- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 4
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4
- تىزىملاتقان
- 2012-10-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-25
- UID
- 48213
- يازما
- 4
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4
- تىزىملاتقان
- 2012-10-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-25
- توردا
- 2 سائەت
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. قېرىنداشلار . مەنمۇ مۇنبەردىكى (نىكاھ سەن ئۈچۈ ئويۇنمۇ ،) ( مەن ئېرىمنى ياخشى كۆرەتتىم ) دىگەن تىمىلارغا چۈشكەننەپسى خاھىشىغا ئاساسلىنىپلا يازغان بەزى ئىنكاسلارغا قاراپ بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىنغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ راستىنلا كەمتۈكلىكىنى ۋە بۇرمىلانغان دىنى ئەقىدە ئاساسىدىكى چۈشەنچىلەرگە ئېسىلىۋېلىپ ھەق سۆز قىلغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئازار يەتكۈزگەنلىكىنى كۆردۈم ، بۇ دىگەن مۇنازىرە مۇنبىرى ھەممە ئادەمنىڭ بىلىم سەۋىيەسى ئوخشاش بولمايدۇ . ئۆزىنىڭ دىتىغا ياقسا خوپ ،بولمىسا توغرا گەپ قىلمىغان بولۇپ باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشكە ، توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاپ ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنى باشقلارغا مەجبۇرى تېڭىشقا ئارانلا تۇرىدىغان قېرىنداشلىرىمىزمۇ باركەن . دىندىكى بۇنداق تارماق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلىگەندە قۇرئان ، ھەدىستىن دەلىلل كەلتۇرۇڭ ،بولمىسا دىنىمىزدا سۆزىڭىزنىڭ ھېچقانداق ئىتىبارى يوق . مەدىنە دىگەن قېرىندىشىمىز نىڭ پىكىرىنى قوللايمەن ، ئاخىرىدا ئۆزىنى اللەغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان ھەقىقى مۇسۇلمان ھىساپلايدىغان قېرىنداشلىرىمىزا االەنىڭ مۇنۇ سۆزى كۇپايە
«ئى مۇئمىنلەر! اللەغا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزەڭلەردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىرەر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا اللەغا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر اللەغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە (ھەقىقىي) ئىشىنىدىغان بولساڭلار، بۇ (يەنى اللەنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئىتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر.» (سۈرە نىسا 59-ئايەت)
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-10-17 13:28):
اللە دىگەن سۆز خاتا بولۇپ قاپتۇ .
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-10-17 13:30):
تەھرىرلەش ئىقتىدارىنى قوشمىسا بولمايتكەن . |
|