ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەسلىيەت!
ئۇ پەتىۋا تۇيۇقسىز كۆزۈمگە چېلىقىپ قېلىپ، ئىنكاس يېزىشقا توغرا كەلدى. مەندە پەتىۋا بەرگۈدەك ئىلىم يوق، لېكىن پەتىۋانى چۈشەنگۈدەك ئەقىل بار. مەنتىقە ئىلمىدىن ئوبدان خەۋىرى بار ئادەم ئۈستىدىكىدەك پەتىۋا بەرمەيدۇ. نىيىتىڭىز ياخشىلىقىنى بىلىمەن. لېكىن، پىشمىغان پەتىۋا بىلەن كېسىپلا ھۆكۈم چىقىرىش ياخشى ئەمەس. بۇنى مەندىن ئوبدان بىلىسىز. تېخى بەزىلىرى ئۆلىمالارمۇ بىرلىككە كەلمىگەن ئىشلاركەن.
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى، روژدېتىسىۋا بايرىمى دىگەندەك ئەسلى كېىلپ چىقىشى ئېنىقلا باشقا دىن بىلەن مۇناسىۋاتلىك بايراملارنى ئۆتكۈزمەسلىك ھەققىدە ئىشىنىمەنكى ھەممىمىزنىڭ كۆزقارشى بىردەك.
ئەسلى كېلىپ چىقىشى باشقا دىن بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان بايرام، خاتىرە كۈنلەرگە ئۆزىمىزچىلا ھۆكۈم پىچماستىن، شۇ قەۋمىدىكى ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان دىنىي ئالىملارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشنى دۇرۇس، دەپ بىلىمەن.
نورۇز بايرىمى ھەققىدە ساجىيە تورىدىكى ئۇستاز قىسقىلا مۇنداق دەپتۇ:
------
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ئۇستاز!نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش توغرىمۇ؟رەنجىمەي ئىنىق چۈشەنچە بەرسىلىرى بوپتىكەن!!!بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان گەپلەرنى ئاڭلاپ سەل قايمۇقۇپ قالدىم.
ۋەئەلەيكۇم زئەسسالام: نورۇز بايرىمىنىڭ تېگى ئېنىق ئەمەس، ئۇيغۇر ياكى تۈركى مىللەتلەرنىڭ دەيدىغانغا ئىشەنچلىك ماتىرىياللار يوق. كۆپ ئېھتىمالدا كۇردلارنىڭ ئاندىن ئىرانلىقلارنىڭ بەزىبىر
دىنى پائالىيەتلىرى ئارىلاشقان بايرام. بۇ بايرامنى ئۇنچىۋالا چوڭ بىلىپ ياشارتىشنى پەقەتلا مىللى كىملىكنى قوغداش ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارىغانلار تەشەببۇس قىلىۋاتقان بولسا كېرەك. ئەسلىدە ئىككى ھېيتىمىزنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزسەك بۇنىڭغا ھاجەت يوق. يەنە بىر تەرىپى بۇ نورۇز بايرىمىنىڭ ئۇيغۇرچە تەبرىكلىنىشىدە
دىنىي ئەقىدە ئەسىرى قالمىغان. بىراق تەبرىكلەش ھارام ئىشلار ئارىلاشقان ھالەتتە بولىدىكەن.
مەنبە: ساجىيە تورى خاتىرە دەپتىرى 1-بەت
http://www.sajiye.net/gbook.php?page=1
(بۇ يەردىكى «دىنىي پائالىيەتلىرى، دىنى ئەقىدە» دىگەنلەر توغرىسى بىلەن چۈشىنىلگەي)
ئۇيغۇر ئاۋازى تەييارلىغان بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ:
نورۇزنىڭ ھۆكىمى
---
ئاياللار بايرىمى توغرىسىدا:
(سۇئالنى يازمىدىم)
جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام: ئاياللار بايرىمى، ئانىلار بايرىمى دېگەندەك بايرام ياكى قەدىرلەش كۈنلىرى ھەققىدە ئالىملىرىمىزنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. كۆپچىلىك بۇنى چەكلەش تەرەپدارى، بىر قىسمى بۇ قۇرئاندا ۋە ئىسلام كۆرسەتمىلىرىدە كەلگەن ئانىلارغا ۋە ئاياللارغا ياخشىلىق قىلىش جۈملىسىدىن دەپ قارايدۇ. لېكىن ھېچ بولمىغاندا بۇ غەربلىكلەرنىڭ ئادىتى.
مەنبە:
http://www.sajiye.net/gbook.php?page=4
(ساجىيە تورىدىكى بۇ مەزمۇنلار سۇئاللار ئېتىبارى بويىچە قىسقىلا بېرىلگەن جاۋابلار، مەخسۇس پەتىۋلار ئايرىم سەھىپىدىكەن)
-------
تۆۋەندىكىسى ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى braveheart نىڭ ئاياللار بايرىمى ھەققىدىكى تېمىدىكى ئىنكاسى:
تىلىمىزدا بايرام سۆزىنىڭ ۋەزنى ھېيىتتىن تۆۋەن تۇرىدۇ. ئەمما ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان بايرامنىڭ ۋەزنى ھېيىت بىلەن تەڭ.
تىلىمىزدىكى بايرام كىشىلەرنىڭ مەلۇم ئىشقا ئورتاق ئىشتىراك قىلىپ تەبرىكلىشى، ئەسلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇندىن سىرت كۆچەت-تىكىش بايرىمى، ئەيدىز خاتىرە كۈنى، ئۆپكە تۇبېركۇليۇزغا قارشى تۇرۇش كۈنى، مۇستەقىللىق كۈنى، ئارمىيە قۇرۇلغانلىق كۈنى... قاتارلىقلارنىڭ بەزىلىرىنى پۈتۈن خەلق، بەزىلىرىنى ئايرىم كىشىلەر خاتىرلەيدۇ. بۇلارنىڭ ۋەزنىنىڭ ھېچقايسىسى ھېيىت بىلەن تەڭ ئەمەس.
بايرام، خاتىرە كۈنلەر، تەبرىكلەش توغرىلىق ھازىرغىچە بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇستەقىللىق خاتىرە كۈنى بار.
مىسىردا ھېيىت-بايرام كۈنلەرنىڭ سانى ئوندىن ئاشىدۇ.
ئىراننىڭ ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنى خاتىرلىگەنلىكىنى ھەمىمىز بىلىمىز.
دېمەك، باللىرى يەسلىدىن تارتىپ خەنزۇ تىل يېزىقىدا تەربىيلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىران، مىسىر، تۈركىيە... لەردەك مەملىكەتلەردىمۇ ئېتىراپقا ئېرىشىلمىگەن قاراشلار ئارقىلىق ئارىغا تەپرىقىچىلىق سېلىش، ھەدىس، قۇرئاننىڭ تەرجىمە مەنىسىدىكى ئۇقۇشماسلىقلارنى تەتۈرىگە بۇراپ چۈشەندۈرۈش، ھازىرقى رېئاللىقىمىزغا ئۇيغۇن ئەمەس.
بۇنداق مەسىللەردە ساجىئە تورىنىڭ ساھىبى ئەزھەر ئۇنۋېرستېتىنىڭ دوكتۇرى ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ دۇنيادىكى ئۆلىمالارنىڭ پىكىر بىرلىكىگە كەلمىگەنلىكىنى قەيىت قىلىپ ئۆتتى.
ئەڭ ئاۋۋال كىشىلەر قەلبىنى ياخشىلىققا دالالەت قىلىش، ئىسلامنىڭ گۈزەللىكىنى ھىس قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىشىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەللەر، ئىزگۈ نىيەتلەردە بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئەۋزەل. مۇسۇلماندارچىلىققا تولۇق رىئايە قىلمايدىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرنىڭ قەلبى ھەرھالدا مۇسۇلماندارچىلىقلا ئەمەس، ئىسلامنىمۇ پۈتۈن يەكلەيدىغان غەيرى مۇسۇلمانغا قارىغاندا ئىسلامغا، ياخشىلىققا يېقىن بولىدۇ. شۇ قەلىبنى تېخىمۇ ياخشىلىققا تارتىش كېرەككى، تەرجىمە ھەدىس، ئاشقۇن چۈشەنچىلەر ئارقىلىق ئۆزىنى ساھابىلاردىن پاك، «قۇرئان»، «ھەدىس»، «ئىسلام»نىڭ يېتۈك قوغدىغۇچىلىرى قاتارىدا ھېسابلاپ قالايمىغان «قازى»لىق قىلماسلىق كېرەك.
بۇنداق «قازى»لار بۇخىل ھۆكۈملىرىنى ئەڭ ئاۋۋال مەككە-مەدىنە، ئەزھەرلەردە، تېھران، ئەنقەرە، قاھىرەلەردە زور كۆلەملىك ئېتىراپقا ئېرىشتۈرۈپ ئاندىن قېرىنداشلىرىمىزغا «قازى»لىق قىلسىمۇ بولىدۇ.
بۇلار بىردەم نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزگەن مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنى كۇپۇرلۇقتا سانىسا، ئەتە-ئۆگۈن «ئانا تىل» كۈنىنى كاپىرلىقتا ئەيىپلەيدۇ. «مىللى ئارمىيە» كۈنىمىزنى ئىمانسىزلىقتا ئەيىپلەيدۇ.
«قازى»لار سىلەر ئەڭ ئاۋۋال بىز كەبى نادان كىشىلەر بىلەن ئەمەس، ئەزھەر ئۇنۋېرستېتىدىكى ئۆلىمالار بىلەن پىكىردە بىرلىككە كېلىپ بۇلاپ، شۇلار بىلەن مۇنازىرىگە چۈشۈپ بولۇپ ئاندىن «ئانا تىل»كۈنى ئارقىلىق يوقىلىۋاتقان ئانا تىل-يېزىقىنى قوغداۋاتقانلارنى، «كىشىلىك ھوقۇق خارتىيىسى»، «ئاساسى قانۇن»، «ئاپتونومىيە قانۇنى» قاتارلىق، خەلقئارا ۋە دۆلىتىدىكى قانۇنلار ئارقىلىق ئۆز خەلقىگە پايدا يارىتىۋاتقانلارنى كۇپۇرلۇقتا ئەيىپلىسەڭلەرمۇ بولىدۇ.
ھەركىم بۇ دۇنيادا ئۆز خەلقىگە قىلغان ياخشى، يامان ئەمەللىرىگە ئاللاھ ئالدىدا جاۋابكار.
مەنبە:
http://bbs.izdinix.com/showpost. ... hreadID=46082#Inkas
-------
توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھ، مەن پەقەت ئاساسلىرى يېتەرلىك دەل كەلمىگەن، مەنتىقىسىز پەتىۋا-ھۆكۈملەر بىلەن نۇقسانسىز دىنىمىزنى قېرىنداشلىرىمىزغا نۇرسىز، ھەتتا سەت كۆرستىپ قويمىساق(ئاللاھ بۇنىڭدىن ساقلىسۇن)، دىگەنلا مەقسەتتە بۇ ئىنكاسىنى يازدىم. ئاجايىپ بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. ھەرخىل مەقسەتتە پەتىۋا پىچىدىغانلار، ھۆكۈم ئالىدىغانلار بولىۋاتىدۇ. ھازىر مەۋجۈت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرچە ئىسلامىي تور بەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىشكە ئامالسىزمىز. ئاتالمىش جەمىيەتلەرگە خىزمەت قىلىدىغان بەزى تور بەتلەرنىڭ پەتىۋا-ھۆكۈملىرى بىلەن باشقا ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ پەتىۋا-ھۆكۈملىرىدە پەرق بارلىقىنى بىرقىسىم سەگەك تورداشلار بۇرۇنلا تونۇپ يەتتى. شۇڭا، دۇرۇس يولدىكى ئۇستاز، ئالىملارغا مۇراجىئەت قىلساق، ئىشەنچىلىك توربەتلەردىن پايدىلانساق(بۇ ھەممىمىزگە ئورتاق گەپ)، دىگەن ئۈمىدتىمەن.
ئەمدى بۇ ھەقتە قايتا ئىنكاس يازمايمەن، خاپا بولۇپ يۈرمىگەيسىز.
ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلغاي! ئامان بولۇڭ، قېرىندىشىم!