- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 19
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 19
- تىزىملاتقان
- 2012-10-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-20
- UID
- 48205
- يازما
- 19
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 19
- تىزىملاتقان
- 2012-10-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-20
- توردا
- 0 سائەت
|
faruq99 يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 11:33 
لىكىن بىر چىرايلىق ئىسلامىي سالامىڭىز مىنى سۆزىڭىزگە ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
(بۇنىڭ سىزگە يازغان ئاخىرقى ئىنكاسىم بوپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن)
ئىككىمىزنىڭ ئەمدى مۇنازىرە قىلىشىنىڭ پەقەتلا ئورنى يوق. چۈنكى ئىككىمىز ئوخشىمىغان نۇقتىدا تۇرۇپ پىكىر بايان قىلىۋاتىمىز. مەن شەرىئەتنىڭ ئومومىي ھۆكمىنى بايان قىلىۋاتسام، سىز قوپۇپ مەلۇم بىر مىسال ئارقىلىق گىپىمگە رەددىيە بەرمەكچى بولىۋاتىسىز. ئىسلامدا ھۆكۈملەر ئام (ئومومىي)ھۆكۈم ۋە خاس ھۆكۈم دەپ بۆلۈنىدۇ تورداش. مىنىڭ بايان قىلغىنىم دەل پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا ئورتاق بولغان ئومومىي ھۆكۈم. سىز تىلغا ئالغان ئايرىم، خاس ئەھۋاللارغا شەرىئەت نىمە دەيدۇ دىگەننى پەتىۋا دەيمىز.
بىر مىسال: ئىسلامدا نىكاھلىنىشنىڭ ھۆكمى سۈننەت، مانا بۇ ئومومىي ھۆكۈم. ئەمما، بەزى كىشىلەرنىڭ شارائىتىغا قاراپ، بۇ سۈننەت بەزىدە پەرز-ۋاجىبقا، بەزىدە مۇباھ-مەكرۇھقا ئايلىنىدۇ. ھەتتا ھارام بولىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ.
سىز تىلغا ئالغان كىشىلەر ئىسلامدا ئەسلىدە رۇخسەت قىلىنغان ئىشقا ھارامنى ئارىلاشتۇرۇپ قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا بۇنداق قىلىشىڭ ھارام دەپ پەتىۋا پىچىلىدۇ. ئەگەر توغرا قىلالىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئەسلى ھۆكۈم بويىچە ھالال بولىۋىرىدۇ. سىزگە دىسەم ھەتتا بەزى ئەھۋاللاردا كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تەكىتلىنىدىغان، ئىلھاملاندۇرىلىدىغان ئىشقا ئايلىنىپمۇ قالىدۇ.
ئىككىمىزنىڭ قانداق نۇقتىدا تۇرۇپ گەپ قىلىۋاتقىنىمىز سىزگە ئايدىڭ بولغان بولسا، ئەمدى مىنىڭ ئىنكاسىمنى نەقىل ئىلىپ مەن بىلەن مۇنازىرلىشىپ ئاۋارە بولماڭ. گىپىمىزدە كىسىشىش نۇقتىسى يوق، يەنە دىسەك يەنە ئۆز گىپىمىزنى دەۋىرىمىز.
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم: مىنى ئالدىنقى ئىنكاسىڭىزدا «پىشقان موللىدەك قىلىسىز» دەپتىكەنسىز، سۈكۈتتە تۇرغانىدىم، بۇ قىتىم «مۇجتەھىد»دىگەندەك ئاتالغۇلارنى تىلغا ئاپسىز. مۇنازىرىدە قارشى تەرەپنىڭ شەخسىيىتىنى تىلغا ئىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. يەنە كىلىپ يۇقارقى سۈپەتلەر مەندە تېپىلمايدۇ. مىنى ئۆزەمدە يوق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىمەڭ (مەيلى ياخشى مەيلى يامان سۈپەت بولسۇن). بەك دىگۈڭىز كەپ كەتسە، مەن پەقەت ئاددىي بىر ئۆگەنگۈچى، خالاس.
خەير، ئامان بولۇڭ. |
|