ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن تەكلىماكان گىرۋەكلىرىگە نەزەر
ئىلاۋە:
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلىرىم:
ئۇرۇق- تۇغقان قان -قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ، مېھرى ئاتەش مەھەلىلىرىنىڭ ئىللىق سىيماسىنى ياشاڭغىرىغان كۆزلىرىدە چاقناتقانچە، ياشلىق قولۋاقلىرىغا ئولتۇرۇپ، ئىلىم- پەننىڭ پايانسىز ئوكيانىدا ئۈزىۋاتقان بىر توپ كۆرەشچان بالىلار بار. ئۇلار ئانا يۇرتىنى كۈن-تۈنلەپ سېغىنىدۇ، ھىجران ئازابىدا ئۆرتەنگەن سەبىي قەلبىگە ئاللاھتىن سائادەت تىلەپ، ئانا يۇرتىنىڭ گۈزەل كېلەچىكى ئۈچۈن توختاۋىسىز ئىزدىنىدۇ. ئەنە شۇنداق ياشلارنىڭ بىرى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن، نەچچە يىلدىن بىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇش جەريانىدا كۆرگەن -بىلگەنلىرىمنى يۇرتۇمدىكىلەرگە سېلىشتۇرۇشتىن ھاسىل بولغان كۆز قاراشلىرىمنى مۇنۇ قىسقىغىنە تېما ئاستىدا ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن. ئەلۋەتتە بۇ بىر گۆدەكنىڭ شەخسىي كۆزقارىشى. يۈزەكىلىكتىن، بىرتەرەپلىكتىن خالىي ئەمەس، ئەقىل كۆزىڭلار بىلەن قارىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن . شۇنداقلا قىرىنداشلىرىمنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، تېمىنى ھەر جەھەتتىن بېيىتىپ بېرىشىنى تىلەيمەن.
تۆۋەندىكى نۇقتىلار بويىچە مۇھاكىمە يۈرگۈزىلىدۇ:
1. ئىقتىسادىي تۇرمۇش سەۋىيەسىدىكى پەرق.
2. مەنىۋىي تۇرمۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى توغرىسىدا.
3. مائارىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىدىكى پەرق.
3. بايراملارغا تۇتۇلغان پوزىتسىيە توغرىسىدا.
4. تۇرمۇشتىكى ئىنچىكە مەسىلىلەر.
5.جەمىيەت ئامانلىقى ۋە تەرتىپلەر توغرىسىدا.
كەم نۇقتىلار مۇنازىرە جەريانىدا تولۇقلىنىدۇ، نۆۋەتتە مۇھاكىمىگە ئۆتىمىز.
ئىقتىسادىي تۇرمۇش سەۋىيەسىدىكى پەرق.
ئىقتىساد بىرەر دۆلەت ياكى رايۇننىڭ ئۇنۋېرسال كۈچىنى نامايەن قىلىپ بېرىدىغان ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچ. مەملىكىتىمىزدىكى ھەرقايسى رايۇنلارنىڭ جۇغراپىيلىك ئەھۋالى ۋە ئىقتىسادىي گەۋدىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرق مەۋجۇت. بولۇپمۇ قاتناش ۋە ئالاقە ئانچە قولاي بولمىغان دىيارىمىزنىڭ بۇ جەھەتتە ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەر بىلەن بولغان پەرقى تېخىمۇ چوڭ. مەن ئىچكىرگە تۇنجى ئوقۇشقا كەلگەندە تولىمۇ ھەيران قالغانتىم. گەرچە تاماقلىرىمىز ھەقسىز بولسىمۇ، سىرتقا تۇرمۇش بويۇملىرىنى سېتىۋالغىلى چىققاندا كىچىككىنە نەرسىلەر ئۈچۈنمۇ كۆپ پۇل خەجلەشكە توغرا كېلەتتى. ئۆيدىن ئايدا سالىدىغان 200يۈەن پۇل ئۇششاق بويۇملارنى سېتىۋېلىشقا ئاران يېتەتتى(ئۆيدە بولسا بۇ پۇل پۈتۈن ئائىلىنىڭ بىر ئايلىق خىراجىتىگە يېتىپ قالاتتى). بۇ شەھەرلەردە يۇرتۇمىدىكىدەك يايمىلار كۆپ بولمىغاچقا ھەممە نەرسىنى تاللا بازىرىدىن سېتىۋىلىشقا مەجبۇر بولاتتۇق. ھېلىمۇ ئىسىمدە، تۇنجى قېتىم چوڭ تاللا بازىرىغا نەرسە سېتىۋالغىلى بارغاندا، ھارۋىلارنى ئىتتىرىشىپ بەخىرامان نەرسە سېتىۋېلىۋاتقان كىشىلەرگە ھەۋەس بىلەن قاراپ قالغانتىم. بۇ كىشىلەردە پۇل كۆپتەك قىلاتتى، ئەمما يولدا جۇل ۋېلىسپىتلەرگە مىنىۋالىدىغان ، تولىمۇ ئاددىي كىيىنىۋالغان بۇ كىشىلەرنىڭ راستىنلا پۇلدار ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپمۇ قالاتتىم. بۇ خىل ھادىسە مېنىڭ كاللامغا پەقەت سىغمايۋاتاتتى. چۈنكى دىيارىمىزدا پۇلى بارلارنىڭ چوقۇم ئېسىل ماشىنىلىرى، قىممەت باھالىق كىيىملىرى بولاتتى، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇنۇ خەقلەردەك تاللا بازىرىدىن ھارۋىلارغا توشقۇزۇپ مال سېتىۋېلىشى بىر گەپ ئىدى. مەكتەپتە كىتاب پۇلى ياكى ئوقۇش پۇللىرى يىغىدىغان ئىش بولسا خەنزۇ ساۋاقداشلىرىم نەچچە ئون مىڭ يۈەن پۇلنى خۇددى ئون نەچچە يۈەن پۇلدەك دېگەن ھامان تاپشۇرۇپ بولاتتى. ئۇلار مەكتەپتە تاماقلانغاندا بىر ۋاق تامىقى ئۈچۈن 50-60 يۈەن پۇلنى نەزىرىگە ئالمايلا خەجلىۋىتەتتى. بۇلارنى كۆرۈپ ئەينى ۋاقىتلاردا ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرالماي كۈندە مۇئەللىمدىن تىل ئاڭلايدىغان، چۈشلۈك تامىقى ئۈچۈن سومكىسىغا بىر ناننى سېلىپ مەكتەپكە كېلىدىغان بالىلار ئېسىمگە كېلەتتى. بۇ پەرقلەرنى نوقۇل ھالدا پۇلنىڭ ئاز -كۆپلىكىدىن كېلىپ چىققان دەپ ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايتتىم. ئەمەلىيەتتە بىزدە ئاز بولسىمۇ پۇل بار ئىدى.
پۇل پەقەت ئىقتىسادىي تۇرمۇشنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر ۋاستە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تونىشى ئوخشىمايدۇ. دىيارىمىزدىكى كىشىلەردە پۇلغا ئالاھىدە چوقۇنۇش خاھشى كۈچلۈك، ئۇنىڭدىن پىلانلىق، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كۆزقارىشى تۆۋەن. پۇل تاپقانلار ئۇنىڭدىن قانداق قىلىپ ئىزچىل مەنپەئەتلىنىشنى ئويلىماي، قارا- قويۇق ھالدا مودا قوغلىشىش ئېقىمىغا كىرىپ قالىدۇ. باشقىلار بىلەن بەسلىشىپ ئۆي ياساشقا، ماشىنا سېتىۋىلىشقا، ئاللىقانداق ھەشەملەرگە بىرىلىدۇ( ئىلگىرى بىرسىدىن ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى ئاقسۆڭەكلەرچە تۇرمۇشقا ئەڭ ئىنتىلىدىغان، ئەمما مەقسىتىگە يېتەلمەيۋاتقان بىر خەلق دەپ ئاڭلىغان ئىدىم). نەتىجىدە ئۇلاردا مۇقىم سېتىۋىلىش كۈچى بولمايدۇ، تۇرمۇشىدىكى باشقىلارنىڭ نەزىرى چۈشمەيدىغان ئەمما جىسمانىي ۋە روھى ساغلاملىقىغا، پەرزەنىتلىرىنىڭ تەربىيىسىگە پايدىسىز بولغان ئىستىمالدىكى سۈپەت مەسىلىلىرىگە سەل قارايدۇ. كۈزىتىشىمچە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەردە كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمغا بولغان تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك. چۈنكى ئۇلار كۆپىنچە تاپقان پۇللىرىنى بانكىغا قويۇپ يېغىشقا ئادەتلەنگەن، پەۋقۇلادە ئىھتىياج كۆرۈلگەندە تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسەتمەستىن يېغقان پۇللىرىغا تايىنىپ ياشاۋېرىدۇ. ئىلگىرى يۇرتۇمدىكى بىر دېھقاننىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلىغانتىم: ئۇ دېھقانچىلىقتىن ئالاھىدە مول -ھوسۇل ئېلىپ، ئىلگىرى مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ساناپ باقمىغان بىر ئادەم توساتتىن قىرىق نەچچە مىڭ يۈەن پۇلنىڭ ئىگىسى بوپ قالغان ئىكەن، ئەمما ئۇ پۇللارنى مەڭگۈ تۈگىمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ، بۇزۇپ -چىچىپ بىر يىلغا قالماي يانچۇقىدا ھېچنەرسە قالمىغان ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا ئۇ ساقاللىرىنى سىيلاپ ئولتۇرۇپ«دېھقان دېگەن نېمىلا قىلسا دېھقان ئىكەن....» دېگەنتى. دېمەك ئۇيغۇرلاردا پۇل يوق ئەمەس بەلكى ئىقتىسادىي ئاڭ يوق. ئەلمىساقتىن داۋاملىشىپ كەلگەن كىچىك دېھقانچىلىققا تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزۈش، خىيالى جەمىيەتتە رىۋايەتلەردىكىدەك تۇرمۇش كەچۈرۈش قارىشى ئۆزگەرمىگەن. كۆز ئالدىدىكى رىقابەتلىك جەمىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارى يېتىلمىگەن.
مەنىۋىي تۇرمۇش ۋە كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرى توغرىسىدا.
ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەگەشكۈچىلىرى بولىشىغا قارىماي، ناخشا-ئۇسۇل، ئويۇن تاماشىغا ئالاھىدە ئامراق خەلق. ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنى بەزمە-مەشرەپسىز، ناخشا-ئۇسۇلسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مەنمۇ كىچىكىمدىن شۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغاچقا ئىچكىرگە كەلگەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردا كۈنلىرىمنى تولىمۇ «مەنىسىز» ھېس قىلدىم. بايراملىرىمىز يېتىپ كېلىپ، مەكتەپنىڭ تەشكىللىشىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان سەنئەت پائالىيەتلىرىنى كۆرۈپ ھاياجانلىق ھېسلارغا چۈمۈلدۈم. ھەتتا يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىلارغا جۈر بولۇپ، مىللىيچە كېينگەن ساۋاقداشلىرىم ئۇسۇلغا چۈشكەندە كۆزلىرىمگە ياشلار كەلدى. مەندە كېيىنچە زادى نېمە ئۈچۈن بۇ خىل ھالەتكە دۇچار بولغىنىمنى بىلىش ئىستىكى تۇغۇلدى. بۇنىڭغا يات مەدەنىيەت ئارىسىدا ناخشا -ئۇسۇللىرىمىزنىڭ پەقەت باشقىلارنىڭ ھوزۇرلىنىشى ئۈچۈن سۇنۇلغان ئەرزىمەس «سوۋغا» ئىكەنلىكى سەۋەب بولدى. بىزنىڭ زوق-شوخ بىلەن ئورۇنداۋاتقان نومۇرلىرىمىزنى باشقىلار ھەرگىزمۇ سەنئەت نوقتىسىدىن چۈشەنمەيىتتى. ئۇلار بىزنى تۇغۇلىشىمىزدىن مۇشۇنداق ئىقتىدار بىلەن كەلگەن دەپ ئويلايتتى، ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن مەدەنىيەت ئامىللىرىمىنى چۈشىنىشكە ئەسلا قىزىقمايتتى،« شىنجاڭنىڭ قىزلىرى بەك چىرايلىق، ئوغۇللىرى بەك شوخ» دەپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلىنەتتى. بۇ خىل ئەھۋالدا، سەۋدالارچە بېرىلىپ كەلگەن ناخشا-ئۇسۇللىرىمىز ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزگە تەسەللىي تېپىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان بىچارىلىكىمىزنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى ئىتراب قىلماي ئامال يوق ئىدى.
ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەدە كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرى ئىنتايىن كۆپ. پۇتبۇل تېپىش، سۇ ئۈزۈش ھەرخىل كۇلۇبلارغا بېرىش، كىنو كۆرۈش .... ئۇلار كۆڭۈل ئىچىشتا مەلۇم بىر پائالىيەتكىلا ئېسىلىۋالمايدۇ. پىسخولوگىيىلىك ئىھتىياجلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشىمىغان تۈرلەرنى تاللايدۇ. تۇرمۇش رېتىمى بىرقەدەر تىز بولغاچقا ئۇلارنىڭ كوللىكتىپ ئولتۇرۇشلارنى قىلىدىغان، نەچچە ئاي ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ناخشا-ئۇسۇل نومۇرلىرىنى تەييارلايدىغان ۋاقتى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرىنىڭ شەكىلى ئۆزگەرگەن نورغۇن خىللىرى بار. ئالدىراش خىزمەت مۇھىتىدىمۇ كىچلەپ رېستۇرانلاردا تەبرىكلەشلەر مەۋجۇت. خىزمەت ئورنىغا يېڭىدىن بىرسى كەلسە «كۈتىۋېلىش زىياپىتى»، بىرەرسى كەتسە«ئۇزۇتۇپ قويۇش زىياپىتى»؛ خىزمەتلەردە ئۇتۇق بولسا«تەبرىكلەش زىياپىتى»... ئاللىقانداق تۈگىمەس زىياپەتلەر، كىشىلەرنىڭ روھىنى كۈتۈرۈپ، ھاردۇقىنى چىقارماستىن ئەكىسچە تېخمۇ ھالىدىن كەتكۈزىدۇ. يەنە نۇرغۇن ئىقتىسادىي زىيان ۋە ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشى كېلىپ چىقىدۇ.
ديىارىمىزدىكى رىستۇران بەزمىخانىلارنىڭ، بىليارتخانا تورخانىلارنىڭ مۇھىتى تولىمۇ ناچار. بۇ ياشلارنىڭ ئىدىيىسىنى زەھەرلەۋاتقان ئامىللار قىلچىمۇ كۆڭۈل ئىچىش ئىھتىياجىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. مەن يۇرتىمىزدا ياشلار كۆنۈپ قالغان بىرنەچچە دىسكوخانا، بىلياردخانا دېگەنلەرنى ئارىلاپ كۈزەتكەن(ئۇ ۋاقىتتا كۆرگەنلىرىمنى ئىتراپ قىلىشتىن نۇمۇس قىلىمەن)، كىيىن ئىچكىرىدىمۇ موشۇنداق ئورۇنلارنى كۈزىتىپ بېقىش پۇرسىتى بولدى. سىلىشتۇرۇشتىن شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىمكى، بىز ئۇخىل ئورۇنلارنىڭ مۇھىتىغا تولىمۇ سەل قاراپ كەپتىمىز. ئىچكىردىكى شەھەرلەردە مەيلى قانداق ئورۇن بولمىسۇن تازلىق ئىنتايىن ياخشى، تاماكا چىكىلمەيدۇ، قالايمىقان ۋارقىراشمايدۇ...ۋەھاكازالار. بىز دۇنيا مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ بارچە ئەخلەتلىرىنى قوبۇل قىلىۋالغاندەك قىلاتتۇق، نۇرغۇن ئامىللارنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىنى تاشلاپ قويۇپ، ئۆزىمىز يېڭىدىن مەنا قىتىۋالاتتۇق، ئۆزىمىزچە «زامانىۋىيلىق» دەپ نەدىكى قالاق ئۇسۇللارغا مەپتۇن بولاتتۇق.
ئۇيغۇر جەمىيىتىدە تۇرمۇش بېسىمى، رېقابىتىنىڭ ئىشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەردە پىسخىيكىق بىنورماللىق ئەۋج ئالىدۇ. كۆڭۈل ئىچىش ئامىللىرىغا بولغان ئىھتىياج تېخىمۇ ئاشىدۇ(بۇ توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان يۈزلىنىش)، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا قىزىقىدىغان كىشىلەرنىڭ ياش قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز تۆۋەن ياشلىققا قاراپ سىلجىيدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا كۆڭۈل ئىچىش ئورۇنلىرىنىڭ مۇھىتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. بىر قاتار ئىلمىي كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرىنى بەرپا قىلىش زۆرۈر.
مائارىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىدىكى پەرىق.
مائارىپ كۆپىنچە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا بىقىنىدۇ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئوخشىمغان مەدەنىيەت مۇھىتىدىكى مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىمۇ ئادەتتە ئوخشىمايدۇ. مېنىڭچە ھەربىر مەكتەپ دۆلەتنىڭ مائارىپ بەلگىمىلىرىگە ئاساسەن ئۆزىگە خاس ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يارىتىشى كىرەك. بۇنى مەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن كەچمىشلىرىمدىن چۈشەندىم. ئىلگىرى يۇرتۇمدا مەكتەپتە مۇئەللىمنىڭ دەرىسلىرىنى ئەستايدىل ئاڭلايىتتىم، ئۇنىڭدىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا تاپشۇرۇق ئىشلەشتىن باشقا ئۈگۈنۈش قىلىپمۇ كەتمەيتتىم ، مەكتەپمۇ مەجبۇرىي تەكرار دەرىسلەرنى ئورۇنلاشتۇرمايتتى. ئومۇمەن مەكتەپ ھاياتىمدا كىتاب ئالدىدا ئولتۇرغان ئەسلىمىلىرىمدىن، «ئوينىغان »سەرگۈزەشتىلىرىم كۆپ ئىدى. ئەمما دەرىس ۋاقتىدا ئاڭلىغان نەرسىلىرىم ئىسىمدىن ئاسان چىقىپ كەتمەيتتى، دەرىس ۋاقىتلىرىدا ئۇخلاپ قالمايتتىم، ئىمتىھان نەتىجىلىرىممۇ يامان ئەمەس ئىدى.سۇئاللارنى بەك ئاددىي دېگىلىمۇ بولمايتتى). كېيىن ئىچكىرگە كېلىپ، توختىماي ئوقۇيدىغان، كىتابتىن باش كۆتۈرمەي ئۈگىنىش قىلىدىغان شارائىتقا كۆنەلمىدىم. قانچە ئۈگەنگەنسىرىم شۇنچە كەينىمگە ماڭدىم، روھىم چۈشكىنلىشىپ ھالىمدىن كەتتىم. ساۋاقداشلىرىممۇ دەرىس ۋاقىتلىرىدا باش كۆتۈرمەي ئۇخلايدىغان بوپ كەتتى. بۇ يەردىكى خەنزۇ ساۋاقداشلىرىمىز يەسلىي ھاياتىدىن باشلاپ شۇنداق مەجبۇرىي ئۈگۈنۈش شارائىتىدا چوڭ بولغاچقا بۇ خىل ئۈگىنىش ئۇسۇلى نورمال بىلىنەتتى، ئەمما ئۇلارمۇ ئىنتايىن چۈشكۈن، تەپەككۇرى ئۆلۈك ئىدى. نەچچە قىتىم مۇئەللىملىرىمىزمۇ بۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا قاقشاپ قوياتتى.
دىيارىمىزدىكى مائارىپنىڭ شارائىتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرچە ساپاسى ئىچكىردىكى شەھەرلەردىكىلەرگە يەتمەيدۇ، ئەمما ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جەھەتتە نورغۇن ئارتۇقچىلىقلار بار. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەركىن تەپەككۇر يېتىلدۈرىشىگە قولايلىق شارائىتلار بار. مەسىلەن مېنىڭ يۇرتۇمدىكى مەكتەپتە ھاۋا ياخشى كۈنلىرى ئەدەبىيات قاتارلىق دەرىسلەرنى مەكتەپ ھويلىسىغا چىقىپ، دەرەخ سايىسىدا ئولتۇرۇپ ئاڭلايىتتۇق، دەرىس ۋاقىتلىرىدا سىنىپتا مۇئەللىم بىلەن ماس قەدەمدە پىكىر يۈرگىزىپ تۇراتتۇق.... بۇ جەھەتلەردىن دىيارىمىزدىكى مەكتەپلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئەمما ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زېھنىنى خورىتىغان بىر تالاي ئۈگۈنۈشلەر، كۈندە نەچچە قېتىم ئىچىلىدىغان يىغىنلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىگە مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ ئېلىنىدىغان جەرىمانىلەر يوقىتىلىشى كېرەك. مېنىڭ دېققىتىمنى ئەڭ بەك تارتقىنى ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ مۇدىرى ئوتتۇرىسىدكى مۇناسىۋەت. بۇ يەردە مەكتەپ مۇدىرلىرىمۇ ئاز بولغاندا بىرەر پەندىن دەرس بېرىدۇ، ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا سۈرلۈك مۇئامىلە قىلمايدۇ، ئەكىسچە تۈزىتسىز مۇئامىلە قىلىشىدۇ. دېمەك دىيارىمىزدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىڭ مەلۇم ئالاھىدىلىكلىرىمۇ بار، ئەمما تۈزىتىشكە تېگىشلىك، ئۈلگە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس. ھۆكۈمەت دىيارىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن توختىماي مەبلەخ سېلىۋاتىدۇ، ھەتتا بەزى مەكتەپلەرنىڭ ھازىرلىغان شارائىتى ئىچكىردىكى شەھەرلەرنىڭ مەكتەپلىرىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. ئەمما نۇرغۇن ئەسلىھەلەر«تېخنىك يوق»، «بۇزۇلۇپ قالىدۇ» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن تولۇق ئىشلىتىلمەيۋاتىدۇ. ئىلگىرى بىر يىزا مەكتىپىنىڭ ئىككى كومپىيۇتېر دەرىسخانىسىگە كىرگەنتىم، ئۇيەردىكى نورغۇن ئەسلىھەلەر مەن شۇۋاقىتتا ئوقۇۋاتقان شەھەردىكىدىنمۇ ئىلغار ھەم تولۇق ئىكەن، ئەمما ئوقۇغۇچىلارنى ئۇ دەرسخانىغا كىرگۈزمەيدىكەن. بۇزۇپ قويىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. بۇنداق ئىشلار ھېلىمۇ مەۋجۇت بوپ كېلىۋاتىدۇ. مەكتەپلەر شارائىتتىن چوقۇم تولۇق پايدىلىنىى كىرەك، ئەنئەنىۋىي ئۇسۇل بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا بىلىمنى ئەتراپلىق يەتكۈزۈش قىيىنغا توختايدۇ.
ھۆكۈمەت شىنجاڭدىن نەچچە تۈركۈملەپ ئوقۇتقۇچىلارنى ئىچكىرىي ئۆلكىلەرگە بىلىم ئالماشتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئەمما نۇرغۇنلىرى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىزدەنمىدى. نەتىجىدە قايتىپ بېرىپمۇ مەكتەپتە ھېچ يىڭىلىق يارىتالمىدى. مائارىپ ھەممىمىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىمىزگە مۇھتاج، ئىلغاربولغان مائارىپ نوقۇل ھالدا باشقىلارنىڭ ئۇسۇلىنى كۆچۈرۈپ قوللىنىش ئەمەس، تاللاش ۋە ئۆز ئالاھىدىلىكلىرىگە ماس كىلىدىغان تەركىبلەرنىڭ قوشىلىشى بىلەن بارلىققا كىلىدۇ.
(داۋامى بار)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-1 10:06