ئۆز ۋاقتىدا سابىق يۇگۇسلاۋىيەدىن ئايرىلىپ چىققان دۆلەت بوسنىيەنىڭ رەھبىرى ئەلىيە ئىززەتبىگوۋچقا بوسنىيەلىك مۇسۇلمانلار شىكايەت قىلىپ:
- قارىماملا، بۇ يەردىكى (بوسنىيەدىكى) خرىسىتىيانلار چىركاۋنىڭ مۇنارىنى ئېگىز قىلىشتا بىز بىلەن بەسلىشىدۇ. چىركاۋلىرىنىڭ ئۈستىدىكى كىرىسىت بەلگىسىنى بىزنىڭ مەسجىدلىرىمىزنىڭ ئۈستىدىكى ئاي يۇلتۇز بەلگىسىدىن ئېگىز قىلىۋالىدۇ. بۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىغىمىز كېلىدۇ! – دېگەندە، ئىززەتبىگوۋچ:
- مۇشۇنچىلىك كىچىك ئىشلارغىمۇ جىلە بولۇپ يۈرەمسىلەر؟! ئۇلار ئېگىزلەتسە ئېگىزلىتىۋەرسۇن. بەرىبىر بىزنىڭكىگە يېتەلمەيدۇ. قارىمامسىلەر، بىزنىڭ ھىلال ئاي بىلەن يۇلتۇز ئەنە ئاسماندا (ئەڭ ئېگىز يەردە) تۇرمامدۇ؟! – دەپ جاۋاپ بېرىپتىكەن.
ھەقىقەتەن ئېسىل جاۋابكەن، قەلب خاتىرەمگە يېزىۋالدىم |