- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 56
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 62
- تىزىملاتقان
- 2012-9-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-6
- UID
- 34005
- يازما
- 56
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 62
- تىزىملاتقان
- 2012-9-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-6
- توردا
- 53 سائەت
|
مەدىنە قىزغا
كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا مىللىي نۇقتىئىنەزەردىن شەرھىي يېزىشقا مەن ھەقىقەتەن ئامالسىز.
1-كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ئۇيغۇرلار ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلغاندىن تارتىپ بار ئىدى .
2-ئۇيغۇر مەدىنىيتى ئىسلام دىنى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان .دىندىن خالىي بۇلغان ئۇيغۇر مەدىنىتىنى مەن تەسەۋۋۇر قىلالمايمان . ھەم ئاجىرتىۋەتەلمەيمەن .
3-قۇرئان ۋە ھەدىستە بۇلغان ھەرقانداق بىر ھۇكۇمنى مەن ئىنكار قىلالمايمەن .
‹‹جەننەت ئانىنىڭ ئاياغ ئاستىدا›› بۇ ھەدىسنى بىلسىزغۇ دەيمەن . قۇرئان ۋە ھەدىس ئاتا -ئانىنى ھۇرمەتلەش تۇغۇرسىدا بىزگە ئىنتاىن كۆپ سۇزلەيدۇ . بۇنى قۇرئان ۋە ھەدىسنى ئۇقۇغان ھەر قانداق ئادەم بىلىدىيۇ يەنە بۇنۇڭغا دەلىل كىرەكما .ئەگەر ئۇلارغا بۇلىندۇرمەي تۇي قىلسا بۇ ئاتا - ئانىنى ھۇرمەتلىگەنلىك بۇلامدۇ .
يەنى ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە ئېيتتىكى:«ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن (يەنى تەربىيەڭلەردا بىرەر يېتىم قىز بولۇپ، ئۇنىڭغا شۇ قىزغا باراۋەر تۇرىدىغان قىزغا بېرىلىدىغان مەھرىنى بېرەلمەسلىكىڭلاردىن) قورقساڭلار، ئۇنى تەرك ئېتىپ، ئۆزەڭلار ياقتۇرىدىغان باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئېلىشىڭلارغا بولىدۇ، ئەگەر (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلەر بولىدۇ. بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يېقىندۇر.» (سۈرە نىسا 3-ئايەت)
يەنە بىر مەسىلە شۇكى،بىز دىننى يۇزەكىلا چۇشەنگەن،‹‹بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يېقىندۇر››دىگەن ئايەت دەل ئاياللارغا زۇلۇم قىلماڭ دىگەن بۇلدۇ.ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئالماي يەنە خۇتۇن ئېلىش ئۇنىڭ قەلبىگە ئازار ئېلىپ كىلىدۇ . ئەجىبائۇ زۇلۇم ھىساپلانمامدۇ.ئۇ زۇلۇم بۇلغاندىمۇ ئاياللارغا نىسبەتەن ئەڭ ئېغىر زۇلۇم . شۇڭا ئەر -ئايال ئائىلىدىكى ئىشلارنى چۇقۇم مەسلەھەت بىلەن قىلشى كىرەك . ئەجىبا بۇنى دىندا ئىنىق يېزىش كىرەكمۇ ، ئۇ چاغدا اللا ئىشلەتسۇن دەپ بەرگەن كاللىڭىز نىمە ئىش قىلىدۇ . |
|