تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: taxnayi-a

ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن تەكلىماكان گىرۋەكلىرىگە نەزەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
285
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
8306
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-9
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 18:45:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا كۆز ئالدىمىزدا،  رىئاللىقىتىكى ئەملىي ئىشلار، بىزنىڭ ھەل قىلىشىمىزنى كۆتۈپ تۇرۇپتۇ. مائارىپىمىزنى تەرەققي قىلدۇرامدۇق يوق؟

تىرىشچان ئەزا

تەپەككۇرسىز ھاي

UID
16297
يازما
108
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
468
تىزىملاتقان
2011-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-9
توردا
80 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 20:00:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرام ۋە خاتىرە كۈنلىرى قارىشىمىزدىكى ئوخشىماسلىقلار
  ئېنىقكى بايرام ھەر بىر قەۋىم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ بىر خەلىقنىڭ كۆڭۈل ئىچىش، شاتلىق تەنتەنىسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى مىللىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ سىمۋولى. مۇقەددەس بايراملار ئارقىلىق شۇ قەۋىم كىشىلىرى ئۆزىگە خاس ئىتنىك تۇيغۇلاردىن بەھىرلىنىدۇ، ئەجدادلىرىنىڭ روھىنى ياد ئىتىپ،  مىللىي مەدەنىيتىنى تېخمۇ بېيىتىدۇ.بۇ نوقتىدىن قارىغاندا تىل ۋە يېزىققا ئوخشاش مىللىي بايراملار شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇھىم ئامىل. ئۇيغۇرلانىڭ نەچچە ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىۋىي بايراملىرى مەزمۇن جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز موللىشىپ، ئۇسۇل جەھەتتىن يىڭى زامانغا ماسلىشىپ، تۇرمۇشىمىزغا يىڭىچە مەنالارنى بەخىش ئېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا ئەللەردىن سىڭىپ كىرگەن بىر تالاي يىڭىچە بايراملار ۋە خاتىرە كۈنلىرى ھەرخىل مەزمۇنلاردا تەبرىكلىنىپ كەلدى. سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىساق، دۇنيادىكى ئاساسلىق بايراملارنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدا ئاساسەن تولۇق مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئۇنداقتا ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋىي ساپاسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ئىچكىردىكى شەھەر خەلىقلىرى بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟!
   ئىچكىرىدە كىشىلەر ئۆز بايراملىرىدىن سىرىت يەنە غەرىب ئەللىرىنىڭ بىر تۈرلۈك بايراملىرىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، سىرىتتىن قارىماققا ھەممىسى شۇخىل بايراملارنى ئۆتكۈزىدىغاندەك قىلىدۇ، ئەمما كۆپ سانلىق كىشىلەر ئۇلارغا ھەقىقى بايرام سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلمايدۇ .    ئىچكىرىگە ئوقۇشقا كەلگەن تۇنجى يىللىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا، بىز شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ بايرىمىنى  تەبرىكلەش ئۈچۈن ئەستايدىل تەييارلىق قىلدۇق. ئازراقتىن پۇل يىغىش قىلىپ، مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن سوۋغاتلارنى تەييارلىدۇق. بايرام كۈنى مەكتەپ ئىچى قاينام تاشقىنلىققا چۈمىدۇ دەپ ئويلاپ ھاياجانلاندۇق، شۇ كۈنى ئەتتىگەندە چەكسىز ھاياجانلىرىمىز بىلەن مۇئەللىمنىڭ سىنىپقا كىرىشىنى كۈتتۇق، خىيالىمىزدا مۇئەللىم ئالاھىدە ياسىنىپ، مەيدىسىگە گۈل تاقاپ، ھاياجان بىلەن كىرىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدۇق. نەتىجىدە ئۇ ئادەتتىكىدەك تىز قەدەملەر بىلەن كىرگەنچە مۇنبەرگە يۈزلىنىپ دەرىس سۆزلەشنى باشلىۋەتتى. ئاخىرىدا بىز ئۇنىڭ گىپىنى بۆلۈپ، مەدىھيە سۆزلىرىمىزنى ئىيىتىپ سوۋغاتلىرىمىزنى سۇندۇق، ئۇ ئاددىيلا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، دەرىسنى باشلاپ كەتتى. بىزنىڭ ھاياجانلىق تۇيغۇلىرىمىز شۇ يەردە ئاياغلاشتى. مەكتەپتە ئالاھىدە كەيپىياتمۇ يوق!  بۇنىڭدىن باشقا ئاياللار بايرىمى، ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى، ئالداش بايرىمى...دېگەندەك بىرتالاي «بايراملار» دىمۇ ئالاھىدە ئۆزگىرىشلەر يوق.
   نوپۇس جەھەتتە بىزدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان، شارائىتى بىز بىلەن روشەن پەرىقلىق بولغان خەلىقلەر ئارىسىدىكى ئاز سانلىق كىشىلەر ئۆتكۈزىدىغان بىر تالاي بايراملار ئۇيغۇر ياشلىرىغا خاتا چۈشەنچە بېرىۋاتىدۇ ، تاراتقۇلاردا قويىلىۋاتقان تۈرلۈك مەزمۇندىكى كىنولاردىكى ئىددىيىلەر بىرلىشىپ تىخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.
   ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي بايراملىرى تولىمۇ مەنىلىك، ئۇلار چاڭقىغان دىللىرىمىزغا مەلھەم بولالايدۇ. ئىچكىرىدە ھەرقېتىم ھىيت-بايراملىرىمىزدا چىرايلىق مىللىي كىيىم كىچەكلىرىمىزنى كىيىشىپ چىقساق، خەنزۇ ساۋاقداشلىرىمىز ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ھەيرانلىقتا قاراپ قالىدۇ؛ قېرىنداشلىرىمىز بىلەن قول ئىلىشىپ مىھىرلىك سالاملىشىشىمىزغا قاراپ ھەۋەس قىلىدۇ. ئەنئەنىلىرىمىز ئارقىلىق باشقىلارغا مەۋجۇدىيىتىمىزنى كۆرسىتىپ قويغاندىكى مۇشۇ خىل تۇيغۇ ئادەمگە ھەقىقى ھوزۇر بىرەلەيدۇ. تارىخىمىزدا يىلتىزى بولمىغان ئاللىقانداق كەلگۈندى بايراملار بىزگە ھىچ نەپ بېرەلمەيدۇ، ئەكىسچە ئەنئەنىمىزگە بولغان ھىسياتىمىزنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىدۇ.

باھا سۆز

bagyar  دادىل داۋاملاشتۇرۇڭ، كۆزقاراشلىرىڭىزنى ئەركىن-ئازادە ئوتتۇرىغا قويۇڭ  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 01:27:18

تىرىشچان ئەزا

تەپەككۇرسىز ھاي

UID
16297
يازما
108
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
468
تىزىملاتقان
2011-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-9
توردا
80 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 20:17:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدا سەمىمىي تەكلىپ ۋە تەنقىدلەرنى بەرگەن قېرىنداشلىرىمغا رەھمەت، كەمچىلىكلەر ھەقىقەتەن كۆپ، ئايىماي كۆرسىتىپ بېرىشىڭلارنى ۋە مومكىن بولسا تولۇقلاپ قويۇشۇڭلارنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. مەن قانداقتۇر بەزىلىرىڭلار دېگەندەك «جەمىيەتشۇناس» ئەمەس، پەقەت جەمىيەت توغرىسىدا ئازراق خىيال سۈرۈپ قالىدىغان، خەلقىم ئۈچۈن چوڭ ئىش قولۇمدىن كەلمىسىمۇ ئازراق باش قاتۇرۇشنى ئويلايدىغان سەبىي بىر گۈدەك(ئەمدى ئالىي مەكتەپكە قەدەم قويدۇم).
  بۇ تېمىغا «قالپىقى يوغان» قىلىپ ماۋزۇ قويىشىمدىكى مەقسەت ئۆزۈمنى قالتىس چاغلىغانلىقىم ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ماڭا ئوخشاش ياشلارنى بۇ يەرگە جەم قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھىس قىلغانلىرىنى ئورتاقلىشىش، چوڭلىرىمىزنىڭ تەقىدىي پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزىمىزگە جەڭ ئىلان قىلىش ئۈچۈن ئىدى. ئەنئەنىۋىي پىكىر قىلىش مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قالغان ماڭا ئوخشاش پەرزەنىتلىرىڭلار ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ پىكىر قىلىشنى ئۈگۈنۈش بەك مۇھىم. ئەلۋەتتە مەندەك كىچىك بىر بالا بۇنداق چوڭ تېمىدا دەبدەبىيلىك سۆزلەپ، باشقىلارنى قايىل قىلالمايدۇ، ھىچ بولمىسا تۇنجى قېتىملىق ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بولسىمۇ سەۋەنلىكلرىمنى ئەپۇ قىلارسىلەر. مەن تەنقىدتىن قورقمايمەن، شەخسىيىتىمگە تىگىش قىلماي، ھەرقانچە قاتتىق تەنقىد قىلساڭلارمۇ قوبۇل قىلىمەن.
   تېمىنىڭ ئاخىرىنى ۋاقتىدا يوللىيالمىدىم( دەرىسىم كۆپ، ھەمدە بۈگۈن ماۋۇ مۇنبەر ئىچىلغىلى ئۇنىمىدى(ئەپۇ قىلغايسىلەر.
    بىلىملىك كىشىلىرىمىزنىڭ ئىغىر كۆرمەي، موشۇ تېمىغا بىرلەشتۈرۈپ ياشلارغا بولغان ئۈمۈد ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، بايقىغان ئاجىزلىقلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى سورايمەن.

باھا سۆز

adilkanun  يىسا ئەجەپ ئەمەس! سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا
adilkanun  داقلا بولمىسۇن ياخشى بىر تىمىدا پىكىر قىپسىز. مەزمۇن مۇنازىرە داۋامىدا بې-  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا
adilkanun  تېيىز بۇلۇپ قاپتۇ. تېخىمۇ ئەتىراپلىق بولىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن! قان-  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا
adilkanun  گەن، جەمىيەت كۆرگەن بىرى بولسىڭىز يازغانلىرىڭىز سەل بىر تەرەپلىمە ھەم  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا
adilkanun  ھازىر ئۇقۇغىچى بولسىڭىز بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بوپتۇ. تىرىشىڭ! ئۇقۇش پۇتتۇر-  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

UID
32379
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-3-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-5
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 22:14:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ يۇرۇتلاردىكى مەكتەپ مۇدىرلىرى دەرس ئۆتسە، مەكتەپتىكى كۈندە ئېچىلىدىغان يىغىنغا كىم تەييارلىق قىلىدۇ؟ يىغىندا ئوقۇتقۇچىلاردىن كىم جۈرئەرلىك قاھشىيالايدۇ؟    

UID
24152
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2012-1-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-9
توردا
35 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 00:09:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەت، مائارىپ توغرىسىدا قاقشايدىغانلار، ئەڭ ئاۋۋال بىر ئىملايىڭلارنى توغرىلاڭلار، بۇ يەردە قىپقىزىل ۋىجدانىڭلارنى كۆرسەتمەي! يا گېپىڭلارنى ئوقۇغىلى بولمىغان ...

UID
27532
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2012-1-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-9
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 00:11:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككنچى بۆلەكتە ‹‹ ئىچكىردىكى شەھەرلەردە مەيلى قانداق ئورۇن بولمىسۇن تازلىق ئىنتايىن ياخشى، تاماكا چىكىلمەيدۇ، قالايمىقان ۋارقىراشمايدۇ››دەپ يېزىپسىز لېكىن بۇيەردىكى تورخانىلارغا ماتېريال چۈشۈرۈش ئۈچۇن كىرىپ قالساق تاماكا ئىسىغا قۇلاققىچە تويۇپ چىقىمىز  بۇنداق جايلارنىڭ مۇھىتى ياخشىلىرىنى ئاساسەن كۆرۇپ باقمىدۇققۇ:'     بۇيەرلەردىكى مەينەت يەرلەرنى تېخى كۆرمىگەن ئوخشايسىز

UID
10417
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
500
تىزىملاتقان
2011-3-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-1
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 00:21:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم قىرىنداشلار
taxnayi-a ئىنىم (قىزبالا بولسىڭىز سىڭلىم)ئىشكىرىدە ئوقۇۋاتقان  ئوقوغۇچى بولسىڭىزمۇ ، جەمىيەت تەكشۈرۈپ بىزنىڭ كۆرۈپ  پايدىلىنىشىمىزغا تىگىشلەك خىلى سەۋىيەلىك ، ئەسەر يوللاپسىز رەھمەت سىزگە . ئالا دىن توغرا مەنپەئەتلەك بىلىم ئىگەللەپ  مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشىڭىزنى ئۈمىڭ قىلىمىز . يازمىڭىزدىن كۆرۈپ يەتتۇقكىن شۇنداق قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز .
بىرقىسىم مۇنبەرداشلىرىمىز  ئىنىمىزغا بەك يۇقۇرى تەلەپ قۇيۇۋاتتۇ . بىر ئوقوغۇچىنىڭ مۇشۇنچىلىك بىرنىمە يازمىغى ئاسان ئەمەس . نەچچە يىل ئوقۇپ  ئاتا - ئانىسىنىڭ پۇلىنى بۇزۇپ  تەسىرات ماقالىسى ياكى ساياھات خاتىرىسى يازالمايدىغان نان قىپىلارنىمۇ كۆرىۋاتىمىز . ئۇنىڭغا قارىغاندا taxnayi-a دا ئۈمىت بار .
پىكرىڭلار بولسا چىرايلىق ئوتتۇرىغا قويۇڭلار قىرىنداشلار . ھەممىمىز غەرەز ئۇقىدىغان مۇسۇلمان بولغاندىكى . مۇسۇلمانچىلىقمۇ ئاستا - ئاستا بولىدۇئەمەسمۇ .
   ئىنىم taxnayi-a ئاخىرىنى داۋاملاتتۇرۇڭ بىز كۈتىۋاتىمىز .

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-2 00:25):
كەچۈرىسىلەر  ئالا نى ئاللا داپ تۈزۈتۈپ ئوقارسىلەر .

تىرىشچان ئەزا

ئەقلىڭنى تاۋلا !

UID
8802
يازما
37
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
978
تىزىملاتقان
2011-1-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-5
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 02:05:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقىمىزدىكى ئايرىم توپتىكى كىشىلەرنىڭ كەمچىلىك، ئىللەتلىرىنى پۈتۈن مىللەتكە ئارتىپ قويماڭ. ئوخشىمىغان تۇرمۇش سەۋىيسى، تەربىيلىنىش دەرىجىسى، تۈزۈلمە ۋە مەدەنىيەتتىكى پەرقلەرنى قايرىپ قويۇپلا سېلىشۇتۇرۇش مۇۋاپىق ئەمەس. سىزدە بۇخىل مۇۋاپىق بولمىغان سېلىشۇتۇرۇشنىڭ نەتىجىسىنى  ھۆكۈم سۈپىتىدە ئىشلىتىش خېلى ئېغىركەن، بۇنداق قىلىش خاتا. تىرىشچانلىقىڭىز بولىدۇ، لېكىن كاللىڭىزدىكى يۈزەكى چۈشەنچىلەر بىلەنلا چوڭ ھۆكۈملەرنى چىقىرىشىڭىز ئەخمىقانىلىق.

دېمەك ئۇيغۇرلاردا پۇل يوق ئەمەس بەلكى ئىقتىسادىي ئاڭ يوق. ئەلمىساقتىن داۋاملىشىپ كەلگەن كىچىك دېھقانچىلىققا تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزۈش، خىيالى جەمىيەتتە رىۋايەتلەردىكىدەك تۇرمۇش كەچۈرۈش قارىشى ئۆزگەرمىگەن. كۆز ئالدىدىكى رىقابەتلىك جەمىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارى يېتىلمىگەن.
كۆپىنچە ئۇيغۇر تېخىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلغىنى يوق، ئىقسادىي ئاڭ قورساق، كىيىم غېمىدىن قۇتۇلغاندا بولىدۇ. پۇل كۆرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممسىدە ئىقتىسادىي ئاڭ يوق ئەمەس، بارلىرىمۇ خېلى بار، يىلسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. ئاۋۇ خىل تۇرمۇش قارشىنى مىللەتكە يۈكلىسىڭىز، مىللەتكە ھاقارەت قىلغان بولىسىز. گەرچە نۇرغۇن ئىشلار يەلكىمىزدىن بېسىپ تۇرسىمۇ، رىقابەتلىك جەمىيەتكە ھەممىمىز كۈچىمىزنىڭ بارىچە ماسلىشىشقا تىرىشىۋاتىمىز.
  
ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەگەشكۈچىلىرى بولىشىغا قارىماي، ناخشا-ئۇسۇل، ئويۇن تاماشىغا ئالاھىدە ئامراق خەلق. ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنى بەزمە-مەشرەپسىز، ناخشا-ئۇسۇلسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
بۇ گەپلەر خۇددى بىرەر 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يۇرتىمىزغا كەلگەن چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدىكىدەك بىلىندى. ئۇيغۇر تۇرمۇشىنى ئەقىل كۆزىڭىز بىلەن كۆزىتىڭ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى بەزمە-مەشرەپسىز، ناخشا-ئۇسۇلسىزمۇ شۇنداق نورمال ئۆتىۋاتىدۇ. توي-تۆكۈنلەردە، چاي-يىغىلىشلاردا بولىدىغان ناخشا-ئۇسۇللار ئادىتىمىزگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىشلار، شەرىئەت بويىچە قىلىمىز، دەپ ھەممىنى بەزمىسىز قىلىۋاتقانلارمۇ جىققۇ؟! باشقىلاردەك ھەممە ئىشنى ھاراق بىلەن تەبرىكلەشكە، خوشاللىقىمىزنى ھاراق-شاراپ بىلەن ئىپادىلەشكە كۆنمەپتىكەنمىز، كۆڭلىمىزگە ياققىنىنى قىلساق بولىدۇ.

ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەدە كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرى ئىنتايىن كۆپ. پۇتبۇل تېپىش، سۇ ئۈزۈش ھەرخىل كۇلۇبلارغا بېرىش، كىنو كۆرۈش .... ئۇلار كۆڭۈل ئىچىشتا مەلۇم بىر پائالىيەتكىلا ئېسىلىۋالمايدۇ.
شىنجاڭدىمۇ ئۈرۈمچى، قاراماي ۋە باشقا نۇرغۇن شەھەرلەردە قورساق ۋە كىيمدىن غەم قىلمايدىغان خېلى جىق ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق ھەتتا بەزىلىرى بۇنىڭدىن ياخشىراق شەكىللەر ئارقىلىق تۇرمۇشىنى بېيىتىدۇ. نامراتلارنىڭ سەن بۇنداق قىلمىدىڭ، دەيدىغانغا ھەققىمىز يوق.

  ديىارىمىزدىكى رىستۇران بەزمىخانىلارنىڭ، بىليارتخانا تورخانىلارنىڭ مۇھىتى تولىمۇ ناچار. بۇ ياشلارنىڭ ئىدىيىسىنى زەھەرلەۋاتقان ئامىللار قىلچىمۇ كۆڭۈل ئىچىش ئىھتىياجىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. مەن يۇرتىمىزدا ياشلار كۆنۈپ قالغان بىرنەچچە دىسكوخانا، بىلياردخانا دېگەنلەرنى ئارىلاپ كۈزەتكەن(ئۇ ۋاقىتتا كۆرگەنلىرىمنى ئىتراپ قىلىشتىن نۇمۇس قىلىمەن)، كىيىن ئىچكىرىدىمۇ موشۇنداق ئورۇنلارنى كۈزىتىپ بېقىش پۇرسىتى بولدى. سىلىشتۇرۇشتىن شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىمكى، بىز ئۇخىل ئورۇنلارنىڭ مۇھىتىغا تولىمۇ سەل قاراپ كەپتىمىز. ئىچكىردىكى شەھەرلەردە مەيلى قانداق ئورۇن بولمىسۇن تازلىق ئىنتايىن ياخشى، تاماكا چىكىلمەيدۇ، قالايمىقان ۋارقىراشمايدۇ...ۋەھاكازالار.
ئۇكام، ئىچكىرىدىكى قايسى شەھەر بىلەن شىنجاڭدىكى قايسى ناھىيىنى ياكى شەھەرنى سېلىشتۇرىۋاتقانسىز؟ ئۈرۈمچى يەنە 20 يىلدىن كېيىنمۇ ھازىرقى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە يېتەلمەيدۇ. شەھەر تەرەققىياتى بىلەن شەھەر ئاھالىسنىڭ ساپاسىمۇ مەلۇم مەنىدىن ماس قەدەمدە ئۆسۈپ ماڭىدىغان تۇرسا، بۇنداق سېلىشتۇرسا قانداق بولىدۇ؟ ئىچكىرىدىكى ئوتتۇرا-كىچىك شەھەرلەرگە، ناھىيىلەرگە بېرىپ كۆزۈتۈپ بېقىڭ، بۇ خىل سورۇنلاردىكى ئەشەددىي مەينەتچىلىك، پاسكىنىچىلىق، ھەتتا سىز ھازىر تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايدىغان رەزىللىلەرنى كۆرىسىز. « ئىچكىردىكى شەھەرلەردە مەيلى قانداق ئورۇن بولمىسۇن تازلىق ئىنتايىن ياخشى، تاماكا چىكىلمەيدۇ، قالايمىقان ۋارقىراشمايدۇ...» ماۋۇ گەپنى يەنە 100 يىلدىن كېيىن دېسىڭىزمۇ ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. سىز دىگەندىكىدەك ئەھۋال بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە باشقا بىر نەچچە شەھەرلەرنىڭ مەركىزىي رايونلىرىدىلا بار. ئاممىۋى ئاپتوبۇستىكى ئۈنلۈك ۋارقىراپ پاراڭلىشىشىلار، ئورۇن تالىشىپ ئۇرۇشۇشلار، بىكەتتىكى تالايلىغان تاماكا قالدۇقلىرى، قىشتا مۇز بولۇپ كەتكەن رەڭگارەڭ بەلغەم-تۈكۈرۈكلەر سىزگە چېلىقمىغان ئوخشايدۇ. ئەخلەتلەر دۆۋىلىنىپ كەتكەن، سېسىق يۇندا ئېقىپ تۇرىدىغان تار كوچىلارغا كىرىپ باقماپسىز. پۇرىقى ئادەمنى ھۆ قىلىدىغان شەھەر ئىچىدىكى دەريا-ئېقىنلارنى تېخىمۇ كۆرمەپسىز. بۇنداق يازسام ئۇنداق ئىشلار بەك جىق.

مائارىپ، مەكتەپ توغرىسىدا جىق توختالغۇم يوق. بىزنىڭ ئىچكىرىنىڭ مائارىپىدىن ئۆگىنىدىغان يەرلىرىمىز بەك جىق، مىللىي مائارىپىمىزنىڭ ساقلاپ قېلىشقا، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك تەرەپلىمۇ كۆپ. ئەلنىڭ غېمىنى يەيدىغان نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ مائارىپنى ئىسلاھ قىلغۇسى، بالىلارنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيلىگۈسى بار. لېكىن ئالىي مەكتەپ ياكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئىلگىرىكى بارلىق مائارىپ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتمەي، مائارىپنى سىياسەتۋازلارنىڭ، يەرلىك ئەمەلدارنىڭ ئويۇنچىقى بولۇشتەك ھالەتتىن ئازتولا قۇتۇلدۇرماي تۇرۇپ، مەجبۇرىي مائارىپىمىزدىكى پاجىئەرلەر داۋاملىشىدۇ.
كىتابتىن باش كۆتۈرمەي ئۆگەنسىڭىزمۇ تۈزۈك ئۈنۈمى بولماسلىقى خەنزۇ تىلىدىكى تەپەككۇر شەكلىگە كۆنەلمەيۋاتقىنىڭىز. بۇنىڭغا ئوبدان كۈچىسڭىز، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن بۇ خىل ھالەتتىن قۇتۇلسىز. ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇپ بارغانلارنىڭ تېز ماسلىشىشى شۇ سەۋەبتىن. تولۇقنى ئۇيغۇر مەكتەپتە ئوقۇپ بارغانلارنىڭ ئارىسىدىمۇ شۇنداق ياخشى ئوقۇپ، خەنزۇ باللارنىڭمۇ ئالدى بولۇپ دىگۈدەك ئوقۇپ، ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇۋاتقانلار، ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنغانلار بار، ھەم يېلسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.
خەنزۇ باللانىڭ ئىچىدىمۇ ئالامەت زېھنى ئوچۇق، ئۆلۈك تەپەككۇر قىلىشا ئۆچ بالىلار بار.

يىغىنچاقلىغاندا، بۇ يازمىنى يېزىشتا نۇرغۇن خاتالىقلارغا يول قويۇپسىز، قىسمەنلىكىنى پۈتۈنلۈك قىلىۋېلىش خاھىشى ئىنتايىن ئېغىر. بۇخىل تېمىلارغا بۇنداق يېنىكلىك بىلەن، چالا تەييارلىق بىلەن تۇتۇنماڭ. ئىش كۆرمىگەن نۇرغۇن تورداشلاردا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىسىز. ئىش بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمەيدۇ، بەزىلەردە ئۆزىنى كەمسىتىش، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك، قەۋمىگە بولغان مېھرى سۇسلاش، كەلگۈسىدىن ئۈمىدسىزلىنىش، ھەتتا ئۆزىنى تاشلىۋېتش خاھىشىنى پەيدا قىلىشقا ھەسسە قوشقان بولىسىز.  

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-2 02:09):
قىزىلدا بويالغىنى يازما ئىگىسىنىڭ يازغىنى.

باھا سۆز

adilkanun  ئەستايىدىل ئىنكاس! ياخشى تەكلىپ پىكىر!  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

تىرىشچان ئەزا

تەپەككۇرسىز ھاي

UID
16297
يازما
108
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
468
تىزىملاتقان
2011-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-9
توردا
80 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 07:34:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
imkan يوللىغان ۋاقتى  2012-4-2 02:05
خەلقىمىزدىكى ئايرىم توپتىكى كىشىلەرنىڭ كەمچىلىك، ئىل ...

رەھمەت سىزگە، پىكىرىڭىزنى قوبۇل قىلدىم! يول قويغان خاتالىقلىرىم ئۈچۈن ھەممىڭلاردىن ئەپۇ سورايمەن. بۇنىڭدىن كىيىن مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئەستايدىللىق بىلەن تەپسىلىي كۈزىتىشكە تىرىشىمەن! ئاللاھ ھەممىمىزگە يۈكسەك ئەقىل ئاتا قىلغاي!
   مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ موشۇ بىرنەچچە يىلدا ھىس قىلغانلىرىمنى(گەرچە تولىمۇ يۈزەكىي بولسىمۇ) ئوتتۇرغا قويۇپ باقاي دەپ ئويلىغان، ھەرگىزمۇ مىللىتىمنى كەمسۇندۇرغۇم يوق. ئالدى بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتى ئىكەنلىكىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن، ھەمدە تىخىمۇ قۇدرەت تاپسىكەن دەپ ئويلايمەن. مەقسىتىم توغرا چۈشىنىلگەي....

باھا سۆز

adilkanun  ئۇكام باش سورىتىڭىز كۇرۇنمەيدىغۇ!  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

UID
22356
يازما
169
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
169
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-9
توردا
87 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 09:03:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەيزى يازمىكەن.
تۇنجى ئورگىنال ئوخشايدۇ بۇ. تۇنجى ئورگىنال پۈتكەندىن كېيىن ھۆكۈم خارەكتىرلىك جۈملىلەرنى ئېھتىماللىق  جۈملىلەرگە ئۆزگەرتىپ، سىزنى شۇ خىل تەسىراتقا كەلتۈرگەن مەنزىرىنى ئېنىق خاسلىقى(قايسى ۋاقىت، قايسى جاي) بىلەن تەسۋىرلەپ تولۇقلىسىڭىز ياخشى ماقالە چىقىشىدا گەپ يوق. ھۆكۈم خارەكتىرلىك جۈملىلەر سىزنىڭ كەلگۈسىڭىزگە نىسبەتەن بىر سىرتماق. ھازىر ئالى مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋېتىپسىز، ئوقۇش پۈتتۈرگىچە كاللىڭىزدىكى نۇرغۇن تونۇشلار ئاغدۇرۇلۇپ يېڭىلىنىدۇ. شۇڭا ئىمكان بار ئېھتىماللىق جۈملىگە كۆپ ئورۇن بەرگەن ياخشى.
مۇشۇ ياشتا مۇشۇنچىلىك يېزىقچىلىق قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرگىنىڭىز ئادەتتىكى ئىش ئەمەس. بۇ ئالاھىدىلىكىڭىزنى ئۈزمەي جارى قىلدۇرۇپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەكلىپىم، تۇتقان تېمىڭىز بەكلا چوڭ بولۇپ كەتكەندەك قىلىدۇ. بۇنداق چوڭ تېمىنى بۇنداق تېز يېزىش ئۇسۇلى بىلەن تويۇندۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭا سىز ئەڭ پىششىق تونۇش بولغان مەكتەپتىكى تۇرمۇش، ئۆگۈنۈش جەريانىدا ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ كۈزىتىپ ھاسىل قىلغان تەسىراتلىرىڭىزنى يازسىڭىز ماقالىلىرىڭىز تېخىمۇ تەسىرلىك، چىن چىقامدىكىن دەيمەن. بۇ جەھەتتە سەنماۋ، خەنخەننىڭ ماقالىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ ئوقۇپ بېرىڭ. ئۇلار باشقىلار ئۇششاق-چۈششەك، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدۇ دېگەن دېتاللارنى تاللىۋېلىپ ئۇنىڭدىن ئوت چىقىرىۋېتىدۇ.
ئىجادىيىتىڭىزدىن سۆيۈندۈم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش