ئىگىسى: ئىپارە

بىباھا سۆيگۈ (پوۋىسىت)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 14:49:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلىرە  گەپ قىلمىدى نىمىمۇ دىيەلىسۇن؟ ئۇ     كېلىننىڭ      ئىسمى رازىيە ئىدى.  ئۇنۇڭ نىمىلەرنى  ئويلاپ ئۇ گەپنى دىگەنلىگىنى دىلىرە بىلمەيتتى.
شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە جەسۇرنىڭ   ئاپىسى    بىلەن     رازىيە   ئاچاش   ئىككىسى سوقۇشۇپ  قالدى. جەسۇرنىڭ    ئاپىسى  ئۆزىنىڭ      ئاپىسىنىڭ              گىپىنى قىلىپ   سۇ توغرۇلۇق  سوقۇشتى. شۇنۇڭ بىلەن  بۇ   ئۈچ   ئائىلىگە   سوغۇقچىلىق    چۈشتى. دىلىرە        بۇ        ئۆيگە       كەلسە   رازىيە      ئاچىسى                             چاقىرۋالاتتى.دىلىرەمۇ     ئۇلارغا يۈز كىلەلمەي   چىقاتتى.   رازىيە      ئاچىسىنىڭ مىجەزى ياخشى   ئىدى. بىللە      ئولتۇرۇپ   پاراڭلىشاتتى.   ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى گەپلىرىنى دەپ بېرەتتى.      دىلىرەگە    ئامراق     ئىدى.

بىر جۈمە كۈنلىگى  دىلىرە چۈشلۈك تامىقىنى يەپ بولۇپ بىر دەم دەم  ئالدى،   ئاندىن    تەييارلىق قىلىۋاتاتتى جەسۇر كىرىپ كەلدى   ۋە ؛
-بۈگۈن سېنى         بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىگە   ئاپىرىمەن، ھازىرلا ماڭىمىز! دەپ  دىلىرەنى      ئالدىرتىپ تېزدىن     ماڭدى. ئۇلار تىئىەنخۇا دىكى  بىر قىز ساۋاقدىشىنىڭ ئۆيىگە    كەلدى . ئۇلار ئىشىكتىن كىرىشىگە ساۋاقداشلىرى ھەممىسى       ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنى قىزغىن قارشى  ئېلىپ‹‹ بىزنىڭ  شاھزادىمىز كەپتىغۇ، مەلىكىسىنى ئېلىپ!›› دىدى. ساۋاقداشلىرى    ئۇنى     شۇ يەرنىڭ  شاھزادىسى دەپ قويىدىكەن .بۇنى دىلىرە خېلى  بۇرۇن  ئاڭلىغان ئىدى.بۇلار  بەك قىزغىن  ئىدى. جەسۇر دىلىرەنى ئۆزىنىڭ يىنىغا ئولتۇرغۇزدى ھەم تاماقلارنى  بىردەم بىردەم دىلىرەنىڭ قاچىسىغا سېلىپ قوياتتى.  خېلى بىر ۋاقىت  ئۆتكەندىن كېيىن دىلىرە          تالاغا چىقىپ كېرەي دەپ ئۇرنىدىن تۇردى        يېنىدىكى قىزلار <<بىز بىللە چىقايلى!>> دىدى. جەسۇر ؛<<بولدى سىلەر چىقماڭلار! مەن         چىقىمەن! >>دىدى. دىلىرە  گەپ قىلمىدى.  سىرتقا چىققاندا       جەسۇر دىلىرەنى    دەرۋازىنىڭ يېنىدا    ساقلاپ   تۇردى. جەسۇر دىلىرەگە ؛
                       -ما ئۆيگە  كىرەيلى  !          پاراڭلىشىپ   ئولتۇرمىز   !         ،ساڭا گىتتار چەپ بېرىمەن! دىدى،  

   ئىككىسى بىللە   ئولتۇردى .جەسۇر   دىلىرەگە قاراپ تۇرۇپ گىتتار چالدى. دىلىرەمۇ   ئۇنۇڭغا   قاراپ       كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ تاتلىققىنە كۈلۈپ قوياتتى. جەسۇر گىتتىرىنى قويۇپ قويۇپ       دىلىرەگە؛
-سەن بەك ئوماق جۇمۇ! قىلىقلىرىڭ بەك  تاتلىق ! سېنى   بىر  كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغانتىم ،ئۆزۈممۇ ھەيرانمەن! -دە پ دىلىرەنىڭ  بېشىنى  مەيدىسىگە قويۇپ          چىڭ باغرىغا  بېسىپ     چاچلىرىنى             پۇرايتتى.  






شۇنداق قىلىپ قايتىدىغان ۋاخ  بوپ قالدى ، ھەممىسى ئۆي  ئىگىسى بولغان ئۇ قىزغا رەخمەتلەرنى  ئېيتىپ خوشلاشتى. قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.جەسۇر  ئىككىسى  ئاپتۇۋۇزغا  چىقتى.        ئاپتۇۋۇزدىن چۈشۈپ      يەنە ھېلىقى يول بىلەن ماڭدى   يەنە بىر- بىرىنى قوغلۇشۇپ      ماڭدى جەسۇر         دىلىرەنى تۇتىۋالدى .        ھەم     يانا         تويماي  دىلىرەنى  چىڭ  باغرىغا       بېسىپ تۇراتتى ،           كەينىدىن   بىر موتونىڭ ئاۋازى   ئاڭلىنىپ تېزدىن  ئۆتۈپ كەتتى. جەسۇر؛

-ئاتام !   دەپلا قالدى .دىلىرە   ؛

- دادىڭىزما؟ئەمدى قانداق قىلارمىز؟ دىققەت قىلايلى! دىسەم سىز ئۇنۇماي    بۇ  ئىش بولدى ئەمدى؟!-دىدى.جەسۇر؛
-   بۇ يوللاردا ماڭمايتتى     بىرسى چېقىشتۇرۇپ قويغان  ئوخشايدۇ !دىدى. ۋە دىلىرەنى ھاممىسىنىڭكىگە     ئەكەپ قويۇپ      << مەن ئۆيگە بېرىپ باقاي!>> دەپ   كەتتى. دىلىرە جەسۇردىن   بەكمۇ   ئەنسىردى. دىلىرە  ئۆيگە كىرگەندە ھاممىسى دىلىرەدىن؛
-جەسۇر قېنى؟ ئۇنى دادىسى  ئىزلەپ كەپتىكەن دىدى.  جەسۇرنىڭ نەۋرە   ئاكىسى؛

- ئىزلەپ نىمە قىلىدىكەن؟ ئۇمۇ چوڭ بولدى، كىچىك بالا ئەمەس!  قىززىقكەن دىسە !دىدى. ھاممىسى؛
- يىقىننىڭياقى دەرىستىن چېكىنىپ كىتىپتۇ، ئۆيىدىكىلەر ھەممىسى ئۇنۇڭدىن چوڭ ئۈمۈدلەرنى كۈتىدۇ، ئۇنى چوڭ مەكتەپلەردە ئوقۇتىمىز قانچىلىك پۇل كەتسە مەيلى ، ئاكىسىغۇ تولۇقسىزنى پۇتتۇرۇپلا چىقىپ كەتتى،  دەيدۇ. دىدى.         

UID
13893
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
187
تىزىملاتقان
2011-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 01:28:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىقىپ ئوقۇۋاتاتتىم ،چاپسانراق يېزىڭە

كۆيۈمچان ئەزا

ئۈمىد يۇلتۇزۇم

UID
4662
يازما
268
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
7549
تىزىملاتقان
2010-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
56 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 12:35:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەل ئىملاغا دىققەت قىلىپ يازغان بولسىڭىز.  ئىملايىڭىز توغرا بولسا ئادەمنىڭ ئوقۇغانسېرى ئوقۇغۇسىنى كەلتۈرىدۇ.
ئۇنۇڭ  ئەمەس  ئۇنىڭ،
يوغون  ئەمەس   يوغان
ئوزى   ئەمەس  ئۆزى
.........................
مەن قارىسام بۇ ئەسىرىڭىزدە  مۇنداق ئىملا خاتالىقلىرى بەك كۆپكەن،  يەنە تىنىش بەلگىلەرنىمۇ جايىغا قويۇپ ماڭغان بولسىڭىز، تېخىمۇ ياخشى بولار ئىدى.
رەھمەت.

UID
14252
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
410
تىزىملاتقان
2011-8-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 12:46:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى قاچان چىقا ئەمدى ،مەن بۇ پوۋىسىتنىڭ  ئىچىگە شۇنداق كىرىپ كەتكەن ئىدىم،ھەي ئىسىت................

UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 15:24:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ دىلىرە بۈگۈن كېچە    شۇنچىلىك  ئەنسىزلىك ئىچىدە كۆزىنى يۇمماي ئۆتكۈزدى. ئۇ جەسۇردىن  ئەنسىرەيتتى. ‹ ‹ قانداق  ئىش بولۇپ كىتە؟›› دەپ  ئويلايتتى.
ئەتىسى  چۈشتەجەسۇر    يەنە كەلدى .كىلىپ    سافاغا كەپ ئولتۇردى،دىلىرە  ئۇنۇڭ   بوينىنى   كۆردى      ئۇنۇڭ     بوينى  قىپقىزىل   تاياق   ئىزى   ئىدى.   شۇنۇڭ  بىلەن دىلىرە جەسۇردىن ؛
-‹‹ بوينىڭىزغا نىمە بولدى؟›› دەپ سورىدى جەسۇر؛
-ھىچنىمە؟ سورىما    بولدى؟ ھىچنىمە بولمايدۇ! دىدى.   ۋە ؛
-‹‹مەن كەتتىم   ئۆزۈڭنى  ئاسرا! ››دەپ قويۇپلا  كەتتى. چۈنكى  ئۇنۇڭ      ئاقىغا       ئادەم ساپ    قويغان   ئىدى   .  كىيىن  دىلىرە    ھاممىسىدىن بىلدىكى  ،       جەسۇرنى دادىسى پىدەي بىلەن   ئىسىپ قويۇپ ئۇرغان بولۇپ ئۇنۇڭ بەدىنى كۆرگىسىز بوپكىتىپتۇ .ھەم      ئۈرۈمچىگە  كىرمەسلىكنى،  ئۇنۇڭ        ئاقىغا    ئادەم ساپ قويغانلىغىنى گەپ    ئاڭلىمىسا دىلىرەگىمۇ گەپ قىلىدىغانلىغىنى       دەپتۇ.



شۇنداق قىلىپ دىلىرە بۇ ھەپتە   ئۆزى  يالغۇز مەكتەپكە    كەتتى.   كۆڭلى   شۇنچە  يېرىم ئىدى ئۆزىنى ئاسماندىن   چۈشۈپ كەتكەندەكلا            ھىس قىلدى. ھەم جەسۇرنى   شۇنچىۋالا  تاياققا         قانداقمۇ       بەرداشلىق  بەرگەندۇ؟ دەپ   ئويلىدى .    ھەم ئۇنۇڭغا         بەك ئىچى ئاغىردى،‹‹ ئۇ مېنى       دەپ تاياق  يەپتۇ! مەن  ئۇنۇڭغا نىمە قىلىپ بېرەلىدىم؟ مۇشۇ ۋاقىتتا     ئۇنۇڭغا تەسەللى بېرەلىگەن بولسام ھە!؟››دەپ ئويلاپ      بەك ئازاپلىناتتى. ھاياتىدا ھىس قىلمىغان   يالغۇزلۇق، ھەسرەت، دەرت   ئىچىدە  قالغان ئىدى. كۆزلىرىدىن مارجاندەك        ياشلىرى تۆكۇلۈپلا  تۇراتتى.   
   ئىچىدە  ئويلىدى؛‹‹ ھەجەپمۇ باغرى تاش دادىكىنا ئۆز بالىسىنى شۇنداقمۇ  ئۇرغان بارمۇ؟ ئاللا    بىر كۈنى جاجىسىنى بېرە!›› دەپ ئاللادىن تىلىدى. دىلىرە بۇ ھەپتىىسى ئۆزىمۇ سەزمىگەن    ھالدا    يۇۋاشىلاپ كەتتى. ھىىچكىىمگىمۇ گەپ قىلغسىىى كەلمەيتتى .ھەم جەسۇرنى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە   ئارتۇق كۆرگىسى كەلدى.

بۇھەپتىسى دىلىرە ھاممىسىنىڭكىگە بېرىش بارماسلىق  توغرىسىدا   ئويلاندى. ‹‹بارماي دىسە      نەچچە  كۈندىن    بېرىپ ئەمدى جەسۇر قېيىن كۈنگە قالغاندا بارمىساقانداق  بولىدۇ؟دىلىرە كۆڭلىدە  ئۇ چوقۇم ھاممامنىڭكىگە كېلىدۇ     ،كەلسە مەن بولمىسام           قانداق بوپ كىتە؟ يا بۇيەرگە كېلەلمىسە! ››دەپ ئويلىدى.شۇنۇڭ بىلەن  ئۇ      يەنە  باردى . جەسۇر دىگەندەكلا     ئەتىسى چۈشتە كەلدى .  كىلىپ ھاممسى بىلەن كۆرىشىۋىتىپ دىىلرەگە بىر    قارىۋىتىىپ ؛   
- مەن كەتتىم سىلەرنى كۆرۈپ كىلەي، دەپ كەلگەن   ئىدىم! دىدى. دىلىرە      كەينىدىن    چىقاي  دىسە      تېخى    چىقماي دىسە تېىخى   تۇرۇپلا قالدى. ھاممىسى دىلىرەگە؛
-          ئۆزىنىڭ بالىسىنى شۇنداقمۇ ئۇرغان بارمۇ بۆرىلىكىنى قىپتۇ ئۇ! -دىدى.
چۇنكى بۇ يەردىكىلەر ئۇلارنى <<بۆرىنىڭ  ئەۋلادى >> دەپ قويىدىكەن. شۇنداق  لەقىمى بار ئىكەن .
   

ئەتىسى  ئەتتىگەندە مۇنچىغا كەلگەچ جەسۇر  يەنە كەلدى. كېلىپ بىردەم ئولتۇرۇپ    دىلىرەگە چىرايىڭ  قارداپ قاپتۇ نىمە بولدى؟ دىدى. دىلىرەنىڭ كۆزىدە لىق ياش لىغىرلاپلا قالغان  ئىدى.ھاممىسى بولىمغان بولسا جەسۇرغا ئىسىلىپ شۇنچىلىك يىغلىغىسى  كەلدى. بىراق مۈمكۈن بولمىدى. بەكلا قىينالدى بۇلارنىڭ ھىجران دەۋرى  باشلانغان ئىدى. شۇندىن  كېين     دىلىرە شۇنى ھىس قىلدىكى ھىجراننىڭ بۇنچە  ئازاپلىق، بۇنچە ئىسىدىن چىقمايدىغانلغىىنى ھىس قىلىپ باقمىغان ئىدى. سىنىپتىن كىرسە    ياتاقتا   كارۋاتتا يېتىپ پەقەتلا يىغلاش بىلەن ئۆتتى. ياتاقداشلىرى ئۇنڭغا تەسەللى  بەرسە  ئۇلارغا  ئېسىلىپ ئۇزاقتن  ئۇزاق يىغلايتتى.ياتاقداشلىرى سىلەرگە‹‹ كۆز تىگىپتۇ !››دەيتتى.دىلىرەنىڭ شۇ چاغدىكى ھالىنى ھازىرقى مۇنۇ ناخشىغا ئوخشۇتۇشقا بولاتتى؛

سەن قەلبىمدە ئۆسكەن گۈل بولۇپ،

تۇنجى نەۋدە ھىسلارغا      تولۇپ.

بېرەي  ساڭا يۇرەكنى       يۇلۇپ،

نىگار      سېنى      ئۇنۇتالمايمەن.



ئەستىن  چىقماس  ئېيتقان سۆزلەرىڭ ،


شەيدا قىلغان       ئىدى كۆزلەرىڭ،



قىزىل گۈلدەك ئىدى يۈزلەرىڭ،



نىگار سېنى ئۇنۇتالمايمەن.



مۇھەببىتىم گويابىر گۈلىخان


پەقەت ساڭا تەلپۈنۈپ يانغان.


قېينارمېنى بۈ سۆيگۈ ھىجران.


نىگار سېنى ئۇنۇتالمايمەن .


سەندىن بۆلەك جانان ئۆمرۈمگە  

شاتلىق  ئېلىپ كېلەلمەس كۆڭلۈمگە

يىتەي قاچان سۆيگۈ ۋەسلىڭگە

نىگار سېنى ئۇتۇتالمايمەن.

دىلىرەنىڭ شۇ چاغىكى ھېسىياتىنى  مۇشۇ  ناخشىغا  ئوخشۇتۇشقا بولاتتى.

بۇ ھەپتە دىلىرە       يەنە   ھاممىسىنىڭكىگە باردى،جەسۇرلارنى تەتىلگەقويىۋەتكەن ئىدى.  جەسۇر  كەچ بولغاندا كېلىپ  بىر دەم   ئولتۇردى  ئاندىن     ھاممىسىغا، دىلرەگە قاراپ  ؛
- مەن  سانىجنىڭ  دوختۇرىخانىسىغا تاغامغا   قارىغىلى بارىدىغان بولدۇم! دىدى   دىلىرەگە قاراپ ؛
- خوش ئاللاغا  ئامانەت!  ئاللاغا تاپشۇردۇم !دەپ   چىقىپ كەتتى. شۇ چاغدا  دىلىرەنىڭ شۇنچە  كەينىدىن چىققىسى بولسىمۇ ھاممىسىدىن  خېجىل بولدى ھەم جەسۇرنى    ئايىدى. بىردەمدىكىن؛‹‹ چېقىپ  باقايمۇ! ››دەپ ئويلىدى لېكىن؛‹‹  چوقۇم كېتىپ بولدى!›› دەپ ئويلىدى.جەسۇر  تالادا دەرۋازىىڭ  يىنىدا دىلىرەنى شۇ سوغۇقتا    ئىككى سائەت  ساقلاپ   چىقمىغاندىكىن        يىغلىغان پېتى    ئويىگە قاراپ كەتتى.ئەسلىدە جەسۇر كېتىدىغان ۋاختىدا دىلىرەگە گەپلىرىنى دەۋالاي دىگەن  ئىدى. لىكىن دىلىىرە  چىقمدى. شۇڭا ئۇ  بەكمۇ ئازاپلانغان ئىدى. مۇھەببەتتە مۇشۇندق  ئوقۇشماسلىقلار بولۇپ تۇرىدىكەن.





UID
14252
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
410
تىزىملاتقان
2011-8-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 17:41:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى بەكلا  ئوقۇغۇم كەلدى.   چوكۇم بەك تەسىرلىك

UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 18:52:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ دىلىرە بۇ ھەپتىسىمۇ ئۆزى يالغۇز مەكتەپكە كەلدى. ئۆزى يالغۇزلا ئەمەس ئۇنۇڭ سۆيگەن يارى بۇ شەھەردىمۇ يوق ئىدى. ئاپتۇۋۇزدا ئولتۇرۇپ  ئۆزىنى شۇنچە يالغۇز قالغاندەك . شۇنچە ئازاپ ئىچىدە كۆزلىرىدىن  مارجاندەك ياشلىرىنى  تۆكۈپ        ماڭدى. يېشىنى  قەتئى توختۇتالمىدى.    ئۆمرىدە بىرسى ئۈچۈن           ياش تۆكۇپ باقمىغان ئىدى. ئۇنۇڭ ئۈچۈن تۆكۈلگەن ياشلىرى       تۈگىمەيتتى. ئازاپلىناتتى ئۆزىمۇ ھىس قىلمىغان ئازاپلار ئىچىدە قالغان ئىدى.     ئۇ ئويلايتتى؛‹‹ ئاللا بىزنى   شۈنچە ئامراق قىلىپ ئۇچراشتۇرۇپ ئەمدىلىكتە مۇشۇنداق ئايرىۋىتەرمۇ ؟››دەپ ئويلايتتى.  بۇ ئايرىلىشقا چىدالمايتتى ئۇنى ئەسلىسىلا كۆزلىرىدىن ياشلىرى تاراملاپ چۈشەتتى.

بۇ ھەپتە دىلىرەلەردىن  ئىمتىھان ئېلىناتتى،  قىيىشقاندەك مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئىمتىھان بوپ قالغىنى ، ئامال يوق سىنىپقا چىقمىسا بولمايدۇ، ئۈگەنمىسە بولمايدۇ، شۇنچە ئازاپ ئىچىدە دەرىس ئۈگەندى . لىكىن ھىچكىمگە گەپ قىلغىسى كەلمەيتتى، بىرسىگىمۇ   كۈلۈپمۇ قارىيالمىدى، ئۇلارغا كۈلۈپ قارىسىلا كۆزلىرىدىن مۇنچاق -مۇنچاق ياشلىرى تۆكۈلۈپ كىتەتتى . ھەپتە  ئارلىغىدا ئىمتىھان ئېلىندى دىلىرەنىڭ بۇرۇندىن خەنزۇ تىلىدا  ئاساسى بار، ھەم  ئۈزلىكسىز تىرىشىپ كەلگەشكە يەنىلا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى يەنى 92 ئالغان ئىدى.

ئىمتىھان ئېلىنىپ  بىر كۈندىن كېيىن نەتىجىسى چىقتى ھەم تەتىلگىمۇ شۇ كۈنى قويىۋەتتى .دىلىرە يەنىلا ھاممىسىنىڭكىدە دادىسىنى ساقلاپ ئىككى كۈن تۇردى.  بۇ ئىككى كۈن دىلىرە ئۈچۈن شۇنچىلىك ئازاپلىق شۇنچىلىك مۇڭ ئىچىدە ئۆتتى.      ئۆز ئۆيىگە كەلگەندىمۇ جەسۇر ئىسىىگە كەلسىلا   كۆزلىرىدىن ياشلىرى   تۆكۈلۈپلا تۇراتتى. دىلىرە شۇنى ھىس قىلدىكى، مەڭگۇ ئۇ ئىسىگە كەلسىلا يىغلىمىغان كۆزلىرى يىغلايدىغانلىغىنى ھىس قىلدى.

بۇ ئىككى   ئاينىڭ قانداق  ئۆتۈپ كەتكىنىنىمۇ بىلەلمىدى. تەتىلدە تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىگە   باردى، بازاغىمۇ چىقتى لېكىن ئۆزىنىڭ  ئازاپ، ھەسرەتلىرى ئازراقمۇ يەڭگىللىمىدى. بىر كۈنى شۇنداق چۈش كۆردى چۈشىدە  بىرسى دىلىرەگە    بىر قىزنبىڭ جەسۇرنىڭ مۇھاببىتى    ئىكەنلىگىنى ھەم ئۇنۇڭ ئىسمىنى  دىگىدەك ، دىلىرە چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتى،     << نىمىشقا بۇنداق چۈش كۆرىدىغاندىمەن ؟>>دەپ ئويلىدى، ھەم       شۇنچە  ئازاپلاندى. تەلپۇنۇش، ئازاپ ھەسرەت  ۋە ھەر خىياللار بىلەن بۇ   تەتىلنىمۇ توشتۇردى. مانا يولغىمۇ چىقتى يەنىلا دادىسى بىلەن يولغا چىقتى ، ئۇ كۆڭلىدە؛<< جەسۇرنى كۆرەلەرمەنمۇ؟ ئۇ ھىلىقى كۈنى مېنى ساقلىغانمىدۇ؟ ساقلىغان بولسا مەن چىقمىغاندىكىن ئۇ خا پا بوپ قالغانمىدۇ؟>>دەپ ئويلىدى چۈنكى شۇ كۈنى دىلىرەگە بىر كۈچ <<كەينىدىن چىق!>> دەپ شۇنچە زورلىغان ئىدى .لىكىن    ؛<< ئۇنى چوقۇم كىتىپ بولىدى !>>دەپ ئويلىدى، ھەم ھاممىسىدىن خىجىل بولدى  . بەزىدە ئادەمنىڭ كۆڭلى بەك تۇيغۇن بولىدىكەن  ،             دىلىرە ئۆزىگە ئۆزى؛<< شۇ كۈنى كەينىدىن چىقسامچۇ!>> دەپ پۇشايمان قىلدى.


  
   


UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 18:54:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ بۇلار ئۇدۇللا ھاممىسىنىڭكىىگە چۈشتى. ھاممىسى بۇلارنى   قىزغىن   قارشى     ئالدى.    ئەتىسى   ئەتتىگەندە دىلىرە ؛‹‹  رازىيە       ئاچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ چىقاي !››دەپ        چىقىپ كەتكەن  ئىدى.  جەسۇر  كەلدى، كىلىپ دىلىرەنى كۆرمىگەندىن كېيىن   رازىيە  ئاچىسىنىڭكىگە كىردى، دىلىرە   رازىيە    ئاچىسى بىلەن   پاراڭلىشىپ  ئولتۇراتتى .جەسۇر كىرىپ    دىلىرەگە ؛   
- قاچان كەلدىڭ ؟دەپ سوراپ قويۇپلا رازىيە   ئاچىسىدىن ئۇنۇڭ ئوغۇللىرىنى سوراپ قولىدىكى شەيتان توپنى ئويناپ       تۇردى،  دىلىرە ؛‹‹ نىمە  ئۇ ئويناتقىنىڭىز؟›› دەپ  سورىدى جەسۇر؛
كارىڭ نىمە؟ دىدى   دە، ئىشىكنى قاتتىق بىر يىپىۋىتپ چىقپ كەتتى. ئەسلىدە جەسۇر  ھىلىقى كۈنى دىلىرەنى     كەينىمدىن  چىقمىدى دەپ خاپا بولۇپ  قالغان ئىدى.

بۇنى كۆرگەن  رازىيە    ئاچىسى دىلىرەگە؛  جەسۇرنىڭ باشقا بىر قىز بىلەن يۈرىۋاتقانلىغى، ئىسمىنىڭ پالانچى  ئىكەنلىگىنى     دىدى. دىلىرە    قاراپ تۇرۇپلا قالدى، ھىىلىقى چۈشىدىكى ئىسىم ھەم   شۇ گەپلەر  ئىدى.   بۇنى      ئاڭلاپ دىلىرە شۇ پىتى بۇ يەرگىمۇ      كەلمەسلا بولدى.   كېيىن 5 -ئاي مەزگىلدە  قويىۋەتكەندىن كېيىن     تۇققانلارنى كۆرۈپ كىلەي دەپ كەلدى.    شۇ كۈنىسى جەسۇرمۇ كەلدى ،     دىلىرە نىڭ        ئۇنۇڭغا گەپمۇ قىلغىسى كەلمەيتتى. چىرايىغىمۇ قارغىسىمۇ  كەلمەيتتى . لېكىن   رازىيە  ئاچىسىدىن جەسۇرنىڭ             ھەر ھەپتە كېلىپ   دىلىرەنى سورايدىغانلىغىنى   ئاڭلىدى.
شۇ كۈنىسى چۈشتىن كېيىن بولغاندا ھاممىسى   بالىلارغا ؛‹‹ تالادىكى         ئوتۇننى ھويلىغا   ئەكىرۋىتىڭلار!› ›دىدى. دىلىرەمۇ توشۇۋاتاتتى،     تۇيۇقسىز پۇتى قايرىلىپ يىقىلىپ چۈشتى جەسۇر  ئىشتىكلا كىلىپ دىلىرەنى يۆلىۋالدى.   ھەم     ‹‹پۇتۇڭ   ئاغىردىمۇ ؟ ئەمدى سەن توشۇما! بىز  ئۆزىمىز توشۇيمىز !››دەپ دىلىرەنى ئۆيگە   ئەكىرىپ قويدى. ھەم ‹‹مۇشۇ يەردە جىم  ئولتۇر ھە!›› دىدى. دىلىرەمۇ گەپ قىلمىدى.
دىلىرەنىڭ كۆڭلىدە چىگىش خىياللار بار  ئىدى. بىر تۇرۇپ ئويلايتتى.؛‹‹ ئەگەر راستىنلا  مۇھەببىتى بولسا نىمىشقا ھەر ھەپتىسى     كىلىپ مېنى سورايدۇ؟   ھەم ماڭا يەنىلا   بۇرۇنقىدەكلا  كۈيىنىۋاتمامدۇ؟ مەن بۇ ئىشنى ئۆزىدىن بىر سوراپ  ئىنىقلاي !›› دەپ ئويلىدى.
ئەتىسى ئەتتىگەندە  رازىيە  ئاچىسى بىر يەرگە  كەتتى، ھەم دىلىرەنى؛‹‹ ئۆيگە قاراپ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ ! ››دەپ قويۇ پ   كەتتى.  دىلىرە ئىچىدىكى  ئۆيدە كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇراتتى. جەسۇر كىرىپ كەلدى. ھەم
-ئۆيدىكىلەر قېنى ؟  سەن يالغۇزما !دىدى. دىلىرە؛
- ھەئە ،رازىيە ئاچام مېنى ئۆيگە قاراپ تۇرۇڭ !دەپ بىر يەرگە  كەتكەن   ئىدى  دىدى.
جەسۇر     دىلىرەنىڭ يىنىغا كىلىپ ئولتۇردى. دىلىرە شۇ چاغدىلا؛
- جەسۇردىن   سىزنى  بىرسى بىلەن يۈرىۋىتىپتۇ دەيدىغۇ؟       دەپ سورىدى؛
- جەسۇر؛
-  كىم شۇندق دىدى.؟ ئۇ مېنىڭ مۇھەببىتىم     ئەمەس دوستۇمنىڭ مۇھەببىتى  3مىز     بىللە   بازارغا چىققان     شۇنى كۆرۈپ     شۇنداق دەپتۇ، مەن ساڭا كۈندىلىك خاتىرەمنى ھازىر   ئەپ كىلەي، سەن    ئوقۇپ ئاندىن بىرنىمە دە! دىدى،

جەسۇر بىردەمدە     خاتىرسىنى   ئەپ كەلدى،   ئۇنۇڭدا   دىلىرە بىلەن تۇنۇشقان   ۋاقىتلار،      ئارلاشقان    ۋاقىتلار      ھەممىسى يېزىلغان بولۇپ   ئاخىردا    ئۇنۇڭ ھىلىقى كۈنى دىلىرەنىڭ چىقمىغىنى، ئىككى   سائەت  ساقلاپ    ئۆيىگە   يىغلىغان  پېتى كەتكەنلىگى   كېيىن چۈشىدە      دىلىرەنىڭ ئۇنۇڭدىنمۇ باي بىر بالا بىلەن كېتىپ قالغانلىغىنى كۆرگەنلىگىنى يازغان ئىدى. شۇنۇڭ بىلەن جەسۇر دىلىرەگە؛
- سەن باشقا بىر باي بالا بىلەن كېتىپ قېلىپ چۈشەپتىكەنمەن ،شۇنداق  ئاچچىغىم كەلدى! دىدى. دىلىرە؛
-  بۇنداق چۈش دىگەن تەتۈرسىگە ماڭىدىغان تۇرسا سىزمۇ تازا قىززىكەنسىز! ھەرقانداق ئىش بولسا مەن بىلەن               پاراڭلىشىپ ئاندىن خاپا بولمامسىز !دىدى. جەسۇر ؛
-مەن سېنى بەك ياخشى كۆرگەشكە كىچچىككىناڭ   ئىش       بولسىمۇ كۆڭلۈمگە سىغدۇرالمايدىكەنمەن! دىدى -دە،   دىلىرەنى           چىڭ باغرىغا بېسىپ   ؛‹‹     سېنى بەك سېغىندىم !ئەمدى ھەرگىزمۇ ئايرىلمايلى ھە! ›› دىدى.  دىلىرە؛   
-ئۇنداق دىگىنىڭىز بىلەن ئۆيىڭىزدىكىلەرچۇ؟ دىدى، جەسۇر  ؛
ئۇلار بىلەن كىمنىڭ كارى؟  دىدى، دىلىرە؛
   -لېكىن دەرىستىن چېكىنىپ كەتسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ !دىدى، جەسۇر؛
- مەن مۇشۇ باي     ئائىلىلەرگە ئۆچ! نىمىشقىمۇ نامراتراق  ئائىلىدە تۇغۇلۇپ قالمىغاندىمەن !دەپ بەك پۇشايمان قىلىمەن!  دىدى.               

     





UID
14252
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
410
تىزىملاتقان
2011-8-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 14:50:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە تەشنالىق بىلەن كۈتىدىغان بولدۇمدە،..................................

UID
28070
يازما
45
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-1-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-2
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 16:45:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتىمە
بىر يىل ئۆتكەن بىر كۈنى     جەسۇر تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى.  ھاممىسىدىن  ئاڭلىشىچە جەسۇرنىڭ پۇتىغا بىر نەرسە چۈشۈپ كېتىپ سۇنۇپ كىتىپتۇ.  بۇنى    ئاڭلىغان دىلىرە  ھاممىسىغا شۇنداق دىدى؛ ‹‹ ھامما   جەسۇرنى    يوقلاپ كەلسەم  بولاتتى، ئۇ        ماڭا بەك جىق ياخشىلىق   قىلغان ئۇنۇڭ ئۆيىگە بېرىپ يوقلاپ كىلەي دىسەم    يالغۇز خىجىل بولىدىكەنمەن! ›› دىدى، گەرچە  ھاممىسى  ئۇلارنىڭ يۇرۈۋاتقىنىنى بىلسىمۇ، ھاممىسى؛
- بولىدۇ مەن سېنى     ئاپىرىپ كېلەي! دىدى

شۇ كۈنىلا چۈشتىن كېيىن دىلىرەنى ئېلىپ جەسۇرنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى، دىلىرە  يولدا ئەڭ قىممەت. ئەڭ  ئىسىل   مىۋە- چىۋىلەربىڭ ھەر بىرسىدىن ئېلىپ جەسۇرنى   يوقىلاپ باردى.  دىلىرە     ئىشىكتىن كىرىشىگە جەسۇرنىڭ    ئاپىسى يۈگرەپ چىقتى، ھاممىسى  دىلىرەنىڭ جەسۇرنى يوقلاپ كەلگەنلىگىنى دىدى.  جەسۇرنىڭ  ئاپىسى         ؛
- ھە ياخشى بوپتۇ،   ئا ئۆيگە كىرسۇن! دەپ دىلىرەنى جەسۇر بار ئۆيگە باشلاپ قويۇپ   ھاممىسى بىلەن    چىقىپ كەتتى. جەسۇر يوتقاندا  ياتقان    ئىدى. دىلىرەنى  كۆرۈپ شۈنچە خوش بولۇپ ئىشتىك ئورنىدىن قوپۇپ،                        - مىيەگە كېلىپ  ئولتۇر! دىدى،دىلىرە  جەسۇرنىڭ  ئالدىدىكى    ئورۇندۇققا كېلىپ  ئولتۇردى.دىلىرە   ئۇنۇڭغا قاراپ   ئىچى بەك  ئاغىردى، ھەم  ئۇنى  شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىغىنى    بۈگۈن تېخىمۇ ھىس قىلدى.ئۇلار    بىردەم پاراڭلاشتى جەسۇر دىلىرەگە؛
مېنىڭ يىنىمغا كېلىپ   ئولتۇرە! دىدى. دىلىرە ؛                       ؛-
-قانداق بولىدۇ بۇ   سىزنىڭ ئۆيىڭىز تۇرسا، بىرەرسى كىرىپ قالسا   نىمە دەپ قالىدۇ؟ دىدى

  شۇنداق قىلىپ بۇلار خېلى پاراڭلاشتى، جەسۇرنىڭ  ئالبۇمىنى كۆردى، دىلىرە شۇنى ھىس قىلدىكى جەسۇرغا بىرەر چىرايلىق رەسىملىرىدىن بىرەرنى   بەرمەپتۇ. ھەممىسى  بۇرۇنقى رەسىملەر   ئىكەن ھەم        ئۆزىنىڭ      بۇرۇن  چۇشكەن بىر رەسىمىنىڭ جەسۇرنىڭ ئالبۇمىدا كۆرۈپ ھەيران قالدى ۋە؛
ما رەسىم؟ دەپ سورىدى
جەسۇر ھىلىقى چاغدا سىلەرنىڭكىگە  بارغاندا ئېلىۋالغان   ئىدىم دىدى. دىلىرەمۇ گەپ قىلمىدى. بىردەمدىكىن  دىلىرەنى     تاماققا چاقىردى،  تاماقتىن كېيىن  ماڭىدىغان بولۇپ   دىلىرە جەسۇرغا ‹‹خوش ، ئۆزۈڭىزنى   ئاسراڭ! ››دىدى  جەسۇرمۇ   دىلىرەگە؛
-  خوش، سەنمۇ ئۆ زۈڭنى  ئاسرا ! كەپ تۇرغىن! ھە دىدى. كۆزى قىيمىغان ھالدا؛   

شۇنداق    قىلىپ جەسۇرنىڭمۇ  پۇتى ساقايدى، دىلىرەنىڭمۇ مەكتىپى پۈتتى، جەسۇر رازىيە   ئاچىسىنىڭ    ئۆيىدە دىلىرە  ئۈچۈن     ئۇزۇتۇش  چىيى           قىپ بېرىدىغانلىغىنى    كەچتە  كېلىدىغانلىغىنى    دىلىرەگە    دەپ قويىشىنى   دىدى. كەچتە       جەسۇر يەنە  گىتتار     نەرسىلەرنى  ئەپ كەلدى .      پەقەت    جەسۇر بىلەن دىلىرەلا       بار ئىدى . ئىككىسى            بىردەم   پاراڭلاشتى   ئاندىن    جەسۇر  ‹‹چىمەن     ئىچىدە››دىگەن ناخشىنى  ئېيتتى دىلىرە؛

خوش دىدىم كېتەر     چاغدا ،

ياش     ئەگىپ كۆزلەرىمدىن،   

لەۋ يېقىپ تۆككەن   ياشىم ،

سىرغىپ   چۈشتى  مەڭزىمدىن،

خىوش دىدىم ياغلىغىم ، يەلپۇنەر قولۇمدا،



بىز ئىككىمىز سۆيگىسىگە  ،ئاق كېچە بولسۇن گۇۋا،



بىز ئىككىمىز ئايرىلغاندا چىققاتتى     مەيىن    شامال ،

ھىچ  كىشىدىن       ئاغرىنمايمەن   تەغدىرگە يوقتۇر   ئامال.

دىگەن ناخشىنى  ئېيتتى.        سائەت نەچچە بولدىكىن   ئىككىسى بىردەم   ئۇ ناخشىنى   بىردەم بۇ ناخشىنى  ئېيتتى.              جەسۇر  ئۆزىنىڭ بۇرۇن دىلىرەگە  ئېيتىپ بەرگەن  ناخشىلارنىڭ ھەممىسىنى         بىردىن   بىردىن   ئېيتىپ بەردى، جەسۇر   ماڭىدىغاندا دىلىرە ئۆزىنىڭ     مەكتىۋى ئالدىدا  چۈشكەن   ئەڭ  چىرايلىق    رەسىمىنى   جەسۇرغا بەردى  جەسۇر‹‹ ۋاھ! ھەجەپ ياخىشى بولدى، مەن  ئالامدىم؟ ››دەپ سورىدى دىلىرە؛
- ھەئە    مەن  سىزگە رەسىم بېرىپ  باقماپتىمەن! دىدى جەسۇر    رەسىمنى    ئېلىپ    ئشىكنىڭ    تۈۋىگە كەلگەندە   دىلىرەنى       چىڭ       باغرىغابېسىپ  ئۇنى تويماي سۈيەتتى.                   يەنى   بىر              ئىشىكنىڭ تۈۋىگە كەلگەندىمۇ     يەنىلا دىلىرەگە چىدىماي  باغرىغا باساتتى. دىلىرەمۇ ئۇنى    چىڭ  قۇچاغلىۋالاتتى.  ئۇنى    ماڭغىلى    قويمايتتى، مانا  تالاغىمۇ چىقتى جەسۇر دىلىرەگە قاراپ    ئىڭىكىنى تۇتۇپ   ئەكىلتىپ      كۆزلىرىگە تويماي  قارايتتى، دىلىرەمۇ  ئۇنۇڭ كۆزىگە  قاراپ  تۇراتتى  بۇلار بىردەم   قارىشىپ تۇرۇپ   كەتتى. ئاندىن   دىلىرە   جەسۇرنى                      چىڭ قۇچاغلىۋالدى ، جەسۇرمۇ دىلىرەنى چىڭ باغرىغا      بېسىپ   ئۇزاقتىن     -ئۇزاق تۇردى. بۇ ئىككى ياش بىر- بىرىگە چىدىمايتتى، ھەم     تويمايتتى.   

شۇنداق  قىلىپ  دىلىرە  يۇرتىدا   بىر دوختۇرخانىدا     ئىشلىدى ،نەچچە يىل ئۆتكەندە دىلىرەنى  بىلىم  ئاشۇرۇشقا     ئۈرۈمچىگە   ئېۋەتتى،   شۇ چاغدا دىلىرە يەنە ھاممىسىنىڭكىگە باردى. لېكىن      ھاممىسى ھازىر   چوڭ    ئوغلىنىڭ ئۆيىدە    ئىدى. شۇڭا   رازىيە   ئاچىسىنىڭ  ئۆيىگە باردى، رازىيە   ئاچىسىدىن  ئاڭلىدىكى جەسۇر ساقچى مەكتەپ   ئوقۇپ   پۈتتۈرۈپ نىمىشقىكىن      ئۇخىزمەتنى قىلماي   شوپۇرلۇق  قىلىۋاتقانلىغى،     يەنى     بۇ يەر بىلەن ئۈرۈمچىگە قاتناۋاتقانلىغىنى  بىلدى. كېيىن بىر    كۈنى   دىلىرە يەنە شۇ  شەنبە كۈنلىكتە كەلگەن   ئىدى . بىر چاغدا     بىر توپ بالىلار كىرىپ كەلدى. ئۇنۇڭ      ئارىسىدا جەسۇر بار   ئىدى. بالىلىلار  ھەممىسى   چىقىپ كەتتى، لېكىن جەسۇر   سافاچاڭدا خىيال  سۈرۈپ ياتاتتى،         رازىيە      ئاچىسى دىلىرەگە؛
- جەسۇر        سافاچاڭدا   خىيال سۈرۈپ     ياتىدۇ     ! دىدى.
دىلىرە كۆرۈشۈپ قوياي! ئەمىسە  دەپ كىردى.  جەسۇر دىلىرەنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەندەك  قاراپ كەتتى .    ئاندىن ؛
-    قاچان كەلدىڭ؟ دەپ سورىدى.
شۇنۇڭ بىلەن جەسۇر   ئىككىسى قىزغىن   پاراڭلىشىپ كەتتى،  دىلىرە جەسۇرنىڭ يېنىدا   ئولتۇرغان ئىدى.  ئىككىسىنىڭ     يەنە   ئامراقلىغى    تۇتتى ،         شۇ زامان نەدىن پەيدا بولدى رازىيە  ئاچىسى كىرىپ  دىلىرەگە ‹‹ جۈرۈڭ مەن سىزنى مېھمان قىلماقچىتىم، تاماق يەپ كىلىمىز!››دىدى. دىلىرەنىڭ جەسۇردىن    ئايرىلغىسى كەلمەيتتى ، لېكىن چىڭ تۇرۋالدى. جەسۇرنىڭمۇ       ئاچچىغى  كەلدى بولغاي دىلىرەگە ‹‹ سىە ن تاماق يەپ كەل! مەن كەتتىم !››دەپ ماڭدى.  بەزىدە  ئادەمنىڭ ئاجايىپ    ئىچى تار بولىدىكەن،   شۇنداق قىلىپ  ئاران  كۆرۈشكەن بۇ ئىككى   ئاشۇق-   مەشۇقنى ئىچى تارلىق قىلىپ        ئايرىۋەتتى بۇنى دىلىرە بىلىپ تۇراتتى.. لىكىن      ئەتىسى جەسۇر دىلىرەگە  رازىيە    ئاچىسىنىڭ ئوغلىدىن     تىلىفۇن نومرىنى دىلىرەگە بەرگەن  ئىدى. دىلىرە ياتىقىغا كېتىپلا تىلىفۇن قىلدى. ئىككىسى كېچىچە دىگىدەك تىلىفۇندا پاراڭلىشىپ چىقاتتى. ھەتتا      جەسۇر دىلىرەنى سائەت مانچىدە  مەن بىكەتكە بېرىپ بولىمەن مىنىڭ    ئاپتۇۋۇزۇمنى ساقلاپ تۇر !دەيتتى.  شۇنداق قىلىپ بۇلارنىڭ گۈزەل بەخىتلىك كۈنلىرى يەنە قايتا    باشلاندى. بۇنۇڭ ھەممىسى جەسۇرنىڭ   ئەقىللىقلىغى، ھەم ئاللانىڭ بەرگەن مۇھەببىتىنى قەدىرلىگەنلىگىدىن    بولدى .  بۇ   ئاللانىڭ   ئۇلارغا   ئاتا قىلغان   ئىككىنچى قىتىملىق پۇرسىتى  ئىدى.
بىر كۈنى ھاممىسى دىلىرەنى جەسۇرنىڭ  ئۆيىگە     ئاپاردى ، ھازىر باشقا بىر    ئۆيگە كۆچكەن  بولۇپ  ئۇلار بۇرۇنقىدىن كۆپ نامراتلىشىپ كەتكەن  ئىدى. چۇنكى دادىسى   تاتلىق  كىسەل بولۇپ  بارلىق  بىساتلىرىنى    تۈگەتكەن ھەتتا جەسۇرمۇ باشقىلارنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەيدىغان ھالغا چۈپ قالغان  بولۇپ  بۇ ئائىلىنىڭ بۇرۇنقى    پوپاڭلىغى قالمىغان   ئىدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە  بۇلارنىڭ  قۇتلۇق تويى   بولدى،
بۇلار توي كۈنى بىر- بىرىگە شۇنداق دىدى‹‹   سۈيگۈ بىباھادۇر! ››بۇلار  ئاللا ئاتا قىلغان  تۇنجى مۇھەببەتنىڭ     بىباھا بولىدىغانلىغىنى ،    ئۇنۇڭ قەدرىنى بىلمىگەنلەرنىڭ چوقۇم جازالىنىدىغانلىغىنى  ھىس قىلدى.
مۇكاپاتلىنىدىغانلار  مۇكاپاتلاندى. جازالالىنىدىغانلار جازالاندى. بۇ  ئائىلىگە مۇنداق بىر ماقالە بەكمۇ ماس كىلەتتى، ‹‹ ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما، شىر چورىغىڭنى  قۇرۇتما!›› توغرا  بۇ دۇنيا كىمدىن قالمىغان؟ كىم بايلىقنى   ئۇ   دۇنياغا   ئەپ كىتەلەيدۇ! لىكىن    تا ھازىرغىچە  بۇ  ئائىلىدىكىلەر     باشقىلارغا قىلغانلارنىڭ جازاسىنى تاتماقتا!   بەلكىم مەڭگۈ تارتىپ قىلىشى مۈمكۈن!                                                         

بۇلار  مۇشۇ ناخشىنى  دايىم بىر-بىرىگە ئېيتىپ بېرەتتى   ،          شۇ    ئارقىلىق   بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىنى ھىس قىلدۇراتتى . ھىچكىمگە نىسىپ بولمىغان مۇھەببەت     مانا بۇلارغا  نىسىپ بولغان  ئىدى.
         سەن قەلبىمدە ئۆسكەن گۈل بولۇپ،


تۇنجى نەۋدە ھىسلارغا      تولۇپ.

بېرەي  ساڭا يۇرەكنى       يۇلۇپ،

نىگار      سېنى      ئۇنۇتالمايمەن.



ئەستىن  چىقماس  ئېيتقان سۆزلەرىڭ ،


شەيدا قىلغان       ئىدى كۆزلەرىڭ،



قىزىل گۈلدەك ئىدى يۈزلەرىڭ،



نىگار سېنى ئۇنۇتالمايمەن.



مۇھەببىتىم گويابىر گۈلىخان ،


پەقەت ساڭا تەلپۈنۈپ يانغان.


قېينارمېنى بۈ سۆيگۈ ھىجران.


نىگار سېنى ئۇنۇتالمايمەن .


سەندىن بۆلەك جانان ئۆمرۈمگە ،

شاتلىق  ئېلىپ كېلەلمەس كۆڭلۈمگە.

يىتەي قاچان سۆيگۈ ۋەسلىڭگە ،

نىگار سېنى ئۇتۇتالمايمەن .

مۇشۇ ناخشىنى ئېيتىش ئارقىلىق  ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ ئازاپلىق كۈنلىرىنى ئەسلەيتتى.

تۈگدى.




تولۇقلىما مەزمۇن (2012-2-10 16:46):

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش