نورۇزنىڭ ھېكمىتى ۋە قىممىتى
ئەشرەپ ئابدۇللا قۇتزات
قۇتلۇق نورۇز-باھار پەيتىدۇر،نورۇزدا يېڭى كۈن تۇغۇلىدۇ،ھەممە نەرسە يېڭى بولىدۇ،بايرام بولىدۇ.بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق تۇرمۇشى،جۇغراپىيەلىك ياشاش شارائىتى،ئۇلارنىڭ تەبىئەت بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى،شۇنداقلا ئاسمان جىسىملىرى بىلەن زېمىن جىسىملىرىنى ئەستايىدىل كۆزىتىش نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن مەدەنىيەت مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ.
نورۇز ئادەملەردە پىكىر قوزغايدۇ.ئارزۇ-ئىستەكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.ئادەملەرنى ئەمگەك قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.نورۇزدا ئادەملەر يېڭىدىن-يېڭى ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.نورۇزدا تەبىئەت ئىللىپ،ئادەملەرگە ۋە بارلىق جان-جانىۋارلارغا راھەت بېغىشلايدۇ.نورۇز ئادەملەرگە روھ،جانىۋارلارغا كۈچ ئاتا قىلىپ،ئۇلارنىڭ روھىنى ئويغىتىدۇ.جانلاندۇرىدۇ.ئۇلارغا تەبىئەتنى تونۇتىدۇ.تەبىئەتتىن بەخىت ھېس قىلدۇرىدۇ.ئۇلارغا دۇنيادىكى ھەممە گۈزەللىكنىڭ تەبىئەتكە مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.بىز نورۇز كۈنلىرىدە تەبىئەت بىلەن بۇ گۈزەللىك دەقىقىلىرىدىن بىرلىكتە ھوزۇر ئالىمىز.بىز تۇرۇۋاتقان،ياشاۋاتقان،بىزنى ئىللىق قوينىغا ئالغان بۇ پايانسىز زېمىنغا،يەنى تەبىئەتكە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.شۇڭلاشقىمۇ بىز باھار پەسلىدىكى بۇ زېمىندا تۇرۇپ،بىزگە نان بەرگەن،ئاش بەرگەن،تۇز-سۇ بەرگەن،ئەقىل ۋە بىلىم بەرگەن ھەم قانۇنىيەتنى،مېھىرىبانلىقنى ئاتا قىلغان بۇ مېھىرلىك زېمىنغا باغرىمىزنى ياققىمىز كېلىدۇ.بىزگە مەنىۋى قۇۋۋەت بەرگەن بۇ زېمىننى سۆيگۈمىز كېلىدۇ.نورۇزدا تۇغۇلغان يېڭى كۈنگە ھۆرمەت بىلەن باققۇمىز كېلىدۇ.
نورۇزدا ئىللىغان،نورۇزدا كۆكەرگەن،نورۇزدا بەرىكەت بەرگەن بۇ تەبىئەتنى ئانىلارغا ئوخشاش تەسەۋۋۇر قىلىمىز.شۇڭا بىز نورۇز-باھاردىكى بۇ تەبىئەتنى‹‹ئانا››دېگەن خاسىيەتلىك سۆز بىلەن سۈپەتلەپ‹‹ئانا تۇپراق››،‹‹ئانا زېمىن››،‹‹ئانا تەبىئەت››دەپ،ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ تۇغۇلىشىمىزنىمۇ تەبىئەتكە باغلاپ‹‹ئانا ماكان››دەپ ئاتايمىز.ئەجدادلىرىمىز بۇ خىل روھىي ھالىتىنى ناخشىلىرىدا ئىپادىلەپ:
باغقا كىرسەم باقىدۇ،
بۇلبۇل قاناتنى قاقىدۇ.
مېھرىبان زېمىن ئانام،
بىزلەرنى گۈلدەك باقىدۇ.
بۇ دالان ئېگىز دالان،
پەنجىرلىرى كېسەك دالان.
بۇ زېمىندا ئوخشىغان،
ئۈزۈم-قوغۇن،ياڭاق-چىلان.
بۇ زېمىنغا باراي دەيمەن،
چۆللەرگە سۇ سالاي دەيمەن.
مېھرىبان بۇ زېمىنغا،
باغرىمنى ياقاي دەيمەن.
دەپ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئېيتىپ،بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تەبىئەتكە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى ئىپادىلەپ كەلدى ھەم بۇنداق ناخشىلارنى نورۇزدا،باھار پەسىللىرىدە ھەۋەس بىلەن ئېيتىپ،‹‹زېمىن››ھەققىدىكى بۇ مەشھۇر ناخشىنى جاھانغا تونۇتتى.تەبىئەت ھەققىدىكى ئەلمىساقتىن ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان‹‹ئادەم تەبىئەتتىن ئايرىلىپ چىقىپ يەنە تەبىئەتكە قوشۇلۇپ كېتىدۇ››دېگەن ئۇقۇممۇ دەل نورۇزدا نامايان بولىدۇ.
بىز تەبىئەتتىكى،زېمىندىكى ئادەمگە بەخىت كەلتۈرىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى سۇ،ئورمان،يەر،تاغ،ھايۋان،ئۆسۈملۈك،كۈن،ئاي،يۇلتۇز،نۇر،قاتارلىقلارنى ئۇلۇغلايمىز.بۇنداق ئادەتلىرىمىزمۇ دەل نورۇزدا گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.بىز زىمىستان قىشتىكى جۈت كۈنلەر ئۆتۈپ كېتىپ نورۇز كەلگەندە،باھارنى ھېس قىلىپ،سۆيۈنۈپ كېتىمىز.سەمىمىيلىك،چىنلىق ۋە بەرىكەت گىرەلىشىپ كەتكەن گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسىدىن ھەقىقىي بەھىر ئالىمىز.نورۇز كېلىپ باھار كىرگەندە قار-مۇزلار ئېرىيدۇ.يەرلەر كۆكىرىدۇ.دەل-دەرخلەر يېشىللىشىدۇ.قويلار قوزىلايدۇ.ئۇچار قاناتلار ئۇۋىلىرىدىن چىقىپ يايرايدۇ.يەرلەرگە ئۇرۇق سېلىنىپ،بىزگە يىلنىڭ بېشىدىلا خۇشاللىق ۋە مول ھوسۇلدىن بىشارەت بېرىپ،بىزنى خاتىرجەملىككە ئىگە قىلىدۇ.شادلىققا چۆمدۈرىدۇ.
نورۇز-بايراملىرىمىز ئىچىدىكى تارىخى ئۇزۇن،پائالىيەت تەرتىپلىرى مۇكەممەل،ئەلدە ئومۇملاشقان،تەنتەنە،داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان،خاسلىققا ئىگە مىللىي بايرام،بۇ بايرام ئۆز تەرتىپى بىلەن نورۇز ناغرىسى،نورۇز تازىلىقى،سوغۇق قوغلاش-قاپاق كۆيدۈرۈش،كىشلەرنى يوقلاش،نورۇز ئېشى،نورۇز سەيلىسى،نورۇز يارىشىشى،نورۇز مۇسابىقىسى،نورۇز مەشرىپى،نورۇزلۇق تىلەكتىن ئىبارەت خاسىيەتلىك سان‹‹9››لىك بويىچە ئۆتكۈزۈلۈپ،ۋاقىت جەھەتتىن،باشتا 15 كۈن،كېيىنرەك يەتتە كۈن،كېيىن ئۈچ كۈن ئەتراپىدا بولۇپ كەلدى،
‹‹نورۇز››دېگەن بۇ ئاتالغۇ بۇغراخان مىلادىيە 923-يىلى ئۇيغۇر تىلىدا شەكىللىنىپ ئۆزلەشكەن سۆز بولۇپ،‹‹يېڭى كۈن››دېگەن مەنىدە ئىدى.ئەمەلىيەتتە،بىزدە تەبىئەتنى،ئەمگەكنى،ئۇلۇغلايدىغان نورۇزغا ئوخشاش بايرام ئادەتلىرى قەدىمكى دەۋىردىلا بار بولۇپ،‹‹سۇ-مۇز ئويۇنى››،مول ھوسۇلغا تەنتەنە قىلىش،تەبىئەتنى سەيلە قىلىش،ئات بەيگىسى قاتارلىق تۈرلۈك ئاممىۋىي پائالىيەت شەكلى ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلۈپ كەلدى.10-ئەسىردىن كېيىن تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ،بۇ بايرىمىمىزنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلى بېيىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلدى.
جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن تۆت پەسىل ئېنىق بولغان ماكانىمىزدا،باھار پەسلى ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى باشلىنىدىغان بولغاچقا،خەلقمىز زېمىن ئىلىپ،يەرلەر كۆكىرىشكە باشلىغان،قۇياش يېڭىلىنىدىغان،يېڭى يىل باشلىنىدىغان بۇ كۈننى قۇتلۇقلاپ داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ خاتىرلەيدىغان بولدى.تارىختىن بۇيان بۇ بايرامنى‹‹كۈنتۇغدى بايرىمى››.‹‹كۆكلەم بايرىمى››،‹‹تەبىئەت بايرىمى››،‹‹يېڭى كۈن بايرىمى››،‹‹باھار بايرىمى››،‹‹ئەمگەك بايرىمى››دېگەن ناملار بىلەن ئاتاپ كەلدى،
ئەجدادلىرىمىز ئۇزۇندىن بېرى ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئېتقاد،ئۆرپ-ئادەت،قائىدە-يوسۇنلىرى،ئىشلەپچىقىرىش،تۇرمۇش ئادەتلىرىنى،مەنىۋى،ئاممىۋى پائالىيەتلىرىنى نورۇز بايرىمىغا يۇغۇرۋەتتى.شۇنىڭ بىلەن بۇ بايرام خەلقمىز ياراتقان مول مەدەنىيەتلەرنى ئۆزىدە نامايان قىلىدىغان مەدەنىيەت كۆزنىكى بولۇپ قالدى.بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا نورۇز بايرىمى ھېكمەتكە تولغان بايرام ئىدى.
قوي-كالا سويۇپ تەبىئەت ئۈچۈن نەزىر-چىراغ قىلىش،قاپاق كۆيدۈرۈپ سوغۇق قوغلاپ باھارغا تەلپۈنۈش،گۈلخان يېقىپ پائالىيەت قىلىش ئارقىلىق،تەبىئەتكە ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش،ئىنسانلارغا بەخىت ئاتا قىلىۋاتقان زېمىنغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ئىدى.توققۇز پۇرچاقتىن نورۇز ئېشى تەييارلاپ،تەبىئەتتىن قۇت تىلەش،يەتتە خۇرۇچتىن تەييارلانغان تائاملار بىلەن بەرىكەت تىلەش،بوۋاي،مومايلارنىڭ بالىلارنىڭ ئۈستىبېشىغا سۇ سېپىش ئارقىلىق بالىلارغا ئامەت تىلەش،ھېكمەتلىك سۆزلەرنى يادلاش،تۈرلۈك شەكىلدىكى شېئىرلار،نورۇز ناملىرىنى يېزىش،تېپىشماقلارنىڭ جاۋابىنى تېپىش،قوشاقلارنى ئېيتىش،ئەھمىيەتلىك ھېكايىلەرنى سۆزلەش،بالىلارنى چېنىقتۇرۇش،بالىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش،تەبىئەتنى قوغداپ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش،ئەمگەكنى سۆيۈش،كىتاب كۆچۈرۈپ ساۋابلىق ئىش قىلىش،بىلىم ئىگەللەش،ھۈنەر ئۆگىنىش،يول ياساش،كۆۋرۈك ياساش،ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش،پىلانلىق ئىش قىلىش،ئادىمىيلىكنى يۈكسەلدۈرۈش قاتارلىقلار نورۇز ھېكمەتلىرىنىڭ بىر قىسىمى ئىدى،بۇنداق ھېكمەتلەرگە تولغان نورۇز ئۆز ئالاھىدىلىكى بىلەن تۆۋەندىكىدەك قىممەتلەرنى ياراتقان،بۇلار:بىلىم بېرىش قىممىتى،تەربىيىۋى قىممىتى،ئىقتىسادىي قىممىتى،ئەدەبىيات سەنئەت قىممىتى،تەنتەربىيە قىممىتى،ئىستېتىك قىممىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
بىلىم بېرىش قىممىتى جەھەتتىن ئالغاندا،نورۇز ئارقىلىق ئادەملەر،تەكرار بولۇۋاتقان قىش بىلەن يازنىڭ ئالمىشىشى جەريانىدىكى مۇھىم رول ئويناۋاتقان باھار پەسلىدە،جانلىقلارنىڭ ئويغىنىپ،بارلىق شەيئىلەردە يېڭى باشلىنىش بولىدىغانلىقىنى بىلدى.چارۋا ماللارنىڭ ياشاش قانۇنيىتىدە بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى ئۇنىڭ بىلەن باغلىق بولغان تۈرلۈك تەبىئەت ھادىسلىرىنى ئىگلىدى.يەنى قوزا تۆلىنىڭ باھار باشلانغان چاغدا تۇغۇلىدىغانلىقىنى،بۇ چاغدا تەبىئەت كۆكىرىپ بارلىق جانلىقلارنىڭ يايلايدىغان،يايرايدىغان توقچىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدى.ياز بىلەن قىش ئالماشقاندا قايتىلىنىدىغان مەزگىلنى يىل بېشى،يېڭى كۈن قىلىپ بېكىتتى.ئوت-چۆپلەر،دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۈنۈش،باراقسان بولۇش،دان تۇتۇش،مېۋىلەش،پىشىش،خازان بولۇش،چارۋا-ماللارنىڭ تۆللەش،ئەي بولۇش،سەمىرىش قاتارلىقلارغا بولغان ۋاقىت تەرتىپلىرىنى بىلدى.قىسقىسى،ئادەملەر نورۇزدا تۇرمۇش بىلىملىرى،ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرى،ھۈنەر-سەنئەت بىلىملىرى،تەبىئەت-كائىنات بىلىملىرى،جەمئىيەت بىلىملىرى،پەم-پاراسەت،ماھارەت،ئىلىم-مەرىپەت قاتارلىقلارنى ئىگلىدى.
تەربىيىۋى قىممىتى جەھەتتە،نورۇز ئادەملەرنى،مۇھىمى بالىلارنى،ياشلارنى ئادەم بولۇش يوللىرىنى،ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى،قائىدە-يوسۇنلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىش،ئەمگەكچان بولۇش،ئىرادىلىك بولۇش،بىلىم،ھۈنەر ئىگلەش،تەبىئەتنى يەنى مۇھىتنى ئاسراش،ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈش،ئۆملۈك روھى تىكلەش،ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش،سالماق بولۇش،چوڭلارنى ھۆرمەتلەش،كىچىكلەرنى ئىززەتلەش،كېسەل،يېتىم-يېسىرلارنى يوقلاش،يول ياساش،كۆۋرۈك سېلىش،كىتاب كۆچۈرۈپ تارقىتىش قاتارلىق ياخشى ئادەتلەر بويىچە تەربىيلەپ چىقىدۇ.
ئىقتىسادىي قىممىتى جەھەتتىن ئالغاندا،نورۇزنىڭ ئىقتىسادىي ئىگلىك يارىتىش جەھەتتىكى قىممىتى يۇقىرى بولۇپ،بۇ بوۋاي،موماي،ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتلەرنىڭ ئائىلە بويىچە جەم بولۇپ،ئالدىنقى بىر يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى،كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى ھېسابلاپ،تەجىرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ،كېيىنكى بىر يىلدا قانداق زىرائەتلەرنى تېرىش،قايسى خىلدىكى ماللارنى بېقىش،قانداق سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ئائىلە ئىقتىسادىي كىرىمىنى كۆپەيتىش مۇھىم پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش،دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق،باغۋەنچىلىك،ھۈنەر ۋە سودا ئىشلىرىغا نىسبەت بويىچە قانچىلىك مەبلەغ سېلىش،مول ھوسۇل ئالغاندىن كېيىن ئۇنى قانداق پىششىقلاپ ئىشلەش،بالىلارغا ھۈنەر ئۆگىتىشكە قانچىلىك مەبلەغ سېلىش،ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى بازارغا يۈزلەندۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەدەبىيات-سەنئەت قىممىتى جەھەتتە،خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ ھېكايە،داستان،قوشاق-بېيىت،جەڭنامىلەرنى ئېيىتىش،ئەل-نەغمە تىياتىرلارنى ئورۇنلاش،مۇقام-مەشرەپلەرنى ئېيىتىش ۋە ئورۇنلاش،يازغۇچى،شائىرلارنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى شېئىرلار-نورۇزنامە يېزىش.نورۇزغا ئاتاپ ھېكمەتلىك سۆزلەرنى قالدۇرۇش،ئۇنى خەتتاتلار خۇشخەت قىلىپ يېزىش،تاشلارغا،ياغاچلارغا ئالىملارنىڭ سۆزلىرىنى ئويۇپ چىقىپ جامائەتكە تەقدىم قىلىش،ناخشا-ئۇسسۇل ۋە ناغرا-سۇنايلارنى ئورۇنلاپ،كەڭ خەلقنى ئىشلەپچىقىرىشقا چاقىرىشتىن باشقا،تۈرلۈك بالىلار سەنئەت ئويۇنلىرى،سەيلە-ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەنتەربىيە قىممىتى جەھەتتە،نورۇزدا .ئات بەيگىسى،چېلىشىش،ئىت،خوراز،قوچقار سوقۇشتۇرۇش،ئارغامچا تارتىشىش،يۈگۈرۈپ بۇلاق سۈيىگە تاشلىغان ناننى تالىشىپ ئېلىش،دارۋازچىلىق،چىغىرىقتا ئۇچۇش،ئىلەڭگۈچ ئۇچۇش،لەگلەك ئۇچۇرۇش،دەرەختىكى يېڭى چىققان يوپۇرماقلارنى ئۈزۈش قاتارلىق تەنتەربىيە مۇسابىقە تۈرلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
نورۇزنىڭ ئىستېتىك قىممىتى بولسا،گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسىدىن ھوزۇر ئېلىش،تەبىئەتنىڭ قانۇنيىتىدىن،مول ھوسۇل خۇشاللىقىدىن،نورۇزدىكى ئىلىم-ئېرپان پائالىيىتىدىن،تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىن،تۈرلۈك مەدەنىي پائالىيەتلەردىن،نورۇز سەنئىتىدىن،ئەدەبىي ئەسەرلەردىن،خەيرىلىك پائالىيەتلەردىن ھوزۇر ئېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دېمەك،نورۇز بايرىمى بىباھا ھېكمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى قىممەتكە ئىگە مىللىي بايرىمىمىز بولۇپ،بايراملىرىمىز ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە.بۇ بايرام قىممىتى ۋە مول مەزمۇنلىرى بىلەن ئادەملەرنى تەبىئەت بىلەن يېقىنلاشتۇرىدۇ.ئادەملەرنى نەتىجە يارىتىشقا ئۈندەيدۇ.ئۆز ئەمگىكى ئارقىلىق ھالال ياشاپ،ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.ئادەملەرنى ئادىمىيلىك ئەخلاقى،ۋىجدانى بىلەن ياشاشقا چاقىرىدۇ.
نورۇز-دېھقان،چارۋىچىلارنىڭلا بايرىمى ئەمەس،بەلكى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا شەكىللىنىپ مەزمۇن جەھەتتە بېيىپ،مۇكەممەللىشىپ كۆلەملەشكەن ئومۇمىي خەلىقنىڭ بايرىمى.خەلىقنىڭ قىش-زىمىستاندىن تىنىچ-ئامان ئۆتۈپ،ئىللىق ئاپتاپتا كۆكەرگەن زېمىن قوينىدا تۇرۇپ،ئۆز خۇشاللىقىنى ئىپادىلەيدىغان خۇشاللىق بايرىمى،خەلقنىڭ ئانا زېمىننىڭ كۆركىگە مول ھوسۇل ئاتا قىلىدىغان شاپائىتىگە ئازادىلىك ۋە روھىي بوشلۇق بېرىدىغان تەبىئەتكە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدىغان بايرىمى،خەلىقنىڭ يىل بېشىدا ئەقىل ۋە بىلىم بىلەن پىلان تۈزۈپ،تۈرلۈك كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا بولغان ئىشەنچ ۋە ئىنتىلىشىلىرىنى،يېڭىلىق يارىتىشقا بولغان قىزىقىشلىرىنى،بىر-بىرىنى قوللايدىغان،يار-يۆلەكتە بولىدىغان روھىنى،ئىناق،ئىتتىپاق،ئۆم ئۆتىدىغان خىسلىتىنى،قۇتلۇق ئەتىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقلىرىنى نامايان قىلىدىغان ئەمگەك بايرىمى ھېسابلىنىدۇ.