ئىگىسى: laylimajnun

نورۇزنىڭ ھېكمىتى ۋە قىممىتى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
33274
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-3-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-7
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 13:36:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھاردا بارلق جاپاكەش دھقان قېرنداشلارغا سالام يولليمەن!!

UID
10525
يازما
313
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3523
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 13:58:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەنئەنىۋى بايرىمىمىز - نەۋرۈز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ! ئەلكۈيىدىكى بارلىق تورداشلار ، يېڭى بىر يىلدا سىلەر ياخشى كۆرگەن ، سىلەرنى ياخشى كۆرگەن بارلىق كىشىلەرگە ئامەت تىلەيمەن !

UID
33280
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-3-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 15:34:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرۇز كەلدى باھار كەلدى ،
يۈرەكلەرگە ناھار كەلدى.
چىچەك چوكاندا چاچ سالغان،
قىز مەڭزى ئانار كەلدى.

UID
29745
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-2-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 17:00:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورۇز بايرىمى كېلىپ ھەممە يەر جانلىنىشقا باشلىدى. جاي - جايلاردا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، بايرام كەيپىياتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى.  ھەممە چېھرىدە شادلىق. نورۇز بىزنىڭ يېڭى يىلىمىز. شۇڭا، بايرامنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ قالغان ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ. ھەر بىر ئىنسان بۆكىنى ئېلىپ قويۇپ، بۇلتۇرقى نورۇزدىن ھازىرغىچە نېمە ئىشلارنى قىلدىم،  نېمىلەرنى قىلالمىدىم، بۇ يىل قانداق قىلىشىم كېرەك، قانداق پىلان تۈزۈشۈم كېرەك، نېمىلەرنى قىلىمەن؟ دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ئەتراپلىق، چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەك.

UID
24387
يازما
42
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2012-1-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-23
توردا
38 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 17:20:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورۇز بايرىمىنى خالىغانلار ئۆتكۈزسە بۇلىدۇ،ئەمما ئىسلامغا چېتىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ،ئىسلام دىنى بىلەن ئالاقىسى يوق.

UID
14934
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2011-9-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-4
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 17:33:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى يوللىغان تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت، شۇنداقلا ھەممىڭلارنىڭ نۇرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن

UID
24387
يازما
42
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2012-1-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-23
توردا
38 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 19:25:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرۇز بايرىمى ھەققىدە

      بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
مۇقەددىمە
مىللەتنىڭ كىملىكىنى قوغداش مەسىلىسى ھەر مىللەتنىڭ ئالىم ۋە زىيالىيلىرى ھەر دائىم جىددىي باش قاتۇرۇپ كېلىۋاتقان  ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. مىللەتنىڭ كىملىكىنى تەشكىل قىلىدىغان ئالاھىدىلىلەر شۇ مىللەتنىڭ دىنى تەۋەررۈكلىرى، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك ئادەتلىرىدىن ئىبارەتتۇر.
بايراملار بولسا بىر مىللەتنى باشقا بىر مىللەتتىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان سىمۋوللارنىڭ ئەڭ بۈيۈكىدۇر. ھەر مىللەتنىڭ بايرىمىنىڭ ئەسلىسىگە بىر قارىغان كىشى ئۇ بايرامنىڭ شۇ مىللەتنىڭ ئېتىقادى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ.
بىز مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب ماھىيىتىدە تەييارلىغان بۇ پەتىۋادا ئەسلىدە زەردۇشتىيلەرنىڭ بايرىمى بولغان، ئۇلارغا ئەگىشىپ بەزى مۇسۇلمانلارمۇ ئۆتكۈزۈۋاتقان «نۇرۇز بايرىمى» ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.
1- بايراملار دىنى سىمۋۇلدۇر
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ اللَّەُمَّ رَبَّنَا أَنْزِلْ عَلَيْنَا مَائِدَەً مِنَ السَّمَاءِ تَكُونُ لَنَا عِيدًا لِأَوَّلِنَا وَآخِرِنَا وَآيَەً مِنْكَ وَارْزُقْنَا وَأَنْتَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ. قَالَ اللَّەُ إِنِّي مُنَزِّلُەَا عَلَيْكُمْ فَمَنْ يَكْفُرْ بَعْدُ مِنْكُمْ فَإِنِّي أُعَذِّبُەُ عَذَابًا لَا أُعَذِّبُەُ أَحَدًا مِنَ الْعَالَمِين».
«مەريەم ئوغلى ئىيسا: ‹ئى پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ! بىزگە ئۈستىدە تاماق بار بىر داستىخان چۈشۈرگىن، بىزلەرگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام ۋە سەندىن بىزگە بىر مۆجىزە بولسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن، سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىسەن› دېدى.
ئاللاھ : ‹مەن سىلەرگە ئۇنى چوقۇم چۈشۈرىمەن، سىلەردىن كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن كاپىر بولسا، ئۇنى شۇنداق بىر ئازاب بىلەن ئازابلايمەنكى، ئەھلى جاھاندىن ھېچ كىشىنى مۇنداق ئازابلىمايمەن› دېدى.
ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ داستىخاننىڭ چۈشۈشىنى ئۇممىتىگە بايرام قىلىشى بايرامنىڭ مىللەت ئىشى ئەمەس ئۇممەت ئىشى ئىكەنلىكىگە، بايرامنىڭ ئۆرپ-ئادەت بىلەن ئەمەس، ئىمان-ئېتىقاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە دالالە قىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممىتىنى ئۆز بايراملىرى بىلەن باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرۇشقا تەشۋىق قىلغان. باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرىدە ئىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغان.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەبۇبەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «ئى ئەبا بەكىر! ھەر قەۋمنىڭ بىر بايرىمى بار. بۇ بىزىڭ بايرىمىمىز»[①] دېگەن سۆزىمۇ ئىسلام ئۇممىتىنىڭ بايرىمىنىڭ ئايرىم ئىكەنلىكىگە، ئىسلام ئۇممىتى ئۆز بايرىمى بىلەن باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئوچۇق-ئاشكارا دالالەت قىلىدۇ.
بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى تۆۋەندىكى ھەدىس تەكىتلەيدۇ:
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، يەھۇدىيلاردىن بىر كىشى: «ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى! سىلەرنىڭ كىتابىڭلاردا سىلەر ئوقۇيدىغان بىر ئايەت بار. ئەگەر ئۇ ئايەت بىز يەھۇدىيلارغا نازىل بولسا ئىدى، بىز ئۇ كۈننى بايرام قىلىۋالغان بولاتتۇق» دېدى. ئۆمەر: «قايسى ئايەت ئۇ؟» دېدى. يەھۇدىي:
«الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الإِسْلاَمَ دِيناً»
«بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلامنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم»[②] دېگەن ئايەت دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر: «بىز ئۇ ئايەت نازىل بولغان كۈننى ۋە جاينى ئوبدان بىلىمىز. ئۇ ئايەت پەيغەمبىرىمىزگە ئەرەپاتتا جۈمە كۈنىدە نازىل بولغان» دېدى[③].
دېمەككى، بايرام ھەر مىللەتنىڭ دىنى ئېتىقادى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇ يەھۇدىي ئۇ ئايەت نازىل بولغان كۈننىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ ئۇ كۈننى بايرام قىلمىدى. ئەگەر ئۇ ئايەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىن چىققان بىر پەيغەمبەرگە نازىل بولسا ئىدى، ئۇلار ئۇ كۈننى ھېچ ئىككىلەنمەستىن بايرام قىلىۋالغان بولاتتى. ھەزرىتى ئۆمەرمۇ ئۇ يەھۇدىينى ۋە ئۇنىڭ دىنى قېرىنداشلىرىنى ئۇ كۈننى بايرام قىلىشقا مەجبۇر قىلمىدى. چۈنكى ئۇ ئايەت نازىل بولغان كۈن ئۇلارنىڭ ئەمەس، مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى ئىدى. ئۇلارنىڭ دىنىدا بولمىغان بىر بايرامنى ئۇلارغا قىلدۇرۇش ئۇلارنى دىنغا زورلاش بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام خەلىپىسى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارنىڭ دىنىدا بولمىغان بايرامغا ئۇلارنى زورلىمىغان.
2- ئىسلام دىنىدا قانۇننى ئاللاھ بەلگىلەيدۇ
بىر ئىشنى يولغا قويۇش (قانۇن بەلگىلەش) ھوقۇقى ئاللاھقىلا ئائىتتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«شَرَعَ لَكُمْ مِنَ الدِّينِ مَا وَىَّى بِەِ نُوحًا وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَمَا وَىَّيْنَا بِەِ إِبْرَاەِيمَ وَمُوسَى وَعِيسَى أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُوا فِيەِ كَبُرَ عَلَى الْمُشْرِكِينَ مَا تَدْعُوەُمْ إِلَيْەِ اللَّەُ يَجْتَبِي إِلَيْەِ مَنْ يَشَاءُ وَيَەْدِي إِلَيْەِ مَنْ يُنِيبُ».
«ئاللاھ، ئۆزى نۇھقا بۇيرۇغان نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدى. ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنىمۇ، بىز ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئيىساغا بۇيرۇغان نەرسىنىمۇ سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدۇق. ئۇ نەرسە شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر: ‹دىننى توغرا چۈشىنىپ ھۆكۈملىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىڭلار، دىندا پىرقىلەرگە بۆلۈنمەڭلار›. ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا، سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە ئېغىر كەلدى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۇنىڭغا تاللايدۇ، ئۆزىگە ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن كىشىنى ئۇنىڭغا ئېرىشتۈرىدۇ»- شۇرا 42/13.
«أَمْ لَەُمْ شُرَكَاءُ شَرَعُوا لَەُمْ مِنَ الدِّينِ مَا لَمْ يَأْذَنْ بِەِ اللَّەُ وَلَوْلَا كَلِمَەُ الْفَىْلِ لَقُضِيَ بَيْنَەُمْ وَإِنَّ الظَّالِمِينَ لَەُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ».
«ياكى ئۇلارنىڭ، ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى ئۇلار ئۈچۈن دىن قىلىپ بېكىتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟ ئەگەر ئاللاھنىڭ ‹ياخشى-ياماننى ئايرىش قىيامەتتە بولىدۇ›، دېگەن سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى. شۈبھىسزكى، زالىملارغا ئېغىر ئازاب بار»- شۇرا 42/21.
3- مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولۇشلىرى كېرەك
كۈنىمىزدە بەزى مۇسۇلمانلار ئاللاھ قانۇنلاشتۇرمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، مەسىلەن: ئۇلار خرىستىئانلاردىن تۇغۇلغان كۈن بايرىمىنى، زەردۇشتىيلەردىن نۇرۇز بايرىمىنى، ياۋرۇپالىقتىن ئاتا-ئانىلار بايرىمى، ئاياللار بايرىمى، ئاشىقلار بايرىمى دېگەندەك بايراملارنى ئۆگىنىپ بۇ بايراملارنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارغا ئەگىشىۋاتىدۇ.
ئۇلارنىڭ بۇنى تەرك ئېتىشلىرى كېرەك ۋە مۇبارەك دىنىمىز ئىسلام يولغا قويغان روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتىن ئىبارەت بايراملىرى بىلەن كۇپايىلىنىشى لازىم. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى بايرىمى بار. بۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەدىنىلىكلەرنىڭ جاھىلىيەت دەۋىدە ئىككى بايرىمى بار ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
«سىلەرنىڭ ئىككى كۈنۈڭلار بار ئىدى. ئۇ ئىككى كۈندە بايرام قىلاتتىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۇ ئىككى كۈننىڭ ئورنىغا ئۇ ئىككى كۈندىن ياخشى بولغان روزا ھېيت كۈنىنى ۋە قۇربان ھېيت كۈنىنى بەردى»[④].
بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئېيتقاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا ئىككى بايرىمى بار: بىرى روزا ھېيت، يەنە بىرى قۇربان ھېيت. ئۇ ئىككى بايرامدىن باشقا بايراملار يەھۇدىيلارنىڭ ياكى خرىستىئانلارنىڭ ۋە ياكى باشقا كاپىرلارنىڭ بايراملىرى بولۇپ، بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۇ بايراملارنى تەبرىكلەش، تەبرىكەيدىغانلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قېتىلىش ئاللاھ بەلگىلىگەن بايراملارغا قانائەت قىلمىغانلىق بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ دىنىنى شۇئارلىرىنى ياقتۇرغانلىق، ئۇلارنى بۇ ئىشلاردا قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىك، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى توغرا دەپ قارىغانلىق، نەتىجىدە ئاللاھنى غەزەپلەندۈرگەنلىك بولىدۇ.
4- غەيرىي مۇسۇلمانلارغا ئوخشىۋېلىشتىن ساقلىنىش لازىم
غەيرىي مۇسۇلمانلارغا ئوخشىۋېلىش يەنى ئۇلارنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدىغان ئىشلارنى قىلىش مەسىلەن: ئىككى ھېيتتىن باشقا بايراملارنى ئۆتكۈزۈش، تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش، بۈشۈك توي ئۆتۈزۈش، خرىستىئانلارنىڭ راھىب ۋە راھىبەلىرىنىڭ مەخسۇس راھىبلىق كىيىملىرىنى كىيىش، بۇددىستلەرنىڭ دىنى كىيىملىرىنى كىيىش… قاتارلىقلار غەيرىي مۇسۇلمانلارغا ئوخشىۋالغانلىق بولۇپ دىنىمىز بۇنىڭدىن مەنئى قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى قانداقلا بىر قەۋمگە (مىللەتكە) ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ شۇ قەۋمنىڭ قاتارىدىن بولۇپ كېتىدۇ»[⑤].
5- غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئارزۇلىرىغا خىلاپلىق قىلىش لازىم
ئاللاھ تەئالا باشقىلارنىڭ ئارزۇلىرىغا ئەگىشىشتىن مەنئى قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«ڭُمَّ جَعَلْنَاكَ عَلَى شَرِيعَەٍ مِنَ الامْرِ فَاتَّبِعْەَا وَلا تَتَّبِعْ أَەْوَاءَ الَّذِينَ لا يَعْلَمُونَ إِنَّەُمْ لَنْ يُغْنُوا عَنْكَ مِنَ اللَّەِ شَيْئًا وَإِنَّ الظَّالِمِينَ بَعْضُەُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ وَاللَّەُ وَلِيُّ الْمُتَّقِينَ»
«ئى مۇھەممەد! ئاندىن بىز سېنى دىن ئىشىدا بىر يول ئۈستىدە قىلدۇق. سەن ئۇ يولغا ئەگەشكىن، بىلمەيدىغانلارنىڭ ئارزۇلىرىغا ئەگشمىگىن.
ئۇلار ئاللاھدىن كېلىدىغان ھېچبىر نەرسىنى سەندىن دەپئى قىلالمايدۇ. زالىملار بىر-بىرلىرىنىڭ دوستلىرىدۇر. ئاللاھ تەقۋادارلارنىڭ دوستىدۇر»- جاسىيە 45/ 18-19.
«وَلَن تَرْضَى عَنكَ الْيَەُودُ وَلاَ النَّىَارَى حَتَّى تَتَّبِعَ مِلَّتَەُمْ قُلْ إِنَّ ەُدَى اللّەِ ەُوَ الْەُدَى وَلَئِنِ اتَّبَعْتَ أَەْوَاءەُم بَعْدَ الَّذِي جَاءكَ مِنَ الْعِلْمِ مَا لَكَ مِنَ اللّەِ مِن وَلِيٍّ وَلاَ نَىِيرٍ»
«سەن يولىغا ئەگەشمىگىچە يەھۇدىيلارمۇ، ناسارالارمۇ سەندىن رازى بولمايدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ‹شۈبھىسىزكى، توغرا يول پەقەت ئاللاھنىڭلا يولىدۇر›. ئەگەر سەن ساڭا كەلگەن بۇ ئىلىمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، ساڭا ئاللاھ تەرىپىدىن ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق بىر ياردەمچى يوقتۇر»- بەقەرە 2/120.
شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەھۇد، نەسارا ۋە مۇشرىلارغا خىلاپ ئىش قىلىپ ھەر زامان ئۇلارغا ئوخشاپ قالماسلىققا دىققەت قىلاتتى.
ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا كۈنلەرگە قارىغاندا شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى كۆپ روزا تۇتاتتى ۋە: «بۇ ئىككى كۈن مۇشرىكلارنىڭ بايرىمى. مەن ئۇلارغا خىلاپ ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن» دەيتتى[⑥].
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ بايراملىرىدىن يىراق تۇرۇڭلار» دېگەن[⑦].
خۇلاسە
نورۇز بايرىمى، ئاتا-ئانىلار بايرىمى، ئاياللار بايرىمى… دەك بايراملارنى ئۆتكۈزۈش، ئۆتكۈزگەنلەرگە ئىختىيارىي ھالدا قوشۇلۇش ئىسلام دىنىدە قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ، ھەتتا بۇ بايراملار ئەسناسىدا بايرام كەلدى دەپ خۇشاللىق ھېس قىلىش، باشقا ۋاقىتتا سېتىۋالمايدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ، بۇ كۈننى كافىرلار ئۇلۇغلىغاندەك ئۇلۇغلاش، باشقا كۈنلەردە قىلىشمايدىغان سوۋغا-سالاملارنى ئۇ كۈندە قىلىشىش غەيرىي مۇسۇلمانلارغا ئوخشىۋالغانلىق، ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرىغا ئەگەشكەنلىك، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنمىغانلىق، پەيغەمبەرنىڭ يولىنى تۇتمىغانلىق بولىدۇ. قىسقىسى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىق كىملىكىگە ئۇيغۇن ئىش قىلمىغانلىق بولىدۇ.
ئەسكەرتىش:
بۇ پەتىۋا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن پەتىۋا بولۇپ مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتۇر.

--------------------------------------------------------------------------------
[①]- بۇخارى، مۇسلىم، ئەۇ داۋۇد، تىرمىزى، نەسەئى ۋە ئىبنى ماجەلەر رىۋايەت قىلغان.
[②]- مائىدە 5/3.
[③]- بۇخارى، مۇسلىم، تىرمىزى ۋە نەسەئى رىۋايەت قىلغان.
[④]- بۇ ھەدىس سۈنەنۇننەسەئى، كىتابۇ سالاتىل ئىيدەين، بەيھەقى، ئەسسۈنەنۇلكۇبرا كىتابۇ سالاتىل ئىيدەين دە ئۆتىدۇ.
[⑤]- بۇ ھەدىس سۈنەنى ئەبۇداۋۇد ۋە مۇسنەدى ئەھمەددە ئۆتىدۇ.
[⑥]- مۇسنەدى ئەھمەد، 26750- نومۇرلۇق، بەيھەقىي، سۇنەنۇلكۇبرا 2789- نومۇرلۇق ھەدىس.
[⑦]- بەيھەقىي، سۇنەنۇلكۇبرا 18862- نومۇرلۇق ھەدىس.



ئىسلام دىنىنى چۈشەنمەيدىغانلارنىڭ دىن ھەققىدە سۆزلەشكە ھەققى يوق!...ھاياجىنىڭىزنى ۋە مىللى غورۇرىڭىزنى دىنغا ئارلاشتۇرىۋالماڭ...بىلمەيدىغان ئىشلارغا سۈكۈت قىلىڭ.

باھا سۆز

imkan  دەلىل تازا ماس كەلمىگەن، دېدىم. بۇنداق دېگەنگە مۇناپىق بولۇپ كەتكمەسمەن؟!  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 00:40:48
ummat  مۇشۇنداق دەلىل بولسىمۇ ساپلا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس دەيدىغان مۇناپقلار .  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 22:12:00
imkan  ساپلا مۇناسىۋەتسىز ھەدىسلەرنى توپلاپ قويۇپسىز. مەنبەسىچۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 19:46:07

UID
24387
يازما
42
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2012-1-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-23
توردا
38 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 19:54:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
imkan  ساپلا مۇناسىۋەتسىز ھەدىسلەرنى توپلاپ قويۇپسىز. مەنبەسىچۇ؟

مەنبەسىنى ئاستىغا يېزىپ قويدۇمغۇ...مۇناسىۋەتلىك دەلىلنى سىز بىر يېزىڭە،بىر كورەيلى.

باھا سۆز

imkan  ھەدىسنىڭ مەنبەسىنى ئەمەس، پەتىۋانىڭ مەنبەسىنى سوراۋاتىمەن.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 20:22:23

UID
24387
يازما
42
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2012-1-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-23
توردا
38 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 20:50:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
imkan  تورداش:
شەيىخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىدنىڭ پەتىۋا فىلىمى بار،كۆرۈپ باقارسىز.

http://musulmanbiz.com/patiwa/2012-03-20/2740.html


باھا سۆز

imkan  نۇرغۇن سۇئال تاشلايدۇ، دىمەكچى.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 19:50:57
imkan  مۇشۇ ئادرېستىكى پەرقلىق ئۈچ خىل پەتىۋانىڭ ئۆزىلا بىزگە نۇرغۇن تاشلايدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 19:47:56

UID
27902
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
25
تىزىملاتقان
2012-1-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-26
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 21:17:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاسىيەتلىك بايرام دىمەي ، مىللى بايرام دىسىڭىز توغرا بولاتتى .
خاسىيەتلىك بايرام پەقەت ئىككى . بۇ گەپ پەقەت ياخشى دىيىلمەپتۇ .
..............................................
1. ماڭا نىسبەتەن نورۇز يەنىلا خاسىيەتلىك بايرامدۇر. بۇ كۈنى پۈتكۈل يۇرت ئەھلى بىر يەرگە جەم بولۇپ نورۇز ئېشى ئېتىپ كۆپچىلىك توپلىنىدىغان كۈندۇر. پۈتۈن يۇرت ئەھلى بىرگە جەم بولۇپ نورۇز ئېشى يەۋاتقان ئاشۇ پەيىتلەردە سىز نېمىنى ئويلىدىڭىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟  كىتابلاردىن ئوقۇشۇمچە، مەھمۇد كاشىغەرى مەقبەرىسى يېنىدا نورۇزلۇق مۇشائىرە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، نورۇز بۇلاق دەپ بىر بۇلاقنىڭ بولغانلىقى مەلۇم ھەم مۇشۇ كۈنى مەدرىسلەردىكى تالىپلارغا شاھادەتنامە بېرىلىدىكەن. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا مەۋلانە ئەبەيدۇللا ‹‹گۈل ۋە نورۇز›› نامىلىق ئەسەرنى يېزىپ قالدۇرغان....................
2. بۇرادەر، مەن ئىككى بايرامنى ئەلۋەتتە خاسىيەتلىك ھەم ئۇلۇغ دەپ قارايمەن. قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئۇلۇغ قاغانى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بىزنى ھەق يولىغا باشلاپ، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيتىدە يېڭى بىر يولنى ئاچتى..................
مەن ھەم نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشنى قوللايمەن. ھەم ئىككى بايرامنىۇ ئۆتكۈزىمەن.
مەن ئۈچۈن بۇ بايراملار ئوخشاشلا مۇھىمدۇر.

باھا سۆز

arzuyar  بۇ سىزنى ئېنكار قىلغىنىم ئەمەس خاتا چۈشەنمەڭ  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 21:28:41
arzuyar  ھازىر نورۇزدىكى بەزمىدە مەس بولۇپ قالغانلارنى قانداق قىلارمىز!تالاشمايلى  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 21:26:38
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش