(12) مىسىر: پاتىمىيلەر سۇلالىسىنىڭ يادىكارلىقلىرى
ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتىتى
قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت مىسىرنىڭ يەتتە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئىدۇق. خەلقى مەنىۋى جەھەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان، دىننى قىزغىن سۆيىدىغان بۇ مىسىردا قايسى پادىشاھلىقلار، قايسى دىنلار ھۆكۈم سۈرگەن؟ كىتابلاردا يېزىلىشىچە، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 332-يىلغىچە بولغان ئارىلىق مىسىر ئىمپېراتورلىقى، يەنى پىرئەۋنلەر زامانى؛ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 332-يىلدىن مىلادى 395-يىلغىچە بولغان يەتتە يۈز يىلدەك ۋاقىت يۇنان رۇم ھۆكۈمرانلىقى زامانى؛ مىلادى 395-يىلدىن 638-يىلغىچە بولغان ۋاقىت ۋىزانتىيە ھۆكۈمرانلىقى زامانى؛ 640-يىلدىن 868-يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىسلامنىڭ دەسلەپكى يىللىرى... مانا مۇشۇ چاغلاردىن باشلاپ ئىسلامىيەت، مۇسۇلمانلار مىسىردا ھۆكۈمران ئۇرۇندا تۇرۇپ كەلگەن. بۇ يەردە مۇسۇلمانلاردىن تولۇنئوغۇللىرى، ئابباسىيلەر، فاتىيمىيلەر، ئەييۇبىيلەر (سالاھىددىن ئەييۇبىنىڭ ئەۋلاتلىرى) ۋە مەملۇكلار (1250-1517) ھۆكۈمرانلىقىدىن كېيىن ئوسمانلى دۆلىتى (مىسىردا 1517-يىلدىن 1922-يىلغىچە) تۆت يۈز يىلدەك ھۆكۈم سۈرگەن. ئوسمانلى پارچىلانغاندىن كېيىن ئېنگلىزلارغا قارام بولۇپ قالغان مىسىردا 1922-يىلى مىسىر پادىشاھلىقى تىكلەنگەن. كېيىن 1952-يىلى مىسىر جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.
بۇندىن مىڭ بىر يۈز قىرىق يىل ئىلگىرى قەشقەرنى پايتەخت قىلىپ 380 يىل ھۆكۈم سۈرگەن قاراخانلار دۆلىتىدىن ئۇيغۇرلارغا مىراس قالغان ئەڭ قىممەتلىك ئەسەر "قۇتادغۇبىلىك" بىلەن "تۈركىي تىللار دىۋانى" دەپ قارىساق، ئۇنداقتا مىسىردىكى فاتىيمىيلەر خەلىپىلىگى ياكى دۆلىتىدىن مىسىرغا مىراس قالغان ئەڭ قىممەتلىك ھەدىيە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتى دەپ قارىساق بولامدۇ-يوق؟! بۇ پەقەت مېنىڭ ئويلىغىنىم. ئون كۈنلۈك قىسقا مىسىر ساياھىتىدە كۆپ بىر نېمە بىلەلىشىم ناتايىن. بۇ ھەقتە يەنىلا ئەزھەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىر نېمە دېسۇن.
ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتى دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ئالىي مەكتەپ. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۆچمەس مەشئىلى ھېساپلانغان بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىنى مىلادى 972-يىلدا مىسىردىكى فاتىيمىيلەر بىنا قىلغان ئىكەن. ئۇنداقتا فاتىيمىيلەر كىملەر؟ كىتابتا دېيىشىچە، فاتىيمىيلەر مىلادى 969-يىلدىن 1171-يىلغىچە مىسىردا كۈچلۈك ھاكىمىيەت ئورناتقان ئىسلام دۆلىتى بولۇپ، بۇ ئىسىم پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد (س.ئە.ۋ)نىڭ قىزى ھەزرىتى پاتىمە زۆھرە ئىسمىدىن كەلگەن ئىكەن. نەسىبى ئەھلى-بەيتكە تۇتىشىدىغان ئۇبەيدۇللاھ شىمالىي ئافرىقىدا 910-يىلى خەلىپە بولۇپ سايلىنىپ تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، تەسىر دائىرىسى ئەتراپتا تىز سۈرئەتتە كېڭەيگەن. كېيىن ئىسپانىيەدىكى ئەمەۋىيلەر دۆلىتى بىلەن قارشىلىشىپ قالغان. بۇ قارشىلىشىش نەتىجىسىدە، ئۇلار ئەمەۋىيلەر تۇرغان غەرپ تەرەپكە بۇرالماي، مىسىرغا قاراپ ئىلگىرلەپ، 960-يىلى مىسىرنى فەتھى قىلىپ، بۈگۈنكى قاھىرە شەھرىنى بىنا قىلىپ پايتەخت قىلغان. ئۇلار كېيىن مەككە-مەدىنە، شام قاتارلىق مۇھىم مەركەزلەرنى فەتھى قىلغان. مۇستانسىر زامانىدا سىجىليەدىن ئەرەبىستانغا قەدەر كەڭ زېمىندا ھۆكۈمران بولغان فاتىيمىيلەر كېيىن سەلجۇق دۆلىتى بىلەن روبىرو ھالەتكە كەلگەن. سەلجۇقلار 1071-يىلى قۇددۇس (ئېروسالىم)نى، 1076-يىلى شامنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئالغان. يەنە بىر تەرەپتىن شىمالدىن كۆچۈپ كەلگەن زىرلار بىلەن غەرپتىن ئېقىپ كەلگەن نورمونلار فاتىيمىيلەر ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىت پەيدا قىلغان. ئەھلى سەلىب ئارمىيىسى 1041-يىلى قۇددۇسنى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ، ئېغىر قەتلىئاملارنى قىلىشى نەتىجىسىدە فاتىيمىيلەر دۆلىتىنىڭ ئەھۋالى قىيىنلاشقان. تەخت تالىشىش جېدەللىرى ئۇلارنى تېخىمۇ بەك ئۇپرىتىپ، 1130-يىلى خەلىپە ئامىر سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ، قاھىرەنى ئەھلى-سەلب ئارمىيىسى قورشىۋالغان. (نېمىدىگەن خەتەرلىك-ھە!) دەل بۇ قىيىن ئەھۋالدا فاتىيمىيلەر ھۆكۈمدارى ئەل-ئەدىد سالاھىددىن ئەييۇبىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان. سالاھىددىن ئەييۇبى كېلىپ ئەھلى سەلىب ئارمىيىسىنى تارمار قىلغان. ئەل-ئەدىد ئۇنى "پادىشاھنىڭ ئىككىنچى ياردەمچىسى" دەپ ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن. ئەل-ئەدىد ۋاپات بولغاندىن كېيىن سالاھىددىن ئەييۇبى باغداتتىكى ئابباسىي خەلىپىسىنىڭ ئىسمى بىلەن خۇتبە ئوقۇتۇشنى باشلىغان 1171-يىلى مىسىردا فاتىيمىيلەر دۆلىتىنىڭ ئىسمىنىڭ ئورنىغا ئابباسىيلار خەلىپىلىگى ياكى دۆلىتى ئىسمى ئالماشقان يىل بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. فاتىيمىيلەر دۆلىتىدىن كۈنىمىزگىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ گۈزەل بىناكارلىق ئۆرنەكلىرى ئاساسەن قاھىرەدە بار بولۇپ، بۇلاردىن بەزىلىرى ئەل-ئەزھەر جامەسى، ئەل-ئەكمەر جامەسى، سالىھ تالايى جامەسى، ئەل-جۇيۇس جامەسى قاتارلىقلار.
بىز بۇ قېتىم مىسىردا بۇلاردىن پەقەتلا ئەل-ئەزھەر جامەسىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالىدۇق. باشقىلىرىنى كۆرگۈدەك پۇرسەت بولمىدى.



پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىزى ھەزرىتى پاتىمە "فاتىمە زەھرا" دەپ ئاتىلاتتى. مۇشۇ "ئەززەھرا" (مەنىسى: نۇر چاچقۇچى ياكى نۇرلۇق) دېگەن سۆز تۇمۇرىدىن كەلگەن ئەزھەر ئىسمى قۇيۇلغان مەدرىستە مىلادى 975-يىلى رامىزان ئېيىدا ئوقۇش باشلانغاندىن تارتىپ تاكى كۈنىمىزگىچە ئەزھەردە شەرىئەت، ئەرەپچە گرامماتىكا، ئىسلام ئاسترونومىيىسى، ئىسلام پەلسەپىسى، لوگىكا، ئىسلامىي تىبابەت قاتارلىق ئىلىملەر ئوقۇتۇلغان. 1961-يىلى مىسىرنىڭ ئىككىنچى پرىزىدېنتى جامال ئابدۇل ناسىر ئەزھەردە ئىسلامىي دەرسلەر بىلەن بىرلىكتە ئىقتىساد، مېدىتسىنا، ئېنژىنىرلىق، يېزا ئىگىلىك قاتارلىق كەسپلەرنىمۇ ئوقۇتۇشنى يولغا قويغان.
ئەزھەردە 2004-يىلى 350 مىڭ ئوقۇغۇچى باركەن. ھازىر قانچە ئوقۇغۇچىسى باركىن؟ بىلمەيمەن. لېكىن، قاھىرە كوچىلىرىدا كېتىۋېتىپ كۆردۇقكى، ئەزھەرنىڭ ھەر قايسى پاكولتېت بىنالىرى، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، چەتئەللىك قىز ئوقۇغۇچىلار تۇرىدىغان ياتاق قاتارلىق يەرلەرمۇ ناھايىتى چوڭ ئىكەن.
بىز تۇرىۋاتقان ت ھاجىمنىڭ ئۆيى مەدىنەتۇنناسر دېگەن جايدا ئىدى. بىز بۇ يەردىن تاكسىغا چىقىپ ھۈسەينىيە دېگەن يەرگە كەلدۇق.



ئەزھەرنىڭ بىر پاكولتېتى بۇ يەرگە يېقىن ئىكەن. پاكولتېت بىناسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئايلىنىپ چىقايلى دېسەك، دەرۋازىدىكى خادىملار بىزنى ئىچىگە كىرگىلى قويمىدى. زىيارەتچىلەرنىڭ دەرس ۋاقتىدا ئىچىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمايدىكەن. "ئەنە مەسجىد، جامە، شۇ يەرنى كۆرۈڭلار. ئۇ يەرمۇ ئەزھەرنىڭ بىر قىسمى" دەپ ئەزھەر جامەسىنى كۆرسىتىپ قويدى. بۇ جامەمۇ ناھايىتى چوڭ ئىكەن. كىرىش ھويلىسىدا تاھارەت ئېلىپ، ئىچىگە كىردۇق.

يولدىشىم ئوغۇللار ئوقۇيدىغان يەرگە، مەن خانىم قىزلار بار تەرەپكە كەتتىم. ئەسىر ۋاقتىغىچە جامە ئىچىدە ئايلاندىم. دەرس ئوقۇۋاتقانلارنى، قۇرئان يادلاۋاتقان، ناماز ئوقۇۋاتقانلارنى، مۇقابىلە قىلىۋاتقانلارنى (بىر بىرىگە قۇرئان قىرائىتى قىلىپ بېرىۋاتقان خانىم قىزلارنى) كۆردۈم.



بىر يەردە بىر ئۈستەل ئورۇندۇقتا ئىككى ئايال، ئەتراپىدا يەتتە-سەككىز ئايال توپلىشىپ ئولتۇرغان يەرگە بېرىپ مەنمۇ ئون مىنۇتتەك ئولتۇردۇم. قارىسام، قىرىق-ئەللىك ياش ئەتراپىدىكى بىر ئايال بەقەرە سۈرىسىنى يادقا ئوقۇۋېتىپتۇ. ئالدىدا ئۈستەلدە قۇرئاننى ئېچىپ ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغان ياشراق ئايال ھەقىچان مۇئەللىمى ئوخشايدۇ، ئاۋۇ ئوقۇۋاتقان ئايالنىڭ قىرائىتىنى تىڭشاپ، خاتا ئوقۇپ سالغان يەرلىرىنى تۈزىتىۋېتىپتۇ. ئەتراپتىكىلەر بۇنىڭغا جىمجىت قولاق سېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ يۈكۈنۈپ ئولتۇردۇم. دىققەت قىلسام، بىز ئادەتتە تۈركىيەدە "ئامەنەرراسۇلۇ..."، "يا ئەييۇھەللەزىينە ئامەنۇ..." دەپ باشلاپ ئوقۇيدىغان ئايەتلەردىكى "ئا" ھەرپىنى بۇلار "ئە" دەپ، يەنى "ئەمەنەرراسۇلۇ..."، "يا ئەييۇھەللەزىينە ئەمەنۇ..." دەپ تەلەپپۇز قىلىدىغاندەك تۇيۇلدى. مۇڭلۇق قىرائەتتىن بىردەم ھۇزۇرلانغاندىن كېيىن، يەنە بىر كارىدور ۋە ھويلىدىن ئۆتۈپ خانىم قىزلار تۇرغان يەنە بىر چوڭ دەرسخانىغا ئۆتتۈم. ئىشىكتە دەرس سىتكىسىدەك بىر يازما باركەن. مانا رەسىمى:

(بۇلار ھەممىسى يانفوندا تارتىلغان رەسىملەر ئىدى، سۈزۈك چىقماي قالدى )
بۇ يەردە ھەممە يەرنىڭ تېگىگە ئاساسەن بىر تۇتاش جەينامازلىق گىلەم سېلىغلىقكەن. خانىم قىز ئوقۇغۇچىلار جۇغلىشىپ دەرس ئاڭلايدىغان يەردە يەنە شۇ گىلەم ئۈستىگە ئۈستەل-ئۇرۇندۇق قويۇغلۇق ئىكەن. قارىسام، بۇ يەردە يىگىرمە ئوتتۇزدەك ئايال بىر ئاپپاق ساقال ياشانغان مۇدەررىس مىكروفوندا سۆزلەپ بېرىۋاتقان دەرسنى تىڭشاپ ئولتۇرۇپتۇ. مەنمۇ ئۇلارنىڭ دەرسىنى يىراقتا تۇرۇپ بىردەم ئاڭلىدىم. ئەرەپچەم ياخشى بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئولتۇرۇشقا پېتىنالمىدىم. مەندىن ئەرەپچە سۇئال سوراپ قالسا جاۋاپ بېرەلمەسلىكىمدىن قورقتۇم. بەزى ئاياللار مۇدەررىستىن پات-پات سۇئال سوراپمۇ تۇرىدىكەن. بۇ ئاياللارنىڭ چوڭى ئاتمىش-يەتمىش ياش، كىچىكى يىگىرمە ياشتەك كۆرۈندى. قارىغاندا بۇ يەردە ئوقۇيدىغانلاردا ياش چەكلىمىسى يوقكەن.
ئەسىر نامىزىغا ئەزان ئوقۇلۇپ، ئون مىنۇتتەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار جامائەت بولۇپ ناماز ئوقىدى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ سېپىدە ئىبادىتىمنى تاماملاپ سىرتقا چىقتىم. بۇ يەرگە ساياھەتچىلەر كۆپ كېلىدىكەن. ناماز ۋاقتىدا كەلگەن مۇسۇلمان ئەمەس ساياھەتچىلەرنى "سىرتتا بىردەم ساقلاڭلار، جامائەتنىڭ نامىزى تۈگىگەندە كىرىڭلار" دەپ توختىتىپ قويىدىكەن. جامە سىرتىدا رەسىم ئاپراتلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ قاراپ تۇرغان ياپون، خەنزۇ، ئېنگلىز ساياھەتچىلەرنى كۆردۈم. ئاللاھ بۇلارغىمۇ ئىمان نېسىپ قىلغاي ئىنشائاللاھ.
ئەزھەرگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئۇچۇرلار ماۋۇ تور بەتتە بار ئىكەن: http://www.azhar.edu.eg
(داۋامى بار) |