روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 5092|ئىنكاس: 25
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مودا گاڭنام ئۇسسۇلىنى سىزمۇ ئوينىيالامسىز؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم كونىلار ئېشەك-ئېشەكتىن كىيىن قالسا قۇلىقىنى كەس دەپتىكەن.ئۇنداقتا ئادەم-ئادەمدىن كىيىن قالسىچۇ؟21-ئەسىردىكى بۇ رىقابەت دەۋرىدە ئەلۋەتتە سىز-مەندىن،مەن-سىزدىن كىين قالمايمىز.بۇگۇنى بىرەر نەرسە دۇنياغا كەلسە،ئەتىسى ئۇ نەرسە بىزنىڭ تەئەللۇقاتىمىزغا ئايلىنىدۇ.مەيلى ئۇ نەرسە نېمە بولسا-بولسۇن بىزمۇ بوش كەلمەستىن دەرھاللا ئۇيغۇرچىسىنى ياكى مۇسۇلمانچىسىنى ئاپىرىدە قىلىمىز.خوش! ئۇنداقتا گېپىمىزنىڭ ئاساسى تېمىسىغا كەلسەك،يېقىندىن بېرى بولۇپمۇ 2012-يىلنىڭ ئاخىرقى يېرىم يىلىدا دۇنياغا كۆز ئېچىپ، بىر كىچىدىلا ھەممىگە مەشھۇر بولۇپ كەتكەن مودا گاڭنام ئۇسسۇلىنى سىزمۇ ئوينىيالامسىز؟ ئوينىيالماسلىقىڭىزغا ئىشەنمەيمەن.ئەگەر ئۇنى ئوينىيالمىسىڭىز زامانغا لايىق مەدەنىي ياشىمىغان بولىسىز. شۇنداق بولسىمۇ بۇ ئۇسسۇلنىڭ ئويناش ئۇسۇلى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى. قىنى مەرھەمەت!           ' G0 |" Z" n) I+ `; M) rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  ئالدى بىلەن قارا كۆزەينەكتىن بىرنى تاقاپ ئۆيىڭىزنىڭ كەينى ھويلىسىغا،ئۆيىڭىز بىنا ئۆي بولسا بىرەر ساياھەت ئورۇنلىرىغا بارىسىزدە،كارۋات شەكىللىك ئورۇندوقتا بايۋەتچىلەرچە يېتىپ،بالىڭىز ياكى ئېنىڭىزنى قېشىڭىزغا چاقىرىپ ‹ھوبا گاڭنام ستايل›دەپ جىنىڭىزنىڭ بارىچە ۋارقىرايسىز. بۇنداق دىسەم ‹قېشىڭزىڭىزدىكى ئادەمنى يىنىڭغا چاقىر›دىگەن گەپ ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ!بۇ دىگەن كورىيانچە مەزكۇر ئۇسسۇلنىڭ باشلانغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان جاكارنامە.دىيەلمىسىڭىز ‹ھوبا..›نىڭ كەينىگە مىللىتىڭىزنىڭ ياكى يۇرتىڭىزنىڭ ئىسمىنى قوشىۋەتسىڭىز بولىدۇ.ئۇنىڭغا ئۇلاپلا ئەسەبىيلەرچە قىيا-چىيا سىزنىڭ ياتقان يېرىڭىزدىن قوپۇپ،ئات ئېغىلىغا كىرىشىڭىزگە ئۈندەيدۇ.بۇنىڭدىن چوقۇم ئات ئېغىلىغا كىرىش شەرت دىگەن مەنا چىقمايدۇ. بۇمۇ ئەلۋەتتە ئۆز ئىھتىياجىڭىزغا قاراپ بولىدۇ.بولسا ئات،بولمىسا ئېشەك،كالا،چوشقا ئېغىللىرى بولسىمۇ بولېۋىرىدۇ. كىرگەندە چوقۇم شاھ ھوزۇرىغا كىرىپ كىتىۋاتقاندەك مەغرۇر ماڭسىز بولمىسا سىزدىكى ئەركەكلىك ۋە مەردانىلىك نامايەن بولماي قالىدۇ.  ئۇ يەرگە  كىرىپ ئۇ ھايۋانلارغا ھەلەپ بېرەمدۇق دېدىڭىزما؟ ياق،بۇ دېگەن مودا ئۇسسۇلنىڭ ئېغىلدىن باشلىنىشى. ئىككىنچى قەدەمدە نەدە ئېگىز بىنا بولسا شۇ يەرگە چىقىسىز.بولسا جۇدۇنلۇق كۇنلەردە ئىككى تەرىپىڭىزگە ئىككى ئاشنىڭىز ياكى مۇھەببتىڭىزنى ئەگەشتۈرۈپ چىقىسىز. بۇنىڭ مەنىسى جاپايى مۇشەققەتتىمىۇ سىلەرنىڭ بىرگە بولالايدىغانلىقىڭلارنى چۈشەندۈرىدۇ.دىققەت قىلىدىغان يېرىڭىز بوران-چاپقۇندا مېڭىۋاتقىنىڭلاردا ناخشا ئېيتقاچ ئەخلەت-چاۋا، توپا-چاڭلارنىڭ ئېغىزىڭىزغا كىرىپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەرگىز ئېغىزىڭىزنى يۇمۇۋالماڭ!ئەكىسچە بولسا ئۇسسۇلنىڭ جۇشقۇنلىقىغا تەسىر يەتكۈزىسىز.ئاندىن ئۇسسۇلنىڭ ئاخىرىنى مۇنچا،قىمار سورۇنى،كوچا ئاپتۇبۇسى، ئۇرۇش مەيدانلىرىغىچە بېرىپ داۋاملاشتۇرىسىز. ئەمما مەيلى ئۆيدە، مەيلى باغچىدا،ئېغىلدا ۋە ياكى سىزگە ئاشىقلىقىدىن يولىڭىزغا مۇنتەزىر بولۇپ، ماڭغۇدەك ماجالى قالماي ئۆمىلەپ قالغان ئاشۇ بىچارە مەزلۇملار ئالدىدا بولۇڭ، ھەرگىز تەخەيچىلاپ مېڭىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ!شەكلىڭىزدىن سەبىيلىكىڭىزدىكى تال-چىۋىقنى ئات ئىتىپ مىنىپ غەمسىز ئويناپ يۈرگەن ئاشۇ شادىمان بالىلىق دەۋرىڭىزدىكى شۇ خىل يۈگىرەش ھالىتى ئەكىس ئەتسۇن.يەنە بىر تەرەپتىن سىزنى ساقلايمىز دەپ شۇنچىلىك  بەدبەشىرە ھالغا چۈشۈپ قالغان ھىلىقى مەزلۇملارنى بولسا، تېلىقىپ-تېلىقىپ مەسخىرە قىلىپ كۈلۈڭ!بۇ ئارقىلىق سىزنىڭ ئەركەكلىكىڭىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا يەنە بىر قىتىم نامايەن بولىدۇ.ئۇسسۇل شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ سامانلىق ،يەر ئاستى ماشىنا قويۇش ئۆيلىرىگىچە كىڭىيىدۇ-دە،بۇ يەرلەرمۇ سىزنى كەڭرى سەھنە بىلەن تەمىن ئېتەلەيدۇ.ئەلۋەتتە ھەممىلا يەرلەردە تىز ھەرىكەت قىلىش بۇ ئۇسسۇلنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەمەس. ئاشنىڭىز ياكى مۇھەببىتىڭىزنى‹ بى ئار تى › بىكەتلىرىدە ئۇچراتقىنىڭزدا يىڭىدىن كېسەلدىن ساقىيىپ ئورنىدىن تۇرغان ياكى تاماق يىمىگىلى بەش كۇن بولغان ئادەمدەك لەرزان ھالدا غۇلىچىڭىزنى كېرىپ سىپايە قەدەملەر بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ئالدىغا بارىسىز. ئۆيىڭىزگە قايتقاندا بولسا،ئايالىڭىزغا بولغان ساداقەتمەنلىكىڭزنى بىلدۇرۇش ئۈچۈن قول- پۇتلىرىنى تۇتۇپ،چات ئارلىقىدىن ئۆتىسىز.  ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى، بۇ ئۇسسۇل ھەر قانداق ئادەم ۋە ھەر قانداق  شەخىسكە ماس كىلىدىغان بولۇپ، مەيلى تاغ-مەيلى باغ ھەتتاكى ھاجەتخانىلاردا بولسىمۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ شارائىتىگە ماس كىلىدۇ. ئاخىردىكى مۇھىم ئەسكەرتمە شۇكى:مەزكۇر ئۇسسۇلنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، پۈتۈن كۈچىڭىزنى كاسسىڭىزغا يىغىپ،جان-جەھلىڭىز بىلەن نەرە تارتقاچ بىلىڭىزنى 360گىرادۇسلۇق ئىلاستىكىلىقىنى ئەينەن نامايەن قىلىش، بۇ ئۇسسۇلنىڭ زاماننىڭ كەينىدە قالغان مەتۇ ستايىل ئەمەس بەلكى مودا «گاڭنام ستايىل »ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بېرىدىغان يارقىن نوقتا بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. 0 K# W; C. L+ B2 ~( x0 o7 Q& Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم!مانا بۇ كورىيەنىڭ بىر كىچىدىلا دۇنياغا تونۇلغان داڭلىق گاڭنام  ئۇسسۇلى بولۇپ ، خاتالاشمىسام بۇ خۇددى كىيىم-كىچەكلىرىنى سېلىۋىتىپ كوچىدا ھاياسىز ماڭغان بىر ئادەمنىڭ بىر كىچىدىلا ئاخبارات-ئېنتىرنىت تورلىرىدا غۇلغۇلا قوزغىغان بىر ئىشقا ئوخشايدىغۇ دەيمەن. ئۇنداقتا ئويلاپ كۆرەيلى!ناخشا-ئۇسسۇلدىن قايسى شەكىلدە زوق ئالىمىز؟ كىشىلەرنىڭ غىتمەك ھالدا ھەييارلىق قىلغانلىرى بىزگە قانچىلىك ھوزۇر ئاتا قىلار؟ياكى بولمىسا بىرەر يىغىلىشلاردا مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ نامايەندىسىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلىقىمىزنىڭ بارغانسېرى ساپلىقنى يوقىتىپ چاڭلىشىپ كىتىۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىپ قويۇپ ، يالغۇز يەردە بولسا شالۋىقىمىزنى ئېقىتىپ تۇرۇپ كۆرەمدۇق؟بىر مىللەتنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى،ئىجادىيىتى پەقەت شۇ مىللەتكىلا بېرىلىدىغان بىر ئۇنۋان ئەلۋەتتە. 8 p& k* Y. C5 W+ w8 r8 V* z7 N0 jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
خوش قېرىنداشلار  ئۇنداقتا بۇ ئۇسسۇل بىزنىڭ مەنىسنىمۇ چۈشەنمەستىن شەكلىگە تەڭ سەكرىشىمىز، كىچىك بالىنىڭ چوڭلار كۈلگەندە چۈشەنمىسىمۇ تەڭ كۈلگىنىگە ئوخشاش بىر ئىشقۇ دەيمەن. ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزى ياراتقان نادىر ئۇسلوبى بار. شۇنڭدەك بىزنىڭمۇ ئەجدادلىرىمىز ۋە ئۆزىمىز ياراتقان ھايا ۋە غورۇرنى،مەردۇ-مەردانىلىقنى ئاساس قىلغان ئۆلمەس ناخشا-ئۇسسۇللىرىمىز،ئۇسلوبلىرىمىز ئۆزگىلەرنىڭكىدىن ئەسلا قىلىشقۇچىلىكى يوق. بۇنى ئېتوت-كۇلدۇرگىلەر ۋە مەتبۇئاتلار ئارقىلىق  قارغۇلارچە چوقۇنۇش خاھىشىنى قامچىلاۋاتقان بولسىمۇ،ئەپسۇس بۇ خىل خاھىش نېمىدىن توسسا شۇنى قىلىدىغان كەپسىز بالىنىڭ تىمسالى بولۇپ قالماقتا. مانا بۇ داڭلىق گاڭنام ئۇسسۇلىنىڭ مەن چۈشەنگەن مەزمۇنلىرى. ئۇنداقتا دوستۇم ئېيتىپ بېقىڭ، سىزمۇ گاڭنام ئۇسسولىنى ئوينىيالامسىز؟نېمە ئۈچۈن ياق؟نېمە ئۈچۈن ھەئە؟

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4تەجرىبە +28 ئىناۋەت +16 تەڭگە +22 بايلىق +20 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
ئاچىل377 + 7 يارايسىز
dihanogli + 18 + 6 + 4 + 10 + 5 ياخشى تېما
yulgun9939 + 7 يارايسىز
پىلال + 10 + 10 + 4 + 10 + 5 قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2013-2-13 18:32:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى توغرا ئويلاپسىز.
, T. c: r0 l: ~" i3 Q2 {3 J% s2 lئاجايىپ ئىش دىسە ! بۇنداق مەدەنىيەت  نىمانچىۋالا تىز يۇقىدىغاندۇ!% z, C1 |  _3 u* I3 r) ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تېخى تولۇق دادا ... دەپ تىلى چىقمىغان بالا قاراپ تۇرسام ‹‹ھوپپام گامناستام،ھوپ،ھوپ...›› دەپ يۈرۈيدۇ. # E8 J( D# ?+ {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھەي.........................................
ۋاقتى: 2013-2-13 18:39:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلۋۇزۇردا قېرى ئويغۇر بوۋاينىڭ گامنام ئۇسۇلى دەپ ئويناپ كەتكەنلىرىنىچۇ ، ياقامنى تۇتۇپ توۋا دەپ قاپتىمەن ، قارىسام دادام دىمەتلىك ئادەم ئىكەن ،ئو ئادەمگە قاراپ ، دادامغا قاراپ ، خۇداغا مڭ شۈكرى ، دادام ھەجەپمۇ پاكىز چوڭ سۈپەت  قېرىپتۇ ، دىدىم ، تېخى ئو ئادەمنىڭ گامنام ئوسۇلىنى ، «بىزنىڭ ياش ۋاقتىمىزدا ئوينايدىغان بىر نىمە ...ئوسۇلى ئىكەن »دەپ چۈشەندۈرۈپ ئويناپ كەتكىنى نىمە دەي ، قېرىغاندا باللىرىنىڭ ئىنساۋىغا دۇئا قىلىپ ئولتۇرسىچۇ دەپ قالدىم
ۋاقتى: 2013-2-13 19:48:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزقارشىڭىز مەن بىلەن ئوخشاشكەن...قايسى كۈنى تىلىۋىزور كۈرۈپ ئولتۇرسام ھىلىقى بىر ئىلان بارغۇ ئەتىر ماختاپ چىقىدىغان..قارىسام يەنە شۇ گاڭنام ستايل نى كىرىشتۈرۈپ .....مۇشۇ ناخشا چىققاندىمۇ ئاڭلاپ قالسام بېشىم ئاغرىيتتى،،ئىلاننى كۈرۈپ تاس قالدىم قولۇمدىكى تىزگىنەكنى تىلىۋىزورغا ئاتقىلى.....
ۋاقتى: 2013-2-13 21:04:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا خۇدا،مەنلا ئۆچمەنمىكىن دىسەم بۇ بىرنىمىگە...........
2 y$ q/ y9 ~3 i- U6 W9 s+ bنەدىن پەيدا بولغان بىرنىمە بۇ؟
4 J  S+ w' W6 }( d" ]$ a8 ]0 G' oتېخى بىزنىڭ ناھىيىدىكى بىر يېزىدىكى خەنزۇ مەكتەپنىڭ ئايال مۇدىرى بۇ ئۇسۇلنى ئەتىگەنلىك گىمناستىكىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپتۇدەك.

باھا سۆز

شۇنداقمۇ ئىش بارمىكەن، توۋا دىمىسەك بىكار... كۈلۈش تەس ئەمەس، كۈلۈۋاتقانلارغا جور بولۇش تەس...  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2013-2-13 21:34
ۋاقتى: 2013-2-13 21:34:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arkinjuma يوللىغان ۋاقتى  2013-2-13 21:04 + M5 ]4 R- M4 d+ `0 w  hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاللا خۇدا،مەنلا ئۆچمەنمىكىن دىسەم بۇ بىرنىمىگە........... ...

$ u: y$ a3 I; ]3 W. I% L% Lشۇنداقمۇ ئىش بارمىكەن، توۋا دىمىسەك بىكار...
, n8 v5 X( O. ]; eكۈلۈش تەس ئەمەس، كۈلۈۋاتقانلارغا جور بولۇش تەس...
ۋاقتى: 2013-2-13 23:55:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ شىنجاڭ سىتايل، مانا بۇ شىنجاڭ سىتايل، مانا بۇ خوتەن سىتايل ئۆرگىلەي بۇ ناخشىلاردىن
ۋاقتى: 2013-2-14 12:48:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارنىڭ مەدنىيىتىنى ئۆگىنىش كېرەك ،بىراق قارغۇلارچە ئەمەس،
( k/ ^: u3 n# M7 o5 f) Q  oبىزنىڭ ئۇسۇللىرىمىزمۇ باشقىلارنڭكىدىن قېلىشىدىغان ھېچ قانداق يېرى يوق ،مەنمۇ ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن بۇ ئۇسۇلنى
ۋاقتى: 2013-2-14 19:52:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇسۇلنى ئۈگەنگۈچە 12 مۇقام، يەرلىك مەشرەپ ئۇسۇلىنى ئۈگەنسڭچۇ، مىللىيچە ئۇسۇل ئويناشنى بىلمەيدىغانلار گامنام ئۇسۇلىنى بىلىدىكەن دىسە،

باھا سۆز

توغرا! مىللىيچە ئۇسۇلنى ئويناشنى بىلمەي تۇرۇپ دېسكونى مانا مۇشۇنداق ئۇسۇلنى تېزلا ئۆگىنىۋالىدۇ ، تېخى بەك ئۇ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2013-2-15 20:16
ۋاقتى: 2013-2-14 20:53:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىنىڭ شاكىلى ئەخلىتى بولسا شۇنى ئارزۇلاپ تالىشىپ يۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋالىمىز !بۇ ئىشلار نىمە بىلەن مۇناسىۋەتلىككىن ھېچ بىلمىدىم!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-19 08:17

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش