(مۇنبەرداشلارنىڭ تەلىپى بويىچە ھەممىسى مۇشۇ بەتكە يىغىنچاقلاندى. يازمىنىڭ كۆپ، رەسىملارنىڭ سىغىمچانلىقىنىڭ يوقىرى بولۇش تۈپەيلى، بەلكىم ئۇزۇنراق ۋاقىتتا نورمال ھالەتكە ئۆتۈشى مۇمكىن. شۇڭا تېمىنى ئېچىپ بولۇپ ئازراق ساقلاڭ.)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
تۆت ئەرەب دۆلىتىگە قىلغان 20 كۈنلۈك ساياھەتتىن تۈنۈگۈن قايتىپ كەلدۇق. سۈرىيە دەمەشىق، خۇمۇس؛ لىۋان بېيرۇت؛ ئىئوردانىيە ئوممان، ئەقەبە؛ مىسىر قاھىرە، ئىسكەندىرىيە شەھرىنى ساياھەت قىلدۇق. نۇرغۇن رەسىم تارتتىم. رەسىملەرنى مەزمۇنغا ماسلاشتۇرۇپ يوللايمەن. تۇنجى بولۇپ ئەلكۈيى مۇنبىرىگە يوللىدىم. تەستىقلانسا، ئاخىرىغىچە تولۇق يوللايمەن. تەستىقلانمىسا يوللىمايمەن.
قىسقا مۇندەرىجىسى مۇنداق:
(1) ۋىزا ئېلىش
(2) ئايرۇپىلاندا
(3) سۈرىيە: دەمەشىق شەھرى مەنزىرىلىرى
(4) سۈرىيە: ئەمەۋى مەسجىدى، بىلال ھەبەشى مازىرى، سالاھىددىن ئەييۇبى مازىرى
(5) سۈرىيە: خۇمۇس شەھرى، خالىد بىن ۋەلىد جامەسى
(6) لىۋان: بېيرۇت شەھرى
(7) ئىئوردانىيە: ئوممان
(8) ئىئوردانىيە: ئەقەبە پورتى
(9) قىزىل دېڭىزدا پاراخوتتا
(10) مىسىر: نۇۋەيبە
(11) مىسىر: قاھىرە
(12) مىسىر: پاتىمىيلەر سۇلالىسىنىڭ يادىكارلىقلىرى
(13) مىسىر: ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتى
(14) مىسىر: نىل دەرياسى بويىدىكى مەنزىرىلەر
(15) مىسىر: مەملۇكلاردىن يالدامىلار
(16) مىسىر: قاشاڭ مۈشۈكلەر
(17) مىسىر: مېھماندوست ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز
(18) مىسىر: ئىسكەندىرىيە كۈتۈپخانىسى، قەدىمىي قوليازما ئەسەرلەر
(19) مىسىر: ئىمام شافىئىي مەسجىدى
(20) مىسىر: ئەمىر ئىبنى ئاس جامەسى
(21) مىسىر: بۇ تاكسى شوپۇرىدىن قاتتىق تەسىرلەندۇق
(22) مىسىر: ئوسمانلى يادىكارلىقلىرى
(23) مىسىر: قاھىرە ئايدىرومىدا
(24) ئىستانبۇلغا قايتتۇق
(25) خاتىمە
سەپەر جەريانىدا كۆرگەن بىلگەنلىرىم، تارتقان سۈرەتلىرىم، خاتىرە دەپتىرىمگە يېزىۋالغانلىرىمنى ئاستا ئاستا يوللايمەن. باشقۇرغۇچىلار مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ قويساڭلار.
(1) ۋىزا ئېلىش
بىر قانچە يىل بولدى، قىشلىق تەتىل ۋە يازلىق تەتىللەردە ئالدىراشچىلىقتا تۈزۈكرەك دەممۇ ئالالمىدۇق. مىسىرنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتىم. ياز پەسلىدە ھاۋا بەك ئىسسىق بولىدىكەن دەپ ئاڭلىغاچقا، مىسىرغا قىش پەسلىدە بېرىپ ساياھەت قىلىشنى نىيەت قىلدۇق. مىسىرنىڭ پىلانىنى سوقۇپ ئولتۇرساق، سۈرىيەگە ئوقۇشقا چىقىپ كەتكەن يېقىن دوستۇم نازمىيە تېلېفون قىلىشقا باشلىدى:
- ئاۋۋال سۈرىيەگە كېلىڭلار، بۇ يەردە ئوقۇش ئىشلىرى بەك ياخشى ئىكەن. دەمەشىقنى كۆرگەندىن كېيىن باشقا يەرگە بېرىڭلار. بىزگە ئالغاچ كېلىدىغان نەرسىلەر بارتى...
- ماقۇل، ئۇنداقتا ئاۋال سۈرىيەگە بارايلى. دەمەشقنى ئىككى ئۈچ كۈن كۆرگەندىن كېيىن، مىسىرغا ماڭارمىز. نازمىيە ساڭا ئالغاچ بارىدىغان نەرسىلەر 40 كىلودىن ئاشمىسۇن. بەك ئېغىر بولسا ئاپىرالمايمىز.
- رەھمەت! سەن ئەنقەرەگە بارغاندا دادام ئامانەتلەرنى ساڭا بېرىدۇ.
ــــــــــــــــــــــــــــ
بۇ دوستىمىزنى بەك ياخشى كۆرەتتۇق. يولدىشى مەھمەت ئابىمۇ بەك ئېسىل ئادەم ئىدى. بەش ياشلىق بىر قىزى، بىر يېرىم ياشلىق بىر ئوغلى بار ئىدى. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىىسى بولغان مەھمەت ئابى ئەنقەرەدە بىر قانچە يەردە شەخسى مەكتەپ ئاچقان بولۇپ، ئايالى نازمىيە ھاجەتتەپە ئۈنىۋېرسىتى سوسيولوجى (جەمىيەتشۇناسلىق) كەسپىدە ئوقىغان، توي قىلغاندىن كېيىن ئائىلىدە يولدىشىغا ياردەملەشكەچ بالا تەربىيىلەشنى نىيەت قىلىپ، سىرتتا خىزمەت قىلمىغان ئىدى.
بۇ ئەر-خۇتۇنلار ئەرەپچىنى پىششىق ئۆگىنىش ۋە بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەشنى نىيەت قىلغاندىن كېيىن، ئۈچ ئاي ئىلگىرى ئەنقەرەدىكى مەكتەپلىرىنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ ماشىنىسىدا لازىملىق نەرسىلىرىنى ئېلىپلا سۈرىيە دەمەشق شەھرىگە كۆچۈپ كەپتىكەن. سۈرىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ۋىزا قالدۇرۇلغان بولغاچقا، ئۇلار سۈرىيەگە خۇددى خوتەندىن قەشقەرگە بارغاندەكلا بارىدىكەن. (كىچىك ماشىنىدا يەتتە سائەتتە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى)
................................................
نازمىيەنىڭ تېلېفونىنى ئالغاندىن كېيىن، يولدىشىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئاۋۋال سۈرىيەگە بارىدىغان بولدۇق. يولدىشىم تۈركىيە پۇخراسى، مەن بولسام جوڭگۇ پۇخراسى. سۈرىيە تۈركىيەلىكلەردىن ۋىزا تەلەپ قىلمىغان بىلەن، مەن قولۇمدا ۋىزا بولمىسا، سۈرىيە چېگرىسىدىن كىرەلمەيدىكەنمەن. شۇڭا ئاۋال ماڭا ۋىزا ئالماقچى بولدۇق.
كومپىيوتېرنى ئېچىپ گۇگۇلغا كىرىپ ئىستانبۇلدىكى سۈرىيە ئەلچىخانىنىڭ ئادرىسى ۋە تېلېفون نۇمۇرىنى تېپىپ تېلېفون قىلىۋەتكەندىن كېيىن يولدىشىم مېنىڭ ئىككى تال رەسىمىنى ۋە پاسپورت، ئىقامەتلىرىمنى ئېلىپ سۈرىيە ئەلچىخانىسىغا كەتتى. بىر قانچە سائەتتىن كېيىن بىر جەدىۋەل ئېلىپ كەپتۇ. جەدۋەلنى توشقۇزدۇم. "سىز ئىشغال قىلىۋېلىنغان پەلەستىنگە بېرىپ باقتىڭىزمۇ؟" دەيدىغان بىر كاتەكچە باركەن، "ياق، بارمىغان" دەپ توشقۇزدۇم. ئەسلى ئىسرائىلىيگە بېرىپ باققانلارغا سۈرىيە ۋىزا بەرمەيدىكەن ئەمەسمۇ! ئەتىسى جەدۋەلنى تاپشۇرۇپ بېرىپ، ۋىزا پۇلىسىنى بانكا ھېساپ نۇمۇرىغا يوللاپ بىر كۈندىن كېيىن پاسپورتۇمغا ۋىزا چاپلاپ، تامغا بېسىپ بېرىپتۇ. (رەسمىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يولدىشىم بىجىردى)
ئەمدى نۆۋەت مىسىر ۋىزىسىغا كەلدى. يەنە شۇ گۇگۇلدىن ئادرىس، تېلېفۇن نۇمۇرىنى تېپىپ ئەلچىخانىغا بېرىپ جەدىۋەل ئەكىلىپ توشقۇزغاندىن كېيىن، بىر ھەپتە ساقلاپ، مىسىرغا بىر ئايلىق ساياھەت ۋىزىسى ئالدۇق.
ئەنقەرەگە مەكتىپىمگە بارغانتىم. قايتىدىغان چاغدا نازمىيەنىڭ دادىسى بىلەن ئانىسى"قىزىمىزغا، نەۋرىمىزگە كۆپ سالام ئېيتقىن! بالىلار سۈرىيەنىڭ پەينېر، زەيتىن (زەيتۇن)لىرىغا بەك كۆنەلمەپتۇ. قىزىم سېرىق ماي بولمىسا تاماق ئېتەلمەيدۇ. سومكىدا ھەسەل بار..." دېگەچ بىر چامىدان ئامانەت بەردى. ئەگەر ۋاقتىدا ماڭالماي قالساق، سومكىدىكى بەزى نەرسىلەرنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇشۇم كېرەكلىگىنى ئېيتتى. مەن ئىستانبۇلغا ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.
چامىداندىكى ئامانەتلەرنى تىزرەك يەتكۈزۈشنى ئويلاپ بولسىمۇ بىز ئايرۇپىلاندا مېڭىشنى قارار قىلدۇق. ئىستانبۇلدىن دەمەشىققە ئايرۇپىلاندا 2 سائەتتە بارغىلى بولىدىكەن. يولدىشىم ئىستانبۇل-دەمەشىق، قاھىرە-ئىستانبۇل بىلىتىنى بىراقلا ئېلىپ كەپتۇ. 1260لىراغا ئالغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنداق قىلىپ، يىگىرمە كۈندىن كېيىنكى قايتىش بىلىتىمىزنىمۇ ئالدىن ئېلىپ قويدۇق.
2
ئايرۇپىلاندا
12-ئاينىڭ 10-كۈنى جۈمە ئىستانبۇلدا يامغۇر ياغدى. دەەشىققە ئۇچىدىغان ئايرۇپىلان سائەت 3:00تە ئۇچىدىكەن. ئۇچۇشتىن ئەڭ ئاز ئىككى سائەت ئاۋۋال ئايدرومغا چىقىپ بولمىساق بولمايدىكەن. مەن سائەت 11:30 دە نەرسە كېرەكلەرنى تەق قىلىپ بولۇپ، كومپىيوتېردا چ چ دا دوستلار بىلەن پاراڭلاشقاچ تۇردۇم. يولدىشىمنىڭ ئىدارىسىدىكى شوپۇر يىگىت بىزنى ئايدىرومغا ئاپىرىپ قويماقچى بوپتىكەن. سائەت 12:00گىچە ساقلىساقمۇ ماشىنا كەلمىدى. تېلېفون قىلىۋىدى، بۈگۈن جۈمە، نامازدىن كېيىنلا بارىمەن، دېدى. بىزمۇ ئۇنداق بولسا تېخى ياخشى. جۈمە نامىزى قەپ قالمىسۇن، دەپ خاتىرجەم ئولتۇردۇق. شوپۇر يىگىت سائەت 1:00 دە ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدى. سومكا، چامىدانلارنى ماشىنىغا سېلىپ، بىسمىللاھ دەپ يولغا چىقتۇق. يولغا چىقىپ ئون مىنۇتتىن كېيىن، تېلېفونۇم بىلەن رەسىم تارتىش ئاپىراتىمغا توك قاچىلايدىغان نەرسىنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قالغانلىقىم ئېسىمگە كەلدى. تېلېفون ئىشلەتمىسەممۇ مەيلى، بىراق ئاپىراتتا كۆپرەك رەسىم تارتمىساق قەتئى بولمايتتى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ۋاقىتنىڭ قىسلىقىدا ئارقىغا قايتىش تېخى مۇمكىن ئەمەس. مۇشۇ چ چ دېگەن نەرسىگە ئازىراق قارىغان بولسامچۇ كاشكى، خەپ!
يامغۇر بارغانسىرى قاتتىق يېغىشقا باشلىدى. ماشىنا تىز سۈرئەتتە كېتىۋاتىدۇ. 2:10دا ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ھاۋالىمانى (ئايدىرومى)غا يېتىپ كەلدۇق. كېچىككەن ئىدۇق. چەتئەلگە ماڭىدىغانلار ئەڭ ئاز ئىككى سائەت ئىلگىرى كەلمىسە بولمايدىكەن. شۇنداقتىمۇ ئۈمىتسىزلەنمەي، ئۆتۈشكە تېگىشلىك ھەر بىر ئۆتكەلنىڭ ئالدىدا سەۋىرچانلىق بىلەن ئۈچرەتتە تۇرۇپ ساقلاشقا باشلىدۇق.

سائەتكە قارىغانسىرى جىددىيلىشەتتىم. خۇدايىم، ئۆزەڭگە ئامانەت. بىز قەستەن كېچىكمىدۇق. چەتئەلنى كۆرۈش نېسىۋىمىز بولسا، ئوڭۇشلۇق ماڭغىلى نېسىپ قىلارسەن!
تۈركىيە پوقرالىرى باشقا ئۆتكەلدىن، مەندەك چەتئەل پوقرالىرى باشقا ئۆتكەلدىن ئۆتىدىكەنمىز. يولدىشىم بىلەن بۇ ئۆتكەللەر ئالدىدا ئايرىلىپ كەتتۇق. بۈگۈن مېنىڭ ئالدىمدا ئۈچرەتتە تۇرىۋاتقان چەتئەللىكلەر، سېرىق چاچ، كۆك كۆزلەر ئالاھىدە كۆپ ئىدى. يېرىم سائەت ساقلىساممۇ ماڭا نۆۋەت كېلىدىغاندەك ئەمەس. ئۈچرەتنى بۇزۇپ، "مەن ماڭىدىغان ئايرۇپىلان ھازىر ئۇچىدۇ، ماڭا يول بېرىڭلار" دەپ ئالدىغا بېرىشنى ئويلىدىم، دەل مۇشۇ چاغدا بىر يىگىت ئۈچرەتنى بۇزۇپ شۇنداق قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىدىكى كۆك كۆز شادىپاچاقلار ئۇنىڭغا ئالىيىپ، نېمىدىگەن ساپاسىز بىر نېمە-بۇ، دېگەندەك ئەيىپلەشكە باشلىدى. مەن يەنە تۇرۇپ قالدىم. مەنمۇ شۇنداق ئۈچرەتنى بۇزسام، مېنى تىللىىسىغۇ مەيلى، بىراق ماۋۇ بېشىمدىكى ياغلىقىم، كىيىۋالغان ئۇزۇن ئابايىم بىلەن قۇشۇپ، "مۇسۇلمان دېگەن زادى مۇشۇنداق...!" دېسە، دىنىمنىڭ، مۇسۇلمان ئۈممەتنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرگەن، تىللىنىشىغا سەۋەبچى بولغان بولمامدىمەن؟ مەيلى، بىر قېتىم سۈرىيەگە بارمىغانغا نېمە بوپتۇ؟ قالسام، ئۆيدە قالارمەن. يولدىشىم بېرىپ كۆرۈپ كېلەر. كېچىكسەم كېچىكەي. تەمكىنلىك بىلەن خاتىرجەم ھالدا ئۈچرەتتە تۇردۇم. ماڭا نۆۋەت كەلدى. پاسپورتۇمغا تامغا قويۇلغاندىن كېيىن، 504-نۇمۇرلۇق ئىشىككە قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈردۈم. بۇ يولدا ئۈچرەت يوقكەن، كۆپ شۈكۈر. ئاخىرقى بىر ئۆتكەلدە، سومكىدىكى بىر قۇتا مادىتىلھايات بىلەن قايچىنى تەكشۈرگۈچى خادىم "چەكلەنگەن بۇيۇم" دەپ ئېلىپ قالدى. (ئەخلەتكە تاشلايدۇ ھەقىچان). سائەت 3:02 دە ئايرۇپىلانغا چىقىدىغان ئىشىككە كەلدىم. نۇرغۇن ئادەم ساقلاپ قاپتۇ. ئالدىدىكىلەردىن سوردىم سىلەرنىڭ ئايرۇپىلان سائەت قانچىدە ئۇچىدۇ؟ دەپ، سائەت 3:00تە دېيىشتى. بۇ چاغدا يولدىشىممۇ يېتىپ كەلدى. ئون مىنۇت ساقلىغان بولساقمۇ بىزگە نۆۋەت كېلىدىغاندەك ئەمەس. بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ئۈزۈن سەپتىكىلەر ھەممىسى بىز بىلەن بىر ئايرۇپىلانغا چىقىدىغانلار ئىكەن، ئۇھ، خۇدايىمغا يۈزمىڭ شۈكرى! بۇ يەردىكى خادىم بۈگۈن قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتكەنلىكى، ھاۋانىڭ ئۇچۇق ئەمەسلىكى تۈپەيلى دەمەشىققە ئۇچىدىغان ئايرۇپىلاننىڭ 35 مىنۇت كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئاللاھقا يۈزمىڭ شۈكرى. ئەگەر يامغۇر ياغمىغان بولسا، بىز ئېنىقكى 100% كېچىككەن ئىدۇق. چۈنكى، سائەت 3:00تە ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانغا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ سائەت 2:45تە چىقىپ بولمىساق بولمايدىكەن. بۈگۈن خۇدايىم بىزنى ئۆزى ساقلاپ قاپتۇ. سائەت 3:40تا ئايرۇپىلانغا چىقتۇق.
ئايرۇپىلان ئېگىزگە ئۆرلەۋاتقاندا دەرىزىلەرگە يامغۇر تامچىلاپ تۇراتتى. يەردىكى قوڭغۇزدەك ماشىنىلار، ئۈچەيدەك يوللار، چىكىتتەك كۆرۈنىدىغان ئۆيلەر ئاستا-ئاستا بۇلۇتلارنىڭ ئاستىدا قالدى. پاھ، ئايرۇپىلان 9753 مېتىر يۈكسەكلىككە چىققاندا كۆپكۆك ئاسمان، پارلاق قۇياش كۆرۈندى. مامۇق پاختىلارنىڭ، ياق، ئاپپاق بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىدە ئۇچۇۋاتىمىز. دەرىزىدە باياتتىنقى يامغۇر تامچىلىرىدىن ئەسەرمۇ يوق. ھاۋا شۇنداق ئۇچۇق. بۇ مەنزىرىنى بەكلا رەسىمگە تارتىۋالغۇم بار ئىدى. ئەپسۇس ئايرۇپىلان ئىچىدە رەسىم تارتىش ئاپراتى ئشلىتىش مەنئى قىلىنغان بولغاچقا رەسىم تارتالمىدىم.
ھازىر يەر يۈزىدىن 11277 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچۇۋاتىمىز. دەرىزىدىن سىرتقا قارىسام، ئىستانبۇلدا ئاخشىمى پاراخوتتا دېڭىزدىن ئۆتكەن چاغدىكى سۇ يۈزى ئېسىمگە كېلىدۇ. بىر سائەت ئىلگىرىكى يامغۇرلۇق ئاسماننىڭ ئورنىدا كۆپكۆك سۈزۈك ئاسمان بار.
ئايرۇپىلان كۈتكۈچىلىرى ھازىر تاماق تارقاتماقچى بولۇپ كەلدى.
(3) سۈرىيە: دەمەشق مەنزىرىلىرى-1
ئايرۇپىلان كۈتكۈچىلىرى تۈرك تائاملىرىدىن ئېلىپ كەلدى. تاتلىق ھالۋا، تۇزلۇق تاماق، يېشىل سالاتا (تۈركچە ئىسمى: روكا، ئۇيغۇرچە ئىسمى: زېغىر ياكى زاغۇننىڭ يېشىل ياپرىقى) ، ئاق پەينېر (پىشلاق) دېگەندەك بولۇپ ئۈچ-تۆت خىل تائام سۇنۇلغاندىن كېيىن، قايسى ئىچىملىكنى ئىچىدىغانلىقىمىزنى سورىدى: كولا، سۇ، چاي، مېۋە سۈيى، قەھۋە... دېگەندەك. مەن قەھۋە، يولدىشىم مېۋە سۈيى تاللىدى. قاچىلار يۇغۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، سائەتكە قاراپ، نامازشام ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئولتۇرغان يېرىمىزدىلا ئىشارەت بىلەن ئوقۇپ نامىزىمىزنى ئادا قىلدۇق. سەپەردە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئەسلى بارغان يېرىمىزدە خۇپتەن بىلەن جەمئى قىلىپ ئوقۇشىمىزغىمۇ رۇخسەت بار ئىكەن. بىز تاھارىتىمىز بار چاغدا ئامال بار ناماز ۋاقتىنى قاچۇرماسلىقىنى ئەۋزەل بىلدۇق.
بىر دەمدىن كېيىن ئايرۇپىلان باشلىقى مىكروفوندا ھازىر ئايرۇپىلاننىڭ سۈرىيە تەۋەسىگە كىرىپ بولغانلىقىنى، دەمەشق ئايدىرومىغا يېقىنلاشقانلىقىنى، تۆۋەنلەشكە باشلايدىغانلىقىنى، بىخەتەرلىك تاسمىلىرىنى چىڭ باغلىشىمىز كېرەكلىكىنى ...ئوقتۇردى. ئادەتتە ئايرۇپىلاندىكى ئېغىزچە ئوقتۇرۇشلار ئاۋاال تۈركچە، ئاندىن ئېنگلىزچە، ئاندىن ئەرەپچە ئوقتۇرۇلىدىكەن. (بىز تۈرك ھاۋا يوللىرى ئايرۇپىلانىغا ئولتۇرغانىدۇق.)
ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ، چامىدانلىرىمىزنى ئېلىش جەريانىدا بىر ئاز ھايال بولۇپ قالدۇق. ئەسلىدىكى پىلان بويىچە بولغاندا ئايرۇپىلان سائەت 3:00تە ئۇچقان بولسا، 5:00تە كەلگەن بولساق، يېرىم سائەتتە چامىدانلىرىمىزنى ئالغان ۋە 5:30تە سىرتقا چىقىپ، مەھمەت ئابىينىڭ ماشىنىسىنى ساقلىغان بولساق بولاتتى. بىراق بىز ئايدىروم ئىشىكىدىن سىرتقا چىققاندا سائەت 7:10 بولغان ئىدى. سۈرىيەلىك بىر كىراكەش ئەرەپكە چالا پۇچۇق ئەرەپچە تىلدا گەپ ئۇقتۇرۇپ، بىر دوللار بېرىش ھېسابىغا ئۇنىڭ تېلېفونىدىن مەھمەت ئابىگە تېلېفون قىلدۇق. مەھمەت ئابى ماشىنىسى بىلەن يېقىنلا يەردە ئىككى سائەتتىن بېرى بىزنى ساقلاۋاتقان ئىكەن. بىز ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان ئىشىك نۇمۇرىنى دەپ بېرىشىمىز بىلەنلا دەرھال يېنىمىزغا كەلدى. يولدىشىم ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، مەن سالاملاشتىم.
ماشىنىدا ئايالى نازمىيە بىلەن ئىككى ئوماق پەرزەنتى سەنانۇر ۋە مۇھەممەدمۇ ئىككى سائەتتىن بېرى بىزنى ساقلاۋاتقانىكەن. ئايرۇپىلاننىڭ كېچىكىدىغانلىقىنى ئىستانبۇلدىكى چاغدىلا تېلېفون قىلىپ ئېيتىپ قويمىغانغا پۇشايمان قىلدۇق. مۇھەممەدنى ئىككى ئايلىق بوۋاق چېغىدا كۆرگەنتىم. بىر يىل ئىچىدە تونۇغۇسىز دەرىجىدە ئۆزگىرىپ چوڭىيىپتۇ. ۋاقتىنىڭ قانچىلىك تىز ئۆتىدىغانلىقىنى بەزىدە مۇشۇ بوۋاق بالىلار ئوبدان كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. بەش ياشلىق سەنانۇر ئەرەپچە ئارىلاش تۈركچە سۆزلەيدىغان بوپتۇ. (ئۈچ ئايدىن بېرى يەسلىدە ئەرەپچە ئۆگىنىۋېتىپتۇ ئەمەسمۇ.)
ماشىنىدا دوستۇم نازمىيەنىڭ ئۆيىگە قاراپ كېتىۋاتىمىز. نازمىيە مېنىڭ ئالتە-يەتتە يىللىق يېقىن دوستۇم. ئەنقەرەدىكى چاغدا تۇيىغا قاتناشقانتىم. ئادەتتە يېقىن تۇققانلاردەك ئۆتەتتۇق. ئۇمۇ ۋاقتى چىقسىلا بىزنىڭ ئۆيگە كېلەتتى. ھېيت-بايراملاردا، تۇغۇتىدا مەنمۇ كەم قالماي باراتتىم. ئىككىمىزنىڭ يەنە ئورتاق يېقىن دوستلىرىمىز بار ئىدى. ھەر ھەپتە نۆۋەت بىلەن بىرىمىزنىڭ ئۆيىگە يىغىلىشىپ (ۋەتەندە ئاياللار قاتار چاي ئوينىغاندەك يىغىلىشىپ)، يېمەك-ئىچمەكتىن كېيىن، "ئىلمىھال" كىتابلاردىن ئوقۇپ سەۋىيىمىزنى ئاشۇرۇش ۋە قىيىنچىلىقى بارلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە قانداق ياردەم قىلىشنى مەسلىھەتلىشىش ئادەتكە ئايلانغانىدى. (ئەنقەرەدە ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلدىكىدەك كۆپ ئەمەس، ھەم تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا، ئائىلىسى بار ئۇيغۇر ئاياللار بىلەن ئەنقەردە بېرىش-كېلىش قىلىش پۇرسىتىگە بەك نائىل بولالمىدىم. نازمىيە تۈرك، ئەنقەرەدە ئادەتتە يېقىن ئارىلىشىدىغان ئايال دوستلىرىمىزمۇ ئاساسەن تۈرك (بەزى كۇرتلارمۇ بار)، پەقەت مەنلا ئۇيغۇر. ئەمما ئۇلار بىلەن ئولتۇرغاندا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇردەكلا ھېس قىلىدىغان بوپ قاپتىمەن.)
دەمەشق كوچىلىرىدا كېتىۋاتىمىز. تۈركلەر "شام" دەپ ئاتايدىغان بۇ دىيارنى ئۇچ سائەت ئىلگىرى ئىستانبۇل ئايدىرومىدا "داماسكۇس" دەپ ئاتىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئەرەپلەر "دمشق" دەپ يازىدىكەن. كوچىلار، يوللاردا كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ چىرايى ئۇيغۇرغا ئوخشايدىكەن. قالغىنىنى ئەتە كۈندۈزى بەكراق ئېنىق كۆرەرمىز.
مەھمەت ئابىينىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدۇق. ئۇلار بۇ يەردە "رۇكنەددىن" رايونىدا جامىئەتۇ-ئەبۇننۇر مەكتىپىگە يېقىن بىر يەردىن بىر ئايلىقىنى 750 دوللارغا ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىۋېتىپتۇ. ئۆيلىرى پاكىزە ۋە ئازادە ئىكەن. 2-قەۋەتكىمۇ لېفىت بىلەن چىقىدىكەنمىز. گەرچە ھازىرقى ئۆيى ئەنقەرەدىكى ئىلگىرىكى ئۆيلىرىدىكىدەك ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ، ئەمما پاكىز ۋە رەتلىك تۇتۇلغانلىقىغا مەستلىكىم كەلدى.
تۈركلەردىن كۆپ ئاڭلايدىغان بىر گەپ بار ئىدى: "ھەرەملىك سالاملىق" . بۇ گەپنىڭ مەن بىلىدىغان مەنىسى: "بۇ ئۆيدە ئەر مېھمان بىلەن ئايال مېھمانلار ئايرىم ئايرىم ئۆيدە ئولتۇرىدۇ. ئايرىم داستىخاندا غىزالىنىدۇ. ئەر-ئاياللار بىر بىرىنى كۆرمەيدۇ" دېگەنلىك.
مەھمەت ئابى گەپ باشلىدى:
- سۈرىيەنىڭ ئەھۋالى تۈركىيەدىكىدىن كۆپ ياخشىكەن. بۇ يەردە ھەممە ئۆيلەر "ھەرەملىك سالاملىق" ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن قىلىپ سېلىنغان. ئۆيلىرىمىز كەڭرى ئازادە. قېنى بۇياققا مەرھەمەت!
يولدىشىم مەھمەت ئابى كۆرسەتكەن ئۆيگە كىرىپ كەتتى. سەنانۇر مېنى باشقا ئۆيگە باشلىدى. ئىككى كارىدور، ئىككى ئوبىرنى، ئىككى مونچا ۋە ئاشخانا ئۆينى ھېساپلىمىغاندا يەنە 5 ئېغىز ئۆي بار ئىكەن. بىز ئەسلى ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامانىتىنى قولىغا بېرىپ، بىرەر پىيالە چاي ئىچكەندىن كېيىن، باھاسى ئوتتۇز قىرىق دوللار ئەتراپىدا مۇۋاپىق بىر مېھمانساراي تېپىپ، شۇ يەردە قونۇشنى پىلانلىغانىدۇق. (چۈنكى، باشقىلارغا ئېغىرچىلىق سېلىشنى خالىمايتتۇق ۋە سۈرىيە بەك ئەرزانچىلىق دەپ ئاڭلىغانىدۇق)
ئەمما نازمىيە بىلەن مەھمەت ئابى: "سىلەر سۈرىيەدە تۇرغان مۇددەت ئىچىدە بىزنىڭ ئۆيدىن باشقا يەردە قونۇشۇڭلارغا رۇخسەت قىلمايمىز! كۆرمىدىڭلارمۇ ئۆيىمىزنىڭ ئازادىلىكىنى؟! سىلەرگە يۇتقان-كۆرپە، ئۆي ھەممىسى تەييار. يېگۈڭلار بار ئۇيغۇرچە تاماقلارنى نازمىيە بىلەن "يامغۇر" ئۆزى ئەتسۇن." دېدى.
نازمىيە زاتەن كەچلىك تاماقنى تەييارلاپ بوپتىكەن. تاماقتىن كېيىن كېچە سائەت بىرگىچە مۇڭدىشىپتىمىز. مۇھەممەد بىلەن سەنانۇرمۇ شوخلۇق قىلىپ ئوخلىمىدى. بۇ ئىككى شوخ بالىنىڭ ئۆزەم تارتقان بەزى رەسىملىرىنى چىقىرىپ قوياي:
خۇپتەندىن كېيىن، بىزگە راستلانغان ئايرىم ئۆيدە ئۇخلاپ قالدۇق.
ئەتىسى ئەتىگەن ناشتىدىن كېيىن كوچا ئايلىنىشقا چىقتۇق. يامغۇر يېغىۋېتىپتۇ. ئاپىراتنىڭ توكىنى ئاۋايلىغاچ بىر قانچە پارچە رەسىم تارتتىم. تۇنجى كۆرگەن دەمەشق كوچىسى رەسىملىرى:
قۇرئان-كەرىمدىكى "ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر" دېگەن ئايەتنى ئۇلار باغچىغا يۇقىرىقىدەك ھۆسنىخەتلەپتۇ.
نەگىلا قارىساق مېۋىلىك دەرەخ كۆرگىلى بولىدىكەن. تۇپرىقى مۇنبەت ئوخشايدۇ.
(3) سۈرىيە: دەمەشق شەھرى مەنزىرىلىرى-2
بۈگۈن شەنبە. كوچىدا كېتىۋاتىمىز. يېڭى ياققان يامغۇردا كوچىلار سۇ سېپىپ تازىلانغاندەك پاكىزلانغان. ئاڭلىساق، تۈنۈگۈن جۈمە نامىزىدا دەمەشىقلىقلەر ئاللاھتىن يامغۇر تىلەپ دۇئا قىلغانىكەن. مانا، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ، توختىماستىن يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. بۇ يەردە قار يېغىپ باقمىغىلىمۇ ئون يىلدەك بوپتىمىش.
ھېلىمۇ ياخشى، ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپلا ئايدىروم ئىچىدە پۇل تېگىشىۋاپتىكەنمىز. بىر ئامېرىكا دوللىرى 46 سۈرىيە لىراسىغا تەڭ ئىكەن. بىر تاكسىچىنى توسۇپ، بىزنى ئەمەۋى جامەسىگە ئاپىرىشىنى ئېيتتۇق. 200 لىراغا ئاپىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ يەردىكى ئىككى يۈز لىرا ئاران تۆت-بەش دوللار پۇل، ئىستانبۇلغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئەرزانكەن. بىز ماقۇل دەپلا تاكسىغا چىقتۇق. تاكسى بىزنى ھەيۋەتلىك ئەمەۋى جامەسىگە يېقىن يەردىكى ھەمىدىيە بازىرى (تۈركچە ئىسىمى: ھەمىدىيە كاپالى چارشى) ئالدىغا ئەكىلىپ قويدى.
(رەسىمگە دىققەت قىلساڭلار كۆرەلەيسىلەر، ئاۋۇ پرىزىدېنت بەشەر ئاسات قولىنى كۆتىرىپ تۇرغان رەسىمدە ئەرەپچە "سۇرىيە ئاللاھ ھامىيھا" (تەرجىمىسى: سۈرىيەنى ئاللاھ قوغدايدۇ) دەپ يېزىغلىقلكەن. ھەمىدىيە بازىرىنىڭ چوڭ يولغا ئېچىلىدىغان بىر ئېغىزى مۇشۇ. ئىزاھات: بۇ رەسىمنى مەن تارتمىدىم. مېنىڭ تارتقىنىم مۇشۇنىڭ بىلەن ئوخشاش مەنزىرە، لېكىن يامغۇردا سۈزۈك چىقماپتىكەن، يامغۇرسىز ھاۋادىكىنى يوللاپ قويدۇم.)
تۈركچە "كاپالى چارشى" دېگەنلىك، ئۈستى يېپىق بازار دېگەن مەنىدە بولۇپ، سۈرىيەدىكى بۇ بازارنى ئوسمانلى سۇلتانى سولتان ھەمىدخان سالدۇرغان بولغاچقا مۇشۇ ئىسىم قويۇلغان ئىكەن. سۈرىيەدە تۈركچە بىلىدىغان ئەرەپ تىجارەتچىلەر، كۇرتلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرغاچقا، تىل جەھەتتىن ھېچ قىينالمىدۇق. ھەتتا بەزىدە بىز ئەرەپچە گەپ قىلساق، تىجارەتچىلەر بىزگە تۈركچە جاۋاپ بەردى.
بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن سۈرىيەنىڭ جۇغراپىيىسى بىلەن تارىخىدىن ئازىراق گەپ قىلساق ئارتۇقلۇق قىلماس.
سۈرىيە ئەرەپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 185 مىڭ 180 كوۋادىرت كېلومېتىر. يەنى 247 مىڭ كوۋادىرات كىلومېتىرلىق خوتەن ۋىلايىتىدىن خېلىلا كىچىك؛ 162 مىڭ كوۋادىرات كىلومېتىرلىق قەشقەر ۋىلايىتىدىن ئازىراق چوڭ. نۇپۇسى 22 مىليون ئەتراپىدا.
ئىلگىرى شام دىيارى دەپ ئاتالغان بۇ زېمىندا تارىختا كەنئانلار، ئىبرانىيلار، ئارامىيلەر، بابىللىقلار، پارىسلار، يۇنانلىقلار، ۋىزانتىيەلىكلەر، ئەرەبلەر، سەلجۇق تۈركلىرى، خرىستىيانلار ۋە ئوسمانلى تۈركلىرى ھاكىمىيەت تۇتقان. پايتەختى شام (يەنى ھازىرقى دەمەشق شەھرى) ئەمەۋى خەلىپىلىكىنىڭ مەركىزى بولغان. كېيىن مەملۇك دۆلىتىنىڭمۇ باشقۇرۇش مەركىزى بولغان. 1260-يىلى مەملۇك دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولغان شام 1400-يىلى موڭغۇل تىمۇرنىڭ ھوجۇمىدا خارابىگە ئايلانغان. بۇ يەر 1517-يىلى ئوسمانلى تېرىتورىيىسى ئىچىگە كىرگەن. شۇ تارىختىن باشلاپ تولۇق 403 يىل ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ ياشىغان. (بۇ يەردىكىلەرنىڭ تۈركچە بىلىشى شۇ سەۋەپتىن...)
شام 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوسمانلىدىن ئايرىلىپ چىققان. 1920-يىلدىن 1946-يىلغىچە فرانسىيەنىڭ باشقۇرۇشىغا قالغان. 1946-يىلى مۇستەقىللىق ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 1958-يىلى مىسىر بىلەن بىرلىشىپ "بىرلەشمە ئەرەپ جۇمھۇرىيىتى" قۇرغان. (بۇلارنىڭ شۇ چاغدىكى لوگوسىنى كېيىن مىسىر ئىسكەندىرىيە كۈتۈپخانىسىدا كۆرۈپ رەسىمىنى تارتىۋالغانتىم، ۋاقتى كەلگەندە يوللايمەن) لېكىن بۇ ئىتتىپاقلىق ئارانلا ئۈچ يىل داۋاملاشقان. ئۇلار 1961-يىلى ئايرىلىپ كەتكەن. خوشنىسى ئىسرائىلىيە 1981-يىلى سۈرىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكى رايونىنى ئىشغال قىلىۋالغان، ئۇشبۇ سەۋەپتىن خوشنىسى بىلەن جېدەل-ماجرا كەم بولماي كەلمەكتە ئىكەن.
بىز كۆرگەن دەمەشقتىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك سېپىل، بىنالار ئوسمانلى ۋاقتىدا سېلىنغان ئىمارەتلەردەك كۆرۈندى كۆزىمىزگە. ئەڭ ئاددىيسى، سىرىتتا شاقىراپ يامغۇر يېغىۋاتقاندا مۇشۇ ھەمىدىيە بازىرى ئىچىگە كىرىپ يامغۇردىن پانالاندۇق. تارىخى يۈز يىلدىن، ئۇزۇنلۇقى بىر كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بۇ بازار دەمەشقتىكى ئەڭ چوڭ بازار ئىكەن. ئىچىدە كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، مەسجىد ھەممە نەرسە تېپىلىدىكەن.
بازار ئىچى
چىراغ يۇرۇقى بار، قۇياش نۇرى يوق يەردە ئاپىراتنىڭ فىلەش تۇگمىسىنى ئېتىۋەتمەي رەسىم تارتسا، رەسىم مانا شۇنداق بۇزۇلۇپ كېتىدىكەن. مەندىن ئىبرەت...
نەچچە يىلدىن كېيىنمۇ ئۇنتۇپ قالماي ھەدىيە تەقدىم قىپتۇ.
بۇ مازارنىڭ ئىشىكىدىن چىقىپلا ياندا تورغان تۈرك ھاۋا ئۇچقۇچلىرى شېھىتلىكىنى كۆردۇق. بىر فاتىھە ئوقۇدۇق. بۇلار 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا شام (دەمەشق)نى قوغداش يولىدا شېھىت بولغان تۈرك ئۇچقۇچىلارنىڭ قەۋرىسى ئىكەن. ماكانى جەننەت بولغاي!
بۇ مازارنىڭ سىرتتىن كۆرۈنۈشى
بىز يەردىن چىقىپ، يەنە كاپالى چارشى ئىچىگە كىردۇق. ئۇدۇل مېڭىپ چارشىنىڭ چوڭ يولغا قارايدىغان ئېغىزىدىن چىقىپ، سول تەرەپكە بۇرۇلۇپ يىگىرمە مىنۇتتەك ماڭغاندىن كېيىن، بىر قەۋرىستانلىققا كەلدۇق. يامغۇردا بۇ يەرلەر لاي-پاتقاق بولۇپ كېتىپتۇ. ئاۋايلاپ دەسسەپ مېڭىپ، ئۇچرىغانلىكى ئادەمدىن "ئەينە بىلال ھەبەشى؟" دەپ سوراپ يۈرۈپ، مەشھۇر ساھابە بىلال ھەبەشىنىڭ قەۋرىسىگە كەلدۇق. بۇ قەۋرىنى تۈركىيە كونيادىكى ساداۋ ۋەخپى رېمونىت قىلدۇرغان ئىكەن.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇئەززىنى بولغان بۇ ھەزرىتى بىلالنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ قايتىپ چىقتۇق.
(5) سۈرىيە: خۇمۇس شەھرى، خالىد بىن ۋەلىد جامەسى
سۈرىيەدە باشقا بەزى ئەرەپ دۆلەتلىرىگە ئوخشاش جۈمە ۋە شەنبە كۈنى رەسمىي دەم ئېلىش قىلىپ، يەكشەنبە كۈنى نورمال خىزمەت قىلىدىكەن. جوڭگۇدا بولسا شەنبە، يەكشەنبە دەم ئېلىش كۈنى. تۈركىيەدىمۇ شۇ جوڭگۇدىكىدەك. مەن كۆرگەن سۈرىيە بىلەن مىسىردا جۈمە كۈنى رەسمىي دەم ئېلىش كۈنى ئىكەن. مۇسۇلمان دۆلەت ئەمەسمۇ!
يەكشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنى دەمەشقتە قاتتىق قار ياغدى. ئون نەچچە يىلدىن بويان قار كۆرۈپ باقمىغان خەلق خوش بولۇشۇپ كېتىپتۇ. تاكسى شوپۇرىمۇ "بۇ قار ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن بۈيۈك نېئمىتى! ئەلھەمدۇلىللاھ..." دەپ سۆزلەپ كەتتى. قار تۈپەيلى قاتناش توسۇلۇپ قالغاچقا، تاكسىچى بىزنى ئۆيگە يېقىن بىر يولغا ئەكىلىپ، ئوڭغا قاراپ 200 مېتىر مېڭىشىمىزنى ئىشارەت قىلىپ قويۇپ كېتىپ قالدى. پىيادە مېڭىشقا باشلىدۇق. يولدا قارىسام، مەكتەپتىن ئۆيىگە قايتىۋاتقان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىر بىرىگە قار ئېتىشىپ ئويناشقىلى تۇرۇپتۇ. مېنىڭ بېشىمغىمۇ بىر قار پومزىكى تەگدى، ئاچچىغىمدا ھومايماقچىدىم، ئەمما ئۇنى خاتا ئېتىپ سالغان كىچىك بالىنىڭ ئوڭايسىزلىنىپ ئەپۇ سورىغان چىرايىغا قاراپ، ھېچقىسى يوق دېگەندەك ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈپ كەتتىم. بۇ خەقلەرمۇ بىزگە ئوخشاش "قاردا قارلىق تاشلىدۇق، يامغۇدا....." دەپ ئوينايدىغان چېغىۋا.
سەيشەنبە كۈنى قارمۇ توختاپ، ھاۋا گۈلدەك ئېچىلىپ كەتتى. تۈنۈگۈن ياققان قارلارمۇ ئېرىپ بوپتۇ. يوللارمۇ شۇنداق پاكىز يۇيۇلغان. بۇنداق چىرايلىق ھاۋادا كىشىنىڭ كەيپىياتىمۇ باشقىچە ياخشى بوپ كېتىدىكەن. مەھمەت ئابى بىزنى ماشىنىسىدا دەمەشقتىن 180 نەچچە كېلومېتىر يىراقلىقتىكى خۇمۇس شەھرىگە ئاپارماقچى بولدى. سەنانۇر بىلەن مۇھەممەد خوشلۇقتىن سەكرىشىپ كەتتى. نازمىيە بىلەن بالىلارنى ھازىرلاپ مەھمەت ئابىنىڭ كىچىك ماشىنىسىدا خۇمۇس شەھرىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. يولدا ئۇچرىغان قەدىمقى جامەلەرنىڭ ئالدىدا توختاپ ئۆتتۈق. مېنىڭ رەسىم ئاپىراتىمغا توك قاچىلايدىغان نەرسە ئىزدەشنىمۇ ئۇنۇتمىدۇق. (ئەپسۇس، سۈرىيە تەۋەسىدە تېپىلمىدى).
ئۈچ سائەت ماڭغاندىن كېيىن خۇمۇس شەھرىگە يېتىپ كەلدۇق. پاھ، بۇ شەھەر دەمەشقتىنمۇ بەكرەك چىرايلىقتەك كۆرۈندى. ئازادە، كەڭرى ۋە پاكىز يوللار، ئېگىز بىنالار، يېشىل دەرەخلەر، يولدىكى يۆنۈلۈشلەرنى ئېنىق، چۈشىنىشلىك كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئېنگلىزچە ۋە ئەرەپچە يېزىلغان يول بەلگىلىرى (تاختايدىكى خەتلەر)، ئاندا-ساندا كۆزگە چىلىقىدىغان تۈركچە ماركا، ۋېۋىسكىلار، ھەيۋەتلىك مەسجىدلەر، خوشچىراي قاتناش ساقچىلىرى… ئىشقىلىپ ھەممە نەرسە كۆزىمىزگە ئىسسىق كۆرۈندى. خالىد بىن ۋەلىد جامەسىگە كېلىپ ناماز ئوقۇدۇق. مەشھۇر ساھابە، مۇسۇلمانلار تارىخىدىكى داڭلىق قۇماندان خالىد بىن ۋەلىد مازىرى مانا مۇشۇ يەردە ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمىغا ئاتاپ سېلىنغان بۇ جامەنىڭ كۈلىمىمۇ چوڭكەن. پەقەت ناماز ئوقۇيدىغان يېرىلا بار ئەمەس، بەلكى يېنىدا خالىد بىن ۋەلىد خەير-ساخاۋەت ۋەخپى، مەدرىسەسى ۋە باشقا ئورگانلىرى باردەك كۆرۈندى. جامە ئالدىدا خېلى كەڭرى مەيدان باركەن. ئون نەچچە ياشلىق بالىلار توپ ئويناۋېتىپتىكەن، مۇھەممەد بىلەن سەنانۇر ئۇلارنىڭ يېنىغا قېچىپ كېتىپ بىزنى خېلى يۈگۈرتتى. بالىلارنى رەسىمگە تارتىپ قويدۇم.
خالىد بىن ۋەلىد جامەسىنىڭ كىرىش ئىشىگى
ساھابە خالىد بىن ۋەلىدنىڭ قەبرىسى (رەسىم ئاياللار ناماز ئۆتەيدىغان يەردە تۇرۇپ تارتىلغان بولغاچقا، پەردىدە تۇسۇلۇپ قالدى)
بۇ قەھرىمان ساھابە جان ئۈزۈش ئالدىدا مۇنداق دېگەنىكەن: "ھاياتى ئاللاھ يولىدا ئات چاپتۇرۇپ، قىلىچ پولاڭلىتىپ ئۆتكەن بىر جەڭچىنىڭ ئاجىزلەردەك كۆرپىدە يېتىپ ئۆلۈشى نېمىدىگەن ئېچىنىشلىق-ھە! مېنى ئورنۇمدىن تۇرغۇزۇڭلار. ھېچ بولمىسا قىلىچىمغا تايىنىپ بولسىمۇ ئۆرە تۇرۇپ جان ئۈزەي!"
خالىد بىن ۋەلىد جامەسىنىڭ ئالدىدا چىرايلىق بىر باغچە باركەن. مۇھەممەد بىلەن سەنانۇرنى رەسىمگە تارتىپ قويدۇق.
ئەسىر نامىزىنىمۇ مۇشۇ جامەدە ئوقۇغاندىن كېيىن، شەھەرنى ئايلانغاچ، يەنە بىر چوڭ جامەنىڭ ئالدىغا كەلدۇق. بۇ جامەنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ئەڭ ئاز ئۈچ تۆت مىڭ كىشى بەھۇزۇر ناماز ئوقۇيالايدىغان چوڭ جامەكەن. ئاياللار 2-قەۋەتكە چىقىدىكەنمىز. تاھارەت ئالىدىغان يەرلىرىمۇ پاكىز ۋە چوڭ ئىكەن. جامە ھەقىقەتەن ئىنساننىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىپ، ئىنسانغا راھەت بېغىشلايدۇ. بۇ يەردە نامازشامنى ئوقىغاندىن كېيىن سىرتقا چىقتۇق.
مەھمەت ئابى بىلەن يولدىشىم ناماز ئوقۇش جەريانىدا بىر ئەرەپ بىلەن تونۇشۇپ قاپتىكەن. ئۇنىڭدىن مۇشۇ ئەتراپتىكى ياخشىراق بىرەر ئاشخانىنىڭ ئورنىنى سوراپتۇ. ئۇ ئەرەپ قىزغىنلىق بىلەن بىزنىڭ ماشىنىغا چىقىپ ئاشخانىغىچە بىللە ئەكىلىپ قويدى.
ئىستانبۇلدىكى تاماقخانىلارغا ئوخشايدىغان بۇ ئاشخانىدا كەچلىك تاماق يېدۇق. سىخ كاۋاپ تۈركلەرنىڭ كاۋىپىدىن پەرقلەنمەيدىكەن. بۇلار سالاتانى چوڭ تەخسىگە ئوخشايدىغان قاچىدا بېرىدىكەن. تۈركىيەدىكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى، تەخسىنىڭ ئۈستىگە كاللەك بەسەينىڭ ئۈچ تۆت پارچە ياپرىقىنى پۈتۈن قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە توغرالغان شوخلا، تەرخەمەك، يېشىل پىننە، يېشىل لازا ۋە يەنە ئىككى ئۈچ خىل مەن ئىسمىنى بىلمەيدىغان ئوتياشنى قويۇپ، ئۈستىگە لىمۇن بىلەن زەيتۇن يېغى تۆكۈپ ئەكىلىپ بېرىدىكەن. بىزگە تېتىدى. تاماقتىن كېيىن چاي ئىچىپ بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن دەمەشىققە قاراپ يولغا چىقتۇق. بۇ يەردىكى ئەرەپلەرمۇ بەكلا مىھماندوست، قىزغىن، ئەدەپلىك ئىكەن.
ئەتىكى سەپەر بېيرۇت.
(6) لىۋان: بېيرۇت شەھرى
ئۆيدە سەپەر مەسلىھەتىنى قىلىشقان چاغدا بېيرۇتقا بېرىش پىلانىمىز يوقتى. چۈنكى، بىزگە ۋىزا بېرەمدۇ-يوق؟ سۈرىيە بىلەن بولغان ئارىلىقى قانچە كىلومېتىر ياكى قانچە سائەتلىك يول؟ بىلمەيتتۇق. سۈرىيەگە كەلسەك، ئالدىمىزغا چىقىپ كۈتىۋالغىلى مەھمەت ئابى بولغان بىلەن، تۈركلەر لۈبنان، بىز لىۋان دەپ ئاتايدىغان بۇ كىچىك دۆلەتتە ھېچقانداق تونۇشىمىز يوقتى.
سۈرىيەگە كېلىپ، ئۇنىڭ خوشنا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇساپىسىنىڭ قىسقىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن بېيرۇتنى كۆرۈپ كەلگۈمىز كەلدى. يولدىشىم تۈركىيە پاسپورتى، قايسىلا مۇسۇلمان دۆلەتكە بارمىسۇن، ئۇنىڭ يولى ئوچۇق. كۆپىنچە دۆلەتلەر ئۇنى ۋىزىسىز كىرگۈزىدۇ. ئەمما مەن جۇڭگۇ پاسپورتى، مېنىڭ يولۇمنىڭ ئۇنىڭكىدەك راۋان بولىۋەرمەيدىغانلىقىنى قەدەمدە بىر كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. پاسپورتۇمغا چاپلانغان 15 كۈنلۈك سۈرىيە ۋىزىسىغا "بىر قېتىم كىرىش" دەپ يېزىپ قويۇپتىكەن. بېيرۇتقا بېرىشقا ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدۇق. سۈرىيەدىن چىققاندىن كېيىن، مېنى "سەن بىر قېتىم كىرىپ چىقىپ بولدۇڭ، ئەمدى ئىككىنچى قېتىم كىرەلمەيسەن" دەپ چېگرىدىن كىرگۈزمىسە قانداق قىلغۇلۇق؟ ئەمما بېيرۇتنىڭ بۇ شەھەردىن پەقەت 3 سائەتلىك يىراقلىقتا ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، بارماسلىققا كۆڭلىمىز يەنە ئۇنىمىدى. چېگرىسىغا ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ باقايلى، كىرگۈزمىسە قايتىپ كېلەرمىز دېگەن نىيەت بىلەن ئۆيدىن چىقتۇق. يېمەك-ئىچمەك، مېۋە-چىۋىلەردىن ئېلىۋالدۇق، ناۋادا مۇسۇلمان ئاشخانا تاپالمىساق، خرىستىيانلارنىڭكىنى يەپ سالمايلى دەپ.
يولدىشىم يەنە تەرەددۈتتە قالدى. ھەر ئېھتىمالغا قارشى بىلىدىغانلاردىن ئېنىقراق سوراپ باقايلى دەپ بىر ئۇيغۇر ئاغىينىسىگە تېلېفون قىلدى. دەمەشقتە ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئوقۇۋاتقان ئاقسۇلۇق ئۇيغۇر ئا ھاجىم يېرىم سائەت ئىچىدە كەلدى. ئۆيىگە ئاپاردى. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئىللىق تۇيغۇلارغا چۆمدى. ئايالىمۇ بەكلا مېھرى ئىسسىق ئايالكەن. ئا ھاجىمدىن سوراپ بېيرۇتقا بېرىپ كېلىشتە بىرەر توسالغۇ يوقلۇقىنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال يولغا چىقماقچى بولدۇق. ئا ھاجىمنىڭ ئايالىنىڭ "لەغمەنگە پىلتە قىلىپ قويغان، بىر دەم ساقلاڭلار" دېگىنىگە توختىمىدۇق. ئا ھاجىم بىزنى ماشىنىسىدا لىۋانغا بارىدىغان ئاپتۇبۇس بېكىتىگە ئاپىرىپ قويدى. ئاپتۇبۇسقا ئۇزۇن ساقلاشنى خالىمىغاچقا تۆت كىشىنى ئېلىپ يولغا چىقىدىغان بىر كىچىك ماشىنىغا چىقتۇق.
ئەرەپ دۆلەتلىرىگە بېرىش نېسىپ بولسا، بېيرۇتقا بېرىشنى ئون يىلدىن بېرى ئويلاپ كەلگەنتىم. سەۋەبى، بۇندىن توققۇز يىل بۇرۇن ئىمام غەززالىينىڭ "ئىھيايى ئۇلۇمىددىن" ناملىق كىتاۋىنىڭ بېيرۇت ئامېرىكان ئۇنىۋېرسىتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 40 كىتاپچە قىلىپ نەشىر قىلىنغان ئەسلى نۇسخسى (ئىنگلىزچە تەرجىمە يەشمىسى)نى ئوقۇپ نەپ ئالغان ئىدىم. بولۇپمۇ بىرىنچى كىتابچە
Book of Knowledge
قىسمىدىكى گەپلەر ماڭا بەك تەسىر قىپتىكەن. بېيرۇت دېگەن ئىسىم شۇنىڭدىن باشلاپ ماڭا تونۇشلۇق بولۇپ قالغان. كېيىن بىر يەرلىرىدە "مكتبە لبنان ناشرون بيروت" دەپ يېزىغلىق كىتاب چىقىرىدىغان نەشرىياتنىڭمۇ بىيرۇتتىكى داڭلىق نەشرىيات ئىكەنلىكىنى كىتابلىرىنى كۆرۈپ بىلدىم.
لىۋان ھەقىقەتەن يۇقىرىدا بىر توردىشىمىز دەپ ئۆتكەندەك، سۈرىيەدىن بىرئاز پەرقلىق ئىكەن. تۇنجى پەرقنى دۆلەت بايرىقى ئالماشقان چاغدا ھېس قىلدۇق. سۈرىيەدە قاچانلا قارىساق بەشەر ئاساتنىڭ رەسىمى بىلەن دۆلەت بايرىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. مانا مۇنداق:
لىۋان چېگرىسىغا كىرىشىمىز بىلەن لىۋاننىڭ بايرىقى كۆزگە چېلىقتى. چېگرىغا كىرگەندىن باشلاپ تەكشۈرۈدىغان قاراۋۇلخانا، چارلاپ يۈرگەن ئەسكەرلەر بەك كۆپكەن. پاسپورتنى سومكىغا سالماي، قولدا كۆتىرىپ دېگۈدەك ماڭدۇق. داۋاملىق تەكشۈرىدىكەن ئەمەسمۇ!
تاكسىچى ئۈچ سائەتتە ئاپىرىمەن دېگەندەك قىلغان، نەدىكىنى؟! توپ-توغرا تۆت يېرىم سائەتتە كەلدۇق. تاش يولنى ئوبدان ياساپتۇ. لېكىن بۇ يول تاغقا يېقىن ئېگىزلىككە جايلاشقان بولغاچقىمىكىنتاڭ، دەمەشىقتە ئاللىقاچان ئېرىپ بولغان قارلار بۇ يەردە ئاپپاق پېتى تۇرۇپتۇ.
تۈركىيە پاسپورتىغا ۋىزا كەتمەيدىكەن. جوڭگۇ پاسپورتىغا بىر كۈنلۈكلا ۋىزىسىز كىرگىلى قويىدىكەن. جەدىۋەل توشقۇزۇدىغان يەردە بېيرۇتتا قەيەرگە بارىدىغانلىقىمىزنى بەك تەپسىلىي سورىدى. كوچا ئايلىنىمىز دېسەك، ياق، ئېنىق بىر ئادرىس ئىسمى دە! دېدى. ئېسىمىزگە كەلگىنى بويىچە بىر مەسجىدنىڭ ئىسمىنى دېدۇق. بىز بۇ قېتىم ئايلانغان تۆت ئەرەپ دۆلىتى ئىچىدە پەقەت مۇشۇ لىۋان دۆلىتىلا جوڭگۇ پاسپورتىغا بىر كۈنلۈك ۋىزىسىز كىرگىلى قويىدىكەن.
سۈرىيە چېگرىسىدىن چىقىدىغان چاغدا مەن چەتئەللىك بولغاچقا 500 سۈرىيە لىراسى پۇل تۈلەپ چىقتىم. يولدىشىم تۈركىيە پاسپورتى، پۇل تۈلىمىدى. مەن پۇل تۈلىگەن تالوننىڭ يېرىمىنى سۈرىيە ساقچىسى يىرتىپ ئېلىپ قالدى. يېرىمىنى قولۇمغا بەردى. سۈرىيەگە قايتا كىرگەندە بۇنى كۆرسەتسەم، پۇل تۈلىمەي كىرەلەيدىكەنمەن.
بېيرۇتقا بېرىش يولىدا كېتىۋاتىمىز. يولدا ئاندا-ساندا چىركاۋلار ئۇچرىدى. ئۈستىدىكى كىرسىت بەلگىسىدىن تونۇغىلى بولىدىكەن. سۈرىيەدە پەقەتلا كۆرگىلى بولمايدىغان يېرىم-يالىڭاچ ئاياللارنىڭ رەسىمى چىقىرىلغان ئېلان تاختىلىرىمۇ ئۇچرىدى. تاكسىدىكى رادىئودىن روژىستىۋا بايرىمىنى قۇتلۇقلاش توغرىسىدىكى ئېلانلارنى چالا-پۇچۇق ئاڭلاۋاتىمىز. "مەررىي كىرىسماس" دېگەننى ئېنگلىزچە، باشقىسىنى ئەرەپچە دەيدىكەن. ھەقىچان تىجارەت ئېلانلىرى ئوخشايدۇ.
سۈرىيەدىكى قۇيۇق ئىسلامىي كەيپىياتنى بۇ يەردە بەك كۆرەلمىدۇق. چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00تە بېيرۇت شەھەر ئىچىگە يېتىپ كەلدۇق. بىزنى ئەكەلگەن تاكسىچى بىزنى يەنە بىر تاكسىچى (بەلكى ئاغىينىسى)گە تونۇشتۇردى. بۇ تاكسىچى تۈركىيەدىن كەلگەنلىكىمىزنى ئاڭلاپ رەجەپ تاييىپ ئەردوگاننى ماختاپ كەتتى. پۇلات ئەلەمدارنىمۇ بىلىدىغان ئوخشايدۇ. بىزنى بىردەم شەھەر ئايلاندۇرۇپ، تەلىۋىمىز بويىچە رەپىق ھەرىرىي مەسجىدىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قويدى.
بىزدەك مۇساپىرلار ياقا يۇرتقا بارساق، ئەڭ ئاۋۋال كۆڭلىمىز مۇشۇ مەسجىد، جامە دېگەندەك يەرلەرنى تارتىدىكەن. چۈنكى، مۇشۇ يەرگىلا ئۆزىمىزنى خاتىرجەم، بەھۇزۇر كىرەلەيدىغان ھەققىمىز بار دەپ ئويلايدىكەنمىز. ئاللاھنىڭ ئۆيى ئەمەسمۇ!
بۇ كاتتا مەسجىدنىڭ تاھارەت ئالىدىغان يەرلىرىنىڭ پاكىزلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. ئاپىراتنىڭ توكىنى ئاۋايلاپ تۇرۇپمۇ بىر قانچە پارچە رەسىم تارتىۋالدىم.
قول يۇيىدىغان يەر.
تاھارەت ئالىدىغان يەرلىرىمۇ شۇنداق پاكىز ئىكەن...
بۇ مەسجىد بېيرۇتنىڭ مەركىزىگە 2008-يىلى سېلىنغان بولۇپ، سۈيقەستكە ئۇچراپ شېھىت بولغان مۇسۇلمان باش مىنىستېر رەپىق ھەرىرىينىڭ ئىسمى قويۇلۇپتۇ.
بۇ رەسىم تېلېفوندا تارتىلغان، سۈزۈك چىقماي قالدى. مەسجىدنىڭ كىرىش ئىشىكى تەرەپتىكى خەتلەر.
مەسجىدنىڭ ئالدى تەرىپى
مەسجىدنىڭ يېنىدىكى چېدىردا مۇشۇ شېھىت باش مىنىستېرنىڭ قەۋرىسى، ئۇنىڭ بىلەن بىللە شېھىت بولغان بىر قانچە نەپەر قوغدىغۇچىسىنىڭ قەبرىسى باركەن. ئىككى ئەسكەر قاراۋۇللۇقتا تۇرۇپتۇ. بۇ يەردە توختىماستىن قۇرئان قىرائىتى ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن. بىزمۇ ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ بىر پاتىھە ئوقۇپ قايتىپ چىقتۇق.
ھازىر ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى سائاد ھارىرى باش مىنىستېر بوپتۇ.
سۈيقەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەن بۇ مۇسۇلمان باش مىنىستېرنىڭ قاتىلى تېخىچە تېپىلماپتىمىش. مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا لىۋاندا مۇسۇلمانلارنى كۈچلەندۈرۈش، كۆپلەپ مەدرىس سېلىش قاتارلىق ئىشلارغا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىپتىكەن. لېكىن سۈرىيە بىلەن بىرلىشىپ بىر دۆلەت بولۇشتىن يىراق تۇرۇپتىكەنمىش. ئىلگىرى لىۋاننىڭ بىخەتەرلىكىنى سۈرىيەنىڭ ئەسكەرلىرى قوغداپ بېرەرمىشكەن. بۇ باش مىنىستېر ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن سۈرىيەنىڭ 30 مىڭ ئەسكىرى لىۋاندىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بوپتىمىش. سىياسىي ئويۇنلارنىڭ تېگىگە يېتىپ بولغىلى بولمايدىكەن جۇمۇ!
لىۋان گەرچە 10 مىڭ كوۋادىرات كىلومېتىرلىق زېمىنى، تۆت مىليونغا يېقىن نۇپۇسى بار كىچىك دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەردە نەشرىياتچىلىق ئىشلىرى تەرەققىي قىلغانىكەن. بۇ يەر ئىلگىرى شامنىڭ بىر قىسمى بولغاچقا، سۈرىيە لىۋاننى ئەسلى بىزنىڭ يېرىمىز دەپ ئۇنىڭ مۇستەقىللىقىنى بەك ئېتىراپ قىلغىلى ئۇنىمايتمىش. لىۋاندا نۇپۇسنىڭ 35%ى خىرىستىيان ئىكەن. مۇسۇلمانلار خرىستىيانلارغا بەك كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلىدىكەن. بىر چاغلاردا توردىن بىر خەۋەر كۆرگەنتىم. دېيىلىشىچە، شىۋىتسىيەدە مۇسۇلمانلارنىڭ مەسجىد مۇنارىنى ئېگىز سېلىشىغا خىرىستىيانلار قارشى چىقىپ، دۆلەت مەخسۇس مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار بىر قانۇن ماقۇللاپتىكەن. مەن كۆرگەن لىۋاندىكى چىركاۋلارنىڭ مۇنارلىرىدىكى كىرسىت بەلگىسىنى خېلى ئۇزاقتىن كۆرگىلى بولىدىكەن. مۇسۇلمانلار بۇلارنى چەكلىمەپتۇ.
بىر ئىش ئېسىمگە كەلدى. ئۆز ۋاقتىدا سابىق يۇگۇسلاۋىيەدىن ئايرىلىپ چىققان دۆلەت بوسنىيەنىڭ رەھبىرى ئەلىيە ئىززەتبىگوۋچقا بوسنىيەلىك مۇسۇلمانلار شىكايەت قىلىپ:
- قارىماملا، بۇ يەردىكى (بوسنىيەدىكى) خرىسىتىيانلار چىركاۋنىڭ مۇنارىنى ئېگىز قىلىشتا بىز بىلەن بەسلىشىدۇ. چىركاۋلىرىنىڭ ئۈستىدىكى كىرىسىت بەلگىسىنى بىزنىڭ مەسجىدلىرىمىزنىڭ ئۈستىدىكى ئاي يۇلتۇز بەلگىسىدىن ئېگىز قىلىۋالىدۇ. بۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىغىمىز كېلىدۇ! – دېگەندە، ئىززەتبىگوۋچ:
- مۇشۇنچىلىك كىچىك ئىشلارغىمۇ جىلە بولۇپ يۈرەمسىلەر؟! ئۇلار ئېگىزلەتسە ئېگىزلىتىۋەرسۇن. بەرىبىر بىزنىڭكىگە يېتەلمەيدۇ. قارىمامسىلەر، بىزنىڭ ھىلال ئاي بىلەن يۇلتۇز ئەنە ئاسماندا (ئەڭ ئېگىز يەردە) تۇرمامدۇ؟! – دەپ جاۋاپ بېرىپتىكەن.
....................................................
نامازشام ۋاقتىغىچە بېيرۇت كوچىلىرىنى ئايلاندۇق. بىز كۆرگەن ھەممىلا يەردە يېڭى قۇرۇلۇشلار سېلىنىۋېتىپتۇ. مېنىڭ بۇ يەردە يەنە بىر ئىككى كۈن تۇرۇپ كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى. بىراق چېگرىدىن كىرىدىغان چاغدا بىر كۈن تۇرىمىز دەپ جەدىۋەل توشقۇزغان بولغاچقا، يەنە سۈرىيەگە قايتىشقا مەجبۇر بولدۇق. تاكسىغا چىقىپ سۈرىيەگە بارىدىغان ئۇزۇن يوللۇق بىكەتكە كەلدۇق. ئاپتۇبۇستا قايتساق ئەرزان توختىغۇدەك، بىراق، بۇ ئاپتۇبۇس ئەڭ ئاز 40 كىشى بولمىسا ماڭمايدىغان چىراي. ساقلىساق بەك ئۇزۇن ساقلاپ كەتكۈدەكمىز. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يەنىلا تاكسىدا قايتقىنىمىز تۈزۈكتەك قىلىدۇ.
سۈرىيەگە ماڭىمەن، نۆۋىتىم كەلدى دېگەن بىر تاكسىچى:
- بىر كىشىگە 800 سۈرىيە لىراسىدىن جەمئى 1600 لىرا بېرىڭلار. – دېدى. بىز:
- ياق، كېلىدىغان چاغدا 500 لىرادىن ئىككى كىشى 1000 لىراغا كەلدۇق. شۇنداق بېرىمىز. – دەپ باھا تالىشىپ يۈرۈپ 1000 لىراغا كېلىشتۇق. تاكسىغا بىر ئەرەپ مۇسۇلمان ئەر بىلەن بىر ئەرەپ خىرىستىيان ئايال، مەن ۋە يولدىشىم تۆت كىشى چىقىشى بىلەن شوپۇر ماشىنىنى ئوت ئالدۇردى. ئەيتاۋۇر بىرەر رەسمىيەت ئىشى بارمۇ بىلمىدىم، ماشىنىدىكى ئەرلەر چۈشۈپ كەتتى. خرىستىيان ئايال بىلەن مەن ئىككى كىشى ماشىنىنىڭ ئىچىدە قالدۇق. ئايال مەندىن:
- تاماكا چەكسەم بولامدۇ؟ - دەپ ئەرەپچە سورىدى. مەن:
- ماشىنا ئىچىدە چەكسىڭىز بولمايدۇ. سىرتتا چىكىڭ. - دەپ ئېنگلىزچە جاۋاپ بەردىم. ئۇ ئايالمۇ تاماكىسىنى ۋاقىتلىق چەكمەي، تېلېفوندا بىرى بىلەن ئەرەپچە ئۈنلۈك سۆزلىشىشكە باشلىدى. ئەسلى ئۇ پاسپورتىنى ئۆيىدە ئۇنتۇپ قاپتىكەن، بىرىگە بىكەتكە تېز ئەكىلىپ بەرگىن دەپ تاپىلاۋېتىپتۇ. يەنە بىردەم يولغا چىقماي ساقلايدىغان ئوخشايمىز.
تار ئىشتان ۋە پوپايكا كېيىۋالغان بۇ يالاڭباشتاق ئايال قېنىق گىرىم قىلغان بولۇپ، توختىماستىن ئۇ يەر بۇ يەرگە تېلېفون قىلاتتى. ساقلىغانغا چۈشلۇق ئۇنىڭ پاسپورتىمۇ كەلدى. ئۇ ماشىنىنىڭ ئالدى تەرىپىدە شوپۇرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا ئولتۇردى. يەنە بىر ئەرەپ مۇسۇلمان ئەر، يولدىشىم ۋە مەن ئۈچ كىشى ئارقىدا ئولتۇردۇق. يولغا چىقتۇق. شوپۇر بۇ ئايال بىلەن بەك قىزغىن سۆزلىشىپ كەتتى. ئايال تاماكا چېكىشكە باشلىدى. ئۇنىڭغا ھېچكىم چەكمە دېمىدى. مېنىڭ چەكمە دېگۈم بولسىمۇ سەۋر قىلدىم. (تۈركىيەدە بۇنداق ماشىنا ئىچىدە تاماكا چېكىدىغان ئىش بولسا، ئېنىقكى جىرمانە تۆلەيدۇ). بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار خرىستىيانلارغا ھەقىقەتەن بەك كەڭ قورساق ئىكەن.
بىرەر سائەتچە ماڭغاندىن كېيىن يېمەكلىك ساتىدىغان بىر چوڭ تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا توختىدۇق. شوپۇر 20 مىنۇت دەم ئېلىپ ماڭىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى. بۇ بازارنىڭ ئىچىدە خىلمۇ-خىل پىچىنە-پىرەنىكتىن باشلاپ چاي-قەھۋەگىچە كۆپ خىل غىزا باركەن. بىز چاي ئىچتۇق. بىر كىلو باكلاۋا (ئىچىدە مېغىز بار تاتلىق تۈرۈم) بىلەن يېرىم كىلو مېغىزلىق تاتلى ئالغان ئىدۇق، پۇلىسىنى تۈلەيدىغان چاغدا بۇنى 41 مىڭ لىۋان لىراسىغا ئالغانلىقىمىز مەلۇم بولدى. بۇ يەر ھەقىقەتەن بەك قىممەتچىلىك ئىكەن. لېكىن سۈپىتىمۇ ياخشىكەن. بىز تېگىشىۋالغان لىۋان لىراسى يەتمەي، سۈرىيە لىراسى بەردۇق. ئادەتتە 200 سۈرىيە لىراسى 300 لىۋان لىراسىغا تەڭ ئىكەن. بۇ يەردە سۈرىيە لىراسىنىمۇ خەجلىگىلى بولىدىكەن.
كەچ سائەت 11:00 ئەتراپىدا دەمەشىققە قايتىپ كەلدۇق.
(7) ئىئوردانىيە: ئاممان
نازمىيەنىڭ ئانىسى ئەنقەرەدىن ئەۋەتكەن 40 كىلو ئەتراپىدىكى ئامانەتلەرنى ئۇنىڭ قولىغا بېرىۋەتكەندىن كېيىن يۈكىمىز يېنىكلەپلا قالدى. ساياھەت مەنزىلىمىز مىسىر. ھازىر سۈرىيەدە تۇرىۋاتىمىز. ئافرىقا قىتئەسىدىكى مىسىرغا ئايرۇپىلان بىلەن بارساقمۇ بولىدۇ. لېكىن شە كۆرىمىز، ساياھەت قىلىمىز دەپ چىققان ئىكەنمىز، ئىلاجى بار كۆپرەك يەرلەرنى كۆرىۋالغىنىمىز ئەۋزەل. بىر قانچە سائەتلىك بولسىمۇ بېيرۇت شەھرىنى كۆرۈپ كەپتىمىز. ئەمدى مىسىرغا يەنە قورۇقلۇق يولى بىلەن ماشىنىدا بېرىپ باقايلى دەپ ئويلىدۇق.
12-ئاينىڭ 16-كۈنى پەيشەنبە ئەتىگەندە مەھمەت ئابى بىلەن خوشلىشىپ ئۈردۈنگە، يەنى ئىئوردانىيەگە قاراپ يولغا چىقتۇق. مەھمەت ئابى بىزنى ماشىنىسىدا ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بىكىتىگە ئەكىلىپ قويدى. بىز كۆرگەن بۇ ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ زېمىنى (كۈلىمى) بىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىمىزدىكى بىرەر كىچىك ۋىلايەت ياكى ناھىيەچىلىك كېلىدىغان بولغاچقا، بىزدە بىرەر ناھىيىدىن يەنە بىر ناھىيەگە بارىدىغان ئاپتۇۋۇز بىكەتلىرىدەك يەرلەر بۇ يەردە خەلقئارالىق بىكەت بولىدىكەن.
سومكا كۆتىرىپ كەلگەن بىزلەرنىڭ يولۇچى ئىكەنلىكىمىزنى پەملىگەن يىگىرمە ئوتتۇزدەك شوپۇر بىزنى ماشىنىسىغا سېلىش ئۈچۈن بەس-بەستە چاقىرىپ كەلدى. (ئەرەپلەرنى ھۇرۇن دېسە بەك ئىشەنمەس بولدۇم). ئاپتۇبۇس شوپۇرى، مىنىبۇس شوپۇرى، تاكسى شوپۇرى ھەممىسى يولۇچى ئىزدەپ تۆت كۆزدە قاراپ تۇرىدىكەن مېنىڭ ماشىنامغا چىقسۇن دەپ. بىز بىر ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىمغا ئىئوردانىيەنىڭ ئاممان شەھرىگە تاكسى بىلەن بارىدىغانلىقىمىزنى، ھازىر ماڭىدىغان تاكسىنى كۆرسىتىپ قويۇشىنى ئېيتتۇق. بۇ خادىم بىر يىگىتنى چاقىرىپ بىزگە ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىقىشىمىزنى ئېيتتى. بۇ تاكسىغا ھازىرچە بىز ئىككى كىشىدىن باشقا يولۇچى بولمىغاچقا، شوپۇر بىردەم ساقلىشىمىزنى ئېيتتى. تۆت كىشى چىقسىلا ماڭىدىكەن. كىراسى بىر كىشىگە 500 سۈرىيە لىراسى (تەخمىنەن 12 دوللار ئەتراپىدا) ئىكەن. بىز بارماقچى بولغان ئاممان بىلەن سۈرىيەنىڭ ئارىلىقى 430 كىلومېتىركەن. بۇ شوپۇرلار ھەقىقەتەن ئەرزان قاتنايدىكەن دەپ ئويلىدۇق. كېيىن ئامماندىكى بىر تاكسى شوپۇرىدىن ئاڭلىشىمىزچە، سۈرىيەدە نېفىت ئەرزانمىش، شۇڭا كىرا قىممەت ئەمەسمىش.
بىر يېرىم سائەت ساقلىغاندىن كېيىن ماشىنىغا سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىر ئەرەپ يولۇچى چىقتى. سۈرىيەلىك شوپۇر يىگىت بىزنى كۆپ ساقلاتقانلىقىدىن خىجىل بولدىمۇ ئەيتاۋۇر، ئۈچ يولۇچى بىلەنلا ماشىنىسىنى قوزغىتىپ ماڭدى. بۇ شوپۇر ئەرەپ بىلەن سەئۇدىيلىق ئەرەبنىڭ قىلىشقان گەپلىرىنى بەك ئوقالمىدۇق. بىز بۇ يەرلەردە چالا-پۇچۇق ئەرەپچە، ئەرەپچىمىز يەتمىگەندە ئېنگلىزچە سۆزلەپ مەقسىدىمىزنى ئوقتۇرۇپ ماڭدۇق.
دەمەشقتىن ئىئوردانىيەگە بارىدىغان يولدا بۇسرا دەيدىغان بىر جاينىڭ بارلىقىنى، ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبىرىمىز 12 يېشىدا تاغىسى ئەبۇ تالىب بىلەن بىرلىكتە شامغا كەلگەندە مۇشۇ يەردىكى (ھازىرغىچە ساقلانغان) بىر ماناستىردىكى باھىرا ئىسىملىك بىر راھىپنىڭ ئۇنى كۆرۈپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۈستىدە كېتىۋاتقان بۇلۇت قاتارلىق ئالامەتلەردىن ئۇنىڭ ئىنجىلدا كېلىشى بايان قىلىنغان پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئەبۇ تالىبقا: "بۇ بالا كەلگۈسىدە پەيغەمبەر بولىدۇ. بۇ بالىنى ئېلىپ دەرھال كەينىڭگە قايتقىن، ئۇنىڭغا ياخشى قارىغىن. ئەھلى كىتاب (يەھۇدىيلەر)دىن يامان نىيەتلىكلەر ئۇنى بايقاپ، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىپ سالمىسۇن..." دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدۇق. مۇشۇ يەردە 20 مىنۇت توختاپ ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلدۇق. مەقسىدىمىزنى شوپۇرغا دېدۇق. 20 مىنۇت توختىسا، بىزنى شۇ ماناستىرغا ئاپارسا يەنە 200 سۈرىيە لىراسى بېرىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتۇق. بىراق شوپۇر يولغا ئالدىرامدۇ بىلمىدۇق، بىز ئېيتقان ماناستىرنىڭ يول ئۈستىدە ئەمەسلىكىنى، ئۇ يەرگە بىزنى ھازىر ئاپىرالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىزمۇ بەك چىڭ تۇرۇۋالمىدۇق. ئاڭلىساق، مەشھۇر ئىسلام ئالىمى ئىبنى ئەرەبىينىڭ قەۋرىسىمۇ دەمەشقتە ئىمىش. ئۇ يەرنىمۇ كۆرۈش نېسىپ بولمىغانىدى.
سۈرىيەدىن چىقىش ئېغىزىغا كەلگەندە مەن چەتئەللىك بولغانلىقىم ئۈچۈن يەنە 500 لىرا پۇل تۈلەپ چىقتىم. يولدىشىم پۇل تۈلىمىدى. ئىئوردانىيەگە كىرىش ئېغىزىغا كەلگىنىمىزدە ئىئوردانىيە ساقچىلىرى يۈك-تاقلىرىمىزنى بىر-بىرلەپ تەكشۈردى. لىۋانغا بارغاندىمۇ بۇنداق تەكشۈرمىگەنتى.
ئىئوردانىيەگە كىرىش رەسمىيىتى بىجىرىش ئورنىغا كىردۇق. يولدىشىمدىن ۋىزا تەلەپ قىلمايدىكەن. كىچىك بىر جەدىۋەلنى تولدۇرۇپ، پاسپورتىغا تامغۇ قويغۇزسىلا بولىدىكەن. ئەمما ماڭا ئۇنداق ئاسان بولمىدى. ۋىزا ئېلىشىم كېرەككەن. ۋىزا ئېلىش ئورنىغا كەلگىنىمدە خىزمەتچى خادىم 10 دىنار پۇل تۈلەشنى ئېيتتى. يانچۇقىمىزدا دىنار يوق، دوللار بېرەيلى دېسەك، بولمايدۇ! دېدى. پۇل تېگىشىدىغان يەرنى ئەرەپچە "سەرراف" دەپ ئاتايدىكەن. ساقچىلاردىن سوراپ يۈرۈپ، يېقىنراق يەردىن بىر سەررافخانا تاپتۇق. پاھ، 100 دوللار 70 دىنار بولىدىكەن. ئىئوردانيە دىنارىنىڭ خېلى قىممىتى باركەن جۇمۇ. بىز ئۈچ يۈز دوللار پۇل تېگىشكەندىن كېيىن، پۈتۈن ئەللىك دىنارنى پارچە دىنارغا تېگىشىپ بېرىڭ دەپ ئېنگلىزچە ئېيتساق، سەرراف راۋان تۈركچە بىلەن:
- بۇزۇق پارا يوق! – دەپ پۇل قويىدىغان تارتمىسىنى ئېچىپ كۆرسەتتى. (تۈركچە "بۇزۇق" دېگەن سۆز پارچە، "پارا" دېگەن سۆز پۇل دېگەن مەنىدە). بۇلارنىڭ تۈركچىسى راۋان بولغىنىغا قارىغاندا تۈركلەر بىلەن خېلى ئۇچرىشىدىغان ئوخشايدۇ)
ۋىزا بىجىرىپ بەرگۈچىنىڭ يېنىغا كېلىپ 10 دىنار بىلەن بىللە پاسپورتۇمنى بەردىم. ئەمما بۇ خادىم ئىنگىلىزچە:
- ھازىر كومپىيوتېر سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلدى. كومپىيوتېر قېتىۋالدى. ئون يىگىرمە مىنۇت ساقلاپ تۇرۇڭ. - دېدى. قارىسام، ئالدىدا نۇرغۇن پاسپورت باركەن. ھەممىسى ۋىزا ساقلاۋېتىپتۇ. فرانسىيەلىك بىر ئايالمۇ مېنىڭ يېنىمدا ساقلاۋاتاتتى. بۇ خادىم:
- ئاۋۇ يەرگە بېرىپ ئولتۇرۇڭ. ۋىزىڭىز چىققاندا چاقىرىمىز. – دەپ يىراقتا ئاياللار ئولتۇرغان ئۇرۇندۇقلارنى ئىشارەت قىلىپ كۆرسەتتى.
ئاشۇ يەرگە بېرىپ ئولتۇردۇم. يېنىمدا ياش بىر چوكان باركەن، ئۇنىڭ ئىككى ياشلىق ئوماق قىزىنىڭ چىرايلىقلىقىغا مەستلىكىم كېلىپ، بىر شاكىلات كەمپىت بەرگەچ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئىنگلىزچىسى راۋان بۇ چوكان ئىئوردانيەلىك، يولدىشى سۈرىيەلىك ئىكەن. ھازىر ئۇلار دۈبەيگە ساياھەت قىلغىلى كېتىۋېتىپتۇ. يولدىشى بىر رەسمىيەت ئىشى تۈپەيلى سىرتقا چىقىپ كېتىپتۇ. يېرىم سائەتچە پاراڭلاشتۇق. بىزنىڭ تۈركىيەدىن كەلگەنلكىمىزنى ئاڭلاپ:
- بىز ئەرەپلەر تۈرك فىلىملىرىنى بەك ياخشى كۆرىمىز. مۇھەننەد نۇرنى بىلەمسىز؟ ئۇنىڭغا پۈتكۈل ئەرەپ قىزلىرى ئاشىق. –دېدى ھاياجان بىلەن. مەن ئۇنى بىلمەيدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. بەك ئىشەنمىدى. ئەمىلىيەتتە راستلا بىلمەيتتىم. چۈنكى، بىزنىڭ ئۆيدە تېلېۋىزور يوقتى. خەۋەر كۆرمەكچى بولساق، ئنىتېرنىتتىن ياكى گېزىتلەردىن ئوقۇيتتۇق. تۈركىيەنىڭ بەزى تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بەك غەرپچىلىشىپ، بولمىغۇر تۇيۇلۇپ كەتكەچكە ياقتۇرمايتتۇق. "كۇرتلار ۋادىسى" فىلمىنىمۇ ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردە داڭقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۆرگەنتۇق. بۇ چوكان تۈرك قىزلىرىنىڭ چىرايلىقلىقى، تۈرك يىگىتلەرنىڭ قەھرىمان، سۇمباتلىقىنى ماختىدى. بۇ ئەسنادا، ۋىزا بېرىدىغان يەردە كىشىلەرنىڭ پاسپورتلىرىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم. بىردەم ساقلىغاندىن كېيىن پاسپورتۇمغا ۋىزا چاپلاپ، تامغا بېسىپ بەردى.
ئاممان شەھەر ئىچىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. چۈشتىن كېيىن سائەت 3:30 ئەتراپىدا شەھەر ئىچىگە كىردۇق. تاكسىدىن چۈشۈپ سومكىمىزنى قولىمىزغا ئېلىپ تۇرۇشىمىز بىلەنلا يەنە يەتتە سەككىز نەپەر تاكسىچى "نەگە بارىسىلەر، مەن ئاپىراي!" دەپ ئەتراپىمىزنى قورشىۋالدى. مېھمانخانا ئىزدەيدىغانلىقىمىزنى ئېيتتۇق. ئالدىمىزدىلا ساياھەت شىركىتىنىڭ بىلەت سېتىش، مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇش دېگەندەك مۇلازىمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورنى باركەن. بىر تاكسىچى بىزنى ئۇنىڭ ئىچىگە باشلاپ كىردى. مەقسىدىمىزنى ئېنگلىزچە ئېيتتۇق. بىر تېلېفوننى بەردى. تېلېفوندىكى كىشى "مېھمانخانىمىزنىڭ بىر كېچىلىكى 80 ياۋرۇ، بوش ياتاق بار. كېلىڭلار" دېدى. بىز "بەك قىممەتكەن، بىز ئەرزانراق بىر ياتاق ئوقۇشايلى،رەھمەت" دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتۇق. تاكسىچى: "مەن ئەرزان ياتاق بار مېھمانخانا بىلىمەن. يۈرۈڭلار، سىلەرنى شۇ يەرگە باشلاپ باراي!" دەپ ماڭدى. بىزمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماشىنىسىغا چىقتۇق.
جابال ئال-ھۈسەيىن بېر سابئە كوچىسىدىكى قەسىر جەددە مېھمانخانىسىغا كەلدۇق. دەرۋازىسىغا "بىسمىللاھىررەھمانىررەھىيم" دەپ يېزىلغان بۇ مېھمانساراي ئۈچ يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا ئىكەن. ئىككى كىشىلىك بىر ياتاقنىڭ قانچە پۇل ئىكەنلىكىنى سورىساق، ئاۋۋال ياتاقنى كۆرۈپ بېقىڭلار دەپ 4-قەۋەتتىكى بىر ياتاقنى كۆرسەتتى. ياتاق بىزگە يارىدى. ئنىتېرنىت بارمۇ؟ دەپ سورىساق، سىمسىز ئىنتېرنت شىفرىسىنى ئېيتىپ بەردى. بىر كېچىلىكى 50 دىنار (75 دوللار) ئىكەن. بىز ماقۇل دېدۇق. بۇنىڭدىن ئەرزانراق بىر مېھمانخانا ئىزدەشكە ئىرىندۇق. تاكسىچى بىزدىن سورىدى:
- ئامماندا قانچە كۈن تۇرسىلەر؟
- خۇدايىم بۇيرىسا، ئەتە چۈشتىن كېيىن مىسىرغا يولغا چىقىمىز.
- ئەتىنىڭ بىلىتىنى ھازىر ئېلىۋەتمىسەڭلار، ئەتە يولغا چىقالمايسىلەر. مەن ھازىر سىلەرنى بىلەت سېتىش ئورنىغا ئاپىراي، تېز بولۇڭلار.
- ماقۇل ئۇنداق بولسا.
مېھمانخانا خادىمىغا سومكا بىلەن خاتىرە كومپىيوتېرىمىزنى ئامانەت قويۇپ، تاكسىچىنىڭ كەينىدىن ماڭدۇق. بىلەت سېتىش ئورنىغا كەلدۇق.
- ئەتە مىسىرغا بارىمىز، ئىككى كىشىلىك بىلەت ئالغىلى كەلدۇق.
- ئەتە ئۇچىدىغان ئىككى ئايرۇپىلان بار. بىرى ئەتىگەن سائەت 5:30'تە ئۇچىدۇ. فرانسىيە ئايرۇپىلانى، بىلەت باھاسى بىر كىشى 190 دىنار. يەنە بىرى كەچ سائەت 7:00 دە ئۇچىدۇ. باھاسى 240 دىنار، مىسىر ئايرۇپىلانى. سىلەر قايسىسىنى تاللايسىلەر؟
- بىز ئايرۇپىلان بىلىتى ئالغىلى كەلمىدۇق. پاراخۇت بىلىتى ئالغىلى كەلدۇق. (ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئىئوردانىيەدىن ئافرىقا قىتئەسىدىكى مىسىرغا سۇ ۋە ھاۋا يولى بىلەنلا بارغىلى بولىدىكەن، باشقا يول يوقكەن)
- ھە، شۇنداقمۇ؟ - بىلەتچى تاكسىچىغا قاراپ مۆرىسىنى قىسىپ قويغاندىن كېيىن بىزگە دېدى:
- سىلەر ئامماندىن مىسىرغا بارماقچى شۇنداقمۇ؟
- شۇنداق.
- لېكىن ئامماندىن مىسىرغا بېرىش ئۈچۈن ئايرۇپىلاندا بېرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئامماندىن مىسىرغا بىۋاستە بارىدىغان پاراخوت يوق.
- ئەمما بىز پاراخوت بىلەن بېرىشقا نىيەتلىنىپ يولغا چىققان.
- پاراخوتتا بېرىش ئۈچۈن ئامماندىن 350 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئەقەبە شەھرىگە بېرىشىڭلار كېرەك. تۆت بەش سائەتتە بارىسىلەر. پورت شۇ يەردە. ئەمما بۇ بەك ئاۋارىچىلىق. پاراخۇت بىلىتىمۇ ئاساسەن سېتىلىپ بوپتۇ. شۇنداقتىمۇ مەن سىلەرگە بىلەت ئوقۇشۇپ بېرەي. ئايرۇپىلاندا بارمايسىلەر، شۇنداقمۇ؟
- شۇنداق! پاراخوتتا بارماقچىمىز.
- مېنىڭچە، ئەتە سەھەردە 5:30تە ئۇچىدىغان ئايرۇپىلان سىلەرگە ئەڭ مۇۋاپىقتى. جاپا تارتمايتتىڭلار.
- بىز ئاممانغا تېخى ئەمدىلا كەلدۇق. مېھمانخانا ئوقۇشتۇق. ئەتە ئەتىگەندىلا ھاپىلا-شاپىلا بۇ يەردىن كېتىشنى خالىمايمىز. مىسىرغا ئالدىراپ بېرىپ قاتنىشىدىغان بىرەر جىددى يىغىنىمىز يوق. ئالدىرىماي شە چۆگىلەپ بارىمىز. پاراخوت بىلىتى قانچە پۇل؟
- فرىسىت كىلاس (ئالىي دەرىجىلىك) بىلەت بىر كىشى 140 دىنار.
بىلەت ساتقۇچىنىڭ گەپلىرىدىن زىرىكتىم. يولدىشىمغا بولدى بۇ يەردىن چىقىپ كېتەيلى دەپ ئىشارەت قىلغاچ ئۇ كىشىدىن سورىدىم:
- بىز قايسى بىلەت ئېلىشنى بىر مەسلىھەتلىشىپ كېلەيلى. مەسلىھەتىمىز پىشقاندا سىزگە تېلېفون قىلارمىز. بىز تېخى پىشىن، ئەسىر نامىزى ئوقىمىغان ئىدۇق. يېقىن يەردە مەسجىد بارمىدۇ؟
- بىر ئاز يىراقتا مەسجىد بار. ئەمما بۇ مەسجىدتە پەقەت ئەرلەرلا ناماز ئوقۇيدۇ. ئاياللار كىرەلمەيدۇ. ئاياللار بۇ يەردە ھېچقانداق مەسجىدكە كىرەلمەيدۇ. سىز پەقەت مېھمانخانىغا قايتىپ شۇ يەردىلا ناماز ئوقۇيالايسىز.
- بوپتۇ ئەمىسە. بىز مېھمانخانىغا قايتايلى.
- مەسلىھەتىڭلار پىشقاندا ماڭا سائەت 6:00دىن ئىلگىرى تېلېفون قىلىڭلار. سىلەرگە ياردەم قىلىمەن، باھادا ئېتىۋار قىلىمەن.
- ماقۇل، رەھمەت. خوش ئەمىسە.
مېھمانخانىغا كەلدۇق. تاكسى شوپۇرىغا 2 دىنار تەڭلىسەك، بۇ ئاز دېدى. شۇنىڭ بىلەن 4 دىنار پۇل بەردۇق. ياتاققا چىقىپ كىيىم ئالماشتۇرۇپ، يۈز-كۆزلىرىمىزنى يۇيۇپ نامىزىمىزنى ئوقىغاندىن كېيىن نامازشام بولدى. كەچلىك تاماق سائەت يەتتىدە ئىكەن. سائەت يەتتىگىچە كوچا ئايلىنايلى دەپ سىرتقا چىقتۇق. بىز تۇرىۋاتقان مېھمانخانىغا يېقىنلا يەردە ھەيۋەتلىك بىر جامە باركەن.
(ئاخشام قاراڭغۇدا تارتىلغان سۈرەتلەر ئېنىق چىقماي قالدى، بۇ مەسجىدنىڭ ئىسمى پادىشاھ ھۈسەيىن جامەسى ئىكەن)
جامە يېنىدا بىر چىركاۋ باركەن. جامەنىڭ ئالدىغا كېلىشىمىز بىلەنلا خۇپتەنگە ئەزان ئوقۇلماسمۇ! جامائەت نامىزىنىڭ ساۋابى يالغۇز ئوقىغان نامازدىن 27 ھەسسە ئارتۇق دەپ بىلىدىغان يولدىشىم جامەگە كىرىپ كەتتى.
مەن كىرەلمەي ئىككىلىنىپ تۇرسام، بىر ئايالمۇ يۈگرەپ كىرىپ كېتىۋاتمامدۇ! ئارقىسىدىن ئەگەشتىم. جامە ھويلىسىدا يۇغان ئىككى مەسجىد باركەن. بىرىدە ئەرلەر، بىرىدە ئاياللار ناماز ئوقۇيدىكەن. بىلەت ساتقۇچى يالغان گەپ قىپتۇ ئەمەسمۇ! خەپ، بۇ يالغانچىدىن بىلەت ئالمايلى ئەمدى. ئاياللار مەسجىدىدە تامغا ئېسىغلىق تۇرغان دۇئانى رەسىمگە تارتىۋالدىم.
مەسجىدتىن چىقىپ كوچا ئايلاندۇق. يەنە بىر بىلەت سېتىش ئورنى ئۇچرىدى. كىرىپ مىسىرغا پاراخوت بىلەن بارماقچى ئىكەنلىكىمىزنى، بىلەت سېتىپ بېرىشىنى ئېيتتۇق. ياشانغان بىر بوۋاي راۋان تۈركچە بىلەن:
- ئامماندىن ئەقەبەگە، ئەقەبەدىن پاراخوت بىلەن مىسىرغا، ئاندىن ئۇدۇل قاھىرەگە بىر كىشى جەمئىي 75 دىنارغا بارىسىلەر. مانا ماۋۇ يەرگە بېرىپ بىلەت ئېلىڭلار. ھەر كۈنى بىر پاراخوت بار. پاراخوت كېچە سائەت بىردە يولغا چىقىدۇ، سەھەردە مىسىرغا بېرىپ بولىدۇ. – دەپ قولىمىزغا بىر ئادرىس يېزىلغان قەغەزنى بەردى. ئۇ ئادرىستىكى يەرنى ئەتە ئىزدەرمىز دەپ ئىزدىمىدۇق.
مېھمانخانىغا قايتىپ كەچلىك تاماق يېدۇق. تاماق پۇلىنى يانچۇقتىن ئايرىم تۈلەيدىكەنمىز. 19 دىنارغا يەپتىمىز.
ئەتىسى سەھەردە ناشتا قىلدۇق. ناشتىلىق ھەقسىزكەن، پۇل ئالمىدى. تورغا كىرىپ نونوختا يېقىنلىرىمىزغا تېلېفون قىلدۇق. خاتىرە كومپىيوتېر ئېلىۋالغاننىڭ پايدىسى مۇشۇنداق چاغدا بولىدىكەن. سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرگەندىن كېيىن سائەت 11:30دە ياتاقتىن چىقتۇق. (سائەت 12:00دىن كېيىن قالساق، يەنە بىر كۈنلۈك ھېساپلايدىكەن. checkout time 12:00 دەپ يېزىپ قويۇپتۇ). مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا تاكسىچىلار ئۈزۈلمەيدىكەن. بىر تاكسىچى بىزنىڭ ئەقەبەگە بارىدىغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ، سىلەرنى ئاپتۇبۇس بېكىتىگە ئاپىرىپ قويسام 2.5 دىنار، ئەگەر ئەقەبەگە ئاپىرىپ قويسام 80 دىنارغا ئاپىرىمەن دېدى. ئاپتۇبۇس بېكىتىگە ئاپىرىپ قويۇڭ دېدۇق.
شەھەرنى بىر ھازا ئايلاندۇرۇپ بېكەتكە ئاپاردى. رەھمەت دەپ 3 دىنار بەردۇق.
بۈگۈن جۈمە كۈنى بولغاچقا بىكەتكە كەلگىنىمىزدە جۇمە نامىزى خۇتبىسى ئوقۇلىۋاتقان ئىكەن. بۇ يەردىمۇ مۇنارى ھېيتكاھ جامەسىنىڭكىگە ئوخشايدىغان بىر جامە باركەن. يولدىشىم بىر ئىشىكىدىن كىرىپ كەتتى. قاراپ تۇرسام، ئاياللارمۇ باشقا بىر ئىشىكتىن توپ-توپ بولۇشۇپ كىرىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدىم. ئاياللار مەسجىدى باركەن. ئىچىدە بىرەر ئىككى يۈزدەك ئايال كىشى خۇتبە ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتۇ. مەنمۇ ئۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلدۇم. توۋا خۇدايىم، تۈنۈگۈنكى بىلەتچى ماڭا نېمىشقا يالغان گەپ قىلغان بولغىيتتى؟ كىچىككىنە بىكەتتىمۇ ئاياللار ئۈچۈن چوڭ مەسجىد باركەنغۇ ئەينا؟!
ئاياللارمۇ ئاۋازى مىكروفوندا چىقىۋاتقان ئەر ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ جۈمە نامىزى ئوقۇيدىكەن.
مەسجىدتىن چىقىپلا بىكەتتە نۆۋىتى كېلىپ قوزغالماقچى بولۇپ تۇرغان بىر ئاپتۇبۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ سورىدۇق:
- ئەقەبەگە بارامدۇ؟
- شۇنداق، تېز چىقىڭلار.
- بىلەت قانچە پۇل؟
- بىر كىشى 5.5 دىنار.
ئاپتۇبۇستا خۇددى بىز ئۇچۇنلا ئايرىپ قويۇلغاندەك 2 كىشىلىكلا ئۇرۇن قاپتىكەن. مەن ئالدىدا بىر قىزنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم. يولدىشىم ئارقىدا بىر ئەرنىڭ يېنىدىكى بوش ئورۇنغا كەتتى. ماشىنا دەرھال قوزغالدى.
ئەقەبەگە قاراپ كېتىۋاتىمىز. مەن شوپۇرنىڭ ئارقىسىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان بولغاچقا، سۈرئەت سائىتىنى ئېنىق كۆرۈۋاتىمەن. ماشىنا شەھەر ئىچىدە 60 كىلومېتىر، چۆلدىكى تاشيولدا 105 كىلومېتىر سۈرئەت بىلەن كېتىۋاتماقتا.
ئاممانغا كەلدۇق، ئەمما كۆرۈشكە تېگىشلىك يەرلەرنى كۆرگۈدەك پۇرسەت بولمىدى. بۇ يەر دەمەشق ۋە بېيرۇتتەك يېشىللىق ئەمەسكەن. ئىقلىمىنىڭ قورغاقلىقى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇرىدىكەن. كوچىلاردا، بىنالاردا ھازىرقى پادىشاھ ئابدۇللاھنىڭ رەسىمى كۆزگە چېلىقىدىكەن.
بۇلارنىڭ دۆلەت بايرىقىدىكى ئۈچ رەڭ رەت تەرتىپ بويىچە ئەمەۋى، ئابباسىي، فاتىمىي دۆلىتى (تارىختىكى ئۈچ مەشھۇر ئەرەب دۆلىتى)نى ئىشارەت قىلىدىكەن. ئۈچ بۇرجەكلىك قىزىل قىسمى بولسا، 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئوسمانلى ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىسيان قىلغان شەرف ھۈسەيىن تەرەپدارلىرى كۆتۈرگەن بايراقنىڭ دەل ئۆزى شۇ. بۇلار ئىنگلىزلار بىلەن بىرلىشىپ ئوسمانلىنىڭ ئارقىسىدىن خەنجەر ئورغانلار بولغاچقىمىكىن، كۆڭلۈمدە بۇلارغا نىسبەتەن بەك ياخشى تەسىرات يوق.
جەمئى يەر كۈلىمى 92 مىڭ كوۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئىئوردانىيە پادىشاھلىق دۆلىتى سۈرىيەنىڭ يېرىمىچىلىك كېلىدىكەن. بۇ يەردە 6 مىليون كىشى ياشايدىكەن. نۇپۇسىنىڭ 8%ى خرىسىتىيان ئىكەن.
خەرىتىدىن بۇ دۆلەتنىڭ خوشنلىرىغا قاراپ جوغراپىيەلىك ئورنىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم. بىر تەرىپى سەئۇدى ئەرەبىستان، يەنە بىر تەرىپى ئىراق ۋە سۈرىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئىئوردانيە ئىسرائىلىيە بىلەنمۇ يېقىن خوشنا ئىكەن. ئىسرائىلىيەنىڭ مۇھىم دۈشمەنلىرىدىن بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە سۈرىيەنىڭ بېقىنىدا تۇرغان ئىئوردانىيە شۈبھىسىزكى، ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان يېرى. بۇ يەرنىڭ ھازىرقى پادىشاھىنىڭ ئانىسى ئېنگلىز، ئۆزى ئوكسفورتتا تەربىيىلەنگەن. رەپىقىسى شۇ ئەلكۈيىدىكى زاكىرەنىڭ باش سۈرىتىدىكى ئايال شۇ. ئاڭلىساق، ھازىرقى پادىشاھ ئەرەپچە سۆزلىيەلمەيدىكەنمىش، يېقىندا ئەرەپچە ئۆگىنىپتىمىش. چوڭ چوڭ خەلقئارالىق يىغىنلاردا، دۆلىتىدىكى نۇتۇقلاردا ھەمىشە ئېنگىلىزچە سۆزلەرمىش. چۈنكى كىچىكىدىن باشلاپلا ئەنگلىيەدە تەربىيىلەنگەنمىش.
(8) ئىئوردانىيە: ئەقەبە پورتى
ئاپتۇبۇستا ئەقەبەگە قاراپ كېتىۋاتىمىز. يېنىمدىكى ئەرەپ قىزدىن سورىدىم:
- ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبىرىمىزگە بەزى ساھابىلەر بەيئەت قىلغان ئەقەبە دېگەن جاي مۇشۇ ئەقەبە شەھرىدىمۇ؟
- بىلمەيدىكەنمەن، كەچۈرۈڭ. – دېدى قىز ئەدەب بىلەن. بەلكىم مەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ دېيەلمىگەندىمەن.
بىر تارىخ كىتابىدا ئوقىغان ئەقەبە بەيئىتىگە دائىر ۋەقەلەرنى ئەسلىدىم:
"پەيغەمبىرىمىز مەككىدە كۈچىنىڭ يېتىشىچە خەلققە ئىسلامنى چۈشەندۈرىۋاتقان چاغلار ئىدى. ھەج مەزگىلىدە مەككىگە كەبىنى تاۋاپ قىلغىلى يىراق يېقىندىن كەلگەن ھەر خىل قەبىلىدىكى ھەر خىل كىشىلەرگە ئىسلامنى بىلدۈرۈشكە تىرىشاتتى. بۇ مەزگىلدە مەدىنىدىن كەلگەن خەزرەج قەبىلىسىدىكى بەزى كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلدى. پەيغەمبەرلىكنىڭ 11-يىلى (يەنى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى) خەزرەج قەبىلىسىدىن كەلگەن ئالتە كىشى بۇ دەۋەتنى قوبۇل قىلىپ، چىن كۆڭلىدىن ئىسلامغا كىردى. ئۇلار مەدىنىدىكى يەنە بىر قېرىنداش قەبىلە بولغان ئەۋس قەبىلىسىدىكىلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ۋە كېلەر يىلى ھەج مەزگىلىدە يەنە مۇشۇ جايدا پەيغەمبىرىمىز بىلەن ئۇچرىشىشقا ۋەدە قىلىپ خوشلىشىپ قايتىپ كەتتى.
مەدىنىدە بۇ مەزگىلدە بۇ خەزرەج ۋە ئەۋس قەبىلىسىدىن باشقا يەنە ئۇچ يەھۇدىي قەبىلىسى بار ئىدى. ئۇلار مۇشرىك ئەرەپلەرنى بۇتپەرەست دەپ قىلچە كۆزگە ئىلمايتتى. يەھۇدىيلار قولىدىكى تەۋراتتىن، ئالىملىرىدىن ۋە ئاتا-بوۋىسىدىن ئاڭلىۋالغىنى بويىچە يېقىندا بۇ يەرگە بىر پەيغەمبەر كېلىدىغانلىقى، بارلىق يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىپ، ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن بۇتپەرەستلىككە خاتىمە بېرىپ، بۇ يەردىكى ئەرەپلەرنى يۇقىتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ يۈرۈشەتتى. يەھۇدىيلەرنىڭ بۇ سۆزلىرى مەدىنىدىكى خەزرەج ۋە ئەۋس قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ كاللىسىغا چىڭ ئورنىشىپ كەتكەنتى.
شۇڭا بۇ مەدىنىدىن كەلگەن ئەرەپلەر پەيغەمبىرىمىزنى ئەقەبەدە كۆرۈشى بىلەنلا يەھۇدىيلاردىن چاققان چىقىپ دەرھال ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشتى. ئۇلار دېدىكى:
- قەۋمىمىزنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار. يىللاردىن بېرى قەبىلىلەر ئارىسىدا داۋاملاشقان ئۇرۇش-جېدەل تۈپەيلى بىر بىرىمىز بىلەن سوقۇشۇپ دۈشمەن بولۇپ كەتتۇق. بۇ يېڭى دىننىڭ بىزنى ئىسلاھ قىلىدىغانلىقىغا، ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ بىرلەشتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
ئىسلامغا كۆڭۈل بەرگەن بۇ مەدىنىلىك تۇنجى مۇسۇلمانلار يۇرتىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ دىننى تەشۋىق قىلىشتى. بۇنىڭ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولدى. دېگەندەكلا، بۇ يەردە يىللاردىن بىرى ئۇرۇش-جېدەل قىلىپ دۈشمەنلەشكەن كىشىلەر ئىسلامنىڭ تەسىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئۆز-ئارا قېرىنداش بولۇشتى.
بىر يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن (يەنى پەيغەمبەرلىكنىڭ 12-يىلى) مەدىنىلىك 12 كىشى مەككىگە كېلىپ، ئەقەبە دېگەن يەردە كېچىسى پەيغەمبىرىمىز بىلەن مەخپى كۆرۈشتى. بۇ 12 كىشىنىڭ ئالتىسى ئۆتكەن يىلى كەلگەنلەر ئىدى. تارىختا بىرىنچى ئەقەبە بەيئىتى دەپ ئاتالغان بۇ بەيئەتكە قاتناشقان ساھابىلەردىن ئۇبادە بىن ئەسسامىت مۇنداق دېگەن:
"جاپا-مۇشەققەت ۋە ھۇزۇر-ھالاۋەتتە رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىمىزغا، ھەممە ئىشتا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىمىزغا، رەسۇلۇللاھنى جېنىمىزدىنمۇ ئېزىز بىلىدىغانلىقىمىزغا، ئاللاھ يولىدا ھېچقانداق كىشىنىڭ ئەيىپلىشىدىن قورقمايدىغانلىقىمىزغا، قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر رەسۇلۇللاھقا قارشى چىقمايدىغانلىقىمىزغا، ئاللاھقا قەتئى شېرىك قوشماسلىققا، ئوغرىلىق، زىنا قىلماسلىققا، بالىلىرىمىزنى ئۆلتۈرمەسلىككە، يالغانچىلىق، تۆھمەت قىلماسلىققا، رەسۇلۇللاھقا شەرتسىز ئەگىشىشكە ۋەدە قىلىپ بەيئەت قىلدۇق. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئارىمىزدىكىلەردىن بۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغۇچىلارغا ئاللاھنىڭ ئەجىر، مۇكاپات، جەننەت بېرىدىغانلىقى، نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ ئەمەل قىلالمىغۇچىلار ئەگەر بۇ دۇنيادا جازاغا ئۇچراپ قالسا، بۇ ئۇلارنىڭ گۇناھىغا كەففارەت بولىدىغانلىقى، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلالمىغۇچىلارنى ئەگەر ئاللاھ ئاشكارا قىلمىغان بولسا، ئاللاھ خالىسا ئۇلارنى كەچۈرىدىغانلىقى، خالىسا جازالايدىغانلىقى توغرىسىدا رەسۇلۇللاھ بىزگە بىلدۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە چىن كۆڭلىمىزدىن ئىشىنىدىغانلىقىمىز ھەققىدە ۋەدە بېرىمىز."
بۇ مەدىنىلىكلەر رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا مۇئەللىملىككە تەيىنلىگەن مۇسئەب بىن ئۇمەيرنى ئېلىپ مەدىنىگە قايتىشتى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەدىنىدە ئىسلام تېز تارقالدى. مەدىنىدە بىر ئىسلام دۆلىتىنىڭ پات يېقىندا بارلىققا كېلىشىگە زېمىن ھازىرلانماقتا ئىدى.
بىرىنچى ئەقەبە بەيئىتىدىن بىر يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مەدىنىلىك مۇسۇلمانلاردىن يەتمىش بەش كىشى يەنە مەككىگە كېلىپ ئەقەبەدە پەيغەمبىرىمىز بىلەن مەخپى كۆرۈشتى. پەيغەمبىرىمىزگە بەيئەت قىلدى. (بەيئەت مەزمۇنىنى تەپسىلىي يازماي بولدى). بۇ تارىختا ئىككىنچى ئەقەبە بەيئىتى دەپ ئاتالدى.
مەدىنىلىكلەر پەيغەمبىرىمىزنى جېنىدىنمۇ بەك ئېزىز بىلىپ قوغداشقا ۋەدە قىلىپ، ئۇنى مەدىنىگە تەكلىپ قىلغان بۇ بەيئەتتىن كېيىن، پەيغەمبىرىمىز مەدىنىگە ھىجرەت قىلدى..."
ئىسلام تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەردىن بىرى ھېساپلانغان بۇ ئەقەبە بەيئىتى مۇشۇ ئىئوردانىيەدىكى ئەقەبە شەھرىدە بولغانمىكىن دەپ ئويلىغانتىم. كېيىن ماتىرىيال كۆرسەم، بۇ بەيئەت ئورنى بولغان ئەقەبە ئەسلىدە مەككىگە ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى مىنا بىلەن مەككە ئارىسىدىكى بىر يەرنىڭ ئىسمى ئىكەن. ئىئوردانىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھىجاز رايونىدا ئەقەبە ئىسىملىك بىر قانچە يەر باركەن.
ئامماندىن يولغا چىققان ئاپتۇبۇس بەش سائەتتىن كېيىن ئەقەبە شەھرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ شەھەر دېڭىز بويىدىكى پورت شەھرى بولغاچقىمىكىن، ئاممانغا قارىغاندا يېشىللىق ۋە دەل-دەرەخلىرى كۆپ كۆرۈندى. يوللىرىمۇ رەتلىك، پاكىز، چىرايلىقكەن.
بىز پاراخوت بىلىتىنى تېخى ئالمىغان ئىدۇق. ئاپتۇبۇس شوپۇرىدىن بىلەتنى نەدىن ئالىدىغانلىقىمىزنى سورىدۇق. ئەسلىدە بىز بىلەن بۇ ئاپتۇبۇستا بىللە كەلگەنلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى مىسىرغا بارىدىغانلاركەن. بىزمۇ ئاشۇلارنىڭ كەينىدىن ئۈچرەتكە تىزىلدۇق. بۇ يەردە ھەر قانداق ئىشتا ئاياللارغا ئالاھىدە ئېتىۋار قىلىدىكەن. ئەرلەر ئۇزۇن ئۈچرەت بولۇپ تۇرغان يەردە ئايال كىشى ئارقىدا ئۈچرەتتە تۇرمىسىمۇ بولىدىكەن.
بىلەت سېتىش ئىشخانىسىدىكى تېلېۋىزوردا "خويۈەنجىيا" فىلىمى قويۇلۇۋېتىپتۇ. قارىسام، ئەرەپچە تەرجىمە خەت كىرىشتۈرۈلگەن، لېكىن ئاۋاز بېرىلمىگەن خەنزۇچە فىلىمكەن. ئۇلار فىلىمنى ئاۋازسىز كۆرۈۋېتىپتۇ.
ئەقەبەدىن مىسىرغا ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئورۇن بىلىتىنى 44 دىنار (60 دوللار)دىن ئالدۇق.
بىلەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە شۇ ئاپتۇبۇس بىلەن پورتقا باردۇق. بىلەت سېتىش ئورنى بىلەن پورتنىڭ ئارىلىقى يىگىرمە مىنۇتلۇق يول ئىكەن.
پورتتا رەسمىيەتلەرنى بىجىردۇق. پاسپورتىمىزغا ئىئوردانىيەدىن چىقىش تامغىسى بېسىلدى.
بۇ يەردە مەسجىد، ھاجەتخانا، ئاشخانا دېگەندەك يەرلەر كەڭرى ئىكەن.
كېچە سائەت بىردە مىسىرغا قاراپ يولغا چىقىدىغان پاراخوتقا ساقلاۋاتىمىز.
(9) قىزىل دېڭىزدا پاراخوتتا
ئىئوردانىيەدىكى ئەقەبە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەبۇك ئۆلكىسىگە تۇتاش ئىكەن.


تەبۇكتىن ئۆتسىلا مەدىنىگە بارغىلى بولىدىكەن. بۇ يەرگىچە كەپتىمىز، مۇمكىن بولسا، مەدىنىگىمۇ بېيرۇتقا بارغاندەك بېرىپ بىر ئىككى كۈن تۇرۇپ كېلىشنى ئارزۇ قىلدۇق. لېكىن چۆمچەيسەكمۇ، ئۆمچەيسەكمۇ بۇنداق قىلغىلى بولمايتتى. چۈنكى مەككە مەدىنىگە بېرىشقا ۋىزا ئېلىش، چېگرىدىن كىرىش بەسى مۈشكۈل ئىدى.
كېچە سائەت 12:00گىچە پورتتىكى كۈتۈش ئورنىدا ساقلاپ ئولتۇردۇق. 12:00دىن باشلاپ كىشىلەر سەپكە تىزىلىشقا باشلىدى. سەپ ناھايىتى ئۇزۇن ئىدى. ئامماندىن بىر ئاپتۇبۇستا كېلىپ تۇنۇشۇپ قالغان سۈرىيەلىك بىر ئەرەب يولدىشىمنى ئۈچرەتتە تۇرۇشقا چاقىردى. ئۇ خېلى بۇرۇن ئۇرۇن ئېلىپ بوپتىكەن. مېنىڭ ئۇ ئەر خەقلەرنىڭ ئارىسىدا ئۈچرەتتە تۇرغۇم كەلمەي، يىراقراق يەردىكى بىر ئۇرۇندۇققا بېرىپ ئولتۇرۇپ MP5 تە فىلىم كۆرۈشكە باشلىدىم. يېنىمدا ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەرەپ ئايالمۇ ئۇرۇندۇقتا بىخارامان مۈگدەپ ئولتۇراتتى. سائەت 12 يېرىمدىن ئاشقاندا ئۇ ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى، ماڭىمۇ ماڭايلى دېگەندەك ئىشارەت قىلدى. ئارقىسىدىن ئەگەشتىم. ئەسلىدە بۇ يەردە ئاياللار باشقا سەپتە، ئەرلەر باشقا سەپتە ئۈچرەتتە تۇرىدىكەن. ئاۋۋال ئاياللار پاراخۇتقا چىقىدىكەن. ئاياللارنى مەخسۇس ماشىنا پاراخۇتنىڭ كىرىش ئېغىزىغا قەدەر ئاپىرىپ قويىدىكەن. بۇغداينىڭ باھانىسىدا قارامۇقمۇ سۇ ئىچىپتۇ دېگەندەك، ئائىلىلىك ئەرلەرمۇ ئايالىنىڭ باھانىسىدا ئەڭ ئالدىدا پاراخوتقا چىقالايدىكەن. پاراخوتقا ساقلاۋاتقان مىڭدىن ئارتۇق يولۇچىنىڭ ئىچىدە ئايال يولۇچىلار ئاز بولغاچقا، بىز پاراخوتقا دەسلەپ چىقىپ، ياخشى يەردىن ئۇرۇن ئېلىپ ئولتۇردۇق.
بۇ پاراخۇتنىڭ ھەجىمى قانچىلىك بىلمەيمەن. ئەمما كۆرگىنىم: ئىچى بەك چوڭكەن. ھەر قايسى قەۋەتلىرىگە لىفىت بىلەن چىقساقمۇ ياكى پەلەمپەيدە مېڭىپ چىقساقمۇ بولىدىكەن. بىز چىقىشتا لىفىتتا، چۈشكەندە پەلەمپەيدە چۈشتۇق. پاراخوتتا چاي قەھۋەخانا، رىستۇران، كىنۇخانا، دۇكان، مەسجىد، يىغىن زالى قاتارلىقلار باركەن. ئىچىنى يېرىم سائەتتە ئايلىنىپ بولۇشقا كۆزۈم يەتمىدى. كۈندۇز بولغان بولسا، سىرتتا دېڭىزغا قاراپ ئولتۇرغۇم بار ئىدى. ئەپسۇس، كېچىدە بۇنداق قىلغىلى بولمايتتى. بىز چايخانىغا يېقىن يەردە بىر ئۈستەلنى ئىگەللەپ ئولتۇردۇق. ئۇرۇندۇقلىرىمۇ راھەت، يۇمشاق ئىكەن.
كېچە سائەت بىر يېرىمدىن ئاشقان بولسىمۇ، پاراخۇتقا چىقىۋاتقانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. بىز تۇرغان قەۋەتتە مىسىرغا كىرىش ۋىزىسىغا تامغا باسىدىغان مەخسۇس بىر ئۇرۇن باركەن، كىشىلەر شۇ يەردە ئۇزۇن ئۈچرەتتە تۇرۇشۇپتۇ. يولدىشىممۇ بىر قانچە قېتىم بېرىپ، نۆۋەت كەلمىگەندىن كېيىن يېنىپ كەلدى. (مەن ئۇخلاپ قالغاندا پاسپورتلارغا تامغا باستۇرۇپتىمىش)
بىزنىڭ يېنىمىزدىكى ئۈستەلدە ئوڭ تەرىپىمىزدە ئىككى قىز، سول تەرىپىمىزدە بىر قىز بىردىن ئۈستەل بىلەن بىر قانچىدىن ئۇرۇندۇقنى ئىگەللەپ ئولتۇرۇپتۇ. سول تەرەپتىكى چىرايى كورىيەلىك ياكى ياپۇنلۇققىلا ئوخشايدىغان بىر قىزدىن ئېنگلىزچە سورىدىم:
- سىز قەيەرلىك؟
- مەن ياپۇن.
- مىسىرغا يالغۇز كېتىۋاتامسىز؟
- ھەئە، ساياھەت قىلغىلى كېتىۋاتىمەن. مەن پاسپورتۇمغا تامغا باستۇرۇپ كېلەي-ھە.
ئوڭ تەرىپىمدىكى ئىككى قىز قارىماققا يىگىرمە ياشلار ئەتراپىدا كۆرۈنەتتى. بۇ ئىككى ساھىپجامالنىڭ توختىماي كۈلۈشى، بىر ئۇرۇندۇقتا كاسىسىنى، يەنە بىر ئۇرۇندۇقتا پۇتىنى قويۇپ يېتىشى خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى. مەن بىر قىزدىن سورىدىم:
- سىلەر قەيەرلىك؟
- مەن شىياڭگاڭدىن كەلدىم. ماۋۇ دوستۇم ياپۇن.
- ھاي، ئۇنداق بولسا خەنزۇچىلا گەپلىشەيلى.
- سىز خەنزۇچىنى نەدە ئۆگەنگەن؟ بەك راۋان سۆزلەيدىكەنسىز؟ (قىزنىڭ مۇئامىلىسى بىراقلا قىزغىنلىشىپ كەتتى)
- قولۇمدىكى جۇڭگۇ پاسپورتىنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟
- ئەمما سىز بىزگە پەقەتلا ئوخشىمايدىكەنسىز. تۈركىيەلىككىلا ئوخشايدىكەنسىز.
- مەن ئۇيغۇر. ھازىرچە شۇ تۈركىيەدە ياشاۋاتىمىز. سىزمۇ شىياڭگاڭلىق تۇرۇپ گۇاڭدۇڭ تەلەپپۇزىدا سۆزلىمەيدىكەنسىز. ئورتاق تىلنى نەدە ئۆگەنگەن؟
- شىياڭگاڭدىكى مەكتەپلەردە پۇتۇڭخۇا دەرسى بار. ئاتا-ئانام بېيجىڭدىن كۆچۈپ بېرىپتىكەن.
- سىز ئوقۇغۇچىمۇ؟
- ھەئە. لوندۇندا ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇيمەن.
- كەسپىڭىز نېمە؟
- ئىقتىساد. ھە راست، بىر گەپنى سورىۋالاي، سىلەر مىسىرغا كىرىش ۋىزىسى ئالدىڭلارمۇ؟
- بىز ئاللىبۇرۇن ئېلىپ بولغان. نېمە، سىلەر تېخى ئالمىدىڭلارما؟
- بىز بۈگۈن ئىسرائىلىيەدىن كەلدۇق. مىسىر ۋىزىسى تېخى ئالمىغان. ھازىر مۇشۇ يەردە ئالىمىز.
توۋا، بۇ قىزلارنىڭ يامانلىقىنى. قولىدا مىسىر ۋىزىسى يوق، قورقماي مىسىر پاراخوتىغا چىقىپ ماڭغىنىنى. مەن جېنىمدا ئىستانبۇلدا ئون كۈن ساقلاپ مىسىر ۋىزىسى ئالدىم. (قارىغاندا بۇ خەقلەر "ھارۋا تاغ ئالدىغا كەلگەندە مۇقەررەر بىر يول چىقىدۇ(车到山前必有路)" دېگەن تەمسىلىگە بەك ئىشىنىدىغان ئوخشايدۇ)
- ئىسرائىلىيەدە قانچە كۈن تۇردۇڭلار؟
- بىر ھەپتىدەك تۇردۇق.
- مىسىردا قانچە كۈن تۇرماقچى؟
- ئون بەش كۈندەك تۇرىمىز.
- ئۇزاق تۇرىدىكەنسىلەر. ساياھەتمۇ ياكى باشقا ئىشمۇ؟
- بۇ يىلقى روژىستىۋا بايرىمىنى مىسىردا ئۆتكۈزگىلى كېتىۋاتىمىز. سىلەرچۇ؟
- بىز ساياھەتكە كېتىۋاتىمىز. مىسىرنى ئانچە مۇنچە كۆرۈپ باقىلى دەپ...
.....................
بىر ساقچى ئۇلارنى چاقىرىپ كەتتى. بىرسى ماڭسا، يەنە بىرسى ئۇرۇن ساقلاپ تۇراتتى. بىر ئازدىن كېيىن ئۇلار پاسپورتىنى ساقچىغا ۋىزا ئېلىپ بېرىڭ دەپ بېرىپ قويغانلىقىنى ئېيتىپ قايتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قولىدىكى ياپۇنچە رەڭلىك رەسىملىك ساياھەت يېتەكچىسى كىتابىغا كۆزۈم چۈشتى. مەخسۇس مىسىرنى زىيارەت قىلىدىغانلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن تۆت بەش يۈز بەتلىك بۇ كىتابتا مىسىرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى، شەھەر خەرىتىسى، ھەتتا ھەر قايسى شەھەرلەردە قايسى بىكەتتە قانچىنچى نۇمۇرلۇق ئاپتۇبۇسنىڭ قايسى بىكەتلەرگىچە ئاپىرىدىغانلىقى، ھاۋارايى، مەشھۇر ساياھەت ئورنى، تارىخىي چىركاۋلارنىڭ ئورنى ۋە قىسقىچە تارىخى، يېمەك-ئىچمەك، مېھمانساراي ئادرىسى، مىسىردا لازىم بولىدىغان ئاددىي ئەرەپچە جۈملىلەر، پۇل تېگىشىدىغان بانكا ياكى سەرراف ... قاتارلىقلاردىن تارتىپ ھەممە نەرسە تەپسىلىي خاتىرلەنگەن ئىكەن. بۇ كىتاب ئۇلارنىڭ ساياھەت يېتەكچىسى ئىكەن.
ئوڭ ۋە سول تەرىپىمىزدە ئوڭچە بىردىن ئۈستەل ۋە بىر قانچە ئۇرۇندۇقنى ئىگەللىگەن بۇ قىزلار سومكىلىرىنى ئۈستەل ئاستىغا قويغاندىن كېيىن، بىر كىشى ئۈچ ئۇرۇندۇقنى جۈپلەپ كارىۋات قىلىپ يېتىپ، ئۈستىگە ئۈزىنىڭ بىر ئەدىيىلىنى يېپىنىپلا تاتلىق ئۇيقۇغا كەتتى. ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسى ماڭىمۇ يۇقتى بولغاي، ئۇرۇندۇققا بېشىمنى قويغان پېتىم ئىككى ئۈچ سائەت ئۇخلاپتىمەن.
بىر چاغدا ئويغانسام، يولدىشىممۇ ئۈستەلگە بېشىنى دۇم قويغان پېتى ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇخلاۋېتىپتۇ. پاراخۇتنىڭ ئىچى مىغ-مىغ ئادەم. پاراخۇتنىڭ بىر تۇرۇۋاتقان قەۋىتىدە ئاستىغىمۇ ھەممە يەرگە گېلەم ياتقۇزۇلغان بولغاچقىمىكىن-تاڭ، ئۇرۇندۇق يېتىشمىگەن نۇرغۇن كىشى داق يەردىلا سومكىسىنى بېشىغا قۇيۇپ يېتىپ ئۇخلىشىپ كېتىپتۇ. ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغانلارغا قارىغاندا يەردە ئۇلتۇرغان ۋە يەردە ياتقانلارنىڭ سانى كۆپرەك كۆرۈنەتتى. بىر ئازدىن كېيىن بامدات نامىزىغا ئەزان ئوقۇلدى. كىشىلەرنىڭ نۆۋەت بىلەن سەپكە تېزىلىپ جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆردۈم.
يېرىم سائەتتىن كېيىن بەزى كىشىلەرنىڭ ئالدىراش ھالدا ئىشىك تەرەپكە كېتىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مىسىرغا كېلىپ بولغانلىقىمىزنى بىلدۇق. ھېلىقى ئۈچ قىزمۇ بىر ياقلارغا غايىپ بولدى. كىشىلەرنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپ پاراخوتتىن چىقتۇق. بۇ چوڭ پاراخوتنىڭ كىرىش قەۋەتىدە نۇرغۇن ماشىنىلار تۇراتتى. بۇ ماشىنىلار ھەقىچان شۇ ئەقەبەدىن كەلگەن ماشىنىلار بولسا كېرەك.
سىرتقا چىقىپلا بىز كەلگەن پاراخوتنىڭ رەسىمىنى تارتىۋالدىم.

ئەمدى تاڭ ئاتقان چاغ بولغاچقىمىكىن، ئالەم تۇلۇق يۇرۇمىغاچقا رەسىملەر تۇتۇق چىقىپ قالدى...
پاراخوت تۇرغان دېڭىز مۇسا ئەلەيھىسسالامنى قوغلاپ كەلگەن پىرئەۋن ھالاك بولغان قىزىل دېڭىز شۇ.
(10) مىسىر: نۇۋەيبە
كىشىلەر كۆرسەتكەن يول بويىچە مېڭىپ، بىكەتنىڭ ئىچىگە كىردۇق. ھېلىقى ئىككى قىزمۇ سومكىسىنى يۈدۈپ بىكەتكە كىرىشتى. ۋىزىنى ئوڭۇشلۇق ئاپتىمىش. ئۇلارمۇ ھازىر قاھىرەگە بارماقچىكەن. بىز ئاشخانىدا ناشتا قىلماقچىدۇق دېگەن باھانە بىلەن ئۇلار بىلەن خوشلاشتۇق. بۇ يەرنىڭ ئىسمى نۇۋەيبە ئىكەن.


ئەقەبەدىن نۇۋەيبەگىچە قىزىل دېڭىزدىكى سۇ يولى 500 كىلومېتىر دەپ ئاڭلىدۇق، يەنە بىرىدىن 590 كىلومېتىر دېگەندەكمۇ ئىشتتۇق. زادى قايسىسى توغرا؟ ھازىرچە بىلمەيمەن. بۇ بىكەتتە ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلەرگە بارىدىغان نۇرغۇن ئاپتۇبۇس، تاكسى ۋە مىنىبۇسلار كۆپكەن.
بىكەتنىڭ ئىچىدە بىر تەرەپتە تېلېفون كارتى سېتىش ئورنى باركەن، كىشىلەرنىڭ بۇ يەردىن ئالدىراش ھالدا كارت سېتىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، يولدىشىممۇ بىر كارت ئالدى. بۇ يەردە يانفونغا كارت ئېلىش ئۈچۈن كىملىك كەتمەيدىكەن. كارتنىمۇ تېلېفونغا سېلىپ بولغىچىلا دەرھال ئېچىلىدىكەن. (تۈركىيەدە يانفۇن كارتىنى كىملىك بىلەن ئالاتتۇق ۋە بىر قانچە سائەت ساقلىغاندىن كېيىن ئېچىلاتتى). بىر كارت 35 جۈنەي ئىكەن. (كېيىن بىلدۇقكى، قاھىرەدىن 15 جۈنەيگە ئالغىلى بولىدىغان كارتنى بىز بۇ يەردە 35 جۈنەيگە سېتىۋاپتىمىز)
بۇ يەردە بىر دوللار بەش جۈنەيگە تەڭ ئىكەن. بىز دەسلەپتە "خەمسە" (ئەرەپچە بەش) دېگەننى "خەمسىيىن" (ئەللىك) دەپ خاتا ئاڭلاپ، بەك ئەرزانچىلىقكەن دەپ خوش بوپ كېتىپتىمىز، كېيىن قارىساق، ئۇنچىۋىلا ئەرزانچىلىقمۇ ئەمەسكەن. (ئەمما تۈركىيەگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ئەرزانچىلىقكەن)
نۇۋەيبە بىلەن قاھىرەنىڭ ئارىلىقىنى بىرەيلەن 750 كىلومېتىر دېدى، يەنە بىرى 800 بىلەن 900 كىلومېتىر ئەتراپىدا دېدى. ئاپتۇبۇستا بارساق، بىر كىشى 80 جۈنەيگە بارىدىكەنمىز. تاكسى قىممەترەك ئىكەن. يولدىشىم ئون كىشىلىك بىر پاكىز مىنىبۇس شوپىرى بىلەن دېيىشىپتۇ، بىر كىشى 250 جۈنەيدىن ئىككى كىشى 500 جۈنەيگە بارىدىغان بولدۇق. بۇ يېڭى مىنىبۇس ھەقىقەتەن پاكىز ئىدى. كېيىن يەنە بىر قانچە كىشى چىقتى. گەرچە ئون كىشى تولۇق چىقمىغان بولسىمۇ شوپۇر يەنىلا يولغا چىقىۋەردى.
يولدا بىر يەردە توختىغاندا يولدىشىم، بىر نەرسە ئېلىش ئۈچۈن پەسكە چۈشۈپ كەتكەندە، مەن شوپۇر بىلەن ئىككى يولۇچىنىڭ باھا تالاشقان پارىڭىدىن ئۇلارنىڭ بىزدىن ئەرزانراق (ئىككى يۈز جۈنەيدىنمۇ ئاز پۇلغا) چىققانلىقىنى پەملەپ قالدىم. يولدىشىمغا دېسەم، "مەن باھا تالاشماپتىمەن" دېدى. بەلكىم باھا تالاشقان بولساق، ئەرزانراق بولۇشى مۇمكىن ئىدى. چالا پۇچۇق ئەرەپچە ۋە ئېنگلىزچە ئارىلاش شوپۇرغا كۆڭلىمىزدىكىنى ئوقتۇردۇق. شوپۇرمۇ باشقىلارنى بىزدىن ئەرزانراق ئالغانلىقىنى ئۇچۇق دېدى. بىزمۇ يولدا نامەرتلىك قىلمايلى دەپ، "بوپتۇ بىز رازى، ئەمما باشقا ياقا يۇرتلۇقلارغا بۇندىن كېيىن ئۇنداق قىلمىغىن" دەپلا گېپىمىزنى تۈگەتتۇق. شوپۇرنىڭ راستچىللىقى كۆڭلىمىزدىقى غەشلىكنى يۇيىۋەتتى. مەيلى، قوينۇڭدىن تۆكۈلسە، قونجۇڭغا دەپتىكەن، بىزدىن كەتسە، بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىمىزغا كېتىپتۇ. ئۇنىڭمۇ باقمىسا بولمايدىغان ئائىلىسى، ئۇششاق بالىلىرى باردۇ. ئون كىشى توشمىسىمۇ ماڭدى. قاھىرەگە بۇرۇنراق بارارمىز. بىز مۇشۇنداق دەپ ئۆزىمىزگە تەسەللىي بەرگىنىمىز بىلەن، مەن كۆڭلۈمدە ئون يىل ئىلگىرىكى بىر قىلمىشىمغا قاتتىق پۇشايمان قىلدىم.
ئون يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە شىمالىي قۇۋۇق (بېيمىېن) دىكى بىر تورخانىدا تونۇشۇپ قالغان بىر جۈپ ئامېرىكىلىق ئەر-خۇتۇن ماڭا:
- قەشقەردىن يېڭىلا كېلىشىمىز. سىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نېنى بەك تېتىپ كەتتى. بۈگۈن بېيجىڭغا ئۇچۇشتىن ئىلگىرى بىر تۈكۈچ ئېلىۋالغۇمىز بار ئىدى. ئۆتۈنۈپ قالايلى، بىزگە ياردەم قىلسىڭىز. – دېگەنتى. مەن ئۇلارنى بېيمېندىكى بىر ناۋايخانىغا باشلاپ ئاپىرىپ، ناۋايغا:
- تۈكۈچىڭىزنى ماۋۇ ئەجنەبىيلەرگە قىممەت باھادا سېتىپ بەرسىڭىز. - دېسەم، ناۋاي:
- ياق، كونا نەرسىنى باشقىلارغا ساتمايمەن. بۇ تۈكۈچ ماڭا لازىم. دۆڭكۆۋرۈكتە ئاق مەسجىدنىڭ يېنىدا ساتىدۇ. شۇ يەردىن ئېلىڭلار! - دەپ ساتمىدى. شۇنىڭ بىلەن تاكسىغا چىقىپلا دۆڭكۆۋرۈككە باردۇق. ئاق ساقاللىق بىر ئۇيغۇر بوۋايدىن ئادەتتە ئون يىگىرمە كويغا ساتىدىغان تۈكۈچنى "بۇ دېگەن قول ھۈنەر بويۇمى handmade..." دەپ ئامېرىكىلىققا چۈشۈندۈرۈپ يۈرۈپ، يەتمىش كويغا ئېلىشىپ بەردىم. بوۋاي خوش بوپ كەتتى. مەنمۇ شۇ چاغدا خىيالىمدا مىللىتىمگە پايدا يەتكۈزدۈم دەپ ئويلىغانتىم.
لېكىن ھازىر ئويلاپ، بۇ قىلمىشىمنىڭ ئىنتايىن خاتا بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ياقا يۇرتتا چەتئەللىكتىن ئارتۇق پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش ئادالەتسىزلىك بولىدىكەن. "ئادالەت تەقۋالىققا ئىنتايىن يېقىن، ئاللاھ ئادىل بولغاچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ" (5:8) "ئەلھەمدۇلىللاھى رەببىل ئالەمىيىن" (ئالەملەرنىڭ رەببى...) دېگەن ئايەتنى تۇلا دەيمىز. ئۇ ئەجنەبىي گەرچە مېنىڭ مىللىتىمدىن بولمىسىمۇ، ئۇمۇ يەنە ئاللاھ ياراتقان بىر بەندە. پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ ھەققىنى ناھەق ئېلىۋېلىش تۈپتىن خاتاكەن. ئەسلى ئۇ ئامېرىكىلىققا تۈكۈچنى باشقىلارغا ساتقان نورمال باھادا ئېلىشىپ بەرسەم بوپتىكەن...
...........................................
نۇۋەيبەدىن قاھىرەگە بىر تەرىپى تاغلىق تاشيولدا كېتىۋاتىمىز. بۇ يول بەئەينى ئۈرۈمچىگە بارىدىغان تاشيولدىكى خەتەرلىك ئارىغىل بولاق يوللىرىغا ئوخشايدىكەن. بىر پەرقى بۇ يولنىڭ يەنە بىر تەرىپى قىزىل دېڭىز ساھىلىغا تۇتاش ئىكەن. دېڭىز قىرغاقلىرىدىن ئۇزاقلىشىپ قوملۇق چۆل يولىغا كىردۇق. تەكلىماكان چۆلىدىكى ئۇزۇن تاشيولغا ئوخشايدىغان بۇ يولدا ھەر ئىككى سائەتتە بىر ئاشخانا ئۇچرايدىكەن. تەكلىماكاندىكى تاشيولدىن پەرقى: تەكلىماكان چۆلىدىكى يولدا مەخسۇس ھاجەتخانا يوقتى، يولۇچىلار پايانسىز قوملۇقنىڭ خالىغان يېرىدە ئولتۇرۇپ ت.... قىلسا بولىۋېرەتتى. ئەمما بۇ مىسىرنىڭ چۆللىرىدە ئۇنداق ئەمەسكەن. ھەر مەنزىلدە گەرچە ۋاي دېگۈدەك پاكىز بولمىسىمۇ چىنە خىش ھاجەتخانا كەڭرى باركەن.
بىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 3% قىسمنى يېشىللىق دەپ ئاڭلىغانتىم. مىسىرنىڭ 6% قىسمى يېشىللىق، قالغان قىسمى چۆللۈك دەپ ئاڭلىدىم. يەر كۈلىمى تەخمىنەن 1 مىليون 2 يۈز كوۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، بىزنىڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىمىزدىن خېلىلا كىچىك ئىكەن. بۇ يەردە 80 مىليونغا يېقىن ئادەم ياشايدىكەن.
(11) مىسىر: قاھىرە
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخ دەرسىدە "دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر: "مىسىر، ھىندىستان، جۇڭگۇ، بابىل" دەپ ئوقىغىنىم ئېسىمدە. ماركىسنىڭ ماتېرىيالىستىك نوقتىئىنەزىرىنى قىبلىنامە قىلىپ تۇرۇپ يېزىلغان تارىخ دەرسلىكىدە نېمىشقا مىسىرنى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت دەپ يازىدۇ؟ چۈنكى، بۇ ماركىسىزىمچىلارغا نىسبەتەن، مىسىر يەتتە مىڭ يىللىق تارىخى بار قەدىمىي دۆلەت، مەشھۇر پىرئەۋنلەرنىڭ قەۋرىسى پىرامىدالار (ئىھراملار) جايلاشقان دۆلەت؛ ماركس تەۋە قەۋم، يەنى يەھۇدىيلار ئۈچۈن "ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس زېمىنلار" (ھازىرقى "تەۋرات"تا تىلغا ئېلىنغان نىل دەرياسىدىن فىرات دەرياسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى زېمىنلار)نىڭ بىر قىسمى. مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ۋەتىنى.
خرىستىيانلارغا نىسبەتەن، ھازىرقى تۆت ئىنجىلنىڭ بىرى بولغان لۇقا ئىنجىلىنى لۇقا ئىسىملىك كىشى مىسىرنىڭ ئىسكەندىرىيە شەھرىدە يۇنانچە يېزىپ تاماملىغان مۇقەددەس يەر. يەنە نۇرغۇن قەدىمىي چىركاۋلار جايلاشقان ماكان. مۇسۇلمانلار بۇ يەرنى فەتھى قىلىشتىن ئىلگىرى خرىستىيانلار سورىغان يۇرت.
شەخسەن ماڭا نىسبەتەن، مىسىر يۇسۇپ ئەلەيھىسسالام ۋەزىر بولۇپ خەلقنى ئىمانغا يېتەكلىگەن دۆلەت. مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ھارۇن ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان ۋەتىنى. مىڭ يىللىق ئىسلام مائارىپى بۆشۈكى داڭلىق ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتى جايلاشقان دۆلەت. پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىزى ھەزرىتى پاتىيمىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان پاتىيمىيلەر سۇلالىسىنىڭ مەركىزى بولغان دۆلەت. نۇرغۇن كاتتا ئالىملار تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، يېتىشكەن مەملىكەت. ئەرەپ دۇنياسىنىڭ قەلبى، ئافرىقىنىڭ چوڭ دەرۋازىسى...
چۆلدىكى تاشيولدا مىنىبۇس بىلەن قاھىرەگە قاراپ كېتىۋاتىمىز. تەكلىماكاننىڭ ئوتتۇرىسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان قۇملۇق تاشيولىغا بەك ئوخشايدىغان چۆل يولىدا ئۈچ-تۆت سائەت ماڭغاندىن كېيىن بىر تونىلدىن ئۆتتۇق. ئاندىن يېشىل يەرلەر كۆرۈنۈشكە باشلىدى. كېيىن يەنە چۆل باشلاندى. ئەمدىكى چۆل تاشيولىدا ھەر ئىككى كىلومېتىر ئارىلىقتا بىردىن ئېگىز تاختاي تىكلەنگەن بولۇپ، ھەر تاختاي ئۈستىگە بىر ئەسمائۇل-ھۇسنا (ئاللاھنىڭ 99 گۈزەل ئىسمىدىن بىرى) ھۆسنىخەتلەپ يېزىغلىق ئىكەن. بۇ يولدا 99 ئەسمائۇل-ھۇسنانى ساناپ ماڭدىم. قاھىرەگە 68 كىلومېتىر قالغاندا بۇنداق تاختايلار ئۇچرىماس بولدى.
بىز ئىستانبۇلدىكى چاغدا يولدىشىمنىڭ بىر ئاغىينىسى مىسىردا تۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر دوستىنىڭ تېلېفون نۇمۇرىنى بېرىپ، "مىسىرغا بارساڭلار، مۇشۇ ت ھاجىم بىلەن كۆرۈشۈڭلار، ئۆزى ئوڭلۇق ياخشى بالا. سىلىگە ياردەم قىلىدۇ" دېگەنىدى. ھازىر قاھىرەگە ئاز قالدۇق. مېھمانساراي نەدە؟ قايسىسى بىزگە مۇۋاپىق كېلىدۇ؟ ئاشۇ ئۇيغۇر ھاجىم بىزنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويسا بەك بەلەن بولاتتى" دېگەن ئۈمىد بىلەن ت ھاجىمغا تېلېفون قىلدۇق. ت ھاجىم "شەھەرگە كېلىپ بولغاندا ماڭا تېلېفون قىلىڭلار" دېدى.
نۈۋەيبەدىن يولغا چىققان مىنىبۇس بىزنى قاھىرەدىكى مەترونىڭ ئاخىرقى بېكىتىگە يېقىن بىر يەرگە ئەكىلىپ قويدى. مەترونى سوراپ يۈرۈپ بىكەتكە كەلدۇق-دە، ت ھاجىمغا تېلېفون قىلدۇق. ت ھاجىم:
- شۇ مەترو بېكىتىدىن مەتروغا چىقىپ دەمىرتاش دېگەن بىكەتتە چۈشۈڭلار. مەن سىلەرنى شۇ يەردە ساقلايمەن. – دېدى.
قاھىرەدىكى بۇ مەتروغا قەغەز بىلەت ئېلىپ چىقىدىكەنمىز. مەتروغا چىقتۇق. ھېلىمۇ ياخشى مەترو ئىچىدە ھەر قايسى بىكەتلەرنىڭ ئىسمى يېزىغلىق ئىكەن. بىز شۇ بىكەتلەرنىڭ ئىسمىدىن كۆز ئۈزمەي، نۆۋەت بىلەن ساناپ دېگەندەك شۇ دەمىرتاش بىكىتىدە چۈشۈپ قالدۇق. ت ھاجىم كەپتىكەن، كۆرۈشتۇق. ماشىنىسىدا ئۆيىگە ئاپاردى. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مېھرى بۆلەكچە ئىسسىق بولىدىكەن. ئوخشىتىپ ئېتىلگەن لەغمەننى يەپ، ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىگە كەلگەندەكلا ھاردۇقىمىز چىقىپ قالدى. تائام چايدىن كېيىن، "بىز ئەمدى بىرەر مېھمانخانا تېپىپ ئۇرۇنلىشىۋالايلى" دېسەك، ت ھاجىم:
- كۆردۈڭلار، بىزنىڭ ئۆي ئازادە. سىلى قالغۇدەك يەر چىقىدۇ. باشقا يەرگە بارماڭلار، بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇڭلار. – دېدى. يولدىشىم:
- رەھمەت! بىز مىسىردا 10 كۈن تۇرىمىز. سىلىنى ئاۋارە قىلساق بولمايدۇ. بىز مېھمانخانىدا يېتىشنى پىلانلاپ يېتەرلىك پۇل ئېلىۋالغان. - دېدى. ئەمما ت ھاجىم:
- ئۇ پۇلۇڭلارنىمۇ خەجلەيدىغان يەر چىقىپ قالار. مەن سىلەرنىڭ بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلىمەن. ئەمما سىلەر ئىستانبۇلدا بەك ھەشەمەتلىك ياشاپ كۆنۈپ قالغان بولساڭلار، بۇ ئۆي يارىمىغان بولسا، مېھمانخانا ئىزدەپ چىقىپ كەتسەڭلار توسمايمەن! – دېدى. ئادەتتە كەمسۆز كۆرۈنىدىغان ت ھاجىمنىڭ ئاغزىدىن چىققان بۇ تۇزلۇق گەپنى قاراڭ؟! بىزدە ئىستانبۇلدا نەدىكى ھەشەمەتكەن ئۇ؟! بىز ياقا-يۇرتتا مۇساپىرلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالماي ئاددى-ساددا ياشايدىغان خەقلەرمىز. ئىستانبۇلدىكى ئۆيىمىز بۇ ت ھاجىمنىڭ ئۆيىدىن ئالىي ئەمەس، ھەتتا ئۇنىڭدىن بەكرەك ئاددى-ساددا.
ت ھاجىمنىڭ ئۆيى كەڭرى ۋە ئازادە ئىكەن. تۆت ئېغىزلىق چوڭ ئۆينىڭ بىرى بالىلارنىڭ ھوجرىسىكەن. يەنە بىرى ئانا-دادىنىڭ، يەنە ئىككى چوڭ ئۆينى مېھمانخانا دەپ ياساپ قويۇپتۇ. بىرى كارۋات قىلغىلى بولىدىغان چوڭ سافالار قويۇلغان مېھمانخانا، يەنە بىرى تىپىك ئۇيغۇر پەدىسىدە بىزەلگەن، يەنى ئۆينىڭ تېگىگە گىلەم سېلىپ، ئەتراپىغا تاۋار كۆرپە سېلىنغان مېھمانخانا ئىكەن. بۇ ئۆيلەرمۇ "ھەرەملىك سالاملىق" شەرتىگە چۈشىدىغان ئۆيلەر بولۇپ، ئەر-ئايال مېھمانلار بىرلا ۋاقىتتا كەلگەندە ئەرلەرنى ئايرىم، ئاياللارنى ئايرىم بەھۇزۇر ئۇزاتقىلى بولىدىكەن. ت ھاجىمنىڭ مېھرى ئىسسىق، خوشچاقچاق ئايالى:
- توۋا، بىزنىڭ مۇشۇ يەردە تەييار ئۆيمىز تۇرسا، باشقا يەرگە مېھمانخانا ئىزدەپ چىقىپ كەتسەڭلار سەت ئەمەسمۇ؟! بىزنىڭ ئۆيدە قېلىڭلار دېگەندىكىن مۇشۇ يەردە قېلىڭلار. باشقا يەرگە كەتسەڭلار، مەن رەسمىي خاپا بولىمەن. – دېدى.
بىزگە دېگۈدەك باشقا گەپ قالمىغان ئىدى. نېمىمۇ دېيەلەيمىز؟! سىلەرنىڭ ئۆي يارىمىدى دەمدىمىز؟! (ئەمىلىيەتتە يارىغان تۇرسا.) مېنىڭ پىسخىكام بويىچە بولغاندىمۇ، مەن ئۆيۈمگە مېھمان كەلسە خۇشاللىق بىلەن ئۇلارنى قوندۇرۇپ قالاتتىم. نەچچە ھەپتە قالسىمۇ قىلچىلىك ئېغىر كەلمەيتتى. چۈنكى، پەيغەمبىرىمىز "ئۆيگە كەلگەن مېھمان رىزقىنى ئۆزى ئېلىپ كېلىدۇ،ئۆيگە بەرىكەت كەلتۈرىدۇ" دەپتىكەن.
- ماقۇل، رەھمەت. ئۇنداقتا ئىككى ئۈچ كۈن سىلىنىڭ ئۆيدە تۇرايلى. ئەمما بىزنى دەپ سىلىنىڭ ئىشلارغا دەخلى يېتىپ قالسا، بىز راھەت تۇرالمايمىز. بىز پەقەت ئاخشىمى ياتقىلى كېلەيلى. كۈندۈزى شەھەرنى ئۆزىمىز ئايلىنىمىز. – دېيەلىدۇق.
ت ھاجىمنىڭ 8 ۋە 4 ياشلىق ئىككى چىرايلىق قىزى، 6 ياشلىق ۋە 2 ئايلىق ئىككى ئوغلى جەمئى 4 ئوماق پەرزەنتى باركەن. بۇ بالىلار بىلەنمۇ ئوبدان چىقىشىپ قالدۇق.
ئەتىسى ت ھاجىمنىڭ باشقا ئىشى يوقكەن، "بۈگۈن بالىلار بىلەن سىلىنى پىرامىدالارغا ئاپىرىپ كېلەي. باشقا كۈنى ئۆزەڭلار ئايلىنارسىلەر" دېدى. بىز ماقۇل دەپ ماشىنىغا چىقتۇق. ئالتە ياشلىق ئىبراھىم بىلەن تۆت ياشلىق تۇبا بۈگۈن مەكتەپكە بارمايدىكەن. شەھەرنى ئايلانغاچ مەشھۇر پىرامىدالار جايلاشقان يەرگە كەلدۇق.
ئادەتتە سەددىچىن سېپىلى خەلقئارادا جوڭگۇدىكى مەشھۇر ساياھەتگاھ دەپ قانداق تونۇلغان بولسا، مىسىردىكى پىرامىدالارمۇ مىسىرنى دۇنيادا ئەنە شۇنداق مەشھۇر قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىۋاتقان داڭلىق سەيلىگاھلاردىن بىرى ئىكەن. مىسىردا جەمئى يۈز نەچچە پىرامىدا بار بولۇپ، بىز بۈگۈن قاھىرە گىزەدىكى ئۈچ چوڭ پىرامىدانى كۆرگىلى باردۇق. بۇ يەردە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىكەن. كىرىش بىلىتى بىر كىشى 60 جۈنەي ئىكەن. بىلەت ئېلىپ ئۈچ چوڭ پىرامىدا جايلاشقان رايوننىڭ ئىچىگە كىردۇق.


ماۋۇ ئۈچ چوڭ پىرامىدانىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ پىرامىدا، دۇنيادىكى يەتتە چوڭ ئاجايىباتنىڭ بىرى. ئىسمى كېئوپس پىرامىداسى. مىلادىدىن ئىلگىرى 2500-يىلى ئەتراپىدا بىنا قىلىنغان. ئېگىزلىكى 146 مېتىر. ئىگەللىگەن كۈلىمى 53 مىڭ 56 كوۋادىرات كىلومېتىر، ئايلانمىسى 922 مېتىر. تەخمىنەن ئېغىرلىقى 5 مىليون توننا ئەتراپىدا.

ماۋۇ پىرامىدانىڭ ئىسمى كەفرەن پىرامىداسى. ئېگىزلىكى 143 مېتىر. يېنىدىكى باشقا ئىككى پىرامىداغا قارىغاندا بىر ئاز ئېگىز يەرگە بىنا قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ھەممىسىدىن ئېگىز كۆرۈنىدىكەن. بۇنى پىرئەۋن كەفرەننىڭ ئوغلى مىكەرىنوس بىنا قىلدۇرۇپتىكەن. بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەڭ ئۈستىدىكى سۇۋاقنىڭ ھازىرغىچە چۈشۈپ كەتمەي ساقلىنىپ قالغانلىقى ئىكەن.

بىر پىرامىدانىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىۋاتقانلارنى كۆردۇق. بۇنىڭغىمۇ ئايرىم بىلەت ئېلىپ كىرسەك بولىدىكەن. بىر چاغلاردا "سىر" ژورنىلىدىن ئىھرامنىڭ ئىچىگە كىرىپ خەتەرگە ئۇچرىغان ئارخىئولوگلار توغرىسىدىكى مەزمۇنلار بەكرەك ئېسىمدە قاپتىكەنمۇ دەيمەن، ئىچىگە كىرمىدۇق.
ت ھاجىمنىڭ دېيىشىچە، بىر پىرئەۋننىڭ پىرامىدا ئىچىدىكى قەۋرىسىگە بىر يىلدا ئىككى قېتىم، يەنى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بىلەن تەختكە ئولتۇرغان كۈنىلا كۈن نۇرى چۈشىدىغان، باشقا چاغلاردا كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان قىلىپ لايىھىلەنگەن ئىكەن. بۇنىڭ سىرىنى ئالىملار تېخى بىلىپ بولالماپتىمىش. بۇ يەردە ئىنتايىن ئىنچىكە ماتېماتىكىلىق ھېساپلاشنى، ئاسترونومىيە ئىلمى (ئىلمى نۇجۇم)نىڭ نەقەدەر تەرەققىي قىلغانلىقىنى، شۇ زاماندىكى بىناكارلارنىڭ تېخنىكىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. دارۋىن بىلە ماركىسنىڭ ئېيتقىنىدەك بولسا، يەنى ئىپتىدائى جەمىيەت، قۇللۇق ياكى فېئوداللىق جەمىيەتتە ياشىغان ئىنسانلار ئىلىم-پەن جەھەتتە قالاق بولىدىغان بولسا، نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى بۇ ئىلىملەردىن ئەسلى خەۋەرسىز بولۇشى كېرەك ئەمەسمىدى؟!
(12) مىسىر: پاتىمىيلەر سۇلالىسىنىڭ يادىكارلىقلىرى
ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتىتى
قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت مىسىرنىڭ يەتتە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئىدۇق. خەلقى مەنىۋى جەھەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان، دىننى قىزغىن سۆيىدىغان بۇ مىسىردا قايسى پادىشاھلىقلار، قايسى دىنلار ھۆكۈم سۈرگەن؟ كىتابلاردا يېزىلىشىچە، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 332-يىلغىچە بولغان ئارىلىق مىسىر ئىمپېراتورلىقى، يەنى پىرئەۋنلەر زامانى؛ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 332-يىلدىن مىلادى 395-يىلغىچە بولغان يەتتە يۈز يىلدەك ۋاقىت يۇنان رۇم ھۆكۈمرانلىقى زامانى؛ مىلادى 395-يىلدىن 638-يىلغىچە بولغان ۋاقىت ۋىزانتىيە ھۆكۈمرانلىقى زامانى؛ 640-يىلدىن 868-يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىسلامنىڭ دەسلەپكى يىللىرى... مانا مۇشۇ چاغلاردىن باشلاپ ئىسلامىيەت، مۇسۇلمانلار مىسىردا ھۆكۈمران ئۇرۇندا تۇرۇپ كەلگەن. بۇ يەردە مۇسۇلمانلاردىن تولۇنئوغۇللىرى، ئابباسىيلەر، فاتىيمىيلەر، ئەييۇبىيلەر (سالاھىددىن ئەييۇبىنىڭ ئەۋلاتلىرى) ۋە مەملۇكلار (1250-1517) ھۆكۈمرانلىقىدىن كېيىن ئوسمانلى دۆلىتى (مىسىردا 1517-يىلدىن 1922-يىلغىچە) تۆت يۈز يىلدەك ھۆكۈم سۈرگەن. ئوسمانلى پارچىلانغاندىن كېيىن ئېنگلىزلارغا قارام بولۇپ قالغان مىسىردا 1922-يىلى مىسىر پادىشاھلىقى تىكلەنگەن. كېيىن 1952-يىلى مىسىر جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.
بۇندىن مىڭ بىر يۈز قىرىق يىل ئىلگىرى قەشقەرنى پايتەخت قىلىپ 380 يىل ھۆكۈم سۈرگەن قاراخانلار دۆلىتىدىن ئۇيغۇرلارغا مىراس قالغان ئەڭ قىممەتلىك ئەسەر "قۇتادغۇبىلىك" بىلەن "تۈركىي تىللار دىۋانى" دەپ قارىساق، ئۇنداقتا مىسىردىكى فاتىيمىيلەر خەلىپىلىگى ياكى دۆلىتىدىن مىسىرغا مىراس قالغان ئەڭ قىممەتلىك ھەدىيە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتى دەپ قارىساق بولامدۇ-يوق؟! بۇ پەقەت مېنىڭ ئويلىغىنىم. ئون كۈنلۈك قىسقا مىسىر ساياھىتىدە كۆپ بىر نېمە بىلەلىشىم ناتايىن. بۇ ھەقتە يەنىلا ئەزھەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىر نېمە دېسۇن.
ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتى دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ئالىي مەكتەپ. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۆچمەس مەشئىلى ھېساپلانغان بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىنى مىلادى 972-يىلدا مىسىردىكى فاتىيمىيلەر بىنا قىلغان ئىكەن. ئۇنداقتا فاتىيمىيلەر كىملەر؟ كىتابتا دېيىشىچە، فاتىيمىيلەر مىلادى 969-يىلدىن 1171-يىلغىچە مىسىردا كۈچلۈك ھاكىمىيەت ئورناتقان ئىسلام دۆلىتى بولۇپ، بۇ ئىسىم پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد (س.ئە.ۋ)نىڭ قىزى ھەزرىتى پاتىمە زۆھرە ئىسمىدىن كەلگەن ئىكەن. نەسىبى ئەھلى-بەيتكە تۇتىشىدىغان ئۇبەيدۇللاھ شىمالىي ئافرىقىدا 910-يىلى خەلىپە بولۇپ سايلىنىپ تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، تەسىر دائىرىسى ئەتراپتا تىز سۈرئەتتە كېڭەيگەن. كېيىن ئىسپانىيەدىكى ئەمەۋىيلەر دۆلىتى بىلەن قارشىلىشىپ قالغان. بۇ قارشىلىشىش نەتىجىسىدە، ئۇلار ئەمەۋىيلەر تۇرغان غەرپ تەرەپكە بۇرالماي، مىسىرغا قاراپ ئىلگىرلەپ، 960-يىلى مىسىرنى فەتھى قىلىپ، بۈگۈنكى قاھىرە شەھرىنى بىنا قىلىپ پايتەخت قىلغان. ئۇلار كېيىن مەككە-مەدىنە، شام قاتارلىق مۇھىم مەركەزلەرنى فەتھى قىلغان. مۇستانسىر زامانىدا سىجىليەدىن ئەرەبىستانغا قەدەر كەڭ زېمىندا ھۆكۈمران بولغان فاتىيمىيلەر كېيىن سەلجۇق دۆلىتى بىلەن روبىرو ھالەتكە كەلگەن. سەلجۇقلار 1071-يىلى قۇددۇس (ئېروسالىم)نى، 1076-يىلى شامنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئالغان. يەنە بىر تەرەپتىن شىمالدىن كۆچۈپ كەلگەن زىرلار بىلەن غەرپتىن ئېقىپ كەلگەن نورمونلار فاتىيمىيلەر ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىت پەيدا قىلغان. ئەھلى سەلىب ئارمىيىسى 1041-يىلى قۇددۇسنى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ، ئېغىر قەتلىئاملارنى قىلىشى نەتىجىسىدە فاتىيمىيلەر دۆلىتىنىڭ ئەھۋالى قىيىنلاشقان. تەخت تالىشىش جېدەللىرى ئۇلارنى تېخىمۇ بەك ئۇپرىتىپ، 1130-يىلى خەلىپە ئامىر سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ، قاھىرەنى ئەھلى-سەلب ئارمىيىسى قورشىۋالغان. (نېمىدىگەن خەتەرلىك-ھە!) دەل بۇ قىيىن ئەھۋالدا فاتىيمىيلەر ھۆكۈمدارى ئەل-ئەدىد سالاھىددىن ئەييۇبىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان. سالاھىددىن ئەييۇبى كېلىپ ئەھلى سەلىب ئارمىيىسىنى تارمار قىلغان. ئەل-ئەدىد ئۇنى "پادىشاھنىڭ ئىككىنچى ياردەمچىسى" دەپ ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن. ئەل-ئەدىد ۋاپات بولغاندىن كېيىن سالاھىددىن ئەييۇبى باغداتتىكى ئابباسىي خەلىپىسىنىڭ ئىسمى بىلەن خۇتبە ئوقۇتۇشنى باشلىغان 1171-يىلى مىسىردا فاتىيمىيلەر دۆلىتىنىڭ ئىسمىنىڭ ئورنىغا ئابباسىيلار خەلىپىلىگى ياكى دۆلىتى ئىسمى ئالماشقان يىل بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. فاتىيمىيلەر دۆلىتىدىن كۈنىمىزگىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ گۈزەل بىناكارلىق ئۆرنەكلىرى ئاساسەن قاھىرەدە بار بولۇپ، بۇلاردىن بەزىلىرى ئەل-ئەزھەر جامەسى، ئەل-ئەكمەر جامەسى، سالىھ تالايى جامەسى، ئەل-جۇيۇس جامەسى قاتارلىقلار.
بىز بۇ قېتىم مىسىردا بۇلاردىن پەقەتلا ئەل-ئەزھەر جامەسىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالىدۇق. باشقىلىرىنى كۆرگۈدەك پۇرسەت بولمىدى.



پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىزى ھەزرىتى پاتىمە "فاتىمە زەھرا" دەپ ئاتىلاتتى. مۇشۇ "ئەززەھرا" (مەنىسى: نۇر چاچقۇچى ياكى نۇرلۇق) دېگەن سۆز تۇمۇرىدىن كەلگەن ئەزھەر ئىسمى قۇيۇلغان مەدرىستە مىلادى 975-يىلى رامىزان ئېيىدا ئوقۇش باشلانغاندىن تارتىپ تاكى كۈنىمىزگىچە ئەزھەردە شەرىئەت، ئەرەپچە گرامماتىكا، ئىسلام ئاسترونومىيىسى، ئىسلام پەلسەپىسى، لوگىكا، ئىسلامىي تىبابەت قاتارلىق ئىلىملەر ئوقۇتۇلغان. 1961-يىلى مىسىرنىڭ ئىككىنچى پرىزىدېنتى جامال ئابدۇل ناسىر ئەزھەردە ئىسلامىي دەرسلەر بىلەن بىرلىكتە ئىقتىساد، مېدىتسىنا، ئېنژىنىرلىق، يېزا ئىگىلىك قاتارلىق كەسپلەرنىمۇ ئوقۇتۇشنى يولغا قويغان.
ئەزھەردە 2004-يىلى 350 مىڭ ئوقۇغۇچى باركەن. ھازىر قانچە ئوقۇغۇچىسى باركىن؟ بىلمەيمەن. لېكىن، قاھىرە كوچىلىرىدا كېتىۋېتىپ كۆردۇقكى، ئەزھەرنىڭ ھەر قايسى پاكولتېت بىنالىرى، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، چەتئەللىك قىز ئوقۇغۇچىلار تۇرىدىغان ياتاق قاتارلىق يەرلەرمۇ ناھايىتى چوڭ ئىكەن.
بىز تۇرىۋاتقان ت ھاجىمنىڭ ئۆيى مەدىنەتۇنناسر دېگەن جايدا ئىدى. بىز بۇ يەردىن تاكسىغا چىقىپ ھۈسەينىيە دېگەن يەرگە كەلدۇق.



ئەزھەرنىڭ بىر پاكولتېتى بۇ يەرگە يېقىن ئىكەن. پاكولتېت بىناسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئايلىنىپ چىقايلى دېسەك، دەرۋازىدىكى خادىملار بىزنى ئىچىگە كىرگىلى قويمىدى. زىيارەتچىلەرنىڭ دەرس ۋاقتىدا ئىچىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمايدىكەن. "ئەنە مەسجىد، جامە، شۇ يەرنى كۆرۈڭلار. ئۇ يەرمۇ ئەزھەرنىڭ بىر قىسمى" دەپ ئەزھەر جامەسىنى كۆرسىتىپ قويدى. بۇ جامەمۇ ناھايىتى چوڭ ئىكەن. كىرىش ھويلىسىدا تاھارەت ئېلىپ، ئىچىگە كىردۇق.

يولدىشىم ئوغۇللار ئوقۇيدىغان يەرگە، مەن خانىم قىزلار بار تەرەپكە كەتتىم. ئەسىر ۋاقتىغىچە جامە ئىچىدە ئايلاندىم. دەرس ئوقۇۋاتقانلارنى، قۇرئان يادلاۋاتقان، ناماز ئوقۇۋاتقانلارنى، مۇقابىلە قىلىۋاتقانلارنى (بىر بىرىگە قۇرئان قىرائىتى قىلىپ بېرىۋاتقان خانىم قىزلارنى) كۆردۈم.



بىر يەردە بىر ئۈستەل ئورۇندۇقتا ئىككى ئايال، ئەتراپىدا يەتتە-سەككىز ئايال توپلىشىپ ئولتۇرغان يەرگە بېرىپ مەنمۇ ئون مىنۇتتەك ئولتۇردۇم. قارىسام، قىرىق-ئەللىك ياش ئەتراپىدىكى بىر ئايال بەقەرە سۈرىسىنى يادقا ئوقۇۋېتىپتۇ. ئالدىدا ئۈستەلدە قۇرئاننى ئېچىپ ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغان ياشراق ئايال ھەقىچان مۇئەللىمى ئوخشايدۇ، ئاۋۇ ئوقۇۋاتقان ئايالنىڭ قىرائىتىنى تىڭشاپ، خاتا ئوقۇپ سالغان يەرلىرىنى تۈزىتىۋېتىپتۇ. ئەتراپتىكىلەر بۇنىڭغا جىمجىت قولاق سېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ يۈكۈنۈپ ئولتۇردۇم. دىققەت قىلسام، بىز ئادەتتە تۈركىيەدە "ئامەنەرراسۇلۇ..."، "يا ئەييۇھەللەزىينە ئامەنۇ..." دەپ باشلاپ ئوقۇيدىغان ئايەتلەردىكى "ئا" ھەرپىنى بۇلار "ئە" دەپ، يەنى "ئەمەنەرراسۇلۇ..."، "يا ئەييۇھەللەزىينە ئەمەنۇ..." دەپ تەلەپپۇز قىلىدىغاندەك تۇيۇلدى. مۇڭلۇق قىرائەتتىن بىردەم ھۇزۇرلانغاندىن كېيىن، يەنە بىر كارىدور ۋە ھويلىدىن ئۆتۈپ خانىم قىزلار تۇرغان يەنە بىر چوڭ دەرسخانىغا ئۆتتۈم. ئىشىكتە دەرس سىتكىسىدەك بىر يازما باركەن. مانا رەسىمى:

(بۇلار ھەممىسى يانفوندا تارتىلغان رەسىملەر ئىدى، سۈزۈك چىقماي قالدى )
بۇ يەردە ھەممە يەرنىڭ تېگىگە ئاساسەن بىر تۇتاش جەينامازلىق گىلەم سېلىغلىقكەن. خانىم قىز ئوقۇغۇچىلار جۇغلىشىپ دەرس ئاڭلايدىغان يەردە يەنە شۇ گىلەم ئۈستىگە ئۈستەل-ئۇرۇندۇق قويۇغلۇق ئىكەن. قارىسام، بۇ يەردە يىگىرمە ئوتتۇزدەك ئايال بىر ئاپپاق ساقال ياشانغان مۇدەررىس مىكروفوندا سۆزلەپ بېرىۋاتقان دەرسنى تىڭشاپ ئولتۇرۇپتۇ. مەنمۇ ئۇلارنىڭ دەرسىنى يىراقتا تۇرۇپ بىردەم ئاڭلىدىم. ئەرەپچەم ياخشى بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئولتۇرۇشقا پېتىنالمىدىم. مەندىن ئەرەپچە سۇئال سوراپ قالسا جاۋاپ بېرەلمەسلىكىمدىن قورقتۇم. بەزى ئاياللار مۇدەررىستىن پات-پات سۇئال سوراپمۇ تۇرىدىكەن. بۇ ئاياللارنىڭ چوڭى ئاتمىش-يەتمىش ياش، كىچىكى يىگىرمە ياشتەك كۆرۈندى. قارىغاندا بۇ يەردە ئوقۇيدىغانلاردا ياش چەكلىمىسى يوقكەن.
ئەسىر نامىزىغا ئەزان ئوقۇلۇپ، ئون مىنۇتتەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار جامائەت بولۇپ ناماز ئوقىدى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ سېپىدە ئىبادىتىمنى تاماملاپ سىرتقا چىقتىم. بۇ يەرگە ساياھەتچىلەر كۆپ كېلىدىكەن. ناماز ۋاقتىدا كەلگەن مۇسۇلمان ئەمەس ساياھەتچىلەرنى "سىرتتا بىردەم ساقلاڭلار، جامائەتنىڭ نامىزى تۈگىگەندە كىرىڭلار" دەپ توختىتىپ قويىدىكەن. جامە سىرتىدا رەسىم ئاپراتلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ قاراپ تۇرغان ياپون، خەنزۇ، ئېنگلىز ساياھەتچىلەرنى كۆردۈم. ئاللاھ بۇلارغىمۇ ئىمان نېسىپ قىلغاي ئىنشائاللاھ.
ئەزھەرگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئۇچۇرلار ماۋۇ تور بەتتە بار ئىكەن:
http://www.azhar.edu.eg
قاھىرە مەنزىرىلىرى - 1
نىل دەرياسى بويىدا
دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دەريا ھېساپلانغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 6740 كىلومېتىر كېلىدىغان نىل دەرياسى 9 دۆلەتنى كېسىپ ئۆتۈپ ئاق دېڭىزغا قويۇلىدىكەن. بەزى ئۇيغۇر تەرجىمانلارنىڭ "ئاق دېڭىز"نى خەنزۇچىدىكى 地中海دەپ ئاتىلىشى بويىچە "ئوتتۇرا يەر دېڭىزى" دەپ تەرجىمە قىلغانلىقىنى كۆرگەنتىم. تۈركچىدە "ئاق دېڭىز"، ئەرەپچىدە "بەھرۇلئەبياز" (ئاق دېڭىز دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالغاننى مېنىڭچە بىزمۇ "ئاق دېڭىز" دەپلا ئاتىساق، ئۇيغۇرچىمىز پاخاللىشىپ كەتمەس-ھە؟!
تۆۋەندىكى رەسىملەر قاھىرە شەھرىدىكى "مەيدانى ئوپىرا"، "مەيدانى تەھرىرى" دېگەن يەرلەردە نىل دەرياسى بويىدا تارتىلدى. ۋاقتى ناماز ئەسىردىن كېيىن، نامازشامغا ئاز قالغان چاغ، ھاۋا بىر ئاز تۇتۇق، رەسىم تارتىش تېخنىكام تۆۋەن بولغاچقا رەسىملەرمۇ تۇتۇق چىراي چىقىپ قالدى.












مىسىر: قاھىرە مەنزىرىلىرى - 2
قاھىرە "راھمانىرراھىيىم مەسجىدى" رەسىملىرى



بۇ مەسجىدنىڭ 1-قەۋىتى دوختۇرخانا ئىكەن.



تاھارەت ئالىدىغان يەر





بۇ مەسجىدنىڭ 2-قەۋىتى مەخسۇس ئاياللارنىڭ ناماز ۋە كىتاب ئوقۇشى ئۈچۈن ئايرىلغان ئىكەن.
(دىققەت: رەسىملەر چوڭ پېتى يوللاندى. ئېنىق چىقمىغان بولسا، كومپىيوتېردا ساقلىۋېلىپ 150% چۇڭايتىپ كۆرسەڭلار بولىدۇ)
(13) مىسىر: مەملۇكلاردىن يالدامىلار
سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ قۇماندانلىقىدا قۇددۇس (ئېروسالم)نى قايتا فەتھى قىلىۋالغان مۇسۇلمانلاردىن ئۆچىنى ئالالماي بىئارام بولۇپ كەتكەن ئەھلى سەلب خىرىستىيان راھىپلارنىڭ موڭغۇل ھۆكۈمدارلارنىڭ يېنىغا كېلىپ "يول كۆرسۈتۈشى" نەتىجىسىدە موڭغۇللار مۇسۇلمان يۇرتلىرىنى خانىۋەيران قىلىپ توختىماي، ئاخىرى 1258-يىلى باغداتنى ئىشغال قىلىپ، ئابباسىيلار خەلىپىسى مۇستاسىمنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈردى. (خەلىپە ئەسلى موڭغۇللارنىڭ گېپىگە ئالدىنىپ، "مەن تەسلىم بولسام، خەلقىم ئۆلۈمدىن ساقلىنىپ قالار" دەپ چوتنى خاتا سوقۇپ ئۇرۇشماي تەسلىم بوپتىكەن. بۇ ياۋايى موڭغۇللار گېپىدە تۇراتتىمۇ؟!) موڭغۇللار شەھەرنى ئىشغال قىلغان كۈنى نەچچە يۈز مىڭ كىشىنى قەتلىئام قىلدى. مۇسۇلمانلار تارىخىدىكى بۇ ئېغىر پاجىئە نەتىجىسىدە پايتەخت باغداتتا ئابباسىيلار دۆلىتى ياكى خەلىپىلىگى ئىسمى بىلەن خۇتبە ئوقۇش قىسقا بىر مۇددەت توختاپ قالغاندەك قىلغان بىلەن بۇنى مىسىردا ئەييۇبىيلار دۆلىتىنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن مەملۇكلار دۆلىتى داۋاملاشتۇردى. (دېمەك، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا تۆت خەلىپە دەۋرىدىن باشلاپ داۋاملىشىپ كەلگەن خەلىپىلىك ئىسىم جەھەتتىن بولسىمۇ تاكى ئوسمانلى دۆلىتى 1922-يىلى يىقىلغانغا قەدەر مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى.) مەملۇكلار دۆلىتى تارىختا موڭغۇللارغا قارشى باتۇرلارچە ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغانلىقى، ئوتتۇرا شەرققە يامان نىيەتتە كۆز تىكىۋاتقان ئەھلى سەلىب (خرىستىيان) ئارمىيىسىنى ئوتتۇرا شەرقتىن قوغلاپ چىقارغانلىقى بىلەن مەشھۇردۇر. (بۇ ھەقتە مەشھۇر قۇماندان سۇلتان بايبارىس ھەققىدە ئىشلەنگەن فىلىمدە خېلى كۆپ تارىخىي ۋەقەلىكلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ھەقىقەتەن بىر كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ. يەنە ھېلىقى سالاھىددىن ئەييۇبى ھەققىدىمۇ ئەڭ يېڭى D3تېخنىكىسى بىلەن ئىشلەنگەن فىلىم ھازىر مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا كۆپ ئالقىشقا ئېرىشمەكتە. خەنزۇچىگىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ بوپتۇ. تارىخقا قىزىقىدىغانلار كۆرۈپ باققاي.)
مىسىردىكى مەملۇك دۆلىتىدىكى ھۆكۈمدارلار ئاساسەن تۈركي قەۋمدىن كەلگەن كىشىلەر بولغاچقا، بۇ مەزگىلدە ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيەدە ئەرەپ تىلى بىلەن قىپچاق تۈركچىسى رەسمىي تىل بولۇپ ئىشلىتىلگەنىكەن. مىسىردا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن تۈركىي قەۋملەرنىڭ گېپى چىقىپ قالدى. مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ئەمەۋىيلەر سۇلالىسىدىن كېيىن مىلادى 750-يىلى تەختكە چىققان ئابباسىيلار سۇلالىسى ياكى خەلىپىلىگى ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇسۇلمانلاشقان تۈركلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ مائارىپ قاتارلىق ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرگەن، قابىلىيەتلىك تۈركلەرنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن، مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىگەن. نەتىجىدە مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن قەددىنى كۆتۈرگەن تۈركلەر ئەرەبلەر رايۇنىدىمۇ مۇھىم ئەمەللەرنى تۇتقان. بۇنىڭ بىر مىسالى، مىسىردا مىلادى 870-يىلى ھاكىمىيەت قۇرغان تولۇنئوغۇللىرى دۆلىتى بولۇپ، بۇلار مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ تۇنجى قېتىم مىسىرغا كېلىپ تەختكە چىقىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. كېيىن سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ قوشۇنىدا بىللە كەلگەن تۈركلەر قۇرغان مەملۇكلار دۆلىتىمۇ (1250-1517) مىسىر تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ئىكەن. (مەملۇكلاردىن كېيىنكى ئوسمانلى ھاكىمىيىتى توغرىسىدا كېيىن ئايرىم توختىلىمەن.) مەملۇكلار زامانىدا بىنا قىلىنغان ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەردىن سۇلتان ھەسەن كۈللىيەسى، سۇلتان ئەشرەف مەدرىسەسى، باركۇت مەدرىسەسى، بارسباي قەۋرىسى قاتارلىقلارنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىدۇق، رەسىمىنى كۆردۇق، ئەمما ھەممىسىگە بېرىپ كۆرگۈدەك پۇرسەت چىقماي قالدى.
شۇنداقتىمۇ بۇگۈن 1356-يىلى بىنا قىلىنغان سۇلتان ھەسەن مەسجىدىنى زىيارەت قىلدۇق. ئېگىز، ھەيۋەتلىك سېلىنغان بۇ چوڭ مەسجىدنىڭ مېنى ئەڭ جەلپ قىلغان يېرى شۇكى، بۇ مەسجىدنىڭ چوڭ ھويلىسىدىكى ئوتقاشتەك چىرايلىق گېلەم سېلىنغان تۆت بۇرجەك تەرەپتە ئەھلى-سۈننەت ۋەلجامائەتتىكى تۆت مەزھەپ: مالىكىي، شافىئىي، ھەنبەلىي ۋە ھەنەفىي مەزھەپ ئۈلىما ۋە تالىبلىرى ئىلىم تەھسىل قىلىدىكەن. ئۇلار بىر-بىرىنى كۆرەلەيدىكەن، بىر يەردىن تاھارەت ئالىدىكەن، بىر ھويلىنىڭ ئىچىدىكى تۆت بۇرجەكتە ئولتۇرۇپ دەرس ئۆگىنىدىكەن. ئۇلار ئوتتۇرىسىدا بەزى فىقھى مەسىلىلەردە ئىجتىھات جەھەتتىن، ئىسىم جەھەتتىن بىر ئاز پەرق بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرىسىدا قىلچە ئىختىلاپ ياكى ئىتتىپاقسىزلىق يوقكەن. مەسجىدنىڭ كىرىشىدىكى خەرىتىنى رەسىمگە تارتىۋالغانتىم. مانا قاراڭلار، خەرىتىنىڭ تۆۋەنكى تەرىپىدە مەدرىسەتە مالىكىيە، مەدرىسەتە ھەنبەلىيە، مەدرىسەتە ھەنەفىيە، مەدرىسەتە شافىئىيە دەپ يېزىغلىقكەن. (بۇ خەرىتىنى كومپىيوتېردا ساقلىۋېلىپ، رەسىمنى "لوپا ئەينەكتە" چوڭايتىپ كۆرسەڭلار، ئېنگلىزچە، ئەرەپچە خەتلەرنى ئېنىق ئوقۇغىلى بولىدۇ.)

ئاۋۇ ئۈستىدىكى خەرىتە مۇشۇ مەسجىدنىڭ خەرىتىسى، ئوتتۇرىسىدىكى تۆت بورجەك تۆت مەزھەپتىكى تالىبلارنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىش سورۇنى.

مەسجىد ئىچىگە كىرىۋاتىمىز، پىشايۋىنىغا قارىدىم، تەخمىنەن يەتتە يۈز يىل بۇرۇنقى نەقىشلەر...
بۈگۈن بۇ يەرگە كىرىشىمىز بىلەنلا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كەلگەن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدۇق. مۇئەللىمى ئىمام بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىسىغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇيدىكەن. مانا مۇنداق:





ئاۋۇ ئوتتۇرىدىكى سۇ كۆرۈنگەن تەرەپ تۆت مەزھەپ بىرلىكتە تاھارەت ئالىدىغان يەر ئىكەن...


ئاۋۇ ئاياللار باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئايال ئوقۇتقۇچىلىرى ئىكەن...
بۇ قۇرلارنى يېزىۋېتىپ، ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى بىر مۇنازىرە ئېسىمگە كېلىپ قالدى. ئەفىيفىي توردىشىمىز ئىمام ئەبۇ ھەنىفە توغرىسىدا بىر ماقالە يېزىپ يوللاپتىكەن. ئۇنىڭغا ھەر خىل ئىنكاسلار چۈشتى. ئىسلام دىنىمىزدا ھەممە مۇسۇلماننىڭ ئوخشاش بىر پىكىردە بولۇشىنى، قەتئى ئىختىلاپ چىقارماسلىقىنى ئىنتايىن تەكىتلەيدىغان بىر قېرىندىشىمىز مۇشۇ ھەر خىل مەزھەپ، پىرقە دېگەندەكلەردىن قاتتىق بىزارلىقىنى بىلدۈرۈپ بىر ئىنكاس يازدى. ئۇنىڭغا يەنە بىر قېرىندىشىمىز "مەزھەپلەر ئىختىلاپ، قىيىنچىلىق ئەمەس، بەلكى ئاسانچىلىق يارىتىدۇ" دېگەندەك مەنىدە جاۋاپ يازدى. مەزھەپكە ئايرىلىشنى ياقتۇرمايدىغان ھېلىقى قېرىندىشىمىز: "ئۇنداقتا ، بىز رەسۇلۇللاھنىڭ يولىغا ماڭىمىزمۇ ياكى مەزھەپ داھىلىرىنىڭ يولىغىمۇ؟" دەپ سورىدى. يەنە بىر تورداش بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاپ يازدى: "رەسۇلۇللاھ ئاللاھنىڭ يولىدا ماڭىدۇ. مەزھەپ داھيىلىرى شۇ رەسۇلۇللاھ كۆرسەتكەن يولدا ماڭىدۇ. سىز شۇ مەزھەپ داھيىلىرى ماڭغان يولدا ماڭسىڭىز، ئاللاھنىڭ يولىدا، رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدا (ئاسان) ماڭغان بولىسىز. ئەمىلىيەتتە، مەزھەپلەرنىڭ سانى كۆپتەك بىلىنگەن، يولنىڭ ئىسمى باشقىچىرەك ئاڭلانغان بىلەن مەنزىل بىر. ھەممىسى شۇ بىر يەرگە بارىدۇ. ئاساسەن ھەممىسى ئاللاھ كۆرسەتكەن، قۇرئاندا ئەمىر قىلىنغان ئىسلام يولى. بەزىلەر بۇ يولدا يۈگرەپ مېڭىشى، بەزىلەر ئاقساپ مېڭىشى، بەزىلەر پىيادە، بەزىلەر ئاتلىق، بەزىلەر ھارۋا ياكى ماشىنا بىلەن. گەرچە يول مېڭىش ئۇسۇلىدا بەزى پەرقلەر بولسىمۇ، مەنزىلى، مەقسىتى، نىشانى بىرلا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى نېمىشقا ماڭا ئوخشاش ماڭمايسەن؟ دەپ ئەيىپلەش، تەنقىتلەش توغرا ئەمەس.
ئاللاھتائالا بىزلەرنى دىن ھەققىدە كۆپ ئىختىلاپلاشماسلىققا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: "سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا بىر خىل شەرىئەت ۋە ئۇچۇق يول تەيىن قىلدۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە سىلەرنى بىر ئۈممەت قىلاتتى. لېكىن ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن شەرىئەتلەر بارىسىدا سىلەرنى سىناش ئۈچۈن (كۆپ ئۈممەت قىلىپ ئايرىدى). ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار، ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر. سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەرنى (ئۇلارنىڭ قايسى توغرا، قايسى خاتا ئىكەنلىكىنى) ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ." (مائىدە سۈرىسى 48-ئايەت)
مەزھەپ داھىيلىرىنى بىر گۇرۇپپنىڭ باشلىقى دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ. قانداق دېسىڭىز، پەيغەمبىرىمىز (س.ئە.ۋ) مۇنداق دېگەن:"بىر سەپەرگە ئۈچ كىشى بىللە چىققان بولسا، بىرىنى باشلىق قىلىپ سايلىسۇن." (ئەبۇ داۋۇد، "جىھاد"، 87). بۇ باشلىقنى ئۈچ كىشىلىك ياكى ئۇنىڭدىن سانى كۆپرەك بىر گۇرۇپپنىڭ باشلىقى دەپ چۈشەنسىڭىز، ئۇنداقتا، ئافرىقىدىن يولغا چىققان مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىقى ئىمام مالىك، ئەرەبىستاندىن يولغا چىققانلارنىڭ باشلىقى ئىمام ھەنبەل، تۈركىيەدىن ياكى ئىراقتىن يولغا چىققانلارنىڭ باشلىقى ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە، مىسىردىن يولغا چىققان گۇرۇپپنىڭ باشلىقى ئىمام شافىئىي بولسا، بۇلار تۆت پەرقلىق يۆنۈلۈشتىن سەپەرگە چىقىپ، مەككىدە كەبىدە ئۇچراشسا، ئۇلار مېڭىپ كەلگەن يولى (مەزھىپى) ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇلارنى ئايرىم ئايرىم پىرقە، مەزھەپ دەپ ئەيىپلىسىڭىز توغرا بولامدۇ؟
مەن ياشاۋاتقان دۆلەتتىكى ئالىملار "مەزھەپلەرنىڭ كۆپلۈكى بىزنىڭ بايلىقىمىز، ئاللاھ بىزگە بەرگەن ئاسانلىق" دەپ قارايدۇ. مەن دەسلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، بەزىلەر مەندىن: سەن قايسى مەزھەپتىن؟ دەپ سورىغان. مەن: مەن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەزھىپىدىن دەپ جاۋاپ بەرگەنتىم. ئۇلار كۈلۈپ: بىز ھەممىمىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ يولىدىن ماڭىمىز ئەلۋەتتە. لېكىن، سەندىن سەن ھەنەفىيمۇ؟ شافىئىيمۇ؟ دەپ سورىدۇق ... دېگەندە، مەن بىلمەيمەن دېگەنتىم. كېيىن ماتىرىيال كۆرسەم، مەن ھەم شافىئىي، ھەم ھەنەفىي مەزھىپىگە تەۋە ئىكەنمەن. ئىمام شافىئىي سەھرادا ياشىغان بولغاچقا، شۇ يەرنىڭ شارائىتىغا قاراپ پەتىۋا بېرىپتىكەن. ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە شەھەردە ياشىغان بولغاچقا، شەھەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ پەتىۋا بېرىپتىكەن. مەن ھازىر ئۆزەمنى ئەبۇ ھەنىيفە مەزھىپىدە دەپ بىلىمەن ھەم مۇشۇ مەزھەپنىڭ پەتىۋاسىغا ئەمەل قىلىپ ياشاۋاتىمەن. ھازىر سۈننىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈچتە ئىككىسى ھەنەفىي مەزھىپىدە ئىكەن."
ئويلاپ باقسام، مەنمۇ مەزھەپ ھەققىدە يۇقىرىقى تورداشنىڭ پىكرىنى قوللايدىكەنمەن. بەزى ئۇششاق دەتالاشلارنى چوڭايتىۋېتىش، ھەدېسىلا مېنىڭ توغرا، سېنىڭ خاتا دېيىش بىزگە زىيان، ئىتتىپاقسىزلىقتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمەيدۇ. شۇڭا بۇنداق دەتالاشلارنىڭ توغرا-خاتالىقىنىڭ ھۆكمىنى قىيامەتكە قالدۇرۇپ، ئورتاق نوقتىلاردا بىرلىككە كەلگىنىمىز تۈزۈككەن.
مىسىر: قاھىرە مەنزىرىلىرى - 3
ھۈسەينىيە: ئىمام ھۈسەيىن مەسجىدى، قەۋرىسى
تۆتىنچى راشىد خەلىپە ھەزرىتى ئەلىنىڭ ھەسەن ۋە ھۈسەيىن ئىسىملىك ئوغۇللىرى بارلىقىدىن ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بار. ئىمام ھەسەننىڭ مەدىنىدە دەپنە قىلىنغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇنىڭ ئىنىسى كەربالادا شېھىت قىلىنغان ئىمام ھۈسەيىننىڭ مۇبارەك بېشىنىڭ مىسىر قاھىرەدە ئىكەنلىكى ئېسىمىزگە كەلمەپتىكەن.
قاھىرەدە ھۈسەينىيە دەپ ئاتالغان يەردە بۇندىن مىڭ يىل ئىلگىرى پاتىمىيىلەر سۇلالىسى زامانىدا بىنا قىلىنغان بىر ھەيۋەتلىك مەسجىد باركەن. بۇ مەسجىدنى "ئىمام ھۈسەيىن مەسجىدى" دەپ ئاتايدىكەن.




ئەر-ئاياللارنىڭ مەسجىدكە كىرىش ئىشىكى ئايرىم ئايرىم ئىكەن. ئارلىقىمۇ خېلى باركەن.
بۇ چوڭ مەسجىدنىڭ ئاياللار ناماز ئۆتەيدىغان بۆلۈمى بىلەن ئەرلەر ناماز ئۆتەيدىغان بۆلۈمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كارىدوردا ھەزرىتى ئىمام ھۈسەيىننىڭ قەۋرىسى باركەن.





مىسىر: قاھىرە مەنزىرىلىرى - 4
ھۈسەينىيە بازىرى
بايىقى ئىمام ھۈسەيىن مەسجىدىدە ناماز شام ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، يېقىن ئەتراپتىكى بازارلارنى ئايلاندۇق. مىسىردا دۇكانلار كېچە سائەت 12:00 گىچە ئوچۇق بولىدىكەن.






بۇ بازاردىن چىقىپ قايتىش ئۈچۈن چوڭ يولغا قاراپ ماڭدۇق. كىتاپخانىلارمۇ كۆپ ئۇچرايدىكەن.

ئەزھەر جامەسى تەرەپنى بويلاپ بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن بىر دۇختۇرخانا ئۇچرىدى. بۇ ئەزھەرنىڭ مېدىتسىنا پاكولتېتىنىڭ دۇختۇرخانىسى ئىكەن.

(كېچە قاراڭغۇدا تارتىلغان رەسىملەر بەكلا سۈپەتسىز چىقىۋالدى )
(14) مىسىر: قاشاڭ مۈشۈكلەر
مىسىردىكى مۈشۈكلەر پەقەتلا ئادەمدىن قاچمايدىكەن. ئەزھەر خانىم-قىزلار مەسجىدى ئىچىدە ئولتۇرسام، بىر مۈشۈك يېنىمغا كېلىپ، بېشىنى تىزىمغا سۇۋاشقا باشلىدى. سومكامدا ئۇنىڭغا بەرگۈدەك يېمەكلىك يوقتى. شۇنداقتىمۇ يېگۈدەك بىرەر نەرسە چىقىپ قالارمىكىن دەپ سومكامنى ئاقتۇرۇۋاتسام، مۈشۈك كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن مەسجىد ئىچىدىكى بىر بۈرجەكتە ساندىۋىچتەك بىر نەرسىلەرنى يەپ ئولتۇرغان ئىككى قىزنىڭ يېنىغا كەتتى. (مۈشۈكلەرنىڭ پۇراش سەزگۈسى يۇقىرى ئەمەسمۇ؟!) قىزلارمۇ ئۇنى نائۈمىد قويماي، بىر ۋاراق قەغەز ئۈستىدە مۈشۈككە يېگۈدەك نەرسە بەردى. مۈشۈك مەززە قىلىپ يېدى. ھېچكىم ئۇنى مەسجىدتىن قوغلىۋەتمىدى.

قاھىرە ۋە ئىسكەندىرىيە كوچىلىرىدا مۈشۈكلەر بەك كۆپ ئۇچرىدى. ھەممىسى ئادەمگە يېقىن ئىكەن، ئازىراق كۈلۈمسىرەپ قاراپ، يەيدىغان نەرسە بېرىدىغاندەك ئىشارەت قىلسىڭىزغۇ، بۇ مۈشۈكلەر كەينىڭىزگىلا كىرىۋالىدىكەن. ئاچلىقتىن شۇنداق قىلامدىكى دېسەم، ئۇنداق ئەمەستەك، چۈنكى ھەممىسى دېگۈدەك سېمىز، بودەك مۈشۈكلەركەن. قارىغاندا بۇ يەردىكى ئىنسانلار مۈشۈكلەرگە رەھىمدىل، دوستانە مۇئامىلە قىلغاچقا، مۈشۈكلەرمۇ ئىنسانلارنى ئۆزىنىڭ دوستى دەپ بىلگەچكە شۇنداق ئەركىلەيدىغان ئوخشايدۇ.


كىچىكىمىزدە ئۆيىمىزدە مۈشۈك بار ئىدى. بولۇپمۇ كىچىك سىڭلىم مۈشۈكلەرگە بەك ئامراق بولغاچقا، بىزمۇ ئۇنىڭ رايىغا بېرىپ مۈشۈكلىرىنى بېقىشىپ بېرەتتۇق. لېكىن مۈشۈكلەرنىڭ ئۆمرى ئىككى يىلغا بارمايتتى. چۈنكى يا كېسەل تېگىپ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتەتتى، ياكى بولمىسا خېمىيەلىك دورىدا زەھەرلىنىپ ئۆلگەن چاشقان ياكى قۇشقاچنىڭ گۆشىنى يەپ سېلىپ، ھەزىم قىلالماي ئۆلەتتى، بۇنداق بولمىغان تەقدىردىمۇ سىرتقا چىققان پېتى غايىپ بولۇپ، (باشقىلار يولدا تۇتىۋالامدىكىن-تاڭ) ئۆيگە قايتىپ كەلمەيتتى. بىزمۇ يۇقالغان مۈشۈككە بىر ھەپتە قارىلىق تۇتۇپ، كېيىن باشقا ئاسلانچاقلارنى تېپىپ بېقىۋالاتتۇق.
دادام دائىم "مۈشۈككە ياخشى قارىيالىساڭلار بېقىڭلار، بولمىسا باقماڭلار. ئۇنى ئاچ قۇيۇپ ياكى ئۇرۇپ قىيناپ قويساڭلار يامان بولىدۇ، (ئادەم تەخسىراتقا كېتىدۇ)" دەپ ئاگاھلاندۇراتتى. چۈنكى دادامنىڭ دېيىشىچە، دادام تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان چاغدا بىر زوئولوگىيە مۇئەللىمى باركەن. بۇ مۇئەللىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىنى پۈتتۈرۈپ يېڭى خىزمەتكە ئۇرۇنلاشقان ياش، كېلىشكەن، قابىلىيەتلىك بىر يىگىت ئىكەن. بىر كۈنى بۇ مۇئەللىم زوئولوگىيە دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارغا تەجرىبە قىلىپ كۆرسىتىمەن دەپ بىر مۈشۈكنى سىنىپقا ئەكىرىپ، دادام بىلەن بىرلىكتە تۆت ئوقۇغۇچىغا مۈشۈكنىڭ تۆت پۇتىنى تۇتقۇزۇپ، تىرىك مۈشۈكنىڭ قورسىقىنى يېرىپ، يۈرەك سوقۇش ھەرىكىتىنى بالىلارغا كۆرسىتىپتىكەن. بىچارە مۈشۈك قىقىراپ، چىرقىراپ قاتتىق نالە قىلىپ يىغلاپتىكەن.(تىرىك جان ئەمەسمۇ؟! ) مۈشۈك قانسىراپ جان تالىشىپ بەك تەستە ئۆلۈپتىكەن. دادام دەرستىن چۈشۈپ ئۆيگە كېلىپ بۇ ئەھۋالنى بوۋامغا دېگەندە، بوۋام دادامغا قاتتىق ئاچچىقلاپ: "ماڭ، دەرھال تەۋبە قىل! خۇدايىم ياراتقان تىرىك جاننى شۇنداقمۇ قاتتىق قىينىغان بارمۇ؟! بۇنداق قىلىش ئېغىر گۇناھ! ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچراشتىن ئىلگىرى دەرھال تەۋبە قىل. بۇندىن كېيىن ھايۋانلارنى، بولۇپمۇ مۈشۈكنى قىينايدىغان، خورلايدىغان ئىشنى قەتئى قىلىپ سالما!" دەپ تەنبىھ بېرىپتىكەن. دېگەندەك بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ياش مۇئەللىم تۇيۇقسىز قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىپتۇ. كېيىن مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى باشلىنىپ، بۇ مۇئەللىمنىڭ كۆرمىگەن كۈنى، تارتمىغان جاپاسى قالماپتۇ. 25 يىل تۈرمىدە يېتىپتۇ. ئەللىك نەچچە ياشقا كىرگەندە تۈرمىدىن چىقىپتۇ. لېكىن خىزمىتى يوق، ياشلىق باھارى ئاللىقاچان سۇلغان، كېسەلچان بىر ھالەتتە جەمىئىيەتكە چىقىپتۇ. بۇ مۇئەللىم تۈرمىگە تاشلانغىنىدا تېخى ئۆيلەنمىگەن ئىكەن. ئەللىك نەچچە ياشتا خوتۇن-بالاۋاقىسىمۇ يوق، يەككە-يىگانە، بىچارە ھالەتتە يالغۇز قاپتۇ.
ئۇ مۇئەللىم ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يېڭى خىزمەتكە ئۇرۇنلاشقان چېغىدا بېشىغا ئۇشتۇمتۇت بۇنداق بىر بالا-قازا كېلىشىنى بەلكىم ئويلاپمۇ باقمىغان بولغىيتتى. بۇنى ئېنىقلا بىر مۈشۈكنى قىينىغاننىڭ جازاسى دېگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما دادام بىزگە مۇشۇ ۋەقەنى دېيىش ئارقىلىق خۇدا ياراتقان ھەر قانداق جانغا زۇلۇم قىلماسلىقنى، بىلىپ بىلمەي زۇلۇم قىلىپ سالسا، ھامان بىر كۈنى جازاسىنى يەيدىغانلىقىنى، شۇڭا قولدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
كېيىن مەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساھابىلىرىگە ئائىت كىتابلارنى ئوقۇدۇم. پەيغەمبىرىمىزدىن ئەڭ كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان بىر ساھابىنىڭ ئىسمى ئەبۇ ھۇرەيرە. ئەرەپچە "ئەبۇ" دېگەن سۆز "...نىڭ دادىسى"، "ھۇرەيرە" دېگىنى "مۈشۈك" دېگەنلىك بولىدىكەن. ئەبۇ ھۇرەيرە "مۈشۈكلەرنىڭ دادىسى" دېگەن مەنىدە ئىكەن. پەيغەمبىرىمىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بۇ ساھابە بىر كۈنى يولدا كېتىۋاتسا، پەيغەمبىرىمىز ئۇچراپتۇ. پەيغەمبىرىمىز بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغاندا ئۇنىڭ يەڭلىرى ئارىسىدىن بىر ئىككى ئاسلاننىڭ بېشى كۆرۈنۈپتۇ، پەيغەمبىرىمىز "بۇ نېمە؟" دەپ سورىسا، بۇ ساھابىمۇ بۇ جانىۋارلارنى ياخشى كۆرۈپ ئەركىلىتىپ يېڭىنىڭ ئارىسىغا سېلىۋالغانلىقىنى ئېيتقاندا، پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا چاخچاق قىلىپ "مۈشۈكلەرنىڭ دادىسى" (ئەبۇ ھۇرەيرە) دەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ لەقەم ئۇنىڭغا ئىسىمدەكلا ئورنىشىپ قاپتىكەن...
ياراتقۇچىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇنىڭ بارلىق مەخلۇقاتلىرىغا مېھرى-شەپقەت قىلىشنى تەكىتلىگەن پەيغەمبىرىمىز: "مېھرى-شەپقەت قىلغۇچىغا مېھرى-شەپقەت قىلىنىدۇ. سىلەر زېمىندىكىلەرگە مەرھەمەت قىلىڭلاركى، ئاسماندىكىلەرمۇ سىلەرگە مەرھەمەت قىلسۇن." دېگەنىكەن. (تىرمىزى، "بىرر"، 16) مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا بۇنىڭ ئۆرنەكلىرىنى كۆپ كۆردۈم.

تۈركىيەدە چوڭ چوڭ قەدىمىي مەسجىد، جامەلەرنىڭ ھويلىسىدا مۈشۈكلەر بەك كۆپ. ئادەمدىن پەقەت قاچمايدۇ. مىسىردىمۇ شۇنداقكەن. سۈرىيەدىمۇ مۈشۈكلەرنى جىق كۆردۈم. مەن ئۈرۈمچىدە نەچچە يىل تۇرغان ۋاقتىمدا يولدا بىرەر قېتىم مۈشۈك ئۇچراتقىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن.

ئىنىم كەپتەر باققىلى ئامراق ئىدى. دادام توسسىمۇ باقىمەن دەپ تۇرۇۋالغاچقا، ئامالسىز ئۇنىڭغا ئۆگزىدە كەپتەرخانا سېلىپ بەرگەن. خوشنىلىرىمىزنىڭمۇ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆگزىسىدە كەپتەرخانىسى بار ئىدى. كەپتەرلەر ئەركىن پەرۋاز قىلىپ، ئۆزى خالىغان يەردە دانلاپ، قونۇپ يۈرەلمەيتتى. بۇنداق قىلسا، يا چاشقان دورىسىغا چىلانغان بۇغداي قوناقنى يەپ زەھەرلىنىشى، ياكى دانلايمەن دەپ قىسماققا (قىلتاققا) دەسسەپ سېلىشى، ياكى بولمىسا يوقۇملۇق كېسەل يۇقتۇرۇۋېلىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس ئىدى.
مەن تۈركىيە، مىسىر ياكى باشقا مۇسۇلمان دۆلەت بولسۇن ھېچبىرىدە كەپتەرلەرنى كەپتەرخانىغا سۇلاپ باققاننى كۆرۈپ باقمىدىم. تۈركىيدە كەپتەر، قۇشقاچ بەك جىق، ھەممىسى ئەركىن پەرۋاز قىلىپ يۈرىدۇ. ئادەمدىن پەقەت قاچمايدۇ.



ئىستانبۇل بۇغۇزىدا پاراخوتقا چىقىپ دېڭىزغا قارايدىغان تەرەپتە ئولتۇرسىڭىز، قولىڭىزدا بولكا بولسا نەچچە بىلىقچى قۇش يېنىڭىزغا كېلىۋالىدۇ، گەرچە بولكىنى قولىڭىزدىن تارتىپ ئېلىپ قاچمىسىمۇ، سىزنىڭ بولكىلارنى ئۇلارغا بېرىدىغانلىقىڭىزنى ئالدىنئالا بىلىدىغاندەك ساقلاپ تۇرىدۇ، سىز دېڭىزغا ئاتقان بولكىلارنى بەزىسى ھاۋا بوشلۇقىدىلا تۇتىۋالىدۇ، بەزىسى سودىن سۈزۈپ ئېلىپ يەيدۇ. بۇ قاشاڭ قۇشلارنىڭ ئادەملەردىن تەپتارتقىنىنى كۆرمىدىم.


بىر قېتىم بىر تۈرك دوستۇم بىلەن يېمەكلىك توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، بىزنىڭ يۇرتىمىزدا باچكا، قۇشقاچ گۆشلىرىنى يەيدىغاننى دەپ ساپتىكەنمەن، ياقىسىنى چىشلىمىدى ئەمما، "ۋاي، سىلەر ئۇلارنى قانداقمۇ يەيسىلەر؟ بىز ئۇنداق ئۇچار قۇشلارنى ھالال بولسىمۇ يېمەيمىز. قارىغاندا، سىلەرگە خەنلەرنىڭ تەسىرى بەك يۇقۇپتۇ. ئۇلار يىلان يەيدىكەن، سىلەرمۇ يەمسىلەر؟ يەنە..." دەپ ھەيران بولۇپ بىر مۇنچە گەپ قىلىپ كەتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، قۇشقاچ، باچكا يەيدىغان گەپنى ئىككىنچى قىلماس بولدۇم.
قىسقىسى، بىر يەردە ياشاۋاتقان ھايۋانلار بىر جەھەتتىن شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك ئەھۋالى، ئىنسانلارنىڭ مېھرى-شەپقەت تۇيغۇسى... قاتارلىق ئامىللارنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن. ئىنسانلار ياراتقۇچىدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا رەھىمسىزلىك قىلىشقا پېتىنالمايدىغان يەرلەردە ھايۋانلار بەك راھەت ياشايدىكەن دەپ ئويلىدىم.
(17) مىسىر: مېھماندوست ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز
مىسىرنى بىزگە مېھرى ئىسسىق قىلىپ كۆرسەتكەن سەۋەپلەردىن يەنە بىرى بۇ يەردە مېھماندوست ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالغانلىقىمىز بولدى. مەن مىسىرغا كېلىپ تونۇشقان بۇ قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئىلگىرى تونۇشمايتتىم. ئەمما يولدىشىم بىر ئىككەيلەن بىلەن ئازىراق تونۇشىدىكەن. كەلگەن كۈنىمىز ت ھاجىمنىڭ ئۆيىدە قالدۇق. ئۇلارنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسىدىن تەسىرلىنىپ، مېھمانسارايغا كېتىشنى ۋاقتىنچە ئويلاشمىدۇق. بىز كەلگەن كۈننىڭ ئىككىنچى كۈنى كەچتە قەشقەرلىق بىر قېرىندىشىمىز بىلەن ت ھاجىمنىڭ ئۆيىدە كۆرۈشتۇق. بۇ قېرىندىشىمىز ئەزھەر ئۈنىۋېرسىتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋېتىپتۇ. ئايالىمۇ ئەزھەردە ئوقۇيدىكەن. بۇ قېرىندىشىمىز يازغان بىر كىتابنى كۆرۈپ ئالەمچە خوش بولدۇق. قانداق كىتاب دېمەمسىلەر؟ ئەرەپلەرگە ئۇيغۇرچە ئۆگىتىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى "ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى".

تامامەن ئەرەپچە يېزىلغان بۇ 313 بەتلىك كىتابتا ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ گىرامماتىكىسى تەپسىلىي بايان قىلىنىش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر تارىخىمىزدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسىلەر، يەنى مەھمۇد كاشىغەرى، مەۋلانە سەككاكى، ئەلىشىر ناۋايى، موللا مۇسا سايرامى، قۇتلۇق شەۋقى، ئەخمەد زىيائى قاتارلىق ئالىملىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۆرنەكلەر بېرىلىپتۇ. بۇنداقتا، بىزنىڭ تىلىمىزنى بۇ كىتابتىن ئۆگەنگۈچى بىر ئەرەب يالغۇز ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىپلا قالماستىن يەنە بىزنىڭ تارىخىمىزدىكى مەشھۇر ئەدىبلىرىمىز بىلەنمۇ تونۇشۇپ چىقالايدىكەن. بۇ كىتاب 2010-يىلى قاھىرەدە نەشىردىن چىقىپتۇ.
كېيىن بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا چاقىرىلدۇق. ئۇلار ئۆي كۆچۈش ئۈچۈن ئالدىراش تۇرغان مەزگىللەر ئىكەن. تاماققا ئۇستا ئىشچان ئايالى ئالتە ئايلىق بۇۋاق بالىسى، مەكتەپتە يېقىنلىشىپ قالغان ئىمتىھانى بارلىقىغا قارىماستىن بىزگە مول نازۇ-نېمەتلەر بىلەن داستىخان تەييارلاپ كۈتىۋالدى. ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ت ھاجىم ۋە ئۇنىڭ ئايالى، بالىلىرى بىلەن بىللە بارغان ئىدۇق. داستىخاندا ئولتۇرۇپ مېزىلىك تائاملارغا ئېغىز تەككەچ پاراڭلىشىپتىمىز، مەن بۇ يەرنى قەتئى چەتئەل ھېس قىلمىدىم. خۇددى ۋەتەندە يېقىن تۇققانلىرىمىزنىڭ ئۆيىدە ئېچىلىپ يېيىلىپ ئولتۇرغاندەك كۆڭۈللۈك ھېس قىلدىم. بۇ يەردە ئەزھەردە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئاياللاردىن مەن كۆرگەنلەرنىڭ قالدۇرغان تەسىراتى شۇكى، ئۇلار تەقۋا، ساپالىق، ئىشچان، ئۆي ئىشلىرىغا پىششىق، ئائىلىسىگە مەسئۇلىيەتچان، ئىللىق چىراي، سۆيۈملۈك ئاياللار ئىكەن. قەتئى بىر بىرىنىڭ كەينىدە غەيۋەت قىلىشمايدىكەن. بۇ تەرىپىنى بەك ياقتۇردۇم. چۈنكى، مەن غەيۋەت سورۇنىدىن قاچقانلىقىم ئۈچۈن ئاياللار يىغىلغان يەرلەردە ئولتۇرۇشتىن بەزىدە قورقاتتىم. بىلىپ بىلمەي بىرەرسىنىڭ كەينىدە يامان گەپ قىلىپ سالدىڭمۇ، غەيۋەتكە يولۇققىنىڭ شۇ. پەيغەمبىرىمىزدىن غەيۋەت دېگەن نېمە؟ دەپ سورالغاندا، "بىرەر كىشىنىڭ ئالدىدا دېسەڭ كۆڭلىگە كېلىدىغان گەپنى ئۇنىڭ كەينىدە دېيىشىڭ غەيۋەت بولىدۇ" دەپتىكەن. قۇرئانى-كەرىمدىمۇ غەيۋەت "ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىش"كە ئوخشىتىلىپ (49-سۈرە 12-ئايەتتە) زىيادە ھاراملىقى تەكىتلىنىپتىكەن. ئاياللار بىر يەرگە كەلگەندە بەك دىققەت قىلمىساق، بىلىپ بىلمەي غەيۋەت قىلىپ سېلىشىمىز مۇمكىن. (يولدىشىم دائىم "غەيۋەت قىلماقچى بولسىڭىز مېنىڭ غەيۋىتىمنى قىلىڭ، ساۋابلىرىڭىزنى مەن ئالاي، باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلسىڭىز ساۋابىڭىز يات خەقلەرگە كېتىپ قالىدۇ" دەيدۇ. چۈنكى، غەيۋەت قىلغۇچىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ياخشى ئىشلىرىنىڭ ساۋابى غەيۋىتى قىلىنغۇچىنىڭ ھېسابىغا يۆتكىلىدىكەن). مىسىردىكى مەن كۆرگەن ئۇيغۇر ئاياللاردا غەيۋەت ئىللىتىنى بايقىمىغانلىقىمدىن كۆڭلۈم سۆيۈندى. بۇلار بىلەن ئاساسلىقى مەكتەپتىكى ئوقۇش، دەرسلىكلەر، ئىمتىھان، بالا تەربىيىلەش توغرىسىدا پاراڭلىشىپتىمىز. كۆڭلۈم بەك ئېچىلدى.
يولدىشىم ئايرىم ئۆيدە ئەرلەر بىلەن بىرگە ئولتۇرغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، شۇ ئۆيدە بىر قانچە ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ تونۇشۇپتۇ. تۇرپاندىن كەلگەن بىر قېرىندىشىمىز يېقىندا ئەزھەردە ئوقۇيدىغان ئوغلىنى كۆرگىلى ۋەتەندىن كەپتىكەن. ئۇ كىشىنىڭ دەپ بېرىشىچە، بىر كۈنى سەھەردە بۇ دادا بالا ئىككەيلەن بامدات نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن قاھىرەدە بىر جامەگە بېرىپتۇ. نامازغا نۇرغۇن جامائەت كەلگەن ئىكەن. ئەپسۇس، جامەنىڭ ئىمامى ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ كېلەلمەپتۇ. جامائەت ئىمامغا ساقلىسا نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتكۈدەك. بۇ چاغدا جامائەتنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ساقچى ئادەم:
- سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا نامازغا ئىماملىق قىلالايدىغانلار بارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. تۇرپانلىق قېرىندىشىمىزنىڭ ئوغلى ئەزھەردە ئوقىغاندىكىن ئىماملىق قىلىشنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ-دە، ئۇ:
- مەن ئىماملىق قىلالايمەن. – دەپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. مىسىرلىق ئەرەپ ساقچى:
- كەل ئەمىسە، سەن بىزگە ئىمام بولغىن. – دەپ بۇ ئۇيغۇر بالىنىڭ ئىماملىقىدا جامائەت بىر چىرايلىق نامىزىنى ئوقۇپ ئۆيلىرىگە قايتىشىپتۇ. ھېچكىم بۇ جامەنىڭ ئىمامىنىڭ كېلەلمىگەنلىكى تۈپەيلى نامىزىنى قازا قىلماپتۇ. "ئىمام نېمىشقا كەلمەيدۇ؟" دەپ جېدەلمۇ چىقارماپتۇ...
..............................................................
بۇ قەشقەرلىق قېرىندىشىمىزنىڭ ئۇيىدىن چىقىپ يەنە ت ھاجىمنىڭ ئۆيىگە قايتتۇق.
سۈرىيەدىن باشلاپ رەسىم تارتىش ئاپىراتىمغا توك قاچىلايدىغان نەرسە ئىزدەپ بەك ئاۋارە بولغانتۇق. بىر كۈنى يولدىشىم خوتەنلىك ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ھ ھاجىم بىلەن ئۇچرىشىپ قىلىپ ئاپراتقا توك قاچىلايدىغان نەرسە ئېلىپ كەپتۇ. ئەمدى بۇندىن كېيىن كۆپرەك رەسىم تارتالايدىغانلىقىمنى ئويلاپ بەك خوش بولدۇم. ھ ھاجىم ئەزھەردە تولۇق كۇرسنى تاماملاپ ماگىستېرلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن. ئايالىمۇ ئەزھەردە ئوقۇيدىكەن. خەيرۇننىسا ئىسىملىك بىر يېرىم ياشلىق بىر ئوماق قىزى باركەن. بۇ شوخ قىزنىڭ كەپسىزلىكىنى سورمايلا قويۇڭ. چوڭلارنىڭ دېيىشىچە كىچىكىدە بەك شوخ، كەپسىز بالىلار ئەسلى بەك ئەقىللىق، ساغلام بالىلارمىش. بۇ تاتلىق قىزنىڭ ئانىسىنى ھارغۇزماي بىردەم جىم تۇرغىنىنى كۆرمىدىم.




ھ ھاجىم بىزنى نىل دەرياسى بويىغا ئاپىرىپ ساياھەت قىلدۇردى. ئۇ باشلاپ بارمىغان بولسا، بۇ ناتونۇش يەرلەردە تېڭىرقاپ قالاركەنمىز. كەچلىكى ئۇنىمىساق ئۇنىماي "ئەمدى بۇندىن كېيىن بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇڭلار!" دەپ ئۆيىگە ئاپاردى. ئىسسىق ئۇرۇن راستلاپ بەردى. راھەت ئۇخلاپتىمىز. ئەتىسى ئەتىگەندە ئايالى ئوخشىتىپ لەغمەن ئېتىپتۇ. تاماقتىن كېيىن "بىز بۇگۈن ئىسكەندىرىيەگە بارماقچىدۇق" دېسەك، "سىلەرنى بىز باشلاپ ئاپىرايلى" دېدى. بىزمۇ ئارتۇق تۇزۇت قىلمىدۇق. بىلىملىك ھ ھاجىم ئەرەپچىگە پىششىق، تولىمۇ ئاقكۆڭۈل ۋە كەمتەر كىشى ئىكەن. كۆڭلىمىزدە ئۇنىڭغا ۋە ئائىلىسىگە كۆپ دۇئا قىلدۇق. ئايالى ۋە ئوماق خەيرۇننىسا بىلەن بىرلىكتە قاھىرەدىن 350 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئىسكەندىرىيە شەھرىگە پويىزدا بىللە باردۇق. ئاق دېڭىزنى (地中海) كۆردۇق، مۇزىيلارنى ئايلاندۇق، ئىسكەندىرىيەدىكى مەشھۇر كۇتۇپخانىغا كىردۇق. كۇتۇپخانىدا مەن كەچكىگە ھايال بولۇپ قاراڭغۇدا چىقساممۇ ئۇلار مېنى سەۋرىچانلىق بىلەن ساقلاپ تۇردى. چۈشتە كۇتۇپخانىغا كىرىدىغان چاغدا سومكىلارنى كىرگۈزمەيدىغان بولغاچقا ھ ھاجىمنىڭ ئايالىنىڭ سومكىسى بىلەن مېنىڭ سومكامنى ئامانەت ساقلاش ئورنىغا بەرگەن. ئىككى سومكىنى ئېلىش كارتى مېنىڭ يانچۇقۇمدا قاپتىكەن. خەيرۇننىسانىڭ لازىملىق نەرسىلىرىنى ئۇلار مەن يوق سومكىدىن ئالالمىغان بولسىمۇ، قىلچە غۇدۇرىمىدى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۆپ خىجىل بولدۇم. كەچتە قاھىرەگە بىللە قايتتۇق. يەنە بىزنىڭ ئۆيگە بارىمىز دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. ئۇلارنى ئۆز ئادەم ھېس قىلغاچقا تەكەللۇپ قىلمىدۇق. ئەتىسى بىزنى ئىمام شافىئىي مەسجىدى بىلەن ئەمىر ئىبنى ئاس جامەسىگە باشلاپ ئاپاردى. ساياھىتىمىزدە بىزگە سادىق باشلامچى، خالىس ياردەمچى بولدى. قانچىلىك رەھمەت ئېيتساق ئاز. ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىغا يەنە ئىككىنچى قېتىم قايتا بارىدىغانلىقىمىزنى ئېيتقىنىمىزدا بۇ ھ ھاجىم "يەنە مەن باشلاپ باراي" دېۋىدى، بىز ئۇنى يەنە ئاۋارە قىلىۋەرگىلى خىجىل بولۇپ، ئاستا قاچتۇق. ئۇنىڭمۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشلىرى بار، ۋاقتىنى ئېلىۋەرسەك بولمايدۇ. ھ ھاجىمنىڭ ئۆيىدە قونغان ئىككى كۈن ئىچىدە يولدىشىم ھەر كۈنى سەھەردە بامدات نامىزىغا جامەگە بارالىغانلىقى ئۈچۈن كۆپ خۇرسەن بولدى. تەقۋا ھ ھاجىممۇ سەھەردە بامدات نامىزىدىن كېيىنلا دەرسكە بارىدىكەن، ئەتىگىنى پەقەتلا ئۇخلىمايدىكەن.
مىسىردا تۇرغان توققۇز كۈن ئىچىدە يەتتە كۈن ت ھاجىمنىڭ ئۆيىدە قونۇپتىمىز. بۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن قىلغان غەيرىتىگە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمىدىم. سەككىز ياشلىق بۇشرا تۈركلەر ئاچقان بىر شەخسىي مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن. "سالاھاددىن خەلقئارا مەكتىپى" دېگەندەك ئىسمى بار بۇ مەكتەپتە دەرسلەر ئېنگلىزچە ئۆتۈلىدىكەن. بالىلار بۇ يەردە ئەرەپچە، ئېنگلىزچە، تۈركچە تىللارنى بىرلا ۋاقىتتا بىمالال ئۆگىنىپ ماڭالايدىكەن. ئەمما بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش پۇلىسى بەك قىممەتكەن. بۇشرانىڭ ئېنگلىزچە، ئەرەپچە، تۈركچە ساۋادى چىقىپ بوپتۇ. ئۇيغۇرچە كىتابلارنىمۇ سۇدەك راۋان ئوقۇيالايدىكەن. (بۇنى ئۆيدە ئاتا-ئانىسى ئۆگىتىپتۇ) بۇشرانىڭ ئالتە ياشلىق ئىنىسى ئىبراھىم بىلەن تۆت ياشلىق سىڭلىسى تۇبامۇ شۇ مەكتەپنىڭ تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇيدىكەن. ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت ئالتىدە بۇ ئۆيدە ئالدىراشچىلىق باشلىنىپ كېتىدىكەن. ئانىسى ئۆچ بالىنى ئويغىتىپ، ئوبدان ناشتا قىلدۇرۇپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى پاكىز، رەتلىك كىيگۈزۈپ، سومكا، دەپتەر قەلەملىرىنى ئۇنۇتتۇرماي، بالىلارنى مەكتەپكە يولغا سالىدىكەن. بالىلار چۈشتىن كېيىن مەكتەپتىن قايتىپ كېلىشى بىلەنلا ئۇلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ، تاپشۇرۇقلارنى تولۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىكەن. 25 ياشلىق بۇ چەبدەس ئانا تۆت بالىنى ئوبدان بېقىش بىلەن بىرلىكتە يەنە ئەزھەردە كۈللىيەدە 3-يىللىقتا ئوقۇۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئاش-تاماققا ئۇستىلىقىنى، مېھماندوست، خوشچاقچاقلىقىنى دېمەيلا قوياي. ئۇنىڭ تىرىشچان، ئەدەبلىك چوڭ بولىۋاتقان بالىلىرىغا قاراپ كەلگۈسىمىزنىڭ پارلاق بولىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى. ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي.
بىز قاھىرەدىن ئىستانبۇلغا قايتىدىغان كۈنى ھ ھاجىم بىلەن ئا ھاجىم بىزنى ئايرۇپىلان ئىستانسىسىغا ئاچىقىپ ئۇزىتىپ قويدى. ئا ھاجىم ت ھاجىم بىلەن بىللە دۇكان ئاچىدىكەن. ئۇمۇ ئەزھەردە ئوقىغان بىلىملىك ئۇيغۇرلىرىمىزدىن بىرى ئىكەن. بىزنى ئۆيىدە لەغمەن، پولۇ، پېتىر مانتا ئېتىپ ئىككى قېتىم مېھمان قىلدى. ئايالىمۇ بەك ئېسىل ئايال ئىكەن. ئەزھەردە كۈللىيەدە (پاكولتېتتا)ئوقۇۋېتىپتۇ. ئۆيىدە كىچىك بالىلىرى باركەن. ئايالى ئېغىرئاياقلىقىغا باقماي بىزگە "ئەمدى بىزنىڭ ئۆيدە تۇرسىلا" دەپ چىڭ تۇردى. ئەمما بىز رەھمەت ئېيتىپ رەت قىلدۇق. ئۇلار بىلەن ئىلگىرى تونۇشمايتتۇق، بىلىشمەيتتۇق. قاھىرەگە كېلىپ تونۇشۇپ قالدۇق. تونۇشۇپلا چىقىشىپ قالدۇق. ئۇيغۇرۇمنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى مۇشۇنداق قېنىدا باركەن.
مىسىردىكى توققۇز ئون كۈن بەك قىسقا ۋاقىت، ئەمما مەندە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇردى. بۇ يەردە ئوقۇۋاتقان، ئىشلەۋاتقان، تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىزگە ئۇچرىغانلىرى كۆزۈمگە بەك ئىسسىق كۆرۈندى. يات ئەلدىكى مۇساپىرچىلىقتا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز كۆزىمىزگە بەك ئۇز كۆرىنىدىكەن.
(18) مىسىر: ئىسكەندىرىيە كۈتۈپخانىسى، قەدىمىي قوليازما ئەسەرلەر
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد (س.ئە.ۋ) دۇنياغا كېلىشتىن ئىلگىرى يەر شارىدا خرىستىيان دىنىنىڭ بەش چوڭ مەركىزى بار ئىدى. يەنى، قۇددۇس (ئېرۇسالىم)، ئىسكەندىرىيە، كونستانتىنپۇل (ئىستانبۇل)، ئانتاكىيە (ھازىرقى تۈركىيەدىكى ھاتاي ۋىلايىتىدە) ۋە رىم (ھازىرقى ئىتالىيەدە). بۇ مۇھىم بەش مەركەزدىن تۆتىنىڭ كېيىنچە مۇسۇلمانلارنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتۈشى خرىستىيانلارنى قاتتىق ساراسىمىگە سالغان. بولۇپمۇ تونجى بولۇپ خرىسىتىيان دىنىغا ئىمان ئېيتىپ، مىلادى 325-يىلى بۇ دىننى دۆلەت دىنى قىلغان رىم ئېمپىراتورى كونىستانتىنوسنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان مەشھۇر پايتەخت شەھەر كونىستانتىنپۇلنى تۈرك مۇسۇلمانلار 1453-يىلى فەتھى قىلىپ ئىسمىنى ئىستانبۇلغا (ئىسلامبول) ئۆزگەرتكەندە، پۈتكۈل خرىستىيان دۇنياسى دەر غەزەپ بولۇپ تەۋرەپ كەتكەن. (ياۋرۇپانىڭ ئۇيغىنىشىغا مۇشۇ ئامىلمۇ قاتتىق غىدىقلىغۇچى سەۋەپ بولدىمىكىن دەيمەن).
ياۋرۇپادا ئەمەۋىي مۇسۇلمانلار 700 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىسپانىيە (ئەندالۇسىيە) 1492-يىلى خىرىسىتىيانلارنىڭ قولىغا ئۆتۈشى بىلەن، خرىستىيانلار مۇسۇلمانلاردىن ئالالمىغان ئىنتىقامىنى ئىسپانىيەدىكى مۇسۇلمانلاردىن ئېلىپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي قىرىپ تۈگىتىش، پاراخوتتا ئاق دېڭىزغا ئاپىرىپ سۇغا غەرق قىلىپ ئۆلتۈرۈش بىلەن پۇخادىن چىققان. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، يەتتە يۈز يىل سەلتەنەت سۈرگەن مۇسۇلمان دۆلەتتىن مىراس قالغان بارلىق مەسجىد، مەدرىسە، جامەلەرنى چىقىپ تاشلاش، ئىسلامىي كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ يۇقىتىش، بەك ھەيۋەتلىك جامەلەرنى بولسا، مەيلى ئىسراپ بولمىسۇن دەپ چىركاۋغا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق پۇخادىن چىققان. بۇ يەردە يەتتە يۈز يىللىق مۇسۇلمان ھاكىمىيەتنىڭ بىرەر ئىزناسىنى ساقلاپ قېلىشقا قەتئى سەۋر-تاقەت قىلالمىغان.
خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر مىلادى 640-يىلى مىسىرنى فەتھى قىلىشقا ئەۋەتكەن مەشھۇر قۇماندان ئەمىر ئىبنى ئاس ئىسكەندىرىيەنى فەتھى قىلىپ مىسىرغا كەلگەندە بۇ يەردىكى خرىستىيانلارغا، يەھۇدىيلارغا، ئۇلارنىڭ چىركاۋ، سىناگوگ قاتارلىق ئىبادەتخانىلىرىغا قەتئى چېقىلمىغان. ئۇلارنى قوغداپ، ئاسراپ ساقلاپ قالغان. مىڭ نەچچە يۈز يىللىق تارىخىي مىراسلارنىڭ كۈنىمىزگىچە ساقلىنىپ قالالىشى مۇسۇلمانلارنىڭ كەڭ قۇرساق، رەھىمدىللىكىنىڭ بىر ئىسپاتى.
ئىلگىرى خرىستىيان دىنىنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئىسكەندىرىيە ھازىرمۇ ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئورتودوكىس خرىستىيانلارنىڭ نوپۇزلۇق مەركىزى ئىكەن. چۈنكى بۇ يەردىكى خرىسىتيان مۇرتلىرىنىڭ تارىخى مىلادى 42-يىلدا باشلىنىپتىكەن. ھازىرقى خرىستىيانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئورتودوكس مەزھىپىگە تەۋە ئىكەن. كاتولىك ۋە پروتەستان بولغانلارمۇ باركەن. بۇ يەردە نۇرغۇن تارىخىي چىركاۋلار ساقلىنىپ قېلىغلىقكەن. فرانسوزلار، ئېنگلىزلار مىسىرنى قىسقا بىر مەزگىل ئىشغال قىلىۋالغاندا ئاچقان دىن تارقىتىش مەكتەپلىرىدىن بەزىلىرى ھازىرمۇ باركەن. يەھۇدىيلارنىڭ مەشھۇر ئىبادەتخانىسى "ئەلىياھۇ ھاناۋى سىناگوگ" ئىسكەندىرىيەدە ھازىرمۇ قەد كۆتىرىپ تۇرۇپتۇ. مانا:

بۇ يەرگە ئامېرىكا، ياۋرۇپا قاتارلىق ئەللەردىن ساياھەتچىلەر ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدىكەن. بىر مىسىرلىق خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيەدىن كەلگەن يەھۇدىيلار مىسىرغا كەلسە ئامېرىكا پاسپورتى بىلەن كېلەرمىش. چۈنكى مىسىرلىقلار پەلەستىننى بۇزەك قىلدىڭ دەپ ئىسرائىلىيەگە بەك قاتتىق نەپرەتلىنىدىغان بولغاچقا يەھۇدىيلار بۇ يەردە يۈرەكلىك ھالدا ئىسرائىلىيە پاسپورتى كۆتۈرۈپ يۈرەلمەسمىش.
ئىسكەندىرىيە غەرپتە نېمىشقا شۇنچىلىك مەشھۇر؟ نېمىشقا پەيتەخت قاھىرەنى بىلمەيدىغانلارمۇ ئىسكەندىرىيەنى بىلىدۇ؟ دېگەندە، بۇ ئۇنىڭ دۇنيا تارىخىدا مەشھۇر ۋەقەلەرگە سەھنە بولغانلىقى، تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقى قاتارلىق ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.


ئىسكەندىرىيە شەھرىنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4-ئەسىردە ماكىدونىيەلىك ئىسكەندەر (ئالىكساندىر ماكىدونىسكىي) بىنا قىپتىكەن. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن بۇ شەھەر ئۇنىڭ قۇماندانلىرىدىن لاگۇسنىڭ ئوغلى پتولېمانېئۇسنىڭ قولىغا قاپتىكەن. پتولېمانېئۇس ئۆزىنى مىسىرنىڭ پادىشاھى دەپ ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدىن باشلانغان خاندانلىق مىسىردا ئۈچ يۈز يىل ھۆكۈم سۈرگەن. بۇ پادىشاھ ئۇرۇش-جېدەلنى ياقتۇرمايدىغان، ئىلىم-مەرىپەتنى ياخشى كۆرىدىغان، خەلقىنىڭ رايىغا بارىدىغان پادىشاھ بولغاچقا مىسىرلىقلارنىڭ دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ پۇقرالارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن. مىسىرنىڭ قەدىمىي قانۇنلىرىنى مۇھاپىزەت قىلغان ۋە ھۆكۈمدارلارنىڭ پىرئەۋن دېگەن لەقىمىنى ئۆزىگە ئىسىم قىلىپ قوللانغان. ھەتتا ئۇلارنى تەقلىد قىلىپ ئۆزىنىڭ سىڭلىسى بىلەن ئۆيلەنگەن. ئۇنىڭ دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئىسكەندىرىيە شەھرى ئىدى. بۇ يېڭى پىرئەۋن شەھەرنى كېڭەيتىپ ياساپ جابدۇپ دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر پايتەختلەردىن بىرى ھالىتىگە كەلتۈرگەن.
شۈبھىسىزكى، ئۇ بۇ شەھەردە بارلىققا كەلتۈرگەن ئەڭ مۇھىم ئەسەر ئىسكەندىرىيە كۈتۈپخانىسى بىلەن بىرلىكتە بىر مۇزىي ئىدى. مۇزىيدا شۇ زاماندىكى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەۋرىشكىلىرى قويۇلغان. يەنە بوتانىكا باغچىسى بىلەن رەسەتخانا قۇرۇلغان. ئەڭ مۇھىم ئۇرۇن بولغان كۈتۈپخانىغا شۇ زاماندا تېپىلغانلىكى بارلىق بارلىق قوليازمىلارنى قويغان. كۈتۈپخانا باشلىقىنىڭ مىسىرغا كىرگەنلىكى ھەر قانداق كىتابنى بۇ يەرگە ئەكىلىدىغان ھوقۇقى بار بولغان. كىتاپ ئىگىلىرىنىڭمۇ كىتابنى چوقۇم بۇ كۈتۈپخانىغا بېرىش مەجبۇرىيىتى بولغان. كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخىسى كۈتۈپخانىدا ساقلىنىپ، كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى كىتاب ئىگىسىگە قايتۇرۇلىدىغان بىر تۈزۈم ئورناتقان. چەتئەلگە چىققانلارمۇ چەتئەللەردىن كىتاب سېتىۋېلىپ بۇ كۈتۈپخانىغا ئەكەلگەن. شۇنداق قىلىپ بۇ يەرگە نۇرغۇن كىتابلار يىغىلغان.
مىسىر خانىشى دەپ داڭقى چىققان مەشھۇر كلوپەترانى بىلىسىلەر. ئىسكەندىرىيەدە دۇنياغا كەلگەن كلوپەترا مۇشۇ كۈتۈپخانىدا ئىلىم تەھسىل قىپتىكەن. توققۇز خىل تىل بىلىدىغان بۇ گۈزەل خانىشنىڭ مەشھۇر قۇماندان جۇلىئۇس قەيسەر بىلەن بولغان مۇھەببەت ھېكايىسىنى سۆزلىسەم بۇ تېما تېخىمۇ ئۇزىراپ كەتمىسۇن. بولدى، سۆزلىمەي. بەزى تارىخىي كىتابلاردا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 49-يىلى بۇ رۇم قۇماندان جۇلىئۇس قەيسەر مىسىرغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندە بۇ كۈتۈپخانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۇرۇشتا ۋەيران قىلىنغان دەپ يېزىپتۇ. بەلكىم راست شۇنداق بولغاندۇ.
بۇ چاغدىكى ئۇرۇشلاردا ئىسكەندىرىيە كۈتۈپخانىسى زىيانغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ساقلىنىپ قالغان. كېيىن تىنچلىق مەزگىللەردە يەنە ئاۋاتلاشقان.
مىلادى 391-يىلى ۋىزانتىيەنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ۋالىيسى تېئوفىلوس ئىسكەندىرىيە شەھرىدە مىسىرنىڭ قەدىمىي دىنىغا ئىشىنىدىغانلارنىڭ "ئوسرىس" ناملىق ئىبادەتخانىسىغا ئائىت يەرلەرنى خرىستىيانلارنىڭ چىركاۋ سېلىشىغا بەرگەن. چىركاۋ قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا يەر ئاستىدىن مىسىرلىقلارنىڭ قەدىمىي دىنىغا ئائىت يازمىلار ئۇيۇلغان بىر تاش چىققان. خرىستىيانلار بۇنى مىسىرلىق بۇتپەرەستلەرنىڭ نەرسىسى دەپ زاڭلىق قىلىشقان. بۇ ۋەقە شەھەردىكى كۆپ سانلىق پۇتپەرەستلەرنى دەر غەزەپكە كەلتۈرگەن-دە، ئىسكەندىرىيە شەھرىدە دىنىي قوزغىلاڭ پارتلىغان. خرىستىيانلار بىلەن بۇتپەرەستلەر بىر بىرى بىلەن قانلىق جەڭ قىلىشىپ، ھەر ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن. ئىسكەندىرىيە كۈتۈپخانىسى جايلاشقان يەرلەر ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىنغان. 1.ئېمپىراتور تېئودوسىئوس ئىسكەندىرىيە ۋالىيسىدىن:
- باشقا چوڭ شەھەرلەرگە قارىغاندا ئىسكەندىرىيەدە مىسىرلىقلارنىڭ قەدىمىي دىنىغا ئىشىنىدىغانلار بىر قەدەر كۈچلۈك ۋە جەڭگىۋار ئىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟ - دەپ سورىغاندا، ۋالىي:
- ئالىيلىرى، بۇنىڭ سەۋەبى ئىسكەندىرىيە كۈتۈپخانىسىدا قەدىمقى مىسىرلىقلارنىڭ دىنىغا ئائىت نۇرغۇن كىتابلار بار. بۇ كىتابلار ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى كۈچلەندۈرۇپ، جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. – دەپ جاۋاب بەرگەن.
مىسىرلىقلارنىڭ مەنىۋى ئۇزۇقى بولغان بۇ كىتابلارنى تەلتۈكۈس كۆزدىن يۇقاتماي تۇرۇپ، ئۇلارنى تولۇق بويسۇندۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئېمپىراتور ئىسكەندىرىيە كۈتۈپخانىسىدىكى بارلىق كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ كۈلىنى كۆككە سورۇش توغرىسىدا يارلىق چۈشۈرگەن. كۈتۈپخانا كىتابلار بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن...
مەھمەد مەنسۇر 1866-يىلى "ئىسكەندىرىيە كۈتۈپخانىسى ھەققىدە رىسالە" ناملىق بىر كىتاب يازغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تارىخى مەلۇماتلار تولۇق بار.
قەدىمىي ئىسكەندىرىيە كۈتۈپخانىسىنىڭ ئورنىدا ھازىر 1948-يىلى بىنا قىلىنغان فارابى كۈتۈپخانىسى قەد كۆتىرىپ تورماقتا ئىكەن. ھازىر بىز كۆرگەن ئىسكەندىرىيە كۈتۈپخانىسى شۇ قەدىمىي كۈتۈپخانىغا يېقىن يەردە 1995-يىلى سېلىنىپ، 2002-يىلى رەسمىي ئېچىلغان. ئىچىدە ھەر خىل تىلدا سەككىز مىليۇن پارچىدىن ئارتۇق كىتاب باركەن. قىرائەتخانىسىنىڭ كۈلىمى يەتمىش مىڭ كوۋادىرات مېتىركەن.





ئالتە يىل ئىلگىرى "خرىستىيان مەزھەپلىرىنىڭ بۆلۈنۈش جەريانى" دەرسىمىزدە تۈرك ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە خرىستىيانلارنىڭ ئۈچلۈك ئېتىقاد نەزىرىيىسىنىڭ شەكىللىنىش تارىخى، بۇ ئېتىقاد تەلىماتىغا قاتتىق قارشى چىقىپ تەۋھىد ئېتىقادىدا چىڭ تۇرغان ئارىيۇس ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ روم ئېمپىراتورلىقى ھۆكۈمدارلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپ يۇقۇتۇلۇشى قاتارلىقلارنى سۆزلەپ كېلىپ، بۇ ھەقتىكى تارىخىي دەلىل-ئىسپاتلار خاتىرىلەنگەن ئەڭ قەدىمقى ئەسەرلەرنىڭ ھازىر مىسىردىكى ئىسكەندىرىيە كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقانلىقى، قەدىمقى يۇنانچە (گېرىكچە) ۋە لاتىنچە بىلىدىغان بىرەر مۇسۇلمان ئەگەر مۇشۇ ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىپ تەرجىمە قىلىپ چىقسا بەلكىم ھازىرقى بەزى خرىستىيانلارنىڭ ئۈچلۈك ئېتىقادىدىن يېنىپ تەۋھىد ئېتىقادىغا قايتىشى مۇمكىنچىلىكى، تارىختا ئۆتكەن ئارىيۇسنىڭ قۇرئان-كەرىم ياسىن سۈرىسى 20-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان كىشى بولۇش ئېھتىماللىقى قاتارلىقلارنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. شۇ چاغدىن باشلاپ ئىسكەندىرىيە كۈتۈپخانىسىنى كۆرۈش ئىستىگىم لاۋۇلداپ يانغان.
مىسىرغا ساياھەتكە بېرىشنى نىيەت قىلغاندىمۇ، ئەڭ مۇھىم پىلانىمىز مۇشۇ كۈتۈپخانىغا بىر بېرىش ئىدى. ھ ھاجىم بىزنى باشلاپ قاھىرە پويىز بېكىتىگە ئېلىپ كەلدى. بىر كىشىگە 35 جۈنەيدىن پويىز بىلىتى ئېلىپ ئىسكەندىرىيەگە قاراپ يولغا چىقتۇق. تەخمىنەن ئۈچ يېرىم سائەتتە ئىسكەندىرىيەگە يېتىپ كەلدۇق.
تاكسىغا چىقىپ كۈتۈپخانىغا يېقىن يەردىكى مۇزىيغا كەلدۇق. بۇمۇ شۇ ھېلىقى ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخى بار مۇزىي ئىكەن. بىلەت ئېلىپ كىرىدىكەنىمىز. مىسىرلىقلارنىڭ مۇزىي ئېچىپ، تارىخىي ئەسەرلەرنى كۆرگەزمە قىلىپ پۇل تېپىشتىكى ئىقتىدارىغا قول قويدۇم. ئۇلار بۇ ساھەدە كىرىم قىلىشقا ھەقىقەتەن ئۇستا ئىكەن. بۇ بوتانىكا مۇزىيىغا قاراپ كېتىۋاتىمىز.

كىت سۆڭىكى

ئاق دېڭىزدىكى بىلىقلار



ئاق دېڭىز سۇلىرى

دېڭىز بويىغا يېقىن يەردە مەشھۇر ئاق دېڭىز بىلىقلىرى رىستۇرانىدا ھەر خىل تاماقلار بىلەن غىزالانغاندىن كېيىن كۈتۈپخانا تامان يۈرۈپ كەتتۇق. مەسجىدلەرمۇ كەڭرى ئۇچرىدى. كۈتۈپخانىغا كىرىدىغانلار ئالاھىدە كۆپكەن. چەتئەللىكلەر 20 جۈنەي، مىسىرلىقلار 10 جۈنەي، ئوقۇغۇچىلار 2 جۈنەي، ھەتتا بەزى ئوقۇغۇچىلار ھەقسىز دېگەندەك ئۆلچەملەر بويىچە بىلەت سېلىۋېلىپ، سومكىلىرىمىزنى ساقلاش ئورنىغا ئامانەتكە بېرىۋېتىپ كىرىدىكەنمىز. مەن رەسىم ئاپراتىم بىلەن دەپتەر قەلىمىمنى كۆتىرىپلا ئىچىگە كىردىم. ھ ھاجىم، ئايالى، خەيرۇننىسا ۋە يولدىشىم بىلەن كۈتۈپخانا سىرتىدا كۆرۈشمەكچى بولدۇق.
بۇ كۈتۈپخانىنىڭ ئىچى بەك چوڭ بولغاچقا ئىزدەيدىغان كىتابلارنى نىشانلىق ئىزدىمىسەم بولمايدىكەن. بۆلۈملەرگە قارىدىم:

مەن ئىزدەيدىغان كىتابلار كاتالۇگىنى كۈتۈپخانا ئىچىدىكى كومپىيوتېردىن تاپتىم. شۇ ئۇرۇنغا بېرىپ قارىسام، كىتابلار بەك كۆپكەن، يېرىم ياتا كۆرۈپ، بەزىسىنىڭ مۇقاۋىسىنىڭ رەسىمىنى تارتىپ دېگەندەك بىر دەمدە سائەت بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ. بۇ كۈتۈپخانا ھەپتىدە يەتتە كۈن، ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 11:00دىن كەچ سائەت 7:00 گىچە ئېچىلىدىكەن. كېچىسىمۇ ئۇچۇق بولۇشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلدىم. چۈنكى ئىزدەيدىغان كىتابلىرىمنى تېخى تاپالمىغانتىم. ئەنقەرەدە بىلكەنت ئۈنىۋېرسىتىنىڭ چوڭ كۈتۈپخانىسى بار، بىلەت ئالماي كىرىمىز، ئەمما ھەپتىدە يەتتە كۈن، ھەركۈنى 24 سائەت ئۇچۇق. ئەمما مىسىردىكى بۇ دۇنياۋى داڭلىق كۈتۈپخانا كۈندۈزى ئاران 8 سائەت ئۇچۇق ئىكەن.
يانچۇقۇمنى سىلاپ سومكىلارنى ئامانەت قويغان كارتنىڭ مەندە قالغانلىقى ئېسىمگە كەلدى. ئاپلا، خەيرۇننىسانىڭ لازىملىق نەرسىلىرى ھەممىسى سومكىدا قالغان ئەمەسمىدى، ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى ئالالماي قانچىلىك تىت-تىت بولغاندۇ، مېنى ئىزدىسە مەندە تېلېفونمۇ يوق. دەرھال سىرتقا چىقتىم. سىرتتا ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىپتۇ. ھ ھاجىم ئايالى بىلەن بىللە خەيرۇننىسانى ئوينىتىپ ئولتۇرغان ئىكەن، ئۇلار شۇنچىلىك خاتىرجەم، چىرايىدا قىلچىلىك غۇدىراش ئالامىتى يوق. مەنمۇ ئوھ، خۇداغا شۈكرى دېدىم.
قاھىرەگە يەنە پويىز بىلەن قايتىپ كەلدۇق. ئىسكەندىرىيە كۈتۈپخانىسىدا ئىزدىگەن كىتابىمنى تاپالمىدىم. كۈتۈپخانا كۈلىمى بەك چوڭكەن، ۋاقىت قىس. يەنە بىر كۈنى قاھىرەدىن ئەتىگەن يولغا چىقىپ سائەت 11:00 بىلەن كۈتۈپخانىغا كېلىپ بولۇشنى نىيەت قىلدۇق. بۇ يەردە خاتىرجەم كىتاب كۆرۈش ئۈچۈن ھ ھاجىمنى يەنە ئاۋارە قىلماي، يولدىشىم بىلەن ئىككىمىزلا كەلمەكچى بولدۇق.
ت ھاجىمنىڭ ئۆيىدىن ئەتىگەن سائەت يەتتە يېرىمدا چىقىپ پويىز ئىستانسىسىغا كەلدۇق. پويىز ئىستانسىسىدا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان ئىكەن. مىسىرلىقلارنى ھۇرۇن دېسە ئىشەنمەيمەن. چۈنكى، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈمكى، ئەتىگەن سائەت سەككىزدە قۇرۇلۇشتا ئىشلەيدىغانلار ئاللىقاچان ئىشىنى باشلاپ بوپتۇ. بىلەت ئېلىپ پويىزغا چىقتۇق.

پويىزدا كېتىۋېتىپ بۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە پۇل تۈلەپ كۆرگەن نەرسىلەرنى خىيال قىلدىم. بوتانىكا مۇزىيى دەپ ئېچىلغان يەردە دېڭىز جانلىقلىرىنىڭ رەسىمىنى، ئەۋرىشكىسىنى، مودىلىنى كۆرۈپتىمىز. يەنە كۈتۈپخانا ئىچىدە ئايرىم ئايرىم پۇل تۈلەپ بۇندىن قىرىق ئەللىك يىل بۇرۇنقى بەزى نەرسىلەرنى كۆرۈپتىمىز. بەزى نەرسىلەرنىڭ ئاددىيلىقىنى ئويلىسا، مۇشۇنىمۇ مۇزىيدا قويامدۇ؟ مۇشۇنى كۆرگىلى ياۋرۇپا، ئامېرىكىدىن نېمىشقا شۇنچە كۆپ ساياھەتچى كېلىدۇ؟ دېگۈسى كېلىدۇ كىشىنىڭ. بەلكىم مەن ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى تونۇپ يېتەلمىگەندىمەن، بەلكىم مەن ئۇ ساھەدە كەسىپ ئەھلى بولمىغاچقا بىر نەرسە بىلمەيدىغاندىمەن...
تۈركىيەدىمۇ بوش ۋاقىت بولسا مۇزىيلارغا باراتتۇق. ئىستانبۇلدىكى مەشھۇر توپ كاپى مۇزىيدىن باشلاپ خېلى كۆپ مۇزىيغا بېرىپتىمەن. بەش يىلنىڭ ئالدىدا مەكتەپتىكىلەر بىلەن بىللە ئىسپارتادىكى سۇلايمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتىغا باردۇق. قايتىدىغان كۈنى ئىسپارتادىكى بىر ئىككى كىچىك مۇزىينى ئايلاندۇق. قارىسام ئۇلار بىز ئۇيغۇرلار بۇندىن قىرىق ئەللىك يىل ئىلگىرى، بەلكى يېزىلاردا ئون يىگىرمە يىل ئىلگىرى كىيگەن كونا تەلپەك، تۇماق، يەكتەك، چىپەرقۇت چاپان، ياغلىق رومال، شايى ئەتلەس كۆڭلەك، كەشتە، كونا گىلەم، قەغىزى بىر ئاز سارغايغان ھەپتىيەك،خېمىر يۇغۇرىدىغان ياغاچ تەڭنە، تۈمۈردىن قۇپال ياسالغان ئاپتۇۋا-چىلاپچا، خېمىر ئاچىدىغان نۇغۇچ، ئەمبەل... ئات، ئېشەكنىڭ ئېگىرى، (ئېشەكنى ھارۋىغا قاتقاندا بوينىغا سالىدىغان بىر نەرسە بار ئىدى، ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالدىم) توقۇم، چاشقان تۇتىدىغان قىسماق، قولدا چۆگىلىتىپ بۇغداي قۇناقنى يارما قىلىپ ئېزىدىغان بىر نەرسە (بۇنىڭمۇ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن)... قاتارلىق مېنىڭ نەزىرىمدە ئىنتايىن ئادەتتىكى نەرسىلەر، قولدا ياسالغان نەرسىلەرنىڭ كونىرىغىنىنى ئەينەك جازىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ تىزىپ قويۇپتۇ. چۈشەندۈرۈشىدە بۇنىڭ بوندىن يەتمىش سەكسەن يىل ئىلگىرىكى مۇشۇ يۇرتتىكى خەلق ئىشلەتكەن بۇيۇم ئىكەنلىكىنى يېزىپتۇ. ئۇلارنىڭ مۇشۇنچىلىك نەرسىلەرنىمۇ مۇزىيغا ئەكىرىپ تىزىپ قويغانلىقىغا ھەيران قالدىم. لېكىن بۇلارغا قاراپ تۈركلەرگە خاس بولغان ئەنئەنىۋى مىللى پۇراقنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. يېنىمدا بىللە كەلگەن بىر تۈرك خانىمغا:
- قىزىق ئىش، سىلەر مۇزىيغا ئەكىرىپ خەقنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرۇۋاتقان بۇ نەرسىلەرنى بىز ئۇيغۇرلار يېزىلاردا بۇندىن ئون يىگىرمە يىل ئىلگىرى ئىشلىتەتتۇق. بىز بۇلارنى مۇزىيغا ئەكىرىشنى خىيالىمىزغا كەلتۈرۈپمۇ قويمايمىز. – دېسەم، ئۇ خانىم:
- بىزمۇ بۇنداق قىلىشنى ياۋرۇپادىن ئۆگىنىۋاتىمىز. ئۇلار شۇنداق قىلىدىكەن. ئازىراق كونا نەرسىلەرنى كۆرسىلا يىغىپ قويۇپ، ئاسارە-ئەتىقە نامىدا مۇزىيلاردا ساقلايدىكەن. بۇنداقتا ھەم ئىلگىرىكى تارىخ، مەدەنىيەتنى ئۇنتۇپ قالمايدىكەن، ھەم زىيارەتچىلەردىن پۇل ئېلىپ ئىقتىسادىي كىرىم قىلغىلى بولىدىكەن، ھى ھى ھى... – دېدى.
ئويلاپ باقسام، بۇ جەھەتتە مىسىر ھەقىقەتەن كىرىم قىلىشقا ئۇستا ئىكەن. بۇنداق قىلىشقا چۈشلۇق تارىخىمۇ بار-دە بۇلارنىڭ.
بەش يىلنىڭ ئالدىدا مەن تۇلا كىرىدىغان بىر خەنزۇچە مۇنبەردە خېيلۇڭجىياڭلىق بىرەيلەننىڭ "بۇنى ئوقۇپ بەرسەڭلار" دەپ چىقارغان ئېلان يازمىسىنى كۆرگەنتىم. يازمىدا دېيىشىچە، ئۇ ئۈچ يىل ئىلگىرى كورلىغا بارغاندا بىر دېھقاندىن بىر كونا كىتاپ سېتىۋاپتىكەن. ئۆزى رەسىم ھەۋەسكارى بولغاچقا كىتابنىڭ بەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى يۇقىرى سۈزۈكلۈكتە رەسىمگە تارتىۋاپتۇ. كىتاب مەزمۇنىنى، تارىخىنى بىلگۈسى باركەن. بۇ كونا كىتابتىن بەش ئالتە بەتنىڭ رەسىمىنى يوللاپتىكەن. مەن قەدىمقى ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى (چاغاتايچە) مەنىسىنى يېشىپ دەپ بەرسەم، ماڭا كىتابنىڭ 60 بېتىنى ئەۋەتىپ بەرگەنتى. مەن ئوقۇيالىغىنىم بويىچە تەھلىل قىلىپ، بۇ كىتاپ 15-16-ئەسىرگە تەۋە كىتابكەن، چۈنكى كىتابتا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان پالانى پۇستانىلار شۇ 15-ئەسىردە ياشىغان تارىخىي شەخىسلەر... دېسەم، مېنىڭ قەيەردىلىكىمنى سورىدى. "ئەنقەرەدىمەن" دېسەم، "بۇ كىتابنى يۇقىرى باھادا ساتىمەن. تۈركىيەدىن ئالىدىغانلار بولسا ئوقۇشۇپ بەرسىڭىز" دېدى. كورلىدىكى ئۇيغۇر دېھقاندىن قانچە پۇلغا سېتىۋالغانلىقى نامەلۇم. ئەمما ئەگەر كىتابنىڭ قەغىزى كاربۇن تەھلىلى قىلىنسا، بەش ئەسىرگە يېقىن تارىخى بارلىقى تېخىمۇ ئېنىق دەلىللەنسە، بۇنداق بىر كىتابنىڭ خەلقئارادىكى باھاسى قىممىتىنى بىلگەنلەر ئۈچۈن شۈبھىسىز ئىنتايىن يۇقىرى. مەن ئۇنىڭغا: "ئاڭلىشىمچە، جۇڭگۇنىڭ قانۇنىدا جۇڭگۇنىڭ ئىچىدىن تېپىلغان قەدىمىي ئەسەرلەرنى شەخسلەرنىڭ چەتئەلگە خالىغانچە سېتىشى چەكلەنگەنمىش. سىز ئۇنى ساتسىڭىز، بۇ قىلمىشىڭىز قانۇنسىزلىق بولمامدۇ؟" دېسەم، شۇنىڭدىن كېيىن غايىپ بولغانتى. بىزنىڭ دېھقانلىرىمىز بەزىدە مۇشۇنىڭدەك قىممەتلىك نەرسىلەرگە كۆز قىرىنى سالماي ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇنداق قەدىمىي ئەسەرلەرنىڭ خەلقئارا مۇزىيلاردىكى قىممىتىنى توغرا مۆلچەرلىيەلىشى ناتايىن......
خىيال بىلەن بولۇپ ئىسكەندىرىيەگە كېلىپ بولغانلىقىمىزنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن.
ئىسكەندىرىيە كۈتۈپخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدا ئىسكەندىرىيە ئۇنىۋېرسىتىنىڭ تىجارەت پاكولتېتى باركەن.


شۇ يەردە ئوقۇغۇچىلار كۆپ كىرىدىغان بىر ئاشخانىدا چۈشلۈك تاماق يەپ، ئوقۇغۇچىلار مەسجىدىدە پىشىن نامىزىنى ئۆتەپ بولۇپلا كۈتۈپخانىغا بىلەت ئېلىپ كىرىپ كەتتۇق. ئىلگىرى بۇ يەردە ئۇيغۇرچە قەدىمىي قوليازما كىتابلارمۇ باركەن دېگەندەك گەپ ئاڭلىغان. بۇگۈن ئاشۇ قوليازمىلارنى تەپسىلىي كۆرەيلى دەپ مەخسۇس قوليازما ساقلايدىغان بۆلۈمگە كىردۇق. بۇ يەرگىمۇ يەنە بىر كىشى 30 جۈنەيگە ئايرىم بىلەت ئالىدىكەنمىز.
قوليازماخانىنىڭ ئىچى بىر ئاز قاراڭغۇ ئىكەن. بۇ يەردىكى كىتابلارنى ۋاراقلاپ كۆرۈشكە رۇخسەت قىلمايدىكەن. ئەينەك جازا ئىچىدە ئېچىپ قويۇلغان ۋارىقىنىلا كۆرەلەيدىكەنمىز. ئەمما كىتاپ ئاستىدا ئېنگىلىزچە، ئەرەپچە چۈشەندۈرۈلۈشى تولۇق باركەن. بىر بىرلەپ تەپسىلىي كۆردۇق.




ئەپسۇس، ئۇيغۇرچە قوليازما يوقكەن! قەدىمىي يۇنانچە (گېرىكچە)، ئارامىيچە، ئىبرانىيچە، ئەرەپچە، لاتىنچە، ئوسمانلىچە (ئەرەپچە ئېلىپبە بىلەن يېزىلغان تۈركىيە تۈركچىسى)، يەنە مەن بىلمەيدىغان بىر ئىككى تىلچە كونا كىتابلار باركەن. شۇنچە سىنچىلاپ قاراپمۇ، ھېجىيلاپ ئوقۇپمۇ قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقى (چاغاتايچە) بىر كىتاب تاپالمىدۇق. بۇ يەردىكى كىتابلارغا "قوليازما" ئىسمى قويۇپ ئايرىم بۆلۈمدە ساقلىغان بىلەن، ئۇنىڭ ئارىسىدا بۇندىن ئىككى ئۈچ يۈز يىل ئىلگىرى مەتبەئەدە ياكى شېفىگرافتا بېسىلغان، قولدا يېزىلمىغان كىتابلارمۇ تىزىغلىقكەن. بۇ بۆلۈمنى تولۇق كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، باشقا بۆلۈمدىكى كىتابلارنى كۆردۇق. مەن ئىزدەيدىغان كىتابىمنى تاپالمىغان بولساممۇ ئەمما ئازىراق يىپ ئۇچچىغا ئېرىشتىم. بەلكىم ۋاقىت كەڭرى بولغان بولسا، يەنە تەپسىلىي ئىزدىگەن بولساق تېپىلىپ قېلىشى مۇمكىندى، لېكىن بىزدە ئۇنچىلىك سەۋر-تاقەت يوقكەن.



بۇ كۈتۈپخانىنىڭ باشقا بۆلۈملىرىدە جوڭگۇدا نەشىر قىلىنغان خەنزۇچە كىتابلارنىمۇ خېلى كۆپ ئۇچراتتىم. قارىغاندا جۇڭگۇدىن كەلگەنلەر سوغا قىلغان ئوخشايدۇ. بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ نۇرغۇن داڭلىق كىتابلىرىمىز بار. نېمىشقا يازغۇچىلىرىمىز مۇشۇنداق دۇنياۋى داڭلىق كۈتۈپخانىغا كىتاب ھەدىيە قىلىشنى ئويلاشمايدىغاندۇ؟ ئەگەر ئۇيغۇرچە كىتاب ئەۋەتىپ بەرسىڭىز، ئۇلار بۇنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ دۇنيا ئەھلىگە سۇناتتى ئەمەسمۇ؟!
ئنتېرنىتقا كىرىپ library of alexandria ياكى bibliotheca alexandria دېگەن ئىسىمنى يېزىپ ئىزدىسىڭىز، شۇ كۈتۈپخانىغا ئائىت تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيسىز. ئېنگلىزچە پوچتا ئادرىسىنى تېپىپ، كىتاب ھەدىيە قىلىپ ئەۋەتسىڭىز، بىر ئايدىن كېيىن بۇ كۈتۈپخانىدىن چوقۇم رەھمەت خېتى تاپشۇرۇۋالىسىز. كىتابىڭىز دۇنيادىكى بەش ئالتە قىتئەدىن كەلگەن ئاۋام بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز بىر سىناپ بېقىڭ.
دېڭىز بويىدىكى ئىسكەندىرىيە شەھرى ماڭا قاھىرەگە قارىغاندا پاكىز، رەتلىك، چىرايلىق كۆرۈندى. ئاخشىمى يەنە سائەت سەككىزدە قاھىرەگە قاراپ يولغا چىقتۇق. يولدا مېۋە-چىۋە، يېڭى خورما، پىستىق مېغىزى دېگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋالدۇق. بۇ يەر قاھىرەگە قارىغاندا ئەرزانچىلىق ئىكەن. ئىسكەندىرىيەدىن قاھىرەگە پويىزدا كەلگۈچە يېگەن مېۋە-چېۋىلەرنىڭ ئەخلەتلىرىنى بىر سولياۋ خالتىدا كۆتۈرۈپ كەلگەنتىم. يولدا ئەخلەت ساندۇقى ئۇچرىسا تاشلىۋېتەرمەن دەپ. ئەمما پويىز ئىستانسىسىدىن چىقىپ، خېلى بىر جايغا كەلگۈچە يولدا ئەخلەت ساندۇقى تاپالمىدىم. ماشىنىغا چىقىدىغان چاغدا ئامالسىز ئۇ ئەخلەتنى يولنىڭ بۇرجىكىگە تاشلاشقا مەجبۇر بولدۇم. ئادەتتە تۈركىيەدىن بارغانلار مىسىرنى تۈركىيە بىلەن سېلىشتۇرۇپ، تازىلىقىدىن شىكايەت قىلىشىدۇ. چۈنكى تۈركىيەدە يوللاردا ئەخلەت ساندۇقلىرى قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ، كىشىلەر يولغا بەك ئەخلەت تاشلىمايدۇ. ئەمما مىسىردا چوڭ يوللاردا بەزىدە بۇنداق ئەخلەت ساندۇقلىرىنى تاپقىلى بولمايدىكەن. ئەخلەت ساندۇقى بېكىتىش ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسى. ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىسا، يوللار ئەخلەت، مەينەت بوپ كەتسە، مىسىرلىق ئۇنداق، مۇنداق دەپ پۇقرانى ئەيىپلەۋېرىش مېنىڭچە بەك ئادىللىق ئەمەس.
ئىستانبۇلدا بىر قېتىم بىر كۇرت دوستۇمنىڭ ئۆيىگە مىھماندارچىلىققا بارغانتىم. دوستۇم مېنى بىكەتتە ساقلاپ تۇرۇپتىكەن، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ماشىنىسىغا چىقتىم. ماشىنىدا 5 ياشلىق ۋە 12 ياشلىق ئىككى قىزى بار ئىكەن. بۇ ئىككى قىزغا ئۈلكەرنىڭ شاكىلاتلىرىدىن بەردىم. 5 ياشلىق قىز ماشىنىدا ئولتۇرۇپ شاكىلات يېگەچ، شاكىلات قەغىزىنى ماشىنىنىڭ دەرىزىسىدىن سىرتقا يولغا تاشلىۋىدى، 12 ياشلىق ئاچىسى:
- ھوي، ئۇنداق قىلما! ئاۋۇ يەر بىزنىڭ شەخسىي يېرىمىز ئەمەس. قالايمىقان ئەخلەت تاشلاپ يولنى مەينەت قىلساڭ، نۇرغۇن كىشىنىڭ ھەققىگە چېقىلغان بولىسەن! – دېۋىدى، 5 ياشلىق قىز ئانىسىنى توختىتىپ، ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۆزى تاشلىغان ئەخلەتنى يەردىن ئالدى. بۇ كىچىك قىزنىڭ ئىشى ماڭا ئۆز ۋاقتىدا قاتتىق تەسىر قىپتىكەن، شۇنىڭدىن باشلاپ ئەخلەتلەرنى ئىلاجى بار يولغا تاشلىماسلىققا دىققەت قىلىدىغان بولغانتىم، ئەمما مىسىردا بەزىدە ئۇنداق قىلالمىدىم.


كونا مەتبەئە ماشىنىسى
ئىسكەندىرىيە كۈتۈپخانىسىنىڭ يەر ئاستى كۆرگەزمىخانىسىدا قويۇلغان قەدىمىي مىسىرلىقلارنىڭ ھەيكەللىرى





ئوردېن، ئىزنەكلەر ...
(19) مىسىر: ئىمام شافىئىي مەسجىدى
ئىمام شافىئىي ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىيفە ۋاپات بولغان مىلادى 767-يىلى (ھىجرىيە 150-يىلى) پەلەستىندە دۇنياغا كېلىپ، 54 يېشىدا مىسىردا ۋاپات بولغانىكەن. ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى تەپسىلىي بىلمەكچى بولساڭلار، ئەفىيفىي (يۈسۈپجان سەمەت) قېرىندىشىمىز يازغان مۇنۇ تېمىغا مەرھەمەت!
ئەفىيفىينىڭ تېمىسىنى ئوقۇش ئۈچۈن بېسىڭ.
قاھىرەدە ئىمام شافىئىينىڭ قەۋرىسى جايلاشقان ماكاندا ئۇنىڭ ئىسمىغا ئاتاپ سېلىنغان بىر مەسجىد باركەن. شۇ يەرنى زىيارەت قىلدۇق. ماۋۇ خەرىتىدە بۇ مەسجىدنىڭ قاچان كىملەر تەرىپىدىن سېلىنغانلىقى، كىملەرنىڭ رېمۇنىت قىلغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار تەپسىلىي يېزىلغان ئىكەن. رەسىمنى چۈشۈرۈۋېلىپ، "لوپا ئەينەك"تە چوڭايتىپ كۆرسەڭلار، ئېنگىلىزچە ۋە ئەرەپچە خەتلەرنى ئوقۇغىلى بولىدۇ. (رەسىمنى چوڭ پېتى يوللىدىم، بىر ئاز تەسرەك ئېچىلىشى مۇمكىن. )



ئىمام شافىئىينىڭ قەۋرىسى


مالايسىيەدىن كەلگەن بىر ئادەم دۇئا قىلىۋېتىپتۇ.

بۇ مەسجىدنىڭ يېنىدا بىر چوڭ جامە باركەن. بۇ ئۇ يەردە پىشىن نامىزى ئوقىدۇق.
مەسجىد كارىدورىدىكى تامدا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نەسەب شەجەرىسى بايان قىلىنغان بىر "خەرىتە" ئېسىغلىقكەن، مانا قاراڭ:

بۇ مەسجىدتىن چىققاندىن كېيىن بىر تاكسى چاقىرىپ مىسىردىكى تۇنجى جامە، يەنى مىسىر فاتىھى ساھابە ئەمىر ئىبنى ئاس مىلادى 642-يىلى بىنا قىلغان ئەمىر ئىبنى ئاس جامەسىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق.
(20) مىسىر: مىسىر فاتىھى ساھابە ئەمىر ئىبنى ئاس جامەسى
ئىمام شافىئىي مەسجىدىدە پىشىن نامىزى ئوقىغاندىن كېيىن تاكسىغا چىقىپ مىسىردىكى تونجى جامە مىلادى 642-يىلى بىنا قىلىنغان ھەيۋەتلىك ئەمىر ئىبنى ئاس جامەسىگە كەلدۇق. بۇ جامەنىڭ كۈلىمى ھەقىقەتەن چوڭكەن. 10 مىڭ كىشى بىرلا ۋاقىتتا ناماز ئوقۇيالايدىكەن. جامە ھويلىسىدىكى چۈشەندۈرۈشلەردىن بىرى مۇنداق:




مىسىر فاتىھى (مىسىرنى فەتھى قىلغۇچى) دەپ ئاتالغان مەشھۇر ساھابە ئەمىر ئىبنى ئاس بىلەن ئازىراق تونۇشۇپ چىقايلى.
مىسىر فاتىھى ئەمىر ئىبنى ئاس قورەيشنىڭ چوڭلىرىدىن بىرى بولۇپ ئەقىللىق، بىلىملىك، سىياسەتكە ئۇستا ھەربىي قۇماندان، جاسارەتلىك، پىداكار بىر ئادەم ئىدى. ئۇ مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى شېرىكنى ئىدىيىسىدىن ئۆتكۈزەلمەيتتى، پات-پات ئۆزىنى ئۆزى سوراق قىلاتتى. بىر قېتىم ئەبۇ جەھىل بىلەن مۇنداق دېيىشكەن ئىدى:
ئەمىر ئىبنى ئاس: سىزنىڭچە ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش بارمىدۇر؟
ئەبۇ جەھىل: يوق!
ئەمىر ئىبنى ئاس: ئۇنداقتا بىز توغرا يولدا كېتىۋاتامدىمىز ياكى ۋىزانتىيەلىكلەرمۇ؟
ئەبۇ جەھىل: بىز توغرا يولدا.
ئەمىر ئىبنى ئاس: دۇنيادا ئۇلار راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتامدۇ ياكى بىزمۇ؟
ئەبۇ جەھىل: ئۇلار بەكرەك راھەتتە ياشاۋاتىدۇ (چۈنكى سۈرىيە قاتارلىق يەرلەر جۇغراپىيە ۋە ئىقلىم جەھەتتىن ئەرەبىستانغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇنبەت ۋە مۆتىدىل ئىدى).
ئەمىر ئىبنى ئاس: ئۇنداقتا، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش ۋە جەننەتمۇ بولمىسا، بىزنىڭ توغرا يولدا ماڭغىنىمىزنىڭ نېمە پايدىسى؟
بۇ سوئالنى ئاڭلىغان ئەبۇ جەھىل جاۋاپ بېرەلمەي تىلى تۇتۇلۇپ قالغان ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىچە ئۆلۈم بىلەن تەڭ ھەممە نەرسە يوق بولاتتى.
بىز ئويلاپ باقايلى، ناۋادا ئۆلۈم ھەممە نەرسىنى ئۆلتۈرسە، قاراڭغۇلۇققا ئېلىپ بارسا، ئۇ چاغدا ئايدىڭلىقنىڭمۇ بىر مەنىسى يوق. قۇياش قايتا چىقمىسا، باھار قايتا كەلمىسە، ياخشىلار بىلەن يامانلار ، گۈزەللەر بىلەن سەتلەر ئوخشاش بىر ئاقىۋەتكە گىرىپتار بولسا، يەنى يوق بولسا، ئۇنداقتا، ياخشى، پىداكار بولۇشنىڭ، شېھىت بولۇشنىڭ، دۇرۇست ۋە ئىپپەت-نومۇسلۇق بولۇشنىڭ نېمە پايدىسى؟ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ياخشى بىلەن ياماننىڭ باھالىنىشى بولمىسا، قايسى قىممەتنىڭ قىممىتى بولىدۇ دەيسىز؟
ئىنساننىڭ ۋىژدانى، ئەخلاق قانۇنى زالىم بىلەن مەزلۇمنىڭ ئوخشاش بىر يەرگە قويۇلۇشنى قوبۇل قىلارمۇ؟ ئەلۋەتتە قوبۇل قىلمايدۇ-دە، چۈنكى كائىناتتىكى تەڭپۇڭلۇق ئاخىرەتنىڭ بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئاخىرەت بار بولغاندىلا ئاندىن ئالەمدىكى ئادالەت تارازىسىنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلغىلى بولىدۇ...
ئەمىر ئىبنى ئاس مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى پەيغەمبىرىمىزگە 20 يىل قاتتىق دۈشمەنلىك قىلغان ئىدى. ھەتتا "قۇرەيش قەبىلىسىدىكى ھەممە ئادەم مۇسۇلمان بولۇپ، يالغۇز مەن قالساممۇ، يەنىلا بۇ دىنغا كىرمەيمەن" دەپ پەيغەمبىرىمىز بىلەن قاتتىق قارشىلاشقان، "دۇنيادا مەن ئەڭ ئۆچ ئادەم مۇھەممەد" (نەئۇزۇبىللاھ!) دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ، پەيغەمبىرىمىزنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلەپ يۈرىيدىغان ئادەم، كېيىن تەقۋادار مۇسۇلمان بولۇپ، "دۇنيادا مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ھەزرىتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم" دەيدىغان، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەر قانداق گېپىگە "ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن ئەي رەسۇلۇللاھ!" دەپ قول باغلاپ دەس تۇرىدىغان دەرىجىگە يەتكەن. پەيغەمبىرىمىزدىن قىرىق نەچچە ھەدىس رىۋايەت قىلغان.
ئۇ قانداقسىگە تويۇقسىز مۇسۇلمان بولغان؟ ئۇنىڭغا نېمە تەسىر قىلغان؟
بۇ ھەقتە ئەمىر ئىبنى ئاس ئۆزى مۇنداق دېگەن:
"خەندەك ئۇرۇشىدىن كېيىن قورەيشتىكى پىكىرداشلىرىمنى ئەتراپىمغا يىغدىم. ئۇلار مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلايتتى. ئۇلارغا دېدىمكى:
- مۇھەممەد بارغانسىرى كۈچىيىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ كۈچى تېزلىكتە ئېشىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە مېنىڭ ئويلىغانلىرىم بار. ئەمما سىلەر قانداق ئويلاۋاتىسىلەر؟ بىلىپ باقاي.
- سەن ئاۋۋال ئويلىغانلىرىڭنى دەپ باقمامسەن؟! – دېيىشتى. مەن دېدىمكى:
- ھەممىمىز بىرلىكتە ھەبەشىستان پادىشاھى نەجاشىنىڭ يېنىغا بېرىپ پاناھلىق تىلەيلى. شۇ يەردە تۇرايلى. ئەگەر مۇھەممەد ئۇرۇشتا بىزنىڭ قەۋمىمىزنى يەڭسە، بىز نەجاشىنىڭ يېنىدا جان ساقلارمىز. ئۇنىڭ قول ئاستىدا ياشاش مۇھەممەدنىڭ قول ئاستىدا ياشىغاندىن ياخشى. ئەگەر بىزنىڭ قەۋمىمىز مۇھەممەدنى يەڭسە، ئۇلار بىزنى بىلگەندىكىن، ئۇلاردىن بىزگە يامانلىق كەلمەيدۇ.
دوستلىرىم بۇنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىز نەجاشى ياخشى كۆرىدىغان سوۋغا-سالاملارنى ئېلىپ نەجاشنىڭ يېنىغا باردۇق. بىز ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەجاشىغا ئەۋەتكەن ئەلچىسى ئامىر بىن ئۇمەييە كەلدى. ئۇنىڭ نەجاشىنىڭ يېنىغا كىرىپ چىققانلىقىنى كۆرۈپ يېنىمدىكى دوستلىرىمغا دېدىمكى:
- بۇ ئادەم مۇھەممەدنىڭ نەجاشىغا ئەۋەتكەن ئەلچىسى. ئەگەر نەجاشىنىڭ يېنىغا كىرىپ بۇ ئادەمنى ماڭا بېرىڭ دېسەم، ماڭا بەرسە، ئۇ ئادەمنىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلسام، قۇرەيشلىكلەر بۇنى مۇكاپات دەپ قوبۇل قىلىدۇ. چۈنكى بۇنداقتا مۇھەممەدنىڭ ئەلچىسىنى ئۆلتۈرگەن بولىمەن...
مەن مۇشۇ نىيەتتە ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىپ كۆرۈشتۈم، ئالغاچ كەلگەن سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدىم. ئۇ خۇشال بولدى، ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلدى. ئۇنىڭغا دېدىمكى:
- ئەي پادىشاھ، مەن سىزنىڭ يېنىڭىزدىن چىقىۋاتقان بىر ئادەمنى كۆردۈم. ئۇ بىزنىڭ دۈشمىنىمىزنىڭ ئەلچىسىدۇر. ئۇنى ماڭا بەرسىڭىز، ئۆلتۈرسەم. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ كاتتىلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن ئوغلانلىرىنى ئۆلتۈرگەن...
نەجاشى بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق ئاچچىقلاندى. يۈزۈمگە بىر شاپىلاق سالدى. مەن قورقۇپ جىدىيلىشىپ كەتتىم:
- ئەي پادىشاھ، ئەگەر سىزنىڭ بۇنداق قاتتىق ئاچچىقلايدىغانلىقىڭىزنى بىلگەن بولسام، بۇ گەپنى سىزگە دېمەسكەنمەن. نەجاشى دېدىكى:
- مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئەۋەتىلگەن پەرىشتە جىبرىئىل بىلەن سۆزلەشكەن بىر پەيغەمبەرنىڭ ئەلچىسىنى ساڭا تاپشۇرۇپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىۋاتامسەن تېخى؟! مەن ساڭا ئۇنى نېمىشقا بەرگۈدەكمەن-ھە؟!
- ئەي پادىشاھ، ئەمىلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ؟
- قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتىن ئىلگىرى سۆزۈمنى ئاڭلا. پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغىن. چۈنكى، ئاللاھقا قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىكى پەيغەمبەردۇر. ئۇنىڭغا قارشى چىققانلار خۇددى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىققان پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى مەغلۇپ بولغاندەك مەغلۇپ بولىدۇ...
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئىدىيەمدە قاتتىق بىر بۇرۇلۇش ھاسىل بولدى. ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، نەجاشىغا ئېيتتىمكى:
- ئۇنداقتا، پەيغەمبەرگە ۋاكالىتەن سىز مەن بىلەن ئەھدىلىشەمسىز؟ (سىزگە بەيئەت قىلسام بولامدۇ؟) نەجاشى "بولىدۇ" دەپ قولىنى ماڭا سۇندى. ئىسلامغا كىرىپ نەجاشىغا بەيئەت قىلدىم.
دوستلىرىمنىڭ يېنىغا قايتتىم. مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى ۋاقتىنچە مەخپى تۇتتۇم. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىشقا جېنىم ئالدىراپ مەدىنىگە قاراپ يولغا چىقتىم. يولدا خالىد بىن ۋەلىد ئۇچرىدى. بۇ ۋەقە مەككە فەتھى قىلىنىشتىن 2 يىل ئىلگىرىكى ئىشلار ئىدى. خالىدمۇ مەدىنىگە قاراپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا:
- ئەي خالىد، قەيەرگە كېتىۋاتىسەن؟ - دەپ سورىدىم.
- قەسەم قىلىمەنكى، ھەممە ئىش ئايان بولدى. ئۇ كىشى (مۇھەممەد س. ئە. ۋ) ھەقىقەتەن پەيغەمبەردۇر. ئۇ چوقۇم غەلبە قىلىدۇ. مەن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ مۇسۇلمان بولىمەن. ئەي ئەمىر ئىبنى ئاس، سەن قاچانغىچە ئەقلىڭنى تاپماي پەيغەمبەر بىلەن تىركىشىپ يۈرىسەن؟– دېدى خالىد بىن ۋەلىد قەتئى ھالدا.
- قەسەم قىلىمەنكى، مەنمۇ ئۇنىڭ يېنىغا مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن كېتىۋاتقان ئىدىم. – دېدىم. خالىد بىلەن بىللە مەدىنىگە باردۇق. پەيغەمبەر (س.ئە.ۋ)نىڭ يېنىغا كىردۇق. خالىد مەندىن ئىلگىرى مۇسۇلمان بولۇپ بەيئەت قىلدى. ئاندىن مەن:
- ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مەن ئۆتمۈشتىكى گۇناھلىرىمنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى ئۈچۈن ساڭا بەيئەت قىلىمەن. (كەلگۈسىدىكىنى بىلمەيمەن) – دېدىم. پەيغەمبىرىمىز (س.ئە.ۋ):
- ئەي ئەمىر، بەيئەت قىلغىنكى، ئىسلام سېنىڭ ئىلگىرىكى بارلىق گۇناھلىرىڭنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ. خۇددى ھىجرەتتىن ئىلگىرىكى ھەممە نەرسىنى ھىجرەتنىڭ سۈپۈرگىنىگە ئوخشاش. – دېدى. رەسۇلۇللاھ (س.ئە.ۋ)گە بەيئەت قىلدىم..." (تەپسىلاتى ئۈچۈن شەيخ مۇھەممەد يۈسۈپ كاندەھلەۋى يازغان "ھاياتۇسساھابە" ناملىق كىتاب 1-قىسىم 170-بەتكە قاراڭ)
ساھابە ئەمىر بىن ئاس مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئىلگىرىكى گۇناھلىرىغا قاتتىق تەۋبە قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىسلامغا خىزمەت قىلىدىغان قەھرىمان ساھابىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان، پەيغەمبىرىمىز بۇيرىغان ۋەزىپىلەرنى ئاساسەن غەلبىلىك تاماملىغان ئىدى.
پەيغەمبىرىمىز ئۇنى بىر مەكتۇپ بىلەن ئۇممان ھۆكۈمدارىغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن. ئۇنىڭ ئىسلامنى تەبلىغ قىلىشى بىلەن ئۇممان ھۆكۈمدارى مۇسۇلمان بولغان. پەيغەمبىرىمىز ۋاپات بولغاندىن كېيىن خەلىپە ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ئۇنى پەلەستىنگە ئەۋەتكەن. ھەزرىتى ئۆمەر زامانىدا پەلەستىننى پۈتۈنلەي فەتھى قىلىپ، قۇددۇس (ئېروسالىم)نى ئالغان. لېكىن ئۇ يەردىكى خەلق شەھەرنى ھەزرىتى ئۆمەرگە تاپشۇرغان ئىدى.
ئامىر ئىبنى ئاس يىراقنى كۆرەر، ئەقىللىق ھەربىي قۇماندان بولغاچقا، خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەرگە مىسىرنى فەتھى قىلىشنىڭ سىتراتېگىيەلىك جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، چۈنكى پەلەستىن ۋە سۈرىيەدە مەغلۇپ بولغان ۋىزانتىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ مىسىرغا قېچىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇ يەردىن ھەر ۋاقىت خېيىم-خەتەر كېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى سۆزلەپ، مىسىرنى فەتھى قىلىشقا خەلىپىنى قايىل قىلىپ، مىلادى 640-يىلى تۆت مىڭ كىشىلىك ئەسكەر بىلەن مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇنىڭغا ياردەم سۈپىتىدە زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەش مىڭ كىشىلىك ئەسكەر بىلەن يولغا چىقتى. ئۇلار قەدىمى مىسىرنىڭ ئەليون ناملىق شەھرىگە يېقىنلاشقاندا مىسىردىكى خرىستىئانلارنىڭ باشلىقى ئەبۇ مەريەم (مەريەمنىڭ دادىسى) بىلەن ئۇچراشتى. ئۇ مىسىر ھۆكۈمدارى مۇقەۋقىس ئەمىر ئىبنى ئاس قۇماندانلىقىدىكى مۇسۇلمان ئەسكەرلەرنى مىسىرغا كىرگۈزمەسلىك ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئەسكەرلەر بىلەن بىللە كەلگەنىدى. بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئارىسىدا بىر خرىستىئان پاپا بار بولۇپ، ئۇلار ئەمىر ئىبنى ئاسنىڭ ئەسكەرلىرى كېلىشى بىلەنلا ئۇنىڭغا ھۇجۇم باشلىدى. ئەمىر ئۇلارغا:
- توختاڭلار، ئالدىرىماڭلار. سىلەرگە دەيدىغان گېپىمىز بار. مەسلىھەتىڭلار پىشقاندىن كېيىن كۆرۈشەيلى – دەپ خەۋەر يوللىدى. شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلارنىڭ ئەسكەرلىرى توختىدى. ئاندىن ئەمىر ئىبنى ئاس ئوتتۇرىغا چىقىپ:
- ئەبۇ مەريەم بىلەن ئەبۇ مىريامنى ئەكىلىڭلار، ئاشۇلار بىلەن سۆزلىشەي. – دېدى. ئۇلار ماقۇل بولۇپ، ئۇ ئىككەيلەننى ئەكەلگەندە ئەمىر ئىبنى ئاس ئۇلارغا:
- سىلەر بۇ دۆلەتتىكى خرىسىتىيان پاپالار. مەن سىلەرگە ئېيتايكى، ئاللاھتائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى. بۇ دىننى تەبلىغ قىلىشقا بۇيرىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىزگىمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى بۇيرىدى. بىزگە بىلدۈرۈشكە تېگىشلىك بارلىق ئىشلارنى بىلدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بىزنى نورلۇق يولدا قويۇپ ئاخىرەتكە كۆچۈپ كەتتى. ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى ئۇنىڭغا بولسۇن. پەيغەمبىرىمىز بىزگە خەلققە مۆھلەت بېرىشنى بۇيرىغان. شۇڭا بىز سىلەرنى ئالدى بىلەن ئىسلامغا دەۋەت قىلىمىز. دەۋىتىمىزنى قوبۇل قىلساڭلار، سىلەرمۇ بىزگە ئوخشاش مۇسۇلمان بولۇپ قېرىندىشىمىز بولىسىلەر. قوبۇل قىلمىساڭلار، جىزيە (ئولپان) بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز. بۇنداقتا سىلەر بىزنىڭ ھېمايىمىزگە كىرگەن بولسىلەر-دە، بىز سىلەرنىڭ جان، مال-مۈلكۈڭلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەر ۋاقىت قوغدايمىز. دىنىڭلارغا چېقىلمايمىز. پەيغەمبىرىمىز بىزگە مىسىرنىڭ فەتھى قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا خوشخەۋەر بەرگەن. سىلەر بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىمىز بار بولغاچقا سىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىمىزنى، قوغدىشىمىزنى تاپىلىغان. دەۋىتىمىزنى قوبۇل قىلساڭلار، سىلەر بىلەن ياخشى بىر كېلىشىم تۈزگەن بولىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا خەلىپىمىز بىزگە مىسىردىكى قىبتىلەرگىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىشىمىزنى بۇيرىغان. چۈنكى رەسۇلۇللاھ (س.ئە.ۋ) ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق ۋە كېلىشىم يۈزىسىدىن قىبتىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تاپىلىغان. – دېگەندە خرىستىئان پاپالار ئۇنىڭغا:
- بۇ ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق يېقىن تۇققانلىق مۇناسىۋىتى ئەمەس. بۇنداق تۇققانلارنىڭ ھەققىگە پەقەت پەيغەمبەرلەرلا رىئايە قىلالايدۇ. سىلەر تۇققىنىمىز دېگەن ھەجەر (ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى) ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق ئېسىل ئايال ئىدى. ئۇ مۇنف قەۋمىدىن بولۇپ، پادىشاھىمىزنىڭ قىزى ئىدى. ئۇ زامانلاردا ئۇلار پادىشاھ ئىدى. كېيىن ئاينى-شەمىس ئاھالىسى ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۆلتۈرۈدىغاننى ئۆلتۈرۈپ، پادىشاھلىقنى تارتىۋالدى. بۇ سەۋەپتىن ھەجەرنىڭ ئائىلىسىنى يۇرتىدىن قوغلىۋەتتى. ھەجەر ئىبراھىم پەيغەمبەرگە ياتلىق بولدى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ تۇققىنى بولغان سىلەرگە مەرھابا! لېكىن بىز سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى مۇزاكىرە قىلىپ كۆرەيلى. بىزگە ئويلىنىشىمىز ئۈچۈن ئازىراق مۆھلەت بەرسەڭلار. – دېدى. ئەمىر ئىبنى ئاس:
- مەندەك بىر ئادەمنى ئالدىيالمايسىلەر. لېكىن ئادەملىرىڭلار بىلەن كۆرۈشۈپ مەسلىھەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئۈچ كۈن مۆھلەت بېرەي. – دېدى. پاپالار:
- مۆھلەت بىر ئاز ئۇزۇن بولسۇن. – دېدى. ئەمىر ئىبنى ئاس بىر كۈن ئۇزارتىپ بەردى. پاپالار مۆھلەتنى يەنە ئۇزاتقىن دېدى. ئەمىر يەنە بىر كۈن ئۇزاتتى. پاپالار مىسىر ھۆكۈمدارى مۇقەۋقىسنىڭ يېنىغا كېلىپ ئەھۋالنى بايان ئەيلىدى. مۇقەۋقىس تەكلىپنى قوبۇل قىلاي دەپ ئويلىغان بولسىمۇ ئەمما ئەرتابان قەتئى قوبۇل قىلماي، مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. پاپالار مىسىرلىقلارغا:
- سىلەرنى قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز. مۇسۇلمانلارنىڭ يېنىغا ئىككىنچى قېتىم بارمايمىز. يەنە تۆت كۈن ۋاقتىمىز بار. ئۇلاردىن مۆھلەت ئالغان بۇ ۋاقىتتا ئۇلاردىن سىلەرگە خەۋپ كەلمەيدۇ. ئۇرۇشقا تەييارلىنىڭلار. – دېدى.
ئەمىر ئىبنى ئاس بىلەن زۇبەيرگە مىسىرلىق فېرقاد ئىسىملىك قۇماندان كېچىسى ھۇجۇم قىلدى. لېكىن ئەمىر ئىبنى ئاس بۇنىڭغا نىسبەتەن تەييارلىق بىلەن تۇرغان بولغاچقا، ئۆزىگە ھۇجۇم قىلغان قۇماندان ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىگە قايتۇرما زەربە بەردى. كېيىن ئەمىر بىلەن زۇبەير ئۇلاغلىرىغا مېنىپ ئاينى-شەمىس دېگەن يەرگە قاراپ يولغا چىقتى. ئەمىر ئىبنى ئاس ئاينى-شەمىستە خەلقنىڭ ئالدىغا چىققاندا خەلق ئۆزىنىڭ پادىشاھلىرىغا مۇنداق دېيىشتى:
- ئىران پادىشاھى كىسرا بىلەن ۋىزانتىيە (روم) ئېمپىراتورى قەيسەرنى مەغلۇپ قىلغان بۇ خەقلەرنى سەن قانداق قىلماقچى؟ ئەڭ ياخشىسى ئۇلار بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزگىن. بىزنى ۋە ئۆزەڭنى ئۇلارغا دۈشمەن قىلما!
ئۇلارغا بېرىلگەن مۆھلەتنىڭ تۆتىنچى كۈنى بۇ گەپ-سۆزلەر بولدى. لېكىن پادىشاھ خەلقنىڭ بۇ تەكلىۋىنى قوبۇل قىلماي، مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا باشلىدى. زۇبەير شەھەر قەلئەسىنىڭ ئۈستىگە چىقتى. بۇنى كۆرگەن خەلق شەھەر دەرۋازىسىنى ئەمىر ئىبنى ئاسقا ئېچىپ، سۈلھى تۈزۈش ئۈچۈن سىرتقا چىقتى. ئامىر ئىبنى ئاس سۈلھى تەكلىۋىنى قوبۇل قىلدى... كېيىن ئىسكەندىرىيەنى فەتھى قىلغاندىن كېيىن مىسىرغا ۋالىي بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ "مىسىر فاتىھى" (فەتھى قىلغۇچى) دەپ ئاتالدى.
ئەمىر ئىبنى ئاس مىسىردا ئىقتىسادى ۋە مەمۇرى ئىسلاھاتلار ئېلىپ باردى. فۇستات (ھازىرقى ئىسمى قاھىرە) شەھرىنى بىنا قىلدى. ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان، بۈگۈن بىز كۆرگەن جامەنى سېلىپ، تۇنجى قېتىم بۇ جامەگە ئېگىز مۇنار سالدى. پىرئەۋنلەر ئىلگىرى ئاچقان قاناللارنى يېڭىدىن رېمۇنت قىلدۇرۇپ، نىل دەرياسى بىلەن قىزىل دېڭىزنى بىر بىرىگە باغلىدى.
.......................................................
بۇ مەشھۇر ساھابە توغرىسىدىكى بايانلىرىمىز مۇشۇ يەردە توختىدى.
(21) مىسىر: بۇ تاكسى شوپۇرىدىن قاتتىق تەسىرلەندۇق
ئەمىر ئىبنى ئاس جامەسىنىڭ كەڭرى پىشايۋىنىدا ئولتۇرۇپ ئەتراپقا نەزەر سالدىم. بۇ جامەنىڭ كۈلىمى ھەقىقەتەن چوڭكەن.

تام تەرەپتە كىتاب ئىشكابلىرىمۇ كۆپكەن. نۇرغۇن كىتابلارنى تىزىپ قويۇپتۇ. بۇلارغا قاراپ خىيالغا چۆكتۈم. بۇندىن تەخمىنەن 1370 يىل ئىلگىرى مۇشۇ مىسىرغا كېلىپ ئىسلام ئۈچۈن جان پىدا قىلغان جەڭچىلەرگە قايىللىقىم ۋە ھۆرمىتىم كەلدى. ئۇلارنىڭ شۇ چاغدىكى ئۇلۇغۋار غايىسى ئەمەلگە ئېشىپ، مانا ئارىدىن مىڭ نەچچە يۈز يىل ۋاقىت ئۆتسىمۇ ئۇلارنى بۇ يەردە ئەسلەپ، روھىغا دۇئا قىلىپ ئولتۇرۇپتىمىز. نۇۋەيبەدىن قاھىرەگە كەلگۈچە چۆل يولىدا يەتتە سەككىز سائەت ماشىنىدا سەپەر قىلىش ماڭا زىرىكىشلىك تۇيۇلغان، ئۆزەمنى ھارغىن ھېس قىلغانتىم. مىڭ نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى ئەمىر ئىبنى ئاسنىڭ ئەسكەرلىرى بەلكىم ئاشۇنداق چۆللەردە نەچچە كۈن ھەتتا ئايلاپ سەپەر قىلغان بولغىيتتى. ئۇلار بۇ يەرگە كەلگەندە ئۇلارنى كۈتىۋالىدىغان دوستى يوق، مېزىلىك تاماق، ئىسسىق لەغمەن تېخىمۇ يوق. ئەمما ئۇلاردىكى غەيرەت-شىجائەت، ئىمان سۆيگۈسى، ئۇلۇغۋار غايە ئۇلارنى ئەنە شۇنداق كۈچلۈك، يېڭىلمەس قىلغان. ئۇلار بۇ يەرگە تۇنجى بولۇپ خەلققە ئىسلامنى ئۆگىتىمىز دەپ كەلگەن ئىكەن. قانچىلىك توسقۇنلۇق، قارشىلىققا دوچ كەلگەنلىكىنى بۇ يەردە سۆزلەپ بولغىلى بولمايدۇ.
بىر ھېكايە ئېسىمگە كېلىپ قالدى:
بىر خورۇم ئاياغ ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتنىڭ دىرېكتورى ئاياغلىرىنى چەتئەلگە ئېكىسپورت قىلماقچى بولۇپ، بازار ئەھۋالىنى ئىگەللەش مەقسىتىدە، سېتىش شىركىتىدىكى قابىل خىزمەتچىلەردىن تاللاپ ھەر بىرىگە 3000 جۈپ ئاياغنى تۇتقۇزۇپ ھەر قايسى دۆلەتلەرگە يولغا ساپتۇ. ئافرىقىدىكى مەلۇم بىر دۆلەتكە بارغان خادىمدىن بىر ئايدىن كېيىن مۇنداق بىر مەكتۇپ تاپشۇرۇۋاپتۇ:
"ھۆرمەتلىك دىرېكتۇر، بۇ يەردىكى خەلق پۇتىغا ئاياغ كېيىشنى بىلمەيدىكەن. ھەممىسى يالاڭ ئاياغ يۈرىيدىكەن. زاۋۇتىمىزدىن ئەكەلگەن ئاياغلارغا خەق قاراپمۇ قويۇشمىدى. بۇ يەردە دۇكان ئاچساق زىيان تارتقۇدەكمىز. شۇڭا مەن قايتىپ كەتمەكچى."
دىرېكتور ئۇنىڭغا "ماقۇل، قايتىپ كەلگىن" دەپ خەت يېزىپ، يەنە بىر خادىمنى شۇ يەرگە 3000 جۈپ ئاياغ بىلەن يولغا ساپتۇ. بۇ خادىمدىن بىر ئايدىن كېيىن خەت كەپتۇ:
"ھۆرمەتلىك دىرېكتور، بۇ يەردىكى خەلقنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ پۇتىدا ئايىغى يوقكەن. مەن ئۇلارغا ئاياغ كىيىشنى ئۆگىتىۋاتىمەن. ھازىر قولۇمدىكى ئاياغلارنىڭ يېرىمى تۈگەش ئالدىدا. تېزدىن ماڭا يەنە 10000 جۈپ ئاياغ ئەۋەتىڭ. مەن مۇشۇ يەردىكى خەلقنىڭ ھەر بىرىگە بۇ ئاياغلاردىن كىيگۈزىمەن. بۇ يەردە دۇكان ئاچساق، بازىرىمىزنىڭ ئىستىقبالى ياخشى بولىدىغاندەك قىلىدۇ، چۈنكى ئېھتىياج كۆپكەن.".......
ئافرىقىدىكى ئوخشاش يەرگە، ئوخشاش ئىشقا ئەۋەتىلگەن ئىككى خادىمنىڭ كۆز قارىشى پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن نەتىجىمۇ پەرقلىق بولىدۇ-دە، ئەلۋەتتە! ئەمىر ئىبنى ئاس قاتارلىق ساھابىلەرمۇ ئۆز ۋاقتىدا مىسىر خەلقىگە ئىسلامنى شۇنداق ئۆگەتكەن بولغىيتتى...
جامە ھويلىسىدا ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈش نېمىدىگەن ھوزۇرلۇق-ھە!
ئىلگىرىكى ساھابىلەرنى ئەسلەپ ئولتۇرسام، مەندىن ئوتتۇز مېتىرچە يىراقلىقتا ھ ھاجىم بىلەن گەپلىشىپ تۇرغان يولدىشىم يېنىمغا ئالدىراش كەلدى:
- تېلېفوننى ئېتىپ قويغان ئوخشايسىز، ئېچىۋېتىڭ. ھازىر تاھىرجان ھ ھاجىمغا تېل قىلدى، بىزنىڭ تېلېفوننى ئىتىگلىككەن دەيدۇ.
- ھە، مەن تېلېفوننى ئىتىۋەتمىدىم. توكى تۈگەپ قالدىمۇ-يا؟
يولدىشىمنىڭ تېلېفونى مېنىڭ سومكامدا ئىدى. سومكامنى ئاقتۇرۇشقا باشلىدىم. ئىچىدىكى ھەممە نەرسىنى تۆككەن بولساممۇ تېلېفون تېپىلمىدى. ئاپلا، تېلېفوننى يۈتتۈرۈپ قويۇپتىمەن ئەمەسمۇ! ئىككى سائەت ئىلگىرى مەن ئىمام شافىئىي جامەسى ئالدىدا بىر قىرغىز دوستۇمغا تېل قىلغانتىم. توكى خېلى تولۇق ئىدى. ئەمدى ئۇنى نەدە چۈشۈرۈپ قويغاندىمەن؟ ئۈچ يىل ئىلگىرى مەن يولدىشىمنىڭ بىر نوكىيا تېلېفونىنى يۈتتۈرىۋەتكەنتىم. يولدىشىم گەپ قىلمايلا باشقا تېلېفون ئالغانتى. ماۋۇ تېلېفون تېخى ئۆتكەن يىلى ئالغان خېلى ئالىي تېلېفون ئىدى، ھەي ئېسىت!
- بولدى، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، بېشىمىزغا كەلگەن بالا-قازانىڭ سەدىقىسى. يۈرۈڭ بىز قايتايلى. – دېدى يولدىشىم.
- ياق، توختاپ تۇرۇڭ، مېنىڭچە بۇ تېلېفون ئىمام شافىئىي جامەسىدە چۈشۈپ قالغانمىكىن دەيمەن. شۇ يەرگە قايتا بېرىپ بىر قاراپ باقساق.
- ھە مەيلى. بارساق بارايلى، ئەمما مېنىڭچە ئەمدى تېپىلىشى ناتايىن.
- ياق، ئۇنداق دېمەڭ. جامەدە چۈشۈپ قالغان بولسا بىرەرسى ئېلىپ قويغاندۇ.
.....................
ھ ھاجىم، يولدىشىم ۋە مەن يولغا چىقىپ بىر تاكسى تۇسۇپ ئىمام شافىئىي جامەسى تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق. يولدا كېتىۋاتقاچ ھ ھاجىم تاكسى شوپۇرىغا يۈتتۈرۈپ قويغان تېلېفونىمىزنى ئىزدەپ ماڭغانلىقىمىزنى ئېيتىۋىدى، ئۇ شوپۇر تېل نۇمۇرىمىزنى سورىدى، نۇمۇرنى دەپ بېرىۋىدۇق، ئۆزىنىڭ تېلېفونىدا بىزنىڭ نۇمۇرغا تېل قىلدى. تېزلا ئۇلاندى.
- ئالوو!.....(بىز چالا ئوقىدىغان ئەرەپچە گەپلەر)...
ئەسلى بىز تېلېفوننى تاكسىدا چۈشۈرۈپ قويۇپتىكەنمىز. بىزنى ئەمىر ئىبنى ئاس جامەسىگە ئەكەلگەن تاكسىچى تېلېفوننى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمىزنى بىلىپ، بىزگە قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن بىز ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەن يەرلەرگە تېل قىپتۇ. ت ھاجىمغا تېل قىپتۇ. ت ھاجىم شۇنىڭ بىلەن يولدىشىمنىڭ يېنىدا تۇرغان ھ ھاجىمغا تېل قىلغان ئىكەن. ئەگەر شوپۇر بىزنى ئىزدىمىگەن بولسا تېلېفونىمىزنى يۈتتۈرۈپ قويغانلىقىمىزدىنمۇ خەۋىرىمىز يوق ئولتۇراركەنمىز.
ھازىر بىزنى ئېلىپ ماڭغان تاكسىچى ئەرەب بىزنى ئەمدى ھېلىقى تېلېفونىمىز ئۇنتۇلۇپ قالغان تاكسى شوپۇرىنىڭ يېنىغا ئاپارماقچى بولدى. ئۇلار ئىككىسى بىر بىرىگە ئەڭ يېقىن بىر ئورتاق نوقتىدا ئۇچراشماقچى بولدى. بىر دەمدىلا باردۇق. ئۇ تاكسىچى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ تېلېفوننى قولىمىزغا بەردى. يولدىشىم رەھمەت ئېيتىپ ئۇنىڭغا 25 جۈنەي پۇل تەڭلىگەندى، پەقەت ئالغىلى ئۇنىمىدى. يولدىشىم چىڭ تۇرۇپ پۇلنى ئۇنىڭ يانچۇقىغا تىقىپ قويدى، خوشلاشتۇق.
نىل دەرياسى بويىغا يېقىن تەھرىر مەيدانى تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتىمىز. تېلېفوننى قايتۇرۇپ بەرگەن تاكسى شوپۇرىغا كۆڭلىمىزدە رەھمەت ئېيتىۋاتىمىز. ئۇ قايتۇرۇپ بەرمىگەن بولسىمۇ بىز ھېچنىمە قىلالمايتتۇق.
يەتتە يىل ئىلگىرى ئەنقەرەدە مەترودا مېنىڭ چىرايلىق بىر تېلېفونۇمنى سومكامدىن ئوغرى ئېلىۋالغان. بۇ قىزىل رەڭلىك كىچىككىنە تېلېفوننى ئىلگىرى دادام بېيجىڭ ۋاڭفۇجىڭدىكى بىر دۇكاندىن تاللاپ يۈرۈپ ئېلىپ بەرگەنتى. بۇ تېلېفوننىڭ باشقا ئالاھىدىلىكى بولمىسىمۇ، ئەمما تاشقى كۆرۈنۈشى نەپس، چىرايلىق بولغاچقا تۈرك قىزلارغا بەك يارايتتى. شۇ تېلېفونۇمنى ئەنقەرەدە ئوغرى ئالغاندا بىر ھەپتە كۆڭلۈم يېرىم بولغان. مىسىردىكى تاكسىچى تېلېفوننى قايتۇرۇپ بەرمىگەن بولسا، بۇ مېنىڭ ئۈچىنچى قېتىم تېلېفون يۈتتۈرۈشۈم، "كۆندۈم ئەمدى" دەپ ئۆزەمگە تەسەللىي قىلىشىم مۇمكىن ئىدى. ئۆيدە ئادەتتە مېنىڭ سەۋەبىمدىن ماددى جەھەتتىن بىرەر زىيان بولسا، يولدىشىم دائىم ماڭا تەسەللىي بېرىدۇ. بىرەر قېتىم بۇ تۈپەيلى ماڭا ئاچچىقلاپ باققىنىنى بىلمەيمەن. بۇ تېلېفوننىڭ يۈتكەنلىكىنى ئەمىر ئىبنى ئاس جامەسىدە بىلگەن چېغىمىزدا يولدىشىم قىلچە جىددىيلەشمەي، ماڭا تەسەللىي بەرگەنلىكى ئۈچۈن كۆڭلۈمدە ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولۇپ:
- باياتتىن مەن تېلېفونىڭىزنى يۈتتۈرىۋەتسەممۇ سىز ماڭا ئاچچىقلىماي، ئەكسىچە تەسەللىي قىلغانتىڭىز. جېدەل-ماجرا بولمايدىغان ئائىلىدە بەرىكەت بولىدۇ دەيدىغان گەپ باركەن. مانا بىزدىمۇ بەرىكەت بولۇپ تېلېفونىمىز قايتىپ كەلدى، ھى ھى ھى. – دېسەم، يولدىشىم:
- دۇنيادىكى ئۇنداق ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەر ئۈچۈن ئاھ-ۋاھ دەپ يۈرمەيمىز. – دېۋىدى، كۆڭلۈمدە "تۇلا پوچىلىق قىلمىڭە!" دېدىم.
.................................
سۈرىيە، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە تاكسىلار "ئاق تاكسى" ۋە "قارا تاكسى" دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدىكەن. ئاق تاكسىلار ئادەتتە ماڭغان كىلومېتىر سائىتىگە قاراپ ھەق ئالىدىكەن. قارا تاكسىلار سائەت بويىچە ھەق ئالمايدىكەن، تاكسىغا ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى باھاسىنى دېيىشىپ چىقىدىكەنمىز. ئەمما بۇلار ئاق تاكسىلارغا قارىغاندا بەزىدە بىر ئاز ئەرزانراق بولىدىكەن. بىزنى ئەمىر ئىبنى ئاس جامەسىگە ئەكەلگىنى، تېلېفونىمىزنى ئۇنتۇپ قالغىنىمىز كونا قارا تاكسى ئىدى. قارىغاندا بۇ تاكسى شوپۇرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىمۇ بەك ياخشىدەك قىلمايتتى. (بىزنى ئەكەلگەندە ئۇنىڭغا 15 جۈنەي بەرگەنتۇق). ئەمما ئۇ ئۆزى نامرات بولسىمۇ ھالال ئىشلەيدىغان ئادەمكەن.
بۇ تاكسى شوپۇرىنىڭ بۇ كىچىككىنە ھەرىكىتى قەلبىمىزدە مىسىرلىقلارنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ ياخشىلىدى. مۇشۇلارنى ئويلىغاچ مەن ئامېرىكا تېكساسلىق بىر خرىستىئان پوپنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا سەۋەپچى بولغان يەنە بىر مىسىرلىقنى ئەسلىدىم. مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىنكى ئىسمى يۈسۈپ ئەستەس بولغان بۇ تەقۋادار خىرىستىيان پوپ ئۆزىنىڭ نېمىشقا ئىسلامنى تاللىغانلىقى ھەققىدىكى كەچۈرمىشنى سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: "مېنىڭ دادام تەقۋادار خرىسىتىيان ئىدى. مەنمۇ ھەم شۇنداقتىم. بىزنىڭ دوكانلىرىمىز بار ئىدى. دائىم چىركاۋلاردا باشقىلارغا ياردەم قىلاتتۇق. بىر كۈنى دادام ماڭا مىسىرلىق بىرى بىلەن تىجارەت قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى. مەن....
مۇشۇلارنى ئويلىغاچ مەن ئامېرىكا تېكساسلىق بىر خرىستىئان پوپنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا سەۋەپچى بولغان يەنە بىر مىسىرلىقنى ئەسلىدىم. مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىنكى ئىسمى يۈسۈپ ئەستەس Yusuf Estesبولغان بۇ تەقۋادار خىرىستىيان پوپ ئۆزىنىڭ نېمىشقا ئىسلامنى تاللىغانلىقى ھەققىدىكى كەچۈرمىشنى سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ:

«مېنىڭ دادام تەقۋادار خرىسىتىيان ئىدى. مەنمۇ ھەم شۇنداقتىم. بىزنىڭ دوكانلىرىمىز بار ئىدى. دائىم چىركاۋلاردا باشقىلارغا ياردەم قىلاتتۇق. بىر كۈنى دادام ماڭا مىسىرلىق بىرى بىلەن تىجارەت قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى. مەن "ئەمدى خەلقئارالىق تىجارەت قىلىدىغان بوپتۇق" دەپ خۇشال بولدۇم. بىراق ئۇ كىشىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنداق كىشىلەر بىلەن تىجارەت قىلمايمەن! دېدىم. مۇسۇلمان دېگەندە «ئەرەبىستاندىكى بىر قارا تاشقا ئىبادەت قىلىدىغانلار، تېرورچىلار، تەڭرىنىڭ دۈشمىنى كاپىرلار» دەپ بىلەتتىم. چۈنكى، تېلېۋىزورلاردىن بىز مۇشۇنداق تەربىيە ئالغانىدۇق. دادام: «بۇ مىسىرلىق ياخشى ئادەم، بىر كۆرۈشكىن» دەپ تۇرىۋالدى. مەن كۆڭلۈمدە «مەيلى، كۆرۈشسەممۇ كۆرۈشەي. ئامال بۇ مۇسۇلماننى خرىستىئان دىنىغا كىرگۈزۈپ ئادەم قىلاي» دەپ ئويلىدىم. يەكشەنبە كۈنى كۆرۈشمەكچى بولدۇق.
ئۇ كۈنى ئەتىگەندە بىر قولۇمدا ئىنجىلنى ئېلىپ دىندار خرىستىئان ئايالىم بىلەن بىللە چىركاۋغا باردىم. قىززىق يېرى شۇكى، ئۇ كۈنى چىركاۋدا پاپا «كونا ئەھدە» (تەۋرات)تىكى داۋۇدنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى ھەققىدە تەبلىغ قىلىۋاتقان ئىكەن. بۇلارنى ئاڭلاپ بىر ئاز قايمۇقۇپ قالدىم. چۈنكى ھازىرقى خرىستىئان دىنىنىڭ ئەقىدىسى بويىچە ئىنسانلارنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى ئىيسا مەسىھكە ئىمان ئېيتىشىغا باغلىق ئىدى. ئەمما نېمىشقا بۇ پاپا ئىيسادىن ئىلگىرىمۇ نىجاتلىقنىڭ (قۇتۇلۇشنىڭ) بولغانلىقىنى سۆزلەيدۇ؟ ئاجايىپ ئىش.
چىركاۋدىن چىقىپ دادامنىڭ يېنىغا باردىم. مىسىرلىق ئەرەب بىلەن بۇ يەردە كۆرۈشمەكچى ئىدىم. خىيالىمدا ئاپپاق يەكتەك كىيگەن ھۈمەينىگە ئوخشاش بىرسى بىلەن كۆرۈشەرمەنمىكىن دەپ ئويلىغان، ئەمما قارىسام، بۇ مىسىرلىق ئىنتايىن ئادەتتىكچە، نورمال بىر ئادەم ئىكەن. سىلىق-سىپايە سالاملىشىپ كۆرۈشتۇق. ئۇنىڭدىن سورىدىم:
- تەڭرىگە ئىشىنەمسىز؟
- شۇنداق، ئىشىنىمەن.
- مۇسانىڭ تەڭرىسىگە ئىشىنەمسىز؟
- ھەئە، ئىشىنىمەن.
- ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭكىگىچۇ؟
- ئىشىنىمەن.
- داۋۇد بىلەن سۇلايماننىڭكىگىچۇ؟
- شۇنداق، ئىشىنىمەن.
بۇ مىسىرلىقنىڭ بۇلارغا ئىشىنىدىغانلىقى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. بەلكىم ئاغزىدا شۇنداق دەپ قويغاندۇ دەپ ئويلىدىم.
- ئىيسا مەسىھكە ئىشىنەمسىز؟ - دەپ سورىدىم.
- ھەئە، ئىشىنىمەن. – دەپ جاۋاب بەردى. مەن ئىلگىرى مۇسۇلمانلارنى ھىندى دىنى مۇخلىسلىرىغا ئوخشىتاتتىم. بۇ مىسىرلىق ئادەم ئىنجىلدىكى بەزى مەزمۇنلارغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقىنىدا بۇ مۇسۇلمانلار يەھۇدىيلارغا بىر ئاز ئوخشايدىكەن دەپ ئويلىدىم. ئەمدى بۇ ئادەمنىڭ ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىش (يەنى مۇسۇلماننى خرىستىئان قىلىش) ئاسان بولىدىغان بولدى دەپ خۇشال بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تىجارەت قىلىشقا قوشۇلدۇم.
ئۇنى بىللە چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلدىم. چايدىن كېيىنلا ئۇنىڭغا ئىنجىلدىن دەرس ئۆتۈشكە باشلىدىم. قولۇمدىكى ئىنجىلدىكى «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» بابىنى ئېچىپ:
- ئىبراھىم پەيغەمبەر ھەققىدە سۆزلىشەيلى. ئۇنىڭغا دائىر نېمىلەرنى بىلىسىز؟ ئىبراھىمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى... – دەپ تەبلىغ قىلىشقا باشلىدىم. ئۇ جىمجىت ئولتۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتىپ «ھەئە» دېگەچ ئاڭلايتتى.
رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە بۇ مىسىرلىقنىڭ بىر مەسجىدتە ئېتىكاپقا كىرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. دادامغا دېدىم:
- بۇ مىسىرلىق ئادەم بارغىلى كەلگىلى يېرى يوق مەسجىدنى ماكان قىلىۋاپتۇ. ئۇنى بىزنىڭ ئۆيگە ئەكىلىۋالايلى.
- ياق، ئۇنىڭ پۇلىسى بار. بىز نەدە تۇرۇشىغا ئارىلاشمايلى. – دەيتتى دادام.
ئادەتتە خرىستىئانلار ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالمىغۇچە چىركاۋنى ماكان تۇتمايدۇ. مەن دادامنى ۋە ئۇنى تەستە قايىل قىلىپ ئۆيگە ئەكىلىۋالدىم. بۇنداقتا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش پۇرسىتىمۇ كۆپ بولۇپ، خرىستىئان دىنىنى ئۇنىڭغا بىۋاستە ئۆگەتكىلى بولاتتى. بىز بىللە بېرىش-كېلىش قىلىپ يۈرگەن كۈنلەردە ئۇ بىزنىڭ دۇكاندا ماللىرىمىزنى سېتىشىپ بېرەتتى. بىر قېتىم، بىر خېرىدار پوكەينىڭ ئالدىدىكى مالنى ئالماقچى بولىۋىدى، ئۇ ئارقىدىكىسىنى ئېلىپ بەردى. يەنە بىر قېتىمدىمۇ ئۇنىڭ يەنە شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم:
- ئەي مۇھەممەد، بىز كونا ماللارنى ئاۋۋال سېتىش ئۈچۈن ئالدىغا تىزىپ قويۇپ، يېڭىلىرىنى ئارقىغا تىقىپ قويىمىز. ئاۋۋال كونىلىرىدىن قۇتۇلمىساق بولمايدۇ.
- مەن بۇنداق قىلالمايمەن. مېنىڭ دىنىم بويىچە خېرىدارغا مالنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى بەرمىگۈچە ساتقىلى بولمايدۇ.
- ماقۇل، ماقۇل. سېنىڭ دېگىنىڭدەك بولسۇن، پۇل تاپمىساقمۇ مەيلى.
ۋاقىت ئۆتكەنسىرى مەن مۇھەممەدتىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. ئۇ بەكلا كەمتەر ئىدى. ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتىنى پۈتتۈرگەن، ياخشى تەربىيە كۆرگەن بولغاچقا ھەر ساھە ئىلىملەردىن خەۋىرى بار ئىدى. مۇنازىرىلىشىپ قالساق، ھەمىشە ئۇ مېنى يېڭىۋالاتتى.لېكىن بەزىدە يەنە مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى دەرھال بىلىۋېلىپ مۇنازىرىدە مېنىڭ ئۇتۇپ چىقىشىمغا شارائىت ھازىرلاپ بېرەتتى. مۇنازىرىدە مېنىڭ يېڭىش يېڭىلىشىم ئۇنىڭغا باغلىق ئىدى. ئۇ خالىسا يېڭەتتىم، خالىسا يېڭىلەتتىم.
بۇ يەردە مەن تونۇيدىغان بىر كاتولىك تەبلىغچى پاپا بار ئىدى. قولىدا چوڭ كرىست بەلگىسىنى كۆتۈرىۋېلىپ ئوچرىغانلىكى كىشىلەرگە دىن تەبلىغ قىلاتتى. ئاڭلىسام ئۇ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ دۇختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ. ئۇنى يوقلاپ بارغىنىمدا تونىيالمىغىلى تاسلا قالدىم. ئۇ ماڭالماس بولۇپ قالغاچقا چاقلىق ئورۇندۇققا مەھكۇم بوپتۇ. بۇ پاپانىڭ بىر دەردى بار ئىدى. ئەمما ھېچكىمگە گەپ قىلىشنى خالىمايتتى. مەن ئۇنى سۆزلىتىش ئۈچۈن: «ساڭا شاھادەت ئېيتىپ، ئىيسا مەسىھنىڭ خوشخەۋىرىنى سەندىن ئاڭلىغۇم بار» دېدىم. قولۇمدىكى ئىنجىلنى ئېچىپ يۇنۇس ئەلەيھىسسالام قىسسىسىنى ئوقىدىم. «ماڭا قارا، يۇنۇس ئەلەيھىسسالام بىلىقنىڭ قورسىقىدا كۆپ جاپا تارتتى. سەن ھەر قانچە بولسىمۇ ئۇ تارتقانچىلىك جاپا تارتمىدىڭ. ئۇنى بىلىقنىڭ قورسىقىدىن قۇتقۇزغان تەڭرى سېنىمۇ قۇتۇلدۇرىدۇ» دېدىم. ئۇ پاپا يەنە لام-جىم دېمىدى. ئۇنىڭغا گەپ قىلىش خوشياقمايتتى.
- ئىسمىڭ نېمە؟ سەن قەيەرلىك؟ - دېسەم،
- ۋېنۇستىن! – دەيدۇ. تېكساس شىتاتىدا ۋېنۇس دەيدىغان بىر يەر بار. ئەمما بۇ پاپا ھازىر ئۆزىنى «ۋېنۇس ناملىق باشقا بىر پىلانتتىن كەلدىم» دەۋاتاتتى. شۇنداق قىلىپ داۋاملىق دوختۇرخانىغا كېلىپ ئۇنى يوقلايدىغان، تەسەللىي بېرىدىغان بولدۇم.
بىر كۈنى ئۇنىڭ چاقلىق ئۇرۇندۇقىنى ئىتتىرىپ ئەتراپتا ئايلاندۇرىۋاتاتتىم. ئۇ يىغلاشقا باشلىدى، «مەن ساڭا گۇناھىمنى ئىقرار قىلماقچى» دېدى. كاتولىكلەرگە نىسبەتەن «ئىقرار قىلىش» دېگەنلىك پاپانىڭ ئالدىدا گۇناھ چىقىرىش دېگەنلىكتۇر. بارلىق گۇناھلىرىڭنى پاپاغا ئىقرار قىلدىڭمۇ، ئۇ سېنى ئەپۇ قىلىدۇ-دە، گۇناھتىن قۇتۇلىسەن. مەن ئۇنىڭغا دېدىم:
- قارا، مەن كاتولىك ئەمەسمەن. كاتولىك پاپامۇ ئەمەسمەن. مەن پەقەت بىر خرىستىئان تەبلىغچى خالاس.
- مەن بۇنى سەندىن ياخشى بىلىمەن. چۈنكى مەن بىر كاتولىك پاپامەن.
«ئامان تەڭرىم، بۇ ئادەم بىر پاپا. ئىنجىلنى مەندىن ياخشى بىلىدۇ» دېدىم كۆڭلۈمدە.
- مەن ھازىر ئېغىر كېسەلمەن. يۈرەك كېسىلىم قوزغىلىپ قالدى. ھەممە جەھەتتىن قىيىنچىلىق ئىچىدە قالدىم. دەردىمنى ساڭا تۆككەنلىكىم ئۈچۈن ئەپۇ سورايمەن. – دەپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ يىغلىغىنىنى كۆرۈپ قاتتىق ئىچىم ئاغرىدى-دە، ئۇنى قۇچاقلاپ كۆڭلىنى ياسىدىم. كېيىن ئۇنىڭ دۇختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئىزدەپ سوراپ ئۇنىڭ تۇرۇۋاتقان يېرىگە باردىم، ئۆيۈمگە ئەكەلدىم.
بۇنچە ئۇزۇن تەپسىلاتلارنى ئىزىپ سۆزلىشىمدىن بىر نەرسە ھېس قىلدىڭلارمۇ؟ ھازىر ئۆيۈمدە ئىككى مېھمان بار. بىرى كاتولىك پاپا، يەنە بىرى مىسىرلىق مۇسۇلمان. مەن بۇ كاتولىك پاپانى پروتەستان قىلىشنى، مۇسۇلماننى بولسا خرىستىيان قىلىشنى نىيەت قىلغان ئىدىم. نېمىدىگەن ئۇلۇغۋار غايە-ھە!
لېكىن ئىشلار مېنىڭ ئويلىغىنىمدىكىدەك بولمايۋاتاتتى. ئاجايىپ ئىشلار يۈر بېرىۋاتاتتى. ھەر كۈنى ئاخشام ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ئىنجىلنى ئېچىپ قويۇپ ئىنسانلارنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى توغرىسىدا سۆزلىشەتتۇق. دادامنىڭ قولىدىكى ئىنجىل (King James) نوسخا ئىنجىل ئىدى. مەن بولسام 1953-يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ بېسىلغان ئۆلچەملىك نۇسخىدىكى ئىنجىلنى ئوقۇيتتىم. مېنىڭ قولۇمدىكى ئىنجىلدا يېزىلىشىچە كىڭ جېيمىس نۇسخىدىكى ئىنجىلدا ئېغىز خاتالىقلار، كەمچىلىكلەر بار ئىدى. شۇڭا مەن دادامنىڭ قولىدىكىگە ئوخشىمايدىغان ئىنجىل بىلەن تەبلىغ قىلىشقا باشلىدىم. دادام قايىل بولماي: «ياق، ئۇنداق ئەمەس، مۇنداق!» دەيتتى. مەن: «ياق، سېنىڭ خاتا! ئەسلى توغرىسى مۇنداق!» دەيتتىم. ئايالىم بولسا Jimmy Swaggerگە ئائىت «زامانىۋى ئىنسانلارغا خوشخەۋەر» ناملىق باشقا بىر ئىنجىل بىلەن سۆزىمىزگە قوشۇق سېلىپ ئولتۇراتتى. بۇ ئىنجىل پۈتۈنلەي زامانىۋى ئېغىز تىلى بويىچە يېزىلغان بولۇپ، خالىغانچە تەرجىمە قىلغىلى، چۈشەندۈرۈپ تەپسىر قىلغىلى بولىدىغان بولغاچقا مۇقەددەس ئىنجىلغا ئوخشىماي قالغانىدى. كاتولىك پاپانىڭ قولىدىكىسى بولسا 73 كىتاپچىدىن تەركىپ تاپقان بىر قەدىمىي ئىنجىل بولۇپ، ئۇنىڭكى بىزنىڭ قولىمىزدىكى 66 كىتابچىدىن تۈزۈلگەن ئىنجىلغا پەقەت ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭكىدەك ئىنجىلنى مەن ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. مەن قولۇمدىكى ئىنجىلغا قاراپ سۆزلەيتتىم. دادام، ئايالىم ۋە ئۇ كاتولىك پاپا يەنە ئۆزىنىڭ قوللىرىدىكى پەرقلىق ئىنجىللارغا قاراپ سۆزلىشەتتى. دېگەنلىرىمىز بىر بىرىمىزنىڭكىگە پەقەتلا ئوخشىمايتتى. بىز ئوخشاشمايدىغان تۆت خىل ئىنجىلنى تۇتۇپ مۇنازىرىلىشىپ توۋلىشىپ كەتسەك، مىسىرلىق مۇھەممەد بىزگە تەئەججۈپ ئىلكىدە جىمجىت قولاق سېلىپ قاراپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭدىن سورىدىم:
- سىلەرنىڭ قۇرئاننىڭ قانچە نۇسخىسى بار؟
- قۇرئاننىڭ مانچە نوسخىسى يوق. پەقەت بىرلا ئەرەپچە قۇرئانىمىز بار. – دەپ بەقەرە سۈرىسى 2-ئايەتنى ئوقىدى: «بۇ كىتاب، يەنى قۇرئاندا ھېچ شەك يوق، ئۇ تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر.» ھازىرغىچە مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشۇ ئەسلى نۇسخىدىكى بىرلا قۇرئاننى ئوقۇيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەن ئۇنى يالغان سۆزلەۋاتىدۇ، چۈنكى بىزدىكى مەسىلىنى كۆرۈپ بۇنىڭغا ئاساسەن گەپ قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىدىم. لېكىن مەن ئۇ چاغدا ئەرەپچە بىلمىگەنلىكىم ئۇچۇن نېمە دېيىشىمنى بىلمەيتتىم. بۇ مىسىرلىق ئەرەب بىزگە كۆپ تەبلىغ قىلمىدى، ئەمما كاللامدا بىر سۇئال پەيدا بولدى. بىز خرىستىيانلارنىڭ بىر مۇنچە كىتابىمىز بار، ئەمما ئۇنىڭ «ئىچىدە ھېچقانداق شەك-شۈبھە بولمىغان» پەقەت بىرلا كىتابى باركەن.
باشقا كۈنى بىز باشقا تېمىلاردا مۇنازىرە قىلىشتۇق. بۇ قېتىم مەن خرىستىئانلارنىڭ ئۈچلۈك تەڭرىtrinity ئەقىدىسىنى ئاممىباپ ھالدا ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن يول ئىزدىدىم-دە، كرسىت بەلگىسى ئېسىۋالغان بىر پاپانىڭ يېنىغا باردىم.
- ئۈچلۈك ئەقىدىنىڭ نېمىلىكىنى تېخىچە بىلمەمسەن؟
- بىلىمەن، بىلىمەن. ئۇنىڭ ئالەمشۇمۇللىقىنىمۇ بىلىمەن. لېكىن كىشىلەرگە ئاددى ئۇسۇلدا بۇنى قانداق چۈشەندۈرۈشنى ئۆگىتىپ قويغان بولسىڭىز.
- ماقۇل. بۇنى بىر ئالمىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئالمىنىڭ سىرتىدا پوستى، ئۇنىڭدىن كېيىن بىز يەيدىغان يېرى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقچىسى بار. بىر ئالمىنىڭ ئىچىدە ئۈچ نەرسە بار. بۇنى مۇشۇنداق چۈشەندۈرسەڭ بولىدۇ.
مەن بۇ مىسىرلىق مۇسۇلمانغا ئۈچلۈك ئەقىدىنى مۇشۇنداق ئىزاھلاشنى ئويلاپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. لېكىن بۇ گەپمۇ قاملاشمايدىغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى ئالمىنىڭ ئىچىدە بىر تال ئۇرۇقچا بولماسلىقى، تۆت-بەش، ھەتتا يەتتە-سەككىز تال ئۇرۇقچە بولۇشى، بەزىدە ھەتتا ئىچىدىن قۇرت چىقىشى مۇمكىن. بۇنداقتا تەڭرىلار تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتمەمدۇ؟! بۇ مىسال بولمايدىكەن. پوپنىڭ يېنىغا قايتىپ باردىم.
- ھە ماقۇلە، ئالمىنى ئۇنتۇپ كەت. تۇخۇمنى مىسال قىلغىن. تۇخۇم شاكىلى، ئېقى، سېرىقى ئۈچ نەرسە بىر تۇخۇمنى تەشكىل قىلىدۇ.
- بۇ مىسالمۇ بولمىغۇدەك. بەزى تۇخۇملارنىڭ 2 تال سېرىقى بار. بۇ چاغدا ئۈچ تەڭرى تۆت بولۇپ قالمامدۇ؟!
- .............
بۇ پوپتىن بۇ ھەقتە سۇئال سورىماي بولدى.
بىر كۈنى دۇكاندا ئۇچرىشىپ قالغان بىر خرىستىئانغا دېدىم:
- ئۈچلۈك تەڭرى ئەقىدىسىدىن گۇمانلىنىدىغان بولۇپ قالدىم.
- نېمە دەۋاتىسەن؟! سەن بىر پاپا تۇرۇپ ئۆز ئەقىدەڭدىن گۇمانلىنىۋاتامسەن؟
- شۇنداق، گۇمانلىنىۋاتىمەن. ئۈچ قانداقمۇ بىرگە تەڭ بولسۇن؟
- توختا، مەن چۈشەندۈرۈپ باقاي. مەن بىر ئەر كىشىمەن. ئايالىم بىر ئايال كىشى. بىر ئوغلۇم بار. ئۈچىمىز بىر ئائىلە. بۇ تەڭرىنىڭ ئائىلىسى. بۇنى مىسال قىلغىن.
- توغرا دەيسەن. تەڭرىنىڭ ئائىلىسى. لېكىن بۇنى مىسال قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئائىلىنىڭ يەنە بىر پەرزەنتى دۇنياغا كېلىشى مۇمكىن. تېخىمۇ يامىنى شۇكى، ئەر-خۇتۇن ئاجرىشىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. ئاجرىشىدىغان تەڭرى لازىممۇ ساڭا؟ تېكساستا ئەرلەر خۇتۇنىدىن ئاجرىشىدىغان بولسا خۇتۇن ئەرنىڭ بارلىق مۈلكىنى ئېلىپ كېتىپ قاقسەنەم قىلىپ قويىدۇ... ماڭا بۇنداق ئاجرىشىدىغان تەڭرى لازىم ئەمەس. ئۈچلۈك تەڭرى ئەقىدىسىنى زادى لوگىكىلىق چۈشەندۈرگىلى بولماسمۇ؟
.........................................
مىسىرلىق مۇھەممەدتىن سورىدىم:
- سېنىڭ تەڭرىڭ قانداق تەڭرى؟ سىلەر ئۇنى قانداق چۈشەندۈرۈسىلەر؟
- «ئەئۇزۇبىللاھى مىنەششەيتانىررەجىيىم، بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم. ئېيتقىنكى، ئاللاھ بىردۇر، ھەممە ئاللاھقا مۇھتاجدۇر. ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، توغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچكىم ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ.» (112-سۈرە) يەنە قۇرئاندا «خرىستىئانلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ ئۈچتۇر دېمىسۇن» دېيىلگەن.
بۇ يەردە مەن بىر نوقتىنى تەكىتلەپ ئۆتەيكى، ھازىرقى «كونا ئەھدە» (تەۋرات)، «زەبۇر»، «يېڭى ئەھدە» (ئىنجىل)دا ھېچقانداق يەردە «ئاللاھ ئۈچ» trinityدېگەن سۆز يوق. پەقەت قۇرئاندا «ئاللاھنى ئۈچ دېمەڭلار» دېگەندە «ئۈچ» دېگەن سۆز بار. قۇرئان ھەقىقەتەن ئىنجىلنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرىۋاتاتتى.
مىسىرلىق مۇھەممەد بىلەن سۆزلەشكەنسىرى ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ راستلىقىغا ئەقلىم بىلەن ئىشەندىم، توغرىلىقىنى بىلدىم. ئەمما ئېتىراب قىلىشنى خالىمايۋاتاتتىم. ئىنجىلدا چۈشەنمىگەن مەسىلىلەر قۇرئان بىلەن چۈشىنىشلىك بولۇپ كېتىۋاتاتتى. ئىنساننىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى ھەققىدە ئىنجىل تەڭرىدىن باشقا قۇتقۇزغۇچى يۇقلۇقىنى ئېيتىپ ئېنىق بىشارەت بېرىدۇ. ئىيسا مەسىھ قۇتقۇزغۇچى ئەمەس. پەقەت تەڭرىلا قۇتقۇزغۇچىدۇر. مەن مۇشۇنداق چۈشەندۈرسەم ئاڭلىغۇچىلار ئاغزىنى تۇتۇپلا قالىدىغان بولدى. مىسىرلىق مۇھەممەدتىن يېڭى ئۆگەنگەنلىرىمنى تەدبىقلاپ تەبلىغلىرىمگە قوشۇپ ماڭدىم. لېكىن كۆڭلۈم يەنىلا بىر نەرسىنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلىپ تۇراتتى. شۇنداقتىمۇ تەڭرىنىڭ يەككە-يىگانە يالغۇز ئىكەنلىكىگە قەتئى ئىشىنىدىغان بولدۇم. «ئۈچلۈك تەڭرى trinity ئەقىدىسى»نى تامامەن ئۇنۇتتۇم. داداممۇ بىرلا تەڭرىگە ئىشىنەتتى.
بىر كۈنى ئۆيۈمدىكى مېھمان كاتولىك پاپا مىسىرلىق مۇھەممەدكە:
- سىلەرنىڭ چىركاۋىڭلارغا (مەسجىدىڭلارغا) كىرىپ باقسام بولامدۇ؟ - دەپ سورىدى. مۇھەممەد:
- ئەلۋەتتە! – دەپ ئۇنى مەسجىدكە ئېلىپ كەتتى.
قايتىپ كەلگەندە كاتولىك پاپادىن سورىدىم:
- مۇسۇلمانلار مەسجىدتە نېمىش قىلىدىكەن؟
- ئۆرە تۇرۇپ ۋە ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇپ قايتىدىكەن. مانا مۇنداق مۇنداق ... – دەپ دورىدى.
- نېمە؟! ئۇلار جىمجىت ئىبادەت قىلىپ بولۇپلا قايتىدىكەن دېدىڭما؟ بىزنىڭكىدەك تەڭكەش قىلىدىغان مۇزىكا دېگەندەك نەرسىلىرى بارمىكەن؟
- يوقكەن، مۇزىكا چالمايدىكەن.
- يوق؟! توۋا، مۇزىكا يوقمىكەن؟ دۇنيادا تەڭرىگە مۇزىكىسىز ئىبادەت قىلىدىغان ئىشمۇ بارمىكىنا؟
مۇھەممەدتىن سورىدىم:
- مەسجىدتە مۇزىكا يوقمۇ؟
- يوق.
كۆڭلۈمدە ئويلىدىم «مەن ئەمدى دەرھال پىئانىنو تىجارىتىنى باشلاي».
- دۇنيادا قانچىلىك جامە، مەسجىد بار؟
- نەچچە مىليۇن جامە مەسجىد بار.
- ھېچقايسىسىدا پىئانىنو، گارمون دېگەندەك سازلار يوقمۇ؟
- يوق.
- ئەرەبلەرنىڭ مۇزىكىسى يوقمۇ؟
- بار. ناخشا مۇزىكىسى بار.
خىيالىمدا بۇ مەسجىد جامەلەرگە پىئانىنو سېتىپ پۇل تېپىشنى ئويلاپ كەتتىم.
كېيىن يەنە بىر كۈنى كاتولىك پاپا مىسىرلىق مۇھەممەد بىلەن يەنە جامەگە كەتتى. تەڭ كېچىگىچە ساقلىساقمۇ قايتىپ كەلمىدى. ئەتىسى قايتىپ كەلدى. مۇھەممەدنى تونىدىم، ئەمما ئۇنى تونىيالماي قالدىم. ئۇزۇن ئاق كۆينەك كىيىپ، بېشىغا سەللە يۆگەپ قايتىپ كەپتۇ.
- ھوي سەن مۇسۇلمان بولدۇڭمۇ؟ - دەپ سورىدىم ھەيرانلىق بىلەن. ئۇ:
- ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللاللاھ ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدۇن ئابدۇھۇ ۋە راسۇلۇھۇ! – دېدى.
ئۇنىڭدىن سۇئال سوراپ تۇرسام، ئۇنى مۈگدەك بېسىپ ئۇخلاپ قالدى. نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.
مەن بۇ كاتولىك پاپانى پروتەستان قىلىمەن دەپ تىرىشىپ يۈرۈۋاتسام، ئەمدى ئۇ مۇسۇلمان بولۇپ قالدى. دادامغا ئېيتسام، ياخشى بوپتۇ دېدى. بىر كىمگە دەردىمنى تۆكمىسەم بولمىدى. ئايالىمغا دەپ باقاي.
- خۇتۇن، بىزنىڭ ئۆيدىكى كاتولىك پاپا مۇسۇلمان بوپتۇ. ئۇنىڭ قۇرئان ھەققىدە سۆزلىگەنلىرىنى بىر ئاڭلىغان بولساڭ، كاللام ئېلىشىپ كەتتى...
ئايالىم تۇيۇقسىزلا:
- مەن سەندىن ئاجراشماقچى! – دېدى.
- نېمممە دەۋاتىسەن؟! توختا، نېمە دېدىڭ؟ مەن باشقا گەپ قىلسام، سەن باشقا گەپ قىلىۋاتىسەن.
- ئىسلام ۋە دىن توغرىسىدىكى گەپلىرىڭدىن كېيىن شۇنى چۈشەندىمكى....
- توختا، توختا. سەن خاتا چۈشىنىپ قاپسەن. مەن مۇسۇلمان بولىمەن دېمىدىم. بۇندىن كېيىن مۇسۇلمانلار بىلەن ئارىلاشمايمەن. ماڭا ئىشەنگىن.
- ياق، مەن سەندىن ئاجراشمىسام بولمايدۇ.
- زادى نېمە ئىش بولدى؟
- بىر مۇسۇلمان بىر خرىستىئان بىلەن توي قىلسا بولمايدۇ.
- نېمە؟! مەن ساڭا مەن مۇسۇلمان دېدىممۇ؟ ماڭا قارا، مەن قەسەم قىلاي، مەن مۇسۇلمان بولمايمەن. ئەمدى ماقۇلمۇ؟
- مۇسۇلمان ئەر كىشى خرىستىئان ئايال بىلەن توي قىلسا بولىدۇ.
- مەن دېدىمغۇ ساڭا، مەن مۇسۇلمان بولىمەن دېمىدىم. ئەر-خۇتۇن مۇناسىۋېتىمىزنى بۇزغۇدەك بىر مەسىلە يوقلۇقىنى چۈشەندۈرىۋاتىمەن.
- مەسىلە بار. مۇسۇلمان ئايال كىشى خرىستىئان ئەر بىلەن بىر ئۆيدە ئولتۇرسا بولمايدۇ. مېنىڭ ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغۇم بار. شاڭا سەندىن ئاجراشماقچىمەن.
بۇلارنى ئاڭلاپ ئارقامغا ئۆرۈلۈپ چۈشكىلى تاسلا قالدىم.
- خۇتۇن، ماڭا قارا، راست گەپنى قىلسام مېنىڭمۇ مۇسۇلمان بولغۇم بار ئىدى.
- ياق، مەن ساڭا ئىشەنمەيمەن.
- مەن ساڭا راست گەپ قىلىۋاتىمەن. ساڭا دېمەكچى ئىدىم، راستىنلا مۇسۇلمان بولغۇم بار. ئىككىمىز تەڭلا مۇسۇلمان بولساق، بەك گۈزەل ئىش بولىدۇ، ئەلھەمدۇلىللاھ.
- سەن يا ھازىر يالغان گەپ قىلدىڭ، ياكى بولمىسا بەش مىنۇت ئىلگىرى مۇسۇلمان بولغۇم يوق دېگىنىڭدە. ... ھەر ئىككى خىل ئېھتىمالدا بىر يالغانچى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرغۇم يوق. يۇقال كۆزۈمدىن!
ئۆيدىن چىقتىم. دادامنىڭ ئۆيى تەرەپكە كېتىۋېتىپ «توۋا، ئۆز ئۆيۈمدىن قوغلاندىم. بۇ قانداق بولغىنى؟!» دەپ ئويلاشقا باشلىدىم. مىسىرلىق مۇھەممەدنى ئويغىتىپ، ئۇنىڭغا پاراڭلىشايلى دېدىم. سىرتقا چىقتۇق. تاڭ يۇرىغىچە پاراڭلاشتۇق. مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەكلىكى، قانداق ئىمان ئېيتىش، قانداق ئىبادەت قىلىش قاتارلىقلارنى سورىدىم:
- مەن بۇلارنى چاخچاق ياكى مۇنازىرە قىلىپ سورىمىدىم. بۇلارنى بىلگۈم بار.
ئۇ ماڭا تەپسىلىي، قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرۈپ سۆزلەپ بەردى. توغرا يولنىڭ مۇشۇ ئىكەنلىكىنى بىلدىم. قەتئىي قارارغا كەلمىسەم بولمايتتى. مۇھەممەد ماڭا:
- ئىمان ئېيتىش ئېيتماسلىق ئۆزەڭنىڭ ئىختىيارى. قانداق قىلىشنى ئۆزەڭ تاللا. مەن ساڭا ياردەم قىلالمايمەن. - دېدى.
مۇھەممەد پەرز ناماز ئوقۇۋاتقاندا كەينىدە تۇرۇپ ئۇنى دىققەت بىلەن كۆزەتتىم. ئۇ قىبلە تەرەپكە قاراپ يۈزىنى يەرگە قويۇپ سەجدە قىلىپ ئالەملەرنىڭ رەببى ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى، ئۇنىڭغا ئىتائىتىنى بىلدۈرۈپ ئىبادەت قىلاتتى. مەنمۇ ئۇنى تەقلىد قىلماقچى بولدۇم. ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كۆرمەيدىغان مەخپى بىر يەرگە باردىم. بىر تاختىنىڭ ئۈستىگە چىقتىم-دە، سەجدىگە باش قويدۇم: «ئەي راببىم! مېنى توغرا يولغا باشلىغىن!» دەپ دۇئا قىلدىم. ئۇ كۈنى ئايالىم ۋە دادام بىلەن كۆرۈشتۈم. مۇنچىغا چۈشتۈم (تاھارەت ئالدىم)، مىسىرلىق مۇھەممەد بىلەن كاتولىك پاپادىن مۇسۇلمان بولۇپ ئىسمىنى يەھيا قويغان كىشىنىڭ ئالدىدا «ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللاللاھ ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئابدۇدۇ ۋە راسۇلۇھۇ» دېدىم. ئارقىدىنلا ئايالىم، بىر ئايدىن كېيىن دادام كەلىمەئى شەھەدەت ئېيتتى. بىزدىن كېيىن نۇرغۇن ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان بولدى...»
(50 مىنۇتلۇق بىر فىلىمدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلدىم )
(22) مىسىر: ئوسمانلى يادىكارلىقلىرى
مىسىردىكى ئوسمانلى يالدامىلىرىغا كەلدۇق. بۇ يالدامىلارنى تىلغا ئېلىشتىن ئىلگىرى ئوسمانلى دۆلىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ كايى قەبىلىسىدىن كەلگەن ئوسمان غازى 1299-يىلى قۇرغان ئوسمانلى خاندانلىقى 1922-يىلغىچە ئاسىيا، ياۋرۇپا ۋە ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەدە 620 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ، تېرىتورىيەسى ئەڭ كېڭەيگەن چاغلاردا شىمالدا ۋېنگىرىيە، جەنۇپتا سۇمالى، غەرپتە ئالجىرىيە، شەرقتە ئىراققا قەدەر سۇزۇلغان. ئوسمانلى دۆلىتى ئىسلام شەرىئىتىنى دۆلەت قانۇنى قىلغان بولۇپ، پادىشاھلار ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى خەلىپىسى دەپ ئاتىغان.
پەيغەمبىرىمىزدىن كېيىن ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ 1-خەلىپە بولۇشى بىلەن مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ تاكى 1922-يىلغىچە خەلىپىسىز قالمىغانلىقىنى يۇقىرىدا تىلغا ئالغانىدۇق. موڭغۇل ھۇلاكۇخان 1258-يىلى ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى باغداتنى خانىۋەيران قىلىپ، خەلىپىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، بۇ خەلىپىنىڭ ۋارىسلىرى مىسىردا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرغان. سالاھىددىن ئەييۇبىدىن كېيىنكى مىسىردا مەملۇك ھۆكۈمدارلىرى زامانىدا خەلىپە داۋاملىق بار بولۇپ، گەرچە دۆلەتنىڭ 100% ھوقۇقى قولىدا بولمىسىمۇ، ئەمما سىموۋۇل خاراكتېرلىق بولسىمۇ بارلىقىنى ساقلاپ قالغان.
1453-يىلى ئىستانبۇل فەتھى قىلىنىپ، كۈچلۈك روم ئېمپىراتورلىقى يۇقىتىلىپ ئوسمانلى دۆلىتى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان ئالىملار ئوسمانلى خانى ياۋۇز سۇلتان سەلىم خانغا «مەملۇكلار خەلىپىگە ھۆرمەت قىلمىدى، بىز سىزنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى بولۇشىڭىزنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمىز!» دەپ مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ خەلىپىلىك تاجىنى كېيىشىنى تەلەپ قىلغان. يەنە تۈركچە ئالاقىدار تارىخ كىتابلىرىدا كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان بىر رىۋايەت بار، يەنى سۇلتان سەلىم خاننىڭ خەزىنىدارى ھەسەن ئاغا مۇنداق بىر چۈش كۆرگەن: «بىر كۈنى كېچىدە نۇر يۈزلۈك، سالاپەتلىك تۆت كىشى ئىشىكنى چەككەن. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ قولىدا بىردىن بايراق باركەن. ئىشىكنى چەككۈچى كىشى سۇلتان سەلىم خاننىڭ ئاق بايرىقىنى كۆتۈرگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەزرىتى ئەلى ئىكەنلىكىنى، يېنىدىكى ئۈچ كىشىنىڭ ئەبۇبەكرى سىددىق، ئۆمەر فارۇق، ئوسمان زىننۇرەيىن ئىكەنلىكىنى، پەيغەمبەر (س.ئە.ۋ)نىڭ ئۇلارنى سەلىم خانغا ئۇچۇر يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەنلىكىنى، ئىككى ھەرەمنىڭ خىزمىتى سەلىم خان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىغا بېرىلگەنلىكى، سەلىم خاننىڭ دەرھال بېرىپ بۇ خىزمەتنى قولغا ئېلىشى كېرەكلىگىنى ئېيتقانلىقىنى»نى چۈشىدە كۆرگەن. (مەنبە بۇ يەردە)
بۇنى ئاڭلىغان ياۇز سۇلتان سەلىم خان تېزدىن مىسىر سەپىرىگە چىقىشقا تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان. مەرجى دابىق ئۇرۇشىدا ئابباسىيلارنىڭ مىسىردىكى ئاخىرقى خەلىپىسى ئەل-مۇتەۋەككىل سۇلتان سەلىم خانغا تەسلىم بولغان. سەلىم خان ئۇنى ئىززەت-ئىكرام بىلەن قاھىرەگە يولغا سېلىپ قويغان. كېيىن خەلىپە مۇتەۋەككىل نۇرغۇن ئالىم-ئۆلىمالار، ھۈنەرۋەنلەر ۋە ناتىق كىشىلەر بىلەن بىللە ئىستانبۇلغا كەلگەن. مىسىر ۋە ئوسمانلى ئۆلىمالىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ خەلىپىلىكنىڭ سۇلتان سەلىم خانغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلىشىنى قارار قىلغان. ئەل-مۇتەۋەككىل ئۈستىدىكى خالاتنى چىقىرىپ سەلىم خانغا كىيدۈرگەن. (مەنبە: ئى.ھ.دانىشمەند، «ئىزاھلىق ئوسمانلى تارىخى يىلنامىسى»، 2-جىلد، 37-بەت) بۇ يەردە ئىلگىركىلەرنىڭ ئادىتى بويىچە ئۇنى «سۇلتانۇل ھەرەمەيىن» (ئىككى ھەرەمنىڭ سۇلتانى) دەپ ئاتىغان خاتىبقا سەلىم خان مۇنداق دېگەن:
- مەن ئۈچۈن ئۇ مۇبارەك يەرلەرنىڭ خىزمەتچىسى بولۇشتىن ئارتۇق شان-شەرەپ يوقتۇر. مېنى «خادىمۇل ھەرەمەيىن» (ئىككى ھەرەمنىڭ خىزمەتكارى) دەپ ئاتاڭلار!
1517-يىلى مىسىرنىڭ ئوسمانلى ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرىشىدىن باشلاپ تاكى 1922-يىلى خەلىپىلىك يىقىلغۇچە بولغان 405 يىللىق تارىختا ئوسمانلى تۈرك سۇلتانلىرى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا خەلىپە بولغان.
مىسىردا ئوسمانلىغا ئائىت نۇرغۇن جامە، مەدرىسە، مەدەنىي يادىكارلىقلار، بىنالار ساقلانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈش نېسىپ بولمىدى.
ماۋۇ مەھمەت ئەلى پاشا جامەسى

تۆۋەندىكىسى 1869-يىلى بىنا قىلىنغان رىفائى جامەسى






مىسىردا مەخسۇس تۈركلەر مازارلىقى باركەن. بۇنىڭ ئالدىدىنمۇ كۆپ قېتىم ئۆتتۇق. رەسىمىنى تارتىۋالماپتىمەن.
قەبرىسى مىسىردا قالغان داڭلىق شەخسلەردىن بىرى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى شەيخۇلئىسلامى مۇستاپا سەبرى ئەپەندىدۇر. مۇستاپا سەبرى ئەپەندىنى تونۇشتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئوسمانلىدىكى شەيخۇلئىسلاملىقتىن ئازىراق بايان قىلاي:
ئوسمانلى دۆلىتىدە دىنىي جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى ئىلىم ۋە ھوقۇققا ئىگە بولغان كىشى شەيخۇلئىسلام دەپ ئاتىلاتتى. دىنىي سوئاللارغا ئۇلار بەرگەن جاۋابلار ياكى پەتىۋالار قانۇن سۈپىتىدە ئىشلىتىلەتتى. ئوسمانلى دۆلىتىدە 1424-يىلدىن 1922-يىلغىچە بولغان 498 يىل جەريانىدا جەمئى 131 نەپەر شەيخۇلئىسلام 175 قېتىم ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن ۋەزىپە ئۆتىگەن كىشى 29 يىل، ئەڭ قىسقا ۋەزىپە ئۆتىگىنى 13 سائەت شەيخۇلئىسلام بولغان. پادىشاھ 2-مەھمەتنىڭ قانۇننامىسى بويىچە، شەيخۇلئىسلاملار ئادەتتە پادىشاھلارنىڭ مۇئەللىملىرى ۋە ۋەزىرلەردىنمۇ ئۈستۈن ئورۇنغا ئىگە ئىدى. ئۇلار دۆلەتتىكى ئۆلىمالارنىڭ رەئىسى بولۇپ، ئۇلار بەرگەن پەتىۋالار قانۇن سۈپىتىدە قوللىنىلاتتى.
ئوسمانلىنىڭ ئاخىرقى شەيخۇلئىسلامى مۇستاپا سەبرى ئەپەندى 1869-يىلى تۈركىيە توكاتتا دۇنياغا كەلگەن. كىچىك چېغىدىلا قۇرئاننى تولۇق يادلاپ بولغان. قەيسەرى، ئىستانبۇل قاتارلىق جايلاردا داڭلىق ئۆلىمالارنىڭ قولىدا ئوقىغان. 22 يېشىدا ئىستانبۇل فاتىھ جامەسىدە مۇدەررسىلىك قىلىشقا باشلىغان. زامانىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملارنىڭ قولىدا ئوقۇپ يېتىشكەن مۇستاپا سەبرى ئەپەندى ئەخلاقى پەزىلەتلىك، بىلىملىك، ئەقىل-پاراسەتلىك، تەقۋادار، يىراقنى كۆرەر كىشى بولغاچقا شەيخۇلئىسلاملىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن. ئوسمانلىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى ۋاھدەتتىن خاننىڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى بولغان. مۇستاپا كامالغا ھەربىي ھوقۇق بېرىلىشىگە قارشى چىققان.
مۇستاپا كامال بۇ چاغلاردا پادىشاھ ۋاھدەتتىن خاننىڭ قول ئاستىدىكى ئەسكەرلەردىن بىرى ئىدى. ئاقكۆڭۈل پادىشاھ گېرمانىيەگە بارغاندىمۇ مۇستاپا كامالنى بىرگە ئېلىپ بارغان. ئۇنى يېقىندىن ئەتىۋارلاپ، مۇھىم ھەربى ھوقۇقلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغان. شەيخۇلئىسلام مۇستاپا سەبرى ھەزرەتلىرى مۇستاپا كامالنىڭ ئىدىيىسىدىن خەۋەردار بولغاچقا، پادىشاھنى ئۇنىڭغا كۆپ ھەربىي ھوقۇق بەرمەسلىك ھەققىدە نۇرغۇن قېتىم ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، پادىشاھ بۇنىڭغا قەتئىي قۇلاق سالمىغان. (مەنبە)
1918-يىلى 7-ئايدا تەختكە چىققان پادىشاھ ۋاھدەتتىن خان 1922-يىلى تەختتىن چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ، تۈركىيەدىن قوغلانغان. شۇ چاغلاردا تۈركىيەدىن قوغلانغان مەشھۇر «150 كىشى» ھەققىدە قىسقىچە توختىلايلى:
تۈركچە «يۈز ئەللىلىكلەر» دەپ ئاتالغان تىزىملىكتىكى كىشىلەر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇش ھارپىسىدا يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ دۈشمىنى دەپ ئېلان قىلىنىپ، مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ، چەتئەلگە سۈرگۈن قىلىنغان كىشىلەردۇر. دەسلەپتە بۇ سۈرگۈن قىلىنىشى قارار قىلىنغان كىشىلەرنىڭ سانى 600 نەپەر بولۇپ، لوزان كېلىشىمنامىسىدە چەتكە سۈرگۈن قىلىنىدىغانلارنىڭ سانى 150دىن ئاشماسلىقى كېرەك دەيدىغان بىر ماددا بار بولغاچقا، بۇ سان 150 نەپەرگە چۈشۈرۈلگەن. بۇ 150 نەپەر كىشى مۇستاپا كامالنىڭ بىۋاستە تەستىقى بىلەن تۈركىيە سىرتىغا سۈرگۈن قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىنمۇ جەسىتى تۈركىيەگە كېلىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان. بۇ كىشىلەرنىڭ بىرىنچىسى ئوسمانلىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى ۋاھدەتتىن خان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن باشلاپ، ئوسمانلى ھاكىمىيىتىدە يۇقىرى ئەمەل تۇتقان ۋەزىر، پاشا، مىنىستېر، ئالىم-ئۆلىما، ھەربىي ئەمەلدار، خەزىنىدار... قاتارلىق يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى ئىدى. ئاخىرقى شەيخۇلئىسلام مۇستاپا سەبرى ئەپەندىمۇ ئوغلى بىلەن بىرلىكتە سۈرگۈن قىلىنىدىغانلار تىزىملىكىدە يەر ئالغان.
ئاخىرقى پادىشاھ ۋاھدەتتىن 1922-يىلى سۈرگۈنگە ماڭغاندا بەزىلەر ئۇنىڭغا يېنىدا كۆپرەك پۇل ئېلىۋېلىشنى ئېيتقاندا «ئوسمانلىنىڭ ھېچقانداق بىر خەلىپىسى بەيتۇلمالنى شەخسىي خەجلىگەن ئەمەس» دەپ ئالتۇن ئېلىۋېلىشنى رەت قىلغان. «پۇل بولمىسا چەتئەلدە قانداق جان ساقلايسىز؟» دېگۈچىلەرگە «قۇرۇق نان بىلەن پىياز يەپ جان ساقلارمىز» دەپ جاۋاپ بەرگەن. دېگەندەك ئۇ ئىتالىيەنىڭ سان رېمو شەھرىگە بارغاندىن كېيىن ئائىلىسى بىلەن بىللە ئىنتايىن نامراتلىق ئىچىدە قاتتىق قىينالغان. ئېغىر كېسەل ياتقان چېغىدا ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن مۇستاپا سەبرى ئەپەندىگە ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئاڭلىماي مۇستاپا كامالغا مۇھىم ھەربىي ھوقۇقلارنى تۇتقۇزغانلىقىغا ھازىر قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقىنى، مۇستاپا كامالنىڭ ۋاپاغا جاپا قىلغانلىقىنى ئېيتىپ قاتتىق يىغلاپ كەتكەن. پادىشاھ ۋاھدەتتىن خان 1926-يىلى ئىتالىيەدە ۋاپات بولغان چېغىدا مەھەللىسىدىكى دۇكانچىغا قەرزىنى تۈلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، دۇكانچى ئۇنىڭ جەسىتى قويۇلغان جىنازىنى گۆرەگە ئېلىۋېلىپ، يەرلىكىگە قويغىلى قويمىغان. قىزى ئۆزىنىڭ تويلۇق زىبۇ-زىننەتلىرىنى سېتىپ دادىسىنىڭ قەرزىنى تۆلەپ، مېيىتنى دۇكانچىنىڭ قولىدىن ئالغان. پادىشاھ ۋاھدەتتىن خان جەسىتىنىڭ كاپىر مەملىكەتتە قالماسلىقىنى، تۈركىيەدە يەرلىككە قويۇلۇشىنى، ئەگەر بۇنداق قىلىش مۇمكىن بولمىسا، تۈركىيەگە ئەڭ يېقىن بىر مۇسۇلمان مەملىكەتتە يەرلىككە قويۇلۇشىنى ئۆتۈنۈپ ۋەسىيەت قىلغان بولغاچقا، كېيىن ئۇنىڭ جەسىتى سۈرىيە دەمەشقتىكى بىر قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنغان.
بۇ پادىشاھنىڭ يېقىن دوستى بولغان شەيخۇلئىسلام مۇستاپا سەبرى ئەپەندىگە كەلسەك، بۇ زاتمۇ تۈركىيەدىن سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن مىسىرغا كەلگەن. مىسىرغا دەسلەپ كەلگەندە مىسىردا ھوقۇق تۇتقان بەزى مۇدىرنىزىمچىلار ئۇنى مۇستاپا كامالنىڭ دۈشمىنى دەپ ئۇنىڭغا ناچار مۇئامىلە قىلغان. مۇستاپا سەبرى ئەپەندى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ئېغىر دەرىجىدە يوقسۇللۇق ۋە نامراتلىق ئىچىدە ياشىغان، ئاچ قالغان. لېكىن قىلچە ۋايسىمىغان. ئۇ چاغلاردا مىسىردا ئەڭ ئەرزان يېمەكلىك قۇرۇق پۇرچاق بولۇپ، سەبرى ئەپەندى بىر تاغار پۇرچاق سېتىۋېلىپ، نەچچە ئاي شۇ پۇرچاقنى چەينەكتە قاينىتىپ پىشۇرۇپ يەپ جان ساقلىغان. قازان ئالغۇدەك پۇلى بولمىغاچقا مۇشۇ بىر چەينەكتە ھەم پۇرچاق پىشۇرغان ھەمدە چاي قاينىتىپ ئىچكەن. كېيىن ئوغلى بىر ئەرمەنىي مۇزدۇزنىڭ دۇكىنىدا ئىشلەشكە باشلىغاندىن كېيىن ھال-كۈنى بىر ئاز ياخشىلانغان.
ۋاقىت ئۆتكەنىسىرى مۇستاپا سەبرى ئەپەندىنىڭ يېتىشكەن بىر ئالىم ئىكەنلىكى ئايان بولغاندىن كېيىن ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ ئۆمرىدە ئەرەپچە ۋە تۈركچە نۇرغۇن ئەسەر يېزىپ قالدۇرغان. ماۋۇ ئۇنىڭ بىر كىتابى:
مۇستاپا سەبرى ئەپەندى ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىق، نامراتچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن كۈنلىرىگە قىلچىلىك شىكايەت قىلمىغان، ئەمما ئوسمانلى پادىشاھلىرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر چەتئەللەردە سەرسان-سەرگەردان بولۇپ قىيىنچىلىقتا قالغاندا بۇنىڭغا قاتتىق ئېچىنىپ مۇنداق دېگەن:
«تارىختا مۇشۇنداق زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىر پادىشاھلىق بارمىدۇر؟ چار رۇسىيە پادىشاھلىرىمۇ سۈرگۈن قىلىندى، ئەمما ئۇلارنىڭ يېنىدا كۆپ مىقداردا پۇلىسى بار ئىدى. ھەمدە ئۇلارنى ياۋرۇپادا ئاقسۇڭەكلەر، ئېسىل تەبىقىدىكىلەر قوللاپ ياردەم قىلدى، ئۇلار ئېسىلزادە پېتى ياشىدى.
بىزنىڭكى ئوسمانلى پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرى ماددى، مەنىۋى جەھەتتىن ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچرىدى. جان بېقىش ئۈچۈن ئەڭ مەينەت، پاسكىنا ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ھەتتا ئىشىك باقار، دەرۋازىۋەن بولغانلارمۇ بار. بەزىلەر بۇنىڭغا چىدىماي ئۆلىۋالدى. ئادەمنى شۇنداقمۇ خارلىغان بارمۇ؟! چەتئەلگە سۈرگۈن قىلىپ قوغلىدىڭلار، مەيلى. ئەمما بۇ كىشىلەر ئالتە يۈز يىللىق بىر دۆلەتنىڭ ۋارىسلىرى ئەمەسمىدى؟! سىلەر ياشاۋاتقان زېمىن، راھىتىنى سۈرگەن ئۇ ئوردا-سارايلار ئۇلارغا ئائىت ئىدىغۇ؟!...ئۇلار بارغانلىكى يېرىدە يەنە شۇ مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغۇ! ئۇلارغا بارغان يېرىدە باشقىلارنىڭ قولىغا قاراپ قالمايدىغان دەرىجىدە ئازىراق پۇل، نەپىقە بەرگەن بولساڭلار بولماسمىدى؟!
ھېچ بولمىغاندىمۇ ئۇلارنى مۇشۇنداق بىچارە ھالەتتە كۆرگەنلەرنىڭ «قاراڭلار، بۇ تۈرك مىللىتى نېمىدىگەن ۋاپاسىز، رەھىمسىز، تاش يۈرەك، ۋەھشى-ھە!» دەپ قالماسلىقى، مىللەتنىڭ نامىغا داغ چۈشۈرمەسلىكى ئۈچۈن بولسىمۇ، ئۇلارغا نەپىقە بېرىلگەن بولسىچۇ! ئاھ خۇدايىم، بۇ مۇسۇلمان تۈركنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەرگە ئاھ!...» (مەنبە: تۈركىيە دىيانەت «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»، 31-جىلد، 352-بەت)
1938-يىلى ئىلگىرى چەتئەلگە سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشى مەنئى قىلىنغان قانۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما 1922-يىلدىن 1938-يىلغىچە چەتئەلدە 16 يىل سەرسان بولۇپ، جاپانى يەتكۈچە تارتقانلار كۆڭلى قاتتىق رەنجىگەن بولغاچقا تۈركىيەگە قايتىپ كەلمىگەن.

مۇستاپا سەبرى ئەپەندى 1954-يىلى قاھىرەدە ۋاپات بولغان. مىسىرلىقلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بۇ ئالىمنىڭ نامىزىغا قاتناشقىلى كەلگەنلەر تەھرىر مەيدانىغا سىغماي قالغان.
(23) مىسىر: قاھىرە ئايرودرومىدا
ھەش-پەش دېگۈچە مىسىردىكى ۋاقتىمىزمۇ توشۇپ قالدى. قايتىش بېلىتىمىزنى ئالدىنئالا ئېلىپ قويمىغان بولساق، مېنىڭ يەنە تۆت-بەش كۈن ئارتۇقراق تۇرغۇم بار ئىدى. چۈشتىن كېيىن ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا خوشلىشىپ، ئا ھاجىمنىڭ ماشىنىسىدا قاھىرە ئايرودرومىغا قاراپ ماڭدۇق. قاھىرە خەلقئارا ئايرودرومىنى (يېڭى ئايرودرومنى) تۈركلەر بەئەينى ئىستانبۇلدىكى ئايرودرومغا ئوخشىتىپ ساپتۇ.
بىز سەپەرگە چىقىدىغان چاغدا ئىستانبۇل ئايرودرومىدا ئالدىراشلىقتا قايتىش بىلىتىمىزنى يۈتتۈرۈپ قويۇپتىكەنمىز. بىلەتنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلغان چاغدىلا ئىستانبۇلدىكى بىزگە بىلەت ساتقۇچىغا تېلېفون قىلغان، ئۇ كىشى بېلەتنى بىزنىڭ ئېلخەت ئادرېسىمىزغا يوللاپ بېرىدىغان بولغان. ئامماندىكى مېھمانسارايدا تورغا كىرىپ ئېلخەتتىكى بىلەتنىڭ نۇمۇرىنى خاتىرە دەپتىرىمىزگە يېزىۋالغانتۇق. بۇگۈن قاھىرە ئايرودرومىغا كەلگەندە مىسىرلىق خادىمغا بىلەت نۇمۇرىنى ئېيتىۋىدۇق، دەرھال بىلىتىمىزنى پرىنتېردا چىقىرىپ بەردى.
بىز 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئايرۇپىلانغا كېچىكىپ بەك ئالدىراپ جىددىيلىشىپ ئادەم بولدۇقمىكىن-تاڭ، بوگۇن كەچ سائەت سەككىزدە ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانغا سائەت بەشتە ئايدۇرۇمغا كېلىپ بولدۇق. (سۈتتە ئاغزى كۆيگەن ئادەم قېتىقنى پۈۋلەپ ئىچىدۇ دېگەن ماقال-تەمسىل راستكەن.)
يولدىشىمنىڭ دوستى ھ ھاجىم بىز بىلەن كەلگەن ئىدى. بىر سائەت ئەتراپىدا يولدىشىمغا ھەمراھ بولۇپ يالغۇز قويمىدى. ئۇنىڭ ئىستانبۇلدىكى يېقىنلىرىغا ئەۋەتىدىغان ھەسەل قاتارلىق ئامانەتلىرى بىزنىڭ سومكىدا ئىدى.
سائەت ئالتە بولغاندا سومكا-چامىدانلىرىمىزنى تەكشۈرۈش ئۆتكىلىگە تاپشۇرۇپ پاسپورت تەكشۈرۈش ئورنىغا قاراپ ماڭدۇق. يولدىشىم ھ ھاجىم بىلەن خوشلاشتى. تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىدىن ئۆتۈپ بولغان سومكىلىرىمىزنى ئېلىپ ماڭايلى دەپ تۇرساق، تەكشۈرگۈچى خادىم:
- ماۋۇ سومكىنىڭ ئىچىدىكى چوڭ باكتا نېمە بار؟ ئېچىڭلار، قارايمىز. – دېدى.
- ھەسەل بار، بەش كىلو ھەسەل. – دېدۇق.
- سويۇق نەرسىلەرنى ئايرۇپىلانغا ئېلىپ چىقىشقا بولمايدۇ!
يولدىشىم «ئەمدى قانداق قىلارمىز؟» دەپ بېشىنى تۇتتى. ھ ھاجىم ئەگەر قايتىپ كەتمىگەن بولسا ھەسەلنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرەيلى دەپ، باياتتىن ئولتۇرغان يەرگە چىقىپ قارىۋىدى، ھ ھاجىم ئاللىقاچان كېتىپ قاپتۇ. ئۇنىڭغا ھازىر تېلېفون قىلىپ چاقىرىشىمىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. بۇ ھەسەل بىزنىڭ شەخسىي بويۇم بولسىغۇ بۇ يەردە ئېلىپ قالسا مەيلىتى، ئەمما ھ ھاجىمنىڭ باشقىلارغا ئەۋەتىدىغان ئامانىتىنى بۇ يەردە تاشلاپ قويۇپ كەتسەك يۈزىگە قانداق قارامىز؟! بىزنىڭ تەڭسىقلىق ئىچىدە قالغانلىقىمىزنى كۆرگەن مىسىرلىق خادىم:
- سويۇق نەرسىلەرنى ئۆتكۈزمەيدىغان قائىدىمىز بار. ئەمما سىلەرگە مەيلى دەيلى. بۇنى ئايرۇپىلانغا قولدا كۆتۈرۈپ چىقماڭلار. ئېغىر يۈك-تاقىلارنى بىر تۇتاش ئەۋەتىدىغان يەرگە بېرىۋېتىڭلار. قولدا كۆتىرىپ چىقساڭلار، قەتئى ئۆتكۈزمەيدۇ. – دېدى.
بىز ئاللاھقا شۈكرى دەپ، ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىپ چامىدان سومكىلىرىمىزنى كۆتىرىپ ماڭدۇق. تۈرك ھاۋا يوللىرى ئايرۇپىلانىغا تۈركىيە پۇقرالىرى 30 كىلوگرام، چەتئەللىكلەر 20 كىلوگرام، قولدا كۆتىرىشتە 7-8 كىلوگرام يۈك ئېلىپ چىقالايدىكەن. ئېغىر سومكىلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تۇتاش يۆتكەش ئورنىغا ئۆتكۈزىۋەتتۇق. ۋاقتىمىز ئازادە بولغاچقا ئايرودروم ئىچىدە ئالدىرىماي لاغايلاشقا باشلىدۇق. مەن بىر قانچە پارچە رەسىم تارتتىم.




چامىدان قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزىۋەتكەندىن كېيىن ئايرۇپىلانغا چىقىش كارتى ئالىدىغان يەردىكى مەشغۇلاتچى قىزنىڭ مۇئامىلىسى شۇنداق ياخشى ئىكەن. يېرىم سائەتتىن كېيىن مەسجىدتە يەنە بۇ قىز ناماز ئوقۇغىلى كىرىپتىكەن، ئۇچرىشىپ قالدۇق. ئۇ ماڭا ئاۋۋال سالام قىلدى. ئۇنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسىدىن تەسىرلەنگەچ سەككىز يىل ئاۋۋال بېيجىڭ ئايرودرومىدىكى بىر ئىش ئېسىمگە كەلدى. شۇ چاغدىمۇ 19 كىلولۇق چامىدىنىمنى ئۆتكۈزىۋەتكەندىن كېيىن چېگرىدىن چىقىدىغانلار تولدۇرۇشقا تېگىشلىك بىر جەدۋەلنى ئېلىپ، ئالدىمدا ئۈچرەتتە تۇرىۋاتقان چەتئەللىكلەرنىڭ تولدۇرغىنىغا قاراپ ئېنگلىزچە توشقۇزۇپ، مەشغۇلاتچى خادىمغا بەرسەم، ئۇ جەدۋەل بىلەن پاسپورتۇمغا قاراپ قۇپال تەلەپپۇزدا «سەن جوڭگۇلۇق تۇرۇپ نېمىشقا خەنزۇچە يازماي، ئېنگلىزچە يازىسەن؟ ماڭ، خەنزۇچە يېزىپ كەل!» دەپ قايتۇرىۋەتكەنتى. مېنىڭ كەينىمدە ساقلاۋاتقان ئەللىك-ئاتمىشتەك ئادەم بار ئىدى. مەن كەينىگە قايتىپ جەدۋەلنى خەنزۇچە توشقۇزۇپ ئۇچرەتنىڭ ئەڭ ئارقىسىغا تىزىلىپ تامۇژنىدىن ئۆتكەن ئىدىم. شۇ چاغدا ئويلىغىنىم: مەنغۇ خەنزۇچە، ئېنگلىزچىنى خېلى يامان ئەمەس بىلىمەن. لېكىن خەنزۇچە خەت يازالمايدىغان، ئەمما داۋاملىق چېگرىدىن كىرىپ چىقىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇرلار بار. شۇلار قانداق قىلىدىغاندۇ؟ بىرەرسىگە يازدۇرامدىغاندۇ؟ ياكى مۇئامىلىسى قۇپال بۇ خادىمغا پارا بېرەمدىغاندۇ؟ نېمىشقا مەن ئوخشاش مەزمۇننى ئېنگلىزچە يازسام ئۆتكۈزمەيدۇ؟.......
ئايرۇپىلانغا چىقىدىغان يەنە بىر ئۆتكەلدىن ئۆتىۋاتقاندا مىسىرلىق خادىم يولدىشىمنىڭ تۈركىيە پاسپورتىنى كۆرۈپ تۈركچە گەپ قىلدى، چاخچاق قىلدى، مۇئامىلىسى بەك قىزغىن. مېنىڭ ئۇنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىمنى ئۇققاندىن كېيىن پاسپورتۇمغا قاراپمۇ قويماستىن ئۆتكۈزىۋەتتى. بۇ يەردە يەنە بىر تونۇش تۈرك دوستىمىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالدۇق. يولدىشىم ئۇنىڭدىن: «بۇ مىسىرلىقلار نېمىشقا تۈركلەرگە بۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇ: «بۇ ئايرودرومنى تۈركلەر سالغان، شۇنىڭدىن بولسا كېرەك» دېدى. بەزىلەر مىسىر ئاھالىسىنىڭ 20% تۈرك، يەنى ئوسمانلى خەلىپىلىگى زامانىدىن قالغان، كېيىن قىسمەن ئەرەبلەشكەن تۈركلەر دەپ قارايدىكەن. يەنە بەزىلەر مىسىرنىڭ ئاقسۈڭەكلىرى تۈركلەر دەيدىكەن. راست شۇنداقمۇ بىلمەيمىز.


مىسىرلىق خادىملارنىڭ سىلىق-سىپايە، خوشچىرايى كىشىنى خۇشال قىلىدىكەن. «دىن قېرىندىشىنىڭ يۈزىگە كۈلۈمسىرەپ قاراش سەدىقە بەرگەندەك ساۋاپ» (تىرمىزى: «بىرر»، 36) دەپ مۇسۇلمانلارنى بىر بىرىگە خوشچىراي، ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن قاراشقا بۇيرىغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بولغان ئىنسانلار ھەممە يەردە كىشىنىڭ كۆڭلىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىكەن.
ئايرۇپىلانغا چىقىپ يەرلىشىۋالغاندىن كېيىن، مىسىردا كۆرگەنلىرىمنى ئەسلەشكە باشلىدىم...
كاكتۇس گۈلىنى ياخشى كۆرەتتىم. بۇنداق دېسەم، شۇنچە چىرايلىق گۈللەر تۇرسا، ئاشۇ تىكەنلىك گۈلنىمۇ ياخشى كۆرەمسىز؟ دېيىشىڭىز مۇمكىن. دېگىنىڭىز توغرا، كاكتۇسنىڭ كۆرۈنۈشى بەك چىرايلىق ئەمەس. لېكىن بۇ «كۆرۈمسىز» كاكتۇسنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى رادىئاتسىيە سۆمۈرۈش بولۇپ، ئادەتتە ئەتراپتىكى رادىئاتسىيەنى سۆمۈرۈپ ھاۋانى پاكىزلاشتا دۇنيادا كاكتۇسنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق. ئون نەچچە سائەت كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرىدىغانلار يېنىدا كاكتوس گۈلى قويۇپ قويسا، كومپىيوتېردىن چىققان زىيانلىق رادىئاتسىيەنى سۈمۈرىدۇ دەپ ئاڭلاپ، كاكتۇس گۈلى باقسام، قۇياش نۇرى كۆرمىسىلا سۇلىشىپ، تۈزۈك ئۆسمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىكى كاكتۇس تەشتەكلىرىنى سىرتقا بالىكونغا قۇياش نۇرى چۈشىدىغان يەرگە تىزىپ قويدۇم. يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى جايلاشقان يەرلەرگە ئالىملار كاكتۇس ئۆسۈملۈكى تېرىشنى تەۋسىيە قىلىدىكەن، چۈنكى بۇنداقتا ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق رادىئاتسىيەلەرنى ئۆنۈملۈك ھالدا يۇقاتقىلى بولارمىش. ئاللاھ دۇنيادا ياراتقان ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق ۋەزىپىسى باركەن، بىكارغا يارىتىلغان ھېچقانداق نەرسە يوق.
قاھىرە كۇچىلىرىدا بوش يەرلەردە ئۆسۈپ قالغان كاكتۇسلارغا كۆزۈم چۈشتى. مەن ئۆيدە شۇنچە پەرۋىش قىلساممۇ ئۆسمەي تۇرىۋالغان كاكتۇسلار بۇ يەردە بىر كىم پەرۋىش قىلمىسىمۇ ئۆسۈپ يۇغىناپ كېتىپتۇ. ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم.





قاھىرەدە قويۇق دىنىي كەيپىياتنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. تاكسىلارغا چىقساقمۇ كۆپىنچە ھاللاردا مۇڭلۇق قىرائەت ئاڭلاپ ماڭىدىكەنمىز. ئىستانبۇل، ئەنقەرە كوچىلىرىدا بەزىدە ئۇچرايدىغان ئېلانلاردىكى يېرىم يالىڭاچ ئايال كىشى رەسىملىرىنى دەمەشق بىلەن قاھىرەدە پەقەتلا كۆرمىدۇق. بېيرۇتتا ئىككى يەردە كۆردۈم. مىسىردىكى ئايال ساقچىلار ئاساسەن ھەممىسى دېگۈدەك قارا كۆك رەڭلىق ياغلىق ئارتىدىكەن. ئۇلار كۆزۈمگە باشقىچىلا سالاپەتلىك كۆرۈندى.
مىسىر پاتىمىيلەر سۇلالىسىنىڭ (مىلادى 1000-يىللاردىكى) سەلتەنىتىنى نامايەن قىلىدىغان ھەيۋەتلىك جامە، مەدرىسلەر شۇ چاغدىكى بىناكارلىقنىڭ قانچىلىك تەرەققىي قىلغانلىقىنى، ھاكىمىيەتنىڭ ئىسلامغا قانچىلىك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدىكەن.

تۆۋەندىكى رەسىم ئەزھەر مەسجىدىنىڭ ھويلىسى

قاھىرە بىلەن ئىسكەندىرىيە شەھرىدە كۇچىلاردا يالغۇز سەپەرگە چىققان ياپۇنلارنى، خەنزۇلارنى كۆردۈق. ئۇلار قولىدا مىسىرنىڭ تەپسىلىي خەرىتىسى، قانچىنچى نۇمۇرلۇق كوچا ئاپتۇبۇسنىڭ قايسى بىكەتلەردىن، قانداق رايونلاردىن ئۆتىدىغانلىقى ياكى توختايدىغانلىقى يېزىلغان خەرىتىلەرنى كۆتۈرۈۋېلىپ، كوچا ئاپتۇبۇسلىرىغا چىقىپ ماڭىدىكەن. (بۇنداقتا تاكسىغا كۆپ پۇل خەجلىمەيدىكەن). يولدىشىم بىلەن ئىككىمىز داۋاملىق تاكسىدا مېڭىپتىمىز، ھۇرۇنلۇقىمىزنى تۈزەتمىسەك بولماپتۇ.
قاھىرە شەھرىدە قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن سېلىنغان كۆۋرۈكلەر بەك كۆپكەن. بىز بىر قېتىم ت ھاجىمدىن "نېمانچە جىق كۆۋرۈك بۇ؟" دەپ سورىساق، "بۇ يەردە يېڭى يول ياساۋېتىپ، يول ئېغىزىدىكى بىرەر ئۆي چېقىلىشقا توغرا كەلگەندە، يول ياسىغۇچى تەرەپ قانچە يۇقىرى باھا بىلەن بولسىمۇ بۇ ئۆي يېرىنى سېتىۋالماقچى بولسا، لېكىن ئۆي ئىگىسى ئۆيىنى سېتىپ بېرىشنى قەتئى رەت قىلسا، بۇنداق ئۆيلەرنى مەجبۇرى چاقالمايدۇ. مۇۋاپىق يەرگە كۆۋرۈك سېلىش ئارقىلىق قاتناش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ، شۇڭا كۆۋرۈك كۆپ" دەپ جاۋاپ بەردى. يەنە قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان ئۇزۇن ئۇزۇن تۇنىللارمۇ كۆپكەن.
مىسىر، سۈرىيە قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە داۋالىنىش ئاساسەن ھەقسىز ئىكەن. جامە، مەسجىدلەرنىڭ دوختۇرخانىلىرى باركەن. دوختۇرخانىسى يوقلىرىنىڭمۇ خەير-ساخاۋەت ئورگانلىرى بار بولۇپ، ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەر ئۇ يەرگە بېرىپ ھاجىتىنى ئېيتسا تېگىشلىك يادەمگە ئېرىشەلەيدىكەن. خەلق ئاغرىپ قالسا داۋالىنىشتىن غەم قىلمايدىكەن، شەخسىلەرنىڭ دوختۇرخانا چىقىمىنى تۈلىيەلمەي ئۇ يەر بۇ يەردە، توردا ئېلان بېرىپ ئىئانە توپلاش ئىشلىرى ئاساسەن ئۇچرىمايدىكەن. كۆپ ساندىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ سۈنئى ھەمراسى، ئاتوم بومبىسى گەرچە جۇڭگۇنىڭكىچىلىك تەرەققىي قىلمىغان، جۇڭگۇدا بار بولغان يادرو بومبىسى ئۇلاردا يوق بولسىمۇ، ئەمما خەلق ئاغرىپ قالسا خاتىرجەم ھالدا ھەقسىز داۋالىنىش ئۇمۇمىيۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە جۇڭگۇنىڭ خېلى ئالدىدا ئىكەن دەپ ئويلىدىم.
(24) ئىستانبۇلغا قايتتۇق
مېھرى ئىسسىق مىسىرنى ئەسلەپ خىيال بىلەن ئولتۇرۇپ ئىستانبۇلغا كېلىپ قالغىنىمىزنىمۇ تۇيمايلا قاپتىمەن. قاھىرە بىلەن ئىستانبۇلنىڭ ئارىلىقى 2 سائەتلىك يول ئىكەن. ئاق دېڭىزنىڭ ئۈستىدىن شىمالغا قاراپ ئۇچۇپلا كەپتىمىز. ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ، يۈك-تاقلىرىمىزنى ئېلىپ سىرتقا چىقتۇق.
ۋاھ، بۇ يەر نېمىنداق سۇغۇق؟! ئىككى سائەتنىڭ ئالدىدا قاھىرەدە ياز پەسلى بار ئىدى. مانا ئەمدى بۇ يەردە دېكابىرنىڭ مۇزدەك سوغۇقى. مەن توڭۇپ تىترەشكە باشلىدىم. يولدىشىم بىر تاكسىچى چاقىردى.

ئىستانبۇل شەھرى ئاسىيا بىلەن ياۋرۇپادىن ئىبارەت ئىككى قىتئەنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىر شەھەر. بىز ھازىر ياۋرۇپا تەرەپتىن تاكسىغا چىقتۇق. دېڭىز ئۈستىدىكى ئىككى كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ ئاسىيا تەرەپتىكى ئۆيىمىزگە كېلىۋالدۇق. تاكسىچىغا رەھمەت ئېيتىپ 65 لىرا بەردۇق. يىگىرمە كۈن كۆرمىگەن سۆيۈملۈك ئۆيىمىزمۇ شۇ پېتى تۇرۇپتۇ. ئەمما ئىلگىرى بۇ ئۆي بۇنچىلىك سوغۇق ئەمەستى. يولدىشىم دەرھال پارنى ئېچىپ ئۆينى ئىسسىتىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئۈستۈمگە ئىككى ئۈچ يوتقان ئارتىپ ياتقان بولساممۇ پەقەت ئىسسىمىدىم. قاھىرەنىڭ ئىسسىقىدىن بىراقلا ئىستانبۇلنىڭ سوغۇقىغا تۇتۇلۇش مېنى زۇكام قىلىپ قويمىسىيدى...
ئاخشام ئىسسىمىدىم دېسەم، مانا بۈگۈن ئەتتىگەن بەك ئىسسىپ قىزىتسام ئۆرلەپ، كۆزۈم بىلەن بۇرنۇمدىن بىر نېمىلەر ئېقىپ قوپۇپتىمەن...
يەنىلا يولدىشىم ماڭا قارىغاندا مەزمۇت ئىكەن. مەن ئازىراق ئىسسىق سوغۇق ئالماشقانغا چىدىماي زۇكام بولۇپ قالدىم. ئۇ ھېچنىمە بولمىدى، ئاللاھقا شۈكۈر. ماڭا لازىملىق نەرسىلەرنى تەييارلاپ بېرىپ ئەتىگەندە ئىشقا كەتتى.
كومپىيوتېرنى ئاچتىم. پاھ، بۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە نۇرغۇن ئېلخەت كەپتۇ. ئەڭ دىققىتىمنى تارتقىنى شاڭخەيلىك شىياۋۋىيدىن كەلگەن بىر نەچچە پارچە خەت:
«... مەن ھازىر ئىستانبۇلغا كەلدىم. فاتىخ بىلەن توي قىلدىم. بىر شىركەتتە خىزمەتكىمۇ ئورۇنلاشتىم. ساڭا نەچچە قېتىم تېلېفون قىلسام ئۇلانمىدى. ساڭا نېمە بولدى؟ يۇقاپلا كەتتىڭ. كۆرۈشسەك بولاتتى. ساڭا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار... سېنى سېغىنىپ شىياۋۋىي»
بۇ خەتنى بۇ يەردە دەپ سالدىم، ئەمدى بۇ شىياۋۋىينىڭ ئۇزۇن ھېكايىسىنى باشتىن سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. زېرىكمىسەڭلار، بۇنىمۇ سۆزلىۋېتەي. لېكىن بۇ مەزمۇنلار تۆت ئەرەب دۆلىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ساياھەت خاتىرىسىمۇ ئەمەس. تېمىغا ماس كەلمەيدىغان مەزمۇنلاركەن دېگۈچىلەر ئوقىمىساڭلارمۇ بولىدۇ.
شىياۋۋىي شاڭخەيلىك خەنزۇ قىز. ئاتا-ئانىسى شاڭخەيدىكى مەلۇم بىر داڭلىق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى. بۇ قىز ئامېرىكىدىكى ئىككى ئالىي مەكتەپتىن ماگېستىرلىق دىپلومى ئالغان. ئۆتكەن يىلى شاڭخەي دۇنيا سودا يەرمەنكىسىدە ئالدىراش خىزمەت قىلغان چاغلىرىدىمۇ داۋاملىق ئېلخەت يېزىپ تۇراتتى. بۇ قىز بىلەن تونۇشۇش جەريانىم مۇنداق:
ئنتېرنىتكە خۇمار بولغاندىن باشلاپ خەنزۇچە مۇنبەرلەرگە تۇلا كىرەتتىم. ئۈچ تۆت يىل ئىلگىرى بىر خەنزۇچە مۇنبەرگە كىردىم، تۈركىيەگە توي قىلىپ چىققان نەچچە يۈز خەنزۇ خوتۇن يىغىلغان بىر ئۇنۋېرسال مۇنبەركەن. قارىسام، بۇ يەردە قاتتىق مۇنازىرىلەر قايناپ تۇرىدىكەن. ئادەتتە نېمە تاماق ئەتكەنلىكى، ئۆيىنى قانداق تۇتقانلىقى، بالىسىنى قايسى باغچىغا ئاپىرىپ ئويناتقانلىقى... ھەققىدە پاراڭ سېلىپ، كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ ئولتۇرىدىغان بۇ ئائىلە ئاياللىرى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ھەققىدە پاراڭ چىقىشى بىلەنلا مۇنازىرىگە شۇنچىلىك كىرىشىپ كېتىدىكەنكى، ئېغىر-بېسىق مىجەزىدىن ئەسەرمۇ قالمايدىكەن. ئۆزى ئاشىق بولۇپ تەككەن تۈرك ئېرى مۇسۇلمان تۇرۇغلۇق،بەزىلەر ئىسلامغا، مۇسۇلمانلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى قىلچە يۇشۇرماي ئىپادىلەيدىكەنكى، ئۇلارنىڭ ئەرلىرىگە ئىچىم ئاغرىپ قالدى. (ئەرلىرى خەنزۇچە خەت ئوقۇيالمىغاندىكىن، بۇلارمۇ خاتىرجەم ئىچ قارنىنى بۇشىتىۋالىدىكەن).
ئىچكىرىدە تۈركىيەدىن كەلگەن ئەرلەرگە ئاشىق بولۇپ قالغان خەنزۇ قىزلارمۇ مۇشۇ مۇنبەرگە كىرىپ «قانداق قىلسام ئۇ تۈركنى قولغا كەلتۈرەلەيمەن؟» دېگەندەك مەزمۇنلاردا پات-پات مەسلىھەت سوراپ تۇرىدىكەن.
بىر كۈنى، ئىچكىرىدىكى بىر قىز «مۇسۇلمان بولماسلىقتىن باشقا چارە بارمۇ؟» دېگەندەك بىر مەزمۇندا مەسلىھەت سوراپ تېما يازدى:
«كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر! مەن xxx شەھرىدىن. سىلەر بىلەن تونۇشقىنىمغا ئىنتايىن خۇشالمەن. ماڭا بىر ئىشتا جىددى مەسلىھەت بەرمىسەڭلار بولمىدى. مۇشۇ يەردە تىجارەت قىلىۋاتقان بىر تۈرك يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. توي قىلايلى دەپ تەلەپ قويسام، بۇ يىگىت «مۇسۇلمان بولسىڭىز ئالاي» دېدى. ئىلگىرى بىر ئىتالىيەلىكنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، ئۇنىڭغا توي قىلايلى دېسەم، كاتولىك بولمىساڭ، ئالمايمەن دېگەنتى. ئالتە ئاي ئېنگلىزچە ئىنجىل ئوقۇپ تەييار بولسام، كېيىن مېنى تاشلىۋېتىپ كېتىپ قالدى. ئاچچىقىمدا ئىنجىلنىمۇ ئوقۇماس بولدۇم. ئەمدى بۇ تۈرك مۇسۇلمان بولۇش شەرتىنى قويۇۋاتىدۇ. بۇ تۈرك ئىلگىرى مېنى تاشلىۋەتكەن ئىتالىيانغا قارىغاندا نەچچە مىڭ ھەسسە ياخشى. شۇڭا بۇنى قولدىن چىقىرىپ قويغۇم يوق. مۇسۇلمان بولمىسام زادى بۇ تۈرككە تەككىلى بولمامدۇ؟! مەسلىھەت بەرسەڭلار.»
بۇ قىزنىڭ تېمىسىغا ئىنكاسلارمۇ ۋاشۋاش كېلىشكە باشلىدى:
ئا: يالغاندىن ماقۇل مۇسۇلمان بولدۇم دەپ تېگىۋال، كېيىن بىلگىنىڭنى قىلارسەن.
ئە: ياقەي، مۇسۇلمان بولمىساڭمۇ توي قىلغىلى بولىۋېرىدۇ. مانا مەن مۇسۇلمان بولمايمۇ تۈرك ئېرىم بىلەن توي قىلغان.
ب: كاتولىك بىلەنمۇ يۈرۈپسەن، ئەمدى مۇسۇلماننى تېپىپسەن. بۇتخانىغا بېرىپ راھىپ بولمىغىنىڭ چالا قاپتۇ.
پ: مۇھەببەت چېگرا تونىمايدۇ. ئۇ يىگىتنىڭ ساڭا «مۇسۇلمان بولساڭ ئالىمەن» دەپ شەرت قويۇشى سېنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر سېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسە، ھېچنىمىگە قارىماي ئالىدۇ. مانا بىزمۇ مۇسۇلمان ئەمەس، ئەمما تۈرك ئەرگە تەگدۇق...
ت: ئۇ سېنى ئۇچۇق رەت قىلالماي، دىننى باھانە قىلىۋاپتۇ. ئەمىلىيەتتە دىندا مۇنداق بەلگىلىمە يوق.
ئۇ قىز: ۋاي، راستما؟! ئۇنىڭغا تېگىش ئۈچۈن مۇسۇلمان بولۇشۇم شەرت ئەمەسما؟! ئۇ يىگىتنى خېلى راستچىل سەمىمىيمىكىن دېسەم، ئەسلى مېنى كولدىرلىتىپتىكەندە؟! ئەمما ئۇنى بەك ياخشى كۆرەتتم. بەكلا توي قىلغۇم بار. سىلەر ئاچا-سىڭىللارنىڭ تەجرىبىسىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭغا مۇسۇلمان بولمىساممۇ سەن بىلەن توي قىلالايدىكەنمەن دەپ سىلەرنىڭ تەجرىبەڭلارنى ئېيتىپ قايىل قىلىشقا تىرىشاي. سىلەرگە كۆپ رەھمەت.
...............................
بۇ قىزنىڭ ساددىلىقىغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى-دە، مەنمۇ ئىنكاس يازدىم:
«سىزنىڭ كۆزىڭىز باركەن، ياخشى يىگىتتىن بىرنى تاللاپسىز. ئىنشائاللاھ بەختلىك بولارسىلەر. بىزنىڭ مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان-كېرىم بەقەرە سۈرىسى 221-ئايەتتە «ئى مۇسۇلمانلار! مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغۇچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. (ھۆر) مۇشرىك ئايال (ھۆسنى-جامالى ۋە مېلى بىلەن) سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن دېدەك ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغۇچە مۆمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار...» دېيىلگەن. بۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بولغاچقا بىز مۇسۇلمانلار بۇنىڭغا رىئايە قىلىشقا مەجبۇرمىز. ئۇ تۈرك يىگىت ئىشەنچىلىك، مەسئۇلىيەتچان ئەر ئىكەن. سىزگە راست گەپ قىپتۇ. بۇنداق ئەرلەرنى قەدىرلەش كېرەك. ئىككى دۇنيادا بەختلىك بولاي دېسىڭىز، مۇسۇلمان بولۇڭ. سىزگە بەخت تىلەيمەن.»
مەن بۇ ئىنكاسنى يېزىشىم بىلەن، بىر ئايال «ئىلگىرى مەنمۇ مۇشۇنداق ئاڭلىغان» دېدى. يەنە بىرەيلەن «مەن ئېرىم بىلەن تونۇشقاندا ماڭا ئوقۇپ بېقىڭ دەپ قۇرئان بەرگەن. كېيىن نىكاھ ئوقۇيدىغان چاغدا مۇسۇلمان بولۇپ، ئىسلامغا كىرىڭ دېدى، مەن ھازىرچە كىرگۈم يوق دېدىم. مەيلى ئەمىسە كېيىن كىرەرسىز دەپ نىكاھنى ئوقۇۋەرگەن. مانا ھازىر ئوغلىمىز تۆت ياشقا كىردى. مەن چوشقا گۆشىنى بەك ياخشى كۆرىمەن. يولدىشىم يېمەيدۇ، ئەمما مەن يېسەم قاراپ ئولتۇرىدۇ. مېنىڭ يولدىشىم مۇسۇلمان، ھېيت نامىزىدىن باشقا چاغدا ناماز ئوقۇمايدۇ...» بۇ ئايالنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئېرىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ تائاملىرىنى يېيەلىگەنلىكىدىن قاتتىق پەخىرلىنىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
تېما يازغۇچى قىز «بۇ تۈرك يىگىتكە كۆيدۈم. زادى مۇسۇلمان بولماي تەگسەم بولمامدۇ؟» دەپ يەنە تەكرار سورىدى.
مەن: ئىسلامدىن نېمانچىۋىلا قاچىسىز؟ مانا مەن مۇسۇلمان. ئىسلامدىن ۋاز كەچ دېسىمۇ قەتئى ۋاز كەچمەيمەن. سىز ئاۋۋال ئىسلامنى چۈشىنىپ بېقىڭ. مەن نەدىن كەلدىم؟ نەگە كېتىمەن؟ بۇ دۇنيادا نېمە ئۈچۈن ياشايمىز؟ دېگەنلەرنى ئويلاپ بېقىڭ...ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ دىنىمىزنى چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز.
ئېرىنىڭ ئالدىدا چوشقا گۆشى يېيەلىگەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغان ھېلىقى ئايال ئىنكاس يازدى:
ئاتا-ئانىمىزدىن توغۇلدۇق. ئۆلىمىز يوقۇلىمىز. ئاخىرەتتە بىرىنىڭ تىرىلىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ.
مەن ئىنكاس يازدىم:
ئاخىرەتتە تىرىلمەيدىغانلىقىڭىزنى قانداق ئىسپاتلايسىز؟ بىزنىڭ مۇقەددەس كىتابىمىزدا ئاخىرەت بار دېگەچكە بىز ئاخىرەتكە ئىشىنىمىز. سىز يوق دەيسىز. ماقۇل، سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك ئاخىرەت يوق بولسا، بىز يەنە زىيان تارتمايمىز. لېكىن ئەگەر ئاخىرەت، سۇئال سوراق بار بولسا، سىز قانداق قىلارسىز؟ بىزغۇ ئاخىرەتكە تەييارلىق قىلىپ قويغاندىكىن خاتىرجەم. سىزدەك تەييارلىقى يوقلار قانداق قىلارسىز؟ شۇ چاغدا ۋاي ئېسىت سىزنىڭ ھالىڭىزغا!...
ھېلىقى ئايالنىڭ ئىنكاسى:
ھازىر 21-ئەسىردە ئىلىم-پەن دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز. مىڭ نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى خۇراپىي گەپلەرگە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ.
مەن: مىڭ نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى قۇرئاندا: «قۇياش ئۆز ئوربىتاسىدا ئايلىنىدۇ» (ياسىن سۈرىسى 38-ئايەت)، «ئايمۇ ئۆزىنىڭ بەلگىلەنگەن ئوربىتاسىدا ئايلىنىدۇ» (ياسىن، 39) دەپتىكەن. بۇنىڭ ھەقىقەتەن شۇنداقلىقىنى ھازىرقى ئىلىم-پەن دەلىللىدى. يەنە شۇ كىتابتا بالىياتقۇدىكى تۆرەلمىنىڭ يېتىلىش قەدەم باسقۇچىنى ئېنىق تەسۋىرلەپ بېرىپتىكەن (ھەج سۈرىسى 5-ئايەت، مۇئمىنۇن سۈرىسى 12-14-ئايەتكە قاراڭ). B超 بىچاۋ ئۈسكۈنىسى ئىجاد قىلىنغاندىن كېيىن بۇنىڭ ھەقىقەتەن دەل شۇنداق ئىكەنلىكىنى رەسىمدە، ئىكراندا كۆرسىتىپ ئىسپاتلاپ بەردى. ئەقلىڭىز بولسا ئويلاپ باقمامسىز، مىڭ نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى بىر ساۋاتسىز پادىچى بۇنچە بىلىمنى نەدىن بىلىدۇ؟ نۇرغۇن ھەقىقەتلەرنى قانداقمۇ كىتابلاشتۇرۇپ ئوتتۇرىغا قۇيالايدۇ؟ قۇياش بىلەن ئاي ھەر ئىككىسى بىر ئاسماندا تۇرسا، ئۇلارنىڭ ئايرىم ئايرىم ئوربىتاسى بارلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟ (ئۇ چاغدا تېلىسكوپ يوق). رېنتىگىن، رەسىم ئاپراتى بولمىسا قۇساقتىكى ھامىلىنى قانداق تەسۋىرلەپ بېرەلەيدۇ؟... ئەقلى بار ئادەم ئويلاش كېرەك، مەن نەدىن كەلدىم؟ نەگە كېتىمەن؟ بۇ دۇنيادا نېمىشقا ياشايمەن؟ ... «خۇراپىي»迷信 دېيىشكە توغرا كەلسە، ئەنە شۇ يېيىش-ئىچىش، ئۇخلاش، ماددى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان، ئويلىمايدىغان، ئۆزىنىڭ ياراتقۇچى ئىگىسىنى تونىمايدىغانلارنى دېيىش كېرەك!...
مېنىڭ بۇ ئىنكاسىم سەل ئېغىر كەتتىمۇ ياكى ئۇلارغا جاۋاب بېرىش تەس كەلدىمۇ قانداق، باشقۇرغۇچى مۇنازىرىگە ئارىلىشىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى:
«دىققەت تورداشلار: مۇنبىرىمىزدە ئىلمىي تەرەققىيات كۆز قارىشىغا يات ئىنكاسلار تازىلىنىدۇ. ۋاقىپ بولغايسىلەر.»
دېمەك، بۇ يەردە مېنىڭ ئىنكاسىمنى كۆزدە تۇتىۋاتقىنى ئېنىق. بۇ مۇنبەردە ھەر كۈنى خرىستىئان دىنىنى تەشۋىق قىلىدىغان تېمىلار ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ. ئەمما بۇنىڭغا بەك ئىنكاس چۈشمەيدۇ. ئىسلامنى تەشۋىق قىلىدىغان تېما يوق. لېكىن، ئىسلامغا، مۇسۇلمانلارغا تاقىلىدىغان مەزمۇندىكى تېمىلار بەك ئاۋات. بۇنىڭغا قىزىقىدىغانلار، ئاداۋىتىنى سۆزلەپ ئىچ-قارنىنى بۇشىتىۋالىدىغانلار، ناھەق گەپكە چىدىماي مەندەك ئىنكاس يازىدىغانلار، ھە-ھۇچىلار كىرىپ تېمىنى قىزىتىدۇ.
گەرچە بۇ تېمىغا بىر قانچە ئىنكاس يازغان بولساممۇ تېما ئىگىسىنى قايىل قىلالمىدىم. باشقۇرغۇچى ياپتا گەپ بىلەن ماڭا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. بىر قانچە كۈن مۇشۇ تېمىغا قارايمەن دەپ ئۆيدە تاماق ۋاقتىدا پىشماي يولدىشىمنىڭ قاپىقى بىرئاز تۈرۈلدى... مەنمۇ مۇنازىرىگە ئارىلاشماي بولدى دەپ ئويلىدىم. لېكىن 2 كۈندىن كېيىن مۇشۇ مۇنبەردە بىر قىزدىن قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرىۋالدىم:
«ياخشىمۇسىز! سىزنىڭ Tمۇنبىرىدىكى ئىنكاسىڭىزغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. قارىسام، باشقىلاردىن پەرقلىق سالماق پىكىر قىلىدىكەنسىز. سىز بىلەن تونۇشۇپ دوست بولغۇم بار. مەن ئامېرىكىدا ماگىستېرلىقتا ئوقۇۋاتىمەن. سىنىپتىكى بىر تۈرك ساۋاقدىشىم بىلەن يۈرۈپ توي قىلىشنى مەسلىھەت قىلىشقان. ئۇ مېنى ئىسلامغا كىرىشكە تەكلىپ قىلدى. لېكىن مەن ئىسلام، مۇسۇلمانلار ھەققىدە بىر نەرسە بىلمەيمەن، ئۆگەنگۈم بار. خالىسىڭىز تونۇشۇپ پىكىرلەشسەك. چ چ نۇمۇرۇمxxxx »
بۇ مۇنبەردىكىلەر ئاساسەن مەندەكلەرگە قارشى دەپ ئويلىغانتىم. ئەسلىدە سۈكۈتتە مارايدىغانلارمۇ باركەندە. مەنمۇ ئۇنىڭغا «بولىدۇ، تونۇشساق تونۇشايلى» دەپ خوتمېئىل ئادرېسىمنى ئەۋەتتىم. خەت پەت يېزىشىشقا باشلىدۇق...
شاڭخەيلىك يىگىرمە نەچچە ياشلىق بۇ قىز ئائىلىسىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەتىۋالىق يالغۇز بالىسى بولغاچقا، ئۇلار بۇ قىزىنى بەك باشقۇرۇۋالىدىكەن. ئامېرىكىغا ماڭىدىغان چاغدا دادىسى: «تورمۇش قۇرماقچى بولساڭ، ئىلاجى بار جوڭگۇلۇقنى تاپ. بەك بولمىسا ئامېرىكىلىق ئاق تەنلىك ياكى ياۋرۇپالىق بولسىمۇ بولىدۇ. ئەمما مۇسۇلمانلارغا قەتئى يېقىن كەلمە. تۈركلەرنىغۇ كۆرەر كۈزۈم يوق!» دەپ تاپىلاپ يولغا ساپتىكەن. لېكىن قېرىشقاندەك بۇ قىز ئىستانبۇللۇق ساۋاقدىشى فاتىخنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. فاتىخ ئۇنىڭغا:
- مۇسۇلمان بولغىن، توي قىلايلى. – دەپتۇ. قىز:
- مەن ھازىر ئۆزەمنى بەختلىك ھېس قىلىمەن. دىنغا ئېھتىياجىم يوق. – دېسە، فاتىخ:
- خۇداغا ئىشەنمەيدىغان كاپىر بىلەن بىر ئۆيگە كىرەلمەيمەن. – دەپتۇ. قىز:
- ئۇنداقتا ماڭا پۇرسەت بەرگىن. سېنىڭ دىنىڭنى چۈشىنىپ باقاي. – دەپ مۇنبەرلەرگە كىرىپ مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىلەرگە قۇلاق سېلىۋاتقان ئىكەن.
بۇ قىز بىلەن خەت يېزىشىش جەريانىدا ھېس قىلدىمكى، بۇ قىز ھېلىقى مۇنبەردىكى بەزى ئەسەبىي ئاياللار، يەنى مۇسۇلمان ئېرىنىڭ ئالدىدا چوشقا گۆشى يېيەلىگەنلىكىگە پەخىرلىنىدىغانلارغا ئوخشىمايدىكەن. سىلىق-سىپايە، ئەدەپلىك ئىكەن. مەنمۇ ئۇنىڭ خەتلىرىگە ئەستايىدىل جاۋاب يېزىشقا باشلىدىم. يانفۇن نۇمۇرىمنى دەپ بەردىم.
ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى بىر ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى بۇ قىزدىن تېلېفون كەلدى:
- مەن شىياۋۋىي. ياخشىمۇسەن؟ مەن ھازىر ئىستانبۇلدا. بىر ھەپتىلىك ساياھەتكە كەلگەن ئىدىم. ئەگەر ۋاقتىڭ بولسا كۆرۈشەيلى.
- ۋاھ، مۇشۇنداقمۇ تۇيۇقسىز كېلەمسەن؟ ماقۇل، كۆرۈشەيلى. سەن ھازىر نەدە؟
- مەن فاتىخنىڭ ئۆيىدە. ئەمما ئۆي ئادرېسىنى بىلمەيمەن.
- سىلەر ئاسىيا تەرەپتىمۇ ياكى ياۋرۇپا تەرەپتىمۇ؟
- ئاسىيا تەرەپتە.
- ھە، بىزمۇ ئاسىيا تەرەپتە ئولتۇرىمىز. ئارلىقىمىز ئۇزاق ئەمەسكەن. بۈگۈن نېمە ئىش قىلىسىلەر؟ بىزنىڭ ئۆيگە كېلىشكە ۋاقتىڭلار بارمۇ؟
- بۈگۈن باشقا ئىشىمىز يوق. سەن ئالدىراش بولساڭ، سنى بۈگۈن ئاۋارە قىلمايلى. ئەتە-ئۆگۈنمۇ ۋاقتىمىز كەڭرى.
- ياقەي، ئاۋارىچىلىق ئەمەس. بۈگۈن ۋاقتىمىز بار. ساڭا بىر سائەتتىن كېيىن تېلېفون قىلاي. مۇشۇ نۇمۇر سېنىڭ نۇمۇرۇڭمۇ؟
- ياق، بۇ فاتىخنىڭ نۇمۇرى. تېلېفونىڭنى ساقلايمەن.
- ماقۇل، خوش.
يولدىشىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۇلارنى ئۈسكۈدار دېڭىز ساھىلىدىكى بىر بىلىق كاۋاپخانىسىدا كۈتىۋالماقچى بولدۇق. يولدىشىم فاتىخقا تېلېفون قىلىپ كۆرۈشىدىغان ئۇرۇننى ۋە سائەتنى دېيىشكەندىن كېيىن ۋاقتىدا يېتىپ باردۇق. ئۇلارمۇ دېيىشكەن سائەتتە كەلدى.
بۇ يەرنىڭ بىلىقلىرى مەشھۇر ئىدى. بىرەر سائەتتەك تاماق يەپ ئولتۇرغاندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ ئايلاندۇق. دېڭىز بويىدا ئولتۇرۇپ چاي ئىچكەچ پاراڭلاشتۇق.

يولدىشىم 25 ياشلىق فاتىخ بىلەن ئوبدان چىقىشىپ قالدى. مەن شىياۋۋىي بىلەن كالدىر-كالدىر خەنزۇچە گەپلەشسەم، فاتىخ بۇلارنى چۈشەنمەي، نېمە دېيىشىۋاتىدۇ دېگەندەك يولدىشىمغا قارايتتى. يەڭسىز قىسقا كوپتا كىيىۋالغان شىياۋۋىي مېنىڭ ئۇزۇن كىيىمىم ۋە ياغلىقىمغا قاراپ دېدى:
- ئىستانبۇلنىڭ نەم ئىسسىقىدا تەرلەپ كەتتىم. بۇ كىيىملەردە ئىسسىقلىمىدىڭمۇ؟
- ياق، بۇ كىيىملەر شۇنداق راھەت. ئىسسىقتا تەرلەتمەيدۇ (تەر سۈمۈرىدۇ)، ئاپتاپتا كۆيدۈرمەيدۇ.
- ھە راست، سەندىن بىر گەپنى سوراي. سەن ئىرانغا قانداق قارايسەن؟ ئۇ يەردىكى ھاكىمىيەت خەلققە زۇلۇم سېلىۋاتىدۇ.
- مەن ئىرانغا بېرىپ باقمىدىم. زۇلۇم بارمۇ يوقمۇ بىلمەيمەن. لېكىن ئىراندا ھېچبولمىغاندا دېموكراتىك سايلام بار. خەلق رەھبەرنى ئۆزى سايلاپ تاللىغان بولسا، مېنىڭ ئۇنى ئۇنداق مۇنداق دەيدىغان ھوقۇقۇم يوق.
- مەن ئۇ يەردىكى شەرىئەت تۈزۈمىنى دەۋاتىمەن.
- ئۇ يەردىكى شەرىئەت تۈزۈمىگە مۇسۇلمان خەلق بويسۇنىمىز دەپ چىڭ ھېمايە قىلىپ تۇرغان بولسا، مېنىڭ ئۇنى تەنقىدلەيدىغان ھوقۇقۇم يوق. دىنىنى ياخشى كۆرىدىغان ھەر قانداق مۇسۇلمان كۈچىنىڭ يېتىشىچە شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئىران ھەققىدە مېنىڭ پىكىر بايان قىلىش سالاھىيىتىم يوق. چۈنكى بېرىپ كۆرۈپ باقمىدىم. سىلەر ئامېرىكىدا ئىراننى تىللايدىغان خەۋەرلەرنى تۇلا كۆرىدىغان ئوخشىمامسىلەر؟
- ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دېگەن نامى بولغاچقا سېنىڭ پىكرىڭنى ئاڭلاپ باققۇم كەلدى. باشقىلار ئىسلامنى تېرورچىلارنىڭ، ئوغرىلارنىڭ دىنى دەيدىكەن.
- ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىسى تېرورچىلىقنى، ئوغرىلىقنى تەرغىپ قىلامدىكەن؟ تېرورچى، ئوغرى بولۇڭلار دەپ تەشۋىق قىلغىنىنى كۆردۈڭمۇ؟
- ھى ھى ھى، كۆرمىدىم.
- ئىنسان دېگەن ئاجىز. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدە ياخشىلىرى بولغىنىدەك، ناچارلىرىمۇ بار. بىر ئىككى ناچار ئادەمنىڭ قىلمىشىنى كۆرۈپلا بۇلارنىڭ دىنى مۇشۇنداق دېيىش بىمەنىلىك، قەستەن قۇسۇر تېپىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
- توغرا دەيسەن. مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدە نى نى ياخشى ئادەملەرنى كۆردۈم. ئەمما ئەسكىلىرىمۇ بار.
- كاتولىك پاپالاردىن بەزىلىرى كىچىك ئوغۇللارغا پوخۇرلۇق قىلىپ گېزىت گېزىتلەردە مەشھۇر بولۇپ كەتسىمۇ، بىز ماۋۇ دىنىي زات مۇنداق قىلدى. زادى بۇلارنىڭ كاتولىك دىنى ئۇنداق مۇنداق دەپ دىننى ھاقارەتلىمەيمىز. پەقەت شەخسىنىڭ قىلمىشىنىلا تەنقىد قىلىمىز. بىر مۇسۇلماننىڭ خاتا قىلمىشىنى ئىسلامغا دۆڭگەپ دىننى تەنقىد قىلىدىغانلار يامان غەرەزلىك ئادەملەردىن باشقىسى ئەمەس.
- ھە راست، ئۆتكەندە توردا مەن بىرەيلەننىڭ ئىنكاسىنى ئوقىغانتىم. ئۇنىڭدا «ئىسلامنى بىر يۈكسەك چۇققا دېسەك، بۇنىڭغا يامىشىپ چىقىۋاتقانلارنى مۇسۇلمان دېسەك، بەزىلەر ئەمدىلا تاغ باغرىدا ئۆمىلەۋاتقان بولۇشى، بەزىلەر خېلى ئېگىزگە ياماشقان بولۇشى، بەزىلەر ئوتتۇرىسىغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ھەممىسى مۇسۇلمان بولغان بىلەن سەۋىيە، ساپا ئوخشىمايدۇ» دېگەندەك بىر گەپ باركەن.
...............................
بىزدىن يىراقراق يەردە ئولتۇرغان فاتىخ بىلەن يولدىشىم سائەتكە قارىغاچ يېنىمىزغا كەلدى:
- كەچ بوپ كەتتى. گېپىڭلار تۈگىگەن بولسا قايتساق بولارمىكن؟
- قايتساق قايتايلى. كېيىن يەنە كۆرىشەرمىز ئىنشائاللاھ.
ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ئۆيىمىزگە قاراپ ماڭدۇق. فاتىخ يولدىشىمغا «بۇ قىز مۇسۇلمان بولمىسا ئالمايمەن» دەپتىمىش. يولدىشىممۇ ئۇنىڭغا «بىزمۇ شۇ دىننىڭ ھۆرمىتىنى دەپ بۇ يەرگە كەلدۇق. بولمىسا ۋەتەندە بۇنداقلارغا ئىلتىپات قىلمايمىز. كۆزىمىزگە ئۇز كۆرۈنمەيدۇ» دەپتۇدەك. مەندىن «بۇ قىز قانداقراقكەن؟» دەپ سورىغانتى. «يامان ئەمەس، خېلى تەربىيە كۆرگەن قىزدەك قىلىدۇ» دېدىم.
.............................
كېيىن شىياۋۋىي شاڭخەيگە، فاتىخ ئامېرىكىغا كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق.
شىياۋۋىي ماڭا ھەپتە ئارىلاپ ئېلخەت يېزىپ تۇراتتى. مەنمۇ قىسقا جاۋابلارنى يېزىپ تۇردۇم. بەزىدە شاڭخەيدىكى بىر مەسجىدكە كىرىپ دەرس ئاڭلاۋاتقانلىقىنى، تۇڭگان ئاخۇننىڭ ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىقىنى، لېكىن سۇئالىغا بەرگەن جاۋابقا ئۆزىنىڭ قايىل بولمىغانلىقىنى يازدى.
شىياۋۋىينى ئەڭ قىينايدىغانلار ئاتا-ئانىسى ئىدى. شىياۋۋىيغا «مۇسۇلمان لايىق تاپمايسەن» دەپ جېكىلەپ ئامېرىكىغا يولغا سالغان ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ بىر تۈرك يىگىت بىلەن تېپىشىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق ئاچچىقلىنىپتۇ. ئۇلارنى ئايرىۋەتمەكچى بوپتۇ. قىزنىڭ قەتئى ئىرادىسىنى كۆرگەندىن كېيىن يەنە بۇشىشىپ قاپتۇ. ئارىلىقتا فاتىخمۇ شاڭخەيگە بېرىپ بولغۇسى قېيناتا قېينانىسى بىلەن كۆرۈشكەنمىش. بۇ يىگىتنىڭ كېلىشكەن قەددى-قامىتى، ئەدەپلىك تۇرقى، شىياۋۋىيغا سىلىق-سىپايە مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ئاتا-ئانىسى نائىلاج ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا قوشۇلۇپتۇ. ئەمما دادىسى شىياۋۋىيغا:
- مەيلى، بۇ يىگىت بىلەن توي قىلساڭ قىل. ئەمما ئۇلارنىڭ دىنىغا قەتئى كىرىپ قالما! – دەپ تەنبىھ قىپتۇ. شۇڭا شىياۋۋىيمۇ ئىسلامىي كىتاپ ئوقىسا ياكى مەسجىدكە بارسا بۇلارنى ئاتا-ئانىسىغا قەتئى ئوقتۇرمايدىكەن. بىر كۈنى ماڭا مۇنداق خەت يازدى:
«ئاللاھ قۇرئاندا «ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار» دەپتۇ. مېنىڭ ئاتا-ئانام مۇسۇلمان بولۇشۇمغا جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا مەن ئاتا-ئانامنى رەنجىتمەسلىك ئۈچۈن دىنغا كىرمىسەم توغرا بولامدۇ؟»
مەن جاۋاپ يازدىم:
«سېنى بۇ دۇنياغا ياراتقىنى ئاتا-ئاناڭ ئەمەس، بەلكى ئاللاھ. ئاتا-ئاناڭ پەقەت بىر ۋاستە خالاس. ئاللاھ سېنى ئاتا-ئاناڭنى ۋاستە قىلىپ دۇنياغا كەلتۈردى. (سېنىڭ ئاشقازان،ئۈچەي، يۈرەك، مېڭە، پۇت-قولۇڭنى ئاتا-ئاناڭ ياساپ قۇراشتۇرغىنى يوق) بىزنڭ ھەقىقىي ئىگىمىز ئاللاھ. ئۆلگەندىن كېيىن يەنە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز، ئاتا-ئاناڭمۇ شۇنداق. سەن ھەقىقىي ئىگە بىلەن ۋاستىنىڭ پەرقىنى بىلىشىڭ كېرەك. ھەقىقىي ئىگىمىزگە ئىسيان قىلىش بەدىلىگە ۋاستىغا ئىتائەت قىلساق زىيان تارتىمىز. يەنى، ئاللاھقا ئىسيان قىلىش بەدىلىگە ئاتا-ئانىغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. ئاتا-ئاناڭ سېنى ئاللاھقا قارشى چىقىشقا ئۈندىمىسىلا ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلساڭ، سۆزىنى ئاڭلىساڭ بولىدۇ. ئەمما دىنغا قارشى چىقسا، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغىن. قىيامەتتە ئۇلار سېنى قۇتقۇزالمايدۇ (ئۆزىنىغۇ قۇتقۇزالمايدۇ)...»
.....................................
خەت-چەكلىرىمىز داۋاملىشىپ تۇردى.
مىسىردىن قايتىپ كېلىپ زۇكامداپ بۇرنۇمنى تارتىپ ئولتۇرسام، ئۇنىڭدىن كەلگەن خەت مېنى يەنە مىدىرلاپ ئۆي ئىشى قىلىشقا ئۈندىدى. ئۆيلەرنى تازىلاپ، پىچىنە-پىرەنىك سالدىم. شىياۋۋىيغا «مىسىردىن قايتىپ كەلدۇق. شەنبە كۈنى سېنى بىزنىڭ ئۆيدە ساقلايمەن. ئۆي ئادرېسىمىز xxxxx» دەپ خەت قالدۇردۇم.
شەنبە كۈنى كەچتە شىياۋۋىي، قىينانىسى ۋە فاتىخ ئۈچ كىشى ئۆيىمىزگە كەلدى. شىياۋۋىينىڭ قىينانىسى قىرىق نەچچە ياشلىق، سالاپەتلىك، چىرايلىق چوكان ئىكەن. ياراشتۇرۇپ ئارتقان يىپەك ياغلىقى، رەڭگىنى ماسلاشتۇرۇپ كىيگەن پەلتۇسى ئۇنىڭغا باشقىچە ھۆسىن قوشۇپتۇ. (تۈركلەرنىڭ چىرايى ئالدىدا خەنلەرنىڭ چىرايى چېنىپلا قالىدىكەن دەپ ئويلىدىميۇ، ئەمما بۇنىڭغا دەرھال تەۋبە قىلدىم. ئاللاھ ياراتقان ھەر بەندىنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق گۈزەللىكى بار. ھېچكىم مەن قارا بولاي، ئاق بولاي، پالانىدىن توغۇلاي دېيەلمەيدۇ. ئۇلارنى يارىتىلىشى تۈپەيلى ئۇنداق مۇنداق دەپ كەمسىتىش ياراتقۇچىنىڭ ياراتقىنىنى كەمسىتكەنلىك، ئاللاھنىڭ ئىشىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق. ئاللاھ ساقلىسۇن خەقنى ئۇنداق مۇنداق دەپ باھالاشتىن. مەن قانچىلىكتىم؟!)
سالام-سائەت چايدىن كېيىن رەسمىي پاراڭغا چۈشتۇق. شىياۋۋىينىڭ قېينانىسىنىڭ دېيىشىچە، فاتىخ ھازىر ئامېرىكىدىكى ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ، ئىستانبۇل ئۈنىۋېرسىتىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋېتىپتۇ. (25 ياشلىق فاتىخ شىياۋۋىيدىن 3 ياش كىچىك ئىكەن). شىياۋۋىي تۈركىيەگە كېلىش ئۈچۈن نورمال ۋىزا ئالالمىغاچقا، ئامال يوق فاتىخ بىلەن نىكاھ گۇۋاھنامىسى بىجىرىپ، ۋىزا ئېلىپ كەپتۇ. شىياۋۋىينىڭ ئاتا-ئانىسى ئىستانبۇلدىن خىزمەت تاپمىساڭ بارمايسەن دەپتىكەن، بەختىگە يارىشا ئىستانبۇلدىكى فرانسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدىن بىر خىزمەت تېپىپتۇ. كۈندە سەككىز سائەت كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىكەن. ئىستانبۇلدا بۇ ئىككىسىنىڭ تويىنى قىلىۋېتەيلى دېسە، شىياۋۋىي تېخى مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئۇچۇق جاكالىمىغان بولغاچقا، بۇلار شىياۋۋىيغا ئويلىنىش پۇرسىتى بېرىپ ۋاقتىنچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمەي تۇرۇپتۇ. شىياۋۋىيمۇ خىزمەت ئورنىغا يېقىن بىر يەردە ئىجارىسى قىممەت بىر قىزلار ياتىقىدا تۇرۇۋېتىپتۇ. ھەپتە ئاخىرى قېينانىسىنىڭ ئۆيىگە كېلىدىكەن. بۇلار توي قىلغاندىن كېيىن ئايرىم ئۆيگە چىقماقچىكەن.
شىياۋۋىينىڭ قېينانىسى ماڭا:
- مەن شىياۋۋىينىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى بەكلا ئارزۇ قىلىمەن. ئەمما بۇ قىز ھازىر كاللامدا جىق سۇئال بار دەپ ئېنىق گەپ قىلمايۋاتىدۇ. بۇ قىز ئىمان ئېيتمىسا بۇلارنىڭ نىكاھى سەھىھ بولمايدۇ. بۇنى ئوغلۇمغىمۇ ئېيتتىم. مەن يا خەنزۇچە، يا ئېنگلىزچە بىلمەيمەن. بۇ قىزنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيمەن. بۇ قىز تۈركچە بىلمىگەچكە مېنىڭ نېمە دەۋاتقىنىمنىمۇ چۈشەنمەيدۇ. بولسا بۇ قىزنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بەكلا بىلگۈم بار. – دېدى.
- ئىنشائاللاھ، بۇ قىزمۇ پەيدىنپەي بىلىپ قالار. – دېدىم. باشقا نېمە دەيمەن؟!
شىياۋۋىي ماڭا:
- ئاتا-ئانام مېنى قىزىمىز توي قىلدى. فاتىخ بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇۋاتىدۇ دەپ بىلىدۇ. ئەمما بىز ھازىر ئەر-خۇتۇن ئايرىم تۇرۇۋاتىمىز. فاتىخنىڭ ئوقۇشى تۈگەپ خىزمەت تاپسىلا بىر ئۆيگە كىرىمىز. – دېدى.
قارىغاندا، بۇ قىز توي خېتىنى نىكاھ دەپ قارايدىكەن. ئاخۇنۇم نىكاھ ئوقۇيدىغان ئىشنى بىلمەيدىغان ياكى بەك مۇھىم ئەمەس دەپ قارايدىغان ئوخشايدۇ.
فاتىخنىڭ ئانىسىنىڭ قانچىلىك تىت-تىت بولىۋاتقانلىقى گەپ-سۆزلىرىدىن بىلىنىپ تۇراتتى. بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن فاتىخنىڭ ئانىسى سائەتكە قاراشقا باشلىدى.
- ئەتە ئەتىگەن ئىمتىھانىم بار ئىدى. بىز ماڭايلى.
بۇ تۈركىيەدە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ھەر خىل ئىمتىھانلار ئادەتتە يەكشەنبە كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. فاتىخنىڭ ئانىسىنىڭ ئالدىرىغىنىنى توغرا چۈشەندىم.
- ئابلا (ئاچا)، شىياۋۋىي بۈگۈن بىزنىڭ ئۆيدە قالسۇن. بىز كۆرۈشمىگىلىمۇ ئۇزۇن بولدى. ئەتە چۈشتىن كېيىن يولغا سېلىپ قوياي.
- بۇنداقتا سىلەرگە كۆپ زەخمەت (ئاۋارىچىلىق) بولىدۇ.
- ياقەي، ھەرگىز زەخمەت ئەمەس، رەھمەت بولىدۇ. بۈگۈن راستلا بىزنىڭ ئۆيدە قالسۇن. كۆرىۋاتىسىز، ئۆيىمىز ئازادە.
- ھە، مەيلى ئەمىسە. ئوبدانراق مۇڭدىشىۋېلىڭلار. شىياۋۋىينىڭ سوئاللىرى بارمىش. مېنىڭچە، سەن ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرەلەيسەن.
- جاۋاب بېرەلمىسەم، جاۋاب بېرەلەيدىغانلارنى ئىزلەپ سورارمەن. بەزى سوئاللارنىڭ جاۋابى ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۆزلىكىدىن چىقىدۇ.
- سىلەرنى كۆپ ئاۋارە قىلدۇق. ھەققىڭلارنى ھالال قىلىڭلار. ئاللاھقا ئامانەت، بىز ماڭدۇق.
- خوش، ئاللاھقا ئامانەت!
فاتىخ بىلەن ئانىسىنى ئۇزىتىپ قويدۇق. شىياۋۋىي بىزدە قالدى. بۇ يەردىكى تۈركلەر كەچلىك تاماق يەپ بىرەر ئىككى سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ھەر خىل مېۋە-چېۋىلەرنى بولىشىغا يەيدۇ. مەنمۇ ئۈستەلگە مېۋىلەرنى تىزدىم. يولدىشىم سىلەرگە دەخلى قىلماي دەپ باشقا ئۆيگە ئۇخلاش ئۈچۈن كىرىپ كەتتى. شىياۋۋىيمۇ يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ، چىشىنى چوتكىلاپ چىقتى. ئۆي ئىچىدە راھەت ئولتۇرۇدىغان كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇپ كېيىپ، سالوندىكى سافا ئۈستىدە بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇشتۇق:
- شىياۋۋىي خېنىم، قانداق ئەھۋاللىرى؟
- ھى ھى ھى، ئەھۋالىم ياخشى.
- ئاڭلىسام، بەك جىق سوئاللىرى بارمىش. ئۇيقۇلىرى كەلمىگەن بولسا، بىردەم گوڭۇر-موڭۇر مۇڭداشمايلىمۇ؟
- شۇنداق قىلىلى، ئۇيقۇم كەلمىدى.
- ئۇيقۇڭ كەلسە، تارتىنما. ماۋۇ ئۆينى ساڭا تەييارلاپ قويدۇم، كىرىپ ئۇخلا. كىرلىكلەرنى تېخى باياتتىن ئالماشتۇردۇم. يولدىشىم ئاۋۇ ئۆيدە ئۇخلاپ قالدى. بىزگە دەخلى قىلمايدۇ. سەن ئۆزەڭنىڭ ئۆيۈڭدەك كۆرۈپ راھەت بولغىن.
- ھى ھى ھى، كۆپ رەھمەت! مەن راھەت. سېنىڭ ئۆيۈڭ قېينانامنىڭ ئۆيىدىن راھەتكەن. ئۆرەمنى بۇ ئۆيدە ئەركىن-ئازادە ھېس قىلدىم. ئانا تىلدا گەپ قىلىشمۇ بەك ھۇزۇرلۇق ئىشكەن. قېينانامنىڭ ئالدىدا گاچا بولۇپ قالغانتىم.
- تۈركچە ئۆگىنىۋاتامسەن؟
- توردىن ئانچە مۇنچە ئۆگىنىۋاتىمەن. ئەمما بىر دەمدىلا يەنە ئۇنتۇپ قالىمەن. ماڭا قارىغاندا قېينانام ئېنگلىزچىنى تېز ئۆگىنىۋاتىدۇ. ماڭا دائىم «دۇ يۇ ۋانت چاي؟ دۇ يۇ ۋانت قەھۋە؟» دەيدۇ، ھى ھى ھى.
- قېيناناڭ ئېسىل ئايالكەن.
- باياتتىن تۈركچە كولدىرلىشىپ كەتتىڭلار. قېينانام مەن توغرىلىق بىر نېمە دېدىمۇ؟
- دېمەمدىغان؟! ساپلا سېنىڭ گېپىڭنى قىلىشتۇق.
- ۋاھ، نېمە دېدى؟
- نېمە دەيتتى؟! مەن شىياۋۋىي قىزىمغا بەك ئامراق. ئوغلۇم بىلەن بىر ئۆمۈر بەختلىك بولۇشىنى تۇلىمۇ ئارزۇ قىلىمەن. تۈركىيەگە كېلىش ۋىزىسى بىجىرىش ئۈچۈن توي خېتى ئالدۇق. ئەمدى شىياۋۋىي كەلىمە-شاھادەت ئېيتسا، بۇلارنىڭ دىنىي نىكاھىنى ئوقۇپ، ئىككىسىنى بىر ئۆيدە قويساق بولاتتى دەۋاتىدۇ.
- ھە؟! فاتىخ بىلەن بىر ئۆيگە كىرەلىشىم كەلىمە-شاھادەت ئېيتىشىمغا باغلىق بوپ قاپتىمۇ؟ مەن تېخى فاتىخ خىزمەت تاپقاندىن كېيىن بىر ئۆيگە كىرىمىز دەپ يۈرسەم.
- قېيناناڭ ماڭا شۇنداق دېدى.
- ئەمما دادام ماڭا «ئۇلارنىڭ دىنىغا ھازىرچە كىرمە، 10 يىلدىن كېيىن كىرسەڭمۇ بولىدۇ» دېگەن.
«سېنىڭ داداڭ ئۆزىنى فىقىھ ئالىمى چاغلامدۇ؟ ئۇنداق قىلساڭ بولىدۇ دەپ پەتىۋا بېرىدىغانغا؟» دېمەكچى بولدۇميۇ، ئەمما ئىچىمگە يۇتۇۋەتتىم.
- قۇرئاندا دىندا زورلاش يوق دەپتىكەن – دېدى شىياۋۋىي.
- توغرا دەيسەن. كوچىدا كېتىۋاتقان بىر ئادەمنى تۇتىۋېلىپ ئۇنى دىنىمغا كىر دەپ زورلاشقا بولمايدۇ. ئەمما توي قىلىپ بىر ئۆيگە كىرىدىغانلار بۇ دۇنيادىكى ھايات سەپىرىدە بىر بىرىگە ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بولۇپ بىللە ماڭىدۇ. ھايات سەپىرىدە نەگە بارىدىغانلىقىنى بىلگەن ئادەم ئېزىقماي ماڭالايدۇ. توي قىلىپ بىر ئۆيگە كىرگەن "سەپەرداشلار"نىڭ دۇنيا قارىشى، ئوي-پىكرى بىر يەردىن چىقمىسا، سەپەردە جەڭگى-جېدەل قىلىشىپ بىر بىرىگە خاتىرجەملىك بولمايدۇ. يولدا بىرى ئۇياققا، بىرى مۇياققا دېيىشىپ ياقا-ماقىدىن ئېلىشىپ ئۇرۇشۇپ كەتمىسۇن دەپ، ئوخشاش دۇنيا قاراشتىكى، ئوخشاش نىشاندىكىلەر بىر ئۆيگە كىرسۇن، كېيىنكى پەرزەنتلەر ئانىسى تۈپەيلى يولدىن ئېزىقىپ كەتمىسۇن دېگەن گەپ. توي قىلىش ھەر ئىككى تەرەپنىڭ خالىشى بىلەن بولىدىغان ئىش. تويدىمۇ زورلاش يوق.
- مۇسۇلمانلاردىن توي ئۈچۈن باشقىلارنىڭ دىنىغا كىرىدىغانلار بەك ئاز دەپ ئاڭلىدىم.
- بىز مۇسۇلمانلار ئېتىقادنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىمىز. ئېتىقادىمىزغا زىيان كېلىپ قېلىش ئېھتىمالىدا ئېتىقادىمىزنى ساقلاپ قالىدىغان يولنى تاللايمىز. (خۇتۇن ياكى ئەر ئۈچۈن ئېتىقادتىن ۋاز كېچىش چوڭ زىيان)
- دىنغا ئائىت خېلى ماتىرىياللارنى كۆردۈم. بىز ئىلگىرى مەكتەپتە دىن دېگەن پەلسەپە كاتىگورىيەسىدىكى دۇنيا قاراش دەپ ئۆگەنگەنلىكىمىز ئۈچۈن كاللام بەزىدە گادىرماچ بوپ قالىدۇ.
- دىن سىرتىدىكىلەر دىنغا پەلسەپە كۆزى بىلەن قارايدۇ. ئەمما دىن ئىچىدىكىلەر ئۇنداق ئەمەس. بىز بۇ دىننى ئاللاھتائالا پەيغەمبىرىمىزگە ۋەھيى قىلغان، پەيغەمبەر ئۆزى ئويلاپ تاپمىغان، ئىنسان ئىجاد قىلمىغان دەپ ئىشىنىمىز.
- بىزنىڭ بەزى مۇئەللىملەر دىن قۇرغۇچىلارنى پەيلاسوپقا ئوخشاش دەپ سۈپەتلەيتتى.
- مەن بۇنداق سۈپەتلەشكە قۇشۇلمايمەن. پەيغەمبەر بىلەن پەيلاسوپنىڭ ئاسمان-زېمىن پەرقى بار.
- قانداق پەرقى بار؟
- قانداق پەرقى بولاتتى؟! پەيغەمبەرگە ۋەھيى كېلىدۇ. پەيلاسوپقا كەلمەيدۇ. پەيغەمبەرلەر ئوتتۇرىغا قويغان ھەقىقەتلەرگە مۆمىنلەر جان-جەھلى بىلەن ئەگىشىدۇ. پەيلاسوپلار ئوتتۇرىغا قويغان نەزىرىيەلەرنى بەزىدە سىياسىئۇنلار قوللانغان بىلەن كۆپىنچىسى كىتابلاردا ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ پېتى قالىدۇ. پەيغەمبەر ئۆزى سۆزلىگەننى ئەمىلىيىتىدە ئىجرا قىلىپ ئۆرنەك بولۇپ ماڭىدۇ. (بىزمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىشلىرىنى سۈننەت دەپ دورايمىزغۇ!) پەيلاسوپلار ئوتتۇرىغا قويغان «غايىۋى دۆلەت» دېگەندەك ئوقۇملار ئەمىلىيەتتە ئەمەلگە ئاشماي، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا، خىيالىدا قالىدۇ. ساڭا بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرەي. ئىبنى سىنا دەپ ئاڭلىغانمۇ؟
- ئاڭلىغاندەك قىلىمەن. بىر مۇسۇلمان ئالىمغۇ؟
- شۇنداق. بەزىلەر ئۇنى پەيلاسوپ دەيدۇ. ئىبنى سىنا ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن مەشھۇر ئالىم بولۇپ نۇرغۇن شاگىرتلىرى باركەن. بەزى شاگىرتلىرى ئۇنىڭغا دائىم: «ئۇستازىم، سىز بەك ئۇلۇغ ئادەم، پەيغەمبەردەك شۆھرىتىڭىز بار» دەپ ماختايدىكەن. ئىبنى سىنا: «ئۇنداق دېمەڭلار، مېنى پەيغەمبەرگە ئوخشاتماڭلار» دېسە، «ياق، سىز پەيغەمبەرگە ئوخشايسىز. سىز ئەگەر بىرەر چاقىرىق قىلىدىغان بولسىڭىز، سىزنىڭ كەينىڭىزدىنمۇ نۇرغۇن كىشى جان دىلى بىلەن ئەگىشىپ ماڭغان بولاتتى» دەيدىكەن. بىر كۈنى كېچىدە ئىبنى سىنا ئۇخلىماي يېزىقچىلىق قىلىپ تاڭ ئېتىشقا يېقىن قەلىمنىڭ سىياھى تۈگەپ كېتىپتۇ. سىياھنى باشقا ئۆيدىن ئېلىپ چىقىش ئۆزىگە تەس كېلىپ، يېنىدا ئۇخلاپ ياتقان بىر شاگىرتىنى ئۇيغىتىپتۇ: «شاگىرتىم، تورە ئورنىڭدىن. ماڭا ئاۋۇ ئۆيدىن بىر قۇتا سىياھ ئاچىقىپ بەرگىن». تاتلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىش تەس كەلگەن شاگىرت «ھىم» دەپ قويۇپلا باشقا تەرەپكە ئۆرۈلۈپ ئۇخلاۋېرىپتۇ. ئىبنى سىنا ئۇنى شۇنچە چاقىرىپ ئويغاتسىمۇ قوپقىلى ئۇنىماپتۇ. دەل بۇ چاغدا بامدات نامىزىغا ئەزان ئوقۇلۇپتۇ. ئىبنى سىنا ئۇيقۇسىنى ئاچالماي ئىنجىقلاپ ياتقان شاگىرتىغا قاراپ ئوھسىنغان ھالدا: «سىلەر تېخى مېنى بەزىدە پەيغەمبەرگە ئوخشىتاتتىڭلار. مەن كىم؟ پەيغەمبەر كىم؟ مېنىڭ شاگىرتىم بولغان كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ ئاۋۇ ئۆيدىن سىياھ ئاچىقىپ بېرىشكە يارىمايدۇ. پەيغەمبەرگە ئەگەشكەن كىشى بولسا تاتلىق ئۇيقۇسىدىن دەرھال ئويغىنىپ، سوغۇقتا تالادا ئەزان توۋلاپ يۈرۈيدۇ. مەسجىدكە يۈگرەيدىغانلارنى بولسا دېمەيلا قوياي..» دەپتۇ.
- ھى ھى ھى. قىززىق ھېكايە ئىكەن.
- شۇ ئەمەسمۇ. پەيغەمبەر بىلەن پەيلاسوپلارنى بىر ئۇرۇنغا قويۇشقا بولمايدۇ. پەيغەمبەرلەر ۋەھيىگە تايانغان بولغاچقا ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان ھەقىقەتلەرنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن، تەسىرى كۈچلۈك بولىدۇ. پەيلاسوپلارنىڭكى ئۇنداق ئەمەس.
- بۇ گەپ ئىدىيەمدىن خېلى ئۆتتى.
- ئاللاھقا شۈكرى.
- بىز كىچىكىمىزدىن باشلاپلا ئاتېئىزىم تەربىيىسىدە چوڭ بولغاچقا «خۇدا، تەڭرى» دېگەندەك گەپلەرنى قوبۇل قىلالمايدىكەنمىز.
- ئاتېئىزىم تەربىيىسىگە جىق بولسا ئاتمىش يىل بولغاندۇ. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋاڭلارمۇ خۇداغا ئىشىنىدىغان بولغىيتتى.
- مېنىڭ ئاتا-ئانام ئىشەنمەيدۇ. خەنزۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىشەنمەيدۇ.
- ئىشەنمىسە سىلەرنىڭ تىلىڭلاردىكى «上天,老天爷,上帝,神» دېگەن سۆزلەر قانداق پەيدا بولغان؟ «قەدىمقى خەنزۇ تىلى لوغىتى»دە «天» دېگەن سۆز «تەڭرى، ئاللاھ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ دەپ ئىزاھلاپتۇ.
- خەنزۇلار ئازاتلىقتىن ئىلگىرى ئىشىنىدىكەن. كېيىن ئىشەنمەيدىغان بوپتۇ.
- ھە، مۇنداق دېمەمسەن. ئاتېئىزىم تەربىيىسى نەتىجىسىدە ئىشەنمەيدىغان بولدى.
- ھەئە، بىز مۇشۇ تەربىيىنىڭ مەھسۇلى. شۇڭا مەن بەزىدە خۇدانىڭ بارلىقىنى ئىدىيەمدىن ئۆتكۈزەلمەيمەن.
- سەنچە خۇدا يوقمىدۇ؟
- بار بولسا، بارلىقىنى قانداق بىلىمىز؟ يا كۆرگىلى بولمىسا.
- كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمىغانلىكى نەرسىنى يوق دەپ ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. ئىنساننىڭ كۆرۈش دائىرىسى بەكلا چەكلىك. بىز دائىم كۆز ئالدىمىزدىكى كونكىرت نەرسىلەرنىلا كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى شەيئىلەرگە سەل قارايمىز. مەسىلەن: سەن دەپ باققىنا، كومپىيوتېردا ئىكرانغا قاراپلا ئويۇن ئوينايدىغان ياكى مۇنبەر چۆگىلەپ ئىنكاس يازىدىغانلارنىڭ قانچە پىرسەنتى كومپىيوتېرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پروگرامما، كود، قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىدۇ؟
- كۆپىنچىمىز ئىكران يۈزىگىلا قارايمىز. ئىكران ئارقىسىغا قاراشقا چۇلىمىز تەگمەيدۇ.
- توغرا دەيسەن. ئەگەر ئىكرانغىلا قارىماي، شۇ ئىكراندا كۆرۈنگەنلەرنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى، پروگراممېرنىڭ كىملىكى، كودلار، پروگرامما تىلى، كومپىيوتېرنىڭ قاتتىق، يۇمشاق دېتالىنى تۈزگۈچى، ياسىغۇچى... قاتارلىقلار ھەققىدە ئىزدەنسەك، بۇ ساھەدە مۇتەخەسسىس بولمىساقمۇ ئىشقىلىپ خېلى سەۋىيىلىك بولۇپ قالاتتۇق. لېكىن ھەممە كىشى بۇنداق قىلىپ بولالمايدۇ.
- كۆپىنچە ئىنسانلار كۆز ئالدىدىكىنى كۆرۈپ پەردە ئارقىسىدىكىنى كۆرمەيدۇ دېمەكچىغۇسەن؟
- شۇنداق، كۆرمىگەننى يوق دەپ ئىنكار قىلىش خاتا دېمەكچىمەن.
- بۇغۇ ئىدىيەمدىن ئۆتىدۇ. ئەمما ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغىلى بولمايدىكەن.
- بىز ئادەتتە كۈندۈزى بىرەر باغچىغا بارساق، ئەتراپتىكى دەل-دەرەخلەر، گۈل-چېچەكلەرگە، سەيلە قىلىۋاتقان ئادەملەرگە... قارايمىز. كۆزىمىزگە شۇلار كۆرۈنىدۇ. قۇياش نۇرى بولمىسا، بۇلارنى كۆرەلمەيدىغانلىقىمىز ئېسىمىزگە كەلمەيدۇ. كۈندۈزى ئەتراپىمىزنى يۇرۇتقان نۇرنىڭ ئەڭ كۆپ مەۋجۇتلۇقىنى ئۇنتۇپ قالىمىز. ھالبۇكى، ئەتراپىمىزنى ئەڭ كۆپ نىسبەتتە قورشاپ تۇرغىنى نۇر، يۇرۇقلۇق ئىدى. شۇنىڭدەك، ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىنتايىن كۈچلۈك دەرىجىدە زاھىر بولغاچقا، بىز ئۇنى يەنە ئۇنتۇپ قالىمىز. ھەر بىر نەرسىنىڭ پەردە ئارقىسىنى ئاقتۇرساڭ، بىر ئېنېرگىيە مەنبەسىنى، ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى بايقايسەن.
- ئەمما مەن بايقىيالمىدىم.
- داداڭ سېنىڭ يولۇڭنى تۇسۇپ بايقىما! دەۋاتقاچقا بايقىمىغانسەن، ھى ھى ھى.
- بەلكىم، ھى ھى ھى.
- سەن ياراتقۇچىنى ئىزدەپ باقمىدىڭمۇ؟ تەپەككۇر قىلمىدىڭمۇ؟ ئىزدىمىسەڭ تاپالمايسەن. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئاغزىنى مىدىرلىتىپ ئانىسىنىڭ كۆكسىنى شۇرىمىسا سۈت ئۆزلىگىدىن بوۋاقنىڭ ئاغزىغا ئاقمايدۇ. بوۋاق جېنىدا ئەمگەك قىلىپ سۈت ئىزدەيدۇ.
- سەنچە قانداق قىلسام بۇلار؟
- مۇنداق دەپ دۇئا قىلغىن: «ئەي ياراتقۇچى، ئەگەر سەن ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولساڭ، مەن ئاجىز قولۇڭغا ياردەم قىلغىن. ماڭا ئۆزەڭنى بىلدۈرگىن. مېنى ئەڭ توغرا يولغا باشلىغىن. مەن ھازىر سېنىڭ ياردىمىڭگە موھتاجمەن!»
.................
شىياۋۋىي قولىدا ئاغزىنى تۇتۇپ ئەسنەشكە باشلىدى.
- سېنى ھارغۇزىۋەتتىم. ئۇيقۇڭ كەلگەندۇ، ئەمدى ئۇخلاپ قالغىن. ئەتە كۆرۈشەيلى. ئاشخانا ئەنە، بىرەر نەرسە لازىم بولسا ئۆزەڭ كىرىپ ئالارسەن. خەيىرلىك كېچە!
- خەيىرلىك كېچە!
شىياۋۋىي ئۇخلاش ئۈچۈن كىرىپ كەتتى. مەن ئۈستەلدىكى مېۋە قويۇلغان تەخسىلەرنى يۇغۇشتۇردۇم. ئۇيقۇم كەلمىدى...
(دىققەت: بۇ يازمىدىكى كۆك رەڭلىك سۆزلەرگەمەنبە ئۇلانما يۇشۇرۇنغان. باسسىڭىز مەنبە تور بەت ئېچىلىدۇ)
شىياۋۋىي ئۇخلاش ئۈچۈن كىرىپ كەتتى. مەن ئۈستەلدىكى مېۋە قويۇلغان تەخسىلەرنى يۇغۇشتۇردۇم. ئۇيقۇم كەلمىدى. ئەتە ئەتىگەن ناشتىدا مانتا قىلاي دەپ خېمىر يۇغۇرۇپ، قىيما قىلىپ قويدۇم. خۇپتەن نامىزى ئۇچۇن تاھارەت ئېلىپ جەينىمازدا ئولتۇردۇم.
«... ماڭا جان تۇمۇرۇمدىنمۇ يېقىن بولغان ئاللاھىم، كۆڭلۈمدىكى ھەممىنى سەن بىلىسەن، بۇ قىزنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىمەن. ئەمما بۇ مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس. سەن راھمان (ناھايىتى شەپقەتلىك) ۋە راھىمسەن (مېھرىبانسەن). بىزگە ياردەم قىلىدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن. مۇشۇ قىزنىڭ قەلبىگە بىر مۇسۇلماننىڭ مۇھەببىتىنى سالغان ئاللاھىم، ئۇنىڭ قەلبىگە توغرا دىننىڭ مۇھەببىتىنىمۇ سالغىن!...»
بىر كىشىنى ھىدايەت قىلىش ئىنساننىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش بولسا، پەيغەمبىرىمىز (س.ئە.ۋ) تاغىسى ئەبۇ تالىبنى ھىدايەت قىلالىغان بولاتتى. «ھىدايەت ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، شۇڭا كاپىرلار بىلەن كارىمىز بولمىسۇن» دەيدىغان قاراش توغرا بولىدىغان بولسا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتى ھەمىشە باشقىلارغا ئىسلامنى ئۆگىتىش، ئۇلارنى دىنغا دەۋەت قىلىش بىلەن ئۆتمىگەن بولاتتى. بىز پەقەت كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشىمىز. ئاخىرقى نەتىجە ئاللاھقا مەنسۇپ. يەنى، بىزنىڭ ئىشىمىز سەپەر، زەپەر ئاللاھتىن. ھەدىسلەردە ياخشى نىيەتكىمۇ بىر ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپتىكەن. (مۇسلىم)
شىياۋۋىينى ئىسلامغا كىرگىن دەپ ئۇنىڭغا بېسىم قىلغىلى بولمايدۇ. (فىزىكا قانۇنىدا بېسىم كۈچەيگەنسىرى قارشىلىقمۇ ئوڭ تاناسىپ ھالدا كۈچىيىدۇ ئەمەسمۇ.) فاتىخقا «بۇ قىز كاپىر بولسىمۇ مەيلى نىكاھىڭغا ئېلىيۋەرگىن» دېگىلى تېخىمۇ بولمايدۇ، (بۇ ھەقتە قۇرئاندا ئېنىق ئايەت تۇرسا!) ئەمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟ ھازىرچە بىردىنبىر ئاقىلانە چارە سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈشتەك قىلىدۇ.
پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى بىلالغا «ئەي بىلال، ئەزان ئوقىغىن، ناماز ئوقۇپ راھەتلەيلى» دەيدىكەنمىش. ناماز ئىنساننى ھەقىقەتەن راھەتلىتىدىكەن. ئەڭ ئاددىيسى، چىشلىرىمىزنى چوتكىلاپ تاھارەت ئېلىش ماددى جەھەتتە بىزنى مىكروپتىن تازىلىسا، مەنىۋى جەھەتتە قەلبىمىزنى نۇرلاندۇرىدىكەن. پۈتۈن دىققەتنى يىغىپ ئوقىغان نامازنىڭ كىشىگە بېرىدىغان ھۇزۇرى، خاتىرجەملىك، خۇشاللىق تۇيغۇسىنى تەسۋىرلىمەيلا قوياي. ئاددىيسى، جىسمانىي پايدىسىنى ئېلىپ ئېيتساقمۇ، كۈندە بەش ۋاخ ناماز ئوقىغان كىشى گىمناستىكا ئويناپ يۈرمىسىمۇ بەدەن چېنىقتۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ (بۇ گەپ بەك تومتاق بولۇپ قالدىمۇ-نېمە؟) خەنزۇلارنىڭ قەدىمى تىبابەت كىتابلىرىدا «بېشىنى يەرگە قويۇپ تازىم قىلىش叩头»نىڭ پايدىلىرىنى بەك كۆپ سۆزلەپتىكەن، مۇسۇلمان بولغان بىر خەنزۇ دوستۇمنىڭ بۇددىسىت ئانىسى قىزىغا «كۆپ سەجدە قىلىش سالامەتلىككە پايدىلىق، نامىزىڭنى ئوبدان ئوقۇ!» دەپ تاپىلايدۇ، ئۇنىڭغا ئاناڭ بەك ماددىيەتچىكەن دەپ كۈلىمەن. ئەلكۈيىدىكى بىر تورداشنىڭ دېيىشىچە، «ئامېرىكا ، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىشلەيدىغان ئورۇندا ھازىر «پۇتنى ئاسمانغا قىلىپ تۇرۇش ئەسۋابى 倒立机»دەيدىغان بىر تەنتەربىيە ئۈسكۈنىسى ئومۇملاشقانمىش. بۇ دۆلەتلەردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر خىزمەت ۋاقتىدا كۈنىگە مۇشۇ ئۈسكۈنىدە 5 مىنۇت تۇرۇپ چېنىقىشنى ئادەتلەندۈرگەنمىش. چۈنكى، ئادەم دائىم تىك تۇرغاندا يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى تەسىرىدە 3خىل كېسەللىك كېلىپ چىقىدىكەن:1) يەرنىڭ تارتىش كۈچى قان ئايلىنىشقا تەسىر كۆرسىتىپ دائىم مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، يۈرەك-تومۇر سىستېمىسىغا قان بېسىمى ئارتىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. 2) يۈرەك ۋە ئاشقازان-ئۈچەي يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى سەۋەبىدىن تۆۋەنگە ساڭگىلاش، يۆتكىلىش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدىكەن. 3) تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە بويۇن، مۆرە، بەلدىكى مۇسكۈللەرگە تېخىمۇ زىيادە بېسىم كېلىپ، ھەددىدىن ئارتۇق جىددىيلىشىش، مۇسكۇل چارچاپ زىيانغا ئۇچراش، بويۇن-بەل ئومۇرتقا كېسەللىكى قاتارلىقلارنىڭ ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت كۈنىگە 5 مىنۇت باشنى يەرگە قىلىپ دۇم تۇرۇپ بەرگەندە ئەقىل-ئىدراكى ئېشىپ ئىنكاس قابىلىيىتى يۇقىرىلايدىكەن؛ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ روھنى كۆتىرەڭگۈ قىلىدىكەن؛ ئۇزۇن مۇددەت تىك تۇرۇش ۋە ھارغىنلىقتىن ھاسىل بولغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يېنىكلىتىش، بولۇپمۇ مېڭە-قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا رولى ئىنتايىن چوڭ ئىكەن . مانا بۇ بىز بەختلىك مۆمىن مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك ئىبادىتىمىزنىڭ بىر قىسمى بولغان سەجدە قىلىشنىڭ ھېكمەتلىرىدۇر.» مەنبە بۇ يەردە
قىسقىسى، نامازنىڭ كىشىگە بېرىدىغان ھۇزۇرى، سالامەتلىككە پايدىسىنى سۆزلىسەك تۈگىمەيدۇ. (مۇشۇنى شىياۋۋىيمۇ ھېس قىلالىغان بولسىچۇ كاشكى.) ياۋرۇپادا بەزى كىشىلەر مەخسۇس پىسخولوگىيە دوختۇرلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارغا پۇل بېرىش ھېسابىغا دەردىنى تۆكۈپ يېنىكلەپ قالارمىش. ئىنساننىڭ غەم-قايغۇ، دەرت-ئەلەملىرىنى بىرىگە تۆكۈش ئېھتىياجى ھەمىشە بار (ئاللاھ ئىنساننى مۇشۇنداق تەبىئەتتە ياراتقان). دەردىنى داۋاملىق ئىچىگە يۇتۇش كىشىنى دەرتمەن، خاپىغان قىلىپ قويىدۇ. مەن دەردىمنى نامازدا ئاللاھقا تۆكىمەن-دە، يېنىكلەيمەن، راھەتلەيمەن. تەسەللىيگە، مەنىۋى كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشىمەن. ئىنسان ئاجىز بولغاچقا ئەڭ كۈچلۈك بىرىگە تايانغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن ئاجىزلىقتىن قۇتۇلالايدىكەن.
ناماز ئوقۇپ بولۇپ كۆپ يېنىكلەپ قالدىم. مېنى مۇسۇلمان قىلىپ ياراتقان رەببىمگە كۆپ شۈكۈر قىلدىم. شىياۋۋىيغا بىر نېمىلەرنى چۈشەندۈرىمەن دەپ جىددىيلەشكەن نېرۋىلىرىم تىنچلاندى. باياتتىن ئۆزەمنى توكى تۆگەشكە ئاز قالغان تېلېفون ياكى لاپتوپقا ئوخشاتقان بولسام، ئەمدى نامازدىن كېيىن توك تولۇق قاچىلانغاندەك ياكى ئېنېرگىيە تولۇقلانغاندەك ھېس قىلدىم.
پۈتۈن بىئارامچىلىقىمنى ئۇنتۇپ ئۇخلاش ئۈچۈن ياتتىم. شىياۋۋىيغا ۋاقتىنچە قۇرئان، ئىسلام توغرىسىدا گەپ قىلماي، ئۇ بىزار بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئويلىدىم.
ئەتىسى ئەتىگەندە مانتا ئەتتىم. يولدىشىم باشقا ئۆيدە، بىزگە دەخلى قىلمىدى. شىياۋۋىي بىلەن ئىككىمىز خۇشال كەيپىياتتا ناشتا قىلدۇق.
- شىياۋۋىي، قېيناناڭنىڭ گېپىنىغۇ ئاڭلىدىڭ. بۇ ھەقتە فاتىخ نېمە دەيدۇ؟
- فاتىخ ماڭا تېزرەك بىر ئېتىقاد تاللىغىن. ئەگەر مۇسۇلمان بولمىساڭ، ئەھلى كىتاب بولساڭمۇ بولىدۇ دەيدۇ.
- ھە؟! ئەھلى كىتاب بولۇشنى ئويلاشتىڭمۇ؟
- ئويلىمىدىممۇ ئەمەس، ئەمما...
- ئەمما، نېمە؟
- ئېرىم، قېينانام، قېيناتام ھەممىسى مۇسۇلمان تۇرسا، مەن خرىستىئان ياكى يەھۇدىي بولۇپ يۈرسەم قاملاشماس.
- ھى ھى ھى، خاتىرجەم بول، يەھۇدىي بولاي دەپمۇ بولالمايسەن. يەھۇدىيلار بەرىبىر سېنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى تەۋھىد ئېتىقادى دېسەكمۇ ئەمما «تەڭرى شەنبە كۈنى دەم ئالدى» دېگەندەك گەپلىرى بار. تەڭرى دېگەن ھېرىپ قالىدىغان ئادەم ئەمەس. بەلكىم بۇنى قوبۇل قىلالماسلىقىڭ مۇمكىن. خرىستىئان بولساڭ، قانداق بولاركىن؟
- خرىستىئان بولغۇممۇ يوق. ئۇلارنىڭ «ئۈچ تەڭرى» ئەقىدىسى ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدۇ. ھە راست، سىلەر مۇسۇلمانلار يەھۇدىي مىللىتىگە بەك ئۆچلۈك قىلىسىلەرغۇ؟
- بىز يەھۇدىي مىللىتىگە ئۆچمەنلىك قىلمايمىز. بىر مىللەتنىڭ ئىچىدە ئەسكىسىمۇ بار، ياخشىلىرىمۇ بار. بىز پەقەت بەزى ئىرقچى يەھۇدىيلارنىڭ ناچار قىلمىشىغا نەپرەتلىنىمىز خالاس. قۇرئاندىمۇ پۈتكۈل يەھۇدىي قەۋمىگە ئەمەس، ئاشۇ قەۋمنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئىنسانلارنىڭ قەبىھ قىلمىشلىرىغا لەنەت قىلىنغان. لەنەت قىلىنغىنى ئىنسان ئەمەس قىلمىش!
- يەھۇدىيلاردىنمۇ مۇسۇلمان بولغانلار كۆپكەن دەپ ئاڭلىدىم.
- شۇنداق، مېنىڭ ئۆيۈمدىمۇ مۇھەممەد ئەسەد يازغان «قۇرئان تەپسىرى» بىلەن بىلەن مەريەم كەبىر فايانىڭ Journey Through Ten Thousand Veils» («ئون مىڭ پەردىدىن ئۆتۈش سەپىرى») ناملىق كىتابى بار. بۇلار ھەممىسى كېيىن مۇسۇلمان بولغان يەھۇدىي ئالىملار. بۇلارنىڭ تەقۋالىقىغا ھۆرمىتىم كېلىدۇ.
- بەزى تور بەتلەردە «ئىسلام كاپىرلارنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ»، «خرىستىئان دىنى بولسا مېھرى-شەپقەتنى، رەھىمدىللىكنى تەرغىپ قىلىدۇ» دەپ يېزىپتىكەن...
- ئۇنداق يازمىلارنى مەنمۇ نۇرغۇن قېتىم كۆردۈم. بەزىسىگە ئىنكاس يازدىم .بەزىسى بىلەن كارىم بولمىدى. ھېلىقى ساڭا گېپىنى قىلغان خەنزۇچە ئىسلامىي مۇنبەردىمۇ Molen ئىسىملىك بىر خرىستىئان مۇرىتى قۇرئان-كەرىم تەۋبە سۈرىسىدىكى 111-ئايەتنى نەقىل ئېلىپ «... مۇسۇلمانلار 1400 يىلدىن بۇيان قۇرئاننىڭ ھۆكمى بويىچە دەل مۇشۇنداق قىلىپ (يەنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆلتۈرۈلۈپ) كېلىۋاتىدۇ...» دەپ يېزىپتىكەن. مەنمۇ تەۋرات بىلەن ئىنجىلدىن نەقىل ئېلىپ ئىنكاس يېزىپ قويغانتىم.
- سەن نېمە دەپ يازدىڭ؟
- «تەقسىر، مۇسۇلمانلارغا بەك يۇقىرى باھا بېرىۋېتىپلا. مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان ھۆكمىگە بەزىدە ئەمەل قىلالماي قالغان چاغلىرىمۇ بولغان... سىلى ئايەتنى نەقىل قىلىپ ئالغاندىكىن نېمىشقا داۋامىنىمۇ تولۇق يازمايلا؟ ئايەتنىڭ داۋامى مۇنداق: «.....»».
ئايەتنىڭ تەپسىرى بىلەن نازىل بولۇش سەۋەبىنى يېزىپ قويغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن سورىدىم: «سىلەرنىڭ لۇقا ئىنجىل 12-باب 51-52-جۈملىدە (ئىسا مەسىھ ئىنسانلارغا) «سىلەر مېنى زېمىنغا تىنچلىق ئېلىپ كەلدى دەپ ئويلاپ قالماڭلار. سىلەرگە ئېيتايكى، مەن ئۇرۇش-جېدەل ئېلىپ كەلدىم. بۇندىن كېيىن بىر ئۆيدىكى بەش ئادەم جېدەللىشىدۇ. ئۈچ كىشى ئىككى كىشى بىلەن جېدەللىشىدۇ، ئىككى كىشى ئۈچ كىشى بىلەن...» دەپتۇ. يەنە ماتتا ئىنجىلى 10-باب 34-جۈملىدە «مېنى زېمىنغا تىنچلىق ئېلىپ كەلدىمىكىن دەپ ئويلىماڭلار. مەن دۇنياغا تىنچلىق ئەمەس بەلكى قىلىچ (ئۇرۇش) ئېلىپ كەلدىم» دەپ يېزىپتۇ. بۇ جۈملىلەرنى مەن سىلەرنىڭ ئىنجىلدىن ئۆز پېتى ئالدىم. بۇلارنى قانداق چۈشەندۈرىسىلەر؟ دېدىم. بۇ خرىستىئان مۇرىتى دەرھال «بۇ يەردىكى ئۇرۇش، شەيتانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى كۆرسىتىدۇ» دەپ ئاقلىغاندىن كېيىن «مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ دىنىي تەلىماتى تەۋرات سەۋىيەسىدە توختاپ قالغان» دەپ يازدى. ئۇنىڭغا مەنمۇ ئىنكاس يازدىم: «كونا ئەھدە» «1-سامۇئىل خاتىرىسى» 15-باب 3-جۈملىدە (سامۇئىل تەڭرىنىڭ سۆزىنى شىپى كەلتۈرۈپ ئېيتتىكى)«بۈگۈن ئەمالىقەلەرگە ھۇجۇم قىلىسىلەر. ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ۋەيران قىلىۋېتىڭلار. ئۇلارغا قىلچىلىك رەھىم قىلماڭلار. ئەر-ئاياللار، ياش بالىلار، بوۋاقلار، كالا-قۇيلار، تۈگە-ئېشەكلەر... ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار» دېگەن. يەنە «مىسىردىن چىقىش» بۆلۈمى 32-باب 27-28-جۈملىلەردە «... ئىسرائىلنىڭ تەڭرىسى ئۇلارغا ئېيتتىكى: «ھەر كىشى پىچاقنى بېلىگە قىستۇرۇپ چىقسۇن. تۇرغان يېرىدە چارلىسۇن، بۇ ئىشىكتىن ئۇ ئىشىككە كىرىپ ئۆزىنىڭ قان-قېرىندىشى، دوستى ۋە يېقىنلىرىنى ئۆلتۈرسۇن!» ئۇلار تەڭرىنىڭ دېگىنىنى قىلدى. ئۇ كۈنى پۇقرالاردىن ئۇچ مىڭدەك كىشى ئۆلتۈرۈلدى» دېيىلگەن. بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد (س.ئە.ۋ) بولسا ئۇرۇشتا ئاياللار، بالىلار، بوۋاقلار...نى ئۆلتۈرۈشنى قاتتىق مەنئى قىلغان. سىلى بۇنىڭدىن تامامەن خەۋەرسىز ئوخشايلا..»
- مەن بۇلارنى بىلمەيدىكەنمەن. راستلا شۇنداقمۇ؟
- ئىشەنمىسەڭ ئۆزەڭ كۆر، مانا مەنبە. ساڭا يالغان گەپ قىلىشتىن ئاللاھ ساقلىسۇن.
- مەنمۇ ئامېرىكىدا خرىستىئانلارنى كۆپ كۆردۈم. ئۇلارنىڭ دىنىغا قىزىقمايمەن. مۇسۇلمان بولاي دېسەم، ئىسلام ماڭا ناتونۇش. بەزى ئوقۇملارنى پەقەت چۈشەنمەيمەن.
- سىلەر خەنزۇلارنىڭ يەرلىك دىنىڭلار داۋجىياۋ (تاۋئىزىم) توغرىسىدا ئىزدىنىپ باقتىڭمۇ؟
- ئىزدەنمىدىم. ئەمما ئۇنى قوبۇل قىلالايمەن.
- ئۇنداق بولسا سەن ھازىر كوڭزى بىلەن لاۋزىنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشىنىپ باققىن. كاللاڭدا دىن، ياراتقۇچى، دۇنيا، ئاخىرەت توغرىسىدا مۇئەييەن بىر ئوقۇم پەيدا بولسا، كېيىنچە ئىسلامنى چۈشىنىشمۇ ئاسانلىشىپ قالار.
- كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چۈشەنمەك بەك تەس.
- توردا پروفېسسورلارنىڭ سۆزلىگەن لېكسىيەلىرى بار، شۇلارنى ئاڭلىساڭ ئاسان چۈشەنگىلى بولىدۇ.
- بۇ گەپ ماڭا بەك خوش ياقتى، شۇ ئەمەسمۇ، ئۆزەمنىڭ ئاتا-بوۋامنىڭ دىنىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، باشقىلارنىڭكىنى قانداق چۈشىنەلەيمەن؟ ئاۋۋال ئۆزەمنىڭكىنى چۈشىنىپ باقاي.
- بىر گەپنى دېسەم كۆڭلۈڭگە كەلمىسۇن، سەن بىز مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئۇزۇن كىيىملەرنى كىيىشىمىز، ياغلىق ئارتىشىمىز، ھىجاپلىنىشىمىزنى ئىدىيەڭدىن ئۆتكۈزەلمەيسەن، شۇنداققۇ؟
- سەن قانداق بىلىۋالدىڭ؟ (شىياۋۋىي ھۈپپىدە قىزاردى)
- سەنلا ئەمەس، مۇسۇلمان ئائىلىدە تۇغۇلغان خېلى قىزلارمۇ ھازىر ھىجاپلىنىشنى بەك خالاپ كەتمەيدۇ.
- توغرا دەيسەن. راستىنى دېگەندە، ئەرلەر ياغلىق ئارتمايدۇ، قىسقا يەڭ كىيىملەرنى كىيەلەيدۇ. ئەمما ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتىش، ھىجاپلىنىشقا بۇيرۇلۇشى تازا ئادىل ئەمەستەك تۇيۇلاتتى. بىر قېتىم شاڭخەيدە بىر خۇيزۇ ئايالدىن سورىسام، ئاياللارنى ئاسراش ئۈچۈن شۇنداق بەلگىلەنگەن. شاكىلى مۇستەھكەم مېۋە، مەسىلەن ياڭاق ئاسان بۇزۇلمايدۇ. پوستى نىپىز شاپتۇلنى ساقلاش تەس دېگەندەك گەپلەرنى قىلغانتى.
- ئۇنداق بولسا ساڭا دەپ قوياي، سىلەرنىڭ بۇندىن 2500 يىل ئىلگىرى ياشىغان ئۆلىمايىڭلار كوڭزى ئەمەلدار بولغان چېغىدا ئەرلەرگە ئايرىم يول، ئاياللارغا ئايرىم يول ياسىتىپتىكەن. بىز مۇسۇلمان ئاياللار ھىجاپلىنىپ يات ئەرلەرگە ئۆزىمىزنى كۆرسەتمىسەكمۇ، ئەمما ئەرلەر ئايرىم يولدا، ئاياللار ئايرىم يولدا ماڭىدىغان دەرىجىدە ئەمەسمىز.
- سەن بۇنى نەدىن ئاڭلىدىڭ؟
- شاڭخەي رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتىدىكى پروفېسسور باۋپىڭشەن 鲍鹏山نىڭ كوڭزى ھەققىدە سۆزلىگەن 18 قىسىملىق لېكسىيەسىدىن ئاڭلىدىم.
- مەنمۇ چوقۇم بىر ئاڭلاپ باقاي.
- يەنە سىلەرنىڭ بۇندىن 3000 يىل بۇرۇنقى مۇقەددەس كىتابىڭلار «黄帝内经»دا ئەر كىشىنىڭ تەبىئىتى بىلەن ئايال كىشىنىڭ تەبىئىتىنىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقى، ئايال كىشىنىڭ ئۆزىنى، ۋۇجۇدىنى يۆگەپ يۈرۈشى، باشقىلارغا ئاشكارا قىلماسلىقىنى سۆزلەپتۇ.
- سەن بۇنى نەدىن ئاڭلىدىڭ؟
- بېيجىڭ جۇڭگۇچە داۋالاش (جۇڭيى) ئۇنىۋېرسىتى پروفېسسورى چۈلىمىن曲黎敏 خانىم سۆزلىگەن دەرستە ئاڭلىدىم. ئۇ ھەتتا ئاياللار يېرىم-يالىڭاچ يۈرسە دۇنيادا ئاپەت بولىدۇ. ئاياللار ئۆزىنى يۆگەپ يۈرمىسە تۇپراق قۇملىشىپ كېتىدۇ، يەردىن ھۇسۇل ئالغىلى بولمايدۇ... دېگەندەك سۆزلەرنى سۆزلىدى. سىلەرنىڭ قەدىمىي دىنىڭلاردىمۇ ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئوخشاش بولىۋېلىشى، يېرىم يالىڭاچ يۈرۈشىنى شۇملۇقنىڭ، پالاكەتنىڭ بىشارىتى دەيدىكەنغۇ؟!
- ئادرېسىنى بەرگىن قاراپ باقاي.
- مانا ئادرېس، 6-قىسىم، 19-مىنۇتتىن 21-مىنۇتقىچە بولغان 2 مىنۇتلۇق يېرىنى ئاڭلاپ باق.
- ھە، ئاجايىپ ئىش، ئىلگىرى دىققەت قىلماپتىكەنمەن.
- سەن مۇسۇلمان ئاياللارلا ياغلىق ئارتىدۇ دەپ ئويلاپ قالمىغىن. يەھۇدىي، خرىستىئان، كاتولىك، ئورتودوكس (پراۋوسلاۋىيە) دىنىدىكى راھىبەلەرمۇ ياغلىق ئارتىدۇ.


رۇسيەنىڭ جۇمھۇررەئىسى دىمىترى مېدۋېدېۋنىڭ ئايالىمۇ چىركاۋغا كىرسە ياغلىق ئارتىۋالىدىكەن.

سىلەرنىڭ داۋجىياۋ راھىبەلىرىمۇ چېچىنى، بەدەن شەكلىنى كۆرسەتمەي كىيىم كىيىدىكەن.

- مەن ماۋۇ ھەپتە ئىچىدە كۇڭزىغا ئائىت لېكسىيەلەرنى بىر ئاڭلاپ باقاي.
- شۇنداق قىلغىن. خالىساڭ بىزنىڭ كومپىيوتېردا چۈشۈرۈپ، بارماق دىسكاڭغا قاچىلىۋالغىن، ئاسانراق كۆرەرسەن.
- ماقۇل، مەن چۈشۈرۈشنى باشلىدىم ئەمىسە.
................................
شىياۋۋىي ياڭيۇ (土豆) تورىدىن باۋپىڭشەننىڭ 18 قىسىملىق لېكسىيەسىنى چۈشۈرۈشكە باشلىدى. مەن ئاشخانىغا كىرىپ كەتتىم. قاچا-قۇمۇچلارنى يۇغۇشتۇرىۋاتسام يېنىمغا كەلدى:
- سېنىڭچە كوڭزى پەيغەمبەرمىدۇ؟
- بىلمەيمەن.
- بەزى خەنزۇ مۇسۇلمانلار كوڭزى پەيغەمبەر ئىدى دەيدىكەن.
- كوڭزىنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى قوبۇل قىلغىلىمۇ، رەت قىلغىلىمۇ بولمايدۇ.
- بۇ نېمە دېگىنىڭ؟
- ئۇنى پەيغەمبەر دېيىش ئۈچۈن ئاللاھتىن ۋەھيى ئالغانلىقىنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەك. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ۋەھيى ئالغانلىقىنى بىلمەيمىز. «پەيغەمبەر ئەمەس!» دەپ ئېنىق كېسىپ ئېيتىشقا بولمايدۇ دېيىشىمدىكى سەۋەپ قۇرئاندا «ھەر ئۈممەتكە بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق» (يۇنۇس 10:47؛ فەتىر 35:24؛ نەھل 16:36)، «ئى پەيغەمبەر، سەندىن ئىلگىرى بىز ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ساڭا بايان قىلىپ بەرگەنلىرىمىزمۇ، بايان قىلىپ بەرمىگەنلىرىمىزمۇ بار» (مۆمىن 40:78) دېگەن ئايەت بار. يەنە كوڭزىنىڭ ئەسىرى «论语»دىكى بەزى مەزمۇنلار بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىگە ئوخشىشىپ كەتكەچكە بەزىلەر ئۇنى پەيغەمبەر بولۇشى مۇمكىن دەيدىكەن. شۇڭا مەن بىلمەيمەن دېدىم. بۇ ئىش قىيامەتتە ئايان بولىدۇ. (سەن ئۇ قەدىمىي پەيغەمبەرلەرنى ئويلىماي ئەڭ يېڭى ۋە ئاخىرقى پەيغەمبەر (مۇھەممەد س.ئە.ۋ)گە ئەگەشسەڭچۇ! دېدىم ئىچىمدە)
- كوڭ فامىلىلىك خۇيزۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنى كۆڭزىنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدىكەن.
- مەنمۇ توردىن شۇنداقراق بىر خەۋەر ئوقىغىنىم ئېسىمدە.
- لاۋزى كوڭزىنىڭ ئۇستازىغۇ؟
- ھەئە، مەنمۇ شۇنداق ئوقىدىم. كوڭزى ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە لاۋزىنىڭ يېنىغا تەلىم ئالغىلى بارغانمىش، لاۋزى ئۇنىڭغا مۇھىم ئۈچ تۈرلۈك نەسىھەت قىلغانمىش. بۇ كوڭزىنىڭ بىر ئۆمۈر ھاياتىغا تەسىر قىلغانمىش.
- جوڭگۇدىكى داۋجىياۋ دىنى مۇشۇ لاۋزىنىڭ «道德经»نى ئۆزىگە دەستۇر قىلىدۇ.
- لېكىن، داۋجىياۋ دىنى لاۋزى ئۆلۈپ يەتتە-سەككىز يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن شەكىللەنگەن.
- بۇنى مەنمۇ ئوقىغان. مىلادى 2-ئەسىردە بۇددا دىنى ھىندىستاندىن كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن داۋجىياۋ دىنى رەسمىي سىستېمىلىشىپ شەكىللىنىشكە باشلاپتىكەن.
- لېكىن كېيىن بۇددا دىنىدىن كۆپ نەرسە ئۆگىنىپتىكەنغۇ؟! بۇت-ھەيكەللەرنى ياساشنى شۇلاردىن ئۆگەنگەندۇ بەلكىم. لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتىدىكى مۇسۇلمان پروفېسسور دىڭشېرېننىڭ بىر ماقالىسىنى ئوقىغانتىم، ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، ھازىرقى داۋجىياۋ بىلەن 2600 يىل ئىلگىرىكى لاۋزىنىڭ ئىدىيىسىدە كۆپ پەرق باركەن.
- بۇنداق بولۇشى تەبىئى. خەنزۇلار كوڭزى، لاۋزى قاتارلىق ئىنسانلارنىڭ ھەيكەللىرىنى كېيىن ياساپ چىقىپ، بۇددا راھىپلىرىدىن ئۆگەنگىنى بويىچە كۈجە كۆيدۈرۈپ.....
- سەن «مەن دىن توغرىسىدا ھىچنېمە بىلمەيمەن» دەيتتىڭ. ئاتا-بوۋاڭنىڭ دىنىدىن خېلى خەۋىرىڭ باركەن.
- بۇنچىلىك نەرسىنى بىلمىسەم سەت تۇرا. مەن ئۇلارنى چۈشىنەلەيمەن. لېكىن ئىسلام ماڭا نىسبەتەن بەك ناتونۇش بولغاچقا ئانچە چۈشىنەلمەيمەن. كوڭزى، لاۋزىلارنىڭ ئىدىيىسىنى بىر ئاز چۈشەنگەندىن كېيىن بۇ چۈشەنچىلىرىمنى ئىسلام ھەققىدە ئۆگەنگەنلىرىم بىلەن باغلاشتۇرۇپ تەھلىل قىلسام، كاللامدىكى مەسىلىلەر ھەل بولغان بولاتتى.
- خالىساڭ شۇنداق قىلغىن.
- فاتىخقا باشقا دىننىڭ گېپىنى قىلسام قاپىقى تۈرۈلۈپ قالىدۇ. سېنىڭ مېنى چۈشەنگىنىڭگە رەھمەت.
- تۈزۈت قىلما. ئىمان دېگەن قەلبتە تەستىق، تىلدا ئىقرار بىلەن بولىدۇ. مەن سېنىڭ راستچىللىقىڭغا ئامراق.
- ۋاي، راستما؟! (شىياۋۋىي كۈلدى)
- تەيۋەنلىك بىر قىزنىڭ كىتاۋىنى ئوقىغانتىم. بۇ قىزمۇ كىچىكىدىن باشلاپلا داۋجىياۋ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلغاچ چوڭ بولغان ئىكەن. دەرىجىسى خېلى يۇقىرى دىنىي زات بوپتىكەن. بۇ قىز كېيىن تەيۋەندە ئىككى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپتۇ. خرىستىئان دىنىنى مەخسۇس تەتقىق قىپتۇ. ئاخىرىدا مۇسۇلمان بوپتۇ.

- خالىساڭ بۇ كىتابنى سەنمۇ كۆرۈپ باق. مانا، توردىن چۈشۈرگەنتىم. كىتابنى ئۇنىڭغا بەردىم.)

- كۆپ رەھمەت!
- ئەرزىمەيدۇ.
شىياۋۋىيغا تېلېفون كەلدى. فاتىخ ئۇنى ئالغىلى بىزنىڭ ئۆيگە كەلمەكچى ئىكەن. ئۇ كومپىيوتېردا چۈشۈرگەن لېكسىيەلەرنى بارماق دېسكىغا قاچىلاپ، مەن بەرگەن بىر ئىككى كىتابنى سومكىسىغا سېلىپ قايتىشقا تەييارلاندى.
- شىياۋۋىي، يەنە بىر ھەپتە ئاخىرى بىزنىڭ ئۆيگە كەلگىن. يېگۈڭ بار تاماقنى تارتىنماي دە، مەن ئېتىپ بېرەي ياكى ئۆزەڭ ئېتىپ يە.
- ماقۇل، كۆپ رەھمەت. ئەمما سېنى بەك ئاۋارە قىلىۋەتتىم.
- ھەرگىز ئاۋارىچىلىق ئەمەس. سەن تەكەللۈپ قىلما. مۇساپىرچىلىق يامان.
- فاتىخ ماڭا ئىسلام ھەققىدە سۆزلىسە بەك قايىل بولمايتتىم. سەن بىلەن پاراڭلىشىپ خېلى يېنىكلەپ قالدىم. سەن بەرگەن كىتابلارنى چوقۇم ئوقۇيمەن. كېلەر ھەپتە كېلىش كەلمەسلىكنى ھازىر بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. ۋاقتى كەلگەندە ساڭا تېلېفون قىلاي.
- ماقۇل. ئىختىيارىڭ.
فاتىخ ماشىنىدا كەلدى. ئۆيگە كىرىپ چاي ۋە تائامغا ئېغىز تەككەندىن كېيىن كۆپ رەھمەت ئېيتىپ شىياۋۋىينى ئېلىپ كەتتى.
تۆت-بەش سائەت ئۆتكەندىن كېيىن فاتىخنىڭ ئانىسى تېلېفون قىلدى. يەنە شۇ رەھمەت، شېرىن شىكەر تەكەللۇپ گەپلەردىن كېيىن نەق گەپكە كەلدۇق:
- «يامغۇر »، سېنىڭچە بۇ قىز قانداقراقكەن؟
- ئابلا (ئاچا)، ئەگەر مەن سىزنىڭ ئورنىڭىزدا بولغان بولسام، ئوغلۇمغا خەن قىز ئېلىپ بەرمەيتتىم. لېكىن سىز ماڭا قارىغاندا كەڭ قورساق ئىكەنسىز.
- نېمە!؟ بۇ قىز بولمايدۇ دېمەكچىمۇسەن؟
- ياق، ياق، ئۇنداق دېمەكچى ئەمەسمەن. بۇ قىز سەمىمىي راستچىل ئىكەن. ئەگەر يالغاندىن ئىمان ئېيتتىم دەپ ئالدىسىمۇ ھېچنېمە قىلالمايتتۇق. كاللىسىدىكى سوئاللىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن سۆيۈندۈم. دېمەكچى بولغىنىم، مەن ئۇيغۇر. ئەگەر ئوغلۇم بولسا، ئىلاجى بار ئۆزەمنىڭ مىللىتىدىن ئۆيلەندۈرىمەن دېمەكچىدىم. خاتا چۈشىنىپ قالماڭ.
- ھە، مۇنداق دە، مەن تېخى شىياۋۋىي بولمايدىكەن دەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ چۆچۈپ كېتىپتىمەن.
- ياق، مەن ئۇنداق دېمەيمەن. خەنلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشى ئۇنداق ئاسان بولمايدۇ. قاتتىق سەۋىرچان بولمىساق خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىشىمىز مۇمكىن.
- توغرا دەيسەن، مەنمۇ گەپ-سۆزگە بەك دىققەت قىلىۋاتىمەن. بۇ قىزغا ئىچىم ئاغرىيدۇ. بۇ يەردە ئاتا-ئانىسى يوق، ئۆزىگە تامامەن يات بىر مۇھىتتا مېنىڭ ئوغلۇمنى دەپ ياشاۋاتىدۇ. مەنمۇ كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا، رەنجىتمەسلىككە تىرىشىۋاتىمەن. ساڭا مەن توغرىلىق نېمە دېدى؟
- قېينانام بەك ياخشى، تاماققا ئۇستا، چەبدەس، ئۆينى بەك رەتلىك، پاكىز تۇتىدۇ دەپ سىزنى ماختىدى.
- ئاللاھقا شۈكۈر. بۇ قىزنىڭ بۇ يەردە دوستى بولمىغاچقا، مەن سەن بىلەن دوست بولغىنىدىن بەك خوش بولدۇم. بەزىدە ماڭا ۋە فاتىخقا دېيەلمىگەن گەپلىرىنى ساڭا دېيىشى مۇمكىن. سەن مېنى ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىپ تۇرغان بولساڭ.
- ماقۇل ئاچا، شۇنداق قىلىمەن.
- سەنچە بۇ يېقىندا مۇسۇلمان بولىدىغان چىرايمۇ؟
- ھىدايەت ئاللاھتىن. ئاللاھ خالىسا بوپ قالار. بۇ قىز ئىلگىرى ئاتا-ئانىسدىن ۋە ئامېرىكىدىكى بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن مۇسۇلمانلار ھەققىدە سەلبىي گەپلەرنى كۆپ ئاڭلىغان بولغاچقا، ھەمدە دىن توغرىسىدا تۈزۈك چۈشەنچىسى بولمىغاچقا ئىسلامغا كىرىشتىن بىرئاز قورقىدىغاندەك ھېس قىلدىم. ئۆزىمۇ ماتىرىيال كۆرەي، ئۆگىنەي دەۋاتىدۇ. ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئىدىيىسىدىن ئۆتسە، ئىنشائاللاھ مۇسۇلمان بولۇپ قالار. ئەمما بىز ھەرگىز بېسىم قىلمايلى. كۆپرەك پۇرسەت بېرەيلى.
- دېگىنىڭدەك بولسۇن. مەن سېنىڭ شىياۋۋىي بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىشىڭنى ئارزۇ قىلىمەن.
- ۋاقتىم بولسىلا ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلىشىپ تۇرىمەن، ئىنشائاللاھ.
..................................
فاتىخنىڭ ئانىسى بىلەن تېلېفوندا يېرىم سائەتكە يېقىن قىلىشقان گەپلەرنىڭ ھەممىسنى دەپ بولغىلى بولمايدۇ. تۆت كۈندىن كېيىن شىياۋۋىي بىلەن خوتمېئىل مەسسىنجىردا كۆرۈشتۈم.
- «يامغۇر»، مەن سەن دېگەن ھېلىقى باۋپىڭشەننىڭ كوڭزى ھەققىدىكى لېكسيەلىرىنىڭ ھەممىسنى ئاڭلاپ بولدۇم. مەنىۋىيەتنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم.
- سەنچە كۇڭزى قانداقراقكەن؟
- 73 يىللىق ئۆمرىدە قاتتىق جاپا تارتىپتىكەن. ئەمما قىلچىلىك ۋايسىماپتىكەن. ئەڭ مۈشكۈل چاغلاردىمۇ ئۆزىنىڭ «مېھرى-شەپقەت، ۋاپادارلىق» پىرىنسىپلىرىدىن ۋاز كەچمەپتىكەن. باشقىلار ئۇنىڭدىن نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز؟ دەپ سورىغاندا، چۈنكى بۇ 天命 دەپ جاۋاپ بېرىپتىكەن. «يامغۇر »، مەن سەندىن سوراي،天命دېگەننىڭ مەنىسى نېمە؟
- خەت مەنىسى «تەڭرىنىڭ بۇيرۇقى» دېگەنلىك. ماجىيەن ئەپەندىم خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلغان قۇرئاندا «ئاللاھنىڭ ئەمرى»، «پەرز» دېگەن سۆزلەرنىمۇ天命 دەپ تەرجىمە قىپتىكەن.
- كوڭزى نېمىشقا天命 دەيدىغاندۇ؟
- مەن بىلمەيمەن. باۋپىڭشەن بۇنى چۈشەندۈرمىدىمۇ؟
- ياق،天命دەپ قويۇپلا چۈشەندۈرمەي ئۆتۈپ كەتتى.
- تەيۋەنلىك قىزنىڭ كىتابىنى ئوقىدىڭمۇ؟
- ئوقۇۋاتىمەن، تېخى تۈگىمىدى. ئەمما ماڭا كۆپ پايدىسى بولدى.
- ياۋرۇپادا ئابدۇراھمان گرىن ئىىملىك بىر ئالىم بار. بۇ ئاەم ئىلگىرى كاتولىك ئىكەن. كېيىن مۇسۇلمان بولغانىكەن. مەن ئۇنىڭ نۇتۇقلىرىنى بەك ياخشى كۆرىمەن. خالىساڭ سەنمۇ ئاڭلاپ باققىن. ئادرېسىنى ئەۋەتەي.
- قېنى ئاڭلاپ باقاي.
ئۇنىڭغا 为什么人间有痛苦[/url]، «ئاللاھ نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئازاپلىنىشىغا رۇخسەت قىلدى؟» [url=http://www.tudou.com/programs/view/ysQXLdb5TO0/]Why God permits suffering) ناملىق 6 قىسىملىق لېكسىيەنى ئەۋەتىپ بەردىم.
ھەپتە ئاخىرى ئۆيگە كەلدى. كۆرۈشتۇق، يېرىم كۈن پاراڭلاشتۇق. كوڭزىنى تەنقىد قىلىدىغان 儒家文化的虚伪性及其致命缺陷(كۇڭزىچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ ساختىلىقى ۋە ئەجەللىك كەمچىلىكى) ناملىق بىر ماقالە ئۇقىغانلىقىنى، ھازىرقى كوڭزىچىلىق ئېقىمىغا قايىل بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.
لاۋزىنىڭمۇ ئاۋامنى نادان بىلىمسىز قالدۇرغاندا ياخشى ئىدارە قىلغىلى بولىدۇ دەيدىغان قاراشنى تەشەببۇس قىلىپ، خۇاشىيا مىللىتىنى جاھالەتتە قالدۇرغانلىقىنى 老子是愚民政策的鼻祖) ئېيتتى. قارىغاندا، كۇڭزى بىلەن لاۋزىنىڭ قاراشلىرىغا قوشۇلمايدىغاندەك قىلاتتى. لېكىن كەيپىياتى ياخشى ئىدى. بۇ قېتىم كەلگەندە بىزنىڭ ئۆيدە قونمىدى. لەغمەن ئەتكەنتىم، بەك ئوخشاپتۇ دەپ ئىككى تەخسە يەپ قايتىپ كەتتى. يەنە بىر كۈنى مەسسىنجىردا كۆرۈشكىنىمىزدە ئابدۇراھمان گرىننىڭ نوتۇقلىرىدىن بەك تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتىپ: «مەن ھازىر ئۇنى قەۋەتلا ياخشى كۆرىمەن (我现在超爱Green) ، فاتىخمۇ ئۇنى بەك ياقتۇردى. ئىككىمىز بىرلىكتە ئۇنىڭدىن كۆپ نەپ ئالدۇق» دېدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپلا قالدى. دوكتور بىلال فىلىپنىڭ «سېنىڭ رەببىڭ كىم؟» Who is your Lord) دېگەندەك لېكسىيەلىرىگىمۇ قولاق سېلىپ بېقىشنى ئېيتىپ ئادرېس ئەۋەتتىم.
……………………………
(بۇنىڭ پارىڭىنى مۇشۇ يەردە توختىتاي. بۇ تېما ساياھەت خاتىرىسىنىڭ ئىچىگە قىستىلىپ كىرىۋېلىپ سىلەرنى بىئارام قىلدىمۇ-يوق؟ بىلمەيمەن. ئەمدى ماۋۇ ساياھەت خاتىرىسىنىڭ خاتىمىسنى يېزىۋېتىپ گەپنى تۈگىتەي.)
(25) خاتىمە
بۇ قېتىمقى يىگىرمە كۈنلۈك ساياھەتتە يۈزەكى ھالدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، بۇ تۆت ئەرەب دۆلىتى گەرچە سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتە بەك ياخشى ھالەتتە بولمىسىمۇ، ئەمما مەدەنىيەت جەھەتتە ساغلام ئىكەن. مەھمەت ئابى بىلەن يولدىشىم تۈركىيەگە قارىغاندا سۈرىيە دىندار ئىكەن دەپ خۇلاسە چىقاردى، مەن سۈرىيەگە قارىغاندا مىسىر تېخىمۇ دىندار ئىكەن دېگەن تونۇشقا كەلدىم. دەسلەپتە بۇ تۆت دۆلەتنىڭ ھەممىسىدە (گەرچە جۇمھۇرىيەت دېگەن ئىسمى بولسىمۇ) دادىسىنىڭ تەختىگە بالىسى ۋارىسلىق قىلىدىغان پادىشالىق تۈزۈم باردەك ھېس قىلغان. (سۈرىيەدە ھازىر ئىلگىرىكى دېكتاتور جۇمھۇررەئىس ھاپىز ئەسادنىڭ ئوغلى بەششەر ئەساد جۇمھۇررەئىس ئىكەن. لىۋاندىمۇ شېھىت بولغان باش مىنىستېرنىڭ ئوغلى دادىسىنىڭ ئورنىغا كەپتۇ. ئىئوردانيەدىغۇ ئىلگىرىكى پادىشاھ ھۈسەيىننىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ پادىشاھ ئىكەن. (رەسىملەردىن قارىساق، ئورنىغا يەنە ئۆزىنىڭ ئوغلىنى تەربىيىلەۋاتقاندەك قىلىدۇ. بىر تاكسىچىدىن «بۇ پادىشاھ قانداقراق ئادەم؟» دەپ سورىساق، «بەك ياخشى» دەپ ماختاپ كەتتى). مىسىردا ھۆسنى مۇبارەك ئوغلىنى تەييار قىلىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلىغان. لېكىن بىز قايتىپ كېلىپ، بۇ ساياھەت خاتىرىسىنى يېزىپ تۈگىتىپ بولغۇچە مۇبارەكنىڭ تەختى قولدىن كەتتى.)
بۇ دۆلەتلەردە ئامانلىق ئىشلىرى ياخشى ئىكەن. مۇسۇلمان خەلقلەر ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ قانۇنىدىن ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قورققاچقا ئاڭلىق ھالدا جىنايەت سادىر قىلمايدىكەن. (جىنايەتچى يوق ئەمەس بار، لېكىن نىسبىتى تۆۋەنكەن) قارىغاندا، «ئەخلاق بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش» تاكتىكىسى ئىمان-ئېتىقادلىق مۇسۇلمان ئەللەردە بەكرەك نەتىجىلىك بولىدىغان ئوخشايدۇ.
بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە تېلېۋىزورلاردا چەتئەلنىڭ خالىغان قاناللىرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. خەلقلەر بالىكون ياكى ئۆگزىسىگە سۈنئى ھەمراھتىن قوبۇللىغۇچ ئانتېنا بېكىتىپ يەر شارىدىكى خالىغان دۆلەتنىڭ خالىغان قانىلىنى كۆرەلەيدىكەن. ھۆكۈمەت بۇنى چەكلىمەيدىكەن، (بۇمۇ ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ بىر تۈرى). مەسىلەن: مىسىردىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيەدىكى سامان يولى تېلېۋىىيە قاناللىرىنى كۆرىدىكەن. سۈرىيەدىكى تۈركلەر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قاناللىرىنى كۆرىدىكەن. تۈركىيەدە بىر تۈرك مۇئەللىم پات-پات جۇڭگۇنىڭ خەنزۇچە قاناللىرىنى كۆرۈپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ دۆلەتلەردە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى كۈندىلىك زۆرۈر ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن ئىكەن. قانداق دېسىڭىز، بىر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن ناماز كۈندىلىك ئۈچ ۋاخ تاماققا ئوخشاش مۇھىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ناماز ئەر-ئايال مۇسۇلمانغا ئوخشاشلا پەرز قىلىنغان. ئەرلەر ئوقىسۇن، ئاياللار ئوقىمىسۇن دەيدىغان گەپ يوق. (شۇغىنىسى ئەر-ئايال بىر سەپتە ئارىلىشىپ ئوقۇشقا بولمايدۇ) بىز كۆرگەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە كۆركەم جامە، مەسجىدلەر بەك كۆپكەن. كۈن بۇيى سىرتتا يۈرسەكمۇ ناماز ۋاقتى كىرىشى بىلەنلا ئالدىمىزغا مەسجىد ئۇچراپ تۇرىدىكەن. ئەزاننى ئاڭلاپلا تاھارەت ئېلىشقا باشلىساق، جامائەت نامىزىغا بەھۇزۇر يېتىشەلەيدىكەنمىز. (مەن ۋەتەندە ئاياللارنىڭ جامە مەسجىدكە بارغىنىنى كۆرمىگەن، ئۆزەممۇ بېرىپ باقمىغان، شۇڭا چەتئەلنىڭ ئاياللار مەسجىدلىرى بەك يارىدى ) بۇ دۆلەتلەردە ئاياللار مەسجىدى ئەرلەر مەسجىدىگە ئوخشاش ساندا كۆپكەن. بىز ئاياللارمۇ خالىغان چاغدا جامە، مەسجىدكە كىرىپ نامىزىمىزنى ئادا قىلالايدىكەنمىز.
مۇسۇلمان دۆلەتلەردە شەخىسلەرنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان خەير-ساخاۋەت جەمىيەتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بولار ئادەتتە دۆلەت بەزىدە ياردەم قىلىپ بولالمايدىغان ساھەلەر، مەسىلەن: ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش، ئېغىر كېسەللەرنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى تۈلەش، ياردەمگە مۇھتاجلارغا ياردەم قىلىش دېگەندەك ئىشلارنى ئاكتىپلىق بىلەن قىلىپ ھەم دۆلەتنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىدىكەن، ھەمدە خەلققە خىزمەت قىلىدىكەن. دۆلەت رەھبەرلىرى ھەر قانچە مۇستەبىت بولسىمۇ، بۇنداق خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئۆزىگە تەھدىت ھېس قىلىپ ئۇلارغا توسقۇنلۇق قىلماستىن، ئەكسىچە يول ئېچىپ بېرىدىكەن، چۈنكى خەلققە پايدىسى بولىدۇ، دۆلەتنىڭ يۈكى يەڭگىللەيدۇ ئەمەسمۇ؟! تۈركىيەدە شەخسلەر ئۆزى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بەش مىڭدىن ئارتۇق ۋەقىپ جەمئىيەت بار، بۇلار ئاساسەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى مەقسەت نىشان قىلغان بولۇپ، قەيەردە ياردەمگە مۇھتاج كىشى بولسا شۇ يەرگە قاراپ يۈگرەيدۇ. مەسىلەن: تۈركلەرنىڭ بەى ۋەقىپلىرى دۇنيادا نەدە خەقنىڭ بېشىغا كۈن چۈشسە شۇ يەرگە بارىدۇ، ئۆتكەن يىلى ئۇلار پەلەستىنگە ياردەمگە بارىمىز دەپ 9 ئادىمى شېھىت بولدى. بۇ يىل يەنە تونىس، لىۋىيە، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە قالايمىقانچىلىق چىققاندا شۇ يەردىكى خەلىققە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپكە كەتكەنمىش. ئاڭلىساق، لىۋىيەدە كاززافىي خەلققە قارىتىپ ئوق ئاتقاندا نۇرغۇن لىۋىيەلىك مۇساپىر يۇرتىنى تاشلاپ سىرتقا مېڭىپتىكەن، تۈرك ۋەقپىدىكىلەر تۇنىس بىلەن لىۋىيە چېگراسىدا چېدىر بارگاھلارنى قۇرۇپ، مۇساپىرلارغا ئاش-تاماق ئېتىپ، لازىملىق نەرسىلەرنى ھەقسىز تارقىتىپ يۈرۈپتىمىش... مۇشۇ ئىشلارنى ئۇلار بىر مۇسۇلماننىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچى دەپ قارىمىسا قىلامدۇ؟! ئۇلار قارىشى مۇنداق: «ئاللاھ دۇنيادا ئىنسانلارنى بىر بىرىگە موھتاج قىلىپ ياراتتى. دۇنيادا كەمبەغەل بايغا موھتاج. باي ئاخىرەتتە كەمبەغەلنىڭ دۇئاسىدىن كېلىدىغان ساۋابقا موھتاج؛ كېسەل، بىمارلار دۇنيادا ساغلام كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە موھتاج. ساغلام كىشىلەر ئاخىرەتتە كېسەل بىمارلارنىڭ دۇئاسىدىن كېلىدىغان ساۋابقا موھتاج. پەرزەنتلەر دۇنيادا ئاتا-ئانىسىغا موھتاج. ئاتا-ئانىلار ئاخىرەتتە سەدىقە جارىيە ھۆكمىدىكى سالىھ ئەۋلاتلارغا موھتاج. قىسقىسى، ئاللاھ جەمىيەتتىكى بارلىق ئىنسانلارنى بىر بىرىگە موھتاج قىلىپ ياراتقان». بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەنلەر ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىمۇ تونۇپ يەتكەن-دە، ئاللاھ بەرگەن سالامەتلىك، پۇل-مال بايلىق، ۋاقىت قاتارلىق ئامانەتلەرنى جايىدا ئىشلىتىپ ئاخىرەتتە ھېسابىنى ئاسان بېرىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشقان...
ئىلگىرى بەزى خەۋەرلەردىن «ئەرەبلەر قالاق، قىز بالىلىرىنى ئوقۇتمايدۇ» دېگەندەك گەپلەرنى تۇلا ئاڭلىغانتۇق. لېكىن بۇ قېتىم ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇقكى، ئەرەبلەر قىزلىرىنى تەربىيىلەشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىكەن. ئوقۇغۇچى قىزلارنى كۆپ ئۇچراتتىم.
بىز كۆرگەن، پاراڭلاشقان ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۈركلەرگە بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدىكەن. بولۇپمۇ رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننى ماختايدىغانلار بەك كۆپكەن. (تۈركىيەدىمۇ ئۇنچىلىك ماختىمايدۇ ئۇنى). مەن بۇ دۆلەتلەرنى كۆرۈش جەريانىدا تۈركلەرنىڭ ئىلگىرىكى شانلىق سەلتەنىتىنى ھېس قىلدىم. ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىسلام ئالەمىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ئىكەن. بۇنىڭغا بىر مىسال سۈپىتىدە ئەلكۈيىدىكى گۈلەن قېرىندىشىمىزنىڭ «پولو ۋە غەلبە» دېگەن تېمىسىغا قاراپ باقارسىلەر. (گۈلەننىڭ تېمىسىنى ئوقۇش ئۈچۈن بېسىڭ)
تۈنۈگۈنى بولمىغاننىڭ بۈگۈنى بولمايدۇ دەيدىكەن بەزىلەر. بىز بۇنى «تۈنۈگۈنى بولغاننىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتسىمۇ بولىدۇ» دەپ چۈشەنسەكمۇ خاتالاشمايمىز. ئاتا-بوۋىلىرىمىز تۈنۈگۈن ئۆتمۈشتە قىلغان خەيىرلىك ئىشلارنى ئەسلىگەچ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭمۇ شۇ خەيىرلىك ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلالايدىغانلىقىغا ئۈمىت بىلەن قارىدىم.
ئەرەب تىلى ئۆگىنىش توغرىسىدا
ئەرەپلەر يەر شارىدىكى پۈتكۈل مۇسۇلمانلار سانىنىڭ 20%نى تەشكىل قىلىدۇ دەپ ئاڭلىغىنىم ئېسىمدە. دېمەك، 80% مۇسۇلمانلار دېگەندە تۈركلەر، پارىسلار، ھىندى مۇسۇلمانلار، مالايلار، ھېندونېزىيەلىكلەر، بىنگاللار... قاتارلىق باشقا مىللەتتىكى مۇسۇلمانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. لېكىن مۇشۇ 80% مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگەنگەندىن سىرت ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان يەنە بىر مۇھىم تىل ئەرەب تىلى. بىر ھېسابتا يەر شارىدىكى 57 مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ بىر ئورتاق تىلى ئەرەبچە دېسەكمۇ يالغان سۆزلىگەن بولمايمىز. چۈنكى ھەممىسى بىلمىسىمۇ، خەلقى ئازدۇر-كۆپتۇر ئەرەبچە بىلىدۇ. شۇڭا ب د ت دىكى بەش چوڭ تىلنىڭ بىرسى ئەرەب تىلى.
ئۆتكەن يىلى ئىچكىرىدىن 15 خۇيزۇ ئۆلىما يۈسۈپ قەرداۋى رىياسەتچىلىكىدىكى بىر يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەپتىكەن. ئۇلار بۇ يەردىكى تۈرك ئۆلىمالار، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلاھىيەت فاكولتېتلىرىدىكى تۈرك ئوقۇتقۇچىلار بىلەن راۋان ئەرەبچە پىكىر ئالماشتۇرۇشتى. (مەن ئەسلى ئۇلارغا تۈركچە خەنزۇچە تەرجىمانلىق قىلىپ بېرەي دەپ بارغانتىم. مېنىڭ تەرجىمانلىقىمغىمۇ كېرەك قالمىدى) ئۇلارنىڭ راۋان ئەرەبچە سۆزلىشىگە زوقۇم كەلدى.
بۇ قېتىمقى تۆت دۆلەت ساياھىتىدە ئازىراق ئەرەبچىمىز بولغاچقا بەك قىينالمىدۇق. ئەمما مۇشۇ چالا ئەرەبچىنى پىششىقلاش، پۇختا ئۆگىنىشنىڭ نەقەدەر تەخىرسىزلىكىنى تونۇپ يەتتىم. تۈركىيەدىمۇ دىندار، پۇلدار تۈركلەر ئامال بار بالىلىرىنى ئەرەبچە ئوقۇتىدۇ. (دۇنيا ئىسلام كېڭىشىنىڭ ھازىرقى باش كاتىپى ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلى بىر تۈرك، ئۇنىمۇ ئاتا-ئانىسى كېچىكىدىن باشلاپ مىسىردا ئەرەبچە ئوقۇتۇپتىكەن. بۇ كىشى ھازىر ئىسلام دۇنياسىدا مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ. بېيجىڭ، ئۈرۈمچىگىمۇ پات-پات بېرىپ تۇرارمىش.)
ئەرەبچە ئۆگەنسەك ھەم دۇنيالىقىمىز، ھەمدە ئاخىرەتلىكىمىز ئۈچۈن پايدا بولىدىكەن. قۇرئان ھەدىسنى ئەرەبچە ئوقۇپ چۈشەنسە قانچىلىك لەززىتى، تەمى بولىدىغانلىقىنى بولدى سۆزلىمەيلا قوياي. (قۇرئان ئوقىغاندا بىر ھەرپ ئۈچۈن بىردىن ئونغىچە ساۋاپ يېزىلىدىغانلىقىنى ئەبۇ ھۈرەيرە رىۋايەت قىلغانىكەن.)
تۈركىيەدە ماڭا ئېنگلىزچە بىلىدىغانلارغا قارىغاندا ئەرەبچە بىلىدىغانلار كۆپتەك تۇيۇلىدۇ. (بۇنى سىتاتىستىكىلاپ باقمىغاچقا چوقۇم شۇنداق دەپ ھۆددە قىلالمايمەن.) مەن تونۇيدىغان نۇرغۇن تۈرك ئېنگلىزچە بىلمەيدۇ، ئەمما ئازدۇر-كۆپتۇر ئەرەبچە بىلىدۇ. (ئىمام خاتىب ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ ئەرەبچە دەرس كىتابلىرىمۇ ياخشى تۈزۈلگەن.) ھەتتا مەھەللىلەردە ئاياللار (ئون يىگىرمىدەك كىشى) ھەر ھەپتىدە بىر-بىرىنىڭ ئۆيىگە نۆۋەت بىلەن يىغىلىشىپ بىرەر سائەت ئەتراپىدا قۇرئان ھەدىس ئۆگىنىدۇ. ئەرەبچە بىلىدىغانلار ئۇستاز بولۇپ دەرس ئۆتىدۇ، (بۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.) ئالىي مەكتەبنى پۈتتۈرگەن بىرئاز ئوقۇمۇشلۇق ئاياللار بولسا ئىشتىن سىرت ياكى بوش ۋاقىتلاردا ئەرەبچە ئۆگىنىپ، بىر قانچە ئايال بىر يەرگە كېلىپ، قۇرئاننى ئەرەبچە مەنىسىدىن چۈشىنىشكە تىرىشىدۇ. ئەنقەرەدىكى چاغدا بىزنىڭ خوشنىمىز مۇشۇنداق ئەرەبچە ئۆگىنىۋېتىپتىكەن، مەنمۇ ئىككى ئۈچ قېتىم بارغانتىم. بۇ ئاياللار «بىز بۇنداق ئۆگىنىش بىلەن ئەرەبچىنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ كېتەلىشىمىز ناتايىن. ئەمما ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى تۇنجى ئەمىر «ئوقۇ!» دەپ باشلانغان بولغاچقا، بىز مۇشۇ ئەمىرنى ئورۇنلاش ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشىۋاتىمىز. بىزنىڭ كىتاب تۇتۇپ بىر نەرسە ئۆگەنگەنلىكىمىزنى كۆرگەن پەرزەنتلىرىمىز بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان بولسا بۇمۇ بىزنىڭ بىر غەلبىمىز» دېگەندەك گەپلەرنى قىلغانتى. قىرىق ئەللىك ياشقا كىرگەندىمۇ توختىماي بىر نەرسە ئۆگىنىپ تۇرىدىغان بۇ تۈرك ئائىلە ئاياللىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن تەسىرلەنمەي قالمىغانتىم.
ئەگەر بىزمۇ ئېنگلىزچە ئۆگىنىشكە سەرپ قىلغان زېھنىي قۇۋۋەتنىڭ يېرىمىنى ئەرەبچىگە سەرپ قىلساق، خېلى ياخشى ئۆگەنگىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن. جۇڭگۇدا مەخسۇس ئەرەبچە تېلېۋىزىيە قاناللىرى بار. 22 ئەرەب دۆلىتىدىكى 300 مىليۇن تاماشىبىنغا ئەرەب تىلىدا جۇڭگۇدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بەختىيار ھاياتىنى تەشۋىق قىلىپ تۇرىدۇ. دۆلىتىمىز مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئوبرازىغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەلۇم بىر يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى (جۈمە) ئۈرۈمچى جەنۇبى قوۋۇق (نەنمېن) خانتەڭرى مەسجىدىدە ناماز ئوقىغان ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىمىنى پۈتۈن دۇنياغا كۆرسىتىپ، بۇ يەرنىڭ تىنچ خاتىرجەملىكىنى نامايەن قىلغان ئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ بولسىمۇ ئىسرائىلىيە بىلەن 90-يىللاردىن كېيىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ھازىرغىچە پەلەستىن خەلقى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئەرەب مۇسۇلمانلارغا دوستانىلىقىنى ئىپادىلەپ كېلىۋاتىدۇ. 2009-يىلى ۋېنجىياباۋ مىسىرغا زىيارەتكە بارغاندا خەلققە ئەرەبچە «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ سالام بېرىپ باشلىغان نۇتقىدا «ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن كۇڭزىچىلىق مەدەنىيىتى دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەتلىك خەزىنىلىرىدۇر» دەپ سۆزلەپ مىسىرلىق مۇسۇلمانلارنىڭ كەڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپتىكەن. (بەزى خۇيزۇ مۇئەللىملەرنىڭ دېيىشىچە، شۇنىڭدىن كېيىن بەزى خەنلەر ئىسلام ھەققىدە بولمىغۇر گەپ قىلغاندا، خۇيزۇلار دەرھال "زوڭلى ۋىنجىياباۋ "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" دەپ يەنە "ئىسلام قىممەتلىك خەزىنە" دەۋاتسا، سەن نېمىشقا ئۇنىڭغا زىت گەپ قىلىسەن؟ دەپ باشقىلارغا بوزەك بولمايدىغان بوپتىكەنمىش .)
ئىچكىرىدە ئەرەبچە ئۆگىنىدىغان خەنزۇ، خۇيزۇلار كۈرمىڭ. بىز ئۇيغۇرلارمۇ ئۆگىنىشنى باشلىساق ئۇلاردىن تېز ئۆگىنەلەيمىز.
بىر ئۇيغۇرچە مۇنبەردە «كېسەك» ئىسىملىك بىر تورداشنىڭ «ئەرەب تىلى كۆلچىكى» ناملىق بىر يازمىسىنى كۆرگەنتىم. ئەمەلىي نەپ بېرىدىغان تېما ئىكەن. شۇ تېمىنى كۆچۈرۈپ چاپلاش بىلەن بۇ ساياھەتنامەمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.
ئەرەب تىلى كۆلچىكى
ئاپتۇرى: كېسەك
دۇنيادىكى بايلىقنىڭ 40%ئى دۇنيا نوپۇسىنىڭ 2.5%تىنى ئىگەللەيدىغان ئەرەپلەرنىڭ قولىدا...، مەخمۇد كاشىغەرى بوۋىمىز كىتاۋىنى ئەرەپ تىلىدا يازغان...، جەننەتنىڭ تىلى ئەرەپ تىلى ...، ئەرەپ تىلى بىلىدىغان بىر تۇڭگان بالىسى گۇاڭجۇدا ئېيىغا 30مىڭنى ئادەتتىكىدەك تاپىدىكەن... ۋاھاكازالار، ھى ھى ھى ...
ئەلۋەتتە چەتئەل تىلى ئۆگىنىش قايسىلا جەھەتتىن بولسۇن، قايسىلا تىلنى ئۈگىنىش بولسۇن، ئۈگىنىش ۋە باشقا ئېلىپ چىقىپ ئەركىن پايدىلىنىش دەرىجىسىگە يېتىش بىزنى مەلۇم جەھەتتىن بەختلىك ۋە ئۆتكەن ھاياتىمىزنى ۋەزنىلىك ھىس قىلدۇرىدۇ. لېكىن چەتئەل تىلى ئۈگىنىش، مېنىڭ تەجرىبەمچە، توغرا ئۇسۇل تېپىش، توغرا ئۇسۇل يېتىلدۈرسەك بۇ تىلغا نىسبەتەن قەلبىمىزدە ئىشتىياق شەكىللىنىدۇ، ئىشتىياق شەكىللەنسە بۇ تىل بىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
ئەرەپ تىلى ئۈگىنىش دۇنيە مىقياسىدىلا ئەمەس، مەملىكەت ئىچىدىمۇ قىزغىنلىققا ئايلانغىلى تۇردى، بولۇپمۇ بىزنىڭ قېرىنداش مىللەتلەردىن خەنزۇ ۋە خۇيزۇلار ئىچىدە، چۈنكى بۇ خىل تىلنى ئۈگىنىش جەريانىدا تاۋۇشنى مەخرەجدىن چىقىرىش، يەنى بىز ئېيتىۋاتقان تەجۋىد، ئالاھىدىرەك، ئادەمنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىغا نىسبەتەن تەلەپ يۇقۇرىراق بولغاچقا، يۇقۇرىدىكى قېرىنداشلىرىمىز قىسقا 15مىنۇتلۇق "تىل ئاستى ئوپىراتسىيەسى" قىلدرۇرۇش ئارقىلىق، ياكى يېرىم يىلدىن 1يىلغىچە "ئەسەبىلىشىش" ئارقىلىق بۇ تاۋۇش چىقىرىش-تەجۋىد ئۆتكىلىدىن ئۆتىدىكەن، ئاندىن بۇ تىلنى ئۈگىنىشكە رەسمى چۈشىدىكەن.
ئەرەپ تىلىنى ئۈگىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئانا تىلىمىزغا ۋە دۆلەت تىلى خەنزۇ تىلىغا پىششىق بولىشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە ئەرەپ تىلى ئۈگەنمىسەكمۇ بۇ ئىككىسىگە پىششىق بولىشىمىز كېرەك. بۇ بىر ئەقەللىي ساۋات .
ئەرەپ تىلى ئۈگەنگەندە ئۈنۈمنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈش ۋە تىل ئۈگىنىش جەريانىنى قىزىقارلىق قىلىش ئۈچۈن "چىلىنىپ تۇرۇپ ئۈگىنىش" دىگەن بىر ئۇسۇلنى قوللىنىمىز، يەنى ئەرەپ تىلىدىن كۆلچەك ياساپ شۇ كۆلچەككە چىلىنىمىز. بۇ كۆلچەككە چىلىنىپ ئالاھىزەل 3 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمىلىيەتتە ئەرەپ تىلى ئىشلىتىدىغانلىغىنى، پەقەت گىرامماتىكا جەھەتتىنلا ئوخشىماسلىقتىن بۇ خىل تىلنى سىرلىق ساناپ يۈرگىنىمىزنى ھېس قىلىمىز. ئەلۋەتتە، بۇ ئىنتايىن ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز بىز ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن بىر يوشۇرۇن بايلىق ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىمىز، رەببىم ئۇلارنىڭ ئورنىنى جەننەت قىلغاي!
كۆلچەك ياساشقا كېتىدىغان ھەممە ماتىرىيالنى توردىن تاپىمىز، بەزىلىرىنى توردىن ئەرزان باھادا سېتىۋالىمىز. تۆۋەندە تونۇشتۇراي:
1) ئەرەپ تىلىغا كىرىش باسقۇچىدا توردىن 空中阿拉伯语教程دىگەن دەرسلىكنى چۈشۈرىمىز، 3قىسىم، ھەر بىر قىسمى 87دەرس، ھەربىر دەرس يېرىم سائەت، ھەربىر دەرسنىڭ MP3دەرسلىگى ئۆزى بىلەن بىللە، بۇ دەرسلىكنى تەيۋەنلىك ئاتاغلىق ئەرەپ تىلى مۇتەخەىسسىسى تۈزگەن ۋە سۆزلىگەن، جوڭگودا ئەرەپ تىلى باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى ئالغانلار قايتا بۇ كىتاپنى يەنە بىر قېتىم ئۆگىنەرمىش، چۈنكى بۇ دەرسلىك ئىنتايىن مۇرەككەپ دىگەن ئەرەپ تىلىنى ئىنتايىن ئاسان ۋە قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلىگەن.
بۇ دەرسنى ئۈگەنگەندە 1-كۈنى ئەتىگەن ئىبادەتتىن كېيىن، ياكى ئۇيقىدىن كېيىن يېرىم سائەت ئۆگىنىسىز، 2-كۈنى ئالدى بىلەن 1-كۈنى ئۆگەنگەن 1- دەرسنى يېرىم سائەت تەكرار ئۆگىنىسىز، ئاندىن 2-دەرسنى يېرىم سائەت ئۆگىنىسىز ، 87 دەرسنى 87 كۈندە ئۆگىنىپ بولىسىز، ئۇسۇلى:كومدا MP3ئاۋازلىق دەرسلىكنى قۇلاققا سېلىۋېلىپ ئېكراندىكى pdfتېكستقا قاراپ ئۈگىنىمىز. كەچتە 20 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ئەتىگەن ئۆگەنگەننى مەيلى تاق ھەرپ بولسۇن، ياكى كېيىن ئۆگەنگەن جۈملە بولسۇن ئۈنلۈك ئاۋازدا ھەربىرىنى 20 قېتىمدىن ئوقۇيمىز، بۇ ئەرەبچە سۆزلىشىش مۇھىتى بولمىغان شارائىتتا ئېغىز تىلى مەشقى قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
2) يۇقۇرىدىكى كىتاپنى ئۈگىنىپ 30 كۈندىن كېيىن، ياكى بىر ھەپتىدىن كېيىن (كۆپۈنچە قېرىنداشلىرىمىز تەجۋىدنى بىلىدۇ، ياكى ئۈگىنىۋېلىش ئاسان، شۇڭا دەسلىۋىدە تېزراق ئۈگەنسەكمۇ بولىدۇ، لېكىن تەجۋىدنى پىششىق ئۈگنىش بەك مۇھىم، ئەتراپىڭىزدا سىزگە ياردەملىشىپ تېز ئۈگىتىپ قويىدىغانلارنى تاپالايسىز) توردىنston rosetta ئەرەپچە: دىگەن يۇمتالنى چۈشۈرۈپ كۈنىگە ، مەسىلەن چۈشلۈك ۋاقىت دىگەندەك ئۈگىنىش ئۈچۈن مۇھىم ۋاقىت ھىساپلانمايدىغان ۋاقىتتا 45مىنۇتتىن 1سائەتكىچە ئۈگىنىسىز، بۇ يۇمتال خۇددى ئويۇن ئوينىغاندەك قىزىقارلىق ھەم ئاسان، بۇنىڭ بىلەن تەڭ يۇقۇرىدىكى 空中نى ئۈگىنىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.
3) 2-ياكى 3-ئايدىن باشلاپ توردىن 前景阿拉伯语دىگەن دەرسلىكنى چۈشۈرۈپ ئۈگىنىشكە باشلايمىز، بۇ ساپ ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان سەۇدى ئەرەبىستاندا تۈزۈلگەن كىتاپ، ھەر بىر دەرسنىڭ MP3 ئاۋازلىق دەرسلىگى بار،pdf نۇسخىسىدا 3قىسىم، ھەربىر قىسىم 96 دەرس، بىر دەرسنى 20مىنۇت 1 سائەت ئەتراپىدا ئۈگىنىپ بولىمىز، سىزنى ئەرەپ تىلىگە ھەقىقى خۇمار قىلىدىغان دەرسلىك مانا مۇشۇ. 96 كۈندىن كېيىن، يەنى تەخمىنەن 300كۈندىن كېيىن ئاتالمىش 英语四级 دىگەن دەرىجىگە يېتىسىز ۋە ئەرەپ تىلى ئۈگىنىشنى ئۆزىڭىز تىزگىنلىيەلەيدىغان بولىسىز.
4) توردىن TELL ME MORE ئەرەپچە: دىگەن يۇمتالنى چۈشىرىمىز، بۇ ھېلىقى "ئاتلان"دىكى ۋىتامىن ئېنگلىز تىلى دىگەن سىستېمىغا ئوخشاش بىر چەتئەل تىلى ئۈگىنىش پروگراممىسى، جوڭگودا ھەممە نەرسە ھەقسىزلىشىپ كېتىدۇ، ئەلۋەتتە توردىن ھەقسىز چۈشىرىسىز، ياكى 10كويچەنگە 淘宝دىن سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ يۇمتالنى شەنبە - يەكشەنبە كۈنلىرى مەشق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىسىز، ناھايىتى قىزىقارلىق ھەم ئازراق جاپالىق.
5) ئىزچىل ئۈگىنىپ 3-ئايدىن كېيىن بېىجىڭ داشۆدە نەشر قىلىنغان 阿拉伯语基础听力教程دىگەن 3قىسىم كىتاپنى توردىن سېتىۋالىمىز، MP3دېسكىسى بىللە، ئاھاڭى ياخشى ئەمەس بولسىمۇ بۇ خەنزۇ قېرىنداشلىرىمىز ئەڭ يۈكسەك تىرىشچانلىقتا جانلىق ئوقۇغان ئاڭلاش ماتىرىيالى، ئادەتتىكى ۋاقىتتا سىرتلاردا بىرەر ئىش بېجىرىش ئۈچۈن ماڭغاندا ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنى مانا مۇشۇ ماتىرىيال بىلەن بىر تەرەپ قىلىمىز.
كۆلچەك پۈتتى، چىلىنىڭ، 1يىل چىلانغاندىن كېيىن، ياكى ئۈگىنىش ۋاقتىڭىزنى ئالاھىزەل 900 سائەتكە يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرقتە، گۇاڭجۇدا، يىۋۇدا، توردا... پۇرسەت، ... ياكى ھىدايەت سىزگە قۇچاق ئاچقۇسى!
.....................................................
(تۈگىدى)
بايانات:
بۇ ساياھەتنامىنى مەنبەسىنى ( «ئەلكۈيى مۇنبىرى» ــ يامغۇر خانىم ) ئېنىق ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا تور بەتلەرگە يۆتكەشكە قوشۇلىمەن.
يازما ئىچىدىكى ئىزاھات ۋە مەنبەلەرنى ئەسكەرتكەن ھالدا پدف ئېلكىتاب قىلىشقا قوشۇلىمەن.
يۆتكەپ چاپلايدىغانلار مەندىن سورىماي يۆتكەۋىرىڭلار. بۇ ئەسەر ئۇيغۇر تور دۇنياسىغا ئائىت.
بەزى ئىنكاسلارغا جاۋاب يازالمىدىم، ئەپۇ سورايمەن.
مېنى ئالدىراتقان، سۈيلىگەن، ئىلھام مەدەت بەرگەن، ئىنكاس يېزىپ تېمىنى ئاۋاتلاشتۇرغان بارلىق ئەلكۈيىداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. خەير-خوش! |