- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 9
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 159
- تىزىملاتقان
- 2011-10-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-6
- UID
- 16613
- يازما
- 9
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 159
- تىزىملاتقان
- 2011-10-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-6
- توردا
- 0 سائەت
|
تورداشلار،كۆپچىلىككە جەمىيئتىمىزدىكى ئاشۇ ئىككى ياكى كۆپ خۇتۇنلۇق ئائىلىلەرنى ئەقلىي كۆزى بىلەن كۇزىتىپ بىقىشىنى، سىردىشىپ بېقىشىنى ۋە ۋىجدانەن ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.ئاشۇ ئىككى ياكى كۆپ خۇتۇنلۇق بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى زادى قايسى سەۋىيە،قايسى تەبىقىدىكى كىشىلەر؟بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى ساۋاتسىز ياكى چالا ساۋاتلار، ھەتتا دىنىي بىلىمىمۇنامىزىنى ئاران رۇسلاپ ئوقىغىدەك دەرىجىدە! ھەتتا كۆپىنچىسى خىجىل بۇلۇشماستىن ئىككىنچى ۋە ئۇچىنچى خۇتۇنلۇققا ئالماقچى بولغان ئايال زاتىنىڭ قىز بۇلۇشىنى ھىچ بولمىغاندا 30ياشتىن يۇقىرى بولماسلىقىنى شەرت قىلىشىدۇ؛نىكاھدىن كىيىن پەرزەنىتلىك(پەرزەنىت كۆرۇش ۋە تەربىيلەش ئىسلامدىكى نىكاھنىڭ مۇھىم بىر مەقسىدى) بۇلۇشقا رۇخسەت قىلمايدۇ!1-ئايالى قوشۇلمىسا دىندىن،ھەدىستىن شىپى كەلتۇرۇپ تۇزۇك دىنىي ساۋادى يوق مۆئمىن ئايالىنى قورقىتىدۇ،بىسىم ئىشلىتىدۇ، بولمىسا تالاق قىلىمەن دەپ تەھدىد سالىدۇ! بىچارە ئايالغا دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ قۇشۇلماي نىمە ئامال دەيسىز! ئاللادىن تەپ تارتمايدىغان ،پۇلنىلا تۇنۇيدىغان كاززاپ موللىدىن (لىكىن نۇرغۇن ئىمانى دۇرۇس دىندارلىرىمىز بۇنداق باتىل نىكاھقا قارشى تۇرىدۇ، شاھىت بۇلۇشنى ئاللاھ ئالدىدا گۇناھ ھىساپلايدۇ) بىرنى ،دوسىتلىرىدىن نەچىچىنى چاقىرىپلا ئايالنىڭ ۋەلىيسى بولمىغان ھالدا (نىكاھنى پەقەت رەسمىيەت ئورنىدا كۆرىدۇ) نىكاھ ئوقۇتۇۋالىدۇ! بۇ ئېنىقىلا ھايۋانى نەپسىنى قاندۇرۇش ئۇچۇن بۇلىنىۋاتقان رەزىل قىلمىشتۇر! ھىچبىر مىسكىننىڭ ، ئاجىزنىڭ ، ھاجەتمەننىڭ ياكى يىتىمىنىڭ بىشىنى سىلاش،كۇيۇنۇش،ئاللاھ يولىدامىھرىبانلىق ،شەپقەت قىلىش ئىزناسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ!40-50دىن ئاشقان بالىجانلىق ئايالنى ھىچقايسىسى 2-ياكى3-نىكاھىغا ئالمايدۇ!نىمە ئۇچۇن؟ چۇنكى ئۇلارنىڭ مەقسىدى ھەرگىزمۇ ئاللاھ يولىدىكى نىكاھ بىلەن مىسكىن،غېرىپلارنىڭ بىشىنى سىلاش ئەمەس! پەقەت ھايۋانى نەپسىنى تىخىمۇ زور چەكتە قاندۇرۇش!ھازىر مىللىتىمزنىڭ ئەر-ئاياللىق نىسبىتىدە ئاياللار كۆپ سانلىقنى ئىگەلەيدۇ!پەيغەمبىرىمىز كۆپ خۇتۇنلىق بۇلۇشنى تەشەببۇس قىلغان تارىخى شارائىت،مەقسەت- مۇددىئا ۋە ھازىرلايدىغان شەرتلەرنى، ئادا قىلىدىغان بۇرچ-مەجبۇرىيەتلەرنى بىلمەيدۇ، ھەم بىلىشكىمۇ قۇربى يەتمەيدۇ،! ئەمەلىيەتتە، بىر قىزنى ئىككىنچى ۋە ئۇچىنچى خۇتۇنلۇققا ئېلىۋىلىش باشقىلارنىڭ رىسقىغا چاڭ سالغانلىقتۇر! ئۇ قىزنى سەن قايماقتۇرۇپ ئىككىنچى ۋە ئۇچىنچى خۇتۇنلۇققا ئېلىۋالمىساڭمۇ، ئۇنىڭ بىر ئىمانى دۇرۇس، ۋىجدانى ئەركەك بىر يىگىتكە 1-خانىم بۇلۇپ ياتلىق بۇلۇش ھەققى بار! گەپنى قىسقارتسام،ئىككى ياكى كۆپ خۇتۇنلۇق بولغانلار ياكى بۇلۇشنى ئارزۇ قىلغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مىللىتى،خەلقى،ۋەتىنى قايسى قىسمەتكە دۇچار بولىۋاتىدۇ،قايسى مۇشەققەتلەرنى كۆرىۋاتىدۇ،مۇشۇ تارىخى دەملەردە مىللىتى،خەلقى، ۋەتىنى ئۇچۇن،كەلگۇسى پەرزەنت-ئەۋلادلار ئۇچۇن نىمە قىلىشىم كېرەك دىگەنلەرنى ئويلىمايدىغان ۋە ئويلاشقا ئەقلى يەتمەيدىغان ،بىلىم -سەۋىيەسى توشمايدىغان ،ئېچىنىشلىق يىرى ھەتتا ئۆزى ئىتىقاد قىلىۋاتقان دىننى، سەجدە قىلىۋاتقان رەببىنى ھەقىقى تۇنىمايدىغان بىچارە بايقۇشلاردۇر! |
|