ئىگىسى: laylimajnun

نورۇزنىڭ ھېكمىتى ۋە قىممىتى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
31174
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-5
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 19:56:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەگىلا قارىسا مۇشۇ تور موللىرى  قالايماقان جۆيلۈپ مىللەتنىڭ ئەنئەنىسىنى چەكلەپ ،سوپى-ئىشانلىقنى تەرغىپ قېلىپ مىللەتنىڭ بىرلىگىنى پارچىلاپ مىللەت ئېڭىنىڭ سۇسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ....بىز بۇلارنى تور بەتلەردىن قوغلاپ تەركىدۇنيالىق يولىنى تۇتقان مەينەت مۇرتلىرىنىڭ يېنىغا بارغۇزۋىتەيلى!!!!

UID
12515
يازما
45
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
135
تىزىملاتقان
2011-6-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 21:01:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرۇز توغرىسىدا:
- مۇسۇلمانلارنىڭ پەقەت ئىككىلا بايرىمى بار
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەدىنىلىكلەرنىڭ جاھىلىيەت دەۋىدە ئىككى بايرىمى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
«سىلەرنىڭ ئىككى كۈنۈڭلار بار ئىدى. ئۇ ئىككى كۈندە بايرام قىلاتتىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۇ ئىككى كۈننىڭ ئورنىغا ئۇ ئىككى كۈندىن ياخشى بولغان روزا ھېيت كۈنىنى ۋە قۇربان ھېيت كۈنىنى بەردى»[①].
چۈشەنچە: ئۇ ئىككى بايرامدىن باشقا بايراملار ھەممىسى ئىسلامدىن باشقا بايراملاربولۇپ ھېسابلىنىدۇ چۈنكى كاپىرلارنىڭ دىنى مۇراسىم ۋە بايراملىرىنى  تەبرىكلەش، ئۇلارنىڭ دىنى شۇئارلىرىنى ياقتۇرغانلىق، ئۇلارنى بۇ ئىشلىرىدا قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىك، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى توغرا دەپ قارىغانلىق، نەتىجىدە ئاللاھنى غەزەپلەندۈرگەنلىك بولىدۇ .
شۇڭا  نۇرۇز بايرىمىنىڭ كىلىپ چىقىشى،ئۇيغۇرلارنىڭ ئازغۇن دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان(شامان،بۇددا،باشقا دىن دېگەندەك)مەزگىلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ھەمدە شۇلارنىڭ دىنى،پىكىر ئىدىيىسىدىكى مەقسەتلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . ئۇلارنىڭ نۇرۇز بايرىمىنى تەبرىكلەپ زادىن نىمىنى مەقسەت قىلماقچى؟ نىمىنى بىزلەرگە چۈشەندۈرمەكچى؟   مانا مۇشۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلىمىز.ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بۇ نۇرۇز بايرىمىنى بايرام سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۇلارنىڭ بايرامنى ئۆتكۈزگەنلەرگە خۇشاللىق بەخىش ئېتىشىمۇ ياكى ئەينى ۋاقىتتىكى ئازغۇن دىنىنى،پىكىرى ئىدىيىسىنى بىزلەرگە شۇ ۋاستە ئارقىلىق بىزلەرگە تېڭىشىمۇ؟ بۇنى ئالدى بىلەن نۇرۇز بايرىمىنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى تەھلىل قىلساق ئاندىن بىلەلەيمىز .   نۇرۇز بايرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆككە چوقۇنۇش،يۇلتۇز،قۇياش دېگەندەك دىنلارنىڭ سەۋەبى بىلەن بارلىققا كەلگەن يەنى  يۇلتۇزلار تۈركۈمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك  ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ئاسماندىكى جىسىملارنى ئۆزىنىڭ خۇداسى دەپ بىلەتتى چۈنكى نۇرۇز بايرىمى كۈنى بىر يۇلتۇز (ئىسمى ئىسىمدە قالماپتۇ) كۆتۈرۈلۇپ يەنە بىر يۇلتۇز چۈشىدىغان مەزگىل  شۇ بەخىت يۇلتۇزى چۈشكەن مەزگىل دەل نۇرۇز بايرىمى كۈنى  شۇ يۇلتۇز  بىزگە بەخىت ئېلىپ كىلىدۇ شۇڭا بۇ كۈندە بايرام قىلىپ شۇنى تەبرىكلەيمىز دەپ چۈشۈنىدۇ .
بۇ بايرام شۇلارنىڭ ئازغۇن دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولماي نىمە؟ يەنە كىلىپ خۇشاللىق ۋە بەخىتنى ئاللاھدىن ئەمەس باشقا بىر نەرسىدىن كىلىدۇ دەپ چۈشەنمەي نىمە ؟ مانا بۇ دەل مىنىڭ شۇنچە كايىپ كىتىشىمدىكى مەقسەت چۈنكى بۇنداق ئەقىدىدە بولغان كىشى ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەن ھىسابلىنىدۇ بۇنى مەن كىيىنكى باسقۇچتا دەيمەن .بۇ بايرام ئۇيغۇرلارنىڭ ئازغۇن دىنى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن چۈنكى شۇ كىشىلەرنىڭ دىنى ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى كونتىرول قىلىدۇ ئۇلارنىڭ بايرىمى شۇ دىنى ئاساسىدا بارلىققا كىلىپ شۇ دىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ نۇرۇز بايرىمىنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەكشۇرسەك ئۇلارنىڭ دىنى بىلەن چەمبەر چەس باغلانغانلىقىنى بىلەلەيمىز   شۇڭا بۇ بايرام دىن بىلەن ئالاقىسى يوق دەيدىغانلار  مۇشۇ يەردە توختاپ قېلىپ كۆپ ماتىرىيال كۆرگىنى ياخشى  
گېپىمىزگە كەلسەك  بۇ ھەدىستىن ئسلامدائىككى بايرامدىن باشقا بايرام يوقلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ  بۇ يەردىكى ئىككى  1+1=2 دىكى ئىككى ھەرگىز باشقا ئۇقۇمدىكى 2 ئەمەس ئەمما يەنە بىر مۇھىم مەسىلە شۇكى ئىسلام دىنىنى ئاساس قىلىپ مۇھىم تارىخى ۋاقىتلارنى ئەسكە ئېلىش سۈپىتىدە بايرام قىلساق بۇنى توغرا چۈشۈنۈشكە بولىدۇ ئەمما قۇربان،روزا ھېيىتتەك داغدۇغا قىلىپ ئۇلارنى ئوخشاش ئورۇنغا قويۇپ ئۆتكۈزسەك بولمايدۇ چۈنكى بۇ 2 بايرام بىزلەر تەرىپىدىن  ئەمەس ئاللاھ تەرىپىدن كەلگەن بايرامدۇر
ئەمدى بىزلەرنىڭ نۇرۇز بايرىمىنى تەبرىكلىشىمىز ئەينى ۋاقىتتىكى يۇلتۇزغا چوقۇنغان كىشىلەرنىڭ بايرىمىغا كۈچ قۇۋۋەت بەرگىنىمىز،ئۇلارنى قوللىغىنىمىز ،ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى توغرا دەپ قارىغانلىقىمىز،ھەمدە ئالاھقا شىرىك كەلتۈرگەنلىكىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ چۈنكى بىزلەر دەل ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك بەخىت يۇلتۇزى چۈشىدىغان ۋاقىتتا بايرام قىلدۇق ئەمەسمۇ؟!(نۇرۇز بايرىمى كۈنى)   شۇڭا بۇ بايرامنى ئەقىلنى مىڭ ئىشلىتىپ ئويلىشىمىز كىرەك چۈنكى بۇ بايرام ئارقىسىغا يۇشۇرۇنغان كۆككە چوقۇنۇش،يۇلتۇزغا چوقۇنۇش ئىدىيىسى ئاللاھقا ئېنىق شىرىك كەلتۈرۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  


ئەمدى ئىككىنجى مەزمۇنغا ئۆتىمەن .




2- باشقا بايرام قىلىش ئىسلامنىڭ تاماملىنىپ بولغانلىقىغا ئىشەنمىگەنلىك بولىدۇئاللاھ تەئالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: «الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الإِسْلاَمَ دِيناً»«بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلامنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم»- مائىدە 5/3.بىز مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى بولغان ئىسلام قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇپ بولۇشى بىلەن تاماملىنىپ بولغان. بۇنىڭ مەنىسى، ئىسلام دىنى ئىمان ئاساسلىرى، ئىسلام شەرتلىرى، ئەخلاق پىرىنسىپلىرى، ئىبادەت قائىدىلىرى ۋە مۇئامىلە ئەھكاملىرى… قاتارلىق پۈتكۈل تەلىماتلىرىدا مۇكەممەلدۇر، تولۇقتۇر. يەنى باشقا بىر دىننىڭ بىرەر پائالىيىتىگە ياكى باشقا بىر دىننىڭ دىندارىنىڭ بىر ئادىتىگە ئېھتىياجى يوقتۇر. مۇسۇلمان تۇرۇپ ئۆز دىنى بولغان ئىسلامدا ئاساسى يوق دىنى ئىشلارنى ياكى غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قۇبۇل قىلغۇچى ئىسلام دىنىنىڭ تاماملىنىپ بولغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرمىگەن بولىدۇ.چۈشەنچە:بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم دېگەن بۇ ئايەت سىلەرنىڭ ئويلايدىغان،قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرىڭلار قۇرئاندا بار ئەگەردە مۇسۇلمان بولۇپ توغرا يولغا ماڭاي دېسەڭلار قۇرئاندىنلا ئىزدەڭلار دېگىنى ...  ئەمدى نۇرۇز بايرىمىنى مىسالغا ئالساق بۇ بايرام يا قۇرئاندا يا ھەدىستە تىلغا ئېلىنمىغان ھەمدە بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈڭلار دەپمۇ خىتاب قىلمىغان يەنە كىلىپ  بۇ بايرام كۆككە چوقۇنىدىغان دىنسىز كىشىلەرنىڭ ئۆتكۈزگەن بايرىمى تۇرسا  بىز نىمىشقا ھە دىسىلا بوۋىلىرىمىز قىلغان شۇنداق ياخشى بايرام تۇرسا دەپ تۇرۇۋالىمىز ؟  مانا بۇ دەل بىزلەرنىڭ بۇرۇنقى كىشىلەرگە ئوخشاش جاھىللىقىمىزدىندۇر ئەمما بىردىن بىر  خىتاب قىلىنغىنى بولسا روزا ھېيىت بىلەن قۇربان ھېيىت.نۇرۇز بايرىمىدا بىزلەر يا ئۇلارنىڭ دىنىنى تەشۋىق قىلمىساق،شۇنداق خۇشاللىق بىلەن كۆڭۈل ئازادىلىك ئىچىدە  مۇسۇلمانغا خاس ئۆتكۈزسەك نىمىسى خاتا دەيدىغان قېرىنداشلارغا دەيمەنكى :  سىزنىڭ دەل مۇشۇنداق ئويلىغىنىڭىز قۇرئاندىن باشقا يوللار بىلەن يول تېپىپ ئەڭ توغرا قىلىمەن دېگىنىڭىز يەنى قۇرئاننىڭ سىرتىدا توغرا يول بار دەپ ئويلىغىنىڭىز بولماي نىمە ؟ يەنى  مەن 5 ۋاخ ناماز ئوقۇماي 6 ۋاخ ناماز ئوقۇسام توغرا بولامىكى دېگەن قاراش بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇناسىۋېتىدە چۈشۈنۈشكە بولىدۇ  مەن  شۇلارغا دەيمەنكى:سىلەر ئىشەنگەن بۇ ئىسلام دىنى  سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ دىنى يەنى ئاللاھ نىمىنى قۇرئاندا قىل دېسە ئاشۇرىۋەتمەي كېمەيتىۋەتمەي شۇنى قىلىشىمىز ،ئۆزىمىز ئويلاپ ھەر قانچە كۆپ ياخشى قىلساقمۇ بۇ ھىساب ئەمەس  شۇڭا بۇ نۇرۇز بايرىمى يا پەيغەمبىرىمىز تەكىتلىمىگەن يا قۇرئاندا يوق تۇرسا  يەنە كىلىپ  بۇ دىنسىزلارنىڭ  يۇلتۇزنى خۇدا قىلغان مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن  تۇرسا سىلەر نىمىشقا ھە دېسىلا بۇ بايرامنى مۇسۇلمانغا خاس،ياخشى قىلىمىز دەپ تۇرۇۋالىسىلەر؟؟ سىلەر ئالدى بىلەن بۇ ياخشى ئىش قىلىشنى ئۆزۈڭلارنىڭ باھاسى بىلەن ئەمەس ئاللاھنىڭ باھاسى بىلەن، بۇ زادى قۇبۇل قىلىنامدۇ دېگەننى ئويلىشىڭلار شەرت.ئەمدى كىيىنكى مەزمۇنغا ئۆتىمەن .... .


باشقا بايرام قىلىش ئىسلامدىن باشقا بىر دىن ئىزدىگەنلىك بولىدۇئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«وَمَن يَبْتَغِ غَيْرَ الإِسْلاَمِ دِيناً فَلَن يُقْبَلَ مِنْەُ وَەُوَ فِي الآخِرَەِ مِنَ الْخَاسِرِينَ»«كىم ئىسلامدىن باشقا بىر دىن ئىزدەيدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، ئۇ دىن ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ ۋە ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ»- ئال ئىمران 3/85.غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش، ئىختىيارىي ھالدا ئۇلارنىڭ بايرام مۇراسىملىرىغا قاتنىشىش، ئۇلارنىڭ بايرام كۈنلىرىدە ئۇلارنىڭ خوشاللىقىغا خۇشال بولۇش ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ياقتۇرغانلىق، شۇنداقلا ئىسلامدىن باشقا بىر دىن ئىزدىگەنلىك بولىدۇ.چۈشەنچە: بۇ ئايەتتىكى باشقا بىر دىن كەلىمىسى ئسلامدىن باشقا ھەرقانداق دىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنداقتا نۇرۇز بايرىمى ئەڭ دەسلەپتە قايسى دەۋردە ،قايسى بىر دىنغا ئىتىقاد قىلغان مىللەتتە بارلىققا كەلگەن ؟؟نۇرۇز بايرىمى ئۇيغۇرلار يەنى كەڭ دائىرىدە(تۈركلەر) تەخمىنەن 3000 يىللار بۇرۇن(تارىختا شۇنداق خاتىرلەنگەن)بارلىققا كەلگەن . ئۇنداقتا 3000 يىلنى توغرا ئەمەس دەپ كەينىگە سۈرۈپ 2000يىللار ئىلگىرى دېسەك تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇنداقتا 2 مىڭ يىل بۇرۇن ئۇيغۇرلار قايسى دىنغا ئىتىقاد قىلىپ كەلگەن؟ ئەگەردە ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغان دېسەك تازا قاملاشماي قالىدۇ چۈنكى ئىسلام تارىخى 1430 يىللاردەك تارىخقا ئىگە . ئەمما ئىسلام دىنىدىن بۇرۇن باشقا خىرىستىئاندىنى دېگەندەك دىنلار بار ئىدى ئەمما شۇ دىنلارمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھەق يولدۇر لىكىن باشقىلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىۋېتىلگەچكە قۇرئان نازىل بولۇپ ئسلام دىنى شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەھكاملىرى تولۇق ،كامىل ھالدا تاماملانغان ئەمدى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا (ەنى تۈرك)شامان دىنى، بۇددا دىنى،ئوت پەرەسلىك،يۇلتۇزپەرەسلىك دېگەن دىنلارغا ئىتىقاد قىلغان دەپ خاتىرلەنگەن. بىزنىڭ سۆزىمىزدە جاھالىيەت ۋاقتى .ئۇنداق بولسائۇيغۇرلارنىڭ بۇ نۇرۇز بايرىمى جاھالىيەت ۋاقتىدا بارلىققا كېلىپ شۇ تەرىقىدە ئەۋلادلارغا مىراس قالغان دەپ چۈشەنسەك خاتا بولمايدۇغۇ دەيمەن ؟!شۇڭا نۇرۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش دەل ئۇيغۇرلارنىڭ جاھالىيەت دەۋرىدىكى بايرىمىنى تەبرىكلىگەن بىلەن ئوخشاش چۈنكى ئىسلام دىنىغا كىرگەن ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى جاھالىيەت ئاسارەتلىرىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىپ ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىشى شەرت مەيلى ئۇ ياخشى مەقسەتتە بولسۇن ياكى باشقا مەقسەتتە ھەممىسى ئىسلا م دىنىنىڭ ئەسلى ئەھكاملىرى بويىچە بولمىغاچقا بۇ رەت قىلىنىدۇ چۈنكى بۇ ئسلام ئەقىدىسىنى،تارىخنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ بارلىققا كەلمىگەن ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇ كىشى مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلمىسۇن شۇڭا بۇ بايرامنى تەبرىكلەش ئىسلامدىن باشقا بىر دىننى توغرا دەپ قارىغانلىق شۇنى ئىدىيىسىنى كاللسىدىن پۈتۈنلەي يوققا چىقىرالمىغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.




4- باشقا بايرام قىلىش غەيرىي مۇسۇلمانلارغا ئوخشىۋالغانلىق بولىدۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى قانداقلا بىر قەۋمگە (مىللەتكە) ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ شۇ قەۋمنىڭ قاتارىدىن بولۇپ كېتىدۇ»[②].
غەيرىي مۇسۇلمانلارغا ئوخشىۋېلىش ئۇلارنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشتا بولىدۇ. مەسىلەن: ئىككى ھېيتتىن باشقا بايراملارنى ئۆتكۈزۈش، تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش، بۈشۈك توي ئۆتۈزۈش، خرىستىئانلارنىڭ راھىب ۋە راھىبەلىرىنىڭ مەخسۇس راھىبلىق كىيىملىرىنى كىيىش، بۇددىستلەرنىڭ دىنى كىيىملىرىنى كىيىش… قاتارلىقلار ئۇلارغا ئوخشىۋالغانلىق بولۇپ دىنىمىز بۇنىڭدىن مەنئى قىلىدۇ.

چۈشەنچە:   نۇرۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشى  ئەينى دەۋىردىكى دىنسىىز ئاتا -بوۋىلىرىمىزنىڭ بايرىمى ئۆتكۈزۈش بىلەن ناھايىتى زور ئوخشاشلىقلار بار  
مەسىلەن :ئەينى دەۋىردە كىشىلەر نۇرۇز بايرىمىنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن،يېڭى باھار پەسلى يېتىپ كەلگەن يەنە شۇلارنىڭ نەزىرىدە بەخت يۇلتۇزى چۈشىدۇ  دەپ يىلنىڭ 3-ئاينىڭ 21-كۈنى تەبرىكلەپ شۇ كۈننى بەخت ئاتا قىلىدۇ دەپ قاراپ كەلگەنلىكىدەا..  ئەمدى بىز ئۇيغۇرلار دەل شۇلارغا ئوخشاش كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن يەنى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىنى نۇرۇز بايرىمى قىلىپ تەبرىكلىشى دەل شۇ دىنسىزلارنىڭ بايرىمىنى ۋاقىت ئۆلچىمى قىلىپ ئۇلارنىڭ بايرىمىنى  قۇۋەتلەپ ئۇلارغا ئوخشاش يۇسۇندا بايرام قىلىدۇ  مانا بۇ دىنسىز قەۋىمگە ئوخشىۋالغان بولماي نىمە  ؟؟؟؟؟
يەنە كىلىپ بەزى يەرلەردە ئوت گۈلخان يېقىپ ساما ئويناشلىرىمىز ئەينى ۋاقىتتىكى ئاتەشپەرەسلەرنىڭ دىنىغا ئوخشىۋالغان بولماي نىمە؟؟
يەنە تېىخى شۇ كۈندە ئۇيغۇرلار بۇرۇنقى ئەجدادلىرىنى ياد ئېتىپ شىئىرىي قوشاقلارنى ئوقۇپ شۇ دىنسىز بوۋىلىرىنىڭ روھىنى قايتا ئۇرغۇتقان بولماي نىمە ؟؟!!يەنە تېىخى بۇ بايرام ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتچىلىكىنى ئۇرغۇتۇپ ئەقىدە بىرلىكنى ئەمەس مىللىي بىرلىكنى ئۇرغۇتۇش بولماي نىمە؟؟
مىللەتچىلىك قىلىش ئىسلامدا ھارام .ئسلامنىڭ تەكىتلەيدىغىنى مىللىي ئوخشاشلىق ئەمەس ئەقىدە ئوخشاشلىقى بولىشى كىرەك شۇڭلاشقا بۇ بايرام ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقى ئازغۇن ئىدىيەلىرىنى قايتىدىن ئۇرغۇتىدىغان ناھايتى ياخشى بىر بايرام
شۇڭلاشقا بىز ئۇيغۇرلار بۇ نۇرۇز بايرىمىنى مىللىي كۆزى بىلەن ئەمەس دىننى كۆزى بىلەن كۆرۈشىمىز  بۇرۇنقى ئازغۇن بوۋىلىرىمىزنىڭ يۇلتۇزپەرەس ۋاقتىدىكى دىنى بايراملىرىدىن ھەزەر ئەيلىشىنى تىلەيمەن !!!




خۇلاسە: مەن بۇ تىىمىنى كۆرۈپ بۇ تىمىغا يۇشۇرۇنغان غەرەزلەرنى بىلىپ يەتكەچكە تاتلىق ئۇيقۇمدىن ۋاز كىچىپ بۇ تىمىغا ئىنكاس يېزىۋاتىمەن .مەن باشتا دەپ ئۆتكۈنۈمدەك بىز ئۇيغۇرلاردا ھىسسىي تەپەككۇر ناھايىتى مول ،لوگىكىلىق تەپەككۇرنىڭ يوق دېيەرلىق ياكى بولمىسا ناھايىتى قاشاڭ بولۇپ كەتكەنلىكىدە بىز بۇ نۇرۇز بايرىمىنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرۇنغان مەقسەتلەرنى ئەقىل كۆزۈمىز بىلەن كۆرەلمەي ئۇزۇندى بىرى ھەل قىلىنماي كىلىنىۋاتقانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ .ئەقىل كۆزۈمىز بىلەن ئويلايدىغان بولساق بۇ مەسىلە ناھايىتى چۈشۈنۈشلۈك يەنە تەكىتلەيمەنكى نۇرۇز بايرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنسىز،كۆككە چوقۇنۇش دەۋرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئاساستا ئىسلامدىن بۇرۇن جاھالىيەت مەزگىلىدە بارلىققا كەلگەن .شۇڭلاشقا بۇ بايرامنى قانداق يوسۇندا،ئىسلام يوسۇنىدا ئۆتكۈزسەك ئۇ دىنسىزلارنىڭ بايرىمى بۇ بىر ناھايىتى ئۇچۇق ئاشكارە دەلىلىدۇر
باشقىلار نۇرۇز بايرىمىنى قوللاپ قۇۋەتلەپ بەرسە بىز ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى ئەمەس قىلىشىدىكى مەقسەتنى كۆزۈتەيلى بۇنى پەقەت لوگىكىلىق تەپەككۇر بىلەن تۇنۇغىلى بولىدۇ سەن قوللاپ-قۇۋەتلىگەنلەرنىڭ دىنىنى، ئىمانىنى تەكشۇرسەك ئاندىن نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ يىتەلەيسەن بۇ نۇرۇز بايرىمنى قوللاۋاتقانلار بىزنىڭ دىنى ئالىملىرىمىز ئەمەس بەلكى دىننى چۈشەنگەن دۈشمەنلەردۇر ئەگەردە بۇ نۇرۇز بايرام ھەقىقەتەن توغرا بولۇپ قالسا شۇنى قوللاۋاتقانلار سېنى يەنە بىر ئۇسۇلدا ئۇ بايرامنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ساڭا چۈشەندۈرۈپ خۇددى بۇ نۇرۇز بايرىمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى يۇسۇندا ساڭا تەشۋىق قىلغىنىغا ئوخشاش ساڭا خاتا كۆرسىتىدۇ شۇڭلاشقا بىر ئىشنىڭ ئەسلىسىگە قارىماي باشقىلارنىڭ شۇ ئىشنى قىلىشتىكى مەقسىتىنى چۈشەنسەڭ ئاندىن بىلەلەيسەن ..يەنە تېىخى بەزى تورداشلار دىننىي بايرام بىلەن مىللىي بايرام بىردى بىرسىنى چەتكە قاقمايدۇمىللىي بايرىمىمىز دىنىمىزغا مۇخالىپ كەلمىسىلا توغرا يۇسۇندا قىلساق بولىدۇ دەۋاتىدۇ يەنە تېىخى مىلىي بايرامنى ئۆتكۈزسە يامان بولىدۇ دېگەن ئايەت ھەدىس بارمىكەن دەپ ئىسپات تەلەپ قىلىدۇ مەن شۇلارغا دەپ قويايكى سەن ئىتىقاد قىلغان ئىسلام دىنىدا مىللەت دېگەن ئۇقۇم ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس مىللەتچىلىك قىلىشنى ھارام دېگەن ئۇقۇملا بار چۈنكى قۇرئان پۈتۈن دۇنياغا نازىل قىلىنغاچقا ھەر قايسى مىللەتلەر ئورتاق پايدىلىنىدۇ بىر دىنغا ئىشنىشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەرگىزمۇ ھەرقايسى مىللەتلەرنى مۇرەسسەلەشتۈردىغان ھۆكۈم يوق پەقەت دىن ئۇقۇمىلا مەۋجۇت شۇڭا دىنى بايرام دەپ بىر بايرام بار مىللىي بايرام دېگەنلىرىڭ سىنىڭ .ئاشۇ ئازغۇن ئاتا بوۋاڭلاردىن قالغان مىللىي بايراملىرىڭدۇر.بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي تىلغا ئالساق ئەرزىيدىغان بوۋىلىرىمىز 1000 يىللار بۇرۇن بىز ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دىنىغا ناھايىتى تەستە كىرگۈزگەن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدىن كىيىن ئاندىن بارلىققا كەلگەن ئۇنىڭدىن بۇرۇن شۇ ئاتا بوۋىلىرىڭ بۇتقا تاۋاب قىلىپ كىلىۋاتقان مەزگىلى بىلىپ قوي ...سىنىڭ شۇ نۇرۇز بايرىمىڭ بۇرۇنقى نىجىس بوۋىلىرىڭ دەۋرىدە بارلىققا كەلگەچكە بۇ بايرام ئۆتكۈزۈش نىجىس ھېسابلىنىدۇ ھەمدە ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەن شۇ يۇلتۇز پەرەس بوۋىلىرىڭنىڭ بايرىمىنى قوللىشىڭ شىرىككە قېتىلغىنىڭ ھېسابلىنىدۇ بۇ ناھايىتى خەتەرلىك ئىشتۇر ..شۇڭا بۇ بايرامنى ئۆتكۈۈشنى خالايدىغانلار بۇ بايرامنىڭ كىلپ چىقىش ئارقا كۆرۈنۈشىنى ،نىمە مەقسەتتە كەلگەنلىكىنى ،نىمىنى دەپ 3-ئاينىڭ 21 كۈنى قىلىپ بىكىتىلگەنلىكىنى ئوبدان تەھلىل قىلىپ بېقىشى زورۈر ئەمدى بۇنىمۇ چۈشەنمەي بۇرۇنقى ئەجدادلىرىغا ئوخشاش ئاتا بوۋىلىرىنىڭ يولىدىن قايتمايدىغانلار ئۆزىنى شىرىك گۇناھلار توپىدىن بىر كىشىلىك مەڭگۈلۈپ ئورۇن ئېلىپ بوپ ئاندىن بۇ بايرامنى ئۆتكۈزسۇن ... تامام !!!!!

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-5 21:04):
بۇ يازما مىنىڭ مىسرانىم تورىدا  يازغان ئىنكاسلىرىم .

UID
35069
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-4-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 10:36:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش