تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: taxnayi-a

ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن تەكلىماكان گىرۋەكلىرىگە نەزەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
33708
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-3-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-14
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 09:16:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز جەمىيەتشۇناسلىقنى ئۆگىنىشنى بەل باغلىغانكىن ، خەلقىم ئۈچۈن دەپ مەيدانغا چۈشكەنكىن ئەڭ ياخشىسى ھەقىقىي ئىسىم فامىلىڭىز بىلەن يازما يوللاڭ . مەسىلەن : يالقۇن روزى، زۇلپىقار بارات ئۆزباش ..دىگەندەك . سىز مۇنبەر باشلىقلىرىغا ئىلتىماس قىلسىڭىز ئۇلار بىردەمدىلا سىزنىڭ ئەزالىق نامىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ . سىزدە ئۈمۈد بار . داۋاملىق ...

UID
19658
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-2-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-14
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 09:52:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئقتىسادىي تۇرمۇش سەۋيەسىدىكى پەرقلەرنى بەكلا يۈزەكى سۆزلەپسىز، ھەممە ئادەمنى بىرلا تاياقتا ھەيدىگىلى بولمايدۇ.
جەمئيەتنى ياخشىراق كۆزەتسىڭىز بولغۇدەك، بىر نەچچە ئاددىي مىساللار بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى ئۇنداق - مۇنداق دېسىڭىز قاملاشماس.
ئېچكىرگە يەتكۈزلىۋاتقان شۇ نېفىت، تەبئي گازلارنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشلەتكەن بولسا سىزنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇش سەۋىيسى سىز سىلىشتۇرۋاتقان شۇ خەن لەرنىڭ كەينىدە قالارمىدى؟
جەمئيەتنى ئەتراپلىق ئېنچىكە كۆزىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.............

UID
17656
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 11:50:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچكىرگە تەربىيلىنشكەكەلگەنلەر ۋاقىتى چىڭ تۇتۇپ بىلىم ئىگەللەشكە تىرىشمايۋاتىدۇ دەپ گەپ چىقىپتۇ، خوش بۇسېنىڭ خىيالىڭ خالاس، بىزنىڭمۇ شۇنداق ئۆگەنگىمىز بار ئەمما نىمىنى ئۆگىنىمىز ، بىزگە نىمىنى ئۆگىتىدۇ ، تونوشلىرىڭ بولسا سوراپ باق ، تەربىيلىنىشكە كەلگەنلەرگە نىمىنى ئۆگىتىدۇ، ھەممىسى سىياسى نەزەرىيىلەر ، بىزنىڭ ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزگىمىز بار دەمسەن ،خوتون باللىرىمىزنى ، يۇرت ماكاننى تاشلاپ ،ھازىرقىدەك خرىس كۆپ بولىۋاتقان دەۋىردە كىمنىڭمۇ ئۆمرىنى ئىسراپ قىلغۇسى بار دەيسەن قىرىندىشىم ، بىر يىلدىن ئاشتى ، بىز كۆپ ۋاقتىمىزنى بىكار ئۆتكۈزدۇق ، ئۆتكۈزمەسلىككە ئامال يوق ، چۈنكى جەمىئەتتىكى كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆز تۇرمۇشى ئۈچۈن كىشىلىك ھوقوقىدىن ۋاز كەچكەنلەر ، ئەلۋەتتە مەنمۇ شۇ ، شۇڭا ھوقوقى بارلار نىمە دىسە قىلماي چارە يوق ، بىزدە ھەتتا بۇرۇت قويغۇدەك ، سەن نىمىشقا بۇنداق قىلىسەن دەيدىغان ھوقۇق يوق ، سەن بىزنى يايراپ كىتىپ بارىدۇ دەمسەن، بىز ئىچىمىزدىن سىسىۋاتىمىز ، بىزنىڭ قىلىدىغان مۇھىم ئىشىمىز تاماق يىيىش ، ۋاقتىدا ئۇخلاش ، بىخەتەرلىك . بىزنىڭ تەربىيلىنىشىمىزدە باشقۇرۇش 60 پىسەنىت، ئۆگىنىش 40پىرسەنىت ، بۇ گەپ بىزنىڭ قوللانمىمىزدا بار ، دىمەكچى بىز مۇلايىم بولۇپ يەپ ئىچىشنى بىلسەكلا قالغان ئىشقا باشقىلار بار ، بۇنىمە دىگەن گەپ ، ئەقىل ئىگىسى بولغان ھەر بىر كىشى بۇ نوقتىنى ئىنىق بىلىپ يىتەلەيدۇ ، مال ، ھايۋان دىگەن گەپنى چۈشىنەمسەن ، بىلسەڭ بىزنىڭ ماكان ئاللا بىزگە ئاتا قىلغان ئىسىل زىمىن ، ئاللا بىزنى ئاشۇنداق ئىسىل زىمىنغا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، ئاللاغا رەھمەت ، .ئاللاغا شۇكرى ، مەسىلە نەدە نىگىزىدىن ئويلىنىپ باق ، بىزنىڭ مائارىپىمىز نىمىشقا چىكىنىپ كىتىپ بارىدۇ ،ھەرگىزمۇ دىھقاننىڭ شۇنچە كۆپ پۇلنى خەجلىۋەتكەنلىكىدىن ئەمەس، بىزنىڭ نۇرغۇن كىشىللىرىمىز بار ئۆزى يىل بويى گۆش كۆرمەيدۇسلىككە (ئەلۋەتتە ھىيىتتىن باشقا كۈندە)رازى ئەمما باللىرىنى ئوقۇتىدۇ ،بەلكىم بۇلارنى چۈشەنمەيسەن ، ئاددىيسى بىزنىڭ ئائىلىدىن 4 كىشى ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە ، مەنمۇ ئاتا ئانامنىڭ جاپاسىنى ئۆز كۆزۆم بىلەن كۆرگەن ،( بىلەمسەن كۆزۈمدىن ياش ئەگىۋاتىدۇ )، بىزنىڭ مەھەللىدىكى بىر كىشمۇ 5 بالىسىنى ئالى مەلۇماتلىق قىلدۇ ، بىچارە ئانا باللىرى راھەتكە ئىرىشكەندە كۆز يۇمدى ، بىچارە ئاتا تەنھا ، يەنە بىر ئانا تۇل ھالەتتە يەتتە بالىسنىڭ بەشىنى خىزمەتكە ئىرىشتۈردى ، ھازىغىچە تۇل ، ئەنە ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىھقان ئىدى ،بۇنداق بەدەللەرنى تۆلەۋاتقان دىھقانلىرىمىز ئاز ئەمەس ، بىزگە ھەقىقى بىلىم ئىلىش مۇھىتى كەم ، سۇنىڭ بىشى لاي ، خەلىقىمىز ، زىمىنىمىز ئۇلۇغ ، ئاسمىنىمىز بۇلۇتلۇق .

UID
9179
يازما
14
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
585
تىزىملاتقان
2011-2-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-2
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 12:58:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈزەكى سىېلىشتۇرما، گۆدەكلەرچە تەپەككۇر، ئۆزباشچە ئۇسلۇب، ئوتتەك قىزغىنلىق. تىرىشىڭ!

UID
20408
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-13
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 13:40:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزىڭىزنىڭ كۆرگىنى بويىچە تەپەككۈر قىلماي ماھىيىتىگە كۆپرەك دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن

UID
28017
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2012-1-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-14
توردا
120 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 14:40:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت. مەنمۇ ئىچكىرىدە ئوقۇش جەريانىدا تېما ئىگىسى ئوتتىرىغا قويغان بىر قىسىم مەسىلىلەرگە يولۇققان، ئويلانغان. لېكىن بۇ تېمىدا يۈزەكىيلىك ۋە ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت. مەسىلەن ئاپتور شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئىقتىسات، مائارىپ، جەمىيەت ئەھۋالى قاتارلىق بىر قىسىم ئەھۋاللىرى ھەققىدە سېلىشتۇرما ئېلىپ  بارغان. لېكىن يۈزەكىيلىك ۋە ئېنىقسىزلىق شۇ يەردىكى، ئاپتۇر دەۋاتقان ئىچكىرى ئۆلكە شىنجاڭغا نىسپەتەن كەڭ دائىرىلىك ئۇقۇم. (خۇددى چەتئەل دېگەن سۆز دۆلىتىمىزگە نىسپەتەن كەڭ دائىرىلىك ئۇقۇم بولغىنىغا ئوخشاش) بۇنداق سېلىشتۇرغاندا يۈزەكىيلىك ۋە ئېنىقسىزلىق شۇ يەدىكى ئىچكىرىدىكى ھەر قايسى ئۆلكە - شەھەرلەردىكى ئىقتىساد، مائارىپ، ئۆرپ - ئادەت، ۋە جەمىيەت ئەھۋالى جەھەتتە پەرق چوڭ بولغان جايلار كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ جەھەتتىكى تەرەققىياتلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىمۇ تەكشى ئەمەس. مەسىلەن جېجىياڭ ئۆلكىسى بىلەن گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى پەرقىنى خېلى زور دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن ھەر ئىككىسى بىزنىڭ تىلىمىزدا «ئىچكىرى ئۆلكىلەر» دەپ ئاتىلىدۇ) شۇنىڭ ئۈچۈن نوقۇل شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكە دەپ تەھلىل قىلغاندا خاتالىقتىن ۋە بىتەرەپلىمىلىكتىن خالى بولغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتورغا تەكلىپىم مۇمكىن بولسا ئۆزىڭىز تۇرۇۋاتقان ھەم ئەھۋالىغا بىر قەدەر پىششىق بولغان جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ يازسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

UID
7485
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2010-11-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 15:20:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئشكىرى ئۆلكىلەرگە چىقىپ خېلى جىق شەھەرلەرنى كۈرۈپ كەلدىم ، مىنىڭ ھېسقىلغىنىم شۇبولدىكى بىزنىڭ يورت ئالتۇنغا تىگىشكۈسىز كەن .
بۇنداق دىسەم ھەممە ئادەم يۇرتىنى داڭلايدۇ دىمەڭلار ،مەن بارغان ناھىيە شەھەرلەر دە يۇقۇردىكى قىرىندىشىمىز دىگەن پاكىزلىقنى ئانچە كۈرۈپ باقمىدىم ،قاياققا قارىسىڭىز بىرخىل دىمىق ھاۋا ،مەينەت سۇلار، شىلدىرلاپ ئاققان سۈزۈك سۇنى كۈرۈپ باقمىدىم [دىڭىزدىن بۈلەك]ئەخلەت دۆۋىللىرى، پاكارغىنە ئۆسكەن دەرەخلەر [مەن شۇنىڭغا ھەيران مەن بارغان يەرلەردە ئاندا ساندا ئادەمنىڭ بىلىدەك دەرەخلەر باركەن،قالغانلىرى بىلىكىمچىلىك كەلمەيدىكەن ،بۇلار دەرەخلەرنى كىسىپ تۈگەتكەنمىدۇ ياكى دەرەخلەر ئاشۇنداق چوڭ بولمامدىغاندۇ]ئۇزۇن يوللۇق ئابتۇبۇسلاردا ماڭغانغا 3كۈن ھۆبۇلۇپ يۈردۇم ئاپتۇبۇسلارنىڭ مەينەتلىكىگە گەپ كەتمەيدىكەن،ئىشقىلىپ مە كۆرگەن جايلارنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى ياخشى ئەمەس.
دىھقانچىلىقتا مەن كۆرگەن جايلاردا بۇغدايلار يىلدا4 پىشقانبىلەن ئىككى تۆت تال دان تۇتىدىكەن ھەم ناھايىتى پاكار يا سامىنىڭ تاينى يوق .
پەسىل ئارىلمىغان ھاۋا قاچانلا قارىسا دىمىقچىلىق .
مەن بىرىپ كەلگۈچە تىخى ئاغرىپ قالدىم توۋا مۇشۇنداق يۇتنىما داڭلاپ كىتىدىغانلار باركەن .
مەن بىرئىشقا ھايران ئىدىم يەنى خەنلەر بۇياققا چىقسىلا ئالدىراپ چىكەتمەيدىكەن ،بۇنى ئىشكىرى ئۆلكىلەرگە بارغاندىن كىيىن چۈشەندىم .ھاۋاسى ساپ يەرنى ئاشۇلارمۇ ياختۇردىكەن ئەمەسمۇ .
بولدى مۇشىنچىلىك سۆزلەي ۋاقتىم چىققاندا ئىچكىرى ئۆلكىلەر توغۇرلۇق ئايرىم ماقالە يوللايمەن.

UID
14849
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
191
تىزىملاتقان
2011-9-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-4
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 16:12:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بەزى كۆز قاراشلار گەرچە سەل بىر تەرەپلىمە بولۇپ قالغان بولسىمۇ ، مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ پىكىر يۇرگۈزگىنىڭىز ئۈچۈن خۇشال بولدۇم . كىيىنكى يازمىلىڭىزدا تىخىمۇ ياخشى مۇلاھىزە ئىلىپ بىرىشىڭىزگە تىلەكداشمەن .

UID
34286
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-14
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 18:03:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
imkan يوللىغان ۋاقتى  2012-4-2 02:05
خەلقىمىزدىكى ئايرىم توپتىكى كىشىلەرنىڭ كەمچىلىك، ئىل ...

ئەسلى سىز يازسىڭىز بوپتىكەن بۇنى، مەنمۇ راسلا سەل تىرىكىپ قالدىم بۇ تىمىنى ئوقۇپ

تىرىشچان ئەزا

تەپەككۇرسىز ھاي

UID
16297
يازما
100
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
460
تىزىملاتقان
2011-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-14
توردا
84 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 18:25:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە ۋاقىتتىن بىرى دەرىس ئالدىراشچىلىقىدا بۇ تېمىغا دېققەت قىلالمىدىم، ھازىر داۋامىنى يوللاي دەپ ئاچسام ئىنكاسلار توشۇپ كىتىپتۇ! ئويلاپ باقسام كەمچىلىكلىرىم ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئىكەن، شۇڭا ئاخىرىنى تىخىمۇ ئەتراپلىق ئىزدىنىپ ئاندىن يوللاش قارارىغا كەلدىم، ئەپۇ قىلغايسىلەر.
   دېگىنىڭلاردەك ئۆزۈمچە چوڭ  ھۆكۈملەرنى چىقىرىۋىتىپتىمەن،قارىغاندا ئۆزۈمگە بەك ئىشىنىپ كەتكەن ئوخشايمەن، بۇ سەۋەنلىكىم ئۈچۈن ھەممىڭلاردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن. ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەت مىنىڭ بىر قېتىملىق ئۇرۇنۇشۇم، ئاللاھ نىسىپ قىلسا مىللىتىمنىڭ بېشىغا كىلىۋاتقان قىسمەتلەر ئۈستىدەتوختىماي ئىزدىنىمەن، تۇنجى قەدەملىرىمنى تەمتىرىگىنمچە ئالماقتىمەن، كەلگۈسى تېخى ئالدىمدا!
  ئەمەلىيەتتە مەن باشلانغۇچتىن كىيىن ئۇيغۇرچە مائارىپ قوبۇل قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان بىر بالا، ھازىرقى كەسپىم ساپلا تەبئىي پەن. شۇڭا يازمىلىرىم بەزىلىرىڭلارنى «تىرىكتۈرۈپ» مۇ قويغاندۇ. تېمىنى مەن باشلاپ قويدۇم، ھەرخىل سەرگۈزەشتىلەرگە ۋە تەسىراتلارغا ئىگە قېرىنداشلىرىمىز ئويلىغانلىرىڭلارنى ئوتتۇرغا قويساڭلار، بەزى مەسىلىلەرنى مۇنازىرە قىلىپ باقساق دەپ ئويلايمەن.
   ئاخىرىدا ھەممىڭلارغا سۈزۈك ئەقىل، يۇكسەك ئەقىدە، چەكسىز غۇرۇر تىلەپ:
   _تەشنايى

باھا سۆز

arzuyar  ئوقۇڭ،تەنقىدلەرنى توغرا چۈشىنىپ،مەيۈسلەنمەي داۋاملىق تىرىشىڭ  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 19:52:21
arzuyar  ئېنكاس يازسام ئۆچۈپ كېتىپتۇ،كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ،دەرىسىڭىزنى ياخشى  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 19:51:17
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش