تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: taxnayi-a

ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن تەكلىماكان گىرۋەكلىرىگە نەزەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دائىملىق ئەزا

Www.Gulenblog.Com گۈلەن

UID
6541
يازما
449
تېما
40
نادىر
0
جۇغلانما
10174
تىزىملاتقان
2010-10-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-13
توردا
31 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 17:54:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئوبدان يېزىپسىز، موھاكىمىلىرىڭىزدىن سۆيۈندۈم.
سىز مەنچە ھۆكۈم قىلىمەن دېمەي كۆپرەك تەسۋىرلەڭ، ئۇچۇر يەتكۈزۈڭ. سېلىشتۇرۇپ ھۆكۈم قىلىش ئىلمىي ماقالىنىڭ ئىشى. يازغنىڭىزنى بىر خاتىرە دەپ چۈشەندىم، بۇ نەسىر نىڭ بىر تۈرى. شۇڭا ئەدەبىيات ئەدەبىياتچە بولسۇن.

دائىملىق ئەزا

Www.Gulenblog.Com گۈلەن

UID
6541
يازما
449
تېما
40
نادىر
0
جۇغلانما
10174
تىزىملاتقان
2010-10-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-13
توردا
31 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 18:02:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
0997aynur يوللىغان ۋاقتى  2012-4-4 15:12
ئۇيغۇرلار ئسلام دىنغا ئىشەنگەن بىلەن  مۇھەممەت پەيغەم ...

مەن مۇشۇنداق گەپلەرنىڭ بەك ھىسسى دېيىلىشىگە قاراپ قالىمەن. ھەدىسلەرنى كۆرسەتمە دېسەك، جەمئىيەت شۇ كۆرسەتمە بويىچە باشقۇرۇلسا كىشىلەر شۇنىڭغا كۆنىدۇ. جەمئىيەت كۆنگەنگە سىزمۇ كۆنىسىز. بۇلتۇر ئىيۇندا بىر ئامېرىكىلىق ئىشىك ئالدىدا ئالما سويۇپ شوپۇكىنى يەرگە تاشلىغىلى تۇرۇپتۇ، چىرايىغا قاراپ تۇرۇپ «مەن ئامېرىكىدا، سېنىڭ دۆلىتىڭدە مۇنداق قىلىپ باقمىغان. دېسەم، مەنمۇ شۇ، ئامېرىكىدا ھەممە يەردە ئەخلەت تۇڭى بار، بولمىسا  ئىزدەپ تاپىدىغان ئىنسانىي ئادەت، بۇ يەردە ئىككىلىسى يوقكەن» دەيدۇ. دېمەك گەپ بىزنىڭ ھەدىسكە ئەمەل قىلمىغىنىمىزدا ئەمەس.

دائىملىق ئەزا

Www.Gulenblog.Com گۈلەن

UID
6541
يازما
449
تېما
40
نادىر
0
جۇغلانما
10174
تىزىملاتقان
2010-10-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-13
توردا
31 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 18:05:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
0997aynur يوللىغان ۋاقتى  2012-4-4 15:12
ئۇيغۇرلار ئسلام دىنغا ئىشەنگەن بىلەن  مۇھەممەت پەيغەم ...

ئۇيغۇرلار ئۇنى قىلىدۇ، بۇنى قىلمايدۇ، دېگەننى قويۇپ قانچە ئۇيغۇر ھەدىس ئوقۇيدۇ، شۇ شارائىتقا ئىگە، نەدە ئوقۇيدۇ، ئوقۇسا قانداق بالاغا، جازاغا قالىدۇ...دېگەنلەرنى ئويلاپ پىكىر قىلىپ باقسىڭىز قانداق.

تىرىشچان ئەزا

تەپەككۇرسىز ھاي

UID
16297
يازما
100
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
460
تىزىملاتقان
2011-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-14
توردا
84 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 22:44:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
  بىر قەۋمگە تەۋە كىشى ئۆز توپىدىن ئايرىلىپ، باشقىلار ئارىسىدا سەرگەردانىلق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەندە ئاندىن ھەقىقىي ئۆزلۈك تۇيغۇسى يىتىلەمدىكىن دەيمەن. ھىلىمۇ ئىسىمدە، تۇنجى قىتىم ئۆيدىن ئايرىلىپ ئىچكىرگە كەلگەندە يات خەقلەرنىڭ ھەيرانلىق ئىلكىدە قاراشلىرىدىن چۈچۈپ كەتكەنتىم. ئىلگىرى تىلىۋۇزۇردا تارقىتىلىدىغان «شىجاڭ خەۋەرلىرى» دىن ھىس قىلغانلىرىمغا ئاساسەن، دىيارىمىز جوڭگودىكى يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ رايۇن بولغانىكەن جوڭگۇلۇقلارنىڭ ھەممىسى بىزنى بىلىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن نىفىت،گاز قاتارلىق نورغۇن قىزىلما بايلىق ۋە ئىنىرگىيلەر بىلەن تەمىنلەۋاتقان بىر گۆھەر ماكاننىڭ خەلقىنى چوقۇم تونۇيدۇ دەپ خىيال قىلاتىىم. ئەپسۇس نۇرغۇن كىشىلەر بىزنى كۆرۈپ «قايسى دۆلەتتىن كەلدىڭلار؟» دەپ سورىشىدۇ، بۇنداق ۋاقىتلاردا تاپىنىمىزدىن كىرگەن ئاچچىق سىزىم مىڭىمىزگە چىقىپ توختايدۇ! تىخى ئالىي مائارىپ قوبۇل قىلغان كىشىلەرمۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ بىزگە ئوخشاش خەلقىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ. مانا موشۇنداق ئاددىي ئىشلاردىن باشلاپ كاللىمىزدا ئۆزلۈك توغرىسىدا سۇئاللار شەكىللىنىشكە باشلايدۇ.
   شەھەرلەدىن ئىزدەپ سوراپ، مۇسۇلمانچە تاللا بازىرىغا بارساق چەتئەل مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئۇچرايدۇ، ئەمما ئىلىمىزىنىڭ بىر قىسمى بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىكى مىللىي شىركەتلەرنىڭ بىرەر خىل مەھسۇلاتىمۇ ئۇچراپ قالمايدۇ، ھەتتا پايچىكىنى بازارغا سىلىش ئالدىدا تۇرغان، ئەرەپ دۆلەتلىرىگە مال ئىكىسپورت قىلىدىغان ئارمان شىركىتىنىڭمۇ ھىچبىر مەھسۇلاتى ئۇچراپ قالمايدۇ. بىرەر ئۇيغۇرچە ئاشخانا ئۇچراپ قالسا خوش بولۇپ كىرسەك، ئاشپەزلىرى ۋە كۈتكۈچىلىرى ئۇيغۇر، خوجايىنى يەرلىك كىشىلەر بولۇپ چىقىدۇ؛ «خوتەن قاشتىشى» دەپ چوڭ ۋىۋىسكىلار ئىسىلغان دۇكانلار كۆزگە چىلىقىپ تۇرىدۇ، نەچچە يۈز مىڭ يۇەنلىك ئىسىل تاشلار تىزىلغان ئۇ خىلدىكى دۇكانلارنىڭ بىرەرىمۇ ئىزىپ-تىزىپ ئۇيغۇر خوجايىنلارنىڭ بولۇپ قالمايدۇ، «مەن خوتەنلىك » دەپ قويساق ھەۋەس بىلەن «سىلەرنىڭ ئۇيەردە قاشتېشى ھەريەردە چېچىلىپ ياتامدۇ؟» دەپ سورايدۇ.
    بىرەر ئىش بىجىرمەكچى بولۇپ قالساق، كىملىك لازىم بولمايدىغانلا ئىش بولسا ئۆزىمىزنى چەتئەللىك دەپ تونۇشتۇرىمىز، چۈنكى «شىنجاڭلىق» ئىكەنلىكىمىزنى بىلىپلا قالسا مۇئاملىسى 180 گرادۇس ئۆزگىرىدۇ . سودا سارايلاردىن مال سىتىۋالماقچى بولساق ئامال بار ئىنگىلىزتىلى سۆزلەيمىز، ياكى خەنزۇتىلىنى بىلمەيدىغان قىياپەتتە بۇزۇپ سۆزلەيمىز، راۋان سۆزلىسەك ئۇلار بىزنىڭ جوڭگولۇق يەنى «شىنجاڭلىق» ئىكەنلىكىمىزنى بىلىپ قالىدۇ-دە، قولىمىزدىكى نەرسىنى ئوغۇرلاپ قاچمىسۇن دەپ دەرھال ئىلىۋالىدۇ.   
   مانا موشۇنداق ئەھۋالدا ئۆزىمىزنى ئاستا-ئاستا تونۇپ قالىمىز، «مەن زادى كىم؟» دېگەن سۇئال كاللىمىزنى ئەسىر قىلىدۇ. بىزگە تىكىلگەن ھەربىر كۆز «سەن كىم؟» دەپ سورىماقچىدەك بىلىنىدۇ؛ قورسىقىمىز ئاچقىنىدا خالىغان نەرسىنى يىيەلمەيدىغانلىقىمىزنى ئەسكە ئالىمىز، ئىلگىرى يۇرتىمىزدا گۇمانلانماي ئىستىمال قىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى بۇيەرد تۈرلۈك گۇمان بىلەن خاتىرجەم ئىشلىتەلمەيمىز؛ يۇرتىمىزدا «خىجىل» بولماي كىيىدىغان كىيىملەرنى بۇ يەردە خالىغانچە كىيەلمەيمىز، چۈنكى بىز ئۆزىمىزگىلا ئەمەس بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىمىز.... ئەگەر يۇقارقىلارنى ئۆزىنى ئىزدەشنىڭ ئىپادىلىرى دەپ قارىساق، بىزدە ھەقىيقى ئۆزلۈك مانا موشۇنداق يىتىلىشكە باشلايدۇ.
   
UID
20290
يازما
45
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2011-12-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-13
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 23:05:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ھېسسىياتىڭىزغا تايىنىو يېزىۋەتتىڭىزمۇ قانداق؟ باشتا باشقىلارنىڭ بەرگەن ئىنكاسلىرىنى ئوقۇپ ئۇلارنى نېمىشقا بۇنداق ئىنكاسلارنى يازىدۇ دەپ رەنجىگەن ئىدىم، قايتىدىن تۈزىتىپ پىششىقلاپ يازسىڭىز بولغۇدەك،

باھا سۆز

tengriqamchisi  ھەرگىز ئاشۇرىۋەتمىگەن راسىت شەخسەن بېيجىڭدا مەن ئۇچراتقان ئەھۋالمۇ شۇندا  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 00:09:38

UID
33676
يازما
40
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2012-3-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-13
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 02:15:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېشىڭىز كىچىك بولسىمۇ، چوڭ ئىشلارغا تۇتۇش قىلىپسىز. ئىچكى ئولكىلەر بىلەن رايونىمىزنىڭ ئىختىسادىي تەرەققىياتىدىكى تەكشى بولمىغان باراۋەرسىز ئامىللارنى پاراللېل تەكشىلىكتىكى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن كۈزۈتىپسىز. تاپقان پۇللىرىنى بانكىغا زىيادە جۇغلاش ئىنسان تەبىيئىتىدىكى بېخىللىقتۇر. بۇ خىل ھادىسە ئىجابىيلىققا ئىگە ئەمەستۇر. شەخسىي مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان غەم-قايغۇ دەسمايىسىدۇر. يوقسۇللارنىڭ ھەققىنى بانكىدىن ئىبارەت مالىيە تۈرمىسىگە نەزەربەنت قىلىدۇ. جۇغلاشنى بىلىش، ئادا قىلىشنى بىلمەسلىك جەمىيەت ئەزالىرى ئارىسىدىكى باي-كەمبەغەللىك پەرقىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرىدۇ. تاپقان پۇللىرىنى زىيادە بۇزۇپ-چېچىشمۇ، ئىنسان تەبىيئىتىدىكى ئەجىرسىز سېخىيلىقتۇر. بۇ خىل سەلبىي ھادىسىلەر مەنىسىز مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىسىراپچىلىقنىڭ سەرمايىسىدۇر. يوقسۇللارنىڭ ھەققىنى سۇدا ئاققۇزۇپ، ئوتتا كۆيدۈرىدۇ. بۇزۇپ-چېچىشنى بىلىش، ئادا قىلىشنى بىلمەسلىك جەمىيەت ئەزالىرى ئارىسىدىكى باي- كەمبەغەللىك پەرقىنى ئوخشاشلا روشەنلەشتۈرىدۇ. ھەم جۇغلاشنى بىلىش، ھەم ھەقنى ئادا قىلىشنى بىلىش بولسا-جەمىيەت پاراۋانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باي-كەمبەغەللىك پەرقىنى تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدۇ. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تاللا بازارلىرىنىڭ ئومۇملىشىشى-مال باھاسىنىڭ ئۇچقاندەك ئۆرلىشىگە سەۋەپ بولدى. تاللا بازارلىرى بازارنى ئاساسىي جەھەتتىن مونوپول قىلىۋالدى. بۇ توغرىلىق بىر قەدەر تولۇق بولغان مەلۇماتقا ئىگە بولاي دېسىڭىز شىياڭگاڭلىق ئىختىسادشۇناس لاڭ شىيەنفىڭنىڭ يازمىلىرىغا مۇراجەت قىلىڭ. مۇشۇ ياشتا، مۇشۇنداق تەپەككۈر قىلىش-سىزدىكى خاس تالانتتۇر. زامانداشلاردىن بىر قەدەم ئالدىغا ئۆتكەنلۈكتۇر. ئۇكام، توغرا بولغان ئەقىيدىنى يېتەكچى قىلىپ، كەلگۈسىدە خەلقىڭىزگە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەرگەيسىز.....

UID
20399
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2011-12-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-6
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 11:24:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      بىر ئادەمنىڭ ھەممە جەھەتتە مۇكەممەل پىكىر قىلىپ كىتەلىشى ناتايىن،لىكىن بۇ تىما ياخشى يوللىنىپتۇ،ھازىرھەممىمىز ھىس قىلىۋاتقان رىئال مەسىلىلەر يېزىلىپتۇ،«كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ»،شىنجاڭدىن ئايرىلىپ سىرىتلاردا ئوقۇۋاتقان ياكى،خىزمەت،تىجارەت قىلىۋاتقانلار،ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئاساسەن ،كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا،بىزدەك «ئۇچالمىغانلار»سىرىتنى كۆرمىگەندىن كىيىن،ھىسىياتىمىزغا ئاساسەن بىر نەرسە دىيەلمەيمىز.

UID
34584
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-7
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 11:46:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى بىر ياخشى تىما يووللاپسىز. ئاخىرىنى بالدۇراق يوللارسىز.

UID
30628
يازما
14
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-3-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-13
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەگەشكۈچىلىرى بولىشىغا قارىماي، ناخشا-ئۇسۇل، ئويۇن تاماشىغا ئالاھىدە ئامراق خەلق. ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنى بەزمە-مەشرەپسىز، ناخشا-ئۇسۇلسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مەنمۇ كىچىكىمدىن شۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغاچقا ئىچكىرگە كەلگەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردا كۈنلىرىمنى تولىمۇ «مەنىسىز» ھېس قىلدىم. بايراملىرىمىز يېتىپ كېلىپ، مەكتەپنىڭ تەشكىللىشىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان سەنئەت پائالىيەتلىرىنى  كۆرۈپ ھاياجانلىق ھېسلارغا چۈمۈلدۈم. ھەتتا يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىلارغا جۈر بولۇپ، مىللىيچە كېينگەن ساۋاقداشلىرىم ئۇسۇلغا چۈشكەندە كۆزلىرىمگە ياشلار كەلدى. مەندە كېيىنچە زادى نېمە ئۈچۈن بۇ خىل ھالەتكە دۇچار بولغىنىمنى بىلىش ئىستىكى تۇغۇلدى. بۇنىڭغا يات مەدەنىيەت ئارىسىدا ناخشا -ئۇسۇللىرىمىزنىڭ پەقەت باشقىلارنىڭ ھوزۇرلىنىشى ئۈچۈن سۇنۇلغان ئەرزىمەس «سوۋغا» ئىكەنلىكى سەۋەب بولدى. بىزنىڭ زوق-شوخ بىلەن ئورۇنداۋاتقان نومۇرلىرىمىزنى باشقىلار ھەرگىزمۇ سەنئەت نوقتىسىدىن چۈشەنمەيىتتى. ئۇلار بىزنى تۇغۇلىشىمىزدىن مۇشۇنداق ئىقتىدار بىلەن كەلگەن دەپ ئويلايتتى، ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن مەدەنىيەت ئامىللىرىمىنى چۈشىنىشكە ئەسلا قىزىقمايتتى،« شىنجاڭنىڭ قىزلىرى بەك چىرايلىق، ئوغۇللىرى بەك شوخ» دەپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلىنەتتى. بۇ خىل ئەھۋالدا، سەۋدالارچە بېرىلىپ كەلگەن ناخشا-ئۇسۇللىرىمىز ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزگە تەسەللىي تېپىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان بىچارىلىكىمىزنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى ئىتراب قىلماي ئامال يوق ئىدى.

    ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەدە كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرى ئىنتايىن كۆپ. پۇتبۇل تېپىش، سۇ ئۈزۈش ھەرخىل كۇلۇبلارغا بېرىش، كىنو كۆرۈش .... ئۇلار كۆڭۈل ئىچىشتا مەلۇم بىر پائالىيەتكىلا ئېسىلىۋالمايدۇ. پىسخولوگىيىلىك ئىھتىياجلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشىمىغان تۈرلەرنى تاللايدۇ. تۇرمۇش رېتىمى بىرقەدەر تىز بولغاچقا ئۇلارنىڭ كوللىكتىپ ئولتۇرۇشلارنى قىلىدىغان، نەچچە ئاي ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ناخشا-ئۇسۇل نومۇرلىرىنى تەييارلايدىغان ۋاقتى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرىنىڭ شەكىلى ئۆزگەرگەن نورغۇن خىللىرى بار.

يۇقارقى مەزمۇنلارغا نىسبەتەن مەن ئازراق پىكىر يۈگۈزۈپ باقا1
1  .خەنزۇلارنىڭ ھەرخىل كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرى كۆپ تۈرلۈك دەپسىز ،بىراق  شۇنى بىلىشىڭىز كىرەككى ئاشۇنداق كۆپ تۈرلۇك پائالىيىەتلەرنى تاللاش  ئۈچۈن  ناھايىتى كۆپ ئىقتىساد كىتىدۇ،بايقىغان بولسىڭىز ھازىر ئىچكىرىدىكى خەنزۇلاردا بارى پۇل،بىراق بىزگە كەلسەك تىخى ئۇنداق ئەمەس ،ھازىرغىچە يىلىغا نەچچە  مىڭ يۇەن پۇل كىرىم قىلالىسا خۇداغا مىڭ مەرتىۋە شۇكرى قىلىدىغان بىچارىلەر قانچىلىك؟ئۈنىڭ ئۈستىگە ئۇلار شۇ ئازغىنە پۇلغا ئائىلىسىنى بىريىل قامدىشى كىرەك ، بىراق خەنزۇلاردا بۇنداق ئەنسىرەش  ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس،مەكتەپلەردە  پۇللارنى شۇنداق خەجلەيدىغان خەنزۇلارنى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن.شۇنداق ئەھۋالدا خەلقنى كۆڭۈل ئىچىش پائالىيىتى بىرلاخىل دەپ تەنقىدلەش  ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلمىغانلىق بولىدۇ.  بىز شۇنداق دىيىشتىن ئاۋۋال كىشىلەنىڭ قورسىقىنى تويغۇزىشىمىز كىرەك،ماددى ئىھتىياجى تولۇق قانمىغان بىر ئادەمگە  مەنىۋىيەت ،كۆڭۈل ئىچىش،روھ توغرىلىق سۆزلەش بىمەنىلىك.

2.ئەسەردە يەنە  مىللىي سەنئەتنى تۆۋەن كۆچۈش ئىددىيىسى بار .شۇنداق مەنمۇ ئىچكىرىدە ئوقۇيمەن،مىنىڭمۇ شۇنداق مىللي نۇمۇرلارنى كۆرۈپ كۆزۈمگە ياش ئالغان ۋاقىتلىرىم بولغان، نىمە ئۈچۈن ؟ چۈنكى  بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ  پىسخىكىلىق ئىھتىياجى ئازراق ئوخشىشىپ كىتىدۇ،ھەم سەنئەت ئاتا بوۋىمىزدىن بىزگە قالغان تەۋۋەرۈك،بىز ئۇنى كاپىرلارنى ھۇزۇرلاندۇرۇش ئۈچۈن ساقلاپ قالمىغان.
3.خەنزۇلارنىڭ كۆڭۈل ئىچىش سورۇنىلرى  پاكىز دەپسىز.ئىسىڭىزدە بولسۇنكى بۇلارنىڭ پاكىزلىقى بىزنىڭ  قولىمىزغا سۇمۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدۇ.ئىشەنمىسىڭىز  خەنزۇلارنىڭ سورۇنىغا قايتا -قايتا بىرىپ كۆزىتىپ بىقىڭ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش