# J) n « قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىدا قىلىق بىلەن پەزىلەتنىڭ يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن مۇناسىۋىتى ۋە باغلىنىشى ئوچۇق گەۋدىلىنىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدا ئەخلاقىي ھادىسىنىڭ بۇ ئىككى چوڭ تەرىپى شۇنداق چىڭ گىرەلىشىپ كەتكەنكى، مۇناسىۋەتلىك نەزمىنىڭ ھەر بىر مىسراسى كىشىلەر ئالدىغا ھەم ئەخلاقىي قىلىق ھەم ئەخلاقىي پەزىلەت سۈپىتىدە نامايەن بولىدۇ.1 U- C: O: d/ G& eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يۇسۈپ خاس ھاجىپ يالغان سۆزلەش، ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق، كاجلىق، جاھىللىققا ئوخشاش ناچار قىلىقلارنى قاتتىق تەنقىتلەپ، يالغانچىلىقنى ۋاپاسىزلىق بىلەن باغلايدۇ؛ كىشىلەرنى چىن، راستچىل بولۇش، ئۇياتنى بىلىشتەك توغرا قىلىق بىلەن ۋە پەزىلەتكە باشلايدۇ:
q0 a# e! }' {' q. { ?) f& b [337] بۇ بىر نەچچە نەرسە كىشىگە ياۋۇز،7 C L2 g% r" lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇنى قىلسا كىشى بۇزار ئۆز – ئۆزىنى
3 r: p8 W& O. v& X0 u [338] بىرىيالغان ئېيتماق ئېرۇر سۆزىدە،* ]7 A( E6 b( e) T* R: Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىككىنچى، تۇرماسلىق قىلغان ۋەدىدە.
- o8 u1 _% Y2 M3 y7 ^* T$ V6 ~ [339] ئۈچىنچى، ھاراققا بولۇش مۇپتىلا،
( @& N: u0 ?# i9 p5 X& Y4 _2 Q7 n بۇ ئەر ئۆمرى شەكسىز كېتەر بوشقىلا.
0 G: }. i1 u, z: h" q2 @( f [340] يەنە بىرسى كاجلىق، جاھىللىق قىلىش،% I7 a! v. B3 _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جاھىللىق جاھاندا ياشاتمايدۇ خوش.
+ G! s7 J2 l7 J) X [2039] يالغانچى كىشىلەر ۋاپاسىز بولۇر،2 D7 Z1 `0 l+ u; `! K4 V$ Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ۋەپاسىزلار خەلققە ئوساللىق قىلور.8 N0 \$ Q; a' ]- K( i! `1 F' Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[4042] تەلەپ قىلما ۋاپا يالغانچىلاردىن،6 k7 f8 g% t M: L" Y: Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ سۆز سىنالغان ئۇزۇن يىللىق ئول.! R1 X4 c; [9 K4 P+ |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[4297] ياشاي ئابروي بىلەن دېسەڭ سەن ھامان،
2 z$ Z& A/ Z% S7 x% a: R8 \) ? يالغاننى چىقارما تىلىڭدىن ھەر ئان./ f; \ c9 c* U7 c! K3 p4 Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەغرۇرلۇق، تەكەببۇرلۇق، كېبىر قىلىش، قۇپال سۆزلۈك، سۆرۈن يۈزلۈك – ئەخلاقىي جەھەتتىن يەنە بىر ناچار قىلىق ۋە پەزىلەت بولۇپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەكەببۇر، مەغرۇر، ئۆزەمچىل ئادەملەرنىڭ پەزىلىتىنى سۈرەتلەيدۇ؛ ئادەملەرنى كەمتەر، ئېھتىياتچان، كىچىك پېئىل ۋە تۈز كۆڭۈل بولۇشقا ئۈندەيدۇ:
+ O5 C' U9 O2 X8 v6 O- g a: v8 _ [1330] بەختكە ئېرىشسەڭ كېبىر قىلمىغىن،
* e+ s0 X) ]7 s' B5 I4 b5 N4 P8 ?# { ھامان ياخشىلىق قىل، يامان بولمىغىن.
$ n1 @, p3 L w( J, | [4553] غۇرۇرلانما ئارتۇق، لاۋزا بولۇرسەن،
/ D. j/ L n+ [4 m4 Q! C- t2 C بېخىل بولما ئارتۇق، تىلگە قالۇرسەن.) B" w1 T2 Q7 Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[2077] سۆرۈن يۈز، يىرىك سۆز، تەكەببۇر كىشى،
4 ~2 Z% @# B* o, q0 S4 @ \4 B! V: z كىشىنى يىرگەندۈرەر، يۈرۈشمەس ئىشى.
% G5 d. v0 ~ u1 A1 d [2072] كۈلەر يۈز، چۈچۈك سۆز، خۇلقى ئۇز كېرەك،! b; M# e- J& ?( f+ s( kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قىلىغى بۇلارغا ئۇيغۇن، تۈز كېرەك.
0 h; F/ U" u8 d- s3 C يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھاراقخورلۇقنى ئەخلاقسىزلىقنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى، بارلىق ئەخلاقسىزلىق ھەم پىشكەللىكنىڭ مەنبەسى دەپ قاراپ قاتتىق سۆكىدۇ؛ بىر مەملىكەتتە خەلقنىڭ ھاراقخورلۇق يۇلىغا كىرىپ قېلىشى ئەلنىڭ گادايلىققا قاراپ يۈزلىنىشى بىلەن، ھاكىميەت بېشىدىكىلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىنى بولسا، دۆلەتنىڭ زاۋاللىققا قاراپ مېڭىشى بىلەن مەھكەم باغلايدۇ. بۇ شەخسكە نىسپەتەن ئېيتقاندا، ھاراقخورلۇق «مىڭ گۇناھ»قا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، بۇنداق ئادەم بەخت – سائادەتتىن مەھرۇم بولۇپ قالىدىغانلىغىنى، ھاراقخورلۇق ئادەملەرنى بىكار تەلەپ، ھورۇن ۋە قاششاق قىلىپ قويىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن بۇزۇقچىلىق ھەم پاسىقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، كىشىلەرنى بۇ يولغا قەتئى ماڭماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ. ئالىمنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەشەببۇسلىرى ھازىرمۇ رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ياش ئەۋلاتلارغا قارىتا ئەنئەنىۋى ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتا بىز ئۈچۈن قىممەتلىك تارىخىي ماتىرىيال بولۇپ ھېساپلىنىدۇ:, D0 F4 w- Q+ u2 wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[2097] ھاراق ئىچسە خەلق، يەلگە كەتكەي مېلى،
2 ?# b6 c! N; j9 {5 | خان بولسا ھاراقكەش، تۇرامدۇ ئىلى؟
/ d4 ^, K# E4 c [2102] مەي ئىچسە بولمىغۇر نە ئىشلار بولۇر،
$ U+ p d# p6 l1 Z, J& E مەست بولسا نەچچە ياخشى ئىشلار قالۇر
! p0 t' O d' c, k+ s2 { [1338] ھاراق مىڭ گۇناغا پاتۇرغاي سېنى،
& I: q& [! M3 a0 W: j1 G4 S4 ^ قاچار بەخت، زىنادىن يۈزۈڭ تۆكۈلەر.9 t- E+ O& U$ d0 r+ s1 dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ مىسرالاردىن مۇنداق بىر ئېتنىكىلىق قائىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، ھاراق ئىچىپ مەست بولۇش ۋە باشقا شۇنىڭغا ئوخشاش بولمىغۇر قىلمىشلار قارىماققا شەخسىنىڭ «ئىچكى ئىشى»، ئۆز ھوقۇق دائىرىسىدىكى «ئىرادە ئەركىنلىكى» بولۇپ كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئەمىليەتتە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئەخلاقىي قىلىق ۋە پەزىلەت بىر خىل ئاڭلىق تاللىۋېلىنغان ھەركەت ئىكەن، ئۇ ھالدا بۇنى قانداق تاللاش، يەنى شەخسىنىڭ باشقا ئادەم ۋە جەمىيەت مەنپەئىتىگە بولغان مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى – ئەخلاقى قىلىق ۋە پەزىلەتكە باھا بېرىش ۋە ئۇنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئاساسىي بولۇپ قالىدۇ. شەخسىنىڭ «ئىرادە ئەركىنلىكى» ھېچقاچان «خالىغىنىنى قىلىش» دىگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئەكسىچە، بىر قىلىقنى تاللىغاندا ئۆز ئەتراپىدىكى باشقا ئادەمنىڭ ۋە پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە بولغان مۇناسىۋىتىنى تۇنۇشتەك ئاڭلىقلىغىغا تايىنىش دىگەنلىكتۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىزگە ئەخلاقسىز قىلىق ۋە پەزىلەت بىر شەخسىنىڭ «ئۆزىگە خاس» ۋە ئۆزى بىلەن تۈگەيدىغان ئىشى بولماستىن، بەلكى باشقا ئادەملەرنىڭ ۋە پۈتۈن جەمىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان چوڭ بىر ئىجتىمائى مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ./ s$ @! _7 U; L1 V+ Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بېھۇدە غەزەپلىنىش، ئاچچىقلىنىش، قىزىققانلىق ۋە ئالدىراقسانلىقمۇ كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىي قىلىق ۋە پەزىلىتىگە بېرىپ تاقىلىدىغان ئەخلاقىي ھادىسىلەر بولۇپ، «قۇتادغۇ بىلىگ»دە بۇ جەھەتتە خېلى كۆپ سەھىپە ئاجرىتىلغان. ئالىم ئالدىراڭغۇلۇق، ھولۇقۇش ھەم قىزىققانلىق كىشىلەرنى يېڭىلىشكە، خىجىللىق ۋە پۇشايمانغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئادەملەرنى تەمكىن، ئېغىر – بېسىق، ئەستايىدىل ۋە سەۋرى – تاقەتلىك بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ:
; K r P9 u% v* X [322] ئەي ئاقىل، غەزەپنى قىل ئۆزدىن يىراق،
0 o B* B% k/ ^. a# `) S ئاچچىقتىن يىراق بول، ئال ياخشى ئاتاق.
) Y/ s2 |! _8 P9 [' e [324] غەزەپلىك ئىشىڭ ئۇ پۇشايمان بېرۇر،9 W+ V: ^4 u8 N+ ]3 l3 ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قىزىققانلىق ئولساڭ ئىشىڭ بۇزۇلۇر.: D: S, {8 {+ Y9 cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[334] قىزىققان بولسا ئىنسان بىلىمسىز بولۇر،& y& p* F2 W, Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
غەزەپلەنسە ئادەم ئەقلىدىن قالۇر.! @5 A2 ~- I1 T [4 f; M6 u; }: \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[632] شېشىپ قىلغان ئىشلار ھامان خام قالۇر،
# v5 [+ Z) T$ o5 ] چالا پىشقان ئاشتىن كېسەللىك كېلۇر.) W; \4 l! |" }% uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[1310] ھولۇقما ھەر ئىشتا سەۋرىلىك زۆرۈر.
% j+ q# U' t* j! r سەۋرىلىك كىشىلەر تىلەككە يېتۇر.
" N0 J/ t: T1 ]6 S8 M G2 }1 I- Q; L 4) ئەخلاقى باھا مەسىلىسى: - بۇ ئەمىليەتتە ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى ئايرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش، ئۇنىڭ ئۆلچىمىنى ئىگەللەش بولۇپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىگ»دە بۇ ھەقتە كۆپ توختالغان.
/ r" M1 Z- t' W4 H كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىدا ياخشىلىق بىلەن يامانلىق بىر ئادەمنىڭ ئىش – ھەركىتى ۋە روھى دۇنياسىنىڭ مۇئەييەن ئەخلاقىي نىزام ۋە مىزانغا ئۇيغۇن كەلگەن – كەلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەك. سىنىپىي جەمىيەتتە ھەر قايسى سىنىپ ۋە تەبىقىلەرنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىق كۆز قارىشى ھەمد ئۇلارنى ئايرىش ئۆلچىمى ئوخشىمايدۇ، بۇ ئوخشىماسلىق كىشىلەرنىڭ سىنىپى مەيدان ۋە مەنپەئىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. لېكىن بۇ ھېچقاچان ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى ئايرىشنىڭ ئوبىكتىپ ئۆلچىمى يوق دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇ يەردە كونكىرېت مەسىلىنى كونكىرېت تەھلىل قىلىپ، بىر ئىش – ھەركەت ياكى بىرەر ئىجتىمائى تەشەببۇسنىڭ جەمىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ۋە تەرەققى قىلىشىغا پايدىلىق بولۇش – بولماسلىقى ھەمدە خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىش – كەلمەسلىكىگە قاراش كېرەك. ئومۇمەن ئېيتقاندا، سىياسىي جەھەتتىن جەمىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولغان ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىش – ھەركەت ياخشىلىق بولىدۇ، ئەكىس ھالدا بولسا، يامانلىق بولىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەشەببۇس قىلغان ياخشىلىق ھەم ئۇ قارشى تۇرغان يامانلىق ئۆز دەۋرىدىلا ئاكتىپ، ئىجابى مەزمۇن ۋە تەسىرگە ئىگە بولۇپ قالماستىن، بەلكى ھازىرمۇ رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە., e* h' } ? b+ rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[3271] خەلققە بېرىش نەپئى- ياخشىلىق ئېرۇر،4 T3 S! g" R; W% I* Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ نەپئى بىلەن خەلق تاپقاي ھۇزۇر.
0 \5 {8 x3 c8 C1 t6 F* A& g [3935] كىشى ياخشى دەر، كىمدۇر ئۇ ياخشى،
1 g5 @7 b7 b' o% @$ b. \" a كىشى دەردىگە داۋا بولسا شۇ ياخشى.) b2 a7 {0 I4 e5 Z! I! j! R; Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[345] يۈرى، ياخشىلىق قىل ئەي ياخشى كىشى،
6 z" ^9 I! h& q v9 n ئوڭۇشلۇق ھامان ياخشىنىڭ ئىشى.
4 g; u& C. I% D% X% w5 y بۇ يەردە ئالىم ياخشىلىقنى بىر ئادەمنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ خەلققە پايدىلىق بولۇشى ھەمدە ئۇنىڭدىن خەلق ھەقىقەتەنمۇ مەنپەئەت ئېلىپ خۇشال بولۇشى بىلەن زىچ باغلايدۇ. خەلققە كۆيۈنۈش، خەلقنىڭ غېمىنى يىيىش ۋە خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى بولسا، ياخشى ئادەمنىڭ تۈپ سۈپەتلىك بەلگىسى ۋە ياخشى ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسى شەرتى قىلىپ قويىدۇ.$ a1 `8 c( @$ Q; M1 uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئالىم يامانلىقنىڭ نىمىلىگى ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇنى يالغانچىلىق، كاجلىق ھەم بېخىللىق بىلەن باغلايدۇ ھەم بۇ قىلىقلار خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىگىلا ئەمەس، بەلكى شۇ قىلىقتىكى ئادەملەرنىڭ ئۆزىگىمۇ زىيانلىق ئىكەنلىگىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ:4 m. T, I" F5 u, tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[1676] بۇ ئۈچ نەرسە كىمدە بولسا بەخت كېتەر،
7 q; G0 n! M1 D: Y$ Z8 }/ U6 l" P بۇ ئۈچ نەرسە بىلەن ئېتىمۇ يۈتەر.8 G6 W( l0 }+ K8 lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[1668] بىرى كاجلىق ھەمدە قىلقتا ياۋۇز،
* q. _2 ]* @: x3 f- A# X يەنە بىرى يالغان قىلار بولسا سۆز.) e, }9 W& O8 `! ~9 v0 ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[926] كۆرەرمەن كىشىنىڭ قىلىغى گەر يامان،3 n+ P4 M5 V4 u3 c4 Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھۇزۇرى ئاز ئېرۇر، كۆپى پۇشايمان.+ n: j) N3 [. x1 h4 `( Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[349] تىلەككە يېتەر ياخشى كۈندە يېڭى،
' l( m5 O& G! {+ ~$ E& O كۈنىگە مىڭ ئارتار ياماننىڭ مۇڭى8 W1 U$ ]8 P j5 u/ bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ يەردە يامانلىقنىڭ، يەنى دۇرۇس يولدا ماڭمىغان، ئەخلاقىي نىزام ۋە قائىدىلەرگە رىئايە قىلمىغان ئادەملەرنىڭ تەقدىرىنى بەختسىزلىك، قايغۇ – ھەسرەت ۋە پۇشايمان بىلەن باغلايدۇ.
' v# h7 C0 D2 H$ w( ]6 T6 j* E0 h ماركىسزىملىق ئېتنىكا ئىلمى كىشىلەر ئۆزىنىڭ قىلغان ئىش ھەركىتىگە ئەخلاقىي جەھەتتىن تۇلۇق جاۋاپكار بولۇشىنى قاتتىق تەكىتلەيدۇ. ئەخلاقىي باھادىكى ئاساسىي مەقسەت – ئادەملەرنىڭ ئەخلاقىي جاۋاپكارلىق ئېڭىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈش، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەردە ياخشى ئىش، ياخشى قىلىق ئۈچۈن ئەخلاقىي جەھەتتىن رازى بولىدىغان، يامان ئىش، يامان قىلىقنى ئۆزى تەنقىتلەيدىغان بىر خىل ئىچكى روھىي كۈچنى شەكىللەندۈرۈپ، بۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئىش – ھەركىتىنى تاللاش، باھالاش ۋە ئۆلچەشتىكى قىبلىنامىسىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاقىي باھا مەسىلىسىدە، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق توغرىسىدىكى بايانى – ياخشىلىقنىڭ ۋە ياخشى ئادەمنىڭ سۈپىتى ۋە خۇسۇسىيىتى، ياخشىلىقنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى، ياخشى ئەخلاق، ياخشى قىلىقنى تاللىۋېلىش ۋە ياخشى ئادەم بىلەن دوست بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەم پايدىسى، شۇنىڭدەك يامانلىقنىڭ ۋە يامان ئادەمنىڭ سۈپىتى ھەم خۇسۇسىيىتى، يامانلىقنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى، يامانلىقنىڭ زىيىنى، يامان ئادەم، يامان قىلىقتىن يىراق تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە پايدىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك باي مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەمدە يەنە بىر قاتار ئەخلاقىي چۈشەنچە ۋە تەشەببۇسلارنىڭ بۇنىڭدىن 900 يىل بۇرۇن 11- ئەسىردىكى فېئوداللىق دەۋردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، ئالىمنىڭ ئەينى زاماندىكى ئەقىل – پاراسىتى ۋە بېرىپ يەتكەن ئەخلاقىي مەنزىلىنىڭ نەقەدەر يۈكسەك ۋە يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. U/ |8 ?1 q; n: e/ x% vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3. ئەخلاقىي تەربىيە مەسىلىسى «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىغا باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن مۇھىم بىر ئىدىيە. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، «قۇتادغۇ بىلىگ»نى ھەتتا بىر چوڭ ئەخلاقىي تەربىيىۋى ئەسەر دىيىشكىمۇ بولىدۇ.9 Z. k. o" r( K3 j; q+ Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەخلاقىي تەربىيە دىگىنىمىز – كىشىلەرنىڭ مۇئەييەن ئەخلاقىي بۇرچىنى ئورۇنلىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا مەقسەتلىك، ئۇزۇن مۇددەت ۋە تەكرار ھالدا تەسىر كۆرسىتىپ، كىشىلەر قەلبىدە مۇئەييەن ئەخلاقىي ئىدىيە ۋە پەزىلەتنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت. بۇنداق ئەخلاقىي ئىدىيىلەر تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ئادەتتە ئادەملەرنىڭ ئەخلاقىي قىلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ھەمدە ئادەملەر ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ سۆز – ھەركىتىگە باھا بېرىشتىكى ئەخلاقىي ئۆلچەمگە ئايلىنىدۇ.
/ |8 q2 L9 P' X; l1 H) r4 X ئالىم داستاندا پېرسۇناژلاردىن ئايتولدى ۋە ئۆگدۈلمىشنىڭ نەسىھىتى شەكلىدە ئاۋام خەلقمۇ ۋە ھۆكۈمدار بەگلەرمۇ ئەخلاقىي – پەزىلەت جەھەتتىن ئۆزىنى تەربىيلىشى لازىملىقى، گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇش – دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە بەخت – سائادەتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈر شەرتى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ:. T) X; H: W" \ y; Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[284] پەزىلەت كېرەك مىڭ تۇتۇشقا جاھان،
. Z# K" z4 }* p; q4 W) ^( G1 e. N قۇلان تۇتقىلى كۆر، كېرەك ئارسلان.
/ ], j: g; m( Y& [1 {# k [281] جاھاننى تۇتاي دەپ سۇنۇشقا ئىلىك.
; ~/ o8 q. c$ |0 m9 s; J كېرەك كۆپ پەزىلەت بىلەن كۆپ بىلىك
, D3 J( F* u& N9 E: |7 s, v بۇ يەردە مۇئەللىپ بىر تەرەپتىن ھالال ياشاش ۋە دۆلەتنى توغرا باشقۇرۇشنى گۈزەل ئەخلاقىي – پەزىلەت بىلەن باغلايدۇ، پەزىلەتلىك ئادەمنى قۇلان تۇتالايدىغان باتۇر ئارسلانغا ئوخشىتىدۇ: يەنە بىر تەرەپتىن گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتكە ئىگە بولۇشنى ئىلىم – پەن ئۆگىنىش، بىلىملىك بولۇش بىلەن باغلايدۇ. بۇنى يەنە بىر قانچە بېيتلاردىكى بىلىم كىشىگە ئەقىل – پاراسەت بېرىپ، ئۇنىيامان قىلىق ۋە يامان ئادەتلەردىن چەكلەپ تۇرىدىغانلىقى، بىلىم ئادەملەرنى يۇمشاق، مۇلايىم، تەمكىن، ئېغىر – بېسىق، چىداملىق ۋە غەيرەتلىك بولۇشتەك ياخشى قىلىق ۋە ياخشى پەزىلەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن تېخىمۇ ئوچۇق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.# v: t% {1 v2 @, Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئالىم يەنە داستاندا ھاجىپنىڭ ئايتولدىغا قىلغان نەسىھىتى شەكلىدە، ھاكىميەت بېشىدىكى ھۆكۈمدار – بەگلەرنى ئەمەلدار بولۇپ ھوقۇق تۇتۇش بىلەنلا، ئەقىل – ھۇشىنى يوقىتىپ كۆرەڭلەپ كەتمەي، تاكى قېرىپ ئالەمدىن ئۆتكىچە كىچىك پىئىل بولۇش، ئەلگە ياخشىلىق تىلەش ۋە خەلققە ياخشىلىق قىلىشتەك گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتكە ئىگە بولۇش لازىملىقىنى، ئۇنداق قىلمىغاندا، دۆلەتنى تۇتۇپ تۇرالمايلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ ئورنىنىمۇ ساقلاپ قالالمايدىغانلىغىنى ئەسكەرتىدۇ:
7 t" o3 f; Q4 H a r1 C. X. T [551] ئەي دۆلەت ئىگىسى بۇ دۆلەت بىلە –
3 V' ~1 I5 ^9 t+ g3 h تۇراي مەن دېسەڭ سەن ياخشىلىق تىلە.4 F. n. i+ {: U ?# }1 L% uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
[552] ساڭا تەگسە بەگلىك، ئۇلۇغلۇق نۇقۇل،, }! J, A* p! f. H9 U- V, sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاقارغىچە باشىڭ كىچىك پىئل بول.# O9 k S" I8 I; \0 v7 q( `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دەرۋەقە، ئالىمنىڭ بۇ تەلەپلىرى ئەينى زاماندا بىر ئوتۇپىيىدىن ئىبارەت بولسىمۇ، لېكىن مەلۇم دەرىجىدە رىيال تارىخنىڭ تەلىۋى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.' T5 n: N' I3 U0 S8 r% jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئادەملەردىكى گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتنى تەربىيىنىڭ مەھسۇلى دەپ قارايدۇ. ئالىمنىڭ نەزىرىدە، بىر ئادەمنىڭ يۈكسەك پەزىلەتكە ئىگە بولۇشى بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ ئۆزلىگىدىن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئەقلىي بىلىش قابىليىتىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرىشكە باغلىق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇنداق پەزىلەت دۆلەت ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىش ۋە پۇقرالار ئۈچۈن پايدىلىق خىزمەتلەرنى كۆپلەپ ئىشلەش جەريانىدا شەكىللىنىدۇ ۋە راۋاجلىنىدۇ. ئەسەردە تەشەببۇس قىلىنغان ئەخلاقىي تەربىيە مەزمۇن جەھەتتىن باي، مەنىسى كەڭ ۋە ئۇسۇلى ھەر خىل بولۇشتەك كۆپ تەرەپلىمىلىككە ئىگە. ئالىمنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى، بولۇپمۇ چوڭ دانىشمەن پەيلاسوپ، ئەخلاقلىق ۋە قانائەتچانلىقنىڭ سىمۋولى ئودغۇرمىشنىڭ كۈن تۇغدى ئىلىگ ۋە ئۆگدۈلمىش بىلەن قىلغان بىر نەچچە قېتىمقى سۇئال – جاۋاپ شەكىللىك سۆھبىتىدە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ، بىز بۇيەردە ئايرىم نەقىل كەلتۈرۈپ ئولتۇرمايمىز، پەقەت شۇنىلا ئەسكەرتىپ قۇيىمىزكى، گەرچە ئەخلاقىي تەربىيە توغرىسىدىكى بۇ قاراشلار ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ۋە رىيال تۇرمۇشتىن ئايرىلغان پەندى – نەسىھەت تۈسىنى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئالىمنىڭ ئەينى زاماندا ئەخلاقىي تەربىيىگە ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي رۇلىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەنلىگى، بۈگۈنكى كۈندە ئەخلاقىي تەربىينىڭ مۇھىملىقى ۋە رۇلىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تۇنۇشىمىز ئۈچۈن بىزنى قىممەتلىك ئىدىيىۋى ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭ ئۈستىگە ئۇدغۇرمىشنىڭ رىيال دۇنيادىن تامامەن قول ئۈزۈپ، زاھىتلىق يولىغا مېڭىشتەك تەربىيلىنىش ئۇسۇلىغا كۈنتۇغدى ئىلىگ بىلەن ئۆگۈلمىشنىڭ قېتىلمايدىغانلىغى، ئۇلار ئۇدغۇرمىشنى جەمىيەت خىزمىتىگە قاتنىشىش ۋە خەلققە پايدا يەتكۈزۈشكە دەۋەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ھەقىقى بەخت – سائادەتنى خەلققە خىزمەت قىلىشتىن ئىزلەشتەك ئالىجاناپ پەزىلەتنى تۇتۇتقانلىغى – يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەخلاقىي تەربىيە توغرىسىدا يەتكەن مەنزىلىنىڭ ئادەتتىكىدىن كۆپ دەرىجىدە ئۈستۈن تۇرىدىغانلىغىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
n8 d8 v. b& _, ^& s, ]! a2 g «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانى 11- ئەسىردە دۇنياغا كەلگەن بىر چوڭ ئەدىبىي، ئىجتىمائى ئەسەر؛ بۇنىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ شۇ دەۋردە تۇنۇلغان ئاتاقلىق بىر سىياسىي ئەرباپ ۋە قاراخانىلار ھۆكۈمدارى ئۇبۇل ھەسەن بۇغراخاننىڭ خاس ھاجىپى بولغاچقا، پەلسەپە تارىخى ۋە ئېتنىكا تارىخىدىكى بارلىق ئىدىيىۋى مىراسلارغا ئوخشاشلا بۇ داستاندا بايان قىلىنغان ئىجتىمائىي ئەخلاقىي ئىدىيىلەرمۇ تارىخىي شارائىتنىڭ چەكىلمىسى ۋە ئالىمنىڭ سىنىپىي ئورنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي قالمىغان. ئالىم بىر تەرەپتىن كىشىلەرنى خەلق ئاممىسىنىڭ غېمىنى يىيىش ۋە ئۇلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە دەۋەت قىلىپ، خەلققە خىزمەت قىلىشنى ئەڭ چوڭ بەخت ۋە يۈكسەك گۈزەل ئەخلاق دەپ بىلسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ بۇ ئەخلاقىي تەشەببۇسىغا زىت كېلىدىغان بەزى پاسسىپ پىكىر ۋە كۆز قاراشلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. مەسىلەن: ئۇ ئاۋام خەلقنى « يېنىك ھەم ئالدىراقسان، قوپال ۋە شاللاق» مىجەزلىك كىلىدۇ. خەلقنىڭ «رەڭگى قارا، بەگلەر ئاق» بولىدۇ، دەپ ئاممىنى پەس كۆرىدىغان ۋە ھۆكۈمران خان – بەگلەر تەبىقىسىنى ماختاپ كۆككە كۆتىرىدىغان خاتا ئىدىيىنى تەرغىپ قىلغان؛ خەلق ئاممىسىنى «قوپال»، «سوغاق»، «قىلىقسىز»، «بىلىمسىز، ئەقلى يوق» دەپ، ھۆكۈمران گورۇھلارنى بولسا قائىدە – يۇسۇننى بىلىدىغان، سىلىق، ئەدەپلىك، بىلىملىك ۋە ئەقىللىق دەپ سۈپەتلىگەن ھەمدە ھۆكۈمران گوروھلارنى ئاۋام خەلقتىن يىراق تۇرۇشقا دەۋەت قىلغان. لېكىن شۇ ئاۋام خەلقسىز «ھېچقانداق ئىشنى قىلغىلى بولمايدىغانلىغى»نى كۆزدە تۇتۇپ، يەنە بۇ ھۆكۈمدار بەگلەرنى «كۆڭۈلدە غەش ساقلىماي» ئاممىغا « ياخشى سۆزلۈك بولۇش » قا نەسىھەت قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە خەلق ئاممىسىنى «گېلىدىن بۆلەك ھېچنىمىنى ئويلىمايدىغان»، «شۇ بىر گال ئۈچۈن» ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايدىغان، ھەتتا «چىڭ تۇتمىسا، ھاكىم بولۇشقىمۇ ئورۇنىدىغان» ياۋايى مەخلۇققا ئوخشىتىپ، ھۆكۈمران سىنىپلارنى بۇنىڭغا «دىققەت قىلىش» ئۆزنى «ياخشى كۆزىتىش» ۋە خەلقنى «چىڭ تۇتۇش»قا ئاگاھلاندۇرغان ۋاھاكازالار.0 A* V# M& ]7 q/ a Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شۇڭا بىز «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىنى، جۈملىدىن، ئۇنىڭدىكى ئىجتىمائىي ئەخلاق مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلغاندا، مەسىلىنى ماركسىزىملىق دىئالېكتىك ماتىرىيالىزىم ۋە تارىخىي ماتىرىيالىزىم نوقتىئىنەزىرى بىلەن كۈزىتىپ، بىر تەرەپتىن ئۇنى مۇئەييەن تارىخىي شارائىت ئاستىغا قويۇپ كونكىرىت تەھلىل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقنىڭ مەدەنىيەت غەزىنىسىدىكى بۇ بىباھا گۆھەرنىڭ قىممىتىنى دىگۈدەك باھالاپ، ئۇنى تولۇق قىزىپ چىقىشىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ تارىخىي ۋە سىنىپىي چەكلىمىلىگىنىمۇ يېتەرلىك مۆلچەرلەپ، شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ، مېغىزىنى تاللىۋېلىشىمىز لازىم.* e* E& {; f; [- J, N' Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
« شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژورنىلى » 84- يىل 4- ساندىن ئېلىندى.
5 I4 O+ |& W d- R9 X2 ~+ I ئامانۇللا
7 g) y/ R! A8 P5 X+ D3 Y% g |
|