ئىگىسى: laylimajnun

نورۇزنىڭ ھېكمىتى ۋە قىممىتى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
33235
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
23
تىزىملاتقان
2012-3-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-25
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 01:57:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرۇز بايرىمى،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،مەن يەنىلا،،،،،1يىل ئىچىدىكى،شۇ 2ككى بايرامدىلا تۇرىمەن

UID
17644
يازما
154
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
154
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
56 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 02:24:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       نەۋرۇز كەلدى، لېكىن ھەقىقى نەۋرۇز قاچان كېلەر؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 03:47:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنىڭ مەنبەسى www.koknur.net

كۆكنۇرتورى ئىلاۋىسى:خەلقىمىز مىللى تۇيغۇلىرىغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە قوغداش سەپەرلىرىدە مەدەنىيەت سىموۋوللىرىنى ،جامائەتچىلىكنى ئەتىۋارلاپ رۇمدىن تارتىپ چىنماچىنغىچە بولغان كەڭ خەلقلەرنىڭ قۇتلۇق كۇنى نورۇزنى مىللى بايرام قىلىۋاتقان كۇنلەردە  مەلۇم بىر توردا بۇنىڭ قارشىسىغا دىن نامىدا پەتىۋا  كىسىلگەن.ئەمما پەتىۋاچىدىن ئىسلام دىنى مەۋقەسىدىكى سوتسولوگىيە ،مەدىنىيەتشۇناسلىق،ئىنسانشۇناسلىق ئىلىملىرىدىن ئۇمۇت كۇتەلمىسەكمۇ ،ئەقەللىسى تارىخىمىزدا بۇ كۇننىڭ تالىپلارغا شاھادەت بېرىدىغان كۈن ئىكەنلىگىنى، تېخى 1940-يىللاردىلا ، مىسالەن قەشقەردىكى پۈتۈن تالىپلار ئوپال نورۇز بۇلاققا توپلۇنۇپ ئالىملارنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ، دىنىي ئۇنۋان ئالىدىغانلىغىدىن خەۋىرى باردەك ئەمەس . ئەمما شۇنداقتىمۇ گەپ دىن نامىدا ئېيتىلغاچقا ، بۇ تاققا-تۇققۇلۇقنىڭ  دىنىمىز ئىسلامنىڭ شەنىگە داغ بولۇپ قالماسلىغى ئۇچۇن رەددىيىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.يادىمىزدا بولسۇن ، دىن تەنتەكلەرنىڭ قوپۇپلا دىگەن گەپلىرى ئەمەس . ھايا ، ئەدەپ ، تەمكىنلىك ۋە ئىجما ئىچىدىكى مۇكەممەللىكتۇر.

ئەلۋەتتە بۇ ئاتالمىش پەتىۋانى ئوقىغان سەللا ساۋادى بار ئادەمغۇ ئۇنىڭدىكى خاتالىقنى ھىس قىلىدۇ .شۇنداقتىمۇ ئۇنى رەسمى ھالدا بۇ يەردە تىلغا ئالغان بولغاچقا ، ئۆزىمىز ھىس قىلغان مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكىچە ئەسكەرتىمىز.

1 .   ئەسەردىن قارىغاندا بۇ پەتىۋانى يازغۇچىنىڭ ئۇقۇم ئەستېرىدە ئەدناسى مىللەت ، جەمىيەت ، مەدەنىيەت ، نۆۋەتتىكى ئىجتىمائى سىياسى مەسىلىلەر ئۇقۇمى يوق . پىكرى دۇنياسىدا جاھاننى جاي-جايىغا سەرەمجانلاشتۇرغانمۇ ئەمەس . ئەڭ ئەقەللىسى ئىجتىمائى تەدبىر بولغان بايرام ئۇقۇمىغىمۇ ئوڭشاپ تەبىر بېرەلىگىدەك ھالدا ئەمەس . مۇشۇ ھالدا ئۇ بايرام توغرۇلۇق چوڭ-چوڭ گەپلەرنى قىلغان . شۇڭا ئۇنى بوپتۇ ئىلىم سەيناسىدا گىپىنى قىلىپ باقسۇن ، بالاغەتكە يەتكۈلىۋىتىپتۇ ئەمەسمۇ دىگىلىمۇ بولمايدۇ.

2.يازمىنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا پەتىۋا كەسكۇچى دۇنياقاراش ۋە تارىخ دىيىلسە ئەرەپ پارىسنىڭلا تارىخىنى ، دۇنيا قارىشىنى بىلىدىغان مىنكاۋخەن ھىسابىدىكى مىنكاۋئەرەب  بولۇپ ، چۇشەنچە جەھەتتە بۇ كىشى خەلقىمىزنىڭ بېغىدىكى ئادەم ئەمەس . چوڭ بولسا تېشىدىكى گەپلەرنى ئاڭلىتىدىغان قۇلاق . ھەرگىز مىڭە ئەمەس.

3.   ئەسەردىن مەلۇمكى ئاپتور مەنتىقىۋاز ئەمما مەنتىقىنى ئۇقمايدىغان ئادەم . ماقۇلات(كاتاگورىيە)، ئىبارە ، قىياس(ئانالىتىكا) ، بۇرھاننىڭ مۇناسىۋەتلىرى ۋە مېتودلىرىدىن خەۋەرسىز ، يازمىدا ئاللاھنىڭ ، پەيغەمبەرنىڭ گەپلىرى بولسىمۇ يۇقۇرقى گاللىق تۇپەيلى دەلىللەر يىگە باسمايلا قالماي ، پەتىۋاچىنى ئىنكار قىلىدىغان ھالدا . يەنى پەتىۋاچى ئىسىمنى ئىسىمغا ئۇدۇللاش ، شەكىلنى تېخىمۇ توغرىسى ئىسىمنى يىپ قىلىپ گەپنى گەپكە ئۇلىيالايدىغانلا ئادەم بولۇپ بۇنداق ئادەمنىڭ قولىدىن سەنئەت چىقمايدۇ ھالبۇكى پەتىۋا سەنئەتتۇر .

پەتىۋانى مەيلى ئەرەب چىقارسۇن ياكى پارىس ، ئۇنىڭ ئەرەپ بولغانلىغىنى ھىچنىمىنى چۇشەندۇرەلمەيدۇ . پەتىۋا ئەرەپلىككە ، نوپۇز ئۇستىگە ئەمەس ئىلىم ئۇستىگە قۇرىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە قوشۇمچە قىلىپ دەيدىغىنىمىز ئەرەپلەر ئۆزىنىڭ ئىشىغا پەتىۋا بەرسۇن ، ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلسۇن . بىز ئۇلاردىن پەقەت پايدىلىنايلى ، ئەمما ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغا ئۆزىمىز پەتىۋا بېرەيلى . ناۋادا پەتىۋا بەرگىدەك كىشىمىز بولمىسا ئاتا بوۋىمىزنىڭ يولىنى تۇتايلى ياكى ھىچ بولمىغاندا قېرىندىشىمىز بولغان تۇركلەرنىڭ«دىيانەت باقانلىغى»غا قارايلى ، بۇ خىلدىكى ئىشلاردا ئىشنىڭ يولى مۇشۇ . بىكادىن بىكا ئەن-ئەنىمىزدىن كېلىۋاتقان نەرسىلەرنى گويا بۇرۇن ئىسلام ئالىملىرىمىز ياشاپ باقمىغاندەك ئۇرۇپ چېقىپ ، مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىنىڭ «خوڭۋېيبىڭ»لىرىدەك بولىۋىلىش كېرەك ئەمەس . ئوسما كېتىپ قاش قالىدۇ ، سۇ كېتىپ تاش قالىدۇ . سەن بىر دەۋردە ئۇنى بۇنى دەستەك قىلىپ بىر ھالغا چۈمۇلۈپ كەلسەڭ دەۋر ئۆتۇپ ھال پەسكۇيغا چۇشكەندە ، سېنى شۇھالغا چۈمۈلدۈرگەن رەقىپ , مۇھىت يوقالغاندا ياكى بۇ ھاللار پەسلەرگە كىيىم بولۇپ كىيىلگەندە ، مىللەتنىڭ بېشىغا سەن تۇتقان يول بالا بولۇپ تۆكىلىدۇ. ھېلىمۇ ساقالنى يوغان قويۇپ ئۇنى پۇل ، يۇز ، ئەگەشكۇچى ، خەيرىخاھلىق قىلغۇچى تېپىشقا دەستەك قىلىۋاتقانلار ئارىمىزدا ئەجىبا كۆرۈلمەي قالدىمۇ . قايسىڭلار قايسى بىر «ئوتلۇق يول»نى كىيىن چىرىكلەشمىگەن دەپ ئېيتالايسىلەر . قايسىڭلار شۇنداق بىر كۈنلەردە سىلەر ماڭغان يولدىكىلەر چىرىكلەشكەندە بۇ يولنىڭ سىلەر ھازىر رەت قىلىۋاتقان يولچىلىك سۆلىتى بولىدۇ دەپ  مەيدەڭلەرگە ئۇرالايسىلەر؟ شۇڭا تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن نەرسىلەرگە تەنتەكلىك قىلماڭلار . مىللەتنى ھەتتا ئەسكى بولسىمۇ  ئۆزىنىڭ ئۆيىدىن قوغلىماڭلار ، گۇمانلاندۇرماڭلار . پەقەت ئۇنىڭ كۇچىنى ئويغۇتىڭلار . ئەلۋەتتە پەتىۋانىلا تونىيدىغانلار بىلەن پۇلنىلا تونىيدىغانلارنىڭ ئىنسانىي ماھىيىتى ئوخشاش بولۇپ ، ئىككىسىلا شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئىككى خىل ئەھۋالدىكى ئىپادىسى . گەرچە شەخسىيەتچىلىك مىللەتتە مىللىيەت ، شەخستە خارەكتېر بولمىغان ئوماچتەك ئىنسانلىقتىن مىڭ ياخشى بولسىمۇ لېكىن بۇ نىشان قىلغىدەك  جامالىيەت ئەمەس . شۇڭا ماھىيەتتە شەخسىيەتچىلىكنىڭ بۇ ئىككى خىلىنىڭ پەسلىكى ئوخشاش ، پەقەت ئاللاھقا يېقىنلىقى بىلەنلا پەتىۋانىلا تۇتۇش بىزگە نۇرلۇق كۆرىنىدۇ . شۇڭا نوقۇل پەتىۋانىلا تونۇيدىغانلارنىڭ ئېغىزىدىن مىللەت ماڭا نىمىش قىلىپ بېرىدۇ ؟ دىگەندەك گەپلەر ، ئاغرىنىشلار ماڭدامدا بىر تۆكۇلۇپلا تۇرىدۇ . ھالبۇكى ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئەمەل مۇكاپات تېجارىتى مۇناسىۋىتى ئەمەس . بەلكى قەلب بىلەنلا يېقىنلاشقىلى بولىدىغان مۇناسىۋەت . شۇڭا نورۇز توغرىسىدىكى مۇنازىرىگە بالىلىقتىن تارتىپ خارەكتېر ساقسىزلىقىغىچە بولغان نۇرغۇن ئامىللار ئارىلاشقان مۇنازىرە بولۇپ ،  ئۇنى بارلىق پاسكىنىچىلىق ۋە بولمىغۇرلۇقلار مۇئەييەن دەرىجىدە ئاشكارىلانغاندا ،  ئاندىن  تولۇق باھالىغىلى بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسان جەمىيەتنىڭ مەھسۇلى بولۇپ ،  بۇگۇنكى كۇندە بىزنىڭ شەخسىيەتچىلىكىمىزگە كەڭ يول بار -يۇ ، پۇتۇنلىكىمىزگە ئۇنچىۋىلا كەڭ يول يوق . شۇڭا تەبئىلا شەخسىيەتچىلىك مۇقامىدا تۇرۇپ مەسىلە ئويلىيالايدىغانلار كۆپرەك بولىدىغانلىغى تەبئى . شۇڭا نورۇز مەسىلىسىدە بۇ نۇقتىلارغا قاتتىق دىققەت قىلماي بولمايدۇ . ئۇنىڭغا قۇرئان ھەدىس كەلتۇرۇش مۇشۇ مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىن كىيىن ئاندىن مۇمكىن بولىدۇ . بولمىسا كىچىك بالىغا قۇرئان تۇتقۇزۇپ قويغان بولىمىز . قۇرئاننىڭ تەبىئىلا ئىززىتى بولمايدۇ .

باھا سۆز

arzuyar  بۇ ماقالىنى يوللاشتىكى مەقسىدىڭىز نىمىكىن.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 11:40:02

UID
17471
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
49
تىزىملاتقان
2011-11-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 05:26:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىقىندا بىر ( ئىسىمىغا دىققات قىلماي قاپتىمەن ) ئەرپ دىنى ئۆلىما... مۇسۇلمانلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى ئوتكۇزىشى ھارم دەپ ئەيىپلىدى.......بىزگە ئاللاھ پەقەت رۇزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيىت نى  بايرم قىلىپ ئوتكۇزۇشكە بۇيرىدى ..دىنىمىزدا بەلگىلەنگەن بايراملاردىن باشقا بايرملارنى ئوتكۇزۇش  مۇسۇلمانلارنى كۇپۇرغا ئېلىپ كىلىدۇ دەپ كورسەتتى ..........ئەجىبا بىز  ..3000 يىلدىن بۇيان پارىسلىقلار  كاۋكازلىقلارھەم كەڭ ئورتا ئاسىيادا ياشاۋاتقان تۇركى مىللەتلىرى يىڭى يىل بايرام سۇپىتى بىلەن تەبىرىكلەپ كىلىۋاتقان جۇملىدىن بىز ئۇيغۇر خەلىقىگە تالاي ئەسىرلەر بۇيى مەنىۋى ئۇزۇق بىرىپ كىلىۋاتقان بۇ نورۇز بايرىمىمىزدىن ۋز كىچىشىمىز كىرەكمۇ .....؟؟؟

باھا سۆز

koygandengiz  «ئارزۇيار » قويغان سوئالىڭىز جايىدا بوپتۇ .  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 14:02:22
arzuyar  بۇ ئۇتتىرا قويغان سۇئالىڭىز تېخىمۇ پىتنىگە سەۋەپ بولماسمۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 11:41:17

UID
21733
يازما
10
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-2-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-17
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 06:12:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن خاسىيەتلىك بايرام بولغان نورۇزنىڭ ھارپا كۈنى ھەم ئەتە نورۇز بايرىمىدۇر. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەلكۈيىدىكى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى مۇبارەكلەيمەن. قېرىنداشلار، نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

تىرىشچان ئەزا

www.teshnayi.com

UID
16297
يازما
142
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
502
تىزىملاتقان
2011-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
111 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 10:16:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن نۇرۇزنىڭ بىرىنچى كۈنى، ئالدى بىلەن بارلىق قىرىنداشلىرىمنىڭ قۇتلۇق بايرىمىنى مۇبارەكلەيمەن! ھەممىڭلارنىڭ يىڭىچە بىر تۇيغۇ بىلەن كەلگۈسىڭلارغا يۈزلىنىشىۇلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. نۇرۇز ئۈستىدە ئارىمىزدا دەتالاش مەۋجۇت، ئەلۋەتتە مۇسۇلمان بولۇش سالاھىتىمىز بىلەن روزا ھىيىت ۋە قۇربان ھىيىت بىز ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغ بايرام، تۈرۈك قەبىلىلىرىگە تەۋە بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نۇرۇزمۇ بىز ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بايرام. دىننى بايراملىرىمىز بىلەن نۇرۇز ئوتتۇرىسىدا ھەرگىزمۇ توقۇنۇش يوق، ئەكىسچە بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ. نىمىلا دېمەيلى بىر قەۋىم ئۈچۈن مەدەنىيىەتمۇ ئىنتايىن مۇھىم، نۇرغۇن كىشىلەر ھەرقانداق ئىشقا بىر تەرەپلىمە قاراشقا كۆنگەن. ئەرەبلەربىڭ بۇ بايرامنى «ھارام»دىيىشى ئۆز ئىشى،  نۇرۇز بەلكىم ئۇلارنىڭ جەمىيىتىدە ناچار رول ئوينىغاندۇ،شۇڭا قارشى تۇرىدىغاندۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نۇرۇزنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭ، پەقەت توغرا خارەكتېردە ئىلىپ بارالىساقلا.

تىرىشچان ئەزا

www.teshnayi.com

UID
16297
يازما
142
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
502
تىزىملاتقان
2011-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
111 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 10:33:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قارايدىغان بولساق، مۇقام، مەشرەپ، نورۇز… كەبى بىباھا گۆھەرلەرنىڭ جۇلالىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز . ھەممىگە ئايانكى، ئاشۇ بىباھا گۆھەرلەر ئىچىدە ئەسىرلەرنى ئەسىرلەرگە، ئاغۇنلارنى بوغۇنلارغا ( ئەجدادلارنى ئەۋلادلارغا ) ئۇلاپ كەلگەن نورۇز بايرىمى تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى رېئاللىقتىمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتمىغانلىقى بىلەن خەلقىمىز ئۈچۈن تولىمۇ قەدىرلىك. تەبىئەت ئەركىسى، يېشىللىق ئەلچىسى ــ نورۇز بوۋاينىڭ قەدەم تىۋىشلىرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان مۇشۇ قۇتلۇق كۈنلەردە ، نورۇزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق قەدىمىي ئىزنالىرى ۋە كۈنىمىزدىكى قۇتلۇقلاش يوللىرى ئۈستىدە ئوي سۈرۈشىمىز تەبىئىي.

1 نورۇز بايرىمى ۋە نورۇز ئاتالمىسى
نورۇز بايرىمى تۈركىي خەلقلەر ۋە پارسلارغا ئورتاق يىل بېشى – باھار بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى، تەبىئەت بايرىمى، ئىناقلىق بايرىمى. مەھمۇد كاشغەرى، ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى، نەۋائىي قاتارلىق شەرق ئەللامىلىرى قالدۇرغان ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نورۇز بايرىمىنىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقىنىغا 2500 يىلدىن ئاشقان.

دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەر يېڭى يىلنىڭ باشلىنىش كۈنىنى بايرام قىلىپ بېكىتكەن. ئاتا – بوۋىلىرىمىز باھاردا ئوت – گىياھنىڭ ياشناش ھادىسىسىنى ، ئوتخۇر ھايۋانلارنىڭ ئورچۇش دەۋرىنى، شۇنىڭدەك ھەر يىلى يۇلتۇزلارنىڭ ئورنىنى كۆزىتىش ئارقىلىق ، قۇياشنىڭ بىر يىللىق دەۋرىنى ھېسابلاپ يىل بېشىنى ئېنىق بەلگىلىگەن ھەمدە قۇياشنىڭ ھەمەل ( قوزا ) بۇرچىغا كىرگەن ۋاقتىنى يىل بېشى قىلغان . دەسلەپتە يېڭى يىلنى ‹‹ يىل بېشى ›› ياكى ‹‹ كۈن تۇغدى ›› دەپ ئاتىغان بولسا ، 10- ئەسىرلەردىن كېيىن ئىرانلىقلارنىڭ ‹‹ نەۋرۇز ›› سۆزىنى قۇبۇل قىلغان ۋە باھار بايرىمىنى ‹‹ نورۇز ›› دەپ ئاتايدىغان بولغان . ‹‹ نورۇز ›› دىكى ‹‹ نو ›› يەنى ‹‹ نەۋ ›› نىڭ تۈپ مەنىسى ‹‹ يېڭى ›› ، ‹‹ ئېرىغ ›› دېگەنلىكتۇر. ‹‹ رۇز ›› نىڭ مەنىسى ئاپتاپ يەنى قۇياش تۇغۇلۇپ پاتقۇچە يورۇق بولۇپ تۇرىدىغان چاغ ، دېگەنلىكتۇر . دېمەك ، نورۇز يېڭى كۈن ، قۇياش يېڭىۋاشتىن تۇغۇلغان يەنى ياشارغان كۈن ، دېگەندىن ئىبارەت. بۇ بايرام قەدىمدىن باشلاپ شەمسىيە ( كۈن ) كالېندارى بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى ( ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ) يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ.

يېشىللىق تەنتەنىسى ۋە ئاغۇنلار يادنامىسى بولغان بۇ نورۇز يالغۇز سەھرا – قىشلاقلاردىلا ئۆتكۈزۈلىدىغان، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭلا بايرىمى ئەمەس، بەلكى ئومۇمىي خەلق بايرىمى. خەلقنىڭ قىش – زىمىستاندىن ئامان چىقىپ، ئىللىق باھارنى ئارزۇلىغان خۇشاللىقىنى ئىپادىلەيدىغان ، ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن زېمننىڭ كۆركىگە بولغان مۇھەببىتىنى ، ھەربىر كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ ئۆز كەسىپ – كارلىرىنى راۋاج تاپقۇزۇشقا بولغان ئىجتىھاد – ئىنتىلىشلىرىنى ، ئۆز – ئارا ھىممىتى – ساخاۋىتىنى ، ئىتتىپاق – ئىناقلىقىنى ، گۈزەل ئەتىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈىدىغان قۇتلۇق بايرامدۇر.


2 نورۇزنىڭ خاسىيەتلىرى ۋە رەسمىيەتلىرى

خەلقىمىز نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇق ، خاسىيەتلىك بايرام دەپ بىلىدۇ. نورۇز مەزگىلىدە ھەرقانداق كىشى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئۆزلىرى تىرىشىدۇ ۋە ئۆزگىنى رىغبەتلەندۇرىدۇ. ئۆتمۈشتىكى ئاغۇنلىرىمىز نورۇزنى خاسىيەتلىك دېگەن چۈشەنچىسى بويىچە ، كىمكى يىل بېشىدا ، يەنى نورۇز مەزگىلىدە ياخشى ئىش قىلسا شۇ كىشىگە يىل بويى ياخشىلىق نېسىپ بولىدۇ ، دەپ بىلەتتى. شۇڭا قەدىم زاماندىن تارتىپ ، كىشىلەر يىلنىڭ ئامان-ئېسەن ۋە مەنپەئەتلىك بولۇپ ئۆتۈشىنى ئارزۇلاپ ، نورۇزغا ئاتاپ ھەرخىل ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان . شۇنداقلا نورۇز مەزگىلىدە تۇغۇلغان بالىلارغا ئوغۇل بولسا ‹‹نورۇز››، ‹‹نۇر››، ‹‹قۇتلۇق››، قىز بولسا ‹‹ئەلانۇر››، ‹‹چىمەن››، ‹‹بوستان››، ‹‹باھار›› دېگەندەك قۇتلۇق كۈننىڭ ئاتلىرى ياكى قۇتلۇق كۈنگە مۇناسىپ چاغ ، گۈل – گىياھ ناملىرىنى قويغان.

بۇ قۇتلۇق كۈنلەردە كىشىلەر ئۆزلىرى ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىللە ، بىر- بىرىگە ياخشلىق تىلىشىدۇ . ئۆزئارا يوقلاشقاندا ، سەيلە – تاماشىلاردا ، مەشرەپ – سورۇنلاردا ، نورۇز ئېشى يىگەندە ئامانلىق، ياخشىلىق تىلەنگەن بىيىت – قۇشاقلارنى ئېيتىشىدۇ. ئۇستىكارلار كۆزى پىشقان ۋە قولى چىۋەر شاگىرتلىرىغا ھۈنىرىنىڭ يېڭى بىر ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. بۇرۇنقى زامانلاردا مەدرىستە – مەكتەپلەردە مۇددەرس – ئۇستازلار ئوقۇغۇچى – تالىپلىرىغا نورۇزنامە يېزىپ بېرەتتى ياكى يازدۇراتتى.

نورۇز كۈنلىرى ھەرخىل سورۇنلار تۈزۈلۈپ، ئومۇمىي خەلق سەيلىسى بولىدۇ. بۇنىڭ شەكىللىرى ناھايىتى تولا . بۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ‹‹ تۇققۇز توقۇ ›› يەنى ‹‹ تۇققۇز مەرىكە – مۇراسىم ›› دېيىلگەن. ئۇلار : (1) نورۇز ناغرىسى؛ (2) نورۇز تازىلىقى؛ (3) سوغۇق قوغلاش؛ (4) يوقلاش؛ (5) نورۇز ئېشى يېيىش؛ (6) نورۇز سەيلىسى؛ (7) نورۇز يارىشى ( مۇسابىقىسى )؛ (8) نورۇز مەشرىپى؛ (9) نورۇزلۇق تىلەك ( زاراخەتمە ).

نورۇزنىڭ يەنە بىر مۇھىم خاسىيىتى شۇكى، بۇ ــ بىرلىك - ئىناقلىق بايرىمى ئىدى. ئۆچ – ئاداۋەتلىكلەر، جۈملىدىن ئارىغا سۇغۇقچىلىق چۈشكەن ئەر- خوتۇنلار ‹‹ ئۆتكەنگە سالاۋات ›› قىلىپ، يارىشاتتى ياكى ياراشتۇرۇلاتتى.
3 كۈنىمىزدە نورۇزنى قۇتلۇقلاشنىڭ يوللىرى

دەۋر ئۆزگىرىشىگە ماس ھالدا ياشاش مۇھىتىمىز ۋە ياشاش شەكلىمىزدە ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى بىزدىن ئەنئەنىۋىي ھېيت – بايراملىرىمىزنى نۆۋەتتىكى ياشاش شەكلىمىزگە لايىقلاشتۇرۇپ، ئۇنى يېڭىچە مەزمۇنلار بىلەن بېيىتىپ قۇتلۇقلىشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا. جۈملىدىن نورۇز بايرىمىنى كۈنىمىزدە تۆۋەندىكىدەك يوللار بىلەن تېخىمۇ رەڭدار ، تېخىمۇ تەنتەنىلىك ، تېخىمۇ ئۆزگىچە قۇتلۇقلاش مۇمكىن.

(1) نورۇز يېتىپ كېلىش پەيتىدە رادىئو – تېلېۋۇزۇر، گېزىت – ژۇرنال ، تور قاتارلىق تاراتقۇلاردا نورۇزغا بېغىشلانغان خەۋەر – ماقالە ، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئومۇمىي خەلقنى نورۇزنى كۈتۈۋېلىش تەييارلىقىغا كىرىشىشكە چاقىرىش لازىم. بۇندىن باشقا يەنە، ئۆتكەن يىلدا دىيارىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن چوڭ ئىشلارنى ئەسلەش، خەلقمىز قەلبىدە بەلگىلىك تەسىر قالدۇرغان ئەستىلىكلەرنى ( قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئۇتۇق، قىززىق نۇقتا ، جەلبىكار شەخس … قاتارلىقلار ) خاتىرىلەش ، ئارىمىزدىن كەتكەن ئالىم – ئۆلىما، ھەرساھەدىكى پىشقەدەملىرىمىزنى ياد ئېتىش … قاتارلىق يوللار ئارقىلىق كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ ، نورۇزنى كۈتۈۋېلىش كەيىپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈشكە بولىدۇ.

(2) نورۇزنىڭ ھارپا كۈنلىرىدە ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا نورۇزلۇق تازىلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ ئۆي – بالىكون، ھويلا – ئارام، يول – مەيدانلارنى تازىلاش كېرەك. كىشىلەر يۇيۇنۇپ – تارىنىپ نورۇزنى پاكىزلىق بىلەن كۈتۈۋېلىش لازىم.

(3) ھارپا كۈنى ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن پەرزەنتلەر ، ئۆيدىن ئايرىلىپ ئوقۇش ۋە خىزمەتتە بولىۋاتقان پەرزەنتلەر چوڭ ئۆيگە قايتىپ ، ئاتا – ئانىلار بىلەن جەم بولۇشى ، ئۇلارنىڭ تېخى پۈتتۈرۈپ ئۈلگۈرتمىگەن بايراملىق تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈشۈپ بېرىشى لازىم. ئەل – جامائەت ئۆز مەھەللە – يۇرتلىرىدىكى يېتىم – يېسىر ، قېرى – چۈرى ، ئاغرىق – سىلاقلارنى يوقلاپ ، ئۇلارغا چامىنىڭ يېتىشىچە روھىي ۋە ماددىي ياردەملەرنى قىلىشى لازىم.

(4) ھارپا كۈنى كەچتە ، جايلاردىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا مەخسۇس ئۇيۇشتۇرۇلغان ‹‹ نورۇزلۇق سەنئەت كېچىلىكى ›› قويۇلۇپ، خەلقنىڭ بايراملىق تۇرمۇشىغا مول مەزمۇن ئاتا قىلىش لازىم. نورۇزغا ئاتالغان سەنئەت كېچىلىكلەر مەزمۇن جەھەتتىن ئەنئەنىۋىي نورۇز پائالىيەتلىرىمىزدە كەم بولسا بولمايدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم. مەسىلەن، نورۇز بوۋايىنىڭ يېتىپ كېلىشى، شائىرلارنىڭ نورۇزنامە ئوقۇشى ۋە ئۆز – ئارا مۇشائىرە ئېيتىشىشى ، سەھنىلەشتۈرۈلگەن نورۇز مەشىرىپى … دېگەنگە ئوخشاش.

(5) دوپپا ۋە ئەتلەس خەلقىمىزنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئىپادىلەيدىغان سىموۋۇللۇق بەلگىلىرىمىزدۇر. شۇڭا، نورۇز كۈنى ئەركەكلەر باشلىرىغا دوپپا، خوتۇن – قىزلار ئۇچىسىغا ئەتلەستىن تىكىلگەن كېيىملەرنى كېيىپ، نورۇز كەيپىياتى ۋە شادلىقىنى نامايەن قىلىشى كېرەك.

(6) نورۇز كۈنى ئەتتىگەندە پەرزەنتلەر ئاتا – ئانىلارغا نورۇزلۇق سالام بېرىپ، ئۇلارغا ساغلام ھايات ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىشى، چوڭلار بالىلارغا ئەھۋالغا يارىشا ئاددىي ئەمما ئەھمىيەتلىك بولغان نورۇزلۇقلارنى بېرىپ ، گۈدەكلەرگە نورۇز شادلىقى ئاتا قىلىش لازىم. ئائىلە ئەزالىرى جەم بولغان بۇنداق قۇتلۇق چاغلاردا جەمەت پىشىۋالىرى جەمەت ئەزالىرىغا مۇۋاپىق جەمەت تەربىيىسى بېرىشى ، ئەجدادلارنى ياد ئېتىپ، ئەۋلادلارنى ئۇلارنىڭ ئىزىدىن بېسىپ، ئەلگە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ چىقىشقا دەۋەت قىلىشى لازىم. ئائىلە ئەزالىرى جەمەت چوڭلىرىنىڭ يېتەكلىشىدە ئەجدادلارنىڭ قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلىش لازىم.

(7) ‹‹ نورۇز ئېشى ›› يېيىش نورۇزلۇق پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى بولۇپ، شارائىت يار بەرگەن جايلاردا نورۇز ئېشىنى ئەنئەنۋىي ئۇسۇل بويىچە ، جامائەت توپلىشىپ ، ئوپچە تەييارلاپ بىرلىكتە يېيش كېرەك. شەھەرلەرگە ئوخشاش شارائىت نىسبەتەن يار بەرمەيدىغان جايلاردا ئاشپۇزۇل – تېز تاماقخانىلار نورۇز مەزگىلىدە ‹‹ نورۇز ئېشى ›› نى بازارغا سېلىپ ، شەھەر ئاممىسىنىڭ نورۇز ئېشى ئىستېمال قىلىش ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشى لازىم. بۇندىن باشقا ، جەمەت ئەزالىرى چوڭ ئۆيگە جەم بولۇپ ، ئائىلىدە نورۇز ئېشىنى تەييارلاپ يېيىشمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

(8) نورۇز كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ، بالا – چاقىلارنى ئېلىپ موزىي ، داڭلىق بىلىم يۇرتلىرى ، پەن – تېخنىكا سارايلىرى ، گۈزەل مەنزىرىگاھلار ، كۇتۇبخانا – كىتابخانىلار غا بېرىپ ، نورۇزلۇق سەيلىنى يېڭى مەنالارغا تويۇندۇرۇش لازىم. نورۇز سەيلىسى ئادەتتە 3 كۈن داۋام قىلىدۇ.

(9) نورۇزنىڭ ئىككىنچى كۈنى قائىدە بويىچە نورۇز يارىشى ( مۇسابىقىسى ) بولىدۇ. سەھرا – قىشلاقلاردا ئات بەيگىسى ، ئوغلاق تارتىشىش، سارغايدى، دارۋازلىق، چېلىشىش، خوراز – قوچقار سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش قاتارلىق ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق نورۇز يارىشى قىلىنسا؛ شەھەرلەردە ، مەكتەپ – ئۇنىۋېرسىتېتلاردا پۇتبول ، ۋالېبول ، ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىغا ئوخشاش تۈرلۈك زامانىۋىي تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيەتلىرى ، زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرى قاتارلىق شەكىللەر بىلەنمۇ نورۇز يارىشىنى مول مەزمۇنلۇق ، داغىدۇغلۇق ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ.

يۇقىرىقلاردىن باشقا، دوستلار ئۆز – ئارا كىتاب سوۋغا قىلىش ، ئاممىۋىي مەنپەتلىك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش ، دوست – يارانلار جەم بولۇپ ئۆز – ئارا مۇشائىرە ئېيتىشىش ، كۆچەت تىكىش … قاتارلىق ئىش – پائالىيەتلەرمۇ نورۇز شادلىقىغا ئۆزگىچە مەنا بېغىشلىشى مۇمكىن.

خۇلاسە، نورۇز – ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام ، ئەمگەك بايرىمى، دوستلۇق ، ئىناقلىق بايرىمى، ساۋابلىق بايرىمى، ئامانلق بايرىمى، شادلىق بايرىمىدۇر. ئىشىنىمىزكى، خەلقىمىز ئۇنى ئىناقلىق ۋە زامانىۋى ئاڭنى تەرغىپ قىلغۇچى ھېكمەت ۋە سەنئەت چېچەكلىرى بىلەن بېزەپ ، مىللىي مەدەنىيتىمىزنىڭ نادىر جاھاننامەسى ۋە ئىپتىخارلىق قامۇسىغا ئايلاندۇرغۇسى.

پايدىلانمىلار:

1. ئىمىن تۇرسۇن. ‹‹ قەدىمقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ››.

2. ئىمىن تۇرسۇن . ‹‹ نورۇزنامە ››.

3. ئابدشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن. ‹‹ يېپەك يولىدىكى توققۇز ھېكىمەت ››.
مەنبە: يۈكسەل بىلوگى  (http://www.yuksel.me)


UID
32098
يازما
241
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
241
تىزىملاتقان
2012-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 12:21:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى كۈنى ئىزدىنىش مۇنبىرىدىمۇ بىر مۇنچە تالاش تارتىش بولۇپتىكەن،مەنچە بۇ توغۇردا قەتئىي ئۆتكۈزىمىزياكى قەتئىي ئۆتكۈزمەيمىز دەپ تالىشىش توغرا ئەمەس.بىز ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلغان ئاللاھ بويرىغاننى قىلىدىغان مۇسۇلمانلار،شۇڭا بەزىلەر ئۆتكۈزمەسلىكىنى تاللىسا بۇنى ئەيىپلەپ زىدديەت تۇغدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق(ھەر كىم ئەمەلنى ئۆزى ئۈچۈن قىلىدۇ).بىز مۇسۇلمان بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇر،مىللىتىمىزدىن،ئەنئەنىمىزدىن تېنىپ ھېچنىمە بولالمايمىز،قەدىمدىن تارتىپ بولىۋاتقان بىر ئىشنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ قۇبۇل قىلىدىغان، قىلالمايدىغان كىشىلىرىمىزگە زورلاپ تېڭىپ،ئۆتكۈزگۈچىلەرنى دىننى نوقتىدا تۇرۋېلىپ ئەيىپلەشمۇ بىر ھاماقەتلىك.بىزىگە ھازىر بۇنداق بۆلۈنمىچىلىك زادىلا پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ.بىز دىننى ئەنئەنىگە بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنماستىن،ئەنئەنىمىزنى دىنغا ماسلاشتۇرۇپ لايىقىدا ئۆتكۈزسەك بولىدۇ.
مەن تا ھازىرغىچە نورۇز،تۇغۇلغان كۈن...يەنە ئاللىقانداق بىرەر بايرامنى ئۆتكۈزۈپ باقمىدىم،لېكىن مىللى بايرام ئۆتكۈزۈشنى،ئۆتكۈزگەنلەرنى زۆرۈر بولمىسا ئەيىپلەپمۇ باقمىدىم.مەن نورۇزدىكى خۇشاللىق بىلەن ھەر بىرىمىز ئۈچۈن خۇشال.نورۇزنىڭ ئىتپاقلىق،تەنتەربىيە-ساغلاملىق،جامائەتچىلىككە چاقىرىشقا ئوينىغان رولى ياخشى،يەنە قەدىمدىن تارتىپ خەلقىمىزنىڭ جىددى ئەمگەككە چۈشۈشتىن ئىلگىرى كۆتىرەڭگۈ روھقا،يىڭىچە گۈزەل تۇرمۇشقا،مول ھوسۇلغا ئىنتىلىشكە،يېڭىچە ئۈمۈد بىلەن ئىش باشلاشقا ئۈندەيدىغان بىر بايرام.
مەن بۇ بايرامنى ئۆتكۈزمەيمەن،ئۆتكۈزىۋاتقانلارغا شەيتانى قىلىقلارنى قىلماستىن(ئۇسۇل،ھاراق،بەزمىگە بېرىلمەي)،ئەھمىيىتىنى تونۇپ ئۆتكۈزىشنى تەۋسىيە قىلىمەن،ئۆتكۈزمەيدىغانلارمۇ ئائىلىمىزدە ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن بولساق.بۇ توغۇردا ئەمدى باشقا گەپلەر بولمىسا،بىرلىكنى ساقلىساق دېگەن ئۈمۈددىمەن.
ئاللاھ ھەر بىرىمىزنىڭ ئىشغا بەركەتلەر بەرسۇن،قەلبىمىزنى نۇرلۇق قىلسۇن!

باھا سۆز

ArislanMemet  ئېسىل ئىنكاس ! پىتنىگە سەۋەب بولغىنىمدىن ئۆكۈندۈم .  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 18:47:53
taxnayi-a  ئىنكاسىڭىزدىن سۆيۈندۈم، توغرا دەيسىز!  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 15:12:26

تىرىشچان ئەزا

راس سۆزلىسەم دەي

UID
14040
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
315
تىزىملاتقان
2011-8-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-23
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 12:45:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورۇز بايرىمىمىزغا مۇبارەك بولسۇن! ئاددى بولسىمۇ سوۋغىتىم! سالامەت، خۇشال ، باياشات بولۇڭلار !

UID
32424
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-3-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 13:11:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تىخى نۇرۇز بايرىمىغا قاتنىشىپ باقمىدىم بەك كۇڭۇللۈك بۇلدىغاندۇ ھە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش